سىز بۇ تېمىنىڭ 3052ـ ئوقۇرمىنى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
parmanalip

دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1010
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 438
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە438دانە
شۆھرەت: 448 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3780 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 14 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :408(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-01-23
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئالتۇن زەنجىر ئاسقان قىز

ئاپتۇرى :ئۇيغۇرئاي


ھاياتىمدىكى ئەڭ خوشاللىق كۈنلەرنىڭ بىرى، ئالى مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىق چاقىرىق قەغىزى تاپشۇرۋالغان كۈن.
پۈتۈن يىزا بويچە بىردىنبىر ياخشى ئالى مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان، ئائىلىسى ئانچە باي بولمىسىمۇ يېزىدىكىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئالى مەكتەپكە تەييارلىق قىلىۋاتقان قىزدىنمۇ بەخىتلىك بىرەرسى بارمىدۇ؟
_<تىلەمچىلىق قىلىپ بولسىمۇ سىزنى ئوقىتىمىز قىزىم، ئۇكىلىرىڭىزغا ياخشى ئۈلگە بولۇڭ، ئىقتىدارلىق بىر دوختۇر بولۇپ،ئەلگە ساۋاپلىق ئىش قىلىڭ، مانا بۇ ئاتا_ئانامنىڭ ماڭا ئەزەلدىن قويۇپ كىلىۋاتقان تەلىپى ۋە تەربىيەسى.
لىكىن ھەر قانداق خوشاللىققا ھەمراھ بولغان خاپىلىقمۇ بىشىمدا چۆرگىلەپ يۈرۈيدۇ. ياخشى كۆرگەن يىگىتىم پەرھات شەھەردىكى بىر ئالى تىخنىكۇمغا قوبۇل قىلىنىپتۇ. بولمىسىغۇ سىنىپنىڭ ئالدى بولۇپ ئوقىغان ئىدى، ھەي ئىمتىھان دىگەن تەلەي بولۇپ قالىدىكەن بەزىدە.
ئوقۇشقا ماڭىدىغان ۋاقىتىممۇ بولۇپ قالدى. بەزى كۈنلىرى ناھايتى ئىھتىياتچانلىق بىلەن پەرھات ئاستا ئىتىپ بەلگە بەرگەن چالما ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كىيىن پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ئۇنىڭ يىنىغا چىقاتتىم.  ئىچىپ چىقىش تەس بولمىغان، قول تەگسىلا ئۆرلۈپ كىتەي دەپ تۇرغان دەرۋازىنىڭ يوچۇقىدىن چىقىش  ئاسانلا ئىش ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن بىردەم_يىرىمدەم كەلگۈسىدىكى پىلانلارنى ئالى مەكتەپكە بارغاندىن كىيىنكى خەت، تىلىفۇن ئالاقىسى توغۇرلۇق قايسى كۈنىلا دىيشىپ بولغانلىقىمىزنى ئۇنۇتقان ھالدا قايتىدىن سۆزلىشىپ كىتىمەن.
_ھەي مۇيەسسەر ، يىراق شەھەرگە كىتىۋاتىسەن، ماڭا ئىمكان يوق شۇ يەرگە بىرىپ بىللە ئوقۇي دىسەم ھەم قايتا ئىمتىھان بەرگۈممۇ يوق. 5 يىلغۇ تىزلا ئۆتۈپ كىتىدۇ. لىكىن ھەممە ئىش سىنىپ ئىمان _ئىنسابىڭغا باغلىق گۈلۈم. سىنى جىنىمدىن ئارتۇق ياخشى كۆردىغانلىقىمنى بىلىسەن. ئائىلەڭنىڭ ئىقتىسادى ئانچە ياخشى ئەمەس، لىكىن ئوقۇشۇڭغا مەن ئامال بار ياردەم قىلىمەن، بۇ جەھەتتىن بەكلا جىق ئويلاپ كەتمىگىن، ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولغاندىن كىيىن.
پەرھاتنىڭ ،ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈلگەن، تىقىمىغا چۈشۈپ تۇردىغان توم قارا چاچلىرىمنى ئوينىغاچ قىلغان سۆزلىرنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئىھتىياتچانلىق بىلەن قۇلاق سالاتتىم. خۇددى مۇشۇ كەتكەنچە ئەمدى قايتىپ كەلمەيدىغاندەك، ياكى گۆر ئىغىزىغا كىتىۋاتقاندەك بىر خىل ھىسىياتتا.

_پەيشەنبە كۈنى سەپەرگە چىقسا ياخشى بولىدۇ،_دېدى دادام ئىغىر ئۇھسىنىپ
ئەسلى سىزنى مەكتىپڭىزگە ئىلىپ بىرىپ، ياتىقىڭىزغا ئورۇنلاشقىنىڭىزنى كۆرۈپ خاتىرجەم يىنىپ كەلسەم بولاتتى قىزىم، لىكىن ئۆزىڭىزگە ئايان، بىز دېھقان خەق پەقەت يەردىن چىقىدىغان تۆت تال داننى ئىھتىياتچانلىق بىلەن پەرۋىش قىلىپ،مەھسۇلاتنى يىغۋالمىساق،  كىلىۋاتقان يەنە بىر يىلنى ئۆتكۈزىشىمىز تەسكە توختايدۇ، شۇڭا سىزنى ئاۋال ئاللاھقا، ئۇنىڭدىن كىيىن بىرگە ماڭىدىغان بىر يۇرىتلۇقلىرىمغا تاپشۇرمەن. يامان قىزلارغا ئارلاشماڭ،يۈزىڭىز تۆكىلىدىغان ئىشنى قىلماڭ.

