سىز بۇ تېمىنىڭ 182ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى››لارنى باھالاش ئۆلچىمى دەۋرگە ماسلىشىشى كېرەك IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
...yasir
ئۇزۇن قۇلاق

ئالاھىدە ئىلگىرلەش يازما يوللاش ئۇستىسى ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 31302
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 490
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە490دانە
شۆھرەت: 610 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 680 سوم
تۆھپە: 100 نۇمۇر
ياخشى باھا: 85 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :121(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-01-31
ئاخىرقى :2008-10-22

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى››لارنى باھالاش ئۆلچىمى دەۋرگە ماسلىشىشى كېرەك

‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى››لارنى باھالاش ئۆلچىمى دەۋرگە ماسلىشىشى كېرەك





13– سېنتەبىر جۇڭگو مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى گۇ مىڭيۈەن: ‹‹ئەمدى ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى سايلىماسلىق كېرەك، بالىلار پسىخىك جەھەتتە تېخى تولۇق يېتىلمىگەن، ئۇلارغا چوڭلارغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ! چۈنكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچى ئاساس مائارىپ باسقۇچى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى  قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، شۇڭا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى دەرىجىگە ئايرىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز›› دېدى.

ئاۋۋال ‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى›› دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتەيلى:  1953 – يىلى ماۋ زېدۇڭ ‹‹ئۈچتە ياخشى›› بولۇشنى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت يۆنىلىشى قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياشلاردىن ‹‹جىسمانىي جەھەتتە ياخشى، ئۆگىنىشتە ياخشى، خىزمەتتە ياخشى›› بولۇشنى تەلەپ قىلغان. ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››دا ‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى›› ئۆلچىمى بىكار قىلىنغان. 1982 – يىل 5 – ئاينىڭ 5 – كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىكى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ‹‹ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىن ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى سايلاشنىڭ سىناق چارىسى››نى ئېلان قىلىپ،‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى››لارنىڭ ئۆلچىمىنى ئىدىيىۋى ئەخلاقتا ياخشى، ئۆگىنىشتە ياخشى، جىسمانىي جەھەتتە ياخشى بولۇش، دەپ بېكىتكەن. كۆپ ساندىكى مەكتەپلەردە ھازىرمۇ مۇشۇ سايلاش ئۆلچىمى قوللىنىلىۋاتىدۇ.

شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، مەلۇم تارىخىي مەزگىلدە، ‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى››لارنى باھالاش ئوقۇغۇچىلاردا شەرەپ تۇيغۇسى، ئالغا ئىلگىرىلەش روھىنى يېتىلدۈرۈشتە بەلگىلىك تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. ئىلگىرى ‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى›› لارنى باھالاشتا ‹‹ھەم قىزىللاشقان ھەم ئىختىساسلاشقان بولۇش››، ‹‹ئەقلىي جەھەتتىن قابىلىيەتلىك بولۇش››قا ئەھمىيەت بېرىلگەن بولسا، ھازىرقى ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆلچىمىدە ‹‹خاسلىقى بولۇش››، ‹‹ئىجادكار بولۇش››نى ئاساس قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىۋاتىدۇ. ئوقۇش نەتىجىسى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ ئايرىم جەھەتتە تالانتى بار ئوقۇغۇچىلار باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئاشۇ ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىپ ھۆرمەتلىنىشكە تېگىشلىك ئىدى. لېكىن ‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى››لارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە بۇنداق ئوقۇغۇچىلار سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچراپ ۋە چەتكە قېقىلىپ، ئېتىراپ قىلىنمايۋاتىدۇ. مائارىپ بارلىق بالىلارنى روھىي ئازادىلىك، ئىناق تەرەققىياتتىن بەھرىمەن قىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئومۇميۈزلۈك خۇشاللىققا ئېرىشەلمىسە، بۇنى ئىناق بولمىغان مائارىپ، دەيمىز. بىز دائىم ‹‹بىر باھالاش تۈرى كۆپ بولسا، شۇنىڭغا مۇناسىپ بىر تۈركۈم ياخشى ئوقۇغۇچى يېتىشىپ چىقىدۇ›› دەيمىز، ‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى››لارنىڭ ئۆلچىمى نەچچە ئون يىلغىچە ئۆزگەرمىسە، بالىلارنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىغا قانداقمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولسۇن؟

كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغىنى، ‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى››لارغا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇشنىڭ كويىدا بولىدىغان››، ‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلىقنى تەلەپ قىلىدىغان›› ئەھۋال داۋام ئەتمەكتە، ‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى››لارنى سايلاشقا ئادەمگەرچىلىك، چىرىكلىشىش ئامىلى ئارىلىشىپ، ‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى››لارنى سايلاشنىڭ ئادىللىقى، نوپۇزى تەسىرگە ئۇچرىماقتا.

ئامېرىكىدا مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى يوقلىما، ئۆگىنىش نەتىجىسى، تەشكىللەش ۋە پائالىيەت ئىقتىدارى، كەشپىيات – ئىجادىيەت ئىقتىدارى، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئاكتىپلىقى، باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتلىنىش نىسبىتى %10 بولىدىكەن، بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە باھالاپ چىقىدىكەن، باھالاش ئوچۇق – ئاشكارا بولىدىكەن. بۇنىڭدىن غەرب دۆلەتلىرىدە مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى باھالاش ئۆلچىمىنىڭ دەرسخانا بىلەنلا چەكلەنمەستىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمئىيەت، كىشىلىك پەزىلەت، ئادىللىق، باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلىش قاتارلىق مەنىۋى جەھەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە غەيرىي ئەقلىي قابىلىيىتىگە چېتىلىدىغانلىقىنى، ئوقۇغۇچىلارنى كەڭ ئىجتىمائىي بوشلۇققا قويىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. شۇڭا، غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي كۈچى دۆلىتىمىز ئوقۇغۇچىلىرىدىن كۈچلۈك، بۇنى ئۇلارنىڭ مائارىپ چۈشەنچىسىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.

‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى››لارنى سايلىماسلىق دېگىنىمىز ‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى››لارنى سايلاش مېخانىزمىنى بىكار قىلىۋېتىش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى سايلاش ئۆلچىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەك، دېگەنلىكتۇر. مەسىلەن، شېنجېن ‹‹خەيۋەن›› باشلانغۇچ مەكتىپى ‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى››لارنى سايلاشنىڭ يېڭىچە ئۆلچىمىنى سىناق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلاردىكى ئىدىيىۋى ئەخلاق، ئۆگىنىش، تەنتەربىيە، ساغلاملىق، ئۇنىۋېرسال ئىقتىدار قاتارلىقلارنى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى قىلغان. جىسمانىي جەھەتتە ساغلام ئوقۇغۇچىغا ساغلام تەن مۇكاپاتى‹‹جەنۇبىي جۇڭگو يولۋىسى›› مۇكاپاتى بەرگەن، مەكتەپ يەنە ياخشى ئادەت مۇكاپاتى‹‹پەرىشتە›› مۇكاپاتى، ئەخلاق – پەزىلەتتە ئىلگىرىلەش مۇكاپاتى ‹‹ئاق قوتان›› مۇكاپاتى، كوللېكتىپنى سۆيۈش مۇكاپاتى ‹‹تۇرنا›› مۇكاپاتى، سەمىمىي بولۇش، ۋەدىسىدە تورۇش مۇكاپاتى‹‹كۈلرەڭ توز چۈجىسى›› مۇكاپاتى، ئۆگىنىشتە ئىلگىرىلەش مۇكاپاتى‹‹قارا تۇلپار›› مۇكاپاتى، ئۆگىنىشتە مۇنەۋۋەرلەر مۇكاپاتى‹‹قىزىل قاشقىلىق تۇرنا›› مۇكاپاتى، تىرىشچان ئوقۇغۇچىلار مۇكاپاتى‹‹ھەسەل ھەرىسى›› مۇكاپاتى قاتارلىق 13 تۈرلۈك مۇكاپات تەسىس قىلغان. تۇنجى باھالاش پائالىيىتىدە يېرىمغا يېقىن ئوقۇغۇچى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ‹‹خەيۋەن›› باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ بۇ تەجرىبىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، بارلىق بالىلارنى ھۆرمەت ۋە تەرەققىياتتىن بەھرىمەن قىلىشتا پايدىلىنىش قىممىتى بار.

