| ||||||
saadat قار~لەيلىسى | بۇ ئادەمنى تۇنۇمسىز؟بۇ تىمىنى gul-sanam نادىرلىدى(2008-10-23)
«بەخىتىڭ نىمە؟»دەپ سورىسا بىرەرسى، قورساق تويسا ئارتۇق غېمىم يوق دەيمەن، -«ئازابىڭچۇ» دىسە ئەگەر يېنىشلاپ، كۈنۈم ئۆتتى شات بەختىيار_قۇت دەيمەن. قېرىندىشىم ئاھ شۇقەدەر بىچارە، بىرەر بۇردا نانغا تەشناھەسرەتتە، نەزەر سالسام رىستۇراندا قاتار چاي. خانىم -قىزلار ئويناپ كۈلەر پۈرسەتتە. يۈرەر سىڭلىم جان باقماقنىڭ غېمىدە، ئۆزگىلەرگە زورلاپقىنە جىلمىيىپ، شەرمىي-ھايا،ئىپپەت دىگەن نىمە ئۇ، چاقچاق قىلىپ تەقدىرىگە ئالدىنىپ. پور كۆتەكتەك ئاكام ياتسا قاۋاقتا، ئەۋرەزلەردە يۇندىلارغا چىلىنىپ، جىقراق ئىچىپ بىر يولىلا ھاراقنى، ئەل كۆزىدىن كەتسە يەرگە ئايلىنىپ. دادام تېپىپ تۆت تەڭگىنى ئۆزىچە قوغلانماقچى بولسا ئانام خارلىنىپ، نىمە كارىم دەيمەن كۈلۈپ ئۆزەمچە، كىمنى ئالساڭ ئانام دەيمەن شادلىنىپ. بالام يۈرسە ئاياق مايلاپ رەستىدە، ئۆتكەنلەرگە بويۇن قىسىپ،يىلىنىپ، قىزارماستىن قىلىپ ئاڭا نەسىھەت، -پۇل تاپ دەيمەن:مەكتەپ تۇرسۇن شاللىنىپ. ئارتۇق غېمىم يوقتۇر ئۇشبۇ جاھاندا، يۈرەلىسەم ئەل كۆزىچە غادىيىپ، تىرىشقاننى چۆلنى بوستان قىلىشقا، قۇل بۇلۇشچۈن دەيمەن قالغان يارىلىپ. جاپا چېكىپ يۈرگەن بىغەم دىھقاننى، كەچكۈز كەلسە قاپقىنىمغا دەسسەتسەم. مىرادىم شۇ مىنڭ مۇشۇ ئالەمدە، كۆز بوياپلا باغلىرىمنى كۆكلەتسەم. ئىككى ئېغىز تاتلىق سۆزنى يادلاپلا، نەيرەڭ بىلەن بوش تاغارنى سەكرەتسەم. ئولجىلارنى يىغىۋېلىپ قۇينۇمغا، تەر ئاققۇزغان لەۋلىرىنى چىشلەتسەم. ئەمەل تۇتقان غوجاملارنى كۆرگەندە ، ،خوشامەتتە سالام قىلسام ھەر-مەرتە. دوكلات بېرىپ كىمنىڭ قويى سەمرىدى، تېزرەك ئولجا ئالسام دەيمەن پۇرسەتتە. گېپىم چوڭدۇر ھەر سورۇندا ئۆزۈمچە، دوك بولساممۇ بەگ-غوجامغا ئىڭىشىپ. توپا چىراي مىھنەتكەشلەر ئالدىدا ، قۇرۇق سۆلەت نام ئابرويغا ئېرىشىپ. كۆز ئالايتىپ كىمكى چاۋام بايقىسا، مەن كىم؟سەن كىم؟ئۆز-ئۆزۈڭنى بىل دەيمەن. كۈزدە ياڭاق چېقىشقا زەپ خۇشتارمەن، ،لېكىن خالاپ بىر تۈپ كۆچەت تىكمەيمەن. _ -- --------------------- مۇنبەردىكى ئەزىزغىنە دوستلۇرۇم، تۇنۇمسىز يا تۇنىمامسىز بىلمەيمەن. ئىسىڭىزگە كەلگەنمىكىن بۇ كىشى، قاراپ بېقىڭ ئەتراپلارغا كۈلمەيمەن، (سائادەت)2008.10.23 | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
deldax كامىلجان ناسىر(دىلداش) | شۇنداق بىغەم ئادەملەر كۆپ كۆرگەنمەن، بەزى غەمدە ھەسرەتلەرگە چۆككەنمەن. ئىچ- ئىچىمدىن نەپرەتلىرىم قىيانلاپ ، كىممۇ نەزمە يازاركىن دەپ كۈتكەنمەن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tim0998 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ياخشى شىئر ئىكەن ،ئىنكاس قىلىپ ساقلىۋالاي.بۈگۈن بۇمۇنبەردە مەن ئۈچۈن تولىمۇ مول ھوسۇللۇق بىر كۈن بولدى.سائادەت خانقىز رەھمەت سىزگە
