سىز بۇ تېمىنىڭ 3148ـ ئوقۇرمىنى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ بەتتىكى تېما: ئالى مەكتەپتىكى سۆيگۈ پاجىئەسى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
Ark-zat
ئەمەتجان مۇھەممەت

ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 5226
ئۇنۋان:ۋەزىر ھازىرغىچە5226دانە
شۆھرەت: 5594 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 35800 سوم
تۆھپە: 728 نۇمۇر
ياخشى باھا: 539 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :1035(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-11-17
ئاخىرقى :2008-06-28

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئالى مەكتەپتىكى سۆيگۈ پاجىئەسى

ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات
ئالى مەكتەپتىكى سۆيگۈ پاجىئەسى
(ھىكايە)

ئالى مەكتەپنىڭ 3- يىللىرى.
          مەن ئۇنىڭ بىلەن تىك-تاك توپ ئويناش جەريانىدا تونۇشۇپ قالدىم (بەزىدە قىز-ئوغۇللار ئارلىشىپ تىك-تاك توپ ئوينايتتۇق). كېيىن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئاستا-ئاستا ئادەتتىكى ياخشى تونۇشلاردىن بولۇپ قالدۇق.ھەر قايسىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ۋە كىچىك چاغدىكى جاپا تارتقان ياكى خۇشال بولغان ئىشلىرىمىزنى ، جەمىيەتكە،تۇرمۇشقا بولغان قارىشىمىزنى،نارازلىق تەرەپلىرىمىزنى ئوتتۇرغا قويۇشۇپ،پاراڭلىرىمىز تۈگىمەيدىغان يېقىن سىرداشلاردىنمۇ بولۇشۇپ قالدۇق. بىر كۈن پاراڭلاشمىساق شۇ كۈنى خۇددى بىرەر نەرسىمىز كەم بولۇپ قالغاندەك تۇيۇلاتتى.پاراڭلاشقاچ مەكتەپنىڭ باغچىلىرىنى،پۇتبول مەيدانلىرىنى نەچچە ئايلىنىپ چىقاتتۇق.ۋاقىت شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى.
           ساۋاغداشلا بىز ئىككىمىزنى« بەك رومانتىك،خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر»دېيىشەتتى،بەزىلەر ھەتتا بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزگە ئىنتايىن ھەۋەس قىلاتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ ۋاقىتتا ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئاكا-سىڭىللىق مۇناسىۋىتىگە ئوخشاپ قالاتتى. باشقىچە(غەيرى) مۇناسىۋەت يوق ئىدى. مەن ئۇنىڭ ساۋاغداشلىرىنى كۆرسەم ئۇنى چاقىرىپ بېرىشنى ئېيتاتتىم.سۆھبەتلىرىمىزدە جاھاننىڭ  ئىشلىرى،ئادەملىرى توغرىسىدا  گەرچە نۇرغۇن پىكىرلەرنى قىلىشساقمۇ،قىز-يىگىت ئارىسىدىكى مۇھەببەت توغرىسىدا ئاساسەن پىكىرلەشمەيتتۇق. بۇ تېمىدا سۆز ئېچىلىپ قالسا ھەر ئىككىلىمىز بىلىپ-بىلمەيلا دۇدۇقلاپ قالاتتۇق، كۆزلىرىمىز ئۇچىرىشىپمۇ قالاتتى،لېكىن سۆھبەت تېمىسى دەرھاللا يۆتكىلىپ كېتەتتى.
