![]() |
| |||||
ئۇيغۇرئاي
دىــل ئازار،خۇدا بىزار
| | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
ئۇيغۇرئاي
دىــل ئازار،خۇدا بىزار
| ياتاققا كىرسەم زۇلپىيە بىلەن ئارزۇ ئاللىقاچان كىلىپ پاراڭغا چۈشكەن ئىكەن. زۇلپىيە مېنى كۆرۈپ ئورنىدىن سەكرەپ تۇردىدە ماڭا ئىسىلماي قولۇمدىكى سومكىغا ئىسىلدى: _ئەكە سومكاڭنى، چوقۇم قۇرۇت ئەكەلدىڭ ھى ھى ھىرىپ ئاران كىرگەندە سومكامنى ئۇنىڭ ئالدىغا تاشلىدىم. _ئۆلەسە قۇرۇتنى يەپ شۇم _ئىتنىڭ قاغىشىغا،پىت ئۆلمەپتۇ دەپتىكەن، زۇلپىيەنىڭ يىنىغا ئەمدىلا كىلىپ جايلاشقان ئارزۇ ،سومكىدىكى كىچىك رەخ خالتىغا ئورالغان قۇرۇتلارنى ئىلىپ ساناپ بۆلۈشكە باشلىدى. _ھى ھى ھى 9 تالدىن تىگىپ ئىككىسى ئىشىپ قالىدىكەن،شۇڭا ماۋۇ ئىككى تالنى زۇلپىياز ئىككىمىز يىگەچ تۇرايلى ھە! سەن ئارام ئىلىۋال ئوماق،،،، كارۋىتىڭغا چىقىپ ئۇخلا ناخشا ئىيتىپ بىرىمەن مانداق قار بىلىق ،قاپقار بىلىق خاڭدا ياتقانىڭ قىنى؟ ئۇلار بىلەن بىردەم كۈلۈشكەندىن كىيىن ،ئارام ئىلىش ئۈچۈن ياتقان بولساممۇ پەقەتلا ئۇيقۇرم كەلمىدى. _ئارزۇ چىقىپ بىر ئىستاكان قەھۋە ئەكىرىپ بىرە ئاداش؟ كارۋىتىغا چىقىپ قۇرۇتنى مەززە قىلىپ شورىغاچ كىتاپ ئوقۇۋاتقان ئارزۇ ئاۋازىمنى ئاڭلاپلا يالغان خورەك تارتىشقا باشلىدى. _خەپ ،سېنىمۇ كۆرۈپ قويدۇم ئۇنى تىللىغاچ چاچلىرىمنىمۇ تۈزەشتۈرمەي سومكامدىن پۇل ئىلىپ مەكتەپ قەھۋەخانىسىغا ماڭدىم. شۇ چاغدىلا يازدا بولغان قەھۋە ۋەقەسى ئىسىمگە كەلدى. خۇددى ھىلىقى بالا يەنە بىر بۇلۇڭدىن چىقىپ ۋۇ بولۇمسىز دەيدىغاندەك ئەتىراپىمغا تەكشى قاراپ كىتىۋاتاتتىم. تەلىيىمگە ئۇ ئۇچىرمىدى. لىكىن قەھۋەنى كۆتۈرۈپ،مەكتەپ كارىدورىدا بار ئاۋازىم بىلەن <شىرىن جاۋاپ شېرىن سۆز،بىرەلمەيمەن رەنجىمە، سىرداش بولۇپ ياندىشىپ،يۈرەلمەيمەن رەنجىمە> دەپ ھاياجاندا ئابدۇللانىڭ ناخشىسىنى ئىيتىپ كىرىپ كىتىۋاتسام ،كەينىمدىن بىرىنىڭ <ۋاي رەنجىمەيمەن كۆزىڭىزگە قاراپ مىڭ> دىگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم. چوقۇم ھىلىقى مەن تىللىغان بالا،ئاپلا كەينىمگە قارمايلا قاچاي،،،،،،،،خۇددى كەينىمدىن كىلىپ قولۇمدىكى قەھۋەنى تارتىۋالدىغاندەپ پۇتۇمدىكى كەشنى پاقىلدىتىپ بىردەمدىلا ياتىقىمغا كىرىۋالدىم. شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ بالىنى مەكتەپنىڭ كارىدورىدا پات_پات ئۇچىرتىپ قالدىغان بولدۇم. ئەمما ئۇدۇلۇمدىن كىلىۋاتقان بولسا كەينىمگە ،ئارقامدىن كىلىۋاتقان بولسا ئىت قوغلىغاندەك تىز قاچاتتىم. ھەر قىتىم كۆرسەم <ۋوي كاپىر> دەپ تىللىغىنىم ئىسىمگە كىلىپ بەك خىجىل بولاتتىم. بۇ يەردىكى كۈنلىرىم جاپالىق بولۇپ دەرىسنىڭ ھەممىسى خەنزۇ تىلىدا ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنگىلىز تىلىنى قوشۇپ ئۆتىدۇ. قاتتىق تىرىشمىساملا سىنىپىدىكى خەن لەردىن قىلىپ قالىمەن. شۇڭا جاھىللىق بىلەن ئۈگىنەتتىم. ياتاقتىكى ئىككى دوستۇممۇ بەك تىرىشچان بولغاچقا ئۈچىمىز كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن بىر -بىرىمىزگە ياردەم قىلاتتۇق. دەرىسىم يوق بىر جۈمە كۈنى تىخى ئالدىقى ھەپتىدە ئارزۇلار