سىز بۇ تېمىنىڭ 4215ـ ئوقۇرمىنى
« 1 2345» Pages: ( 1/6 total )
بۇ بەتتىكى تېما: خوتۇننى قويۇۋېتىدىغان يەرگە يەتتى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
bikarqi

دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 12722
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 342
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە342دانە
شۆھرەت: 362 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2721 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :1114(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-03-08
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 خوتۇننى قويۇۋېتىدىغان يەرگە يەتتى

بۇ تىمىنى xabnam.com : ئۆزىمىزگە نەزەر دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى(2008-10-22)

 


                                      خوتۇننى قويۇۋېتىدىغان يەرگە يەتتى
بۇنداق دىسەم تازىمۇ بىر ئوسال ھازازۇلنى ئېلىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلار.ئايالىم خېلى مۇلايىم،ياۋاش-يۇمشاق،ئەدەپ-ئەخلاقلىق زىيالى(ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگەنلەردىن بۇنداقلار كۇنسىرى ئازلاۋاتىدىغۇ).مەسىلەن:تويدىن ئىلگىرى ساۋاقداشلىرى بىلەن قاتار چاي ئىچىشىپ يۇرۇپتىكەن.تويدىن كېيىن بىرلا بۇيرۇق بىلەن چورتلا توختاتتى.تانسائوينىشىغىمۇ قەتئى رۇخسەت قىلمىدىم.نىمە؟تازا مۇستەبىتكەنسىز دىدىڭلارما؟ئۇنداق ئەمەس.ئاۋۋال ئۆزەمدىن باشلاپ تانسا ئوينىماسلىققا ۋەدە بەردىم ھەم ئەمەلمۇ قىلدىم.تويدىن ئىلگىرى تانسا توغرىسىدا مەن بىلەن جىق مۇنازىرىلەشكەن ئايالىم تويدىن باشلاپ تانسىنى تاشلىۋىدى،بىر يىلدىن كېيىن بۇنىڭ نەقەدەر تېتىقسىز ھەركەت ئىكەنلىگىنى ھىس قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.ياخشى تەرەپلىرى بۇلا ئەمەس.كىيىم ئېلىپ كىيىڭ دەپ بازارغا ئەۋەتسەم ئۆزىگە ئالماي ماڭا ئېلىپ كېلىدۇ.تاماق ئۇسسىمۇ گوشلىرىنى ماڭا ئىلغاپ بېرىدۇ.ھەممىلا خوتۇن بۇنداقمىدۇ دىسەم خىزمەتداشلىرىمنىڭ بىر قانچىسى خوتۇنلىرىدىن تولا قاقشاپ بەك ئوبدان خوتۇن ئېلىۋالدىڭىز دەپ ھەۋەس قىلىپ كېتىدۇ ماڭا.ئەمىسە سىز ئوسالكەنسىز دىيىشىۋاتامسىلەر؟ئۇنداق ئەمەس.ئۇنداقمۇ ئەمەس!
-ئەمىسە قانداق؟
