| ||||||
delkax520 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قۇتاد غۇبىلىك داستانى كىرىش سۆزبۇ تىمىنى Biperwa : پەلسەپە ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى(2008-10-13)
كىرىش سۆز
ئۇيغۇرلار – ئۇزۇن تارىخقا ، مول مەدىنىيەتكە ئىگە ۋە قىممەتلىك مەدىنى مىراسلارغا ئىگە قەدىمىي بىر مىللەت . ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز جۇڭگۇنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك ۋە پارلاق مەدىنىيەتكە ئىگە مەملىكەت بولۇپ شەكىللىىشىدە ،ئۇيغۇر خەقىمۇ ، باشقا قېرىنداش مىللەتلەرگە ئوخشاشلا ، تۈرلۈك تارىخىي دەۋرىلەردە سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدىنى جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىغان ، بولۇپمۇ ۋەتىنىمىزنىڭ مول مەدىنىيەت غەزىنىسىنى بېيىتىشقا چوڭ تۆھپىلەرنى قوشقان ئىدى . ئەنە شۇنداق تۆھپىلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11- ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك مۇتەپەككۇرى ۋە دانىشمەن شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك » داستانىدۇر . بۇ داستان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەت قۇبۇلىدىن كېيىنكى يازما ئەدىبىياتىدىن ھازىرغىچە زامانىمىزغا يېتىپ كەلگەن تۇنجى بەدىئى ئەسەر ؛ 11 – ئەسىر ئۇيغۇر ئەدىبى تىلىنىڭ ئەڭ ياخشى نەمۇنىسى ھەم قارا خانىيلار دەۋرى ئىجدىمائى ھاياتى بىلەن ئىدىئولۇگىيسىنىڭ روشەن ئىنكاسى ۋە ئىپادىسىدۇر . بۇ داستان پۈتۈن ئۇيغۇر مەدىيتى تارىخىدىكى پارلاق نامايەندە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا مەدىنيتى تارىخىدىمۇ زور قىممەتكە ئىگە . 1 10- ، 11- ئەسىرلەردە بىزنىڭ ھازىرقى بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك ۋەتىنىمىزدە بىر قانچە ھاكىمىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىدى . شىمالى جۇڭگۇدا كىدان ( قىتان ) لار ھاكىمىيتى ، جەنۇبى جۇڭگۇدا سۇڭ سۇلالىسى ، غەربىي شىمال ئېگىزلىكىنىڭ بىر قىسمىدا تاڭغۇتلار ھاكىمىيتى ، خېشى كارىدورىدا گەنجۇ ئۇيغۇر ھاكىمىيتى ، تۇرپان ئويمانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم جايلاردا قۇجۇ ( ئېدىقۇت ) ئۇيغۇر ھاكىمىيتى ، كۇچارنىڭ غەربىدىن تارتىپ بۇخاراغىچە ۋە شىمالدا ئىسسىق كۆلدىن تارتىپ جەنۇپتا خوتەنگىچە بولغان كەڭ زېمىندا قارا خانىيلار ھاكىمىيتى مەۋجۇت ئىدى . دەسلەپ بالاساغۇن① شەھرىنى ، ئاندىن قەشقەر ( ئوردا كەنت ) نى پايتەخت قىلغان قارا خانىيلار ھاكىمىيتىمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەجدادلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىر سۇلالە بولۇپ ، بۇ سۇلالە مىلادى 9 – ئەسىردىن 13- ئەسرنىڭ باشلىرىغىچە دەۋر سۈرگەن ۋە پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنڭ ئىقتىساد ھەم مەدىنىيەت تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى . قارا خانىيلار سۇلالىسى بولۇپمۇ 11- ئەسىردە زور گۈللىنىش دەۋرىگە كىردى . بۇ دەۋىردە بىر تەرەپتىن ، ئاللىقاچان باشلىنىپ كەتكەن يېزائىگىلىك ۋە قول ھۈنەر سانائىتى ئىجدىمائى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ ئاساسى قىسمى بولۇپ قېلىش نەتىجىسىدە ، ئولتۇرراقلىشىش ۋە شەھەرلىشىش ئومۇملشىپ كەتتى . قەشقەر ، بارچۇق ( مارالۋېشى ) ، بالاساغۇن ، ئوترار، اراپ ، سەمەر قەنت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يىرىك ئىقتىسات ، سودا ۋە مەدىنىيەت مەركەزلىرى مەيدانغاكەلدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مىللى ئەنئەنىۋى مەدىنىيەت ئاساسىدا ، ئىسلام مەدىنىيتى ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىگى مەدىنىيتىنىڭ مۇنەۋەر ئامىللىرىنى قوبۇل ①بالاساغۇن شەھرىنىڭ ئورنى : ھازىرقى سوۋېت قىرغىزىستانى توقماق رايونىنىڭ شەرقى جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ. قىلىش بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدىنىيەت تارىخىدا يېڭى بىر دەۋر باشلاندى . بۇ يېڭى دەۋر مەدىنىيتى ( تاكى 13- ئەسىرگىچە ) غەرپ مەدىنىيتىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. ئەنە شۇ چاغلاردا قارا خانىيلار سۇلالىسى تەۋەسىدە ئەبۇ ئابباس پەرغانى ، ئەبۇ نەسىر ارابى ، ئەبۇ رەيھان بىرونى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، مەھمۇت قەشقىرى قاتارلىق ئۇلۇغ ئالىم ، مۇتەپەككۇر ۋە شائىرلار مەيدانغا كەلدى . شەرقتىكى بۇدداچى ، " ئېدىقۇت " ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە ساڭقۇسالى تۇتۇڭ قاتارلىق بۇيۈك تەرجىمان ۋە ئالىملار يېتىشپ چىقتى . دىننى ئايرىمىلىقلاردىن قەتئىنەزەر ، ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن يۈكسەك سەۋىيگە ئىگە بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدىنىيتى ۋۇجۇتقا كەلدى . « قۇتادغۇ بىلىك » داستانى ئەنە شۇنداق بىر تارىخىي شارائىتتا مەيدانغا كەلدى . 2 بۇ داستان قەشقەردە يېزىلغان بولۇپ ، مۇئەللىپنىڭ ئېيتىشىچە ، ھىجىرىينىڭ 462- يىلى 18 ئايدا تاماملانغان . شۇنىڭغا قارىغاندا ،داستاننىڭ يېزىلغان ۋاقتى مىلادى 1070 _ 1069_ يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ . مۇئەللىپنىڭ ئۆزى بالاساغۇندا تۇغۇلۇپ ، ئىجادى پائالىيتىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن . تەگۇردى مەڭا ئەلگىن ئەلگىن ئەلىگ ياشىم ، قوغۇ قىلدى قۇزغۇن تۇسى تەگ باشىم . ( تەككۈزدى ماڭا قولىن ئەللىك يېشىم ، قوغۇ① قىلدى قۇزغۇن تۇسىدەك بېشىم . ) ① قوغۇ _ ئاققۇ . بۇ مىسرالاردىن مۇئەللىپنىڭ بۇ داستاننى يېزىۋاتقان چاغلىرىدا ئەللىك ياشلاردىن ئاشقانلىقىنى ، داساتاننى يېزىپ بولغان ۋاقتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ قارىغاندا ، تەخمىنەن مىلادى 1018 – ياكى 1019 – يىلى تۇغۇلغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. داستان يېزىلىپ بولغاچ ، مۇئەللىپ ئۇنى قارا خانىيلار ھۆكۈمدارى تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇ ئېلى ھەسەنگ تەغدىم قىلغان ، ھەسەن بۇغرا خان مۇئەللپكە خاس ھاجىپلىق ئۇنۋانىنى بەرگەن . داستاننىڭ ئەسلى قوليازمىسى تېخى تېپىلغىنى يوق ، ھازىر ئىلىم دۇنياسىغا مەلۇم بولغىنى ئۆز زامانىسىدىن خېلى كېيىن كۆچۈرۈلگەن ۋېنا ، قاھىرە ، پەرغانە ( ياكى نەمەنگان ) نۇسخىلىرىدىن ئىبارەت . ۋېنا نۇسىخىسى : مىلادى 1439 – يىلى ھىرات شەھرىدە ھەسەن قارا سايىل شەمىس دېگەن كىشى تەرىپىدىن قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرلۈپ ، مىلادى 1474 – يىلى ئىستانبۇلغا كەلتۈرۈلگەن ۋە كېيىن ئاۋىستىرالىيەلىك شەرقشۇناس ھاممىر پورگىشتال بۇ نۇسخىنى ۋېنا ئورادا كۈتۈپخانىسىغا كەلتۈرگەن ، بۇ ھازىرمۇ شۇ كۈتۈپخانىدا ساقلانماقتا ( بۇ نۇسخا ھىرات شەھرىدە كۆچۈرۈلگىنى ئۈچۈن ، ھىرات نۇسخىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) . 1823- يىلى فىرانسۇز شەرقشۇناسى ژائۇبېرت ئامبېدى تۇنجى بولۇپ مەتبۇئاتتا « قۇتادغۇ بىلىك » ھەققىدە خۋەر ئېلان قىلىش بىلەن تەڭ ئۇنىڭدىن بەزى نەمۇنىلىرىنى نەشر قىلدۇرغان . 