          مەن ئۇنىڭغا باشقىچە پىكىر قىلىشتىن خىجىل بولاتتىم.ئارىمىزدىكى دوستلۇقنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. ئەمەلىيەتتە سۈكۈت قىلىپ يۈرۈۋېرىشكە بارغانچە بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتاتتىم،شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى ئۇنىڭغا:« مەن سىزگە بىر گەپنى دىيىشتىن  خىجىل بولۇپ كېلىۋاتىمەن،داۋاملىق دېمەي يۈرىۋېرىشكە چىدىمىدىم، بۈگۈن ئېيتمىسام بولمىدى، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دېيىشىمگىلا، ئۇ توسقىنىمغىمۇ ئۇنىماي بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى.ئۇ شۇندىن كېيىن كۆرۈنمىدى.ساۋاغداشلىرىدىن ئۇنى چاقىرتسام ئۇ ‹يوق دەپ قويۇڭ› دەپ چىققىلى ئۇنىمىدى.ئامالسىز قېلىپ،ئۇنىڭغا  پوچتىدىن بىر پارچە خەت يازدىم (ئارىمىز شۇنچە يېقىن تۇرسىمۇ پوچتىدىن خەت سېلىش كۈلكىلىك بولسىمۇ، شۇ ۋاقىتتا شۇ ئەڭ ياخشى چارە ئىدى).دىگەندەك ئۇ خېتىمگە جاۋاپ قايتۇردى،لېكىن بۇندىن كېيىن مېنى تۇنىمايدىغانلىقىنى،بىزنىڭ دوستلىقىمىزنىڭ مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. شۇ كۈنلەردە ھەتتا يولدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ ئۇنىڭغا  گەپ قىلسام،بىرقانچە قېتىم ئۇ ماڭا گەپمۇ قىلماي كېتىپ قالدى.مەن ئىزا تارتتىم.شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشقا پەقەت ئامال بولمىدى.بۇ جەرياندا مەن يالغۇزلۇقنىڭ،ئازاپنىڭ تەمىنى خېلى تارتتىم.‹نېمىشقىمۇ  دەپ سالغاندىمەن،ھېچ بولمىسا دوستلۇقىمىز ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ مەيلى ئىدىغۇ› دەپ ئۆزەمنى بىر قانچە قېتىم ئەيىپلىدىم.ئازاپلارنى دىلىمغا دەپنە قىلىپ، ئۆگىنىشىمنى قىلىپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم. .ئۇنى رەنجىتىپ قويۇپ دەل بىر ئاي توشقان كۈنى توساتتىن ئۇنىڭ بىر پارچە خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.بۇ مەن ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز خۇشاللىق بولدى.خېتىدە ئۇ مۇنداق دىگەن ئىدى:«رىئاللىققا يۈزلىنىش كېرەك ئىكەن،مەن ھازىرقى بۇ ھالەتكە بەرداشلىق بېرەلمىدىم،مەن سىزنى يۇقۇتۇپ قويغاندىن كېيىن بەكمۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلدىم.كۈنلىرىم ھەقىقەتەنمۇ مەنىسىزلىك،زېرىكىش،تىت-تىتلىق ئىچىدە ئۆتتى. سىزنىڭ باشقا قىزلار بىلەن تىك-تاك توپ،پەي توپ ئويناۋاتقانلىقىڭىزنى يىراقتىن كۆرۈپ يۈرۈكۈم ئېچىشتى...» شۇ ۋاقىتتا ئۇ خەتنى كۆرىۋاتقىنىمدا بىر تەرەپتىن خۇشال بولسام يەنە بىر تەرەپتىن ئاچچىقىم كەلدى.خۇشال بولغىنىم: ئۇمۇ ئەسلى مېنى ياخشى كۆرىدىكەن ئەمەسمۇ!....ئاچچىقىم كەلگىنى: ئارلىقتا ئۇ نېمىشقا ئۆزىنى ئالداپ مېنى بوزەك قىلىدۇ؟ باشقىلار ئالدىدا ماڭا قەستەن گەپ قىلماي نېمىشقا مېنىڭ يۈزۈمنى قىزارتىدۇ؟