بۇ مانداق.سۆزلىسەم گەپ جىق.مەنمۇ ئۇنچىۋالا ناچارئەمەس.ھاراق ئىچىپ كېچىدە يالغاندىن تەڭشەك كېلىپ سۇيقاش ئەتكۈزۈپ ئۇخلىۋالىدىغان ئىش مەندە يوق.تاماكىمۇ چەكمەيمەن،بولدىلا،كۆپ ماختانغىلى يۈزۈم قىزىرىدۇ.(ئەزەلدىن يۈزى تۆۋەنچۇ مەن)بۇ يەردىكى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە ئىسلام.بولمىسىغۇ ئايالىم ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ يۇرىدۇ.چاتاق ئۇنىڭ ناماز ئوقۇماسلىقىدىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ.باشتا چىرايلىق گەپ قىلدىم.ماقۇل ،ئوقۇي دىدى.5 ۋاقمۇ ئەمەس بىر ۋاق ئوقۇشقا ھەپتە ئاران چىدىدى.ئاندىن نامازدىن چىقىپ قالدىم،ساقايغاندا ئوقۇيمەن دىدى.ساقايدى.قېنى قانداق قىلىدۇ دەپ گەپ قىلمىسام خىيالىدا يوق جىم.يەنە چىرايلىق نەسىھەت قىلدىم.ماقۇل دەپ ئوقۇغان بولدى.بىر كۈن ئوقۇپ ئىككى كۈن ئوقۇماي(يەنىلا بىر ۋاق)بىر ئاينى ئاران توشقۇزۇپ يەنە نامازدىن چىقىپ قالدىم دىدى.ساقايغاندا قارىسام يەنە غېمىدە يوق،ئۇنى ئاز دەپ مەن ماۋۇ ئۆيدە ئاللاھقا سەجدا قىلىۋاتسام ئاشخانا ئۆيدە خېمىر بىلەن چېلىشقاچ مىراجىگۈلنى چاڭ كەلتۇرىۋاتقان.نەسىھەت قىلسام يەرگە قاراپ ئولتۇرۇپ«شۇ مەنمۇ ئوقاي دەيمەن،نىمىشقىكىن ئوقۇپ بۇلالمايۋىتىمەن،شۇ شەيتىنىم كۇچلۇكمىكىن تاڭ»-دىگەندەك گەپلىرى يانچۇقىدا تەييار.
-ئىسلامدا ئايالىنى نامازغا چىرايلىق دەۋەت قىلىش بۇيرۇلغان،ئۇنىمىسا ھەتتا ئۇرۇشقىچە رۇخسەت قىلغان.بىراق مەن سىزنى نىمىشقا ئۇرمايدىغانلىقىمنى بىلەمسىز؟ئاڭلىق ئادەم دىگەنگە ئاڭلىق گەپ قىلىمىز.تاياق دىگەننى ھايۋان گەپ ئۇقمىغانلىقى ئۇچۈن ھايۋانغا ئىشلىتىمىز.ئاقىلغا ئىشارە،نادانغا جۇۋالدۇرۇز دەپتىكەن،قالغىنىنى ئۆزىڭىز چۈشىنىۋېلىڭ.
بۇنى ئاڭلاپ بۇندىن كېيىن چوقۇم ئوقۇشقا ،تاشلىماسلىققا ۋەدە بەردى،بىراق ئىككى- تۆت كۈن ئۆتە-ئۆتمەي يەنە «ئاتام ئېيتقان بايىقى»دەك.ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بويىدا قېلىپ ھۆ دىسە بۆ دەپ يۇردى.«كۆڭلىنى ئاغرىتسام ھامىلىگە تەسىر يېتىپ قالمىسۇن »دەپ قاتتىق-يىرىك گەپ قىلماي چىرايلىق نەسىھەتنى تاشلىماي يۈردۈم.ئۇندىن كېيىن بالا تۇغۇلدى.شۇنىڭ بىلەن بالام دىسە بالام دەپ كېچەيۇ-كۇندۇز ئۇخلىغىنىنىڭ تايىنى يوق،يىگىنى چىرايىغا چىقماي ئۇرۇقلاپ بىر تېرە-بىر ئۇستىخان بولدى.ئۇنى-بۇنى دەپ بالا بىر يېرىم ياشقا كىرىپ سۇتتىنىمۇ ئايرىدۇق.