1870- يىلى ۋېنگىرىيە ئالىمى ۋامبىرى شۇ نۇسخا بويىچە « قۇتادغۇ بىلىك » نىڭ ئەڭ مۇھىم قىسىملىرىنى نېمىسچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان . قاھىرا نۇسخىسى : ئەرەپ ھەرىپى ئاساس قىلىنغان ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن بولۇپ ، قاھىرەدىكى " ھىدىۋ " ( ھازىرقى قىرال ) كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا ، بۇ نۇسخىنى 1896 – يىلى نېمىس ئالىمى مورىتىز تۇنجى قېتىم ئاشكارلىغان ھەم 1897 – يىلى مەشھۇر رۇس ئالىمى _______________ ① ھاجىپ _ (ئەرەپچە ) ئارىچى ، ۋاكالەتدار ، خاننىڭ ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچىسى دېگەن مەنىلەردىكى سۆز بولۇپ ، مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ سۆزنىڭ قەدىمكى تۈركچىسى " تاياڭۇ " يەنى تايانچ ، سەلتەنەت تايانچى ، دۆلەت تۈۋرۈگى دېمەكتۇر . ( « دېۋانى لۇغەت تۈرك »، وتۇ نۇسخا 230- بەت . ) رادلوفقا شۇ نۇسخىنىڭ كۆچۈرمىسىنى ئەۋەتكەن ، رادلوف ۋېنا نۇسخىسى بىلەن بۇ نۇسخىسىنى سېلىشتۇرۇپ ، نۇرغۇن ئەمگەك سىڭدۈرگەندىن كېيىن ،1910- يىلى « قۇتادغۇ بىلىك » نىڭ تىرانسىكىرىپىسىيسى بىلەن نېمىس تىلىغا قىلىنغان تەرجىمىسىنى نەشىر قىلدۇرغان . 1943- يىلى قاھىرە نۇسخىسىنىڭ 0وتۇ نۇسخىسىنى تۈركىيىگە كەلتۈرۈپ ، قايتا بېسىلىپ چىققان . پەرغانە نۇسخىسى ئەرەپ ھەرىىپى ئاساس قىلىنغان ئۇيغۇر يېزىغىدا كۆچۈرۈلگەن ۋە ھەممىدىن تولۇق نۇسخا بولۇپ ، بۇ نۇسخىنى تۇنجى قېتىم تاتار ئالىمى زەكى ۋەلىدى 1914 – يىلى پەرغانىنىڭ نەمەنگان شەھرىدىكى مۇھەممەت ھاجى ئىشان لالەرىش دېگەن كىشىنىڭ شەخسى كۈتۈپخانىسىدا كۆرگەن ۋە بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىغان. 1924 – يىلى ئۆزبېك ئالىمى پىترەت بۇ نۇسخىنى قولغا چۈشۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولغان ۋە بىر يىلدىن كېيىن بۇ نۇسخا ھەققىدە ماقالا ئېلان قىلغان ، ئاندىن 1928 – يىلى بۇ نۇسخىنىڭ ئايرىم پارچىلىرىنى زۆرۈر ئىزاھلار بىلەن ئۆزبېك تىلىدا نەشر قىلدۇرغان . يۇقىردىكى 3 خىل كۆچۈرمە نۇسخىدا بېيىتلار سانى ھەرخىل ئىدى . مەسىلەن : قاھىرە نۇسخىسى 5.400 بېيىتتىن ، پەرغانە نۇسخىسى 6.095 بېيىتتىن تەركىپ تاپقان . ۋېنا نۇسخىسى تېخىمۇ تولۇقسىز ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، 3 نۇسىىدا دىگۈدەك كۆچۈرگۈچىلەردىن كەلگەن ئايرىم خاتالىقلارمۇ بار ئىدى . كېيىن ، تۈركىيە ئالىمى رېشىت رەھمىتى ئارات يۇقىردا بايان قىلىنغان 3 نۇسخىنى تەپسىلى سېلىشتۇرۇپ تولۇقلاش بىلەن 1947 – يىلى « قۇتادغۇ بىلىك » نىڭA . نەسرى مۇقەددىمە ؛ B . نەزمى مۇقەددىمە ؛ C . باپلار مۇندەرىجىسى ؛ D . « قۇتادغۇ بىلىك » تېكىسىتى ؛ E . مۇئەللىپ تەرىپىدىن ئىلاۋە قىلىنغان ئۈچ پارچە لېرىكىدىن ئىبارەت تىرانسىكىرىپىسىيلىك تولۇق مەتىن ( تېكىست ) نى تۇرغۇزۇپ چىقتى . شۇ مەتىن بويىچە ئېيىتقاندا ، « قۇتادغۇ بىلىك » داستانى 85 باپقا بۆلۈنگەن بولۇپ ، 6.645 بېيىت ، يەنى 13.290 مىسرادىن تەركىپ تاپقان ( كېيىن قوشۇلغان نەسرى ۋە نەزمى مۇقەددىمىلەر بۇنىڭ سىرتىدا ) . داستان ئايرىم تۆتلىكلەرنى ھىساپقا ئالمىغاندا ، مەسنىۋى ( ئىككىلىك ) شەكلىدە ئارۇز ۋەزنىنىڭ مۇتاقارىپ بەھرىدە يېزىلغان بولۇپ ، 3.800- 3.801 - بېيىت بىلەن ئاخىرىدا ئىلاۋە قىلىنغان 3 لېرىكىنىڭ ئىككىسى مۇتاقارىپ مۇسەممەنى سالىم ( يەنى فەئۇلۇن ، فەئۇلۇن ، فەئۇلۇن ، فەئۇلۇن ،) ۋەزنىدە يېزىلغان . « قۇتادغۇ بىلىك » ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ھەجىم جەھەتتىن چوڭ ژانىر ۋە ئۇسلۇپ جەھەتتىن ئۆز دەۋرى ئۈچۈن تامامەن يېڭى بىر بەدىئى ئەسەر بولۇش بىلەن بىللە ، شۇ زامان ئۇيغۇر ئەدەبى تىلىنىڭ مۇجەسسەم قامۇسىدۇر . مەشھۇر سوۋېت ئالىمى س . ي . مالوڧمۇ " « قۇتادغۇ بىلىك " – ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىلغان يىلى مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمكى ئىسلام دىداكتىك مەزمۇنىدىكى يادىكارلىغىدۇر » ... ئۇنىڭ " ئەرەپ ئىلىپبەسى بىلەن يېزىلغان نۇسخىلىرى 11 – ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تاۋۇشلىرىنى بىر قەدەر روشەن ئەكىس ئەتتۈرىدۇ " دەيدۇ . ① 3 « قۇتادغۇ بىلىك » ئۆزىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە مەزمۇنى بىلەن ھەممىدىن بۇرۇن بىر ئەدىبى ئەسەر ۋە ئۇيغۇر داستانچىلىقىنىڭ تىپىك نەمۇنىسىدۇر . ئۇنىڭدا لىرىكا ئامىللىرى بىلەن ئىپىك بايان ، دىراممىلىق ئېپىزوتلار بىلەن تەبىئەت تەسۋىرى ، ئوبرازلىق تەسەۋۇر بىلەن شەخس ( ئادەم ) خاراكتىرى ، پەلسەپىلىك تەپەككۇر بىلەن مەجاز ( مىتاڧورا ) ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلغان . لېكىن ئۇ مۇھەببەت داستانى ياكى قەھرىمانلىق داستانى ئەمەس . بۇ ئەينى زامان ئىجدىمائى ھاياتى بىلەن زىچ باغلانغان ، ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن رىياللىغى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئەدىبىي ئەسەردۇر . « قۇتادغۇ بىلىك » تىكى ① س . ي . مالوف : « قەدىمكى تۈركى يېزىقلار يادىكارلىقلىرى » 229 – بەت . 1959 – يىل ، موسكىۋا لېنىنگراد . نۇرغۇن تەسۋىرلەردە زىئالىزىم نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ ، مۇئەللىپ ئۆز دەۋرىدىكى ئىجدىمائى تۇرمۇشنى قۇرۇق پەند-نەسىھەتكە تايىنىپ ئەمەس ، بەلكى بەدىئى ئۇسۇل بىلەن پىرسۇناژلار ئوبرازىنى يارىتىپ ، كونكىرت ۋەقە ئېپىزوتلىرى ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۈرىدۇ . ئەسەردىكى تۆت پىرسوناژ ئۆز – ئارا بىر – بىرىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ . ئۇلارنىڭ خاراكتىرىرىدىكى پەرقلەر پىرسۇناژلارنىڭ بىر – بىرىگە تامامەن ئوخشىمايدىغان ھايات پەلسەپىسى ۋە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرىدۇ . مانا بۇ نۇقتا « قۇتادغۇ بىلىك » داستانىنى باشقا ھەرقانداق پەندى نەسىھەت خاراكتىرىدىكى ئەسەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ . ئەسەردىكى ھۆكۈمدار كۈنتۇغدى مۇئەللىپ تەرىپىدىن يۈكسەك دەرىجىدە غايىۋىلەشتۈرۈلۈپ " ئادىل قانۇننىڭ سىمۋولى " قىلىنغان . ئۇ مۇنداق دەپ جاكارلايدۇ : كونىلىك ئۇزەلە كەسەرمەن ئىشىگ ، ئادىرمازمەن بەكسىگ يا قۇلسىغ كىشىگ . ( قىلۇرمەن ئادالەت بىلەن ھەل ئىشىن ، ئايرىماسمەن بەگ ۋە قۇل دەپ ھېچ ئىشىن . ) كەرەك ئوغلۇم ئەرسە ياقىن يا ياغۇق ، كەرەك بارقىن ئەرسە كەچىگلى قونۇق . ( كېرەك ئوغلۇم ئولسۇن ، يېقىن تۇغقىنىم ، يولۇچى ، ئۆتكۈنچى ، بىرەر قونىغىم . ) تورۇدە ئىكىگۇ ماڭا بىر سانى ، دەسەردە ئادىن بولماغاي ئول مىنى . ( ماڭا تەڭ ئىكىسى قانۇن ئالدىدا ، بولەكچە بولماسمەن ھۆكۈم ۋاقتىدا . ) ئەسەردىكى ۋەزىر ئايتولدى ئۆزىنىڭ بەخت –سائادەتنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى ، ئەمما بەخت – سائادەتنىڭ قارارسىزلىغىنى ، تۇتۇشنى بىلمىسە ، ئۇنىڭ تېز قېچىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە بەخت – سائادەتنى تۇتۇپ قېلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى گۈزەل ئەخلاقىلىق بىر كىشى بولۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ . ۋەزىرنىڭ ئوغلى ئوگدۇلمىش ئەقىل – پاراسەت سىمۋولى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئوبرازى ئاتسىنىڭ ئوبرازىدىنمۇ يارقىنراق ، ئۇ بىر مۇنچە ئالىجاناپ پەزىلەتلەرنى تولۇق ئىگەللىگەندىن تاشقىرى ، يەنە يۈكسەك ئەقىل – پاراسەت ۋە بىلىمگە ئىگە ھەم ئاشۇ ئەقىل – پاراسەت ۋە بىلىم ئارقىلىق دۆلەت ۋە پۇقرالار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئىنتىلىدىغان بىر ئوبرازدۇر . ئەسەردىكى قانائەت سىمۋولى ئودغۇرمىش ھەممىدىن مۇرەككەپ شەخس . ئۇ زور ئالىم ، دانىشمەن ، پەيلاسوپ ، لېكىن ، رىيال دۇنيادىن قول ئۈزگەن زاھىت . ئۇ ، بۇ دۇنيانى بىر قونالغۇ ( ئۆتەڭ ) ، كىشى ئۈچۈن ئازغىنا يىمەكلىك بىلەن بەدەننى ياپقۇدەك بىر پارچە لاتا كۇپايە ، باشقا ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىھۇدە ئاۋارىگەرچىلىك دەپ قارايدۇ .