ئانامنىڭ مىھىرلىك قوللىرى تەگكەن توقاچلار، دادام تىتىرەپ تۇرۇپ ، قانچىلىك جاپادا يىغقىنىمنى بىلەمسەن دىگەن مەنادا كۆزلىرىمگە تىكىلىپ تۇرۇپ قولۇمغا تۇتقۇزغان پۇل، ئۇكام بۇدروق قوللىرى بىلەن بەرگەن جىگدە، گۈلە_قاقلار،،،،،،،،،تۈنۈگۈن ئاخشام ئۇنمىغىنىمغا ئويماي پەرھات بەرگەن بىر مۇنچە نەرسىلەر،،،،،،،،ھەممىسى، بۇ نەرسىلەر سەپەر سومكامنىڭ ئىچىدىكى جانسىز نەرسىلەر ئەمەس بەلكى، ماڭا يول بويى ھەمرا بولۇپ، ئۆتكەن كۈنلەرنى سۆزلەپ بىرۋاتقان سەپەرداشلار بولۇپ قالدى.

مەكتىپىمگە كىلىپلا گاڭگىراپ قالدىم. بىر_بىردىن زامانىۋى كىيىنگەن قىز_يىگىتلەر، ئۇلارغا شۇنداق ھەۋسىم كەلدى. لىكىن مەندە ئۇلار كىيگەننى ئالغۇدەك پۇلمۇ يوق، شۇڭا بۇ ئىشلارنى سەل كىيىنگە قالدۇردۇم.
باشقا جەھەتلەردە خەقلەردىن ئىشىپ كىتەلمىسەممۇ، دەرىستە سىنىپنىڭ ئالدى ئىدىم. بۇرۇن مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قارايدىغان ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆپى ھازىر سوپۇندەك سىلىق بولۇپ كەتتى. <پۇل تاپمىساڭمۇ، يۈز تاپ> دىگەن مۇشۇدە.
پەرھات بىلەنمۇ ياخشى ئالاقىلىشىپ تۇرۋاتىمەن. ئاتا_ئانامدىن پۇل كەلمەي 3 ۋاق قايناقسۇ ئىچىپ يۈرۋاتقانلىقىمنى بىلىپ تۇرۋاتقاندەك،ئۇنىڭدىن پات_پات كىلىدىغان پۇل ئۈمۈتسىزلىككە تولغان بىچارلىكىمگە ئازراق بولسىمۇ تەسەللى بىرەتتى. قىشلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتاي دىسەم ئۇ يەردە تىپىپ ئىشلىگۈدەك ئىشمۇ يوق. شۇنى بانا قىلىپ قىشلىق تەتىل قىسقا ئىكەن شۇڭا يازلىق تەتىلدە بىراقلا قايتىمەن دەپ ئىش ئىزلەشكە كىرىشتىم.تىلىفۇندا بۇ ئىشنى پەرھاتقا شۇنچە چۈشەندۈرسەممۇ ئاچچىقى يانار ئەمەس ئىدى، لىكىن ماڭىمۇ ئامال يوق، ئۇنىڭغا يولىنۋالاي دىسەم ئۇمۇ پۇلنى ئاتا_ئانىسىدىن ئىلىپ خەجلەيدىغان تۇرسا، قىرىشقاندەك تەتىلدە مىنىڭ يىنىمغا كىلەلمەيدىكەن.
شۇنداق قىلىپ بىر ھەپتە ئۇيان _بۇيان چاپقاندىن كىيىن مەكتەپنىڭ يىنىدىكى بىر قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىن دەزمال سالىدىغان بىر ئىشقا ئىگە بولدۇم. بىر كۈن ئىشلىسەم ئاران 20 يۈەن بىرەتتى، لىكىن مەن شۇنىڭغىمۇ خوش ئادەمنىڭ ئەتۋارى يوق بۇ يەردە مۇشۇنداق قانائەت قىلىپ ئۆتۈپ كىتىدىغان ئوخشايمىز.