بىراق مەن بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويسام بولمايتتى.مەن ئۇنىڭغا بۇندىن كېيىن بىر- بىرىمىزنى قايتا يوقۇتۇپ قويماسلىقىمىزنى ئېيتىپ دەرھال  جاۋاپ خەت يازدىم.شۇندىن كېيىن، ئىككىمىز مەڭگۈ ئۆزئارا ياخشى كۆرۈشۈپ بىرگە ئۆتۈشكە بەل باغلىدۇق.ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا دېيىشمەيدىغان گەپمۇ قالمىدى.ئىككىمىز بىرلىكتە بازار ئارلىغانلاردا،يولدا كېتىپ بارغانلاردا قىزىقارلىق سۆزلەر بىلەن چاقچاقلارنى قىلىشىپ، كۈلۈشۈپ شۇنداق بىمالال،ئەركىن ئىدۇق.دەرسلەرگە ئەستايدىل مۇئامىلە قىلاتتۇق.بىللە ئۆگىنىش قىلىشلىرىمىز باشقىلارنى مەپتۇن قىلاتتى. بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەتلەپ ياخشى ئۆتەتتۇق...
              ئوقۇش پۈتتۈرىدىغاندا ئۇمۇ، مەنمۇ يۇرتلىرىمىزغا قايتىدىغان بولدۇق.ئۇ مەندىن بۇرۇن ماڭىدىغان بولدى،مەن ئۇنى ئۇزۇتۇپ بېكەتكە چىققاندا ئىككىلىمىز ياش تۆكمىدۇق،چۈنكى ئىككىلىمىز بىر-بىرىمىزگە ئىشىنەتتۇق، كەلگۈسىدىن زور ئۆمىدىمىز بار ئىدى.بىكەتتە ماشىنا مېڭىش ۋاقىتى توشقىچە ساقلاپ تۇراتتۇق. بىردىنلا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، ئاسمان ياش تۆكتى.بىز يامغۇرلۇۇق كۈننى ياخشى كۆرەتتۇق. شۇڭا ھاياجانلانغىنىمىزدىن قاتتىق يېغىۋاتقان يامغۇردا قول تۇتۇشۇپ پاراڭلاشقاچ بېكەت ئىچىدە بىر ئايلىنىپ چىقتۇق.ئۈستىبېشىمىز ھۆل قايتىپ كەلگىنىمىزدە بىكەتتە تۇرغانلار بىزنىڭ بۇ غەلىتە قىلىقىمىزغا ھەيران بولۇشقان ئىدى. ماشىنىغا چىققاندا ماشنىدا ئادەم يوق دىيەرلىك بولۇپ ئەڭ ئالدىدا پەقەتلا ئۈچ ئادەم ئولتۇراتتى.بىز ماشنىنىڭ ئارقىغا باردۇق، مەن ئورۇندۇق ئارقىغا مۆكۈپ تۇرۇپ ئۇنى يېنىككىنە بىرنى سۈيۈپ قويۇپ ماشنىدىن چۈشۈپ كەتتىم.شۇنداق قىلىپ بىز ۋاقتىنچە ئايرىلىشقان بولدۇق.
            ئوقۇش پۈتتۈرۈپ دەل 6 ئاي بولغان كۈنى  ئىدارەمدە ئۇنىڭ بىر پارچە خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.خەتتە ئايرىلىپ كېتىش تەلىۋى ئوتتۇرغا قويۇلغان ئىدى.مەن خەتنى ئوقۇپ بولۇپ، كېچىچە ئۇخلىيالماي،ئەتىسى ئەتتىگەندىلا يولغا چىقىپ، ئىككىنچى كۈنى ئۇنىڭ يۇرتىغا (خىزمەت ئورنىغا ) بېرىپ بولدۇم(ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شۇ يىلى ھەر ئىككىلىمىز خىزمەتكە ئورۇنلىىشىپ بولغان ئىدۇق).ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك خۇشچىراي، مۇلايىم ئىدى.ماڭا بولغان مۇئامىلىسىدە ھېچقانداق غەيرىلىك يوق ئىدى.

