| ||||||
ئاسمان دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مىنىڭ قىلغىنىم توغرىمۇ ؟مەن ئۇنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتىم، ئۇمۇ مىنى ياخشى كۆرىمەن، سەندىن ئايرىلىسام بولمايدۇ ، سەندىن باشقىنى ئالمايمەن دىگەندەك گەپلەرنى دائىم قىلىپ تۇرىدۇ، لىكىن ئۇ مەندىن بۇرۇن تۇنۇشقان بىر قىز بالا بار ئىدى، ئۇ نىڭ دىيىشىچە ئۇقىزنى پەقەتلا ئۇنتىمايدىكەن ، مۇشۇ كەمگە كىلىپ بىر مىنىۇتمۇ ئۇنتۇپ قالماپتۇ ، بىراق ئۇنى ئىلىشنى خالىمايدىكەن، ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن جەھەتلەردە بىرلىككە كىلەلمىگەچكە ، ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتكەنكەن.
ھازىر ئۇقىز ئالدىغا كەلسىمۇ ، ئۇقىزنى ئىلىشنى خالىمايدىكەن، ئۇدەيدۇ «سىنى ياخشى كۆرمەيمەن ئەمەس ، ياخشى كۆرىمەن ،دائىم سەن بىلەن ئۇزاقراق بىرگە بولۇشنى خالايمەن، ھەرقىتىم بىز ئايرىلغان چاغدا ، يۇرىكىم جىغ قىلىپ قالىدۇ، بىراق ئۇنى ئۇنتىيالمىدىم، ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن، ئۇ ماڭا پەقەت بىر شېرىن چۇش، چۇشتىكى تاماققا قورساق تويمايدۇ، سەندىن باشقىسىنى ئالمايمەن، تۇگىمەيدىغان يول يوق، ھامانىم بىركۈنى ئۇنىڭغا قىلغانلىرىمنىڭ نەچچە ھەسسىنى ساڭا قىلىدىغان ۋاقىتلار كىلىدۇ، بۇ پەقەت ۋاقىتلىقلا خالاس، » بۇ ئۇنىڭ ماڭا دىگەن گەپلىرى ، ئۇنى بەك ياخشى كۆرگەچكىمىكىن ، ئۇنى بەخىتلىك قىلسام دەيمەن، ئىغىر گەپلەرنى قىلسىمۇ كۇلۇپلا قو يىمەن، ياكى ناھايىتى ئاسان ئەپۇ قىلىۋىتىمەن، ئۇ مىنى چوڭلارغا خاس مىجەزىڭ بار دەيدۇ، بۇرۇن خەقلەر كىچىك بالىدەكلا دەيتتى، ھازىر ئۇمىنى ناھايىتى پىشقان، بەك ئىغىرسەن دەيدۇ، راسىت بىزنىڭ ئارىمىزدا قاتتىق ماجرا بولۇپ كەتكىدەك ئىشلار بولمىدى، لىكىن ، كۆڭلۇمنىڭ بىر يەرلىرى شۇنداق يىرىم، ئۇ ماڭا ھەممە گەپلىرىنى ئىيتىپ بىرىدۇ، بەزىدە شۇنداق ئازاپلىنىپ كىتىمەن، بەزىدە ئۇنىڭ بىلەن دۇست بولۇشقىلا يارامدىم نىمە دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن، ئۇنىڭغا نۇرغۇن قىتىم ئۇقىز بىلەن ئەپلىشىشنى ، مىنىڭ ئۇنىڭغا بەخىت تىلەيدىغانلىقىمنى ئىيتتىم، بىراق ، ئۇ قەتئىي ئۇنىمىدى، ئۇنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن ،ئۇنىڭغا شۇنداق ئىشىنىمەن، ئۇمۇ ماڭا شۇنداق ئىشىنىدۇ، ئۇنىڭغا بەكمۇ سادىقمەن، ئۇ ماڭا قىلغا ن ھەربىر ئىشلىرىنى ئيتىپ بىرىدۇ، ئۇنى دائىم خۇشال قىلىشنى ئويلايمەن، بىراق ، قانداق قىلسام خۇشال قىلىدىغىنىمنى بىلمەيمەن، ئۇنىڭ ئالدىدا شۇنداق ئازاپلانساممۇ ، كۇلۇپ تۇرىمەن، ئۇمۇ مەن بىلەن بىرگە يۇرسە ناھايىتى خۇشالدەك قىلىدۇ، ئۇ ھەرقانداق گىپىنى مەندىن ئايىمايدۇ، ئۇنىڭ دىيىشىچە « بۇرۇن كۆڭلىگە كەلگىدەك بىرەر ئىش بولسا، ئىچىگە يۇتىۋىتەتىكەن ، ھازىر ماڭا دىگىچە ئالدىراپ كىتىدىكەن، » بۇ زادى قانداق ئىش ؟ ئۇ كىمنى خالىسا شۇنىڭ بىلەن توي قىلسا بولىدىغۇ ؟ بىراق ، ئۇمنى تاللىدى، ئۇنىمۇ ئۇنتۇپ كەتمىدى، ئۇ قىزنى بىريىل كۆرمەي كۆرىپتىكەن، شۇنداق چۇشكىنلىشىپ كىتپتۇ، بۇ ئۇنىڭدىكى قانداق كەيىپيات، ئۇ راسلا كۇنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنى ئۇنتۇپ كىتەرمۇ ؟ ئۇ بۈگۈن ئۇ قىزئۈرۈمچىدىن قايتىپ كەلدى ،شۇم خەۋەر ،مە ن ھەرگىز ساڭا يۇزسىزلىك قىلمايمەن ،خۇش خەۋەر دىدى، دۇسلار مەن قانداق قىلاي؟ پەقەت ئۇنى بىر ئۆمۇر بەختلىك بولسىكەنلا دەيمەن .؟؟؟؟؟؟ مەنبە : ئۆزەم [ يوللىغانئاسمانتەرىپىدىن2008-10-24 15:34قايتا تەھرى ] ___ باشقۇرغۇچى : uyghurjan تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-24
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
naxtari | ./read.php?tid-78010.html
بۇ تىمنى ئۇقۇپ بېقىڭ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
abduqahar دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن تىخى ئوقۇمۇ دۇم ئەمدى ئۇقۇي
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nargiza18 | كۆڭلىڭىزگە كەلسىمۇ دەۋېرەي:
ئۇياق سىزنى ياخشى كۆرمەيدىكەن،كۆڭلىدە يەنىلا باشتىكىسى باركەن........... تۆۋەندىكى گەپنى ھەر ۋاقىت ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ: سەن سۆيگەننىڭ قۇلى بولغىچە سېنى سۆيگەننىڭ گۈلى بولغىن! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kok~lam دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مىنڭچە ئاۋۋال ئايرىلىپ كىتىڭ < گەرچە ئۇنى بەك ياخشى كۆرسىڭىزمۇ > ئاندىن ئۇيىگىت ھەقىقى ھۇشىنى يىغىدۇ ،، ئادەم دىگەن ئاشۇنداق غەلىتە نەرسە ، ئۈزى بىر ئۆمۇر كۇتكەن نەرسىسىگە ، شۇنچىلىك زارىقىپ كۈتكەن نەرسىسىگە ئرىشكەن ۋاقتتا تۇلىمۇ بىمەنە ھىس قىلىدۇ ، بەلكىم سىز ئۇنڭدىن ۋاقتىنچە ئايرىلىپ تۇرسىڭىز ، ئۇيىگىت ئەقلىنى تاپار ،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
pinhaninsan دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | سىز ئۇنى ياخشى كورگەنكەنسىز،ئەمدى ئۇنىڭغا ئۇقىزنى ئۇنۇتتۇرۇش ئۈچۈن تىرشىڭ!