تەتىلمۇ ناھايتى تىزلا توشتى.ھاياتلىق يەنە بۇرۇنقى ئىزىغا چۈشۈپ، سائەتتەك بىر تەرەپكە قاراپ پىرقىراشقا باشلىدى، ئالدىنقى مەۋسۈمدە ئالاھىدە نەتىجە بىلەن ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەنلىكىم ئۈچۈن ئوقۇش پۇلىدىن غەم قىلمىغان ئىدىم. تەتىلدە ئىشلىگەن پۇلۇمغا بىر نەچچە قۇر مودا كىيىم سېتىۋالغۇم كىلىپ قالدى. ئۆزۈمنى ماختىغىنىم ئەمەس، سىنىپتا ئەمەس، مەكتەپ بويچىمۇ ئەڭ چىرايلىقلارنىڭ بىرى ھىساپلىناتتىم. لىكىن <ئادەم سەتى ئەمەس، كىيىم سەتى> دىگەندەك، مىنىڭ باشقىلاردەك نوچى كىيىندىغانغا كۈچۈم يەتمىگەندىن كىيىن مەندەك سەھرالىقنى باشقىلار ئانچىمۇ كۆزگە ئىلىپ كەتمەيدىكەن.
بىر نەچچە دۇكاننى ئارلاپ، ھازىر مودا بولىۋاتقان كىيىنمدىن بىر نەچچىنى ئالدىم. ئەزەلدىن كىيىپ باقمىغان، كىيسە ئادەم ئارامسىزلىنىپ، ئىچىگە قۇرۇت كىرۋالغاندەك جىم ئولتۇرالمايدىغان تار پادىچىلار ئىشتىنى، ئازراقلا ئىڭىشسەم يىگىتلەر يەۋەتكۈدەك قارايدىغان ئاپئاق مەيدىلىرىمنىڭ كۆپ قىسىمى ئىچىلىپ تۇردىغان تازا تار مايكىدىن بىر نەچچىنى ئالدىم، قىنى بۇ كىيىملەرنى كىيسىەم يەنە كىملەر ياراتمايدىكىن مىنى؟
ئاپلا ماۋۇ ئۆسۈپ تىزىمغا كەلگەن ئىككى ئۆرۈم چىچىمنى زامانغا ماسلاشتۇرۇپ كىسىپ بۈدرە قىلىشىم كىرەك. لىكىن، لىكىن،،،،،،،،،،
پەرھات دائىم:< مۇشۇ ئۇزۇن چاچلىرىڭ، مەن ئەڭ كۆيىدىغان يەرلىرىڭنىڭ بىرى، ھەرگىز كەسمە ياكى باشقا رەڭگە بويىۋالما، ئۇزۇن چاچلىرىڭنى كۆرۈشنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەخىت> دىگەن ئىدى.
چوڭ شەھەرگە كىلىۋىلىپلا ئىسىل يىگىتىنى ئۇنتۇپ قىلىۋاتقان مەندەك قىزغا تاتلىق ئەسلىمىلەرنىڭ نىمە كىركى بار. چىچىمنى ھىچ ئىككىلەنمەيلا <ھۆسىن تۈزەش، چاچ ياساش، پۇت يۇيۇش، باش چايقاش> تەك ئومۇمى مۇلازىمەتنى قىلىدىغان بىر ئورۇنغا كىرىپ كەستۈردۈم.  مايمۇندەكلا بولىۋالغان ساتراش ئايال چىچىمنى كەسكەندە يۈرىكىمنىڭ ئاللىقانداق يىردە پىلىلداپ تۇرغان مەدەنىيەتنى قوغداش ئىڭى، قىزلىق نازاكەت دىگەنلەر يۇندا ئازگىلىغا قوشۇلۇپ كەتتى.
_ئوش قويسينا، مەن يەنە تۆت يىرىم يىل تۇرىمەن بۇ شەھەردە،<ئىشەك_ئىشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس>دەپتىكەن. مەنمۇ قالامىتىم خەقتىن. نەرىم كامتى،،ۋىيىىىىى، تىخى چىچىمنى ساتراش خۇتۇنغا سېتىپ 200 كوي كىرىم قىلىۋالدىم، ئەمدى بۇ پۇلغا بىر يۈرۈش گىرىم-بۇيۇمى ئىلىۋالسام،،،،،،،،

