| ||||||
xabnam.com | شەبنەم شىركىتى خىزمەتچى قۇبۇل قىلىدۇ !بۇ تىمىنى xabnam.com ئىلگىرلەتتى(2008-10-13)
باشقىلاردىن پەرقلىق بولۇش ئۈچۈن كۈچەڭ ! xabnam.com غا قىسقا ئۇچۇر قىلىپ تەرجىمھالىڭىزنى يوللاڭ ! شىنجاڭ شەبنەم تور تېخنىكا چەكلىك شېركىتى ، ئورتاق يۈكسىلىش ئاساسىغا قۇرۇلغان ئەڭ ياش ، ئەڭ جەڭگىۋار روھقا تولۇپ تاشقان كوللىكتىپ بولۇپ ، 2008-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلغان . شېركەت ئاساسىي تىجارەت يۆنىلىشى - تور قۇرۇلۇشى ، تور بەت تېخنىكىسى ، ئېلان مۇلازىمەت ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . «شەبنەم تورى» بولسا ، شەبنەم شىركىتىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت قىلىش مەھسۇلاتى بولۇپ ، 2003-يىلى قۇرۇلغان «شەبنەم تورى» ئۇيغۇر تورلىرىدا بايراقدار رولىنى ئويناپ كېلىۋاتقان ، ئۇيغۇر تورلىرى ئىچىدە ئابونتى ئەڭ كۆپ ، زىيارەت سانى ئەڭ مول ئونىۋېرىسال تور بېكەت . شېركىتىمىز «شەبنەم تورى» نىڭ مەزمۇن جەھەتتىن تېخىمۇ بېيىپ يېتىلىشى ئۈچۈن ، نۆۋەتتە ئىقتىدارلىق تەھرىر(ئۇچۇر يوللاش ، مۇنبەر مۇھەررىرى)دىن بىر نەپەر (شېركىتىمىزگە كېلىپ خىزمەت قىلىدۇ)قۇبۇل قىلماقچى . شېركىتىمىز ئازادە خىزمەت مۇھىتى ۋە ئالاھىدە تەمىناتلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ . ئاساسلىق شەرتلەر تۆۋەندىكىچە : 1. شەبنەم تورىنى قىزغىن سۆيۈشى ، شەبنەم تورىنى چۈشىنىشى ، تورغا چىقىش تارىخى بولۇشى كېرەك ؛ 2. تولۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بولۇشى ، ئۇيغۇر تىلى ، خەنزۇ تىلىنى راۋان ئوقۇش ، يېزىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كرەك ؛ 3. كومپىيۇتېر تېخنىكىسى بار بولۇشى ، ئۇيغۇرچە خەت بېسىش سۈرئىتى نورمال بولۇشى (خەت بېسىش سۈرئىتى ئالاھىدە تېز بولغانلار ، photoshop سۈرەت بىر تەرەپ قىلىشتىن خەۋىرى بارلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ) كېرەك ؛ 4. جاپاغا چىداش ، ئىگىلىش تىكلەش روھى بولۇشى ، ئىتتىپاقلىق ئىدىيىسى روشەن بولۇشى ، خىزمەت پوزىتسىيىسى توغرا بولۇشى كېرەك ؛ 5. يېزىقچىلىق ، سەنئەت ، تەنتەربىيە جەھەتتىن تالانتى بارلار ئالدىن قۇبۇل قىلىنىدۇ ؛ __________________________________________________________________ يۇقىرقى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلگەن دوستلارنىڭ xabnam.com غا قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئۆز تەرجىمھالىنى تەپسىلى قالدۇرۇشىنى سورايمىز ! شېركىتىمىز تەرجىمھالىڭىزغا ئاساسەن سىز بىلەن ئالاقىلىشىدۇ . چوقۇم ئالاقىلىشىش ۋاستىسى قالدۇرۇلىشى كېرەك . تەرجىمھالدا كەم بولسا بولمايدىغان مەزمۇنلار : ئىسىم-فامىلىسى : جىنسى : يېشى : مەدەنىيەت سەۋىيىسى : قىزىقىشى : ئالاقىلىشىش تېلفونى : ئۆز چۈشەندۇرۇلىشى : (خىزمەت تارىخى ، خىزمەت تەجرىبىسى قاتارلىقلار يېزىلىدۇ ) بۇندىن سىرت ئالاھىدە ياسالغان تەرجىمھال ماتىرياللىرى بولسىمۇ قۇبۇل قىلىنىدۇ ! ___________________________________________________________________ شېركەت ۋە تور تونۇشتۇرۇلىشى : http://www.xabnam.com/about خىزمەت ئورنى : شىنجاڭ ئۈرۈمچى ___ شىنجاڭ شەبنەم تور تېخنىكا چەكلىك شېركىتى شىركەت قىززىق لىنىيىسى : 0991-2868585 ___________________________________________________________________ دېققەت : مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس قۇبۇل قىلىنمايدۇ ! | ||||
