| ||||||
tughrul تۇغرۇل _ بۈركۈت سەردارى ! | بىلىۋېلىڭ ! مۇھىت ئاسراش خاتىرە كۈنلىرى«يەر شارى كۈنى» بىلەن «دۇنيا مۇھىت كۈنى» ئەڭ مەشھۇر مۇھىت ئاسراش خاتىرە كۈنى ھىساپلىنىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، بەزى خەلقئارا تەشكىلاتلار يەنە يەر شارىنى نەزەردە تۇتۇپ باشقا بايرام كۈنلىرىنى بىكىتكەن . ئۇلارنىڭ مەقسىتى يەنىلا كۆپچىلىكنى يەر شارىنى قوغداشقا چاقىرىش . ئالايلۇق 3- ئاينىڭ 21 -كۈنى «دۇنيا ئورمان كۈنى» . نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۈزىنىڭ ئالاھىدە مۇھىتى ۋە ئىھتىياجىغا ئاساسەن ، ئۈزىنىڭ كۈچەت تىكىش بايراملىرىنى بىكىتكەن . مەسلەن ، ئىلىمىزدە 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى كۈچەت تىكىش بايرىمى قىلىپ بىكىتىلگەن . ھەر يىلى 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى «دۇنيا مىتېئورولوگىيە كۈنى» . بۇ بايرام كۈننى بىكىتىشتىكى مەقسەت ، دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەر خلقىغە ئاتمۇسفىرانىڭ ئىنسانلارنىڭ ئورتاق بايلىقى ئىكەنلىكىنى ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئاتمۇسفىرا بايلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشى لازىملىقىنى بىلدۈرۈش . 1994 - يىلى 12 - ئايدا ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 49 -نۆۋەتلىك يىغىنى ھەر يىلى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنىنى «دۇنيا چۆللىشىپ كىتىش ۋە قورغاقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى» قىلىپ بىكىتىشنى قارار قىلدى ، ھەر قايسى ئەللەر ھۆكۈمەتلىرىنى تۇپراقنىڭ قۇملىشىپ كىتىشىدىن ئىبارەت كۈنسىرى ئېغىرلىشىۋاتقان پۈتۈن يەر شارى خاراكتىرلىك مۇھىت مەسلىسىگە ئەھمىيەت بىرشكە مۇراجىئەت قىلدى . 1987 - يىلى 7- ئاينىڭ 11 - كۈنى يەر شارىدىكى بەش مىلياردىنجى ئادەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1990 - يىلى ھەر يىلى 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنىنى «دۇنيا نۇپۇس كۈنى» قىلىپ بىكىتىشنى قارا قىلدى ، بۇ ئارقىلىق دۇيادىكى ھەر قايسى ئەللەر خەلقىنىڭ نوپۇس مەسلىسىگە ئەھمىيەت بىرىشنى قوزغاپ ، دۇنيا نۇپۇسىنى تەدبىر قوللىنىپ تىزگىنلەشنى ئۆمىد قىلدى . 9 -ئاينىڭ 16 - كۈنى «خەلقئارالىق ئۇزۇن قاتلىمىنى قوغداش كۈنى» . بۇ كۈندە «ئۇزۇن قاتلىمىنى خورىتىدىغان ماددىلار توغرىسىدىكى مونترېئال كىلىشىمى»نىڭ ئىمزالانغانلىقى خاتىرلىنىدۇ ، بارىلىق كىلىشىم تۈزۈشكەن دۆلەتلەردىن بەلگىلەنگەن نىشان بۇيىچە كۇنكىرىت ھەرىكەت قوللىنىپ ، ئۇ ئالاھىدە كۈننى خاتىرلەش تەلەپ قىلىندى . 20 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاشلىق يىزا _ ئىگىلىك تەشكىلاتى ھەر يىلى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنىنى «دۇنيا ئاشلىق كۈنى» قىلىپ بىكىتكەن ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزا دۆلەتلىرىدىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ ، دۇنيانىڭ ئاشلىق ۋە يىزا _ ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بىرشىنى قوزغاش تەلەپ قىلىندى . «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 1993 - يىلى 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كۈچكە ئىگە بولغانىدى ، شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى ھەر يىلى 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنىنى «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى خەلقئارا كۈنى» دەپ جاكارلىدى . مەنبە : دەرىسلىك خاتىرەم | ||||
---|---|---|---|---|---|
xapaatqi دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | muhit asrax hamimiznig burqi 。muhitasrax ciysi kanuniha riaya kilip pakiza bolhan muhitni barpa kilayli
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sapra121 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | مەن بىلىۋالدىم .رەھمەت سىزگە ..............
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|