گىرمانىيە باش مېنىستىرى مىركىل فرانسىيە ئەلباشى ساركوزى تەرىپىدىن مەجبۇرىي سۆيۈۋىلىشقا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن فرانسىيىگە دىپلوماتىك ئىتىراز بىلدۈردى
يېقىندا فرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋرۇپا تۆت دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا ، گىرمانىيە باش مېنىستىرى مىركىل ئۆزىنىڭ فرانسىيە ئەلباشى (زۇڭتۇڭى) ساركوزىنىڭ «لاتىنچە» كۆرۈشۈش شەكلىنى قوبۇل قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈردى .
شىۋىتسارىيە «سەھەر گېزىتى» دە دىيىلىشىچە ، گىرمانىيە باش مېنىستىرى مىركىل شۇ قېتىملىق يىغىندا فرانسىيە ئەلباشى (زۇڭتۇڭى) ساركوزىنىڭ ئالاھىدە قىزغىنلىقىدىن نىمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان . مىركىلنىڭ ئىيتىشىچە : ئۇ ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدا ساركوزىنىڭ «چاپلىشىپ» تۇرۇپ قارشى ئالغانلىقى ھەم قولىنى مۈرىسىگە قويۇپ ، سۆيۈشىدىن ئوڭايسىزلانغان .
ساركوزىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدە قىزغىنلىقى ھەركىتى ئۈچۈن مىركىل فرانسىيە ئەلچىخانىسى ئارقىلىق ئىتىراز بىلدۈرگەن . سۈرەتتە : مىركىل ئوڭايسىزلىنىپ قايسى تەرەپكە قاراشنى بىلەلمەي قالدى .
http://news.sina.com.cn/w/2008-10-23/121516510586.shtml