ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 234» Pages: ( 1/4 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 10483 ـ ئوقۇرمىنى
ئاسمان
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 62492
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 18 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 120 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 ھەممىسى سەن ئۈچۈن ،بۇنى بىلىدىڭمۇ ؟

ھەممىسى سەن ئۈچۈن ئىدى،بۇنى بىلدىڭمۇ ؟

سەن بىلەن تۇنىشىشتىن ئاۋۋال  غەمسىز،ئوقۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان قىز ئىدىم، سەن بىلەن تۇنىشقاندىن كىيىن دائىم سىنى ئەسلەيدىغان، سىنىلا ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم .
 
  مەن ئۇنىڭ بىلەن تاسادىپىي بىر پۇرسەتتە تۇنىشىپ قالغان، ئادەتتە ئاسانلىقچە ئادەم ياراتمايتتىم، سەن بىلەن تۇنجى قىتىم تېلىفۇن پاراڭلاشقان چېغىمدىلام  ياخشى كۆرۇپ قالدىم، نىمە ئۇچۇنلىكىنى بىلمەيمەن، سىنىڭ ئۇرۇنلۇق سۆزلىرىڭ، مېھرىبانلىقىڭ مىنى تەسىرلەندۇردى، بىز كۆرۇشتۇق، 5مىنۇتلام پاراڭلاشتۇق، بىراق شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ،سىنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم، مانا بۇنىڭغىمۇ بىر يىرىم يىل بوپتۇ،بىراق مۇشۇ كەمگىچە ساڭا بولغان كۆڭلۇم قېلچىلىك ئۆزگىرىپ باقمىدى، سەندىن باشقا بالىنى قىلچىلىك ياقتۇرۇپ باقمىدىم، سەن بىلەن تۇنىشقان چاغدىن باشلاپ ،ئۆزەمنىڭ باشقا ئوغۇل دۇستلىرىنى يوق قىلىۋەتتىم، چۇنكى ،سەن سادىقلىقنى ياخشى كۆرەتتىڭ، مەنمۇ ساڭا سادىق بولۇپ ئۆتۇشنى ،ساڭىلام ئىتائەت قىلىشنى ، سەندىن باشقىلارغا قارىماسلىقنى ھەم ياخشى كۆرۇپ قالماسلىقىنى نىيەت قىلدىم، مىنىڭ نىيىتىمدە :مەن ساڭا سەمىمىي مۇئامىلە قىلساملا ، سەنمۇ ماڭا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىسەن دەپ ئويلايتتىم،  مەن سىنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرسەم ، مىنىمۇ چىن دىلىڭدىن ياخشى كۆرىسەن دەپ ئويلايتتىم.

  ساڭا شۇقەدەر سادىق ئىدىمكى، ئىسىڭدىمۇ ؟بىز سۇقىشىپ قالغان چاغلاردا ، سەن مىنى چولپان يۇلتۇزنىڭ سائەت قانچىدە چىققىنىنى دەپ بەرگىن دىسەڭ ، -11ئايدا سائەت 12گىچە تالادا تۇرۇپ ،ئايغا قارىغانتىم،  بىزيېڭىدىن تۇنىشقان چاغلاردا ، سىنىڭ نۇرغۇن قىز دوستلىرىڭ بارئىدى، مەن بىلەن بۇگۈن كۆرۇشسەڭ ، چۈشتىن كىيىن ياكى كەچتە، باشقا بىرى بىلەن كۆرۇشەتتىڭ، بىراق ،شۇ ئىشلارنى ئىغىر ئالمايتتىم، چۈنكى ،سىنى ياخشى كۆرەتتىم، بۇنى بىلدۇرۇپ قويغىم، ساڭا چاندۇرۇپ قويغىم يوق ئىدى، ئۇ قىزلارنىڭ سىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بىرەتتىڭ، مەن بۇگەپلەرنى پەقەت ئۇن-تىنسىز ئاڭلاپ بىرەتتىم، ھامانىم بىركۈنى مىنى ياخشى كۆرۇپ قالىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم، بىز تۇنىشپ يېرىم يېلدىن كىيىن ،سەن ماڭا توي قىلىش تەكلىۋى قويدىڭ، بۇ ناھايتى ئاددىي توي قىلىش تەكلىۋى بولسىمۇ ، مەن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، مەن توي قىلىشقا ئىنتايىن ئۆش ئىدىم، بىرەرسى توينىڭ گىپىنى چىقارسا ،قاتتىق ئاچچىغىم كىلەتتى، بىرەر ئوغۇل بالا توي قىلىشنى ئېيتسا ، خۇددى ھازىرلام  مىنى ئەكىتىدىغاندەك، ئۇبالىدىن جىندىن قاچقاندەك قاچاتتىم، بىراق ،سەن ماڭا توي قىلىش تەكلىۋى قويغان چاغدا ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، سەن بىلەن ئۇزاقراق بىللە ئايلىنىشنى ئويلىدىم، بىراق ، كۈن قېرىشقاندەك ،ئىتتىكلام كەچ كىرىپ كەتتى،  سىنىڭ غەمكىن چىرايىڭنى كۆرۇپ ، كۆڭلۇم يېرىم بولدى، بىراق پەقەت سىنى خۇشال قىلىشنىلام ئويلايتتىم.
 
