| ||||||
atom دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قىزلارنى ئالي مەكتەپتە ئوقۇتۇشنىڭ زۆرۈرلىكى توغرىسىدا؟ئەسلى بۇ مۇنبەردە بۇنداق تېمىنى يەنە يوللىماي دىگەن، «كۆنەك يامان» دەپ نەچچە كۈنگىچە مۇشۇنداق تېمىلارنى كۆرىۋىرىپ ما «خۇمار» تۇتۇپ قالدى دىسە!
خوش گەپكە كەلسەك، مەسلە قىزلارنى ئوقۇتامدۇق ياكى ئوقۇتمامدۇق؟ نىمە ئۈچۈن ئوقۇتىمىز؟ قانداق ئوقۇتىمىز؟ مىنى ئانچە مۇنچە بىلىپمۇ قالغانسىلەر، پېقىر كۆز قاراشلا ئەمەس ئەمىلي مىساللار بىلەن سۆزلەشكە ئامراق. تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىڭ. 1. خوش يىگىت، ھەممىمىز قىزلارنى ئوقۇتمايلى دەپ پەرەز قىلايلى، ئەگەر ئايالىڭىزنىڭ ئاياللار كىسىلى بولۇپ قالسا، (سەت گەپ قىپ قالدىم كەچۈرۈڭلار، ئىلىم ئەمەسمۇ!)، سىز ئاشۇ ئايالىڭىزنى بىر ئەر دوختۇرغا كۆرسىتىشكە غورورىڭىز كۆتۈرەمدۇ؟ ئايال دوختۇر بولمىسا ...... 2.مەن ئەركەك تۈكى بار، ئايالىمنىڭ مۇئاشى بولمىسىمۇ مەن باقالايمەن دەيسىز. ئەركەك تۈكى بار يىگىتلىرىمىز ئاز ئەمەس ئەكەك، لىكىن سىز ئايالىڭىز بىلەن تەڭ ئۆمۈر كۆرەلەيدىغىنىڭىزنى بىلىدىغان ئەۋلىيا ئەمەسسىز؟ « بالا -قازا كۆرۈنۈپ كەلمەس» دەيدۇ كونىلار. ئەگەر سىز بىرەر قاتناش ۋەقەسىدە، ياكى باشقا ۋەقەلەردە بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشسىڭىز، سىز ئۆيدە ئولتۇرغۇزۇپ ھېچنىمە ئۆگەتمىگەن ئايالىڭىز ۋە باللىرىڭىز كىيىنكى تۇرمۇشىنى قانداق قامدايدۇ؟ خۇدايىم ئۇلارغا ئاسماندىن يېمەك-ئىچمەك، كېيىم- كىچەك تاشلاپ بەرمەس؟ سىزدىن كىيىن قالغان ئايالىڭىز، يېتىم قالغان بالىڭىزنىڭ كىيىنكى تۇرمۇشى..... 3.سىز كىنولارنى كۆرۈپ تۇرىسىز، ئوغرى، قاراقچى......دىگەندەكلەر چىقىدۇ دەيلى،سىز كېنولاردىكى يۇقىرى تېخنىكىلارنى قوللىنىپ جاسۇسلۇق قىلىدىغان ياكى « تۇرمىدىن قېچىش» تىكىدەك نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىدىغان بەزى جىنايەتچىلەرنى ياقتۇرسىزغۇ؟ ئۇلارغا قول قويىسىزغۇ؟ ئۇنداقتا سىز گۇاڭجۇ، شاڭخەيلەردىكىدەك ئوغىرلىقتىن باشقىنى، ھەتتا ئېلىپنىڭ سۇنۇقىنىمۇ بىلمەيدىغان «بازارچىلار»، «كۇلىچىلار» نىمۇ ياخشى كۆرەمسىز؟ «نادان دوستىن ئەقىللىق دۈشمەن ئەلا» دىگەن گەپنىڭ مەنىسى نىمە؟ 4.قىزىڭىز ئوقۇمىسا، قانۇن بىلىملەردىن خەۋەردار بولمىسا، ئۆزىنىڭ قانداق ھوقوقى، قانداق مەجبۇرىيەتلىرى بارلىقىنى بىلمىسە مەيلىمۇ؟ تۈرمىگە بىرىپ بىقىڭ، تۈرمىدىكىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئالي مەكتەپتە ئوقۇمىغانلاردۇ؟ 