كۇنتۇغدى ئېلىگنىڭ ساراي خىزمىتىگە تەكلىپ قىلىپ يازغان خېتىگە قاتتىق جاۋاپ قايتۇرىدۇ . لېكىن ، ئاخىرىدا ئوگدۇلمىش بىلەن كۇنتۇغدى ئېلىگنىڭ : خەلققە پايدىلىق بولۇش كېرەك ، خەلققە خىزمەت قىلغان كىشىلەرلا ھەقىقى بەختكە ئېرىشىدۇ ، خەلققە خىزمەت قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئىبادەت دېگەن مەزمۇندىكى گەپلىرىگە قايىل بولىدۇ ۋە ئوگدۈلمىشكە : سېنىڭ ماڭغان يولۇڭ توغرا ، سەن شۇ يولدا مېڭىشنى داۋام ئەت ، دەپ ئىپادە بىلدۈرىدۇ . دىمەك ، مۇئەللىپ ئۆزىنىڭ بى رپۈتۈن ئىدىيە ھىسياتىنى ئەنە شۇ تۆت پىرسۇناژ ، يەنى ئادالەت سىمۋولى كۈنتۇغدى ئېلىگ ( ھۆكۈمدار ) ، بەخت – سائادەت سىمۋولى ئايتولدى ( ۋەزىر ) ، ئەقىل – پاراسەت سىمۋولى ئوگدۇلمىش ( ۋەزىرنىڭ ئوغلى ) ، قانئەت سىمۋولى ئودغۇرمىش ( زاھىت ) ئارىسىدىكى دىراممىلىق سۆھبەتكە سىڭدۈرۈپ ، ئۆزىنىڭ دۆلەت ۋە جەمىئەتنى قانۇن ، بىلىم ۋە ئەخلاق – پەزىلەت بىلەن ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى بىر قاتار غايىۋى قاراشلىرىنى نامايەن قىلىدۇ . ئۆز دەۋرىدىكى رىئاللىقنى ئىسلاھ قىلىشقا قارىتىلغان بىر قاتار ئىجدىمائى تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ، ئۇ ، قارا خانىلار دەۋرىدىكى يۇقىرى تەبىقىغە مەنسۇپ شەخس بولسىمۇ ، ئىجتىمائى زىديەتلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماستىن ۋە زىئاللىقنى پەدەزلىمەستىن ، بەلكى ئۇنىڭدىكى مەۋجۇت ئىللەتلەرنى دادىللىق ۋە رەھمىسىزلىك بىلەن ئېچىپ تاشلايدۇ ھەم سۆكىدۇ . مەسىلەن : ئەي ئېلىگ ، ئوتاچى سانى سەن بۇ كۇن ، بۇدۇن بارچا ئىگلىگ ساڭا مۇڭلۇغۇن . ( ئېلىگ سان تىۋىپقا ئوخشارسەن بۇ كۇن ، ساڭا مۇھتاج ئېرۇر ئاغرىق _ گلق پۇتۇن . ) قايۇسى كوتۇرمىش بولۇر كۇچ ئىرىنچ ، ياقۇسى چىغايلىق بىلە يېر ساقىنىچ . ( بىرى چەككەچ زۇلۇم ،بەختى قارادۇر ، بىرى يوقلۇق غېمىدە بىنەۋادۇر . ) قايۇ ئاچ ،قايۇسى يالىنمىش بولۇر ، قايۇ قادغۇ بىرلە ئۇنىمىش بولۇر . ( بىرى ئاچ ، ئۇ بىرسى يالاڭغاچ يۇرۇر ، بىرى قايغۇ – غەمدە پىغانلار چېكۇر . ) سېنىڭدە تۇرۇر ، كور ، بۇلارنىڭ ئەمى ، ئوتاغىل دارۇ بىرلە ، بولغىل قامى . ( سېنىڭدە تۇرۇر ، كور ، بۇنىڭ دورىسى ، داۋالا بولۇپ سەن ھېكىم – ئۇستىسى . ) قالى قىلماسا سەن ئەمى يا ئوتى ، بودۇنقا بولۇرسەن تىرگلىك يۇكى . ( بېرىپ دورا _ داۋاسىن قىلمىساڭ گەر ، سېنىڭدىن بۇ خەلققە پالاكەت تېگەر .) مۇئەللىپ يەنە بىر قانچە بېيىتا شۇ ۋاقىتتىكى رىئال جەمىئەتكە بولغان كۆز قارىشىنى تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بىلەن ئىپادىلەپ بېرىدۇ : ئەي بىلىملىك كىشى ، ئەتراپىڭغا بىر باق .نىمىلەرنى كۆرەرسەن ، بىلىملىكەر خارلانغان ، ئېتىۋاردىن چۈشكەن ، چەتكە قېقىلغان ....ئەقىللىقلار تىلسىز ، ئۇلار ئاغىزىنى ئاچماس .... ھالالنىڭ چەقەت ئېتىلا قالدى ، ھەممە ياقنى ھارام قاپلىدى ، بۇنى سەزگەن كىشى يوق .......