_ئەمدىلا تەتىلىنى تۈگىتىپ كەلگەن ياتاقداشلىرىم، سىنىپقا كىرگەندە بولسا باشقا ساۋاقداشلىرىم مىنى تونىيالمايلا قالدى.
_ئىچى يامانلار ،_دېدىممەن ئىچىمدە، تىخىچە ماڭا قاراپ ھەيران بولۇپ تۇرغانلارغا، مەن دىگەن مۇشۇنداق نوچى،،،،،،
_ۋاي مۇيەسسەر، نىمانداق چىرايلىق بولۇپ كەتتىڭ ئاداش،_يىنىمغا نايناقلاپ كىلىۋاتقان رامىلە ئاتلىق، ھەممە يەردە يامان داڭقى چىقىپ كەتكەن، لىكىن ناھايتى يوغانچى قىزنىڭ مىنى ئاداش دەپ ئاتىغىننى ئاڭلاپ بىشىم كۆككە يەتتى. كىلە ئاداش مەن بىلەن ئولتۇر دىدى ئۇ مىنى يىنىغا تارتىپ.،،،،،،،ئۆزەمنى تىخىمۇ كۆرسىتىۋالدىغان بولدۇمدە دەپ ئىچ_ئىچىمدىن خوش بولۇپ كىتىپ باراتتىم.
شۇ كۈنلەردە پەرھاتتىن كەلگەن تىلىفۇننىمۇ خوش ياقماسلىق بىلەن ئالىدىغان بولۇپ قالدىم. ئدتد_ئانام تۈجۈپلەپ يازغان خەتنى ئوقۇمايلا،ئىچىگە سالغان ئاي؛ىق پۇلۇمنىڭ سانىنى بىلىشكە ئالدىرايتتىم. ھىلىمۇ پەرھات پۇل ئەۋەتىدىغان بولۇپ قاپتۇ، بولمىغان بولسا تىخىمۇ چاناتتىمكەن خەقنىڭ ئالدىدا.
يازلىق تەتىل يىقىنلاشقانسىرى، بىشىمغا بىر غەم چۈشتى. ئاددى كىيىنگەن، ئىككى ئۆرۈم ئۇزۇن چىچى بار، چىرايىدىن سەبىلىكى كەتمىگەن بۇلتۇقى ئۆزۈمنى ئاللىقاچان ئۈرۈمچىنىڭ ئاللىقانداق بىر بۇلۇڭىغا دەپنە قىلىپ بولغان ئىدىم، ھەم ئىزلەپمۇ تاپالمايىتتىم. مۇشۇ سىرىق بۈدرە چىچىم، قۇشنىڭكىدەك ئۇزۇن ئۆستۈرۋالغان تىرنىقىم، يالغان مەڭ چىكىلگەن، قاش قاپاقلىرى تىرىلگەن، چەكتۈرۈلگەن، ھاياسىزلىق تۆكۈلۈپ تۇردىغان يۈزۈم، ئۇچامدىكى رەخ ئىسراپچىلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تىكىلگەن نەچچە سانتىلىق يا كۆكسۈمنى، يا كىندىكىمنى، يا يوتامنى ياپالمايدىغان كىيىملىرىمنى يېزامغا بىرىشتىن ئاۋال ئازراق ئۆزگەرتىشىم كىرەك. 
چىچىمنى قارغا بوياپ، قالغان يەرلىرىمنى بىر قۇر تۈزەشتۈردۈمدە، چامادىنىمنىڭ ئەڭ ئاستىغا تاشلاپ قويغان سەرا پاسۇنىدىكى ئۇزۇن كۆينەكلىرىمنىڭ بىرنى خالىماسلىق بىلەن ئاران كىيدىم.  ئىغىر چامدانلارنى كۆتىرىپ، ماشىنىدىن چۈشكىنىمدە دادام بىلەن ئىنىم مىنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن.ئۇلار بىلەن بىر ھازا يىغلاشتۇق، دادام پات_پات يات بىر قىزنى قۇچاقلاپ يىغلاۋاتقاندەك چىرايىمغا ئىنچىكلىك بىلەن قاراپ كىتەتتى.مەن كۆزلىرىمنى دادامدىن قاچۇرۇپ، ئۇنى_بۇنى سورغان بولۇپ تۇرۋالدىم. بۇ ئەھۋال مەن ئۆيگە كىلىپ ئاپام ئەتكەن ھاردۇق ئىشىنى ئىچىۋاتقاندا يەنە يۈز بەردى.
شۇ كۈنى بىكەتكە پەرھاتمۇ چىققان بولۇپ، لىكىن دادام بولغانلىقى ئۈچۈن يىنىمغا كىلەلمىدى، ئۇنى پەقەت يىراقتىنلا كۆردۈم. شۇ كۈنى كەچلىكى ئاپاملار چارچاپ كەتتىنڭ دەپ بالدۇر يىتىشقا زورلىدى، قاچانلاردىدۇر، بىلمەيمەن، مەن سىغىنىشنى ئۇنتۇپ قالغان ھىلىقى چالما ئاۋازى يەنە قايتا ئاڭلاندى. دەرۋازىدىن شۇنداق چىقىشىمغا مىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرغان پەرھات بىلەن بىر جان، بىر تەن بولۇپ كەتتىم. ئۇزۇنغىچە گەپ قىلىشمىدۇ، خۇددى گەپ قىلساقلا يەنە بىر_بىرمىزنى يۈتتۈرۈپ قويدىغاندەك، لىكىن بۇ قۇچاقلاش ماڭا بەكلا مەنىسىز تۇيۇلدى. ئايسىز كىچىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن يۈزلىرىمنى سىلاپ،مىنىڭ قىچىپ كىتىشىمدىن قورىققاندەك مىنى پەقەتلا قويۇپ بەرمەيىتتى.
_بۇ سەنمۇ مۇيەسسەر؟ بۇرۇنقىدىن خىلىلا ئۆزگۈرۈپسەن، ئۈرۈمچى ياققان چىغى بىر ئوبدان سەمىرىپمۇ قاپسىەن، لىكىن ماڭا بولغان سۆيگۈڭ ئۆزگەرمىدى شۇنداقمۇ؟
ئۈرۈمدىلىك ئالامەت كىلىشكەن، باللاردىن بىرنى كەلتۈرۋىلىشنى خىيال قىلىپ يۈرگەن مەندەك بىر قىز بۇ سەرالىقنى ئاللىقاچان يۈرىكىدىن چىقىرۋەتكەن ئىدى. لىكىن مەن:
_ شۇنداق، نىمىشقا بۇنداق دەپ قالدىڭىز جىنىم؟ ماڭا كۆپ ياردەملەرنى قىلغىنىڭزغا رەھمەت، ،،،،،،،،،،،،،،،،
_مۇيەسسەر بۇرۇن جىىنىم دىگەن سۆزنى يالۋۇرۇپمۇ دىگۈزەلمەيىتتىم، ئۈرۈمچى سىنى سەل بىزەڭ قىلىپ قويۇپتۇ دىدى ئۇ سەل تىرىككەندەك قىلىپ، لىكىن مىنىڭ يەنىلا پەرۋايىم پەلەك.
ھىرىپ قالدىم دىگەننى بانا قىلىپ ، كىرىپ كىتىدىغانلىقىمنى ئىيىتتىم، ئۇمۇ سەزگەن بولسا كىرەك، بولىدۇ ئىككى ئايدا تىخى قانغۇچە مۇڭدىشۋالىمىز دەپ مىنى  قىيماسلىق بىلەن ئۇزىتىپ قويدى.لىكىن ئۇنىڭ بىلەن ئارتۇق پاراڭلاشقۇدەكمۇ تاقىتىم قالمىغان ئىدى، قانداق قىز مەندەك  تىز ئۆزگۈرەلەيدۇ ھە؟
دىگەندەك ئىككى ئاي تەتىلدە ھىچكىم مەندىن رازى بولمىدى. ئاپام داداملار، كەچكىچە لايدەك ئىزىلىپ يىتىپ ناخشا ئاڭلاۋاتقان،گىرىم قىلىۋاتقان تۇرقۇمغا، پەرھات، ھەر قىتىم كۆرۈشۈشكە چىققاندىكى سۈنئى نازلىرىمدىن بىزار بولۇشقان ئىدى، ،،،دادام مىنى قايتا ئەۋەتمەسلىك پىكىرگىمۇ كىلىپ بولغان ئىدى. مەن ئۈچۈن 20 يىلدەك بىلىنگەن تەتىلمۇ توشتى، يىغلاپ يۈرۈپ ئاتا-ئانامدىن ۋەدە ئالغاندىن كىيىن ئاران مەكتەپكە يولغا چىقىشقا تەييارلاندىم. بۇلتۇرقى قىزغىن خوشلىشىشنىڭ ئورنىغا ھەر بىر يىقىنىم بىلەن ياسالمىلىق بىلەن خوشلاشتىم.
ئۆزۈمگە سوئال قويدۇم:
_مەن زادى نىمە بولىۋاتىمەن؟ قىلۋاتقانلىرىم توغرىمۇ؟
توغرا، ئەلۋەتتە جاھاننىڭ، ياشلىقنىڭ لەززىتىنى سۈرشىڭ كىرەك، ئىچىمدىكى ئاسىي ھۈجەيرىلەر شۇنداق دەپ نىدا قىلاتتى. سوئالىمغا جاۋاپمۇ تىپىپ بولغان ئىدىم.
ئوقۇشلار يەنە باشلىنىپ كەتتى. لىكىن مەندە نە ئوقۇشقا قىزىقىش، نە ئاتا_ئانامنىڭ مەن ئۈچۈن تارتقان جاپاسىنى ئويلاش، نە پەرھاتنىڭ مۇھەببىتىنى ئويلاشقۇدەك غورۇر قالمغان ئىدى، پۇلنى خۇددى خاننىڭ قىزىدەك بۇزۇپ ئىشلىتەتتىم، لىكىن بىر نەچچە ئاي ئۆتمەيلا يانچۇقۇم قۇرۇقدىلىپ قالدى، ئۆيدىكىلەرنىڭ ئەھۋالى بەش قولدەك ئايان بولغاچقا ئۆزۈم بىرەر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتۇشنى ئويلاشتىم، ئوغۇرلۇق قىلاي دىسەم ماڭا ياراشمايدىكەن. شۇڭا يىقىن دوستۇم رامىلەگە ئىلتىجا قىلدىم:
_ئاداش، جان بىقىش ئاسان بولغان، لىكىن جاپاسى يوق بىرەر ئۇسۇلنى دەپ بەرمەمسەن؟
_دەپ بەرسەم قىلامسەن، ئىشقۇ جىق؟-دېدى ئۇ سىرلىق كۈلۈمسىرەپ
_قىنى تىز ئىيتە ئاداش،،،،،،،،،،،،،!!
_ بولىدۇ بىر ئىش بار، مەن قىلىدىغان، جۈمە كۈنى كەچلىكى ئىچكىرىدىن كىلىدىغان ياكى ئىچكىرگە باردىغان سودىگەرلەرگە ھەمراھ بولىمەن. بەزىدە ئايرۇپىلان بىلەن بەزىدە پويىز بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بارمىز. دۈشەنبە سەھەردە ياكى يەكشەنبە كەچلىكى دەرىسكە ئۈلگۈرتۈپ ئەكىلىپ قويىدۇ، ۋاي قويە، بۇ يەردە پۇل تۆلىسەلا مۇئەللىم دىگەن لالمىلارنىڭ تولىسى ساڭا 100 نۇمۇر قويۇپ بىردۇ، ھە گىپىمگە كىلەي، قولۇڭغا ئىككى مىڭ كوينى نەقلا بىردۇ دىگىنە 3 كۈنگ، نەدە شۇنداق پۇلنى ئاسان تاپالايسەن، لىكىن بۇنىڭ ئۈچۈن ئازراق<بەدەل> تۆلىشىڭگە توغرا كىلىدۇ. ئۇ سېسىق چوشقىلارنى رازى قىلىش بەكلا ئاسان، شۇ چىرايىڭدىن كۈلكىنى كەتكۈزمەي، يىنىدا ئولتۇرۇپ خالىغىننى قىلىشقا يول قويساڭلا بولدى.،،بۇلا بەك خوش بولۇپ كىتىدۇ دىگىنە، قانداق قىلامسەن؟
_ ئەلۋەتتە قىلىمەن،-دىدىممەن ھىچ ئويلانمايلا، چۈنكى مەندەك بىر پۇلغا، كىيىمگە، ئويۇنغا دۈم چۈشكەن قىزغا نىسبەتەن بۇنىڭدىنمۇ ياخشى پۇل تىپىش يوكى بولامدۇ.........
شۇنداق قىلىپ شۇ جۈمە كۈنىدىن باشلاپ رامىلە بىلەن بىرلىكتە سودىگەرچىلىكنى باشلىدىم.
يۈزىدە بىر تالمۇ تۈكى يوق، يا ئەرلىكىنى، يا ئاياللىقىنى بىلگىلى بومايدىغان.، بۇ سەت مىللەتكە ھەمراھ بولۇپ، بارمىغان يىرىم ئازلا قىلۋاتاتتى. ئايرۇپىلاندا بولسۇن ياكى پويىزدا بولسۇن ئۇلارنىڭ دىگىنىدىن ئاشۇرۇپ ھەمراھ بولۋاتاتتىم، شۇ يەرلەردە تۇيۇقسىز ئۇچىراپ قالغان ، ھەيرانلىقتا ياقىسىنى چىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار، تۇرۇپ ماڭا نەسىھەت قىلىپ كىتىدىغانلار كۆزۈمگە ناھايتى سەت كۆرىنەتتى. پەقەت پەرھاتقا ئاتاپ قويغان<سوۋغىتىممۇ> ئاللىقانداق مۇدىھىش كىچىلەرنىڭ بىردە نامەلۇم بايۋەتچى تەرپىدىن پايخان قىلىندى. قەلبىم، ياكى بەدىنىم بۇ خورلۇققا نىسبەتەن ھىچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى.
_ھەر قىتىملىق ئىمتىھانلاردىن باشقىلاردىن كۆچۈرۈپ ياكى ئارقا ئىشىك قىلىپ ئۆتىۋالاتتىم. جۈمە بولۇشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتەتتىم. يىڭى خىرىدارىمنى قارشى ئالغاندا بولسا بارلىق ھۈنىرىمنى ئىشقا سىلىپ، ۋوي ئۇيغۇر قىزلىرى نوچىكەن دىگۈزۋىتەتتىم، بارا_بارا، قىلغان بۇزۇقچىلىقلىرىم چىرايىمغا چىقىپ كەتتى. نەچچە ھەپتىدە بىر  بوينۇمغا ئىسىپ قويۇلىدىغان ، سىخى بايۋەتچىلەر بەرگەن ئالتۇن زەنجىرلەرنى بىراقلا ئىسىۋىلىپ، باشقىلارنى ھەيرەتتە قالدۇراتتىم. ئۇلارنىڭ ماڭا ۋە مىنىڭ تۈرۈمدىكى قىزلارغا ياقا چىشلەپ قارشى ماڭا تولىمۇ كۈلكىلىك تۇيىلاتتى.
پەرھاتنى تىخىمۇ كۆزگە ئىلماس بولدۇم، قۇربان ھىيىتتا ئالايتەن يوقلاپ كەپتۇ، ئاپام ياققان توقاچلاردىن ئىلىپ كەلدىم دەپ، قوۋۇرغامنى ئىگىپ. ئىسىل تاماقلارغا كۆنۈپ قالغان ئىغىزىمغا بۇ نانلار پەقەتلا تىتىمىدى، شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىنى دەپ قولىدىن ئالدىم. ئۇ ماڭا ئۇزۇن قاراپ تۇرۇپ كەتتى
_مەن بۇرۇنقى مۇيەسسەرنى تاپالماي قالدىمۇ؟ بۇ راسلا سەنمۇ؟ سەن نىمانداق تونىغۇسىز بولۇپ كەتتىڭ؟
_ ياق مەن ئۆزگەرمىدىم، دىدىم بىزارلىق بىلەن، شۇ بۇ دىگەن چوڭ شەھەر باشقىلارغا قاراپ، ماسلىشىپ يۈرمىسەك بولمايدىكەن ئەمدى،،دەپ شۇ گەپلەرنى قىلىپ تۇرغىنىمدا بىر خىرىدارىمدىن تىلىفۇن كىلىپ  قالدى.
پەرھاتنى مەجبۇرى ئۇزىتىپ قويۇپ خىرىدارىمنىڭ ئالدىغا يۈگۈردۈم. چۈنكى ماڭا ئالتۇن زىبۇ_زىننەتلەر، پۇل، جىق، جىق نەرسىلەر كىرەك.
ئىككىنچى قىتىملىق يازلىق تەتىلمۇ كەلدى، لىكىن مەندە بۇلتۇرقىدەك ئىككىلىنىش يوق، ئۈرۈمچىدە قانداق يۈرگەن بولسام يۈركىمنى چوڭ قىلىپ مەھەللەمگىمۇ شۇنداق باردىم.
ئاتا_ئانامنىڭ چەكچىيىپ كەتكەن كۆزلىرنى كۆرۈپ ئىچىمدە، ۋاي سەرالىقلار دەپ قويدۇم، خۇددى بۇلارنى ئەمدى كۆرۋاتقاندەك،
تۇيۇقسىزلا چاڭڭىدە تەگكەن كاچاتتىن ئۆزەمنى يوقىتىم قويغىلى تاس قالدىم، لىكىن شۇ دەرىجىدە بىزەڭلىشىپ كەتكەن ئىدىمكى، يىغلاش ھۈجەيرىلىرىممۇ خىزمەتتىن توختاپ كىتىپتۇ، سەت بىرنى ئالىيۋىتىپ كۈچەپ سۆزلەۋاتقان دادامغا قارماي ياتاق ئۆيۈمگە كىرۋالدىم. ،،،،،ھايۋان مەھەللىدە قانداق كۆتۈرۈپ يۈرمەن ئەمدى يۈزۈمنى؟
_قانداق كۆتۈرۈپ يۈرەتتىكى، مەندىن پەخىرلەنسە بولىدۇ بۇ خەق،،،،،،،،،،،،،،،،،
بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا ئەھمىيەتسىز بىلىنەتتى.  شۇ كۈنى كەچتە پەرھات بىلەن كۆرۈشكىلى چىقتىم، لىكىن دادام بوش قويغان يەنە بىر مەڭزىم پەرھاتنىڭ تايقى بىلەن قىزاردى.