5.مەكتەپلەردە ساپ ماتېماتىكا، سىياسەت...دىگەندەك ئاقماس نەرسىلەرنى ئۆتىدىكەن، ئەخلاق تەربىيە ئۆتمەيدىكەن دەيسىز، ئەمسە بىر ئوقۇتقۇچى ھەممە ئوقۇغۇچىغا «ئىپپىتىڭىزنى ساقلاڭ» دىسۇنمۇ؟ بىر ئەر ئوقۇتقۇچى قىز ئوقوغۇچىسىغا جىنسىيەت تەربىيسى توغرىسىدا سۆزلىسە بىئەپ بولماسمۇ؟ سىزچە سىز بالىڭىزنى مەكتەپتە ئوقۇتسىڭىز، ئوقۇتقۇچى ھەممە تەرەپتىن تەربىيلەپ ياراملىق قىلىپ قويسا، سىز ئۆيدە بىخارامان ئولتۇرسىڭىز......... نەدە ئۇنداق ئىش بار ئەركەك؟ بالىڭىزنى سىزمۇ تەربىيلىمەمسىز؟ ئەجىبا، بالىڭىزغا ئەخلاق تەربىسىنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇتقۇچىلا ئۆگىتىدىكەندە؟ ئۇنداقتا بالىڭىزنى ئوقۇتقۇچىغىلا بىرىۋىتىپ ئۆزىڭىز مۈشۈك بېقىڭ. بالىڭىز ئۆزىنى تەربىيلەپ ھەقىقي ئادەم قىلغۇچىغا تەۋە بولسۇن. سىياسەت ئۆتسە پايدىسى يوق دىدىڭىزما؟ «ماۋ ئىددىيسى»، «دىڭ نەزەرىيسى» دىگەندەك سىياسي پەنلەر بىر دۆلەتنىڭ ئازاد قىلغۇچىسى، تەرەققي قىلدۇرغۇچىسىنىڭ نەزەرىيسى تۇرسا، ماھىيەتلىك نەرسە تۇرسا ئۇنى قانداقمۇ پايدىسى يوق دەيدىغانسىز؟ 6. ھەمىشە ئاغزىڭىزدىن :« ئاياللار مىللەتنىڭ ئانىسى» دىگەن گەپ چۈشمەيدۇ. مەن بۇ گەپنى خاتا دەيمەن. نىمە «نېمىشقا» دەمسىز؟ چۈنكى مەن ئەزەلدىن «ياخشى ئاياللار ئاندىن مىللەتنىڭ ئانىسى» دەپ كەلگەن، شۇڭا خاتا دەيمەن، بۇ مىنىڭلا كۆز قارىشىم خالاس، سىزگە تېڭىش نىيىتىم يوقلىقىنى بىلىسىز. ئۇنداقتا ياخشى ئايالنى سىز ئۆيدە ئولتۇرغۇزۇپلا تەربىيلىۋىتىدىكەنسىزدە؟ ئەگەر شۇنداق قابىليىتىڭىز بولسا كۇرس ئېچىڭ، باي بولۇپ كەتكۈدەكسىز. 7. ھەمىشە ئاغزىڭىزدىن:« بىزنىڭ قۇتادغۇبىلىك دىگەن بۈيۈك ئەسىرىمىز بار، ئۇنىڭدا بىلىملىك بول دەپ نۇرغۇن گەپلەر دىيىلگەن» دەيسىز، ئۇنداقتا يۈسۈپ بوۋىمىز «بىلىملىك بول» دىگەن گەپنى ئەرلەرگىلا دەپتۇدە؟ ئەگەر ھەئە دىسىڭىز، ئۇنداقتا قەلىمى شەمشەردەك باللار قۇتادغۇبىلىكنىڭ ئايالچە نۇسخىسىنىمۇ يىزىپ قويسۇن. 8. سىز دائىم:« ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى» دەيسىز؟ ئۇنداقتا مەكتەپتە ئوقۇمىغان قىز بىلەن مەكتەپتە ئوقۇغان قىزنى سۈرۈشتۈرۈڭ، قايسىسى جىق سۆز بىلىدىكەن؟ ئەگەر سىز ئوقۇمىغان ئادەم بولسىڭىز، ئوقۇغان ئادەملەر دىيىشۋاتقان بەزى گەپلەرنى چۈشىنەلمەيسىزغۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا قانچە سۆز ئىشلىتىسىز؟ «نەگە ماڭدىڭ؟ گۆش ئۆسۈپ كىتىپتۇ، لەغمىنىڭ تۇزسىز.....» دىگەندەك 2000-3000 ئەتراپىدا سۆز ئىشلىتىسىز؟ مەكتەپتىچۇ؟ خىزمەتتىچۇ؟ «ئانا تىلىمىز»نى ئەرلەرلا ئۈگۈنۈپ، مۆرى كەلسە ئەرلەر تەرەققي قىلدۇرۋاتىمىز دەپ «دادا تىلى» دەپ ئۆزگەرتەمدۇق يا؟ ئاشۇ 2000-3000 غىچە سۆز بىلىدىغان ئايال بالىسىغا ئانا تىلىنى قانچىلىك ئۆگىتەر؟ نىمە « ھازىر قوش تىللىق قىلىۋەتكەن تۇرسا» دەمسىز؟ خاتىرجەم بولۇڭ، بىز مەلۇم خىل مائارىم ئۇسۇلىنى ئۇزۇن مەزگىل قوللىنىپ باققان مىللەت ئەمەس. ياخشى بولسا تاللايمىز، يامان بولسا شاللايمىز شۇ. قوش تىل بولۇش شەرەپلىك، تىلنىڭ مۇسۇلمانچىسى يەنە بىرنىمىچىسى يوق، ئۇ بىر قورال، ئۈگەنگەننىڭ زىيىنى يوق.بالىڭىزنىڭ ئانا تىلنى بەكرەك پىششىقلاپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئانا تىلىنى بىلىدىغان بىر تەربىيلىگۈچى ئانا لازىمغۇ دەيمەن! سۆزلىسە گەپ جىق بوپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ، ئۇنداقتا يۇقىرىدىكى « ئوقۇتامدۇق ياكى ئوقۇتمامدۇق؟ نىمە ئۈچۈن ئوقۇتىمىز؟ قانداق ئوقۇتىمىز؟» دىگەن سۇئالنىڭ جاپابىنى ئازراق ھىس قىلدىڭىزمۇ؟ ھىس قىلالمىغان بولسىڭىز ئۇنداقتا يا مەن ياخشى يازالمىدىم، يا سىز تەپەككۇرى ئاجىز ئىنسان. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ مەسلىلەرنى تەھلىل قىلغاندا ھەممە تەرەپتىن ئەتراپلىق ئويلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ھەممە ئىشنىڭ بىرلا تەرىپى بولمايدۇ. مىكروسوفىتمۇ «ساختا نۇسخىدىكىXP سېستىمىنى ئىشلەتكەنلەرنىڭ كەمپۈتەر ئېكرانىنى قارا ئېكران چىقىدىغان قىلىۋىتىمىز» دەپتىكەن، كەمىنە بۇلارنىڭ بىزگە كۆيىندىغانلىقىدىن خۇرسەن بولدۇم. نىمىشقا دەمسىز؟ چۈنكى ئېكران قارا بوپ كەتسە تېما،ئىنكاس يازىمەن دەپ كەمپۈتەرگە 2-3 سائەت قاراپ ئولتۇرماي،1 سائەتتە بىر كۆزۈمنى ئارام ئالدۇردىكەنمەن، شۇنىڭ بىلەن «ئەسلى نۇسقا» دىكى XP سېستىمامنى «ساختا نەشىر» گە ئالماشتۇرۋالدىم. مەن بۇ تېمىنى تالىشىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۆز قارىشىم بويىچە يازدىم، ئىسپاتسىز رەددىيە خۇددى تۇزى كەم تاماققا ئوخشايدۇ. بەزى بىر قىسىم بۇنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان، «يىرىم چىلەك» سۇلارنىڭ ئىنكاسىنى كۆرگۈم يوق. «يىرىم چىلەك» سۇ بەك شالاقشىپ كەتسە قۇرۇپ كىتىدۇ. ئۆزىنى ئايىسۇن. بىلمەيدىغاننى بىلىمەن دىيىش، خەلىقنىڭ پىكىرىگە قارشى چىىقىش نادانلىقنىڭ جۈملىسىدۇر!ئامان بولۇڭلار! ھۆرمەت بىلەن: ئاتومجان ___ باشقۇرغۇچى : Naikon.x تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-23
