| ||||||
DEWRANI دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ياشلىقتىكى مۇھەببەتدەۋرانى:ياشلىقتىكى مۇھەببەت ئۇچراشساقلا تەلمۈرىسەن تىكىلىپ، ئۈزەلمەستىن كۆزلىرىمدىن كۆزۈڭنى. گاھ قويارسەن قىسقا-قىسقا يۆتىلىپ، ئېيتالماستىن يۈرەكتىكى سۆزۈڭنى. ئۈزەلمەيسەن كۆزلىرىمدىن كۆزۈڭنى. گاھ قويارسەن قىسقا-قىسقا يۆتىلىپ، كەلگىنىڭدىن بەرگىنىڭمۇ بىشارەت. تەشنا قەلبىم كېتەر چەكسىز سۆيۈنۈپ، بولۇپ سېنى كۆرۈش ئۈچۈن بىتاقات. قىلغاچقا مەن بىرلا ساڭا ئىتائەت. بولۇپ سېنى كۆرۈش ئۈچۈن بىتاقات، ماراپ باقتىم دەرىزەڭدىن ئۆيۈڭگە. كۆرەلمىگەچ دىدارىڭنى ئاھ...پەقەت، ئايغا باقتىم ئوخشۇتۇپ ئاي يۈزۈڭگە. شۇنداق ئىكەن ياشلىقتىكى مۇھەببەت. ئايغا باقتىم ئوخشۇتۇپ ئاي يۈزۈڭگە، ئاي يۈزىدە داغ بار ئىكەن تاتلىقىم. تەڭلىشەلمەس ئىكەن ئايمۇ ئۆزۈڭگە، پەرىزاتتەك گۈزەل قەلەم قاشلىقىم. پەقەت سەنلا مېنىڭ يۈرەك شادلىقىم. تەڭلىشەلمەس ئىكەن ئايمۇ ئۆزۈڭگە، بولالماسمەن جانان سېنى تەرىپلەپ. تەلمۈرىمەن گۈلدەك گۈزەل يۈزۈڭگە، قويغاچقا سەن يۈرىكىمنى زەرەتلەپ. تېزرەك كەلگىن قوياي سېنى شەرەتلەپ. قويغاچقا سەن يۈرىكىمنى زەرەتلەپ، كېتەلمەيمەن ئەتراپىڭدىن يىراققا. ئۆتەر كۈنۈم يوللىرىڭدا تەمتىرەپ، ئىنتىلگەندەك پەرۋانىلار چىراغقا. مەلھەم بولغىن ئاچچىق ھىجران-پىراققا. ئىنتىلگەندەك پەرۋانىلار چىراغقا، ئىنتىزارمەن ۋىسالىڭغا نىگارىم. تۇتقۇن قىلما قىيناپ يەنە ئازابقا، چېچەك ئاچسۇن سۆيگۈڭ بىلەن باھارىم. سەن بىلەنلا ياشاش نىشان-قارارىم! ( دەۋرانى يازمىلىرىدىن ) ___ باشقۇرغۇچى : tughrul تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-24
| ||||
---|---|---|---|---|---|
kok-sultan تەۋپىق ئىزچىسى | ياشلىقتىكى مۇھەببەت تولىمۇ شىرىن ،تولىمۇ رومانتى بولىدۇ ،ياخشى يېزىپسىز.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
xirhan-0991 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بەك ياخشى يېزىپسىز قۇما!!!!!!!!!!!!!!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sahrayi3223 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ماڭا ئەڭ يارىغىنى،ئۇنىڭدىكى ئۆزگىچىلىك.ياخشى يىزىلىپتۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
BUWAH99 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز.................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|