---|---|---|---|---|---|
uyghurjan مۇنبەردە يوق؟؟؟ | كومپىيوتىر بىلىملىرىدە تېخنىكىسى يوقىرى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ياخشى خىزمەت پۇرسىتى ئىكەن . قىنى ماس كىلىدىغان تورداشلار تىرىشىپ بىقىڭلار .............پۇرسەت غەنىيمەت ...!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gul-barge دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئىسىم-فامىلىسى : مۇقەددەس مەمەترىيىم
جىنسى : قىز يېشى : 22ياش مەدەنىيەت سەۋىيىسى : مەخسۇس كۇرۇس قىزىقىشى : يىزىقچىلىق، دىكتۇرلۇق قىلىش،مۇخبىرلىق قىلىش..... ئۆز چۈشەندۇرۇلىشى : مەن بۇيىل شىنجاڭمائارىپ ئىنىستۇتى تىلىۋىزىزىيە پىروگگىراممىسى ئىشلەش سىنىپىنى پۈتتۈردۈم. مەن پۈتتۈرۈپ ئىلى تىلىۋىزىيە ئىستانىسىدا ۋاقىتلىق ئىشلىدىم . ھازىر ئىنتىھان ۋاختىغا ئاز قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆيدە تەكرار قىلىۋاتىمەن.<自学考试>. مىنى ناۋادا بۇ ئىشقا مۇۋاپىق كۆرمىسەڭلار، باشقا جەھەتتىن ئويلىشىپ بىقىشىڭلارنى ئۈمۈ قىلىمەن . چۈنكى مەن شەبنەم مۇنبىرىگە دائىملىق ئەزا،ھەم بۇ مۇنبەرنى بەك ياخشى كۆرىمەن . ئۈمۈدۈم مەنمۇ شەبنەم ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسەمنى قوشسام دەيمەن. ئويلىشىپ بىقىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .ئاز كۈندىن كىيىن ئۈرۈمچىگە بارىمەن . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
OKYAN0997 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئىسىم - فامىلەم : ئەخمەتجان ئىبراھىم
جىنسى : ئەر يېشى : 25 ياش مەدەنىيەت سەۋىيسى : ئوتتۇرا تېخنىكوم قىزىقىشى : كومپىيۇتىر ، مۇزىكا ، تەنتەربىيە . ئۆز چۈشەندۈرلىشى : 2002 - يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ تۆت يىل تورخانا باشقۇرغان ، كومپىيۇتىر بىلىملىرى ، توربەت ياساش تېخنىكىسى ، Photoshop بىلىملىرىنى ياخشى ئىگەللىگەن ، لاھىيلەشتە بىر قەدەر ياخشى ئىقتىدارغا ئىگە . تا ھازىرغىچە كومپىيۇتىر ئىشلىتىپ كەلگەن بولۇپ كومپىيۇتىر ئونۋىرسال بىلىملىرى ، تور تېخنىكىسى جەھەتتە مۇكەممەل بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە ، كۈندىلىك تورغا چىقىش ۋاقتى 10 سائەت ئەتراپىدا . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
jahalat218 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | پەرھات ئابلا
ئوغۇل 27 ئالىي مەكتەپ تور غەربى رايون چارلاش ئۆزلەشتۈرۈش شىىركىتى | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
rexta دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئىسمىم:ئابدۇراخمان مەمەت