بۇنىڭدىن كېيىن مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئۇسۇللارنى بىكار قىلىپ، بالىلارنىڭ ئۆزىگە خاس تەرەققىياتىنى بوغۇپ قويۇۋاتقان چۈشەكلەرنى ئىسلاھ قىلىپ، ئىلغار، ئاقىلانە ئۇسۇللارنى قوللىنىشىمىز ھەم ئۇنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. گۇ مىڭيۈەننىڭ تەشەببۇسى دەل ئەنئەنىۋى ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىشكە قارىتىلغان سىگنالدۇر. مائارىپىمىز يېڭى دەۋر مائارىپى، خەلقئارالاشقان مائارىپ، ئىجادچان مائارىپقا يۈزلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا مائارىپتىكى ئىشلىرىمىز بالىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، بارلىق بالىلارنى خاس تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشكە، ئۇلارنىڭ قابىلىيىتىنى نامايان قىلىشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئىختىساسلىقلارنى كۆپ خىللاشتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي روھىنى ئۇرغۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.


ئەسلى مەنزىل : جۇڭگو مائارىپ گېزىتى

ھازىرقى مەنزىل : شىنجاڭ گېزىتى
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
بىردەملىك تاقەت 10 يىللىق راھەتنىڭ مەنبەسى .
| ۋاقتى : 2008-10-16 17:03 [باش يازما]
JAHANNAMA

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 26352
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 31
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە31دانە
شۆھرەت: 32 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 310 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :39(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-11-26
ئاخىرقى :2008-10-18

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ناھايىتى ياخشى يېزىلغان ماقالىكەن دىمىسمۇ مائارىپمۇ دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىشى ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلارمۇ دەۋىر بىلەن ماس  قەدەمدە مېڭىشى كېرەك.لېكىن 
شەبنەم نادىر ناخشىلىرىنى چۈشۈرۋېلىڭ
http://www.awil.net/bbs/customavatars/3915.jpg
| ۋاقتى : 2008-10-16 22:43 1 -قەۋەت
tughrul
ئانا تىلنى قوغداش شەرەپ !

ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 48638
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2684
ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2684دانە
شۆھرەت: 2700 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 110 سوم
تۆھپە: 45 نۇمۇر
ياخشى باھا: 33 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :630(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-06-15
ئاخىرقى :2008-10-22

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇلىدىغان ياخشى پىكىركەن ، بۇ ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىمۇ ، سەلبى تەرەپلىرىمۇ بار ئىدى.
ھەقىقىي مىسۋاك

http://tughrul.salkin.cn
| ۋاقتى : 2008-10-16 23:02 2 -قەۋەت
quxtikiakku

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 54821
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 165
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە165دانە
شۆھرەت: 166 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 510 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :135(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-07-15
ئاخىرقى :2008-10-20

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ خىل مۇكاپاتلاش ئۇسۇلىمۇ بولىدىكەن. بالىلارغا بىسىم بولمايدۇ. تىرىشىپ ئۇگىنىدىغانلار كۆپىيىدۇ.
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
| ۋاقتى : 2008-10-16 23:06 3 -قەۋەت



Time now is:10-22 19:35, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation

互联网电子公告(BBS)服务资质