سىز بۇ تېمىنىڭ 6021ـ ئوقۇرمىنى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ بەتتىكى تېما: تەرجىمىسى.فرانسىيىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلەنگەن `ئاتا` فىلىمى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
zaman515

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 18456
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 135
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە135دانە
شۆھرەت: 146 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 150 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :108(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-07-04
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 تەرجىمىسى.فرانسىيىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلەنگەن `ئاتا` فىلىمى

فرانسىيىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلەنگەن `ئاتا` فىلىمى ھەققىدە سۆھبەت
2008-07-23
   
دوستلار مەلۇم بولۇپ قالغايكى  بۇ فىلىمنى  ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمىسى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن يۈز  كۆرىشتى

       كىنو ئادىرسى
http://zaman515.blogbus.com/logs/30391560.html 

دۇنيانىڭ كۆزىدىن ئۇزاق ھالدا ئۈن - تىنسىز ھاياتلىق كۈرىشىنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئاستا - ئاستا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادەتلىرى، ناخشا - ئۇسۇللىرى، يېمەك - ئىچمەكلىرى دۇنيانىڭ قىزىقىشىنى قوزغىسا، ئۇلار دۇچار بولۇۋاتقان سانسىز  قىسمەتلەرمۇ ھەم دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

فىلىم ئاپتورى :چاغلا زەنجىرجى خانىم تەمىنلىدى.

فىلىم ئاپتورى چاغلا زەنجىرجى خانىم بىلەن فىلىم قەھرىمانى ئەھەت ئېلى ئەپەندىنىڭ فىلىمدىكى كۆرۈنۈشى.

بۈگۈنگىچە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىملەر، ماقالىلەر، كىتابلار  ئوقۇرمەنلەرنىڭ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇپ، دۇنيانىڭ ئۇنتۇلغان بۇلۇڭىدا ياشاۋاتقان بۇ خەلقنى بايقىغان ۋە بىلىدىغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپىيىپ ماڭماقتا. يېقىندا فرانسىيىدە ئىشلەنگەن "ئاتا" ناملىق فىلىممۇ مانا بۇلارنىڭ بىرى.