يىشىم :24 ياش مەدىنيەت سەۋىيەم: تولۇقسىز قىزىقىشىم:كىتاب ئوقۇش.كومپىيوتىر 1999-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئۆيدە 2004-يىلغىچە بىكار تۇرغان.2004-يىلدىن باشلاپ يانفۇن رىمۇنىت قىلىش بىلەن شۇغىللىنۋاتىمەن.ئاساسلىق ئىشىم يانفۇنغا يۇمشاق دىتال قاچىلاش.كۈندە 10 سائەت ئەتراپىدا كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرىمەن.photoshopدا دەسلەپكى ئاددى ساۋادىم بار..ئەسلى يۇرتۇم قاغىلىق ناھىيە جاڭگىلەسكى يىزا.ھازىرقى ئورنۇم يەكەن ناھىيە ئۇچقۇن يانفۇن بازىرى... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nurahmatjan دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئىسىم-فامىلىسى : نۇرەخمەتجان ھۈسەيىن
جىنسى : ئەر يېشى : 26 مەدەنىيەت سەۋىيىسى : ئوتتۇراتېخنىكوم قىزىقىشى : ئاۋاز بېرىش سەنئتى ئۆز چۈشەندۇرۇلىشى : (ھازىرغەربى جەنۇبى تارىم نېفىتلىكى قەشقەرتارماق گاز پونكىتىدا ئېشلەيمەن ) | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
waresi520 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئىسىم-فامىلىسى : ۋارسجان
جىنسى : ئەر يېشى : 23ياش مەدەنىيەت سەۋىيىسى :تولۇق كۇرۇس قىزىقىشى : يىزىقچىلىق، خەنزۇتىلى..... ئۆز چۈشەندۇرۇلىشى : مەن بۇيىل قەشقەر پىدا گوگكا ئىنىستۇتى تىل پاكۇلىتى خەنزۇ تىلى سىنىپىنى پۈتتۈردۈم.. مەن تەنتەك تور دۇنياسى قۇرغان.مىنى ناۋادا بۇ ئىشقا مۇۋاپىق كۆرمىسەڭلار، باشقا جەھەتتىن ئويلىشىپ بىقىشىڭلارنى ئۈمۈ قىلىمەن . چۈنكى مەن شەبنەم مۇنبىرىگە دائىملىق ئەزا،ھەم بۇ مۇنبەرنى بەك ياخشى كۆرىمەن . ئۈمۈدۈم مەنمۇ شەبنەم ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسەمنى قوشسام دەيمەن. ئويلىشىپ بىقىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .ئاز كۈندىن كىيىن ئۈرۈمچىگە بارىمەن | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yaz دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇلدىلا مەندىن ياخشىلار نۇرغۇنكەن.
[ يوللىغانyazتەرىپىدىن2008-10-12 00:07قايتا تەھرىرلە ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
miradilrexit دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئىسىم-فامىلىسى : مىرادىل رىشىت
جىنسى : ئەر يېشى : 23 مەدەنىيەت سەۋىيىسى : تولوق كۇرۇس قىزىقىشى : تەنتەرنىيە، مۇزىكا. ئۆز چۈشەندۇرۇلىشى : (ھازىر ئالى مەكتەپنىڭ ئۇچىنجى يىللىقىدا 电气自动化 ئوقۇۋاتىمەن ،) | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
aymihri421 دەرىجىسى :يېزىش چەكلەنگەن | <<ئايمىھرى>>
قىز 25 ياش ماگستىر ئاسپرانت كىتاب ئوقۇش ، ھىكايە يېزىش خەنزۇتىلى سەۋىيەم 10-دەرىجە ، ئېنگلىز تىلى سەۋىيەم 4-دەرىجە . ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە خەت بېسىش سۈرئىتىم تېز . مەلۇم گېزىتنىڭ ئەدەبىيات بېتىدە تەھرىرلىك قىلغان . مەلۇم تور بېكىتىدە تەرجىمان ۋە تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن . . شەبنەم مۇنبىرىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتلىق ئەزاسى ، بۈگۈن بۇ ئىنكاسنى يېزىش ئۈچۈن باشقىدىن تىزىملىتىپ كىردىم . رەھمەت . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yumuk18 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئىسىم-فامىلىسى : مەمەتجان