_ ۋۇ نۇمۇسنى بىلمەيدىغان بۇزۇق،سىنى قانچىلىك ئارزۇ_ئۈمەتلەر بىلەن كۈتكىنىمنى بىلەمسىەن؟پۇل كىرەك بولسا ئۆزۈمنى سىتىپ بولسىمۇ تىپپى بەرمەيىتتىممۇ؟ سىنىڭ تەلەتىڭلا ئادەمما؟ كىيىۋالغان كىيمىڭگە قارا رەسۋا،،،،،،،،،،،،،،
چىقىپ بىرنى سۆيۈپ قويساملا ئىرىپ كىتىدۇ دەپ قارغان ماۋۇ دىۋە نىمە جىنىمنى چىقىرىپ ماڭا تەربىيە قىلىپ يۈردىكىنە ئەمدى،،،،،
گەجگەمدىن ئىتتىرىپ تىللىغانچە مىنى ئۆيگە كىرگۈزۋەتتى. بۇنىڭدىنمۇ ئاسانلا قۇتۇلغىنىمغا خوش بولدۇم. ئەتىسى چاي ۋاقىتىدا دادام يەنە چىرايلىق گەپلەر بىلەن نەسىھەت قىلدى، جىم تۇرۋىلىپ بىر ئىغىزمۇ جاۋاپ قايتۇرمىدىم. شۇ كۈنى كەچلىكى كىچىك چامادىنىمغا مۇھىم نەرسىلىرىمنى قاچىلاپ، بوينۇمدىكى زەنجىرلەرنى ئاي يورۇقىدا جىمىرلاتقانچە بۇ قوتا يىزىدىن ئايرىلدىم، كاللامدا نە ئاتا_ئانا، نە پەرھاتنىڭ مۇھەببىتى،،،ھىچنىمە، ھىچنىمە يوق، پەقەت پۇل_پۇل دەپ تۇرغان رەسۋا تىنىملا بار،،،،،،،،
ئۈرۈمچىگە بارغاندىن كىيىن ئوقۇشنى بىراقلا ياشلاپ، كەسپىمنى مۇقىم خىزمەتكە ئوخشاش ئىلىپ بىرىشقا باشلىدىم. لىكىن يىنىمدىكى پۇل كۆپەيگەنسىرى بارلىق گۈزەل خاتىرلەر ئىسيان كۆتۈرۈپ تىرلىشقا باشلىدى. پۇلنىلا چوڭ بىلىدىغان مەندەك نۇمۇسسىزنىڭ بۇلارنى ئويلاشقا ھەققى يوق دەپ ئويلايمەن.
ئاخشام ئاجايىپ بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. ئاپام بىلەن دادام ئاق ياغلىق، ئاق بەللىكلەرنى چىگىپ يىغلاۋاتقۇدەك، تىخى پەرھاتمۇ بار، نىمىگە يىغلاۋاتقاندۇ دەپ ئاستا چاقىردىم. لىكىن مىنى كۆرمىدى، مۇيەسسەر سەن ئۇنداق قىز ئەمەستىڭ دەپلا يىغلاپ تۇردۇ.
بۈگۈن ئەتىگەن شۇ چۈشنى ئويلاپ ناھايتى روھسىز تۇردۇم. ئۇزۇن يىللار ئۇنتۇلۇپ كەتكەن نامازنى ئوقۇغۇم كىلىپ قالدى، قىبلىنىڭ قاياقتا ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن بولساممۇ تاھارەتنى ئىخلاس بىلەن ئىلىپ بىر ئامال قىلىپ ئوقۇدۇم.  مودا كىيىملىرىمنى كىيگۈم كەلمەي ئەينى ۋاقىتتا يىزىدىن كىيىن چىقىپ كەتكەن، چامادىنىمنىڭ ئىچىنى ساقلاپ ياتقان ئۇزۇن ئەتلەس كۆينىكىمنى كىيدىم،دە چاچلىرىمنىمۇ رەتلىمەي كوچىغا چىقىپ مەنىسىزلا ئايلىنىشقا باشلىدىم. قەلبىمدە مىنى قىينايدىغان، يۈرەكلىرىمنى ئەمدى پارە_پارە قىلىدىغان ھىسلار ئاچچىق چوقان كۆتۈرۈشكە باشلىدى، مىنىڭ پۇللىرىم، ماڭا نىمە ئەپ كىلەلىدى؟نىمىنى ئويلاپ، نىمىنى قويۇشۇمنى بىلمەيۋاتقان چىغىمدا تۇيۇقسىز ياندىن ئۇرۇلغان ماشىنا مىنى يىراققا قاڭقىتىۋەتتى.
كۆزۈمنى ئاچالمىدىم، ئىسسىق بىر نەرسە قۇلىقىمغا ئىقىپ كىرۋاتىدۇ، بۇ ئەلۋەتتە پەرھاتنىڭ تاتلىق گەپلىرى ئەمەس. ئەتراپىمدا ئادەملەر توپلىشىپ كەتكەن بولسا كىرەك، تىز بولۇڭلار قۇتقۇزۇش ماشىنىسى دەپ ۋارقىرشاتتى، لىكىن ماڭا قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كىرەك ئەمەس، ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى تۆكىۋاتقان ئىپلاس تىنىمنى پەقەت ئۆلۈملا قۇتقۇزالايدۇ. ئۆلگەن روھىم، پۈچەك بولۇپ قالغان قەلبىمنى ھىچنىمە قۇتۇلدىرالمىغان ئىدى. ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىردا، ئاتا_ئانامنى، ئىنىمنى، سۆيگەن يىگىتىم پەرھاتنى ئىسىمگە ئالدىم ئىلىشقا ھەققىم يوق بولسىمۇ. مەن ئۈچۈن جىنىنىمۇ ئايىمايدىغان سەت بالا كۆز ئالدىمغا كەلدى،،،،،،،،،
لەۋلىرىمگە تاتلىققىنە سۆيۈپ، گۈلۈم، سىنى مەڭگۈ سۆيىمەن، دەۋاتاتتى.
_مەنمۇ سىزنى،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
دوزاخقا تۇترۇق بولىدىغان تىنىمدىن روھىم ئۇچۇپ چىققاندا يىنىك نەپەس ئالدىم،،،،،،
ئى ئاللاھ، مىللىتىم قىزلىرنى مەندەك پەسلەشتۈرمىگەيسەن دەپ