ئەمدىغۇ ئوقۇماسلىققا باھانىسى قالمىغاندۇ دىسەم «بالىنىڭ ئىشىنى قىلمىسام تېخى،كىر يۇمىسام تېخى،تاماق ئەتمىسەم قۇرۇق نان گېلىڭىزدىن ئۆتمەيدۇ،ھۆكۈمەتكە 8 سائەت ئىشلىمىسەم تېخى،بالام،ماۋۇ يەردە ئويناپ تۇرۇڭ.بىردەم ئىش قىلىۋالاي دىسەم پاچىقىمغا يېپىشىپ غىڭشىپ ئۇنىمايۋاتسا،قايسىبىرىغا ئۈلگۈرىمەن؟بالا سەل چوڭ بولسۇن،ئاندىن ئوقۇڭ دىمىسىڭىزمۇ ئوقۇيمەن»-دىدى.بەزىدە چىرايلىق دىيىشىپ،بەزىدە تاپا قىلىشىپ يۈرۈپ بالىمۇ 3 ياشقا كىردى.ئۇنىڭغىچە بەزىدە ئايالىمغا نەسىھەت قىلىش تۇگۈل ئۆزەم نەسىھەتكە مۇھتاج بولۇپ كېتىمەن.بىناماز بلەن بىللە تۇرىۋەرسە ئادەمگىمۇ تەسىر قىلىدىغان گەپكەن.بەزىدە بۇ مەن شۇمۇ ئەمەسمۇ دەپ تەقۋالىقتىن ئۆزگىرىپ لەقۋا بولۇپ كەتكىنىمگە ھەيران قالىمەن.كەينىدىنلا «ئىمان دىگەن بەزىدە كۈچىيىپ بەزىدە ئاجىزلاپ تۇرىدۇ»-دەپ قاساۋەتلىشىپ كېتىۋاتقان كۆڭلۈمگە تەسەللى تاپىمەن.جانابى ئاللاھقا مىڭ قەتلە شۈكرىكىم ھېلىمۇ روزىنى پەرز قىلىپتىكەن.موبارەك ئاي قىلىپ بېرىپتىكەن.ئىمان دىگەن باشقىچە كۇچىيىدىغان گەپكەن.ئىلگىرىكى يىللاردىمۇ بىلىنمەپتىكەن.بۇ يىل رامزاندا باشقىچىلا كىرىشىپ قالدىم ئۇنىڭ بىلەن.بالامنىڭ 3ياشقا تۇشقان ۋاقتى تازا رامزانغا توغرىلاشتى.بالاممۇ خېلى گەپ ئۇققىدەك بولدى.تېخى «دادا،ناماژ ئوقۇڭە،مەنمۇ شىژ بىيە ئوقۇيمە »-دەيدىغان بولدى.ئايالىمغا يەنە نەسىھەتنى باشلىدىم.
-رامزاننىمۇ تۇتقاندىكىن نامازنىمۇ ئوقۇڭ،ناماز ئوقۇماي تۇتقان روزىڭىزغا ئاللاھنىڭ ئېھتىياجى يوق.بىر ۋاق ئوقۇش مۇشۇ ئۇيغۇردىن باشقا مۇسۇلماندا يوق ئىشمىكىن.نەدىن تاپىسىلەركى مۇشۇنداق ئىسلامدا يوق ئىشنى.
-ئاپام بەش ۋاق ئۆتىيەلمىسىڭىز بىرەر ۋاق بولسىمۇ ئۆتەڭ قىزىم دىگەن.
-بىز ئاپىمىزنىڭ،چوڭ ئاپىمىزنىڭ ،چوڭ دادىمىزنىڭ سۆزىگە ئەگەشمەيمىز.قۇرئان كەرىم ۋە سۈننىتى رەسۇلۇللاغا ئەگىشىمىز.ئالى مەلۇماتلىق زىيالىدەك بىر پىكىر قىلىڭا ئىچىمنى سىقماي.
-خۇدايىم بۇيرۇسا چوقۇم مەنمۇ بەش ۋاق ئوقۇيمەن،ئاڭغىچە....
-خۇدايىم بۇيرۇغىلى 1400يىلدىن ئاشتى.ئاخىرقى پەيغەمبىرىمىزمۇ ئاللىىقاچان كەتتى.ئەمدى بۇ كۈنگە كەلگەندە ھەر قايسىڭىزغا پەرىشتە چۇشۇرۇپ ئايرىم بۇيرۇق قىلمايدۇ.
-ئوقۇتقۇچى دىگەنگىغۇ گەپ تېپىپ بەرگىلى بولمايدۇ.