ۋاپا ئورنىنى جاپا ئىگەللىدى ، توغرا يولدا ماڭغان كىشى نەدە ؟! " ئۆز دەۋرىدىكى رىئاللىققا قارىتا ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزى ياراتقان غايىۋى پىرسۇناژلار ئاغىزىدىن ئادىل قانۇن يۈرگۈزۈش ، بىلىم ، ئىقل – پاراسەت ۋە ئەخلاقنى ئىززەتلەش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ئىجدىمائى غايىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ . بۇنداق بىر ئىجدىمائى غايىنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلىشى ئەينى دەۋرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، بىر " ئوتۇپىيە " ( خىيال ) بولسىمۇ ، شۈبھىسىزكى ، ئۇ مەلۇم دەرىجىدە ئەينى دەۋىردىكى خەلق ئارزۇ – ئارمانلىرىنى ۋە مەنپەئەتىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن ، تارىخى تەرەققىيات تەلىۋىنى ئىپادىلىگەن ، شۇڭا بۇ مۇئەييەن ئىلغارلىققا ئىگە . ئەنە شۇ نۇقتىلار بويىچە ئېيىتقاندا ، « قۇتادغۇ بىلىك » باشقا بارلىق مۇنەۋەر كىلاسىك ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ئوخشاشلا روشەن خەلقچىللىق خۇسۇسىيتىگە ئىگە ئەسەردۇر . شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كۆرسىتىش كېرەككى ، « قۇتادغۇ بىلىك » تىل ۋە شېئىرى ئۇسلۇپ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇيغۇر شېئىرىيتىنىڭ 11–ئەسىردىلا خېلى يۇقىرى سەۋىيگە ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ . مەسىلەن : ئەسكەر باشلىغى يۈرەكلىك ۋە جەسۇر بولۇشى لازىم ، شۇ چاغلدىلا ئۇنىڭ جەڭچىلىرىمۇ جاسارەتلىك بولالايدۇ ، دېگەن پىكىر مۇنداق گەۋدىلەندۈرۈلگەن : كۆر ، ئارسىلان بولۇ بىرسە ئىتقا باشى ، بۇ ئىت بارچە ئارسلان بولۇر ئوز تۇشى . قالى بولسا ئارسىلانغا ئىت باشچىسى ، ئول ئارسلان بولۇر بارچە ئىت ساقىشى ، ( بولىۋەرسە ئىتقا ، كور ، باش ئارسىلان ، بولۇر ئىتلار ھەممە ئارسلانسىمان ، ئەگەر بولسا ئىت ئۇ ئارسلانغا باش ، بولۇر ئارسىلانلار ھەم ئىتتەك ھامان . ) مۇئەللىپ ئادەمنىڭ مەنىۋى كامالەتكە ئېرىشىش ۋاقتى ياشلىق چېغى ئىكەنلىگى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: بودۇم ئوقتەگ ئەردى، كوڭۇل ئەردى يا ، كوڭۇل قىلغۇ ئوقتەگ بودۇم بولدى يا ، ( بويۇم ئىدى ئوقتەك ، كۆڭۈل ئىدى يا ، كۆڭۈل قىلغۇ ئوقتەك ، بويۇم بولدى يا . ) تەبىئەت تەسۋىرىگە بىر مىسال : قالىق يىرتتى كەدمىش قارا كوڭلەكىن ، ئاچىلدى يارۇق يۇز كوتۇردى ئەگىن . كۇلە باقتى ئورلەپ تانۇ قىز يۇزى ، يارۇدى بۇ دۇنيا ئىرى ھەم قوزى . ( پەلەك يىرىتتى كەيگەن قارا كۆڭلەگىن ، كوتەرتىپ پەرەنجە ، ئۇ ئاچتى يۇزىن ، كۇلۇپ باقتى ئورلەپ گۇزەل قىز يۇزى ، يورىدى جاھاننىڭ ھەر ئىككى يۇزى ①. ) « قۇتادغۇ بىلىك » نىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى بولۇپمۇ ئۇيغۇر شېئىرىيتىدىكى يەنە بىر مۇھىم تۆھپىسى شۇكى ، ئۇنىڭدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيتىدىكى بەزى نادىر ژانىرلار ( مەسىلەن : رۇبائى ، تەجنىس ، تۇيۇق ) نىڭ شۇ دەۋىرلەردىن تارتىپ ئۇيغۇر شېئىرىيتىدە مەۋجۇت ئىكەنلىگى ، يەنى بۇ ژانىرلارنىڭ قەدىمدىن قالغان مىللى مىراسلىرىمىز ئىكەنلىگى روشەن نامايەن قىلىنغان . بۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى ۋە ئەدەبىيات نەزەرىيسىدىكى بىزى چىگىش مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا بەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . رۇبائىلارغا مىسال : نەگۇ ئەر بولۇر ، كور ، مىڭەر دۇشمانى ، مىڭەر سوزلەمەسە كۇنىگە ئانى . بورىمۇ بولۇر كورگىل ئىتتە قايار ، ئۇدۇلا ئىشتسە مىڭ ئىتلەر ئۇنى . ( نىچۇك ئەر سانالۇر مىڭەر دۇشمىنى ، مىڭ غەيۋەت قىلمىسا ئۇنى ھەر كۈنى كور ، ئىتتىن قاچقان ئۇ بورى بولۇرمۇ ، ئاڭلانسا كەينىدىن مىڭ ئىتنىڭ ئۇنى . ) قۇت ئول بەگ ، بودۇنقا قۇتادغۇ كەرەك ، قۇتادسا بودۇن قارنى تودغۇ كەرەك . _______________ ① ئىككى يۇزى _ كۇنگەي ۋە تەسكەي . بۇ بەگلەر تەڭىز ئول تۇپى يىنچۇلۇگ ، تەڭىزكە ياغۇغلى بايۇغۇ كەرەك . ( بەگدۇر بەخت ، ئەلگە بەخت بەخش قىلماق كېرەك بەخت بەرسە ، ئەل قارنىن تويدۇرماق كېرەك . بۇ بەگلەر دېڭىزىدۇر ، تۇۋى ئۇنچىلىك ، دېڭىزگە يېقىنلار بېيىماق كېرەك . ) مانا بۇ كۇبلىتلاردا رۇبائىينىڭ ھەممە ئالاھىلىدىكلىرى ، يەنى چوڭقۇر پەلسەپىلىك پىكىر ، مەنا جەھەتتىن مۇستەقىلىلىق ۋە تولغۇنلۇق ، تىل ۋە ئۇسلۇپ جەھەتتىن پىششىق ھەم ئىخچاملىق ، شەكىل جەھەتتىن توتلۈك بولۇش خۇسۇسىيەتلىرى تولۇق ئىپادىلەنگەن . تەجنىس ۋە تۇيۇق ئۇمونىم سوزلەردىن پايدىلىنىپ يېزىلغان بىر خىل شېئىر شەكلى بولۇپ ، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرى بولۇپمۇ ئۇيغۇر شېئىرىيتىدە كەڭ تارقالغان بىر خىل نادىر سۆز سەنئىتىدۇر . بۇ خىل شېئىر شەكلى قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە ، بەلكى تەرەققى قىلماقتا . « قۇتادغۇ بىلىك » تە مانا شۇ سۆز سەنئىتىگىمۇ ئاللىقاچان ئاساس سېلىنغانلىقىنى كۆرىمىز . مەسىلەن : "قىز " دېگەن سوز قەدىمقى ئۇيغۇرچىدا ھازىرقى مەنىسىدىن تاشقرى ، "قىس " ، " كەم " ، " نادىر " دېگەن مەنىلەرنى بېرەتتى . شائىر بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بۇنداق يازىدۇ : بۇ مۇنداق كىشىلەر بولۇر ئىزى①قىز ، بۇ قىز قىزلىغى قىلدى قىز ئاتى قىز . ( مۇشۇنداق كىشىلەر بولۇر بەكمۇ قىز ، بۇ قىز قىزلىغى قىلدى قىز ئاتى قىز . ) __________________ ① ئىزى _ ( قەدىمقى ئۇيغۇرچە ) بەك ، بەكمۇ . "ھىساپ " دېگەن سۆز قەدىمقى ئۇيغۇرچىدا " ساقىش " دېيىلەتتى . " ساقىش " سوزىنىڭ ئىتمولوگىيسى ( كېلىپ چىقىشى ) " ساق ئىش " بولغاچقا ، شائىر بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ مۇنداق يازغان : ساقىش ساقلىغىن بولدى ئاتى ساقىش ، كورۇ بارسا ساقىش ئىزى ئوك ساق ئىش . ( ھېساپ ساقلىغىدىن ئاتالدى " ساقىش " ، كورۇرسەن ھىساپ ئۇ ئوزى بەك ساق ئىش . ) " قەسىر "، " ساراي " ، " ئوردا " سۆزلىرى قەدىمقى ئۇيغۇرچىدا " قارشى دېيىلەتتى . "قارشى " سۆزى يەنە ھازىرقى مەنىسىدىمۇ ئىشلىتىلەتتى . شائىر بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ مۇنداق يازغان : بۇ بەگلەر ئەۋى ئاتى قارشى تۇرۇر ، بۇ قارشى ئىچىندەكى قارشى تۇرۇر . ( بۇ بەگلەر ئۆيىنىڭ ئاتى " قارشى " دۇر ، بۇ " قارشى " ئەھلى ئۆز – ئارا قارشىدۇر . ) "ئوگ " دېگەن سۆز قەدىمقى زاماندا ئەقىل – ئىدراك ، ماختىماق ، چوڭ ياكى بۈيۈك دېگەن مەنىلەردە قوللىناتتى ، شائىر بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ناھايتى ئوبدان تۇيۇق ( مۇختەمىلات ) يازغان : قايۇ ئەردە بولسا ئۇقۇش بىرلە ئوگ ، ئانى ئەر ئاتاغىل ، نەچە ئوگسە ئوگ . ئۇقۇش ئوگ بىلىك كىمدە بولسا تۇگەل ، ياۋۇز ئەرسە كەدتى ،كىچىك بولسا ئوگ . ( ئەگەر كىمدە بولسا ئاڭ –ئىدراك ۋە ئوگ ، ئۇنى ئەر ساناپ سەن قانچە ئوگسەڭ ئوگ . ئەقىل – ئاڭ ، بىلىم كىمدە بولسا تولۇق ، يامان بولسا خوپ دە ،كىچىك بولسا ئوگ .) بۇ يەردە "ئوگ "سۆزى بىرىنچى مىسرادا ئەقىل ، ئىككىنچى مىسرادا ماختىماق ، تۆتىنچى مىسرادا چوڭ دېگەن مەنىلەردە كەلگەن . «قۇتادغۇ بىلىك »تە مول ۋە كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدىغان پەلسەپىلىك پىكرلەر شەرھىلەنگەنلىكى ، يۈكسەك بەدىئىيلىك ئىپادىلەنگەنلىكى ئۈچۈن ، ئۇ دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا قارا خانىيلار تېروتورىيەسىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى كەڭ رايونلاردا چوڭقۇر تەسىر قوزغىغان . كىتاپقا شۇ دەۋىردە باشقىلار تەرىپىدىن ئىككى مۇقەددىمە يېزىلغانلىقى ۋە 14 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغىچە ياشىغان " ئالتۇن ئوردا " دۆلىتىنڭ مەركەزلىرىدىن بولغان سارايچىق شەھرى خارابىسىدىن 1909 – يىلى تېپىلغان بىر كوزىدا « قۇتادغۇ بىلىك » كە تەقلىدەن يېزىلغان مىسرالارنىڭ ئۇچرايدىغانلىقى بۇنىڭ جانلىق دەلىلىدۇر . 