| ||||
---|---|---|---|---|---|
sabina88 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | `ئەلۋەتتە بۇرۇنقى رىقابەت ۋەتۇرمۇش بىسىمى يوق قۇساق تويسىلا بۇلىدىغان بۇرۇنقى زامانلار ئەمەس ئوقۇتمايدىغان ، چوقۇم ئۇقۇتۇش كېرەك .
ئوقۇتمايدىغانلار ئوقۇتمىسا مەيلى ،بۇمۇ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش يۇلى .<< شۇ بىچارە بوپ يۇرىيدۇ >> شەخسەمن مىنىڭچە بولغاندا ياخشى ئوقۇتۇپ ياخشى تەربىيلەپ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ساپاسى تۇۋەن مىللەت بوپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش كېرەك . | ||||
---|---|---|---|---|---|
naprat517 ئۇيغۇر ئوغلى | بۇرادەر.......بەزى يەرلىرىنى خىلى ئەتراپلىق تەھلىل قىپسىز !
تىما يوللىغىچمۇ خىلى كۈچ سەرىپ قىلغان ئوخشايسىز ........لىكىن سۆزلەپ كىلىپ ئاخىرىدا خەخكە ئازىراق نەشتىرڭىزنى سانجىۋاپسىز .....!! مۇنازىرە قىلغانكەنسىز ئاخىرىغىچە ئىلمىي قىلىڭ ! ئازىراق ئۈستۈنلىككە ئىرىشىۋىلىپ باشقىلارنى كۆزگە ئىلمىغاندەك گەپ قىلسىڭىز بولمايدۇ ....! «يىرىم چىلەك» سۇ بەك شالاقشىپ كەتسە قۇرۇپ كەتكەندەك : چۆگۈنمۇ بەك قايناپ كەتسە تىشىپ كىتىدۇ ! | ||||
---|---|---|---|---|---|
Turuknaz دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | نەق يىرىنى يىزىپسىز ،رەخمەت!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
homa تېپىلماسنىڭ خورمىسىمۇ يا؟ | ئورۇن ئىلىپ ساقلىۋالاي، بىردەمدىن كىيىن بۇ يەرگە تەپسىلىي ئىنكاس يازىمەن~~
كەچۈرۈڭلار، سەل ئالدىراش~~ شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بوپ قالدىم~~ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yesxax دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قىزلارنىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقىشى يامان ئىش ئەمەس ئوقىسا بولىلىدۇ . بىراق ھازىر ئالى مەكتەتەپ قىزلىرى نىمىنى ئوقىۋاتىدۇ ؟ ئىلىم پەن ئوقۇۋاتامدۇ ياكى ئاتالمش مۇھاببەتنىمۇ؟! بۇتەرەپنىمۇ ئويلىنىش كىرەك .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