بىلەن بىرىپ كەلگەن بىر تۈرۈكلەر ئاچقان تۈرلۈك ماللار ماگىزىنىغا بىرىپ كىلىش ئۈچۈن ياتاقتىن ئەتىگەندىلا چىقتىم. ئۇ دۇكاندا ھەممە نەرسە ھالال بولۇپ، ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكىدەك يىمەكلىك،نەرسە كىرەكلەر كۆپ ئىكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسىمۇ مۇۋاپىق ئىكەن. ئارزۇ بىلەن زۇلپىيە بۇيرىغان نەرسىلەرنىمۇ ئىلىپ كىلىشىم كىرەك ئىدى. _ئاپتۇبۇسقا چىقىپ بىلەت ئىلىش ئۈچۈن قولۇمنى سومكامغا ئىلىپ باردىميۇ،تۇرۇپلا قالدىم. چۈنكى سومكامنىڭ كىسىلگەن بىر بۇرجىكىدىن قەغەزلەر ساڭگىلاپ،پۇلۇڭنى ئوغرى ئالدى دەپ مەلۇمات بىرىپ تۇراتتى. ئەمدى قانداقمۇ قىلارمەن؟ كۆزلىرىم لىققىدە ياش، بۇ ئايلىق تاماق پۇلۇم،ئاۋۇ ئىككىسىنىڭ پۇلى ،پۇلۇمنى ئوغرىغا بەردىم دىسەم بىلەتچى ئىشىنەمتى؟ يا ئاپتۇبۇسقا چىققاندىلا ئالمايدۇ بىلەتنى بۇ بىر نىمىلەر،خىلى ئۇزاپ كەتتىم،،،،،، _سىز؟ بۇ نىمانچە يىقىملىق ئاۋازدۇر ئەمدى؟ بىشىمنى كۆتۈرۈپ ماڭا ناتونۇش بولمىغان چىرايلىق كۈلىدىغان كۆزلەرگە قارىدىم. _پۇلۇمنى ئوغرى ئاپتۇ،ئەمدى قانداق قىلارمەن،ئۈمچىيىپ يىغىنى باشلىدىم. پالاكەت باستى مىنى ،ئەمدى قانداق قىلارمەن؟ _يىغلىماڭ ئۇششۇق قىز،يىنىڭىزدا بىر ئۇيغۇر تۇرسا يەنە قانداق قىلارمەن دەپ يىغلايسىزغۇ،كىچىك بالىدەك، قەيەرگە باراتتىڭىز،بىلەتنى مەن ئىلىپ بىرەي؟ _ماڭا ئازراق پۇل بىرىپ تۇرۇڭ،مەن كىيىنكى بىكەتتە چۈشۈپ قىلىپ مەكتەپكە قايتاي.بىر دۇكانغا ماڭغان ئىدىم،ئەمدى پۇلۇم يوق ئۇ يەرگە بارغاننىڭمۇ پايدىسى يوق. _ھە مەنمۇ شۇ ياققا ماڭغان ئىدىم، يولىمىز بىركەن،مەن بىرىپ تۇراي _بولمايدۇ،يەرگە قاراپ جىممىدە تۇرغىنىمنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتى _خاپا بولماڭ تارانچى،بۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ، ئامال قانچە؟ مەن شۇ يەرگە بارغاندا سىزگە مۇز قايماق ئىلىپ بىرىمەن ماقما؟ _كىم مېنى غۇلجىلىق دەيدۇ؟ _مەن يە سىزدەك بۇرنۇمنى ئىقىتىپلا يۈردىغان پالاكەت كىچىك بالا بولمىسام ،ساقام؟ دېدى ئۇ ھەييارلارچە _ئىسمىم ئىمىنجان،ئۈرۈمچىدىن، تونۇشۇپ قالايلى! _ھە،مېنىڭكى مەرھابا، غۇلجىدىن. سىز بىلەن بىر مەكتەپداش ،،،،،،،ھى ھى _كەسپىڭىز نىمە؟ _ئىغىز كىسەللىكلىرى داۋالاش،سىزنىڭچۇ؟ _شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىد ئىنگىلىز تىلى ئوقۇپ شۇ يەردە خىزمەتكە قىلىپ قالغان،مەكتەپتىن ماگىستىرلىقنى ئوقۇشقا ئەۋەتتى. _ۋىيى good morning دەپ يۈرۈيسىز دەڭە سالامنىڭ ئورنىدا،،،،، _ۋوي سىزنىڭمۇ تەلەپپۇزىڭىز بەك ياخشى ئىكەنغۇ؟ _ ھە ئە،مەنمۇ خىلى بىلىمەن. باكلاۋۇرلۇقنى تۈگەتكەندىن كىيىن چەتكە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇيۇم بار. _مەنمۇ شۇنىڭ يولىنى مىڭىۋاتىمەن، سىزنىمۇ خۇدا تىلىكىڭىزگە يەتكۈزسۇن. گەپ بىلەن مەنزىلىمىزگە يىتىپ كەلگەننىمۇ تۇيماي قاپتۇق _مانا كىلىدىغان يەرگىمۇ كىلىپ قالدۇق قىزچاق! مۇشۇ تاپتا يىنىڭىزدا پۇل يوق، بۇ يەرنىمۇ ياخشى بىلىپ كەتمەيسىز،شۇڭا چوقۇم مەندەك ياش ھەم كىلىشكەن بىر يىگىتكە مۇھتاج بولىسىز. شۇنداقمۇ؟ جاۋاپ بەرمەي ،تىرنىقىمنى تاتلاپ تۇرغىنىمىنى كۆرۈپ يەنە كۈلدى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يۈرۈپ خىلى يەرلەرنى بىلىۋالدىم، ئۇنمىغىنىمغا قويماق قولىمىزدىكى مۇز قايماقنى ئىقىتقانچە بىر نەچچە پارچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۋالدۇق. بىردەمدىلا نەچچە سائەت ئۆتۈپ كەتتى. _كەچ بوپ كىتىپتۇ،مەن قايتاي،ياتاقتىكى قىزلار مەن .ئەكىلىدىغان شاكىلاتقا ئىشتىھا ساقلاپ ئولتۇرىشىدۇ _ھا ھا ھا ،قىزىقكەن ھە،مېنى شۇنداق ئاسانلا قويىۋىتىدۇ دەپ قاپسىزدە ھە؟ بەرگەنلىرىمنى ھەسسىلەپ قايتۇرۋالىمەن جۇمۇ،ئۈرۈمچىلىكنى بوش چاغلىماڭ. كۈلۈشكەنچە مەكتەپكە قايتىپ كەلدۇق. بۇ بىر كۈنۈم ئەتىگەنكى كۆڭۈلسىزلىكنى ھىساپقا ئالمىغاندا تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتتى. كۆز ئالدىمدا ھىلىدىن_ھىلىغا ھىلىقى كۈلگۈنچەك بالا پەيدا بولاتتىيۇ، ئۇنى ئويلاش بىر گۇناھلىق ئىشتەك ئىتتىك كاللامنى باشقا ئىشلارغا چاچاتتىم. يەنە ھىلىقى مەكتەپنىڭ ئۇزۇن كارىدورى،تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۇچىراپ قالدىغان ئىمىنجان. تولا ۋاقىتلاردا شۇ يەردە ئۇچىرىشىپ قالاتتۇق. بۇۇرنقى يىراقتىن كۆرۈپ قىچىش ئەمدى يىقىملىق سالاملىشىشقا ئالماشقان ئىدى. ئىلخەت ئادرىسىمنى دەپ بەرگەچكە،ياخشى ئىنگىلىزچە ماتىرياللار بولسىلا ماڭا يولاپ بىرەتتى. ئۇنىڭغا بولغان قىزغىن مۇئامىلەم ئارزۇ بىلەن زۇلپىيەنىڭ دىققىتىنى تارىتتى. _يى شۇم،سەن ئۇ چىرايلىق يىگىتكە ئاشىق بولۇپ قالمىغانسەن؟-دېدى ئارزۇ زۇلپىيەگە قاش ئىتىپ تۇرۇپ _يوق گەپنى قىلىمىغىنا ئاداش،بىز پەقەت ئادەتتىكى تونۇش _كىلە ئايدا مۇرەككەپلىشىپ كىتىمىز دىگىنە؟ ھىڭ ھىڭ ھىڭ بۇلارغا نىمە دەپ گەپ تىپىپ بىرىشنى بىلمىدىم. ھەر ئىككىلسىنىڭ ئوغۇل دوستى مۇشۇ مەكتەپتە بولغاچقا كەچكىچە بويتاق يۈرەمسەن دەپ كەينىمگە كىرىپلاۋالاتتى. _بىر كۈنى،_گەپ باشلىدى ئارزۇ ئىمىنجان ئاغىنىلىرى بىلەن تۇرسا،شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى: _ئاغىنە،ئاڭلىسام مەكتەپتىكى مەرھابا بىلەن يۈرىۋاپسەن،ئۇ قىزغۇ ئوماقكەن ،لىكىن دەششەت قار ئىكەنا؟ دەپتۇ بۇنى ئاڭلىغان ئىمىنجان تەمكىنلىك بىلەن ،ئاھ،جىنىم ئاغىنەم، سەن مەرھاباغا مىنىڭ كۆزۈم بىلەن قارىساڭ ئۇنىڭ قانچىلىك گۈزەللىكىنى كۆرەلەيسەن دەپتىكەن،باللار ھاياجانلىنىپ ھوشىدىن كىتىپتۇ ،_ دەپ دۈم يىتىپ كۈلۈشكە باشلىدى شۇ چاغدىلا ئىككىسى دىققەت قىلمىغاندا ئاستا يىنىمدىن كىچىك ئەينەكنى چىقىرىپ ئۆزەمگە سەپسىلىپ قارىدىم. نەدە قارا بولىمەن مەن،بۇغداي ئۆڭ دىمەمدىكىنە. بەك گۈزەللەردىن ھىساپلانمىساممۇ باشقىلار مىنى سىز بەك ئوماق دەيىتتى. ھەممىسىلا يۈز تىرىڭىز بەك چىرايلىق دەپ ھەۋەس قىلىشىپ كىتەتتى. ئۇ بالىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئوخشايمەن. لىكىن ماڭا نىسبەتەن قانداق كۆز قاراشتا ،قىز دوستى بارمۇ-يوق مۇشۇ كەمگىچە بىلمەيىتتىم. يا ئۇنىڭغا بىرىپ سىزنى ياخشى كۆرىمەن دەيدىغان جۈرئەت يوق،ھەم بۇنداق دىيىشىم مۇمكىن ئەمەس. بىر كۈنى ئۇنى مەن دائىم يالغۇز بارىدىغان ھىلىقى چىرايلىق مەنزىرلىك