قىزلار تۇنجى مۇھەببىتىنى،ئوغۇللار بولسا ئاخىرقىسنى ياخشى كۆرۈپ ئۆتەلەيدۇ..... سىزگە بەخىت يار بولسۇن! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
dilnaz0996 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سىز ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كىتىڭ .بۇنداق ئىش ئىش مىنىڭمۇ بېشىمغا كەلگەن .شۇنداق تۇرۇقلۇق تويمۇ قىلدىم ،ئەمما تويدىن بەك ھېرىپ كىتىدىكەنسىز .كۈنلىرىڭىز ئازاپ ،ئىككىلىنىش ،تېڭىرقاش ئىچىدە ئوتىدىكەن .بۇنداق باشقىلار ئۈچۈن ياشاش بەكمۇ تەس ئىكەن .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
DILMHRI دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مىنىڭچە سىز ھەگىز ۋاز كەچمەڭ ئۆزىڭىزنىڭ چىن مۇھەببىتى ۋە ساداقىتى بىلەن ئۇنى تەسىرلەندۇرۇڭ.ئۇنى چۇقۇم ئۆز يىنىڭىزغا قايتۇرۇپ كىلىڭ.ئۇ ھامان چۈشىنىدۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ALTIKEN دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بىرىنچى ئويىڭىز قانداق ؟ ئەگەر دائىم بىر خىللا ئويدا (مەسىلەن : بىرگە ئۆتۈش ئويى ) بولسىڭىز ، ئاشۇ ئويىڭىز بويىچە ئىش قىلىڭ . خىيالىڭىز تولا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولسا ، ھەممىنى ئۆزمەيلىگە قويىۋىتىڭ . ھامان بىر كۈنى قانداق قىلىش كىرەكلىكىن ھەقىقىي تۈردە ھىس قىلىسىز .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gvlara دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | تەكىلىۋىم ئەگەر چارچىساممۇ مەيلى دىسڭىز ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىڭ ،لىكىن ئازادىلىك ئىچدە ياشايمەن دىسڭىز ،ئايرلىپ كتىڭ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئاسمان دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Quote:بۇ يازما4قەۋەتتىكىkok~lamنىڭ2008-10-24 16:49يوللىغان : دۇستۇم ، توغرا ئېيتىپسىز، سىزدىگەندەك قىلغانتىم، ئۇ ئەقلىنى راسلا تاپتى ، ئۇ پەقەت ئۇنىمىدى، چاخچاق قىلما، دەپ ئۇنىڭ دىيىشىچە بۇگۈن ئۇنتۇپ كىتپتىمىش، اللە گۇۋاھكەن | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
barhan1 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئۇنىڭ ئۇ قىزنىڭ ئۇرۇمچىدىن كىلدىغانلىقىنى ئىنقلىغانننىڭ ئۆزى ئۇ قىزنى تىخى ياخشى كۆردىغانلىقى ، بۇ گەپنى سىزگە دىگەنلىكى سزنى ئىتىراپ قىلغانلىقى ، دىمەك سىز نىڭ بۇ ئىشنى بىزگە مەسلەھەت سالغانلىىقڭىزنىڭ ئۆزى بۇ بالدىن ۋاز كىچەلمەدىغانلىقىڭىزنى بىلدۇردۇ ئۇنداقتا سىز بۇ بالنىڭ ئۇ قىزنى ئۇنتۇپ ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرۇشكە ئۇل ھازىرلاڭ ( دانىشلار توغرا ئىيتىدۇ سىنىاپ بىقىڭ ؟)
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
xamxar008 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قاارڭ مەن كىسىپ ئېيتىمەنكى ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ ......
چۈنكى مەن مۇ شۇنداق بولغان ........ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا ئايرىلىڭ.. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tim0998 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مۇھەببەتكە نىسبىتەن قانداق مۇئامىلە قىلشىڭىز يەنىلا ئۆزىڭىزگە باغلىق.چۈنكى سىزنىڭ ئەڭ توغرا.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
.MUSTAFA دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ۋاقىت ھەممىنى ئىسپاتلايدۇ..........................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|