| ||||||
...yasir ئۇزۇن قۇلاق | كورىيە ستۇدېنتلىرى كورىيە ستۇدېنتلىرى خىزمەت تېپىش ئۈچۈن ھەر خىل سالاھىيەت كىنىشكىلىرىنى تەييارلايدۇ خىزمەت تېپىش يۈز تۇرا ئىمتىھانىدا رىقابەتچىسىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، كورىيە ستۇدېنتلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن قىسقىچە تەرجىمىھالىنى بېيىتىشقا تىرىشىدۇ، ئۇلار ھەتتا قىسقىچە تەرجىمىھالنىڭ ‹‹قۇلى›› غا ئايلىنىپ قالماقتا. ‹‹چاۋشيەن گېزىتى›› نىڭ 14 – ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ستۇدېنتلار ئىنگلىز تىلى نەتىجىسى ۋە ئوقۇش نومۇرىغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىكەن. كورىيە ‹‹تويې›› ئىمتىھان كومىتېتىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، تېخىمۇ ياخشى نومۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن، %80 ئوقۇغۇچى ئىككى قېتىمدىن كۆپ ئىمتىھانغا قاتنىشىدىكەن. 0.1 ئوقۇش نومۇرىنى ئارتۇق ئېلىش ئۈچۈن، نۇرغۇن ستۇدېنت بىر يىللىق ئوقۇش پۇلىنى ئارتۇق تۆلەپ ئالاقىدار پەننى ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم ئوقۇشقا رازى ئىكەن. سېئۇل ئۇنىۋېرسىتېتى، كورىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، ئېۋا قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر نەتىجىسى+C تىن تۆۋەن ئوقۇغۇچىلارنىڭلا قايتا ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلغان . قىسقىچە تەرجىمىھالىدا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بولۇشى ئۈچۈن، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى بەس – بەستە ئىمتىھان بېرىپ ھەر خىل غەيرىي سالاھىيەت كىنىشكىلىرىنى ئالىدىكەن. بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان، كوكتېل ھارىقى تەڭشەش ۋە سېھىرگەرلىك كۇرسلىرى ستۇدېنتلارنىڭ يېڭى قىزىقىشىغا ئايلانغان. سېئۇل شەھەرلىك لوڭسون رايونىدىكى خەلقئارا كوكتېل ھارىقى مائارىپ ئىنستىتۇتىدىكى 30 كۇرسانتنىڭ 11ى ئوقۇۋاتقان ستۇدېنتلار ئىكەن. ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ قىيىنلىقى ستۇدېنتلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالغا شۇ قەدەر كۆڭۈل بۆلۈشىدىكى مۇھىم سەۋەب ئىكەن. كورىيە سودا – سانائەت كېڭىشىنىڭ بۇ يىل 6 – ئايدىكى ستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، كورىيىدىكى 500 كارخانا بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا 19 مىڭ 464 يېڭى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىكەن، ئەمما بۇ يىل 8 – ئايدا ئىش كۈتۈۋاتقان ستۇدېنتلار 417 مىڭغا يەتكەن. كورىيە ئەمگەك تەتقىقات ئاكادېمىيىسى ئەمگەك بازىرى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شۈي كۇيسې: خىزمەتكە ئورۇنلىشىشنى ساقلاۋاتقان ستۇدېنتلار ئارىسىدىكى زىيادە تەرجىمىھال رىقابىتىنىڭ يىلدا كورىيە جەمئىيىتىگە كەلتۈرىدىغان زىيىنى ۋە ئىسراپچىلىقى 2 تىرىليون 85 مىليارد ۋونغا يېتىدۇ، دېدى. LG ئېلېكترون شىركىتى مەمۇرلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى دۇڭجيۇن: ‹‹كارخانىلار تەرجىمىھالغا زىيادە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەسلىكنى شۇنچە تەكىتلەپ تۇرسىمۇ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر بۇنىڭغا قۇلاق سالمايۋاتىدۇ››، دېدى. ئەسلى مەنزىل : يەر شارى ۋاقىت گېزىتى ھازىرقى مەنزىل : شىنجاڭ گېزىتى | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
aron دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | شۇڭا چەتئەللىك ئۇقۇغۇچىلارغا ئىش ئاشمايدۇ بۇ كورىيەدە..........
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
guzalnurl دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر بۇنىڭغا قۇلاق ،سالمايۋاتىدۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tughrul تۇغرۇل _ بۈركۈت سەردارى ! | بۇلاردىكى رىقابەت ئېڭى بەك يۇقۇرىكەن !
| ||||
---|---|---|---|---|---|
kixi دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇلاردىكى رىقابەت ئېڭى بەك يۇقۇرىكەن !
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yupurmak520 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | شۇڭا چەتئەللىك ئۇقۇغۇچىلارغا ئىش ئاشمايدۇ بۇ كورىيەدە..........
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
DILRUS0996 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | كورىيەدە شۇنداق بولسا بىزنىڭ بۇيەردە ئۇنىڭدىمۇ ئېغىر
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
atlan699 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | | ||||
---|---|---|---|---|---|
aksogak دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | كورىيە گەچىقىپ ئوقۇپ كىرسەم بولامدۇ نىمە
| ||||
---|---|---|---|---|---|
guzalnurl دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | كورىيەدە شۇنداق بولسا بىزنىڭ بۇيەردە ئۇنىڭدىمۇ ئېغىر
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
korlakizi دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن نىمە دەيمەن ئەمدى
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Uyghuriye16 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | چنىمەQuote:بۇ يازما10قەۋەتتىكىkorlakiziنىڭ2008-10-23 13:22يوللىغان : ھېچنىمە دىمەڭ. | ||||
---|---|---|---|---|---|
ilamilyas دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | بۇلاردىكى رىقابەت ئېڭى بەك يۇقۇرىكەن !
| ||||
---|---|---|---|---|---|
SADATGUL دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | كورىيەلىكلەر بەك تىرىشچان جۇمۇ. بىزمۇ ئۇلاردىن ئۇگۇنىشىمىز لازىم.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|