جايدىكى قەھۋەخانىغا تەكلىپ قىلدىم. ئۇمۇ شۇ يەرگە دائىم بىرىپ تۇرىدىكەن. كىچىكىپ قالماي دەپ 20 مىنۇت بالدۇر بارغان بولساممۇ ئۇ تىخى كەلمەپتۇ. دىيىشكەن ۋاقىت كەلدى،بىر سائەت،ئىككى سائەتمۇ ئۆتۈپ كەتتى. لىكىن ئۇنىڭ ئىقى تۇرماق قارسىنىمۇ كۆرەلمىدىم. مىنى شۇنداق ساقلاتقىنىغا ئاچچىقىم كەلدى. ئىككى سائەتتىن ئاشقاندا ئۇنىڭ كەلمەيدىغانلىقىغا كۆزۈم يىتىپ يوغان بىر ئاق قەغەزگە <ئىمىنجان كالۋا،ساراڭ.دۆت،قاپاق> دەپ يىزىپ شۇ خىلۋەتتىكى ئۈستەلدە قالدۇرۇپ قايتىپ كەتتىم. ئۇنىڭ كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلسەممۇ ئۆزەمنى سەل يەڭگىللەپ قالغاندەك ھىس قىلاتتىم. ![]() شۇ كۈنى كەچلىكى ياتاقلارغا قارايدىغان تەتەي كىچىككىنە بىر بولاقنى ئەكىرىدى. كىمدىن كەلدىكىن دەپ ئالدىراپ ئىچىپ ھەيرانلا قالدىم. ئۇششاق يۈرەك شەكىللىك شاكىلاتلار بىلەن بىر پارچە خەت بولاقنىڭ ئىچىدە تۇراتتى. خەتنى ئاۋايلاپ ئاچتىم: _مىنى كەچۈرۈڭ مەرھابا، مۇئەللىمىم تۇيۇقسىزلا چاقىرتىپتىكەن،شۇڭا ئىشىم بار دىيەلمىدىم، سىز بەك ساقلاپ كەتتىڭىز چوقۇم. سېزنى سېغىندىم سالامەت بولۇڭ! بايقى خاپىلىقلىرىم ئاللىقاياقلارغا كەتكەن. مىنى سىغىنىپتۇ. ئۇمۇ مىنى چوقۇم ياخشى كۆرىدۇ. تاتلىق خىياللار بىلەن ئۆزەمنى بەزلەپ ئۇيقۇغا كەتتىم. ھىلىمۇ ياتاقتا ھىلىقى ئىكىكسى بولۇپ قالماپتۇ، بولمىسا،،،،،،،،،، ئوقۇشۇمنىڭ ئىككىنچى يىلى پۈتۈشكىمۇ ئاز قالدى. ئىمىنجاننىڭمۇ پەقەت يەنە بىر يىللىقى قالدى. ئىككىمزنىڭ مۇناسىۋىتى بولسا يەنىلا بۇرۇنقىدەك ،مەكتەپ كارىدورىدا،قەھۋەخانىلاردا ئۇچىرشىپ قالساڭ كۈلۈمسىراپ سالاملىشىپ قويىمىز. ئۇنى ياخشى كۆرسەممۇ،ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسىدىن چوقۇم قىز دوستى باركەن دەپ پەرەز قىلىپ يۈرەتتى. ئىككىنچى تەتىلگە چىقىش ئالدىدا ئۇ يولدا يەپ ماڭارسىز دەپ يەنە مەن ئامراق كىچىك يۈرەك شەكىللىك شاكىلاتلارنى سوۋغا قىلدى. تەتىلنى بۇلتۇرقىدەك خوشال ئۆتكۈزۈپ مەكتەپكە ماڭار ۋاقىتتا يىقىن دوستۇم نىلوفەر <سەن ئەڭ ياخشى كۆرگەن كىتاپتىن پارچە > دەپ كىچىككىنە ۋاراقچىغا يىزىلغان چالىقۇش رومانىنىڭ بىر بۆلىكىنى ماڭا سۇندى. مەن چالىقۇشى رومانىنى بەكلا ياقتۇرىمەن .سەنمۇ شۇ جىنىم ئاداش.شۇڭا بۇ روماندىن توۋەندىكى قۇرلارنى سوۋغا قىلماقچىمەن. بۇئاخىرقى ئايرىلىش سائىتىدە ھەقىقەتنى يۇشۇرۇشنىڭ نېمەھاجىتى؟سەن ئوقۇيالمايدىغان دەپتىرىمنى پەقەت سەن ئۇچۈنلا يازدىم كامران.شۇنداق!نىمىنى دىگەن، نىمىنى يازغان بولسام ھەممىسى سەن ئۇچۇن ئىدى .خاتا قىلغىنىمنى، بەكمۇ خاتا قىلغىنىمنى بۇگۇنلا ئىقرار قىلىمەن ھىچنەرسىگە قارىمايمەن سېنىڭ بىلەن بەخىتلىك بولاتىم.شۇنداق،.ھىچنىمىگە قارىماي ياخشى كۆرۈشكەسازاۋەر ئىدىم ۋە بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئەمەس ئىدىم .لېكىن بۇمېنى قانائەتلەندۇرمىگەن ئىدى.يەنىمۇ كوپرەك، تېخىمۇ بەكرەك ياخشى كۆرسۇن، دەيتىم.مەن ياخشى كورگەنچىلىك بولسىمۇ_چۈنكى بۇنىڭ ئىمكانى يوق،_ئىشقىلىپ شۇنىڭغا يېقىن بىر ياخشى كورۇش بىلەن ياخشى كورسۇن دەيتتىم.شۇنچىلىك ياخشى كۆرۇلۇشكە ھەققىم بارمىدى؟ يوق بولسا كىرەك دەپ ئويلايمەن كامران.چۈنكى مەن كىچىك نادان بىر قىز ئىدىم.ياخشى كۆرۈشنىڭ ۋە ئۆزىنى ياخشى كۆرگۈزۈشنىڭ ئۇسۇلى بار،شۇنداق ئەمەسمۇ كامران؟ھالبۇكى مەن بۇلارنى زادىلا بىلمەيتتىم. سېنىڭ سىرىق گۈلۇڭ _تەنە قىلىپ ئىيتىۋاتمايمەن كامران ماڭا ئېشەنگىن.ئەگەر ئۇ سىنى بەخىتلىك قىلغان بولسا مەن ئۇنىڭ بىلەن خىيالەن يارىشىمەن_كىم بېلىدۇ،ئۇ قانچىلىك مەپتۇن قىلارلىق ئايالدۇر !كىم بىلىدۇ،ساڭا قانچىلىك يېقىملىق سۆزلەرنى ئىيتقاندۇ،قانداق چىرايلىق خەتلەرنى يازغاندۇ،مەن بولسام سېنىڭ بالىلرىڭغا، بالىلىرىمىزغا بەلكى بىر ياخشى ئانا بولغان بولاتتىم .پەقەت شۇلا. كامران مەن سېنى قانچىلىك ياخشى كۆرگىنىمنى پەقەت سېنىڭدىن ئايرلىغاندىن كىيىنلا بىلدىم. بۇنى باشقىلارنى ياخشى كۆرۇپ بېقىپ ئالغان تەجىربىلەر دەپ ئويلىما. پەقەت قەلبىمنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدىكى مۇڭلۇق،ئۇمۇتسىز خىيالىرىمنى ياخشى كۆرۇشتىن بىلدىم.................. زەينىلەر قەبرىستانلىقىنىڭ قاراڭغۇلىقىدا،تاڭ سەھەرگىچە شامال گۇكىرەپ چىققان ئۇزۇن كىچىلەردە،يولدىن ئۆتكەن ھارۋىلارنىڭ زىل قوڭغۇراقلىرى جىرىڭلىغان كەڭ دالىلاردا، سۆگەتلىك باغلارنىڭ جىگدە پۇراپ تۇرغان يوللىرىدا دائىم سېنىڭ يېنىڭدا بولدۇم.خىيالىڭ باغرىدا ياشىدىم. ئەتە مىنى ئۆز ئەمرىگە ئالىدىغان بىچارە ئادەم مېنى ئاق گۈلدەك مەسۇم بىر قىز دەپ ئويلايدۇ، بۇ نېمە دىگەن خاتالىشىش. سۆيگۈ سەۋداسى ھىچقانداق بىر قىز قەلبىنى ،ۋۇجۇدىنى مېنىڭكىدەك يەكسان قىلىپ پۇچۇلدۇرمىغاندۇر،دەپ ئويلايمەن. كامران، ئەسلىدە بىز بۈگۈن بىر_بىرىمزدىن ئايرىلىمىز!مەن پەقەت بۈگۈن تەنھا قالدىم.بارلىق بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلارغا قارىماستىن سەن قىسمەن مېنىڭكى ئىدىڭ !مەن بولسام پۇتۇن قەلبىم بىلەن سېنىڭ........................ ئوتلۇق ئاھىم،ئاچۇرما ئاغزىمنى زىنھار، زالىم مېنى سۆزلەتمە، قەلبىمدە نېمە بار. بىلمەسمەنمۇ قىلمىشىڭنى.ئەيلىمە زىنھار، زالىم مىنى سۆزلەتمە، قەلبىمدە نېمە بار. ![]() بۇ بىر رومان بولسىمۇ ماڭا ئەڭ ياققان،ماڭا گۈزەل ھىسلارنى ،بىر قىز قەلبىدىكى مۇھەببەت ،نەپىرەتنى ئىنىق كۆرسەتكەن رومان ئىدى. مەن خۇددى پەرىدەدەك جاھىل،لىكىن خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆز مۇھەببىتىمنى ئاشكارا ئىپادە قىلىشنى بىلمەيىتتى. قىممەتلىك سوۋغامنى ئىلىپ يەنە شۇ مەكتىپىمگە قايتىپ كەلدىم. ئىمىنجان بۇ ئۇزۇن تەتىلنى ئىلمىي ماقالە يىزىش بىلەن ئۆتكۈزگەن بولۇپ،بۇرۇنقىغا قارغاندا كۆزۈمگە ئورۇقلاپ كەتكەندەك بىلىندى،لىكىن ئۇنىڭ خۇش تەبەسسۇمى پەقەتلا ئۆزگەرمەپتۇ. ئاپام سىلىپ بەرگەن مايلىق توقاش،باشقا يىمىشلەردىن ئەكىرگىنىمدە ئۇ بەكلا خوش بولۇپ كەتتى. _شۇنداق قىلىپ سالامەت كىلىۋالدىم دەڭ. چارچاپمۇ قالغانسىز ھە قاچان ،قىنى ئولتۇرڭە مەن سىزگە چاي دەملەپ بىرەي. ھەممە ئوغۇللار مۇشۇنداق كۆيۈمچان بولسا ھە ![]() ئۈگىنىش،ئۈگىنىش،يەنە ئۈگىنىش دەپتىكەن لىنىن. ئەتىراپىمدىكى خەن لەردىن چوقۇم ئىشىپ كىتىمەن دەپ ئوقۇيىتتىم،ھەم ئىشىپ كىتىۋاتاتتىم. ئىمىنجاننى تىخىمۇ ياخشى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ ماڭا خۇددى سىڭلىسىدەك،قىرىندىشىدەك كۆيۈنەتتى. ھاياسىزلارچە ئەمەس،شۇنداق گۈزەل ئەخلاق دائىرىسىدە مۇئامىلە قىلاتتى. بۇ ئۇنىڭغا بولغان ھۈرمىتىمنى تىخىمۇ ئاشۇرۇپ باردى. مانا ،ئۇنىڭ ئوقۇشى پۈتىدىغانغا نەچچە ئايلا ۋاقىت قالدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ توفىل ئىمتىھانىنى بىرىپ ئامېرىكىدىى مەلۇم ئۇنۋىرسىتتا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىپ قويغان ئىكەن. مۇشۇ ئاينىڭ ئىچىدە نەتىجىسى چىقسا بۇ يەردىكى ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپلا ئامېركىغا ماڭىدىكەن. قەلبىمنى بىر خىل ئۈمۈتسىزلىك چۇلغىۋالغان ئىدى. كالىندارنىڭ ھەر بىر ۋارىقى يىرتىلغانسىرى، ئۇنى كۆرۈپ تۇردىغان كۈنۈم بىردىن ئازىيىپ مىڭىۋاتىدۇ. كۈندە كۆزلىرىم ياش،لىكىن بۇ ياشلارنى ھىچكىم كۆرمەيدىغان پىنھانلاردا تۆكۈپ يۈرۈيمەن. ئەمما بۇ ياشلار ئاخىرى خوشاللىق يىشىغا ئالماشتى. بىر كۈنى دەرىستىن چۈشۈپ ئۇنىڭغا ئۇچىراپ قالدىم. _كەچتە ۋاقتىڭىز بارمۇ مەرھابا؟ _ بىرەر ئىش بارمىىدى؟ _ھەئە ،ياڭاق چاقاي دىگەن! _ ۋۇ دۆت، ھا ھا ھا _ئەمسە سائەت 7 دە مەكتەپنىڭ قەھۋەخانىسىدا ساقلايمەن _ماقۇل ياتاققا كىرىپلا كىيىملىرىمنى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىشقا باشلىدىم. نىمىگە شۇنچلىك ھاياجانلىنىپ كەتكىنىمنى بىلىپ بولالمىغان ئارزۇ بىلەن زۇلپىيە كۆزلىرىنى پاقىرتىپ ھاڭۋىقىپ تۇرشاتتى. _بولىشە،ماڭا ئەڭ يارشىدىغان كىيىمنى تاللاپ بىرىش،-دېدىممەن ھاسراپ تۇرۇپ _ۋا خا خا خا،ئەمدى چۈشەندىم،ئىرىڭنىڭ يىنىغا بارامسەن كۆرۈشكىلى...........سەت كۈلۈشكە باشلىدى ئارزۇ _ھەي نەدىكى ئىرىم،بولە چاپسان ئۇ ئىككىسى مىنى كۆڭۈل قويۇپ ياسىدى. ئۇزۇن چاچلىرىمنى ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈپ قويدى. ئۈستۈمدە تىزىمدىن سەل تۆۋەن چۈشۈپ تۇردىغان چىرايلىق پۈرمە بەللىك كۆينىكىم ،پۇتۇمدا ئىلىپ قويۇپ تىخى كىيىشكە ئۈلگۈرمىگەن پەس پاشنىىق توپلىيىم. ئۇنمىغىنىمغا قويماي، سەن قارۋاينى ھىچكىم ياراتمايدۇ دەپ يۈزۈمگە خىلىلا جىق ئۇپا سۈركىۋەتتى. توۋا مەن نىمىگە بۇنچىلا ياسىنىپ كىتىمەن ھە؟ ئۇ يا ماڭا تەلەپ قويغىلى چاقىرمىسا؟ مىڭ بىر خىياللار بىلەن قەھۋەخانىغا كىردىم، ئىمىنجان ئاللىقاچان كىرىپ بولغان بولۇپ ئۈستى-بىشىمغا ئۇزۇن قاراپ كەتتى. _بىر قىسما بولۇپ قاپتىمەنما ،-دېدىم قورۇنۇپ _ياق مەرھابا،بۈگۈن باشقىچىلا چىرايلىق بولۇپ كىتىپسىز. _رەھمەت _مەن گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرۇشنى خالىمايمەن تاتلىق، سىزنى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلىشىم،ئۆزىڭىزمۇ بىلسىز ئوقۇشۇم پۈتىدىغانغا نەچچە ئايلا قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئىشىممۇ ھەل بولدى، بۇ يەردىكى ئوقۇشۇمنى پۈتتۈرگەن كۈننىڭ ئەتىسىلا ماڭىمەن، ئامىېركىدا ئىككى يىل ئوقۇيمەن. مىنىڭ ئۇ يەردىكى ئوقۇشۇم پۈتكەندە سىزمۇ ئوقۇش پۈتتۈرسىز. راستىمنى ئىيىتسم سىزنى ياخشى كۆرىمەن. تۇنجى قىتىم بولۇمسىزلىق قىلىپ قەھۋەى