12- ئەسىرنىڭ ئاخىرى بىلەن 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان ئەدىپ ئەخمەت يۈكنەكىنىڭ " ئەتەبەتۇل ھەقايىق " ( ھەقىقەت ئىشىگى ) ناملىق دىداكتىك داستانىنىڭ مەزمۇن ۋە ئۇسلۇپ جەھەتتىن « قۇتادغۇ بىلىك » كە ئوخشايدىغانلىقى ،« قۇتادغۇ بىلىك » تىن 250 يىل كېيىن نەسىردىن رابغۇزى تەرىپىدىن يېزىلغان « قىسسەسۇل ئەنبىيا » ناملىق ئەسەرنىڭ بېشىدىكى « باھار ھەققىدە مەدىھىيە » مۇ « قۇتادغۇ بىلىك » نىڭ دۆلەت ، سىياسەت ، ۋە ئىجدىمائى ئىدىيىلەر جەھەتتىلا ئەمەس ، بەلكى ئەدىبىيات جەھەتتىمۇ كېيىنكىلەرگە قانچىلىك كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ . 4 يۇقىردا بايان قىلىنغانلاردىن مەلۇم بولىدۇكى ، « قۇتادغۇ بىلىك » يېڭىدىن ئايىغى چىقىپ تاڭتايلاپ مېڭىۋاتقان بىر مەدىنىيەتنىڭ ئەمەس ، بەلكى قەدىمقى ۋە يۈكسەك بىر مىللى مەدىنىيەتنىڭ بىۋاستە مەسھۇلى . ئۇ ، ئەدىبى ئەسەر بولۇش بىلەن بىللە ھەم تارىخ ، ھەم پەلسەپە ، ھەم " سىياسەتنامە " ياكى دۆلەتشۇناسلىق ، ھەم ئىجدىمائى تەلىم – تەربىيە ۋە ئۇزاق ئۆتمۈش ھايات بىلەن قارا خانىيلار دەۋرىدىكى رېئال ھاياتنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن سىستىمىلىق بىر ئىلمى ئەسەر . شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئۇ ، شەرق مەدىنىيتىنى ، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى تىللاردا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر تارىخىنى ، قەدىمقى ئەجدارتلارنىڭ پەلسەپە ، ھوقۇق ، ( قانۇن ) ، ئېتىكا ( ئەخلاق ) ، تەلىم – تەربىيە ، دىنىي ئېتىقات ، دۇنيا قاراش ، ئۆرپ – ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە . شۇنداق بولغاچقا ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپلا ، بۇ ئەسەر خەلقئارادا ئىلىق ساھەسىدىكىلەرنىڭ زور دەرىجىدە دىققەت – ئېتىۋارىنى قوزغىدى ، ھەرقايسى مەملىكەت ئالىملىرى ۋە تەتقىقات خادىملىرى « قۇتادغۇ بىلىك » ئۇيغۇر مەدىنىيەت تارىخىدىكى يازما يادىكارلىقلار ئىچىدە ھەممىدىن كۆپ تەتقىق قىلىنغان ئەسەر ، بۇ ئەسەر خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ مۇھىم تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە . بىزنىڭ ئېلىمىزدىمۇ ماركىسىزىملىق مەيدان ، نۇقتىنەزەر ۋە ئۇسۇل بىلەن « قۇتادغۇ بىلىك » ئۈسىتدە ئومۇمىيۈزلۈك ۋە سېستىمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىلماقتا . ئوچۇقراق قىلىپ ئېيىتقاندا ، « قۇتادغۇ بىلىك » 11- ئەسىرگە تەئەللۇق بىر ئەدىبى ئەسەر بولغاچقا ، بارلىق كىلاسىك مەدىنى مىراسلارغا ئوخشاشلا ، بۇ ئەسەر ۋە ئۇنىڭ مۇئەللىپىمۇ بەزى جەھەتلەردە سىنپى ھەم تارىخى چەكلىملەردىن خالاس بولالمىغان . شۇڭا ، بىز تارىخى ماتىريالىزىمىلق نۇقتىنەزەر بىلەن ، ئۇنىڭ شاكىلىنى چىقىتىۋېتىپ ، مېغىزىنى ئېلىپ ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى پايدىلىق تەرەپلەرنى سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدىنىيەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىشىمىز لازىم . « قۇتادغۇ بىلىك » داستانىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئۆز ۋەزنى بىلەن نەزمى شەكلىدە ئىشلەش تۇنجى قېتىم بولۇۋاتقان ئىش . سەۋىيمىزنىڭ چەكلىك بولۇشى تۈپەيلىدىن بۇ نۇسخىدا بەزى يېتىشسىزلىكلەرنىڭ كۆرۈلىشى تەبىئى . كىتاپخانلارنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمىز . « قۇتادغۇ بىلىك » نى نەشىرگە تەييارلاش گۇرۇپپىسى 1983- يىل ماي . مەنبە:http://awzar.blogbus.com ___ باشقۇرغۇچى : Biperwa تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-13
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|