سىز بۇ تېمىنىڭ 165ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەققىدە IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
parmanalip

دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1010
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 438
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە438دانە
شۆھرەت: 448 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3780 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 14 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :408(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-01-23
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەققىدە

ئۇيغۇرچە True Type خەت نۇسخىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەققىدە

Windows95 مۇھىتىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان، ئۆزىمىز ياساپ چىققان ئۇيغۇرچە TrueType خەت نۇسخىلىرى بارلىققا كەلگەنلىكىگە 10 يىل بولدى. بۇ جەرياندا خەت ياساش تېخنىكىسى ھەققىدە نۇرغۇن يېڭى بىلىملەرنى ئۆگەندىم ۋە نۇرغۇن تەجرىبە-ساۋاقلارنى توپلىدىم. مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن جەريانلار مۇنداق بولدى.

1996-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى موللا نىياز مۇئەللىمدىن FontGrapher3.1 يۇمشاق دېتالىنى كۆچۈرۈپ كەلدىم. بۇ يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ، ئىنگلىزچە Windows 3.1 دىكى Arial خەت نۇسخىلىرىنى ئېچىپ كۆردۈم، بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ يەنە AI فورماتىدىكى گرافىكلارنى ئوقۇش ئىقتىدارىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتىم. چۈنكى، مەن 1996-يىلى 6-ئايدا، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ماقالىسىگە «تېلېۋىزىيە يېزىق سىستېمىسى»نى ئىشلىگەن بولۇپ، كېيىن 3D Studio (ھازىرقى 3D Max) غا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۈچۈن، AI فورماتىدا ساقلاش ئىقتىدارىنى قوشقان ئىدىم. دېمەك، مەن ئۆزۈم ياسىغان ئۇيغۇرچە ۋېكتورلۇق فونتلاردىكى ھەرپلەرنىڭ شەكىللىرىنى AI فورماتىدا ساقلاپ، FontGrapher3.1 غا ئوڭۇشلۇق ئېلىپ كىرەلىدىم.

1995-يىلى 5-ئايدا، مەن ئۇيغۇرچە ۋېكتورلۇق خەت نۇسخىسىنى ياسىغاندا، ئالدى بىلەن Turbo C 2.0 دە ۋېكتورلۇق خەت ياساش پروگراممىسىنى ياساپ، ئۇنىڭ ياردىمىدە ۋېكتورلۇق خەت نۇسخىسى ياسىغان ئىدىم. بۇنداق خەت نۇسخىلىرىدا پۈتۈنلەي تۈز سىزىقنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسى ساقلىناتتى. شۇڭا ئۇنىڭ سىغىمى ئىنتايىن كىچىك بولغاندىن سىرت يەنە ئۇنىڭ خالىغانچە چوڭايتقاندا، كۆركەملىكىگە ئانچە تەسىر يەتمەيتتى. ئەمما، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرى پۈتۈنلەي چېكىتلىك خەت نۇسخىسى بولۇپ، مۇقىم چوڭلۇقتا ياسىلاتتى. مەسىلەن: 16*16, 24*24, 32*32. ئۇنى پەقەت مۇقىم چوڭلۇقتا كۆرۈش زۆرۈر ئىدى، چوڭايتقاندا ياكى كىچىكلەتكەندە ئۈنۈمىگە تەسىر يېتەتتى.

ئۇ ۋاقىتلاردا ئازىراق مەسىلىگە دۇچ كەلسەم پۈتۈنلەي پروگرامما يېزىش ئارقىلىق ھەل قىلاتتىم. ھازىرقىدەك مەسلىھەت سورايدىغان نۇرغۇن كەسپىي كىتاب-ژۇرناللار يوق ئىدى. ئىنتېرنېتمۇ ئۈرۈمچىگە ئەمدىلا كەلگەن بولۇپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر بىر پارچە E-Mail سالساق 5 يۈەن، قوبۇل قىلساق 3 يۈەن تاپشۇراتتۇق. شۇڭا، پۈتۈنلەي ئۆزىمىزگە تايانماي بولمايتتى. شۇنداق قىلىپ بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 1997-يىلى 5-ئايدا ئۇيغۇرچە True Type خەت نۇسخىسىنى ياساپ چىقتىم.