           كەچلىكى مېنى بىر رېستۇرانغا باشلىدى.بىرەر قۇر تاماق يىيىشكەندىن كېيىن،مۇزىكىلار قويۇلۇشقا باشلىدى.تۆمۈرخان روزىنىڭ «سوغات» ناملىق ناخشىسى باشلاندى:

ماڭا بەرگەن سوغۇتۇڭ،زەھەر ئىكەن بىلمەپتىمەن،
كۆڭلۈم مېنىڭ ئاقكەن ئەجەپ،تاشلاپ كېتەر دېمەپتىمەن.
...
بۇ ناخشا تۈگىگەندىن كېيىن  لەرزان تانسا مۇزىكىسى باشلاندى.مەن ئۇنى تانسا ئويناشقا تەكلىپ قىلدىم.
تانسا ئوينىغاچ مەن ئۇنىڭدىن: « بۇ قېتىمقى ماڭا ئەۋەتكەن خېتىڭىزدىكى ئايرىلىپ كېتىش تەكلىپىڭىز چاقچاق ئەمەستۇر؟» دەپ سورىدىم. سورىدىم-يۇ قۇلىقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم،يۈرەك سوقۇشۇم قالايمىقانلىشىپ،باشلىرىم قېيىپ، چىڭقىلىپ ئاغرىشقا باشلىدى،يىقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدىم.مەن دەرھال ئېسىمنى يىغىۋالدىم.ئۇ «چاقچاق ئەمەس،راس» دەپ جاۋاپ بېرىپلا  ئاغزىنى ئۆمچەيتكىنىچە ئاستا يەرگە قارىۋالغان ئىدى.مەن ئۇنىڭغا :
ــ مەن سىزنىڭ كۆزىڭىزگە ئوبدانراق قاراپ باقاي،مەن شۇندىلا بۇ ئايرىلىش تەكلىۋىنىڭ چىن يۈركىڭىزدىن  چىققانلىقىنى ياكى ئاپىڭىزنىڭ گېپىنى يىرماسلىق ئۈچۈن ئامالسىز دىيىلگەنلىكىنى بىلەلەيمەن، دېدىم.
ئۇ ماڭا  تەستە تىكىلىپ قارىدى، بۇ ۋاقىتتىكى ئازاپلىق تىكىلىشلەرنى قايتا ئەسلىگىم يوق...ئۇ كۆزلىرى ئارقىلىق «مەن ئامالسىزمەن» دەۋاتاتتى.مەن باشقا ئارتۇق گەپ قىلمىدىم.ئۇ شۇنداق قارار قىلغان بولسا مەن يەنە نىمە دەيمەن؟ ۋاقىراپ-جاقىرىغاننىڭ ياكى تاپا-تەنە قىلغاننىڭ نىمە ئەھمىيتى بولسۇن...
           ئۇ كۈنى مەن رېستۇراندىن يېنىپ مەلۇم بىر خىزمەتدىشىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدىم.ئەتىسى ئەتىگەندىلا  قايتىپ كەتمەكچى بولدۇم.ئۇ ئاپىسى مەن ئۈچۈن مەخسۇس پىشۇرۇپ بەرگەن تۇخۇملارنى ئېلىپ(ئۆزى شۇنداق دىگەن ئىدى) مېنى ئۇزاتقىلى بېكەتكە كېلىپتۇ.مەن ئۇنىڭ مۇھەببەت تولغان، ياش ئەگىپ تۇرغان كۆزلىرىگە،ماڭا قانماي-قانماي قاراشلىرىغا قاراپ ھەممىنى چۈشەندىم.ئاچچىقىمنى،ئازاپلىرىمنى،كۆزۈمدىن چىقماقچى بولغان ياشلىرىمنى ئىچىمگە يۇتتۇم.ماشىنا قوزغىلىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا: «كەلگۈسىدىكى يىگىتىڭىزنىڭ چوقۇم مەندىن ياخشى بولىشىنى،كۈنلىرىڭىزنىڭ ماڭا قارىغاندا خۇشال-خورام ئۆتىشىنى تىلەيمەن.ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسىراڭ» دېدىم-دە،ئازاپلىرىمنى بىلىندۈرمەسلىك ئۈچۈن ئىتتىكلا ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرىۋالدىم...
           ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 4 يىل داۋام قىلغان بۇ ھىكايە مانا مۇشۇنداق ئاخىرلاشتى.مەن پەقەتلا: «مەن بۇرۇن بىرىنى ياخشى كۆرگەن،ماڭا زىيانكەشلىك قىلغان بىرىنى ياخشى كۆرگەن » دىيەلەيمەن. ئازاپلىرىمنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈنلا ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن.ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنىڭ مەن ئۈچۈنلا ئىكەنلىكىگە ھەم ئىشەنمەيمەن.تۇرمۇش بەلكىم مۇشۇنداق بولسا كېرەك.رىئاللىققا يۈزلىنىش مۇشۇنداق ئاچچىق بولسا كېرەك. مەن قانچە قېتىم ئادەم يوق كېچىلەردە، يالغۇز قالغان چاغلىرىمدا، يالغۇزلۇق ھېس قىلغان چاغلىرىمدا، يۈرۈكۈمنى بىر خىل چوڭقۇر سېغىنىش ، ئۆمىد قاپلىدى.كېچىچە كىرپىك قاقماي چىقتىم.لېكىن ئەمدى بۇنداق قىلغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟ مەن بۇ تىراگېدىيەلىك ئاقىۋەتنى قوبۇل قىلىشىم كېرەك. ماڭا ۋاقىت كېرەك،ۋاقىت ھەممىنى ھەل قىلىدۇ. مەن شۇنداق قارار قىلدىمكى، ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتىش كېرەك.ئۇنتۇپ كېتىش ئەڭ ياخشى چارىدۇر.ئەسلى مەن ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان  بۇنداق رىئاللىق ئالدىدا باش ئېگىپ قالماسلىقىم كېرەك ئىدى.لېكىن ئاللاھ تائالا مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن بۇنىڭغا نېمە ئامال؟...ياق، سەۋەپنى يەنىلا ئۆزەمدىن ئىزدىگىنىم تۈزۈك.بۇ پەقەت ئۆزەم ،جۈملىدىن ئۆزىمىز كەلتۈرۈپ چىقارغان سۆيگۈ پاجىئەسى ــ ئۆمۈرلۈك ئازاپتۇر خالاس.»