http://blog.salkin.cn/User/userdiary.asp?799.html

 

___ باشقۇرغۇچى : uyghurjan تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-22

 

ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-10-22 12:52 [باش يازما]
sansiz120

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 39849
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 294
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە294دانە
شۆھرەت: 295 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2575 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :193(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-05-05
ئاخىرقى :2008-10-23

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ھەجەپ جايىدا يېزىپسىز،ئەجرىڭىزگە رەھمەت...................!
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
| ۋاقتى : 2008-10-22 13:25 1 -قەۋەت
yasen5

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 33077
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 25
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە25دانە
شۆھرەت: 26 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 150 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :154(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-02-18
ئاخىرقى :2008-10-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

جاقسى  اللا  مۇسىلمان  قىزدارىن جاماندىقتان  ساقتاسىن!
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
| ۋاقتى : 2008-10-22 13:32 2 -قەۋەت
parlak61

دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 14807
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 414
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە414دانە
شۆھرەت: 427 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 21 نۇمۇر
ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :722(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-04-22
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

قەلمڭزگە  رەخمەت~!!!!~!!!
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
http://i4.tagstat.com/image02/e/c842/0027051TIx2.jpg
| ۋاقتى : 2008-10-22 14:02 3 -قەۋەت
kumbah

دەرىجىسى :تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 55168
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1406
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1406دانە
شۆھرەت: 15217 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 265 سوم
تۆھپە: 6 نۇمۇر
ياخشى باھا: 48 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :469(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-07-20
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇتىمنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم .ئادەمنى ھەقىقەتەن ئويغا سالدىكەن.
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
http://p0.images22.51img1.com/6000/kuerki/09d3a244810f090a1d6bd59fe63279e4.gif
| ۋاقتى : 2008-10-22 14:03 4 -قەۋەت
sapra121

دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 58366
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 754
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە754دانە
شۆھرەت: 1164 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 390 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :226(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-08-30
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ياخشى تىمىكەن ............ كۆپرەك يوللاپ تۇرارسىز .................ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن .......
ھەقىقىي مىسۋاك
ئاللا ھەممىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن ...
| ۋاقتى : 2008-10-22 14:38 5 -قەۋەت
guli208

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 55368
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 76
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە76دانە
شۆھرەت: 77 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 708 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :162(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-07-23
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئاللاھ مىللتىمىز قىز ئوغۇللىرىنى ئىمان ئىنساپ شەرمى ھايالىق قىلغىلى نىسىپ قىلغاي  ئامىن
ئىنساندا ھايا بولمىسا ئىمان بولمايدۇ 
ھايا ئىماننىڭ جۇملىسدىن
ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-10-22 15:07 6 -قەۋەت
sumbulqaqkiz

دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 46607
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 465
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە465دانە
شۆھرەت: 466 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1630 سوم
تۆھپە: 18 نۇمۇر
ياخشى باھا: 42 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :487(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-06-10
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ تىما كىشىنى تۇلىمۇ ئۇيغا سالىدىكەن..........مىللىتىم قىزلىرىنىڭ كۆڭلىگە ئىمان،ئىنساپ تىلەيمەن.
ھەقىقىي مىسۋاك
http://78.la/UploadFiles/2008-9/5949159556.jpg
ۋىجدان بىلەن ياشا ئۇيغۇرۇم.
| ۋاقتى : 2008-10-22 15:14 7 -قەۋەت
weros

دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 26850
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 519
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە519دانە
شۆھرەت: 520 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 0 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 21 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :259(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-12-03
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

جاپا چىكىپسىز ~
بۇ تىما بەك ئويغا سالدىكەن ئادەمنى ~
ھەقىقىي مىسۋاك
قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسىڭ
ئۇنىڭ ئۆتكۇر بېىسىغا دۇچار بولىسەن..................
| ۋاقتى : 2008-10-22 16:56 8 -قەۋەت
Uyghur~Qizi

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 2925
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 35
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە35دانە
شۆھرەت: 35 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 321 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :27(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-04-09
ئاخىرقى :2008-10-22

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

كىنو كۆگەندەك بولدۇم،،،توۋا،،،نىمە كۈنلەر بولىۋاتىدۇ دەيمەن،،،ئادەم ئۆلمىسە نى نى گەپلەنى ئاڭلايدىكەن،كۆرىدىكەن ھە!!ئاللا،بەندىلىرىڭنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەيسەن....
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
| ۋاقتى : 2008-10-22 17:35 9 -قەۋەت
kayetmas

يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 13084
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 443
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە443دانە
شۆھرەت: 444 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4340 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :225(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-03-16
ئاخىرقى :2008-10-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ناھايىتى ياخشى يىزىپسىز،قولىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن!ئاللا ئىگەم قىزلىرىمىزغا ئىنساب ئاتا قىلسۇن.
ھەقىقىي مىسۋاك
ئىللەت تۈزەلمىگىچە،مىللەت تۈزەلمەس.
| ۋاقتى : 2008-10-22 18:16 10 -قەۋەت
geni

دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 21679
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 674
ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە674دانە
شۆھرەت: 680 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 6740 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :579(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-09-07
ئاخىرقى :2008-10-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

توۋا ، اللا  بىزنى  ئۆز پانايىدا ساقلىغاي .
ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-10-22 18:20 11 -قەۋەت
kun^kiz

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 36230
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 769
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە769دانە
شۆھرەت: 869 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7679 سوم
تۆھپە: 68 نۇمۇر
ياخشى باھا: 58 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :285(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-21
ئاخىرقى :2008-10-23

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

باللا  ساقمۇ يا ؟ بۇ مۇنبەر باشقۇرغۇچسى ئۇيغۇر ئاينىڭ تىمسى تەكرار بولسىمۇ تاستىقلاپ قويدۇق دەڭلا .
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
دىلى كور ئادەم پۇرسەتكىمۇ پۇتلىشىپ يۈرىدۇ .
| ۋاقتى : 2008-10-22 21:18 12 -قەۋەت
ئۇيغۇرئاي
دىــل ئازار،خۇدا بىزار

ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 22655
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 1687
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1687دانە
شۆھرەت: 1824 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 17010 سوم
تۆھپە: 398 نۇمۇر
ياخشى باھا: 287 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :655(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-09-26
ئاخىرقى :2008-10-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ تىمىنى كۆچۈرۈشتىن ئاۋال مىنىڭ رۇخسىتىمنى ئالدىڭىزمۇ؟
باشقىلارنىڭ ئىجادىي تىمىسىنى رۇخسەتسىزلا ئەكەلسە بولامدۇ؟
ھەقىقىي مىسۋاك


                ھەسرەت چىكىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ قاپاق تۈرمەڭ. چۈنكى، سىز كۈلۈمسىرىشىڭىزگە كىمنىڭ ئامراقلىقىنى بىلمەيسىز
| ۋاقتى : 2008-10-22 21:27 13 -قەۋەت
hamkinbala

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 60022
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 25
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە25دانە
شۆھرەت: 26 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 250 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-09-22
ئاخىرقى :2008-10-22

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

         
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
| ۋاقتى : 2008-10-22 21:47 14 -قەۋەت
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )



Time now is:10-26 03:40, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation

互联网电子公告(BBS)服务资质