فرانسىيىدە ياشايدىغان تۈرك سەنئەتكارى چاغلا زەنجىرجى خانىم ئىشلىگەن بۇ فىلىم فرانسىيىدىكى تۈرلۈك فېسىتىۋاللاردا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ تاماشىبىنلارنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان. ئۆزىنىڭ بۇ فىلىمنى ئىشلەشتىكى مەقسىتىنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتۇش، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان چاغلا زەنجىرجى خانىم مەقسىتىگە ئۇلاشقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ «مەن فرانسىيىدە بۇندىن 5 يىل ئاۋۋال ئەھەتجان ئەپەندىم بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، ئۇ بىزگە ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ پارىژغا كېلىپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى، بىز بۇنىڭغا ئىنتايىن قىزىقتۇق. چۈنكى ئەھەت ئەپەندىم ئۆزىمۇ ئىنتايىن ھۆرمەتكە سازاۋەر ۋە قىزىقارلىق ئادەم. شۇنىڭ بىلەن بىز كېيىن ئۇنىڭ ھاياتىنى ئۆرنەك ئېلىپ تۇرۇپ بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەشنى ئويلاشتۇق، ئەمما كېيىن بۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئۇلىشىشى ئۈچۈن بىر ھېكايە فىلىم قىلىپ ئىشلەپ چىقتۇق» دەيدۇ چاغلا خانىم ۋە داۋاملىق تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ :  «ھېكايە ئەسلىدە تۈركىيىدىن پارىژغا كەلگەن بىر تۈرك قىزىنىڭ ھېكايىسىدىن باشلىنىدۇ. بۇ قىز بۇرۇن ئۆزى تونۇشقان بىرىسگە ئەگىشىپ پارىژغا كەلگەن بولۇپ، بۇ يەردە ئۆزىگە يېڭى بىر ھايات قۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. لېكىن ئۇ بۇ يەردە ئىنتايىن يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ. ئۇ بىر كۈنى دېرىزىسىنىڭ ئالدىدىكى يەردە بولۇۋاتقان قۇرۇلۇشقا قاراپ تۇرۇۋاتقىنىدا قۇرۇلۇشتىكى بىر كىشىنىڭ گەرچە چىراي شەكلى ئۆزىگە ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىدەك تۈرك تىلىدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايال ئۇ كىشى بىلەن تونۇشۇش جەريانىدا ئۇ كىشىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ بۇيەرگە كەلگىنىگە 5 يىل بولغانلىقىنى بىلىدۇ. فىلىمدە يات بىر دۆلەتتە يالغۇز ياشاش، يات بىر دۆلەتتە ھايات مۇجادىلىسى بېرىش بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق بايان قىلىنىدۇ. گەرچە ئۇلار بىر - بىرىنى تونۇمىسىمۇ، ئۇلارنى ئوخشاش بىر تىل يېقىنلاشتۇرۇۋاتقان ئىدى، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ تىلىنىڭ بىر - بىرىگە قانچىلىك ئوخشايدىغانلىقىنى تونۇشقانسېرى ھېس قىلىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ فرانسىيىگە كېلىش سەۋەبلىرى، ھاياتى بىر - بىرىدىن ناھايىتى پەرقلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئوخشاش بىر تىلدا سۆزلىشىشى ئۇلارنى بارا - بارا دادا بىلەن قىزىغا ئوخشاش يېقىنلاشتۇرىدۇ » «مەن 5 يىل بۇرۇن فرانسىيىگە كەلگىنىمدە فرانسۇزچە بىلگىنىمگە ۋە كۆرۈنۈش جەھەتتىن فرانسۇزلارغا ئوخشىغانلىقىمغا قارىماي، بۇ يەرگە كۆنەلمەي جاپا تارتقان ئىدىم. ئەھەتجان ئەپەندىم بولسا فرانسۇزچىنى ياخشى بىلمەيتتى، كۆرۈنۈش جەھەتتىنمۇ فرانسۇزلاردىن پەرقلىق ئىدى، يەنى بىر قاراشقىلا ئۇنىڭ چەتئەللىك ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ كىشىنىڭمۇ ئوخشاش قىيىنچىلىقلارنى تارتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۆز دۆلىتىڭىزدە بولمىسىڭىز قانداقلا بولمىسۇن بىر كۆنۈش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرىسىز. مەن بۇنى دېمەكچى. فىلىمدىكى قىزنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق مەسىلىلىرى بار، ئەھەت ئەپەندىمنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق  مەسىلىلىرى بار. لېكىن مەن بۇلارنى فىلىمدە بەك ئالدىغا چىقىرىۋەتمەي بەلكى ئۇلارنى فىلىمنىڭ بىر زىننىتى قىلىپ تۇرۇپ ئىشلەتتىم. مەيلى سىز قايسى مەدەنىيەتتىن كەلگەن بولۇڭ، يات بىر دۆلەتكە كەلگىنىڭىزدە چوقۇم ئۇ يەرگە كۆنۈۋالغۇچە جاپا تارتىسىز، ھەممىمىز شۇنداق. مەن كىنودا فرانسىيىدە چەتئەللىك بولۇش قانداق بىر تۇيغۇ، قانداق باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ، بۇنى قانداق قىلغاندا يېڭىپ چىققىلى بولىدۇ، دېگەننى ئاساس قىلدىم »
«ئەلۋەتتە تۈركلەرنىڭ ياۋروپاغا بېرىش تارىخى ئۇيغۇرلاردىن كۆپ بالدۇر. ياۋروپادىكى تۈرك نوپۇسىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە جىق. ئەمما ئۇيغۇرلار بولسا تېخى يېقىنقى يىللاردىن بېرى چەتئەللەرگە چىقىشقا باشلىدى . مەن مەيلى ياۋروپادىكى، مەيلى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بولسۇن بارغانلىكى دۆلىتىدە تۈرك جامائىتى بىلەن ئارىلىشىدىغانلىقىنى كۆردۈم. گەرچە ئىككى تۇغقان مىللەت بىر - بىرىدىن مىڭلارچە چاقىرىم ئۇزاقتا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا چەتەللەردە بىر - بىرى بىلەن ناھايىتى تېز چىقىشىپ ياشىماقتا. سىز بۇنى نېمىگە باغلايسىز؟ » دېگەن سوئالىمىزغا چاغلا خانىم مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن ئەھەت ئەپەندىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دوستلىرى بىلەن سۆزلەشكەندە ئۇنىڭ گېپىنى يۈزدە يۈز چۈشىنىپ كېتەلمىسىەممۇ، ئەمما ئاساسى جەھەتتىن نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلەلەيمەن. تەخمىنىمچە ئۈرۈمچىگە بارسام 3 ئاي ئىچىدە مەن ئۇيغۇرچىنى تولۇق چۈشىنەلەيدىغان بولۇپ چىقىمەن. مانا بۇ تىل بىزنى يېقىنلاشتۇرۇۋاتقان بىر ئامىل. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزمۇ ئوخشاش. ئەسلىدە مەن ئەھەتجان ئەپەندىم بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن بىزنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلدىم. چۈنكى ئارىدىن يىللار ئۆتە - ئۆتە بىز تىلىمىزنى نېمىشقا بۇنداق ئىشلىتىدىغانلىقىمىزنى، ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمىز. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەن ئەھەت ئەپەندىم بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ئۆزىمىزنىڭ ئۆتمۈشىگە بىر سەپەر قىلدىم دېسەممۇ بولىدۇ. مېنىڭ ئەھەتجان ئەپەندىم ھەققىدە كىنو ئىشلەش خىيالىغا كېلىپ قېلىشىممۇ، مېنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنىڭ ئۆتمۈشۈمگە ئائىت نەرسىلەرنى ئۆگەڭەنلىكىمدىن بولدى. ئۇيغۇر تۈركلىرى ماڭا ئوخشاش تۈركىيىدىن كەلگەن تۈركىيە تۈركلىرى ئۈچۈن ھەركۈن كۆرۈپ تۇرىدىغان نەرسە ئەمەس، بىز ئۇنى پەقەت تارىخ دەرسلىرىدىلا كۆرىمىز. ئۇنى بىردىنلا ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرگىنىڭىزدە ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ئىنتايىن قىزىقىسز. مەن بۇ يېقىنلىشىشىمىزنىڭ سەۋەبىنى تىل دەپ قارايمەن، ئەلۋەتتە مەدەنىيىتىمىزمۇ بىر - بىرىگە شۇنداق ئوخشايدۇ»