  ئەتىسى ساڭا تېلېفۇن قىلدىم،سەن ماڭا ناھايتى سۇس مۇئامىلە قىلىدىڭ، بىز ئازراق پاراڭلىشپلام قۇيىۋەتتۇق، چۈشتىن كىيىن يەنە پاراڭلاشتۇق، بىز داۋاملىق پاراڭلىشپ تۇردۇق، مەن ھازىرچە توي قىلالمايدىغانلىقىمنى ئيتتىم، سەن ماڭا مەن بىلەن يېڭىدىن تۇنىشقان چاغدا ،باشقا بىرقىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى، بىراق ،مەن بىلەن تۇنىشىش جەريانىدا ، ئۇقىزنى ئاستا -ئاستا ئۇنتۇپ كىتىپ ، مىنى ياخشى كۆرۇپ قالغانلىقىڭنى ئېيتتىڭ،(ئەپسۇس،ئىشلار سەن دىگەندەك ئەمەسكەن،سەن پەقەت مىنى توي قىلىشقا لايىق قىز دەپلام ئويلايدىكەنسەن،)بۇچاغدا شۇنداق ئاچچىغىم كەلدى، چۈنكى سەن ئۇقىزغا بولغا ن مۇھەببتىڭنى تەسۋىرلەپ بەردىڭ ، بەلكىم ،كۈندەشلىكىم كەلگەندۇ ؟ مەن شۇكۈنى كىچىچە يېغلاپ چىقتىم، ئۇخلىمىدىم دىسەممۇ بولاتتى، ئەتىسى ساڭا تېلېفۇن قىلىپ ،بولدى قېلىۋىتىشنى ئېيتتىم ،بىراق ،سەن مىنىڭمۇ ئېلگىرى باشقا ئوغۇللار بىلەن تۇنىشقىنىمنى ئېيتىپ تۇرىۋالدىڭ، مەن سەن بىلەن يېرىم كۈن سوقاشتىم، سەن شۇ چاغدا ،مىنى ئەمدى بولدى قىلىدۇ دەپ ئويلاپسەن، بىراق چۈشتىن كىيىن ،سىنى كەچۇرۋەتتىم ،ھەيرانمەن ئۆزەمگە، مۇھەببەت ئالدىدا ئادەم بەكمۇ ئاجىز بولۇپ قالىدىكەن، شۇ چاغدا سەنمۇ خۇش بولۇپ كەتتىڭ،بىراق ،مىنىڭ كۆڭلۇم شۇنداق يېرىم ئىدى، سىنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن ،ھەممىلام نەرسىدىن ۋازكەچتىم، پەقەت ئاتا-ئانامدىنلام ۋاز كەچمىدىم.
 

