| ||||||
gul-sanam توغراق قىزى | <سەنەم> كەچ كۈزدىكى تەنھالىقكەچ كۈزدىكى تەنھالىق چېھرىگە سېرىقلىق يېيىلغان ياپراقلار .ئالدامچى يازنىڭ جىلۋىسىگە قانمىغان ، مەڭزىگە ئاچچىق سۇغاق ئۇرۇلۇشقا باشلىغان تىترەڭگۈ سەھەر ئىدى . ھۇجۇدۇمغا بوشقىنە ئۇرۇلغان خىياللىرىم غا ، شۇنچە خاتىرجەم ھەم يىقىملىق بىر تۇيغۇمغا ھەمرا بۇلۇپ ،ئاياق ئاستىمدا شىۋىرلىشىپ شوق كۈلىۋاتقان ياپراقلارغا باققىنىمچە كىتىۋاتىمەن . ۋاھ! نىمانچە تىمتاسلىق بۇ ؟ مەن قەدەملىرىمنى توختاتساملا ، ياپراقلارنىڭ شىۋىرلاشلىرىمۇ ئەتراپتىكى جىمجىتلىق باغرىغا سىڭىپ كىتەتتى. نىگاھىمدىكى ئىللىق تەبەسسۇم ، خىرامان يېيىلغان قۇياش نۇرى بىلەن باغاش تاشلاپ كۈرۈشكەندە ماڭا بەكمۇ تۇنۇش ھەم يىقىملىق كۈرۈندىغان بۇ تېنىچ كۇچىدىكى ،تۇنۇش ئورۇندۇق مېھىرلىك باغرىغا چىللىدى .ئەتراپ بۇرۇنقىدەك جىم جىت ، ھەتتا ياپراقلار ھەم شات يېيلىۋاتقان كۈن نۇرىمۇ ئوخشاش ئىدى . ئوخشىمايدىغان يىرى ،يېنىمدا سەن يوق ئىدىڭ ، ئەمما يىقىملىق تۇيغۇم گۇۋاكىن بۇ يەرگە سېنى دەپ كەلمىدىم ،سېنىڭ ئىزلىرىڭنى ئىزلىگىلى ،ياكى ئاخىرقى تەبەسۇمىڭدىن قالغان ئىزنالار بىلەن پىچىرلاشقىلى كەلمىدىم . چۈنكى سېنىڭ مۇھابىتىڭدىن ، ماڭا نىسىۋە توغرىراقى سەدىقە تىلەش مېنىڭ ئارمانلىرىمغا قىلىنغان خىيانەت ئىدى . شۇڭا بۇ بوشلىقنىڭ ماڭا تەنھا مەنسۇپ بولغىنىدىن ،شۇنچا ئازادىلىك ھىس قىلدىم ، چىرايلىق ئورۇندۇق ئۈستىگە يېيىلغان سارغايغان ياپراقلارنىڭ ،مىنىڭ تەنھا سايەمگە ھەيرانلىق بىلەن تىكىلگەن نىگاھىغا ، لەۋلىرىمنى تەكۈزدىم -دە ، - -كەپسىزلەر جىمىقىپ كەتىىڭلارغۇ ؟- دەپ ئاستا شىۋىرلىدىم . ياپراق مىنىڭ خىرامان تىنىقلىرىمدىن ،ئۇخچۇپ چىققان ،غەمسىز تۇيغۇمنى سۇس ھىدلاپ شۇنچە شات ۋىلىقلاپ كۈلدى -دە ، تۇيغۇمدا جاراڭلىغان تىرەن قەترىلەرنى يىتىلىگىنىچە ساپسېرىق ياپراقلار قوينىغا سىڭىپ كەتتى . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
فۇرقان دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ياخشى يېزىلغان نەسىركەن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
REYAT51 2008.6.28رىــيــات | كەچ كۈزدىكى تەبىئەت مەنزىرىسىدىن ئىلھاملىنىپ يازغان، يۇقارقى نەسىرىڭىزمۇ قەۋەتلا ياخشى چىقىپتۇ. ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئاپىرىن! يەنىمۇ زور مۇۋاپىقىيەتلەرنى قازىنىشىڭىزغا تىلەكداشمەن!!!