-مەن سىز بىلەن گەپدانلىق قىلىشمىدىم.ماڭا گەپ تېپىپ بېرىشنى ئويلىماي قىيامەتتە ئاللانىڭ ئالدىدى گەپ تېپىپ بېرىشنى ئويلاڭ.زادى ئوقامسىز-ئوقۇمامسىز،ئەگەر ئىسلامغا كۆڭلىڭىزدە شەك بولسا ئۇچۇق دەڭ.خاپا بولمايمەن.چوقۇم سىزنى قايىل قىلىشقا تىرىشاي.شەك بولمىسا توقۇناق بالانى شەيتانغا ئارتماي شەيتاننى يېڭىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىڭ.ئەگەر زادى ئوقۇيالمايدىكەنمەن دىسىڭىز بۇنىمۇ ئوچۇق دەڭ.
-ئوچۇق دىسەم نىمە بولماقچى؟
-نىمە بولماقچىدى،مەن بىناماز خوتۇن بىلەن بىرگە ئۆتكۈم يوق.ھەر قانچە جاننى ئېلىپ جاڭگالدا قويغىدەك سەتەڭ بولسىمۇ ياكى بويى بىلەن نەچچە باراۋەر كەلگۈدەك ئالتۇنى بار بولسىمۇ مېنى ۋاقىتلىق ئېزىقتۇرالىشى مۇمكىن.ئاللانىڭ مۇھەببىتى ئالدىدا ھەممىدىن ۋاز كېچەلەيمەن.بۇ ئاغزىمنىڭ ئۇچىدىكى گەپ ئەمەس.كۆڭلۈمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن كەلگەن سادا.
-بەك ھاياجانلىنىپ كېتىب بارامسىز قانداق؟ئۇنداق بىللە ئۆتەلمەيدىغان ئادەم ئۆز ۋاقتىدا نىمىشقا مەن بىلەن توي قىلغان؟
-ئۇنتۇلۇپ قالغان بولسىڭىز سەمىڭىزگە سېلىپ قوياي.بىرىنچىدىن تويدىن ئىلگىرى توي قىلغاندىن كېيىن چوقۇم مەن بىلەن بىرگە ئىسلامنىڭ پەرزلىرىنى توللۇق ئادا قىلىپ ئىسلامى ئائىلە قۇرۇشقا ۋەدە بەرگەنلىكىڭىز ئۇچۇن ،ئىككىنچىدىن ئاتا-ئانىڭىز بەش ۋاق ناماز ئوقۇغاچقا سىزگىمۇ بۇ ھەقتە تەلىم بەرگەنمىكىن دەپ،ئۈچىنچىدىن سىزنى ياقتۇرغانلىقىم ئۈچۈن سىز بىلەن توي قىلغان.بىراق تويدىن كېيىن ۋەدىڭىزدە تۇرمىدىڭىز.ھېلىمۇ مۇشۇ كەمگىچە سەۋر قىلدىم.سەۋرنىڭمۇ چېكى بولىدۇ.
-دىمەك ئەمدى سەۋر قىلالمايدىكەنسىزدە.ئەجىبا بالىنى يىتىم قىلىشقا كۆڭلىڭىز قانداق چىدايدۇ؟ئوغۇل بالىغا دادىسى بولمىسا بولمايدۇ.
-شۇنداق دادىسى بولمىسا بولمايدۇ.شۇڭا بالىنى ئۆزەم ئېلىپ قېلىپ بىر قوللۇق تەربىيىلىمەكچى.سىزگە قالسا ئىسلامدى بىخەۋەر ئەخلەت بولۇپ چىقىدۇ.
-ئاڭلىدىڭمۇ بالام ،داداڭ سېنى ئالتۇن قىلىپ تاۋلاپ چىقماقچىكەن.بىلىپ قويۇڭ،بالىنى مەن تۇغقان! ئايرىلىدىغان ئىش بولسىمۇ بالىنى ئۆزەم ئالىمەن!
-شۇنداق،ماۋۇ كاپىر ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىدا بالىنى ئانىسىغا بۇيرۇيدۇ.ئەگەر ئاللانىڭ ھۆكىمى بويىچە بولسا بالا دادىسىغا تەۋە بولاتتى.پارتىيەڭنىڭ سايىسىدا بالىنى ئوبدانراق تەربىيلەشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ باقارسەن.(ئاچچىقىم كەلسە سەنلەپلا چۈشىمەن)كاپىردىن مۇسۇلمان چىقىرىش،مۇسۇلماندىن كاپىر چىقىرىش ئاللانىڭ بېكىتكەن تەقدىرىدە بار ئىش.قالغىنىنى ئاللاغا تاپشۇردۇم.
