
دۆلەت ئىچى ۋە سېرىتىدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە ئۇيغۇر روك ( ياۋگۈن ) مۇزىكىسىنىڭ باشلامچىسى كۆك بۆرە مۇزىكا ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ناخشا چولپىنى ئەسقەر مۇھەممەت (灰狼) نىڭ ئەڭ يېڭى شۇنداقلا تۇنجى DVD پىلاستىنكىسى 2008- يىلى 10 - ئاينىڭ 22- كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا جۈملىدىن دىيارىمىز شىنجاڭدا تارقىتىلىشقا باشلىدى . بۇ پىلاستىنكا ئەسقەر (灰狼)نىڭ 2006- يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن ناخشا كېچىلىكىنىڭ نەخ مەيدان خاتىرسى بولۇپ شۇ قېتىمقى كېچىلىك ئەينەن خاتىرلەنگەن . ناخشا چولپىنى ئەسقەر (灰狼) بۇ قېتىمقى پىلاستىنكىنىڭ تارقىتىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن شۇنداقلا كەڭ ناخشا مەستانىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەلىۋى بىلەن ئۈرۈمچىدە بىر مەيدان نەخ مەيدان ناخشا كىچىلىكى ئۆتكۈزمەكچى .
بۇ قېتىمقى ناخشا كېچىلىكى 2008- يىلى 10- ئاينىڭ 30 - كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 7 دە ئۈرۈمچى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيى يىنىدىكى 五角星音乐酒吧دا ئۆتكۈزۈلىدۇ . كېچىلىكنىڭ بىلەت باھاسى : 50 يۈەن بولۇپ (كېچىلىكتە ئەسقەرنىڭ يېڭى نەشىردىن چىققان DVD پىلاستىنكىسى ھەقسىز سوۋغا قىلىنىدۇ . ) بۇ قېتىمقى ئەسقەر (灰狼) ناخشا كىچىلىكىدە ئەسقەر كەڭ ناخشا مەستانىلىرى بىلەن نەخ مەيدان سۆھبىتى ئىلىپ بارىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىدۇ . كىچىلىككە قاتناشقانلار ئەسقەر (灰狼)نىڭ ئىمزاسى چۈشۈرۈلگەن ئەڭ يېڭى DVD پىلاستىنكىسىغا ئىرىشەلەيدۇ .
ئەسقەر (灰狼) نىڭ بۇ قېتىمقى DVD پىلاستىنكىسىنى ئۈرۈمچىدىكى « ئۇچارقۇش ئۈن - سىن مەركىزى » ۋە ئۈرۈمچى نەنمىن دې ۋېيلۇڭ ئۈن سىن مەركىزى قاتارلىق دۇككانلاردىن سېتىۋالالايسىز .
ئەسقەر (灰狼) نىڭ ناخشىلىرىنى ياختۇرىدىغان ھىرىسمەنلەرنىڭ ۋاقت يار بەرسە بۇ قېتىمقى كېچىلىككە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

ئەسقەر كۆك بۆرە مەخسۇس تور بىتى ...
http://www.askargreywolf.comبۇ قېتىمقى
ناخشا كېچىلىكى 2008- يىلى 10- ئاينىڭ 30 - كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 7 دە ئۈرۈمچى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيى يىنىدىكى 五角星音乐酒吧دا ئۆتكۈزۈلىدۇ . كېچىلىكنىڭ بىلەت باھاسى : 50 يۈەن
[ يوللىغان艾斯卡尔تەرىپىدىن2008-10-25 12:08قايتا تەھرىرل ]