ئەسلەپ قالدىم باھارنى تەبىئەتنىڭ قوينىدا، كۈز پەسلىمۇ زەب گۈزەل، بىرەر ئىكەن كىشىگە، ئۆزگىچە ھېس-تۇيغىمۇ. ئالتۇن لىباس كەيگەچكە، دەل-دەرەخلەر بىر مەھەل، ھوزۇر ئالار كىشىلەر، مانا شۇنداق كۈزدىمۇ. كۆزلىرىمنى چاقنىتىپ، بۇ چىرايلىق مەنزىرە، مېنى مەپتۇن قىلدىغۇ، شېئرىي-قوشاق يىزىشقا. شۇڭا ئالدىم قولۇمغا، ئىلھام كېلىپ قەلەمنى، توساتتىنلا يەنىلا، ئەسلەپ قالدىم باھارنى. بارچە ئىقلىم باھاردا، گۈل-چېچەككە پۈركىنەر، جان-جانۋارمۇ شادلىقتىن باقار يىڭى ھاياتقا. سىغىندۇرار كىشىنى، باھار پەسلى نە-قەدەر، بولسا گۈزەل كۈزمۇ گەر، يەنە يەتمەس باھارغا. شۇڭا دەيمەن ئاللاغا، ئارزۇيۇمنى ھەر كۈنى، كۈز كەلسىمۇ مەيلىتى، قىشنى پەقەت كۆرمىسەك! بۇ زىمىنغا ياراشقان باھار بىلەن يازنى ھەم، چىڭ باغاشلاپ ئەبەدىي زادى قولدىن بەرمىسەك! ئىجادىيەت:_ رىــيــات | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
SAYYAHI دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | كەچكۇزلەردە سارغايغان ياپراق ،
پۇشقاقلاردائاھ ئۇرار ھامان ، كەچكۇزگە قېتىلغان ھىسلار ، بىر سۇرەت ئىچىگە باشلايدۇ تامان . سويگۇ بېغىمدا كۇز پەسلى ، ئەقىدەمنى سارغايتتى بىر پەس . تەشنالىقىم كۇزگىمۇ يەتتى ، ئالالمىدىم قېنىپ بىر نەپەس . بىر سۇرەت ،ئاجايىپ سۇرەت ، بىر كۇرۇپ ئۆلدىمغۇ ئۇنى بىر كۇرۇپ . مەيلىغۇ ئۇلسەم يەنە مىڭ قەترە بىر كۆرسەم كىتەتتى ئارمانىم كۇلۇپ . ھىسلىرىم ياپراققا كەتتى قېتىلىپ ، يالغۇزلىغىم بىلىندى قالدىم پىچىرلاپ ، سېغىندىم ئاھ! شەبنەم مىھرىڭنى سېغىنىشىم كەتىغۇ زىدىڭنى قوغلاپ . ھەي تازا بولماي قالدى . رىتىم ، بۇغۇم سەل ماسلاشمىدى . [ يوللىغانSAYYAHIتەرىپىدىن2008-10-24 17:47قايتا تەھر ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
muemin | تېخى بايىلا بەك تاتلىق يېزىلغان بىر پارچە نەسىرىڭىزنى ئوقۇپ سۆيۈنۈش ئىلكىدە قوزغالغان ھېسىياتلىرىم سوۋىماي تۇرۇپ، يەنە بىر ئېسىل نەسىرىڭىز كۆز ئالدىمدا نامايان بولدى.كۈزنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىگە سىڭىپ كەتكەن لىرىك تۇيغۇلار ئەشۇ ئورۇندۇقنى بويلاپ يېيىلغان رەڭدار يوپۇرماقلار بىلەن سىردىشىشقا ئۈندىمەكتە...
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
najmela دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | تېخى بايىلا بەك تاتلىق يېزىلغان بىر پارچە نەسىرىڭىزنى ئوقۇپ تۇرىشىمغا ،بىر ئېسىل نەسىرىڭىز كۆز ئالدىمدا نامايان بولدى. بەك ياخشى يىزىپسىز
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kok-sultan تەۋپىق ئىزچىسى | مۇشۇنداق ئېسىل نەسىرلەرنىڭ بىر ئوقۇرمىنى بولغانلىقىمدىن پەخرلىنىمەن.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
Biperwa ئاپلا !يەنە بىپەرۋالىق قىپتىمە | راسىتمنى ئىيتسام مەن كەچكۇزدىن قورقىمەن ، ھەممە نەرسە ئاخىرلشۋاتقاندەك ، خۇدىدى بىز بىلەن ۋىدالىشۋاتقاندەكلا كۆرىنىدۇ .لىكىن بۇ نەسىرىڭىز دىن شۇ كەچكۇزنى شۇنداق يالغۇزلۇقتا بىر ھىس قىپ بىشىقشنى ئويلاپ قالدىم .................ئىغىر تىنىقلار !!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
azap986532 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | خىياللار ئىلكىدە يۈرۈيمەن جىمجىت،
تەقدىرىم ئۇستىدە ئويلارغا چۆكۈپ. ئارزۇلاپ كۈتكىنىم كىلەرمۇ بىركۈن، ھاياتقا قارايمەن ئۈمۈدۋار كۈلۈپ...... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
anjurguli | سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن . ئىجادىيىتىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى ئۈمۇت قىلىمەن .
بەخىت - ئامەتلەر سىزگە يار بولغاي . ئامان بولۇڭ !!!!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
guli-rana دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | سەنەم ھەدە نەسىرىڭىزنى كۆرەپ بەك خوشال بولدۇم . ئەمدى نەسىرلىرىڭىزنى كۈندە كۈرۈپ ساناپ ئۆتكۈزۋالدىغان بولدۇم
| ||||
---|---|---|---|---|---|