-نىمە،سىز راستىنلا مۇشۇنداق قارارغا كەلدىڭىزما؟مەندىن ئايرىلىشىڭىزغا رۇخسەت يوق!مەن ھەرگىز ئاجراشمايمەن!
-ئۇنداق ئادەم نىمە بالىنى مەن تۇققانەي،مەن ئالىمەنەي دەيسەن؟
-مەن سىزنى بالىغا چىدىماي نىيىتىدىن يانارمىكىن دەپ سىناپ باققان.
-دىدىمغۇ،ئاللانىڭ يولىدا ھەممىگە چىدىيالايمەن دەپ.سەن دوختۇر بولمىغاندىكىن تولا تۇمۇرۇمنى تۇتما.تومۇرۇمنىڭ سوقۇشى خېلى جايىدا.ئەگەر ئائىلىنى ساقلاپ قالغۇڭ بولسا بوپتۇ.ساڭا يەنە بىر يىللىق مۆھلەت بېرەي.كېلەر يىلى بالا 4ياشقا كىرگۈچە سېنىڭ 5ۋاق ناماز ئوقۇغان ھالىتىڭنى كۆرەي.ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن.قەسەم قىلىمەنكى چوقۇم خېتىڭنى بېرىمەن! بۇنى پوپۇزىمىكىن دەپمۇ ئويلاپ قالما! ئەمدى ئائىلىمىزنى ساقلاپ قېلىش قالماسلىق ساڭا باغلىق .قۇرۇق تېرە تاراقشىتىدىغان ئىش بىلەن خوشام يوق.بىلىسەنغۇ مېنى.
-بىلىمەن.ئۇنداق دەيدىغان يېرىڭىز بولسا ئوقۇيمەن.مەن يا بىر كاپىر بولمىسام،خەنزۇلارمۇ مۇسۇلمان بوپتۇغۇ ئەينا.مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ناماز ئوقۇماي كاپىردەك يۈرگۈم يوق مېنىڭمۇ.
-ئۇنداق بولسا «ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق»دەپتىكەن پەيغەمبىرىمىز.ئەمەلىيىتىڭدە كۆرسەتكىن.ئاللانىمۇ مېنىمۇ رازى قىل.بىزمۇ چىرايلىق ئۆتەيلى.
شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان دىئالوگ ئاخىرلاشقان بولدى.ئىشنى چىڭىغا چىقارغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم بۇرۇنقىدىن چىڭراق ۋەدە بەرگەن بولدى.ئەمما لېكىن قالغىنى ئاللاغا ئامانەت.ئەگەر يەنە بىر يىلغىچە تۈگىمەس باھانىسى بىلەن لەللىسىنى چۇۋۇپ يۈرسە قويۇپ بارمەيمۇ ئامال يوق ئوخشايدۇ.توي قىلمىغان ئىنىلەرگە ياكى سىڭىللارغا مەندىن ئىبرەت بولسۇنكى ئۆمۇرلۈك جۇپتۇڭلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى خالىساڭلار ھەرگىزمۇ تويدىن كېيىن ئۆزگەرتىۋالىمەنغۇ دىگەن خىيالدا بولۇپ يۈرمەڭلار.چوقۇم تويدىن ئىلگىرى ئۆزەڭلار رازى بولغۇدەك ھالغا كەلگەندە ئاندىن نىكاھ ئوقۇتساڭلارمۇ كېچىكمەيسىلەر.بولمىسا تويدىن كېيىن سىلەر ئۇنى ئەمەس بەلكى ئۇ سىلەرنى ئاسمىلاتسىيە قىلىپ قويىشى مۇمكىن(بولۇپمۇ ھازىرقى زامان ۋە ماكاندا)يا بولمىسا ماڭا ئوخشاش ئائىلىنى بۇزۇش گىرداۋىغا بېرىپ قېلىشىڭلار مۇمكىن.ھەممىڭلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