« سىزنىڭ بۇ فىلىمىڭىز مۇكاپاتقا ئېرىشىپتۇ، بۇ ھەقتە بىزگە تېخىمۇ تولۇق مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز؟ » دېگەن  سوئالىمىزغا ئۇ  مۇنداق جاۋاب بەردى « بىز بۇ فىلىمنى 2007 -يىلى 12 -ئايدا  ئىشلەپ تاماملىدۇق ،  كىنونى فېستىۋاللارغا 2008 - يىلى1 - ئايدا قاتناشتۇردۇق. ئەڭ مۇھىمى فىلىمىمىز كلەغموڭفېيغاڭ  قىسقا فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلدى. بۇ فېستىۋال ئىنتايىن مۇھىم بىر فېستىۋال بولۇپ، ئۇ يەردە ھەم فىلىمنىڭ، ھەم فىلىم بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئىسمىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى ناھايىتى ياخشى بولدى. چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر كېلىپ بىزگە "ئۇ يەردە بۇنداق بىر خەلقنىڭ ياشايدىغانلىقىنى بىز پەقەتلا بىلمەيتتۇق، بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن بىلدۇق"، دېدى. بىزنىڭ ئەسلى مەقسىتىمىزمۇ مانا شۇ ئىدى. يەنى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش ئىدى. مەقسىتىمىزگە ئۇلاشقان بولدۇق. ئىككىنچى بولۇپ، كېرىتىريەس ئاياللار فىلىملىرى فېستىۋالىدا كۆرسىتىلدى. ئۇ فېستىۋالدا بىزنىڭ بۇ فىلىمىمىز مۇكاپاتلاندى. ئالغان مۇكاپاتىمىز ئىنتايىن مۇھىم بىر مۇكاپات، چۈنكى ئۇ فېستىۋالغا قاتناشتۇرۇلغان فىلىملەرنىڭ ئارىسىدىن خەلق ئۆزى باھالاش ئارقىلىق خەلق تەرىپىدىن بېرىلىدىغان مۇكاپات. باھالىغۇچىلار تەرىپىدىن ئەمەس، خەلق تەرىپىدىن بېرىلگەن بىر مۇكاپات، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز بۇ مۇكاپاتنى ناھايىتى يۇقىرى بىر پەرق بىلەن ئالدۇق. بىزنىڭ بۇ فىلىمىمىز يەنە فرانسىيىدىكى مونوپولىيە فىلىم فېستىۋالىدا گرانپىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇمۇ فىلىمنىڭ تارتىلىشىغا، رېژىسسورلۇقىغا بېرىلگەن مۇكاپات. بىز بۇلاردىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇق."