1998-يىلى 2-ئايدا خەنزۇچە يېزىلىپ،2008-يىل 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىندى.
مەنبە :  ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان دوستۇمنىڭ خەنزۇچەقوليازمىسى ھەم ئەسلىمىسى
___________________
بۇنداق پاجىئەلەر ئالى مەكتەپلەردە ئوقىغان خېلى كۆپ  ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېشىدىن ئۆتىشى مۇمكىن،ئاخىرى چىقمايدىغان بۇنداق ئىشلاردىن ساقلىنىپ،ئوقۇشنى ياخشى ئوقۇشنىڭ تولىمۇ ئاقىلانىلىق ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىش،ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن مۇھەببەت قاينىمىغا كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشنى تەشەببۇس قىلىش مەقسىتىدە،  دوستۇمنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن بۇ تېمىنى  يوللاپ قويدۇم.
ھەقىقىي مىسۋاك
شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ،يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
قوليازمىلىرىمنى رۇخسىتىمسىز ئىشلەتمەڭ!!!
مېنىڭ تېمىلىرىمنى  Ark-zat.Xabnam.com   دىن كۆرۈڭ.
| ۋاقتى : 2008-10-24 01:20 [باش يازما]
korkamyurtum

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 52106
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 149
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە149دانە
شۆھرەت: 150 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1431 سوم
تۆھپە: 4 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :172(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-06-23
ئاخىرقى :2008-10-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ياخشى قىپسىز !  سىزنىڭ شۇ ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان دوستىڭىزغىمۇ كۆپ رەھمەت !
تەشەككۈرلەر .....................................
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
دۇنيادىكى ھەممە مۇھەببەت ئاننىڭ قەلبىدە !
| ۋاقتى : 2008-10-24 01:47 1 -قەۋەت
abdusalam6

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 13627
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 121
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە121دانە
شۆھرەت: 122 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 600 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :227(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-03-28
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ھەنىم بولسا مەن بىرە قىز بالا بىلەن ئارلاشمامتىكەنمەن بولمىسا مەنمۇ شۇنداق بولۇپ قالدىكەن مەن!
ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-10-24 02:43 2 -قەۋەت
SaWDAAXIK

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 36746
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 51
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە51دانە
شۆھرەت: 52 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 510 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :33(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-27
ئاخىرقى :2008-10-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مىنڭچە ھەممىسى  بىكار گەپ ،  ئىشقىلىپ  مەن ئىشەنمەيمەن.
ھەقىقىي مىسۋاك
ھايات مۇقەددەس.
| ۋاقتى : 2008-10-24 05:16 3 -قەۋەت
fayiza124