 

___ باشقۇرغۇچى : xabnam تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-22

 

شەبنەم نادىر ناخشىلىرىنى چۈشۈرۋېلىڭ
سەھەر تۇرغانلار كەچتە خاتىرجەم.
| ۋاقتى : 2008-10-22 18:27 [باش يازما]
azap986532

دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 30506
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 845
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە845دانە
شۆھرەت: 846 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 735 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :122(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-22
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

توي قىلمىغان ئىنىلەرگە ياكى سىڭىللارغا مەندىن ئىبرەت بولسۇنكى ئۆمۇرلۈك جۇپتۇڭلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى خالىساڭلار ھەرگىزمۇ تويدىن كېيىن ئۆزگەرتىۋالىمەنغۇ دىگەن خىيالدا بولۇپ يۈرمەڭلار.چوقۇم تويدىن ئىلگىرى ئۆزەڭلار رازى بولغۇدەك ھالغا كەلگەندە ئاندىن نىكاھ ئوقۇتساڭلارمۇ كېچىكمەيسىلەر.....

بۇ توغرا پىكىر بوپتۇ
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
سىنالمىغان مۇھەببەت-چىن مۇھەببەت ئەمەستۇر.بەخىت-ئۈمۈدۋارلارغىلا ياردۇر......
| ۋاقتى : 2008-10-22 18:40 1 -قەۋەت
pilanit

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 27039
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 119
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە119دانە
شۆھرەت: 120 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1184 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :63(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-12-05
ئاخىرقى :2008-10-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

قارىغاندا ئايالىڭىز خېلى يوۋاش ئوخشايدۇ ،تانسا -پانسا ئوينىمايدىغان بوپتۇ،  قانداقلا بولسۇن  ئۇنى سىز ياخشى كۆرگەن ،ھەم ئۆمۈرلۈك جۈرە قىلىپ تاللغان بولغاندىكىن .سىز ئۇنى قۇيۇۋەتمەي چۇقۇم ناماز ئوقۇيدىغان قىلىشىڭىز كىرەك.بۇ بىر ئەرنىڭ مەسئۇلىيىتى.
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
| ۋاقتى : 2008-10-22 18:43 2 -قەۋەت
uy-istiklal

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 61429
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 171
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە171دانە
شۆھرەت: 172 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1710 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :39(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-10-12
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

نىمەدىگەن ئىسىل تىما بۇ...........................ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم.!
مەنمۇ مۇسۇلمان ،ناماز قىلىدىغان ،ئەدەپ-ئەخلاقلىق ، قىزئالىمەن ئاللاھ خالىسا.................
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
ئۇيغۇر-ئىستىقلال
| ۋاقتى : 2008-10-22 18:45 3 -قەۋەت
hujaabdulla

دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 40943
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 630
ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە630دانە
شۆھرەت: 632 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 6280 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :246(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-05-17
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئۇ خاتۇنىڭىز ، سىزنىڭ ئۇزاق ۋاقىتلاردىن  بۇيانقى ھاجىتىڭىزدىن چىققان،سىزگە  خىزمەت قىلغان ، بۇنى دەپلا  خاتۇنىڭىزنى  يوللىسڭىز،  سىز  تولىمۇ    مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان بولامسىز  نېمە ؟  ئاياللارنى  ئۇنداق  خار  ئەتمەيلى،  قېرىنداشلار،  خۇدايىم كۆڭلىگە  ئىنساپ بېررەر،    سىز  قىز  چېغىدا  ھېچ  غوم قىلماي ئېلىپ بولۇپ ،ئەمدى  موت- موت قىلسىڭىز،  ھەم  قويۇۋېتىمەن دېسىڭىز ،  ئايىلىڭىز    كىيىنكى كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزىدۇ؟  بىلىسىز، ھازىر ئاياللار بىر قېتىم  توي قىلىپ ئاجراسسا ،  قايتا  توي قىلىدىغان پۇرسىتى ئاز ،،    ۋىجدانىڭىزنى  يەنە بىر قېتىم  سىيلىۋېتىڭ،  قولىڭىزنى يۈرۈگىڭىزگە  سېلىپ بېقىڭ، گۈزەل ئەسلىمىلىرىڭىزنى،  خاتۇنىڭىزنىڭ  ئېسىل تەرەپلىرىنى،  ياخشى  تەرەپلىرىنى  ئويلاڭ،  كەمچىلىكىنىلا  كۆرۈپ    ئارتۇقچىلىقىغا كۆ ز  يۇمۇش  ئاقىل  كىشىلەرنىڭ  قىلىدىغان  ئىشى ئەمەس ...........
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
غۇجىئابدۇللا
| ۋاقتى : 2008-10-22 19:04 4 -قەۋەت
aspiranit

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 42397
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 70
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە70دانە
شۆھرەت: 71 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 699 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :481(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-05-28
ئاخىرقى :2008-10-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەن تونىيدىغان بىرسى سىزدەك ئەھۋال بىلەن ئاجرىشىپ كەتتى.ئوماق قىزى باتى.ئاز ۋاقىت ئوتمەي يولدىشى بىر روپاش قىز بىلەن توي قىلىۋالدى.ئايالىڭىز ياخشىكەن ،بولسا ئايالىڭىزنى تەسىرلەندۇرۇپ ،ئاستا-ئاستا ئىسلامغا باشلاڭ.بالىڭىز تىرىك يىتىم بولۇپ قالمىسۇن.نۇخسانسىز ئادەم يوق.ئائىلىڭىزگە بەخىت تىلەيمەن.
ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-10-22 19:07 5 -قەۋەت
atom

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 12698
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 57
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە57دانە
شۆھرەت: 58 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 503 سوم
تۆھپە: 58 نۇمۇر
ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :166(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-03-08
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئايالىڭىزنى ناماز ئوقۇيدىغان قىلالىشىڭىزغا ئىشىنىمەن. ئەر كىشى دىگەن تەمكىن بولشى كىرەك. ئايالىڭىزمۇ گەپ ئاڭلايدىغان ئايالدەك تۇرىدۇ. ئەر كىشى بولغاندىكىن سۈرىڭىزنى كۆرسىتىپ قويۇڭ
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
。يىلپىز ئوۋچى ئالدىدا ئېگىلمەيدۇ.
| ۋاقتى : 2008-10-22 19:10 6 -قەۋەت
BOSS010

دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 34946
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 795
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە795دانە
شۆھرەت: 796 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7950 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :461(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-08
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئافىرىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىن!!!
ھەقىقىي مىسۋاك
ئۇلۇغ اللا ئۆزۈڭگە سېغىنىمەن!!!شەيتاننىڭ ۋەسۋىسىدىن پاناھ تىلەيمەن!!!
| ۋاقتى : 2008-10-22 19:14 7 -قەۋەت
homa
تېپىلماسنىڭ خورمىسىمۇ يا؟

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى :تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 38670
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1460
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1460دانە
شۆھرەت: 1617 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1562 سوم
تۆھپە: 236 نۇمۇر
ياخشى باھا: 397 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :1187(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-04-19
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئۇفففففف~~!  مانداق تىمىلارنىمۇ كۆرىدىكەنمەن شەبنەمدە~~!

اللە سىزگە سەۋرنى، ئايالىڭىزغا مۇستەھكەم ئىماننى، بالىڭىزغا ساغلام ئەقىلنى يار قىلغاي~~ 
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
سەمىمىيلىك ئادەمنى ئەخلاققا باشلايدۇ، غورورى بار ئەركەكلەر راست سۆزلەشتىن قاچمايدۇ!
| ۋاقتى : 2008-10-22 19:29 8 -قەۋەت
مۇراد

ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 59208
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 301
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە301دانە
شۆھرەت: 302 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 47 نۇمۇر
ياخشى باھا: 69 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :131(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-09-10
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

نەسىھەت قىلىڭ، ئۆزىڭىز ئۆلگە بولۇڭ، بارا-بارا  تەسىرلەندۈرۈڭ!!!!!!!!!!!!

قويىۋەتمەڭ، ئەگىرى قوۋۇرغىنى تۈزلىمەي، شۇ پىتى پايدىلنىڭ، خۇدادىن ئىمان، ھىدايەت تىلەڭ!!!
ھەقىقىي مىسۋاك
ئەجەل بەلكىم ساڭا  ئۆگۈنلىككە..ياق! ئەتە كەپقالامىكى !
| ۋاقتى : 2008-10-22 19:37 9 -قەۋەت
BMW-760

ئىجاتچان ئەزا مۇنبەر قىززىقچىسى
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 34719
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 671
ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە671دانە
شۆھرەت: 63175 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 73 سوم
تۆھپە: 50 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :599(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-06
ئاخىرقى :2008-10-26

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ھەممە ئەرلەر سىزدەك بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى.. سىزنىڭ بۇ قىلغانلىقلىرىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم..  ئوغۇلبالىدەك ئىش قىپىسز !!! ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن !!
ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-10-22 19:38 10 -قەۋەت
suyumluk620

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 58562
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 34
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە34دانە
شۆھرەت: 35 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 340 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :31(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-09-02
ئاخىرقى :2008-10-26