AHSAKIZ دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قىزلارنىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقىشى يامان ئىش ئەمەس ئوقىسا بولىلىدۇ . بىراق ھازىر ئالى مەكتەتەپ قىزلىرى نىمىنى ئوقىۋاتىدۇ ؟ ئىلىم پەن ئوقۇۋاتامدۇ ياكى ئاتالمش مۇھاببەتنىمۇ؟! بۇتەرەپنىمۇ ئويلىنىش كىرەك .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
anjurguli | بىز ئۇيغۇر باللىرى
( مەمتىلى ئەپەندى شېئىرلىرى) بىز ئۇيغۇر باللىرى كۆڭلىمىز نۇرلۇق، بېسىپ ئۆتكەن ئۇزاق ھايات يولىمىز ئۇلۇق. كۆپ زامانلار سەرسان بولدۇق زالىم قولىدا، دەريا-دەريا قانلار تۆكتۇق ئەرك يولىدا. بىزگە گويا دوزاق بولدى بۇ ئانا ماكان، ئەسىر بولدۇق، تۇتقۇن بولدۇق ھالىمىز يامان. كۈرەش بىلەن ئۆتتى ئەسىر شانىمىز ئۇلۇق، بىزگە ئەمدى ياراشمايدۇ خارلىق ۋە قۇللۇق . **************************** بىز مۇئەللىم ! يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز، خەلقىمىزگە يۇپيۇرۇق نۇرلار چاچىمىز. تالاي يىللار زۇلمەتتە تىنەپ خار بولدۇق ، ئىلىم- ئىرپان يولىغا شۇنچە زار بولدۇق. خۇراپاتتا قالدۇرۇپ ئەزدى زالىملار، كۆزلىرىمىز قارىغۇ كۆپ ناچار بولدۇق. بىزنىڭ ماڭغان يولىمىز سائادەت يولى ، بىز يېڭىدىن ئېچىلغان ۋەتەننىڭ گۈلى. ئوقۇتىمىز ئەۋلاتنى يېڭى پەن بىلەن، پۇختا بولسۇن مەكتەپنىڭ بېسىلغان ھۇلى. ......................................... ئوقۇدى، ئاشتى ئوقۇدى ، ئاشتى باشقىلار بىزدىن ، ئەي قېرىنداشلار ، كۆرگەچكە ئۇلارنىڭ ئىجتىھاتىنى قاينار ۋىجدانلار. ھاۋادا لاچىندەك پەرۋاز قىلۇرلەر باشقا مىللەتلەر ، قالدۇق بىز ئۇلاردىن بەكمۇ ئارقىدا ئۇيىلا ئۈممەتلەر. ئۈگەتمەس بىزگە ھەق كالامنى بىلگەن ئالىملار ، ئەخلاقنى پۈچەك پۇلغا ساتقان بىزنىڭ زالىملار. رىشۋە بار يەرگە ئاچ قاشقىر كەبى دەمسىز چاپۇرلەر، بېشىدا سەللە ، قولىدا تەسۋى ھەقتىن قاچۇرلەر . ئويلاڭلار زاكات- ئىسقات كىملەرنىڭ ھەققى كىملەر ئالۇرلەر ، نى-نى جىنايەتلەر ھەيۋەت تون ئىچرە پىنھان يانۇرلەر . ******************************* | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tughrul تۇغرۇل _ بۈركۈت سەردارى ! | بىر قىزنى تەربىيلىگەنلىك مىلەتتنى تەربىيلىگەن بىلەن باراۋەر !!!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
mutaham دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ۋوي ۋوي مەن كەلدىم،،، بۇگۈن كىيىن قاپتىمەن ماۋۇ تىمىغا،،، ئورنۇمنى ساقلاپ تۇرۇپ تىمىنى تۇلۇق ئوقۇپ ئىنكاس يازاي ،،، ھە قاچان سىلەر BMW-760 بىلەن مىنى ساقلاۋاتىسىلەرغۇ،،،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