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 56332
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 107
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە107دانە
شۆھرەت: 108 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1070 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :84(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-08-05
ئاخىرقى :2008-10-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  بىز ئوقۇۋاتقاندىمۇ ئاشۇنداقلار بار ئىدى . باشتا يۇرت ئاتلاپ مۇھەببەتلىشىدۇ ، كىيىن ئايرىلىشىدۇ . ھەتتا تېخى ھەرخىل پاجىئەلەرمۇ چىققان . باشتا بىر مەكتەپتە ئوقۇغان بىلەن  كىيىن يۇرتلىرىغا كىتىشنى قەتئى ئويلاشمايدۇ ، ئاخىرىدا شۇ ھىجران ئازابىنى تارتىدۇ شۇ !
ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-10-24 06:52 4 -قەۋەت
haloy8488

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 14399
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 138
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە138دانە
شۆھرەت: 139 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1380 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :142(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-04-13
ئاخىرقى :2008-10-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ بۇنداق ئىشلار بولغان ،باشتابىللە ياشاپ ،تەڭ ئىچىپ تەڭ يەپ ،تەڭ ئويناپ .ئايرىلىپ قالسا ئۇلۇپ قالدىغاندەك بۇلۇپ ،كىيىن ئايرىلىش ھىجرانلىرىدا كوز يېشى قىلىپ كەتكەنلەر كوپ .شۇ ساۋاقداشلىرىمغا تېلفۇن ئۇرۇپ سورىسام :- نىمە دەيسەن ئۇۋاقىتتىكى ئىشلار نىمىتى ،كىمۇ ئۇ مەن ئۇنى تۇنىمايمەن ھازىر بىر چىرايلىق خۇتۇنۇم بار ،بالام بار دىگەنلەر بار .مەن ھەيراندا قالغان ،ئوزۋاقتىدا شۇ قىزلار شۇ بالىنى دەپ ،ئىمتىھاندىن ئۇتەلمەي ،بىر يىل كىچىكىپ ئوقۇغان ئىدى ،ئاتا -ئانىسىنى ئالداپ كەسىپ ئالماشتۇرمەن دەپ يالغان يىغلاپ .ئەمدىچۇ ؟ ئەرزەمدۇ ؟  ھەقىقەتەن ئالى مەكتەپتىكى مۇھەببەت تۇلىمۇ شېرىن ھەم تاتلىق بۇلىدۇ .يۇقۇرقىدەك تەلىملەرگە ئىبىرەت ئېلىشىمىز كېرەك .ئوزىمىزنى تۇتىۋىلىپ باشقا چىقىدىغان تاتلىق شېرىن مۇھەببەتنىڭ بىرنىلا  بىر چىقىچە ھايا بىلەن سىناش باسقۇچىدا تاللاش كېرەك ،بولمىسا ئالدىرماي خىزمەتكە چىققاندا تاللىساقمۇ ئۇلگىرەلەيمىز ،باشقىلارنى دورىمايلى !!! يەنىلا سىز باشقىلارغا ئوزگىرەپ قالمايسىز !باشقىلار ئالىي مەكتەپتە بىللە يۇرسە مەنمۇ قىلىپ باقايچۇ دەپ ئۇيۇنغا ئالماشتۇرۋالمايلى !!قىزلار ئوغۇللارنى ،ئوغۇللار قىزلارنى ئالدىمايلى !
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
My Documents\hayratning
| ۋاقتى : 2008-10-24 09:49 5 -قەۋەت
guzalnurl

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 59688
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 84
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە84دانە
شۆھرەت: 85 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 820 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :28(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-09-19
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  بىز ئوقۇۋاتقاندىمۇ ئاشۇنداقلار بار ئىدى . باشتا يۇرت ئاتلاپ مۇھەببەتلىشىدۇ ، كىيىن ئايرىلىشىدۇ . ھەتتا تېخى ھەرخىل پاجىئەلەرمۇ چىققان . باشتا بىر مەكتەپتە ئوقۇغان بىلەن  كىيىن يۇرتلىرىغا كىتىشنى قەتئى ئويلاشمايدۇ ، ئاخىرىدا شۇ ھىجران ئازابىنى تارتىدۇ شۇ !    
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
| ۋاقتى : 2008-10-24 10:26 6 -قەۋەت
Zulayha