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

توۋا.....شۇنداق  ئىسىل ئايالنى تاشلىسىڭىز  ئۇنىڭ ئۇۋالىغا قالىسىز  جۇمۇ...ئاللاغا مىڭ شۇكرى مىڭ رەخمەت مەندەك ناماز ئۇقۇمايدىغان خوتۇننى ساخلاپ كەلگەن جېنىم  ئېرىمغا ،ھەممە ئەر سىزدەك بولسا تۇل خوتۇنلانىڭ سانى  ئىككى ھەسسە  كوپەيگىدەك.،تۇل خوتۇننى جىقايتىپ يىتىم بالىنى  جىقايتىپ جەمىيەتكە ھەسسە قوشقۇدەكسىز.
ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-10-22 19:39 11 -قەۋەت
سەخىي

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 59659
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 269
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە269دانە
شۆھرەت: 730 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :37(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-09-18
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
بۇ يازما9قەۋەتتىكىمۇرادنىڭ2008-10-22 19:37يوللىغان  :
نەسىھەت قىلىڭ، ئۆزىڭىز ئۆلگە بولۇڭ، بارا-بارا  تەسىرلەندۈرۈڭ!!!!!!!!!!!!

قويىۋەتمەڭ، ئەگىرى قوۋۇرغىنى تۈزلىمەي، شۇ پىتى پايدىلنىڭ، خۇدادىن ئىمان، ھىدايەت تىلەڭ!!!

توغرا دەيسىز ....
ھەقىقىي مىسۋاك
http://f18.yahoofs.com/users/45c73ac3z23e74e27/2b1f/__tn_/a671.jpg?phQF_4IBrIwK8exQ
| ۋاقتى : 2008-10-22 19:41 12 -قەۋەت
uy-istiklal

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 61429
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 171
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە171دانە
شۆھرەت: 172 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1710 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :39(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-10-12
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
بۇ يازما11قەۋەتتىكىsuyumluk620نىڭ2008-10-22 19:39يوللىغان  :
توۋا.....شۇنداق  ئىسىل ئايالنى تاشلىسىڭىز  ئۇنىڭ ئۇۋالىغا قالىسىز  جۇمۇ...ئاللاغا مىڭ شۇكرى مىڭ رەخمەت مەندەك ناماز ئۇقۇمايدىغان خوتۇننى ساخلاپ كەلگەن جېنىم  ئېرىمغا ،ھەممە ئەر سىزدەك بولسا تۇل خوتۇنلانىڭ سانى  ئىككى ھەسسە  كوپەيگىدەك.،تۇل خوتۇننى جىقايتىپ يىتىم بالىنى  جىقايتىپ جەمىيەتكە ھەسسە قوشقۇدەكسىز.


سىزنىچە بولغاندا ئاياللار قىلىدىغان ئىشلار كۆپ شۇڭا ئاياللار ناماز قىلمىسىمۇ بولىدۇ دىمەكچىمۇ ؟؟؟
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
ئۇيغۇر-ئىستىقلال
| ۋاقتى : 2008-10-22 19:48 13 -قەۋەت
تۈرۈك

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 61997
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 32
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە32دانە
شۆھرەت: 33 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 320 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :42(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-10-18
ئاخىرقى :2008-10-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
بۇ يازما11قەۋەتتىكىsuyumluk620نىڭ2008-10-22 19:39يوللىغان  :
توۋا.....شۇنداق  ئىسىل ئايالنى تاشلىسىڭىز  ئۇنىڭ ئۇۋالىغا قالىسىز  جۇمۇ...ئاللاغا مىڭ شۇكرى مىڭ رەخمەت مەندەك ناماز ئۇقۇمايدىغان خوتۇننى ساخلاپ كەلگەن جېنىم  ئېرىمغا ،ھەممە ئەر سىزدەك بولسا تۇل خوتۇنلانىڭ سانى  ئىككى ھەسسە  كوپەيگىدەك.،تۇل خوتۇننى جىقايتىپ يىتىم بالىنى  جىقايتىپ جەمىيەتكە ھەسسە قوشقۇدەكسىز.

   


ئۇنداق دىيىشىپ كەتمەيلى !  مۇسۇلمان بولغاندىكىن ناماز ئوقۇپ قۇيۇڭ !
ھەقىقىي مىسۋاك
كۆكلەي دېسەڭ ئۇيغۇرۇم ، سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ
| ۋاقتى : 2008-10-22 19:55 14 -قەۋەت
« 1 2345» Pages: ( 1/6 total )



Time now is:10-26 03:41, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation

互联网电子公告(BBS)服务资质