  ساڭا شۇقەدەر ئامراقتىمكىن ،بىرەر قىتىم تېلېفۇن قىلسام ئالمىساڭ، كۆڭلۇم يېرىم بولاتتى، ساڭا ئۈن -تىنسىز مېھرىبانلىق كۆرسىتىشنى، ھەم شۇنداقلا يېنىڭدا تۇرۇپ بىرئۆمۇر سىنى خۇشال قىلىشنى ئويلاتتىم، ئەمدى بىلىدىمكىن، مەن سىنى ھەرگىزمۇ خۇشال قىلالمايدىمەن، چۇنكى ،سەن باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرەتتىڭ، ئۇ قىزغا ھەسەت قىلاتتىم، ئۇقىزنى ئۆش كۆرمەيتتىم، ئەگەر قولۇمدىن كەلسە ،ئۇقىزنى يىنىڭغا ئەكىلىپ قويۇشنى خالايتتىم، ئۇقىزنىڭ ساڭا قىلغانلىرى ئالدىدا مىنىڭ ھېچقانچىلىك قىلمىغانلىقىمنى بىلەتتىم، سىنى ھەقىقەتەن بەكمۇ ياخشى كۆرەتتىم، ساڭا قىلغانلىرىمنى بىلىشىڭنى ئانچە بەك خالاپ كەتمەيتتىم،سىنى دەپ توردىكىلەر بىلەنمۇ پاراڭلاشمايتتىم، ئوغۇللار ئۇچۇر يېزىپ قالسا،كەچۇرۇڭ، مىنڭ ئوغۇل دۇستۇم بار، ئۇنىڭغا سادىق بولمىسام بولمايدۇ، ئۇ مىنىڭ باشقىلار بىلەن ئۇچۇر يېزىشىمنى خالىمايدۇ،دىگەندەك ئۇچۇرلارنى يېزىپ قوياتتىم، توردىكى بالىلارمۇ ئاڭلىقلىق بىلەن سىز بەك بەخىتلىككەنسىز دەيتتى،مەن بۇ چاغدا ئۆزەمدىن بەكمۇ سۆيىنىپ كىتەتتىم، سىنىڭ مىنى سۆيدىىغانلىقىڭغا ئىشىنەتتىم،سەن ماڭا يالغان سۆزلىمەيتتىڭ، مىنى ئالدىمايتتىڭ ،ھەرقانداق ئىچ سىرىڭنى ئېيتىپ بىرەتتىڭ،بۇ مىنىڭ ئەڭ چوڭ بەختىم ئىدى، بىراق ،سەن مىنى سۆيمەيسەنكەن، بەلكىم بىر پىرسەنتمۇ ياخشى كۆرمەسسەن؟ ماڭا دىگەن گەپلىرىڭنىڭ ھەممىسىنىڭ يالغانلىقىنى بىلگەن چىغىمدا سەندىن نەپرەتلەندىم، مىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى، مىنى چىن دىلىڭدىن سۆيىدىغانلىقىڭنىڭ يالغانلىقىنى بىلگەن چىغىمدا، مەن ئاللىبۇرۇن كىچىككەنىدىم، ياق ،كىچىكمىدىم، يەنىلام سىنىڭ يىنىڭدا تۇرۇپ ، سىنى ياخشى كۆرۇشنى ، سەن مىنى ياخشى كۆرمىسەڭمۇ ،ساڭا ئىزچىل كۆيىنىشنى، ساڭا سادىق بولىشنى، ئىشقىلىپ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشنى ئويلىدىم،  بەزىدە ئۇقىزنى ئويلىساملام، سەندىن ۋاز كىچىشنى ئويلىدىم، بىراق يەن ۋاز كەچمىدىم، بۇنىڭ سەۋەبى بىرلا ؛سەن قاچان ئۆزەڭ چىن دىلىڭدىن ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭنى تاپساڭ، ئاندىن سىنىڭ يىنىڭدىن ئۈن -تىنسىز غايىپ بولىمەن، ساڭا ھېچقانداق ئىز قالدۇرمايمەن، چۈنكى سەن ئۆزەڭ سۆيىدىغا ن،سىنىمۇ سۆيىدىغان ئادەمگە ئېرىشكەن بولىسەن ، سەن مەندىن قاچان ۋاز كەچسەڭ ، ئاندىن كىتىمەن، سەن «چۈشتىكى تاماققا قورساق تويامدۇ؟»دىدىڭ، سەن نىمە دىگەن ئاجىز ، ئەگەر مەن سىنىڭ ئورنىڭدا بولغان بولسام ، ئۇقىزنى ئىزدەپ ئۆزەمنىڭ مۇھەببىتىمنى ھەم ئويلىغانلىرىمنى ئېيتىپ بىرەتتىم، سەن يەنىلام مەن بىلەن توي قىلىشنى ئويلاۋاتامسەن؟ ئۆزەڭ ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم بىلەن بىللە بولىشنى خالىمايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن، نېمە ئۇچۇن بۇنداق قىلىدىغانلىقىڭنى پەقەتلام چۇشەنمىدىم، مەن سىنى ياخشى كۆرىمەن، چىن دىلىمدىن سۆيىمەن، سىنى دائىم خۇشال قىلىشنى ئويلايمەن، ئۇقىزنى تىپىشىڭنى ، ھەقىقىي خۇشال بولىشىڭنى ، ھەقىقىي بەختلىك بولىشىڭنى ئۇلۇغ اللەدىن تىلەيمەن!