1998-يىلى 6-ئايدا «ئۇيغۇرسوفت» قۇرۇلدى، شۇ يىلى 1-ئايدىن باشلاپ  MS-DOS مۇھىتىدىكى داڭلىق بەت ياساش يۇمشاق دېتاللىرى مەسىلەن: بېيدا فاڭجېڭ، سەنلى، خۇاگۇاڭ قاتارلىق سىستېمىلارنىڭ خەت نۇسخىلىرىدىكى بارلىق ھەرپ-بەلگىلەرنى قەغەزگە بېسىپ چىقىپ، ئۇنى سىكانېر ئارقىلىق رەسىمگە ئايلاندۇرۇپ، خەت ياساش يۇمشاق دېتالىنىڭ ياردىمىدە ئۇنى ئېچىپ، ھەر بىر چېكىتلەرنى تەھرىرلەپ خەت ياساش ئېلىپ باردىم. خادىملاردىن ئەبەيدۇللا ۋە ئالىم ئەخمەت قاتارلىقلارمۇ ياردەملەشتى. 1998-يىلى 10-ئايدا، «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 1.0» يۇمشاق دېتالى 6 خىل خەت نۇسخىسى بىلەن ئېلان قىلىندى.

ئەمما، 2000-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ھەر خىل ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىمۇ بارلىققا كەلدى. ئەمما، ئەرەبچە، پارسچە خەت نۇسخىلىرىدىن بىۋاسىتە پايدىلىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپىيىپ، ھەرپ-شەكىللىرىدە ھەر خىل شالغۇت نۇسخىلارمۇ بارلىققا كەلدى. 2003-يىلى «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 3.9» يۇمشاق دېتالىدىمۇ جەمئىي 44 خىل خەت نۇسخىسى ياسالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 17 خىل خەت نۇسخىسى پۈتۈنلەي ئەرەبچە خەت نۇسخىلىرىدىن پايدىلىنىلغان ئىدى.

كېيىن، يۇنىكود ۋە  Open Type خەت نۇسخىلىرىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ خەت نۇسخىلىرىنى ياساش تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتى ۋە تەلەپمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ھەرپ-شەكىللىرىنىڭ ئۇلىنىش قائىدىسىنى بېكىتىش، ھەر خىل چوڭلۇقتا ئېنىق كۆرۈنىدىغان قىلىش ئۈچۈن چېكىتلىك خەت ئۇچۇرلىرىنى قوشۇش، Hint پارامېتىرلىرىنى تەڭشەش قاتارلىق خىزمەتلەر بەكمۇ مۇھىم بولۇپ، بىر دانە ئۆلچەملىك يۇنىكود ئۆلچىمىدىكى Open Type خەت نۇسخىسىنى ياساش ئۈچۈن، بىر ئادەم 3-4 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، ھازىر بەزى ئەرەبچە خەت نۇسخىسى توردا 100$ باھادا سېتىلىۋاتىدۇ.

بۇ قېتىمقى «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.5» دە شالغۇت خەت نۇسخىلىرىغا يەنە ئورۇن بېرىلمىدى. جەمئىي 18 خىل خەت نۇسخىسى تەمىنلەندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە كىچىك ھالەتتىمۇ ئېنىق كۆرۈنىدىغان بىر دانە خەت نۇسخىسى ياسالدى (يەنى ئەسلىدىكى ALKATIP Tor خەت نۇسخىسىغا چېكىتلىك ھەرپ-بەلگە تەسۋىرى قوشۇلۇپ، ALKATIP دېگەن نامدا تەمىنلەندى)
مەنبە: ئۇيغۇرسوفت

 

___ باشقۇرغۇچى : ئۇيغۇرۇم007 تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-24

 

شەبنەم نادىر ناخشىلىرىنى چۈشۈرۋېلىڭ
| ۋاقتى : 2008-10-24 15:14 [باش يازما]
aspnet

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 60504
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 20
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە20دانە
شۆھرەت: 21 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 200 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :19(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-09-29
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ھەممەيلەن ئۇيغۇر تىلىمىزنى سۆيىمىز دەپ ۋارقىرايمىز ،شۇئار توۋىلايمىز ،لىكىن ئۇيغۇر تىلىنى ھەققى سۆيگەن ،ئۇنى زامانىۋىيلىققا ئىلىپ كىرگىنى يەنىلا شۇ كومپىيۇتېرچىلار ،ياراتقان ئاللاھ ئگەم قولۇڭلارغا دەرد بەرمىسۇن ،
ئەقلىڭلارنى ،بايلىقىڭلارنى زىيادە قىلسۇن .
ھەقىقىي مىسۋاك
قۇشنى دان ئالدايدۇ ئادەمنى سۆز.
| ۋاقتى : 2008-10-24 23:15 1 -قەۋەت
oinar207

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 61801
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 40
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە40دانە
شۆھرەت: 41 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 400 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-10-16
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  رەخمەت سىزگە. ھارمىغايسىز.ئۇيغۇرمىللىتىنى دەپ ھەربىر باسقان قەدىمىڭىزدىن گۇل ئۇنسۇن،ئۇيغۇرمىللىتىنى دەپ جاپاتارتقان تىنىڭىزنى خۇدايىم ساق سالامەتلىكنى بەرسۇن.
ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-10-24 23:48 2 -قەۋەت



Time now is:10-26 03:47, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation

互联网电子公告(BBS)服务资质