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
wesal910 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | شۇنداق بىغەم ئادەملەر كۆپ كۆرگەنمەن،
بەزى غەمدە ھەسرەتلەرگە چۆككەنمەن. ئىچ- ئىچىمدىن نەپرەتلىرىم قىيانلاپ ، كىممۇ نەزمە يازاركىن دەپ كۈتكەنمەن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ERTUGRUL | شېئىر مىسرالىرىنى ئوقۇۋىتىپ ، كۈنى مەيخانىلاردا ئۆتۈۋاتقان دوسلۇرۇم ئېسمگە كىلىپ قالدى . جەڭگاھتا ئوت چاقنىتىپ يۈرگەن ئاتىلىرىمىزنىڭ ئىز باسارلىرى بولغان ئەرلىرىمىزدىكى غۇرۇر ۋىژداننىڭ قەيەرگە كىتىۋاتقانلىقى ، مىللەتنىڭ ئاساسى ،مىللەتىنىڭ يىرىمى بولغان ياش قىزلىرىمىزنىڭ ھالىتىگە قاراپ ، ھەي......... بۇلار مىنى تۇغقان ئۇيغۇر ئانىلرىدىن بىرسى بولۇشقا لايىقمۇ دەپ قالىمەن .
ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇقلار تىلەيمەن . قەلەم تۇلپارىڭىز ئالەم سەيلىگاھىنى ئايلىنىپ ، شېئىر دۇردانىلىردىن چاچسۇن . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
REYAT51 2008.6.28رىــيــات | ئەمەل تۇتقان غوجاملارنى كۆرگەندە ،
،خوشامەتتە سالام قىلسام ھەر-مەرتە. دوكلات بېرىپ كىمنىڭ قويى سەمرىدى، تېزرەك ئولجا ئالسام دەيمەن پۇرسەتتە. گېپىم چوڭدۇر ھەر سورۇندا ئۆزۈمچە، دوك بولساممۇ بەگ-غوجامغا ئىڭىشىپ. توپا چىراي مىھنەتكەشلەر ئالدىدا ، قۇرۇق سۆلەت نام ئابرويغا ئېرىشىپ. _____________________________ قاراپ بېقىڭ ئەتراپلارغا كۈلمەيمەن، كۈلگەنلەرگە پەقەت ھەيران قالمايمەن. چۈنكى باردۇ بۇنداق پەسلەر بۇ ئەلدە، نەپسى ئۈچۈن يالاق- يالار ھەر يەردە. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uy-istiklal دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەن تۇنۇيدىكەنمەن بۇ كىشىنى.....................................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
REYAT51 2008.6.28رىــيــات | سائادەتخان دەپسىز شۇنداق كۈلمەيمەن،
كۈلمىسىڭىز، مەنمۇ ھەيران قالمايمەن. چۈنكى باردۇر بۇنداق پەسلەر بۇ ئەلدە، نەپسى ئۈچۈن يالاق- يالار ھەر يەردە. نەپسى ئۈچۈن يالاق- يالاپ ھەر يەردە، يۈرەر كۇچىكويدا-لالما ئىشتلاردەك. شۇڭا دەيمەن بۇنداقلارغا بىزلەردىن- نەپرەت ياغسۇن!جان-جىنىدىن ئۆتكىدەك. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gul-sanam توغراق قىزى | مۇنبەردىكى ئەزىزغىنە دوستلۇرۇم،
