| ||||||
Altun-toghirak | شىنجاڭدىكى يارداڭلىقلارشىنجاڭدىكى يارداڭلىقلار ۋە ئۇنىڭ ساياھەت قىممىتى يارداڭلىق شامالدا يالانغان يەر شەكلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يارداڭلىق ئاساسەن يالانما ئوقۇر، سۈپەتسىز يەرلەر، مۇگۇسىمان يالانما خادا تاش، ئالۋاستى شەھىرى (شەيتانكەرش)، قىساڭ، ئويمان يەر ۋە گوبى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان. مەملىكىتىمىزدىكى يارداڭلىقلارنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 20 مىڭ كۋادىرات كىلومىتىر كىلىدۇ. شىنجاڭدىكى يارداڭلىقلارنىڭ كۆلىمى 3000 دىن 4000 كۋادىرات كىلومېتىرغىچە كىلىدۇ. مەملىكىتىمىز بويىچە ئەڭ چوڭ يارداڭلىقلار چىڭخەي ئۆلكىسى سەيدام ئويمانلىقىنىڭ غەرىبى شىمالىغا تارالغان. شىنجاڭدىكى داڭلىق يارداڭلىقلاردىن قاراماي شەھرىنىڭ ئورقۇ رايونىدىكى شەيتانكەرش يارداڭلىقى، جىمسار ناھىيىسىنىڭ كۆيۈكتاغ جىلغىسى يارداڭلىقى، گۇچۇڭ ناھىيىسىنىڭ شامال شەھىرى يارداڭلىقى قاتارلىقلار بار. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەرىپ ئىكىسپىدىيىچىلىرى لوپنۇر رايونىدا نۇرغۇن يارداڭلىقنى بايقىغان ۋە يەرلىك كىشىلەرنىڭ بۇنداق شامالدا يالانغان يەر شەكلىنى يارداڭ، دەپ ئاتايدىغانلىقىنى ئۇقۇپ، خاتىرە دەپتەرلىرىگە«yardang» دەپ يازغان. شۇنىڭ بىلەن غەرىبلىك ئالىملار بۇ ئاتالغۇنى شۇ بويىچە قوبۇل قىلغان. كىيىن جۇڭگۇ ئالىملىرى ئۇنى «雅丹地貌» دەپ تەرجىمە قىلغان. يارداڭ يەر شەكلى كەلكۈن سۈيى ئېروزىيىسى بىلەن شامال ئېروزىيىسىنىڭ ئورتاق تەسىرىنىڭ نەتىجىسىدۇر. يارداڭلىق يەر شەكلىنىڭ يىتىلىشىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا، كەلكۈن سۈيى يالىڭاچلانغان تەكشى كەتكەن يەر يۈزىنى يالاپ، سانسىز كىچىك جىراغا بۆلۈۋىتىدۇ. تاغ جىنىسى قاتلىمى بىۋاستە يەر يۈزىدە ئىچىلىپ قىلىپ، سوتكىلىق تىمپىراتۇرا پەرىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرايدۇ. ئىسسىقلىقتىن كىڭىيىپ، سوغۇقتىن تارىيىش رولى تاغ جىنىسى يۈزىنى بارغانسىرى بوشىتىۋىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇرغۇن گۇرزىنتال ۋە ۋىرتىكال چاكلار پەيدا بولۇپ، شۇ ئاساستا كۈچلۈك بوراننىڭ يالاش تەسىرىدە ياكى شامال ۋە سۇنىڭ نۆۋەتلىشىپ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن، تەدرىجى ھالدا تىپىك يارداڭ يەر شەكلى پەيدا بولىدۇ. شىنجاڭدىكى يارداڭلىقلار شەكىل جەھەتتىن خىلمۇ-خىللىققا ئىگە بولۇپ، ھەر قايسىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ۋە جەزبىدارلىققا ئىگە. شەيتانكەرش يارداڭلىقى رىۋايەتلەردە ئىيتىلغان ئالۋاستى شەكلىدىكى سۈر ھەيۋىسى ۋە غەلىتە ئاۋازى بىلەن كىشىدە قۇرقۇنىچ تۇيغۇسى پەيدا قىلسا، كۆيۈكتاغ جىلغىسى يارداڭلىقى ھەر خىل قەلئە، گۈمبەز شەكلىدىكى سۇمباتى ۋە رەڭدار جىلۋىسى بىلەن كىشىدە ماي بوياق رەسىملىرىدىن زوقلانغاندەك ئېستىتىك زوق پەيدا قىلىدۇ. كۇچادىكى قىزىلتاغ يارداڭلىقى سانسىز خادا تاشلاردىن تەركىپ تاپقان تاش ئورمان سىياقىدا كۆرۈنسە، تۇرپاندىكى يالقۇنتاغ ئوت دىڭىزىدا كۆيۈپ بولالمىغان غايەت زور قاسىراقلىق ئەجدىھادەك سوزۇلۇپ ياتىدۇ. ئومۇمەن شىنجاڭدىكى يارداڭلىقلارنىڭ تۈرلىرى تولۇق، ئالاھىدىلىگى روشەن، سۈپىتى يۇقىرى بولۇپ، قۇرغاق رايوندىكى چۆللۈك ساياھەت بايلىقلىرىنىڭ جەۋھىرى ھىساپلىنىدۇ. شىنجاڭدىكى يارداڭلىقلار ئۆزگىچە مەنزىرىسى ۋە جەلىپ قىلىش تۈسى بىلەن جەنۇپتىكى دىڭىز بويى رايۇنلىرىنىڭ رايۇنلۇق مۇھىتى، مەدىنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىدىن پەرىقلىنىدۇ. شۇنداقلا ئۇ دىڭىز بويىدىكى ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان رايۇنلاردىكى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىگە نىسبەتەن ناھايىتى كۈچلۈك جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن يەنە ھازىرقى زامان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تەبىيەتكە قايتىش پىسخىكىسىغا تولىمۇ ماسلىشىدۇ. شۇڭا يارداڭلىق ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇش چۆللۈك ساياھىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ تەبىيەتكە قايتىشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى قوغداشتا چەكسىز تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە. مەنبە : ساياھەت ۋە دۇنيا. ___ باشقۇرغۇچى : Biperwa تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-16