چاغلا خانىم، " سىز ياۋروپادىكى فىلىم فېسىتىۋاللاردا ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپسىز. بۇندىن كېيىنمۇ باشقا پىلانلىرىڭىز بارمۇ؟ " دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: "بۇندىن كېيىنكى پىلانىمدا مەن گىيىمى جونىتتى بىلەن بىرلىكتە پاكىستاندا ئۇزۇن بىر كىنو ئىشلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز. بۇنى 9 - ئايدا باشلايمىز. بىلىشىمچە، پاكىستاندىمۇ ئۇيغۇر تۈركلىرى بار، ئۇلارنى قەشقەرىيلەر دەپ ئاتايدىكەن. ئۇلار قەشقەردىن كېلىپ پاكىستاندا چوڭ تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىكەن. ھازىرچە تولۇق مەزمۇنىنى دەپ بېرەلمىسەممۇ، فىلىمىمىزدە يەنىلا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەزمۇنلار ئۆتىدۇ."

كىنو ئادىرسى بۇيەردە .. http://zaman515.blogbus.com/logs/30391560.html


ئورخۇن تورى : TarimDadxah.تىمىسى

http://www.orkhun.com/bbs/
[ يوللىغانzaman515تەرىپىدىن2008-10-25 03:23 AMقايتا ]

 

___ باشقۇرغۇچى : gul-sanam تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-19

 

ھەقىقىي مىسۋاك
http://zaman515.blogbus.com/
| ۋاقتى : 2008-10-19 15:54 [باش يازما]
hujaabdulla

دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 40943
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 630
ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە630دانە
شۆھرەت: 632 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 6280 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :246(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-05-17
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  رەخمەت  سىزگە  بۇ  ئۇچۇر  بىلەن  تەمىنلىگىنىڭىزگە،  ئەپسۇس  بۇ كىنو  قويۇلمىدى
ھەقىقىي مىسۋاك
غۇجىئابدۇللا
| ۋاقتى : 2008-10-19 16:43 1 -قەۋەت
zaman515

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 18456
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 135
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە135دانە
شۆھرەت: 146 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 150 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :108(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-07-04
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
بۇ يازما1قەۋەتتىكىhujaabdullaنىڭ2008-10-19 04:43 PMيوللىغان  :
  رەخمەت  سىزگە  بۇ  ئۇچۇر  بىلەن  تەمىنلىگىنىڭىزگە،   ئەپسۇس  بۇ كىنو   قويۇلمىدى


بىرئاز ساقلىسىڭىز قويۇلىدۇ ...........لىكىن بەك قىتىۋالىدكەن .........بۇيەرنى باسسىڭىز چوڭ ئىكىران بولىدۇ
ھەقىقىي مىسۋاك
http://zaman515.blogbus.com/
| ۋاقتى : 2008-10-19 16:49 2 -قەۋەت
tughrul
تۇغرۇل _ بۈركۈت سەردارى !

ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 48638
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2745
ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2745دانە
شۆھرەت: 2761 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7821 سوم
تۆھپە: 45 نۇمۇر
ياخشى باھا: 38 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :656(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-06-15
ئاخىرقى :2008-10-26

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

تەكرار يوللاندىمۇ نىمە بۇ تىما .
ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-10-19 16:57 3 -قەۋەت
1949

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 28622
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 218
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە218دانە
شۆھرەت: 259 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2078 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :296(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-12-28
ئاخىرقى :2008-10-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

شۇ ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تورىدا بۇ كىنونىڭ ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنغانلىقى ھەققىدە گەپ باركەنغۇ، قارىغاندا يېقىندا ئۇيغۇرچىسىنى كۆرىدىكەنمىزدە بۇ كىنونىڭ
ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-10-19 17:18 4 -قەۋەت
palta

ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 13316
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 417
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە417دانە
شۆھرەت: 418 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3775 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :226(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-03-22
ئاخىرقى :2008-10-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەن ئىنكاس يېزىش ئارقىلىق تېمىنى ساخلىۋېلىپ كىيىن كورەي
تېما ئىگىسىگە رەھمەت
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
52522
| ۋاقتى : 2008-10-19 17:24 5 -قەۋەت
mahibeder

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 56338
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 23
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە23دانە
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 230 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :209(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-08-05
ئاخىرقى :2008-10-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مىرزامان!!!!        
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
| ۋاقتى : 2008-10-19 17:29 6 -قەۋەت
uruxkak

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 12509
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 76
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە76دانە
شۆھرەت: 77 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 310 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :44(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-03-03
ئاخىرقى :2008-10-23

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

رەخمەت  سىزگە  بۇ  ئۇچۇر  بىلەن  تەمىنلىگىنىڭىزگە،  داۋاملىق يىڭى ئۇچۇربولسا يىزىپ تۇرۇڭ
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
يو ك
| ۋاقتى : 2008-10-19 18:16 7 -قەۋەت
zulmat0999

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 26683
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 240
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە240دانە
شۆھرەت: 241 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2185 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :540(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-11-30
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

رەھمەت سىز گە بەك ياخشى يوللانما يوللاپسىز
ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-10-19 18:29 8 -قەۋەت
Altun-toghirak

ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى :تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 18886
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1370
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1370دانە
شۆھرەت: 1375 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 0 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :208(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-07-12
ئاخىرقى :2008-10-23

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

25 مىنۇتلۇق فىلىمنى تولا توختۇتۇپ يۈرۈپ، 2 سائەتتە ئاران كۆرۈپ بولدۇم.. ناھايىتى ياخشى ھەم تەسىرلىك ئىشلىنىپتۇ. . بەك  ھاياجانلاندىم...تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر...
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
./ad/nahxa.gif
| ۋاقتى : 2008-10-19 18:51 9 -قەۋەت
تۈرۈك

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 61997
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 32
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە32دانە
شۆھرەت: 33 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 320 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :42(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-10-18
ئاخىرقى :2008-10-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

يەنىلا قېرىنداشلىق مېھرى !!!!!  يات يىگىچە تۇغقان ئولگىچە       
ھەقىقىي مىسۋاك
كۆكلەي دېسەڭ ئۇيغۇرۇم ، سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ
| ۋاقتى : 2008-10-19 19:08 10 -قەۋەت
AtTiLA
تەڭرى قامچىسى ئاتتىلا

موللا تاپقاق يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى :تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 3564
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1697
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1697دانە
شۆھرەت: 11997 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1504 سوم
تۆھپە: 58 نۇمۇر
ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :497(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-04-29
ئاخىرقى :2008-10-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بەك ياخشى بوپتۇ ،،
بەكلا قىتىۋالدىكەن ،ھە!!!
ھەقىقىي مىسۋاك

شەبنەمدىكى كىشلەر ھەر خىل ، يازغان ئىنكاسلىرى سەرخىل
| ۋاقتى : 2008-10-19 19:25 11 -قەۋەت
klmy_kalip

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 56305
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 127
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە127دانە
شۆھرەت: 529 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 847 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :107(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-08-04
ئاخىرقى :2008-10-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

           
ھەقىقىي مىسۋاك
يېڭى تەرەققىيات شەھىرى قارامايغا مەرھەمەت.!
| ۋاقتى : 2008-10-19 19:41 12 -قەۋەت
KANHOR

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 20349
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 200
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە200دانە
شۆھرەت: 201 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1850 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :20(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-08-09
ئاخىرقى :2008-10-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

رەھمەت رەھمەت                
ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-10-19 19:52 13 -قەۋەت
yusain

دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 36479
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 692
ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە692دانە
شۆھرەت: 693 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 0 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :135(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-03-24
ئاخىرقى :2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بەك ياخشى تېمىكەن مەن كورىپ باقاي```````````
ھەقىقىي مىسۋاك
شەبنەم قىززىقچىسى``````
| ۋاقتى : 2008-10-19 20:05 14 -قەۋەت
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )



Time now is:10-26 03:40, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation

互联网电子公告(BBS)服务资质