تۇنۇمسىز يا تۇنىمامسىز بىلمەيمەن. ئىسىڭىزگە كەلگەنمىكىن بۇ كىشى، قاراپ بېقىڭ ئەتراپلارغا كۈلمەيمەن، ========================= تۇنىغاندەك قىلارمەنغۇ توۋا دەي ، يۈرەكىمگە پاتتى خىيال تاشسىمان . شەيتانلىرى بېرىپ تۇرسا باش بارماق ، ياشار ئىكەن بىخىرامان شۇ ئىنسان . كەچمىچلەردىن پۈتۈلگەنكەن دۇنيا ، خارلىرى بار ،بىراۋلىرى ئەتىۋا . ئۆزلىرىگە <<مەن كىم >> گە سۇئال كەم ، ئۆزگىلەرگە تاشلار ئىكەن پەتىۋا . يۇپۇق ئاستى ، يەڭ ئىچىدە سودىسى ، ئېيتىپ ئاغزى دەركەن ،ھېچنىم كۆرمىدىم . ئىجتىھاتنى تەرك ئەتكەش دەركەن ئۇ، ئەقىدىلەر كەتتى قاياق كۆرمىدىم . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yusuf دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | بىغەملىىكى بولغاچ ئاڭا تەسەللى،
قورقمايمدۇ ھەق ياكى ناھەقتىن. شىئىر يىزىپ بولماڭ ئاۋارە، گەدەنكەشلىك خۇي ئەلمىساقتىن. | ||||
---|---|---|---|---|---|
homa تېپىلماسنىڭ خورمىسىمۇ يا؟ | شېئىرلىرىڭىز بارغانسىرى ئىسىل چىقىۋاتىدۇ، ھەدە~~!
باشقا تورداشلارغا ئوخشاش شېئىر ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئاجىزلىق قىلدىم. لىكىن نەچچە رەت ئوقۇپ چىقتىم. ئىلھاملىرىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن، سىلەر مەن ئۈچۈن ئۈلگە~~ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
najmela دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | كوپ رەخمەت سىزگە سائادەت قىز . بۇ شىئرنىڭ تەربىۋىي ئەھمىيىتى بەك چوكقۇركەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
guzalnurl دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | شۇنداق بىغەم ئادەملەر كۆپ كۆرگەنمەن،
بەزى غەمدە ھەسرەتلەرگە چۆككەنمەن. ئىچ- ئىچىمدىن نەپرەتلىرىم قىيانلاپ ، كىممۇ نەزمە يازاركىن دەپ كۈتكەنمەن.باشقا تورداشلارغا ئوخشاش شېئىر ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئاجىزلىق قىلدىم. لىكىن نەچچە رەت ئوقۇپ چىقتىم. ئىلھاملىرىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن، سىلەر مەن ئۈچۈن ئۈلگە~~ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
murajat دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەھمەت، مەزمۇنى چوڭقۇر ئىكەن. ئۇنداق ئادەملەر ئارىمىزدا مەۋجۇت، بەلكىم مەنمۇ، ئاۋۇمۇ، ئېۋۇمۇ شۇنداقلاردىندۇرمىز
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
negar دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سائادەت،بەك، بەك ئېسىل بەك مەنىلىك شېردىن بىزنى ھوزۇرلاندۇرغىنىڭىزغا رەھمەت مەنمۇ شېر بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئاجىزلىق قىلدىم بىراق قايتا_قايتا ئوقۇپ چىقتىم، ئىجادىيەتلىرىڭىز زىيادە بولسۇن ئەزىزىم،سىزگە كۆپ رەھمەت!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|