تۆكىۋەتكەن ۋاقتىڭىزدىلا سىزگە باشقچە ئامراق بولۇپ قالدىم. شۇنچە ۋاقىتنىڭ ياقى دىسەم بولاتتى، لىكىن ئوقۇشىڭىزغا تەسىر يەتمىسۇن دىدىم. مەن سىزدىن 4 ياش چوڭ. ئەگەر مىنى چوڭكەن دىمىسىڭىز مەيلىڭىز بولسا يۈرۈپ قالايلى. مەن ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن كىيىنلا تويىمىزنى قىلساق بولىدۇ. قىپقىزىل قىزىرىپ ئايىقىم بىلەن يەرنى جىجاپ ئولتۇرغان ۋاقتىمدا قولۇمغا بىر تال ئەتىرگۈل بىلەن چىرايلىق قۇتدىن ئۈزۈك چىقىرىپ ماڭا سۇندى.ئۇنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرەتتىم. ماقۇل بولدۇم. ![]() ۋىسال پەيىتلىرى ئەزەلدىن قىسقا بولىدۇ. كۆڭلۈم قىيمىغان ھالدا،، يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويدۇم. ئۇ ئوقۇشقا كەتكەندىن كىيىنمۇ كۈندە بولمىسىمۇ بىر نەچچە كۈندە بىر ئالاقىلىشىپ تۇردۇم. دوستلىرىم ئىكىكمىزنىڭ ئىشىنى بىلگەچكە تولا مىنى تىرىكتۈرەتتى. ئوقۇشۇم پۈتتى. مەكتەپ بويچە ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇپ پۈتتۈرگەنلىكىم ئۈچۈن مەكتەپ ئىلىپ قىلىشنى ئويلىشپتۇ.لىكىن ئىمىنجان، سىز ياخشى ئوقۇغان ئىكەنسىز چوقۇم ئوقۇغىنىڭىزنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغرىق ئازابىدا قىينىلۋاتقانلىرىغا ئىشلىتىىشڭىز كىرەك . ئىچكىردە قىلىپ قالماڭ دەپ قۇلىقىمغا قۇيۇپ تۇراتتى. مەن ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ ئاتا-ئانامنىڭ رازىلىقى بىلەن ئۈرۈمچدە خىزمەتكە چۈشتۈم،مەن خىزمەتكە چىقىپ ئىككى ئايدىن كىيىن ئىمىنجان ئوقۇشتىن قايىتىپ كەلدى. ئىككى تەرەپ ئاتا-ئانىمىزنىڭ رازىلىقى بىلەن ئاددىي لىكىن شۇنداق كۆڭۈللۈك توينى ئۆتكۈزۋالدۇق. مەن بىلەن بىر يەردە ئىشلەۋاتقان ئارزۇ بىلەن زۇلپىيە تويۇمدىمۇ ھەققىيى دوستلۇقىنى يەتكۈزدى. ئۆزەمنى شۇنچىلىك بەخىتلىك ھىس قىلاتتىم، پەقەت مىنىلا سۆيىدىغان ھەم مەن بارلىق مۇھەببىتىمنى ئاتا قىلىشقا ئەرزىيدىغان يولدىشىمنىڭ ،ئۆز خەلقى ئۈچۈن بارلىقىنى پىدا قىلىشقا تەييار تۇرغان ئۇيغۇر يىگىتنىڭ ئايالى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنەتتىم. ![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
Zulayha
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇنداق سۆيگۈ ھەممىلا ئادەمگە نىسىپ بولىۋەرمەيدۇ ، مۇھاببىتىڭىزنى قەدىرلەڭ .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئۇيغۇرئاي
دىــل ئازار،خۇدا بىزار
| Quote:بۇ يازما2قەۋەتتىكىZulayhaنىڭ2008-10-24 10:44يوللىغان : تىمىنى ئوقۇماي ئىنكاس يازماڭلار،،،، ھىكايە دەپ ئۈستىدە ئەسكەرتىپ قويغان تورداش | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
yultuz701
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بەك ياخشى يىزىپسىز . ئوقۇپ بولغىچە نەتىجىسى قانداق بولار دەپ شۇنداق دەكە-دۈككە بولغان ئىدىم ھەنىم بولسا ئۈمۈد كتكۈنۈمدەكلا ئاخىرلاشتۇرۇپسىز . بۇندىن كىيىنمۇ يەنەياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى مۇنبەر ئۈستىگە تئۆكىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .
![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
xapaatqi
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ciz、、muhabbitigizni、、、、kadirlag、、。。。agarxundak、、bolmaydikan、、、,,。。qukum、、、、mauhababbatciz。。kaliciz、、、、tima、、yahxi、、boptu、、、rahmat、、、、yana、、、bolsa、、、awatig
![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
ayjahan
| تۈنۈگۈن ئاخىرىنى كۈرۈپ بولالمىغان ئىدىم،بەك تەسىرلىك چىقىپتۇ،بۇنى كۈرۈپ ئولتۇرۇپ،مەكتەپتىكى كۈنلىرىمنى ئەسلەپ كەتتىم.
رەھمەت سىزگە تاتلىق سىڭلىم،بۇنداق ئېسىل،نادىر تېمىللىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي......... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
???GUESS
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | پاھ ، ئاجايىپ رومانتىك چىكىپتۇ بۇ ھىكايە .............
سىلەرگە بەخت تىلەيمەن ، ھەدە . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
pinhaninsan
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بەك بەخىتلىك ئىكەنسىز...بەختىڭىز گە كۆز تەگمىسۇن!!!!!
مانا بۇ ھەقىقى ئۇلۇق مۇھەببەت....چوقۇم ياخشى قەدىرلەڭ! ![]() ![]() ![]() ![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
tangsabasi
| پاھ،نىمە دىگەن رومانتىك،تاتلىق چىققان ئەسەر بۇ!تىللىرىمۇ شۇنداق تەبىئىي،يېنىك ،تاتلىق چىقىپتۇ،ئويغۇرئاينىڭ مۇشۇنداق تاتلىق ئەسەرلىرىنى ئادەم ئوقۇغانچە ئىچىگە كىرىپ كېتىپ،خىيال دەرياسىنىڭ مايماق كېمىسىدە ساياھەت قىلىپ،رېئالىققا قايتىپ كېلەلمايلا قالىدۇ دىسە.....
ئويغۇرئاينىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىلىمۇ شۇنداق تەبىئىي،ئوخشىتىش ،سۈپەتلەشلىرىمۇ شۇنداق جايىدا،شۇنداق تەبىئىي،قىزىقارلىق،بەزى يەرلىرىنى ئوقۇپ شۇنداق كۈلۈپ كېتىپتىمەن..... قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
Zulayha
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھىكايە ئىكەنلىگىنى ئۇقۇپ تۇرۇپ شۇنداق يازدىم تورداش !
ئەجىبا كۆڭلۇمدىكىنى ياماي << ۋاي بەك ياخشى يېزىپسىز >> دەپ ماختىشىم كېرەكمىتتى تورداش ؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Zulayha
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن ئۇنداق تېمىنى ئوقۇمايلا ئىنكاس يازىدىغانلاردىن ئەمەس ! ئوقۇپلا قويىمەن ئالدىراپ ئىنكاس يېزىشقىمۇ خوشۇم يوق ....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئۇيغۇرئاي
دىــل ئازار،خۇدا بىزار
| Quote:بۇ يازما11قەۋەتتىكىZulayhaنىڭ2008-10-24 12:33يوللىغان : ئەمسە يازغان ئىنكاسىڭىزنى قانداق چۈشۈنەي؟ ئەپسۇس مەن خەقلەرنىڭ ماختاشلىرىنى ئانچە كۈتۈپ كەتمەيمەن،ماڭا ھىكايىنى ئوقۇپ ئۆز پىكىرنى سەمىمىي ئوتترۇغا قويالايدىغان،ھىكايىدىكى كەمچىلىكلەرنى كۆرسىتەلەيدىغانلار كىرەك! بۇ پەقەت بىر ھىكايە،سىز بەخىت تىلەيدىغان رىئاللىقتىكى پىرسۇناژلار ئەمەس رەھمەت سىزگە،،ئوقۇغىنىڭىزغا | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
نەشتەر
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئۇيغۇر ئاي ئىجادىيەتلىرىڭىزنى مۇشۇ يەرگىلا تۆكىدىكەنسز توۋا
بىز تەرەپكە ئۆتمەمىسز ....؟ | ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
ئۇيغۇرئاي
دىــل ئازار،خۇدا بىزار
| Quote:بۇ يازما13قەۋەتتىكىنەشتەرنىڭ2008-10-24 13:00يوللىغان : ئۆتتۈم،قىنى كۆرۈپ باقاي | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |