| ||||||
Uzer يۈكسەل دەرىجىسى :ئالىي ئەزا | ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 )ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 ) نى باھالاش توغرىسىدا ئۇيغۇرلاردىكى ئېلېكترونلۇق ئۆتۈشمە __ تور تەرەققىياتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى بىلەن ، تور ساھەسىدىكى يېڭىلىقلارمۇ ئارىمىزدا تېز ئومۇملىشىۋاتىدۇ. جۈملىدىن بلوگ ( Blog ) دىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئى ئارىمىزدا قانچىلىك تېز پەيدا بولغان بولسا، شۇنچىلىك تېز تەرەققىي قىلدى. ھەش - پەش دېگۈچە ئۇيغۇر بلوگىر ( Blogger، بلوگ ئىگىسى، بلوگ نەشىر قىلغۇچى، بلوگ يازغۇچى ) لار قوشۇنىمۇ تېز زورايدى. كۆركەم لايىھىلەنگەن، مەزمۇنى رەڭدار، پايدىلىقلىقى يۇقىرى بلوگلار ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. بلوگ بىزگە يېڭىچە ياشاش، ئۆگىنىش، خىزمەت قىلىش ئۇسۇلى ئاتا قىلىپ،بلوگ بىزنىڭ ئۆزىمىزنى ئىپادىلەيدىغان، ئۆز - ئارا ئالماشتۇرىدىغان، ھەمكارلىشىدىغان يېڭىچە سورۇنىمىز بولۇپ قالدى. بلوگبارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ھاياتىمىزغا ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسەتمەكتە. قىسقىسى، بلوگ ھاياتىمىزغا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ سىڭىپ كىرمەكتە. يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى، بەزى تورداشلار ماڭا قايسى بلوگنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى بىرقەدەر داڭلىق ، چوڭ بلوگ ئىكەنلىكىنى، قايسىلىرىنى زىيارەت قىلغاندا ، ئۆزىنىڭ ۋاقتى ۋە زېھنى سەرىپ بولغانغا چۇشلۇق مەنىۋىي ئوزۇق ۋە ئەمەلىي نەپكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى سوراپ تور مۇڭداشقۇلىرىدا ئۇچۇر قىلدى. ئۇشبۇ سۇئالنىڭ غىدىقلىشى تۈرۈتكىسىدە، كاللامدا نېمىشقا << ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ >> نى قاتارغا تىزىپ باقمايمىز؟ دېگەن ئوي كەلدى. خۇش، ئۇنداقتا زادى قايسى بلوگلار ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگلار قاتارىغا كىرىشكە مۇناسىپ؟ مېنىڭچە بۇ سۇئالىمىزغا يەنىلا كەڭ تورداشلار، بلوگ زىيارەتچىلىرى جاۋاب بەرگىنى تۈزۈك! شۇڭا، << يۈكسەل بلوگى>> نى ئاساسىي سورۇن قىلىپ، باشقا تور ياكى بلوگلارنى يانداشما سورۇن قىلىپ، بۈگۈندىن باشلاپ، ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارماقچىمىز. مەزكۇر پائالىيەتنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇنداق: 1. نامزاتلىققا تۇرغۇزۇلىدىغان بلوگلارنى تاللاش. مەزكۇر پائالىيەت 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە ، جەمئىي 30 كۈن داۋام قىلىدۇ. بۇ جەرياندا، ھەرقايسى تورداشلار، بلوگىرلار ئۆز كۆڭلىدىكى مۇناسىپ بلوگ ياكى ئۆز بلوگىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىدۇ. نامزاتلىققا كۆرسىتىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار: (1) نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بلوگ چوقۇم ئۇيغۇرچە بولۇشى ، مەزمۇنى ساغلام، قانۇنغا خىلاپ مەزمۇنلار بولماسلىقى كېرەك. (2) بلوگىرلار ئۆزىنىڭ بلوگىنى نامزاتلىققا كۆرسەتسىمۇ بولىدۇ. (3) نامزاتلىققا يوللىغان بلوگلارنىڭ بلوگ ئىسمى، تور ئادرېسى، تېماتىك مەزمۇن دائىرىسى قاتارلىقلار ئېنىق قىلىپ يېزىلىپ، يۈكسەل بلوگىدىكى مەزكۇر تېما ئاستىغا يوللىنىشى كېرەك. تەكرار يوللىغانلارنىڭ نامزاتلىق ھوقۇقى بىكار قىلىنىدۇ. (4) زىيارەتچىلەر ئۆز كۆڭلىدىكى، ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان بلوگنى نامزاتلىققا كۆرسەتسە بولىدۇ. (5) مەزكۇر پائالىيەت 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سائەت 0 دە تامام بولىدۇ. ئۇندىن كېيىن نامزات قوبۇل قىلىنمايدۇ. ( 6 ) ستاتىستىستىكا قىلىشقا قولاي بولۇشى ئۈچۈن، نامزاتلىققا كۆرسەتكەندە بىر كىشىنىڭ كۆرسەتكەن بلوگ سانىنى 10 ئىچىدە كونترول قىلىشىنى، يوللىغاندا ( 1، 2، 3، ... ) دەپ رەت نومۇرى قويۇپ، قۇر تاشلاپ ئېنىق يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز! نامزات كۆرسىتىش مەنزىلى: http://www.yukselblog.com/logs/30475884.html 2. نامزات تۇرغۇزۇش 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە ، تورداشلار تەرىپىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلىگەن بلوگلار ئىچىدىن ئۇلارنىڭ زىيارەت ئېقىمى( %40 )، بلوگ قۇرۇلۇشى ( %10 )، مەزمۇن ئىجادىيلىقى ( %20 )، تورداشلارنىڭ باھاسى ( %15 )، ئەھمىيەتلىكلىكى ( %15 ) قاتارلىق بىر قاتار كۆرسەتكۈچلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، نامزات تۇرغۇزۇلۇپ چىقىلىدۇ. ئومۇمىي نامزات سانى 30 ئىچىدە كونترول قىلىنىدۇ. 3. ئاۋازغا قويۇش نامزاتلىققا قويۇلغان بلوگلارنىڭ بلوگ ئىسمى، تور ئادرېسى ، مەزمۇن خاراكتېرى قىسقىچە شەرھىيلىنىپ، تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاپ، ئاۋاز بېرىشىگە قويۇلىدۇ. مەزكۇر پائالىيەت ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە بولىدۇ. 4. قويۇلغان ئاۋاز نەتىجىسىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۇنىۋېرسال باھالاش ئارقىلىق ئاخىرقى 10 چوڭ بلوگنى بېكىتىپ چىقىش. ئەڭ ئاخىرىدا، يەنى 2009 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تورداشلارنىڭ بەرگەن ئاۋازى( %80 )، بلوگلارنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچلىرىگە (20% ) ئاساسەن ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە ئېلان قىلىنىدۇ. ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر تېما ھەرقايسى تورلارغا پەقەت جاكار - ئوقتۇرۇش تەرىقىسىدە يوللاندى. شۇڭا، تورداشلار بارلىق پائالىيەتكە قانتماشماقچى بولسا، يەنى بلوگلارنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش ياكى ئاۋاز بەرمەكچى بولسا، چوقۇم << يۈكسەل بلوگى >> دا مەشغۇلات قىلىشىقا تەۋسىيە قىلىمىز. باشقا توربەتلەردىكى پىكىر - ئىنكاسلار ستاتىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ. | ||||
---|---|---|---|---|---|
ئۇيغۇرئاي دىــل ئازار،خۇدا بىزار | ماڭا ئەڭ ياققىنى رىتىم بىلوگى
شۇنچىلىك كۆركەم،،،،،،،،، http://blog.retim.cn/163702 نامزات تاللاشقا قاتناشمىدىم | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Uzer يۈكسەل دەرىجىسى :ئالىي ئەزا | ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر تېما ھەرقايسى تورلارغا پەقەت جاكار - ئوقتۇرۇش تەرىقىسىدە يوللاندى. شۇڭا، تورداشلار بارلىق پائالىيەتكە قانتماشماقچى بولسا، يەنى بلوگلارنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش ياكى ئاۋاز بەرمەكچى بولسا، چوقۇم << يۈكسەل بلوگى >> دا مەشغۇلات قىلىشىقا تەۋسىيە قىلىمىز. باشقا توربەتلەردىكى پىكىر - ئىنكاسلار ستاتىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
tughrul تۇغرۇل _ بۈركۈت سەردارى ! | مەن بىلوگقا نىسبەتەن يېڭى ، بولسا مۇنبەرداشلارنىڭ ئېسىل ھۈنەرلىرىنى كۈرۈپ ئۈگەنسەم دەيمەن .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
yaxligim. دەرىجىسى :تېما چولپىنى | مەنمۇ ئانچە چۇشۇنۇپ كەتمەڭمەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
aziz-gul دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Quote:بۇ يازما1قەۋەتتىكىئۇيغۇرئاينىڭ2008-10-22 13:02يوللىغان : مەنمۇ ئوخشاش | ||||
---|---|---|---|---|---|
uy-istiklal دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەن (سەلكىن) بلوگ نى ياقتۇرىمەن ............................................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sumruh1031 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ماڭا ئەڭ ياققىنى سەلكىن بىلوگى
http://wapadar.salkin.cn | ||||
---|---|---|---|---|---|
PAYKAR ※ياخشى بالا※ | مېنىڭكىننى كۆرۈپ قويۇڭلار ،خېلى بولۇپ قويىدۇ سىتودىنىتلار لىنىيىسى http://www.uyghurx.com/paykar | ||||
---|---|---|---|---|---|
arman@ دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | /uRe:ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 )ئۇيغۇرلار بىلوگىمۇ قېلىشمايدىغۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yusain دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
pinhan0908 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | fRe:ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 )Quote:بۇ يازما7قەۋەتتىكىsumruh1031نىڭ2008-10-22 16:29يوللىغان : 163888نىڭ تەرجىمىسى ! | ||||
---|---|---|---|---|---|
sapra121 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | مەنمۇ بىلوگنى ئانچە چۇشەنمىسەممۇ لىكىن سەلكىن بىلوگىنى ياقتۇرىمەن ........
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Uzer يۈكسەل دەرىجىسى :ئالىي ئەزا | نامزاتلىققا كۆرسىتىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
(1) نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بلوگ چوقۇم ئۇيغۇرچە بولۇشى ، مەزمۇنى ساغلام، قانۇنغا خىلاپ مەزمۇنلار بولماسلىقى كېرەك. (2) بلوگىرلار ئۆزىنىڭ بلوگىنى نامزاتلىققا كۆرسەتسىمۇ بولىدۇ. (3) نامزاتلىققا يوللىغان بلوگلارنىڭ بلوگ ئىسمى، تور ئادرېسى، تېماتىك مەزمۇن دائىرىسى قاتارلىقلار ئېنىق قىلىپ يېزىلىپ، يۈكسەل بلوگىدىكى مەزكۇر تېما ئاستىغا يوللىنىشى كېرەك. تەكرار يوللىغانلارنىڭ نامزاتلىق ھوقۇقى بىكار قىلىنىدۇ. (4) زىيارەتچىلەر ئۆز كۆڭلىدىكى، ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان بلوگنى نامزاتلىققا كۆرسەتسە بولىدۇ. (5) مەزكۇر پائالىيەت 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سائەت 0 دە تامام بولىدۇ. ئۇندىن كېيىن نامزات قوبۇل قىلىنمايدۇ. ( 6 ) ستاتىستىستىكا قىلىشقا قولاي بولۇشى ئۈچۈن، نامزاتلىققا كۆرسەتكەندە بىر كىشىنىڭ كۆرسەتكەن بلوگ سانىنى 10 ئىچىدە كونترول قىلىشىنى، يوللىغاندا ( 1، 2، 3، ... ) دەپ رەت نومۇرى قويۇپ، قۇر تاشلاپ ئېنىق يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز! يەنە بىر ئالاھىدە نۇقتا شۇكى، تورداشلار ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن بلوگنىڭ ئىسمى ، ئادرېسى ۋە خاراكتېرىنى يۈكسەل بلوگىدىكى مەزكۇر تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىشى كېرەك. پەقەت شۇندىلا بىز ستاتىستىكا ئىچىگە كىرگۈزىمىز، باشقا تور بەت - مۇنبەرلەردىكى ئىنكاس شەكلىدە يوللانغان نامزاتلارنى ستاتىستىكا قىلىپ بولالمايمىز، تورداشلارنىڭ ھەمكارلىشىشىنى سورايمىز! نامزات كۆرسىتىش مەنزىلى: http://www.yukselblog.com/logs/30475884.html | ||||
---|---|---|---|---|---|
daneker دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | «دۇنيا قارا » ياخشى!!!!!!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|