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 31191
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 19
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە19دانە
شۆھرەت: 20 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 190 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :121(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-30
ئاخىرقى :2008-10-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

شۇڭا مەن ئالى مەكتەپتە مۇھەببەتلەشمىگەن ...
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
| ۋاقتى : 2008-10-24 10:38 7 -قەۋەت
geni

دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 21679
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 674
ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە674دانە
شۆھرەت: 680 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 6740 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :579(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-09-07
ئاخىرقى :2008-10-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

«مەن قانچە قېتىم ئادەم يوق كېچىلەردە، يالغۇز قالغان چاغلىرىمدا، يالغۇزلۇق ھېس قىلغان چاغلىرىمدا، يۈرۈكۈمنى بىر خىل چوڭقۇر سېغىنىش ، ئۆمىد قاپلىدى.كېچىچە كىرپىك قاقماي چىقتىم.»

مەنمۇ شۇنداق بولغان .
ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-10-24 10:59 8 -قەۋەت
mujait

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 18803
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 187
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە187دانە
شۆھرەت: 188 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1860 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :234(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-07-10
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

تەربىيىۋى ئەھمىيىتى  زوركەن.
ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-10-24 11:57 9 -قەۋەت
umak520

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 33182
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 89
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە89دانە
شۆھرەت: 90 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 790 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :13(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-02-19
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئا لىيى مەكتەپلەردە مۇشۇنداق ئىشلار كۇپ يۇز بىرەمدا؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟مەن ئالىيى مەكتەپ ھاياتىنى بىلمەيمەن!!!!!!!!!!!!شۇڭا؟!!!!!!!!!!ماڭا پىكىر يازماڭلار ھە!!!!!          
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
مەن مەڭگۇ مەن.
| ۋاقتى : 2008-10-24 12:27 10 -قەۋەت
818sabda

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 49201
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 544
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە544دانە
شۆھرەت: 575 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 5429 سوم
تۆھپە: 50 نۇمۇر
ياخشى باھا: 43 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :566(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-06-17
ئاخىرقى :2008-10-26

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەنمۇ ئالى مەكتەپنىڭ «ئايرىلىش،يامان ئايرىلىش،ھەر بىر دەتتىن يامان،يامان ئايرىلىش»دەپ ناخشا ئېيتىدىغان  مەنزىرلىرىنى كورگەن
[ يوللىغان818sabdaتەرىپىدىن2008-10-24 13:39قايتا تەھ ]
ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-10-24 13:20 11 -قەۋەت
gulruk

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 61742
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە16دانە
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 160 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :21(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-10-15
ئاخىرقى :2008-10-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ھەقىقەتەن تەربىيۋى ئەھمىيىتى بار ھىكايىكەن، بولسا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان سىتىيودىتىلار بۇ ھىكايىنى ئوقۇپ ئىبارەت ئالسا بولغۇدەك. تېمىڭىزغا كۆپ رەخمەت.
ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-10-24 13:29 12 -قەۋەت
mazargojam

ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 57414
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 152
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە152دانە
شۆھرەت: 162 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1520 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :226(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-08-14
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ خىل تىراگىدىيە بۇرۇندىن ئالىي،ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەكتەپلىرىدە ئۆزلۈكسىز يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان رىئاللىق. شۇڭا ئۇ مەكتەپلەرگە بارغان ئوقۇغۇچىلار دوستانە ھالدا ئىلىم-پەنگە مۇھەببەت باغلاپ ئوقۇغىنى ئەڭ ئاقىلانىلىك.
    <<ئەرك-زات>>ئەپەندىمنىڭ ئەھمىيەتلىك تېمىسىغا كۆپ رەھمەت.
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
| ۋاقتى : 2008-10-24 14:04 13 -قەۋەت
atlan699

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 62251
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 38
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە38دانە
شۆھرەت: 39 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 380 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :28(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-10-21
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

hayr hox muhab bat               
ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-10-24 14:49 14 -قەۋەت
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )



Time now is:10-26 03:45, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation

互联网电子公告(BBS)服务资质