مەنبە : ئۆزەم 

تېما تەستىقلىغۇچى : tughrul
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-10-24, 06:36

 

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
مەن ئاسمانغا ئوخشايمەن.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-10-24 14:32 |
tamkin2
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 21904
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 31
شۆھرەت: 32 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 283 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 70(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

 

ھەي توۋا.  نىمشقا مۇشىنداق تىملارنى يازىدىغانسىلەر.  بەك ئۆزەمگە ئېلىپ كېتىدىكەنمەن.
مۇشۇ تاپتا بىر قىسمىلا بۇلۇپ قالدىم دىسە.

نىمدىگەن چىن ھىسيات ھە!

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-24 14:58 |
XJDTV-2
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 62474
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 60
شۆھرەت: 261 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 25 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 32(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-03

 

ياخشى يېزىپسىز .مەن بەكمۇ تەسىرلەندىم ،رەھمەت!!!!!

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر!!!!!!!!!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-24 15:50 |
ruhsary0901
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 62402
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-08

 

مەنمۇ بەك تەسىرلەندىم ....

ئەزىز بوۋاق
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-24 16:25 |
gulingiz
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 61261
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 136
شۆھرەت: 147 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1360 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 109(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 

تېمىڭىزغا رەخمەت. ئەمما مەن ئۇنىڭ ، نىمىلا دىسەم « سىز ئۈچۈن » دەپ قۇيىدىغان مىھرىبان ئاۋازلىرىنى ئەسلەپ قالدىم. شەپقەتلىك ئاللاھ ئۇنى ھەر جايدا بولسا ، ئامان قىلسۇن....

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-24 16:27 |
tim0998
گۈزەللىك ئىزدىمە،ئۇ سەندە.
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 61829
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 694
شۆھرەت: 745 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 37 نۇمۇر
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 292(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 

ھىسيات مەسىلسى قىز ئوغۇللار ئارسىدىكى ئەڭ زىل،ئەڭ مۇرەككەپ،ئەڭ جانلىق بىر تىما .ئەستايدىل مۇئامىلە قىلغاندىلا بۇئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكىلى بولىدۇ.

ھەقىقىي مىسۋاك
بىز ياشاۋاتىمىز،مىلىيونلىغان ئادەملەرگە ئوخشاشلا يەر شارىنىڭ ئاتموسفېراسىدىن نەپەسلىنىۋاتىمىز،مىسلىسىز دەرجىدە يۇغۇرلىۋاتقان ئىنسانىيەتنىڭ نۆۋەتتىكى مەدەنىيەت قاينىمىغا قاراپ سىلجىۋاتىمىز.قارىغاندا بىز كۆنۈككەن تەپەككۇر ئەندىزىمىز بىر مەيدان كەسكىن ئىسلاھاتقا دۈچ كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ.ئەمدى تار دائىردىكى رىقابەتتىن قاچىدىغان پاسسىپ پىسخىك قۇرۇلمىمىز بىزنى قوغدىيالمايدۇ.رېئاللىقتىن چەتنىگەن زىيادە رومانتىكىمۇ ئۈركىگەك مەنىيۋىتىمىزگە مەلھەم بولالمايدۇ.مېنېڭچە بىزگە ھەممىدىن زۆرۈرى تۈنۈگۈنكى تاتلىق خاتىرە ياكى ئەتىكى شېرىن مەنزىرە ئەمەس،بەلكى بىز ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان بۈگۈنكى رېئاللىقىمىزدۇر.(ئەسئەت سۇلايماننىڭ تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە ناملىق ئەسىردىن)
./?u=61829

چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-25 00:24 |
.MUSTAFA
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 62555
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 23
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 230 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-07

 

ھەي.............................................................................................................................................................................نىمە  ئامال  ھە.............................................................

ئەزىز بوۋاق
                 
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-25 06:54 |
maliga223
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 62561
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-12

 

مەنمۇ ئۇقىزغا ئوخشاش قىزمەن لىكىن مەن ئۇنداق قىلالمايمەن.ئۇنى سۆيىمەن باشقىلارغا تاتقۇزۇپ قۇيۇشنى خالىمايمەن بەلكى تىرىشىمەن.

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-25 15:39 |
yusuf
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 19336
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 458
شۆھرەت: 459 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4536 سوم
تۆھپە: 50 نۇمۇر
ياخشى باھا: 65 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 642(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-03

 

Quote:
بۇ يازما5قەۋەتتىكىtim0998نىڭ2008-10-25 00:24يوللىغان  :
ھىسيات مەسىلسى قىز ئوغۇللار ئارسىدىكى ئەڭ زىل،ئەڭ مۇرەككەپ،ئەڭ جانلىق بىر تىما .ئەستايدىل مۇئامىلە قىلغاندىلا بۇئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكىلى بولىدۇ.


راسىت دەيسىز،  نۇرغۇن پاجىئە بۇ  زىل مەسىلىگە ئەستايىدىل قارىمىغانلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ.....

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
ئاقكۆڭۈللۈك _ سەمىمىيلىك ۋە باتۇرلۇقنىڭ مەھسۇلى.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-25 16:08 |
XAHRIZAT308
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 59594
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 102
شۆھرەت: 103 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 890 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 64(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

 

راستىنلا بەك تەسىرلىك يىزىپسىز ،كۈزۇمدىن ياش چىقىپ كەتتى!!!

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-26 14:45 |
tograh0997
يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 38094
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4462
شۆھرەت: 4669 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 50 سوم
تۆھپە: 106 نۇمۇر
ياخشى باھا: 240 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 908(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

 

نىمدىگەن چىن ھىسيات ھە!

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
./read.php?tid-62328.html
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-26 14:50 |
kumbah
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 55168
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1953
شۆھرەت: 45597 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 80 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
ياخشى باھا: 73 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 752(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

 

ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ بەختىنى كۆرۇشمۇ، بىر بەخىت بولسا كېرەك؟

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
ئىنسان بۇدۇنيادا نىمە ئۈچۈن ياشايدىغنىنى بىلشى كېرەك. ياشاش ئۈچۈن يەمدۇ ياكى يىيىش ئۈچۈن ياشامدۇ.
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-26 16:32 |
格格
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 61907
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 21
شۆھرەت: 22 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 160 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 286(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-13

 

بەخىت ئويلغۇچىغا ئەمەس بەخىت ئۇچۇن كورەش كىلگۇچىغا مەنسۇپ

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-26 18:24 |
ramil
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 46008
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 90(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

 

سز  بەك ەپۇچان  ىكەنسز  مەن بەك  تەسرلەندىم    چۇنكى مەنمۇ.....................      

ئاق تۇرنا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-26 21:26 |
arzul01
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 32517
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 848
شۆھرەت: 864 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 27065 سوم
تۆھپە: 40 نۇمۇر
ياخشى باھا: 110 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1215(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

 

ئېرىشەلمىسىمۇ، ئېرىشتۈرۈشنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەخت.

ھەقىقىي مىسۋاك
ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-26 21:27 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 234» Pages: ( 1/4 total )
XabnamBBS » كۆڭلۈمدىكى سۆزلەر
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:12-19 07:18, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