0991sumruh | ياخشى يېزىپسىز! مەن بەزىلەرنىڭ ئىنكاسىغا قارىتا قوشۇپ قوياي:
1.ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا پەن-مەدىنىيەت بىلىملىرىنى،كەسپى بىلىملەرنى ئۈگىتىدىغان جاي،ئەگەر بولمىغۇر ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەن بولسا، بۇ ئاشۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى،ئېتىقادىنىڭ مۇستەھكەم بولمىغانلىقىدىندۇر. 2.مىللىتىمىزنىڭ ھازىرقى «ھالىتى» دە قىزلارنى ئوقۇتمىساق تېخىمۇ بولمايدۇ،بولمىسا كەلگۈسىمىز ھازىرقىدىنمۇ بەتتەر بولىدۇ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
NURESLAM دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ھازىر قىز لار چۇ ئىلىم-پەننى ئەمەس مۇھەببەتلىشىشنى كىنوكۆرشنى باغچىلارنى ئايلىنىشنى دىسكۇ خانلارنىدا ئويناشنى چىرايلىق كىيىم-كىيىشنى چەتئەللىكتەك يالڭاچ يۈرىشنى ياتاققا كىرمەي ئويناشنى يەنە....يەن يەن يەنە شۇلارنى ئۈگۈندۇ.............
ئەسكەرتىش:بۇدىگىنىم بەزەن بىر قىزلارغا قارتىلغان توغرا چۈشنىڭلارھە | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kumbah دەرىجىسى :تېما چولپىنى | قىزلارنى ئوقۇتمىسا بولمايدۇ. ھەممىلا قىزنى بىر تاياقتا ھەيدىگلى بولمايدۇ.
تەن ئالماي تۇرالمايمىزكى ،ئالى بىلىم يۇرتلىردا ئوقۋاتقان قىز ئوغۇللارنىڭ بىرقىسمى ھەقىقەتەنمۇ ئىنسان قەلبىدىن چىققان ئىشلارنى قىلۋاتدۇ. ئوغۇللار ئاق چېكىپ تۈگشىۋاتقان ،قىزلار بولسا باي غوجاملارغا خىزمەت قىلۋاتقان. مۇشۇنداق ئىشلارنىمۇ يوق دىيەلمەيمىز .بۇنداق ئىشلار بىلەن شۇغۇنلانغۇچىلارنىڭ ئائىلى تەربىيسى ياخشىئەمەس ،ھەم ئوزنىڭ نىمە مەخسەتتە بۇئورۇنغا كەلگەنلىكنى ھەقىقى تونۇپ يەتمىگەنلەر .ئازبىرقىسمى بولسا باشقىلارنىڭ ئېزىقتۇرشىغا ئۇچرىغانلار، نىملا دىمەيلى يەنلا تىرشىپ ئوقۋاتقان ئەخلاقلىق ئوغۇل قىزلار يەنلا كۆپ. مۇشۇندا ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئائىلدىن باشلىشمىز كېرەك. پەرزەنتلەر كېلەچەكنىڭ ئىگىللىرى،ئۇلار ساپاسىز قالسا بولمايدۇ.چوقۇم ئوقتۇش كېرەك. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kuyhumar0998 | چوقۇم ئوقۇتۇش كېرەك ، ئائىلىۋى ئەخلاق تەربىيىسىنىمۇ بىللە ئېلىپ بېرىش كېرەك .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
BMW-760 | بۇ ئورۇننى مەن ئىلىپ قوياي.. كىچىكىپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ ~~~
| ||||
---|---|---|---|---|---|