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
kirim دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياخشى رەسملار ئىكەن. رەخىەت سىزگە.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
arxdin90 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | شىنجاڭدا مۇشنداق خەلتە يەر بارمۇ ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
bora-tekin دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تامامەن بار مۇشۇنداق يەرلەر،مەن شۇ قاراماي شەھىرىنىڭ ئورقۇ رايونىدا ئىشلەيمەن،ۋاقتىم يەتكەندە شەيتانكەرىش سۇرەتلىرىنى ھوزورۇڭلارغا سۇناي
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
osal292 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بىزنىڭ زىمىنىمىزمۇ بەك چىرايلىق ھە!
http://blog.salkin.cn/home.asp?uid=868 | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ALMALIG دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياخشى رەسملار ئىكەن. رەخىەت سىزگە.................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
پاتصمة دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | چىرايلىق رەسىملەر ئىكەن. رەھمەت!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
nafisa503 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بەك چىرايلىق يەرلەر كەن،رەخىەت سىزگە.................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
naway0999 | ئورقو دىكى شەيتانكەرىشنى ئالتايغا بارغانلار ئوبدان بىلىدۇ، ھەقىقى گۈزەللىكنىڭ تەبئى گۈزەللىكتىن كىلىدىغانلىقنى شۇ جاينى كۆرسىڭىز ھىس قىلىسىز
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ququl دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | گۈزەللىكتىن كىلىدىغانلىقنى شۇ جاينى كۆرسىڭىز ھىس قىلىسىز
| ||||
---|---|---|---|---|---|
sadik_0117 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئەڭ ئاخىرقى سۇرەتنى يېقىندىن كۆرسە ئۇنڭدا بىر كۈرۈنۈش بار. ئۇ يەر يان تەرپىدىن قارىغاندا مىسىردىكى شىر تەنلىك ئادەم ھەيكىلىگە ئوپمۇ ئوخشايدۇ. شوڭىلاشقا ساياھەتچىلەر ئۇنى دۇنيادىكى ئىككىنچى شىر تەنلىك ئادەم سۆرىتىدىكى ھەيكەل دەپ ئاتايدۇ. بۇ سۇرەت قارامايدىكى دۇنياۋى ساياھەت ئورنى ئالۋاستى شەھىرى (شەيتانكەرش)بۇلۇپ، بۇ يەردىكى ھەر خىل غەلىتە شەكىللەر تەبىئى پەيدا بولغان ، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ناھايتىمۇ كەم ئۇچرايدۇ.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
sapra121 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ئاجايىپ رەسىملەركەن ................
| ||||
---|---|---|---|---|---|
barak دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بەك ياخشى ماتىريالكەن ،باشلانغۇچ مەكتەپ 4-يىللىق شىنجاڭ دەرسلىكىگە مۇناسىۋەتلىك.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
qalikux2 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بىزنىڭ شىنجاڭدىمۇ شۇنداق تارىخىي قىممىتىگە ئىگە تەبئىي مەنزىرىلىك گۈزەل سااياھەت رايونلىرى بار تۇرۇپ تېخىچە بېرىپ باقماپتىمىز !
چەتئەللەردىن ئاتايىن كېلىپ كېتىدىكەن ،چىراق تۈۋى قاراڭغۇ دېگەن شۇ دە؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|