مەدەنىيەت سەۋىيىسى : مەخسۇس كۇرۇس قىزىقىشى : ئاخپارات ،ئەدەبيات،كومپيۇتىر ئۆز چۈشەندۇرۇلىشى :ئىسمىم مەمەتجان ئەر 24ياش ئۇيغۇر قەشقەر شەھەردىن 1984-يىلدىن 2000-يىلغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيسدە بولغان 2000-يىلدىن 2003-يىلغىچە قەشقەر پىداگۇگىكا مەكتىپدە ئومۇمىي پەن كەسپدە ئوقغان 2003يىلى 9-ئايدىن 2004-يىلى 5ئايغىچە ۋاقىتىلىق ئوقۇتقۇچى بولغان 2004-يىلى 9-ئايدىن 2007-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ رادئىۇ -تېلۋىزىيە ئۇنۋېرستىتدا ئاخپارت كەسپدە ئوقغان بۇ جەرياندا قەشقەر گېزىتى ،قەشقەر تېلۋىزيە ئېستانسى ۋە شىنجاڭ تېلۋىزيە ئېستانسدا پىراكتىكا قىلغان شۇنداقلا ۋاقتلىق ئىشلگەن ،2007-يىلى 8-ئايدىن 12-ئايغىچە قەشقەر ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستلىرى مەكتىپدە B2 كنىشكە بوينچە تەربىيلەنگەن 2008-يىلى 1-ئايدىن ھازىرغىچە قەشقەر بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتدە ئىشلەۋاتمەن. ئارتۇقچلقىم تىل -ئەدەبيات ،بۇ تۇردە ئاخپارات كەسپدە مۇنتىزىم ئوقغان ،مۇھەرىرلىك ،تەھىرلىك ۋە يىزىقچلىق بوينچە مۇنتىزىم تەربىيە ئالغان ،شىنجاڭ رادئىۇ -تېلۋىزيە گېزتىدە بىر نەچچە ئەسرىم ئىلان قىلنغان. كومپىيۇتىر : بۇ جەھەتتە كومپىيۇتىر ئاساسى بىلىملىرى ۋە تەكشلىكتە ئىلان لايلەشنى بىلمەن، فىلىم كىرشتۇرۇش ۋەباشقا بىلىملەردىنمۇ خەۋىرىم بار كومپىيۇتىر دۆلەتلىك 1-دەرجلىك كىنشكەم ، ئەمگەك ۋە ئىجتمائى كاپالەت نازارىتى تارقاتقان كۆمپىيۇتىر ئىش ئورنى لاياقەتلىك گۇۋانامام 4-دەرجنىڭ، قوشۇمچە فۇتۇ سۇرەتچلىكتىنمۇ خەۋىرىم بار ،كەسپكە مۇناسۋەتلىك بولغاچقا مەخسۇس تەربىيكەنگەن. ئالاقە ئىشلىرغا ماھىر نۇتۇق قابىليتىم ياخشى، تەشكىلەش ئىقتىدارىم ۋە يىزىقلىق ئىقتدارىم خىلى ياخشى . تىخى زۇرۇر تىپىلسا ماشنمۇ ھەيدىيەلەيمەن B2 پىراۋام بار. كۇندا 3سائەت تورغا چىقدىغان مۇقۇم ۋاقتىمۇ بار،مۇنبەر بىلىملىرنىمۇ ياخشى بىلمەن شەبنەم مۇنبىرگە ئەزا بوپ كىلۋاتقىنمغمۇ ئۇزۇن بولدى ،ئەگەر تالنىپ قالسام ئۇيغۇر توربەتلىرنىڭ بايراقدارى بولغان بۇنداق ياخشى بىر تور بەتكە بىر كىشلىك تۆھپە قوشقان بولاتىم بۇ مىنىڭ ئارزۇيۇم. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
UTKAL دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئىسىم-فامىلىسى :مەخمۇتجان نەجىمىدىن
جىنسى : ئەر يېشى : 23(بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈم) مەدەنىيەت سەۋىيىسى : تۇلۇق ئوتتۇرا قىزىقىشى : ماتىماتىكا ،يۇمشاق دىتال .......يېزىقچىلىق ..... ئۆز چۈشەندۇرۇلىشى :نەنجىڭدىكى مەلوم ئونۋىرسستىتتا ئوقۇيمەن.تۇردا مەشىغۇلات قىلىش ۋاقتىم كۈپ .كەسپىم :ئۇچۇر ۋە ھىسابلاش ئىلمى شەبنەم ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قۇشىلىسام ئۈزۈمدىن بەكمۇ مەمنون! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
xjhapac دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئىسىم فامىلىسى: خالمۇرات كۆرەش
يېشى: 26 ياش مەدەنىيەت سەۋىيسى: تۇلۇق كۇرۇس مەكتەپ پۈتتۈرگەن ۋاقتى: 2007.07 قېزىقىشى: مۇزىكا، ئېنگىلىز تىلى ۋە ئېقىم مەسىللىرى. خىزمەت تەجىربىسى: 2007-يىلى 8ئايدىن -ھازىرغىچە ئېنگىلىز تېلى- خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە يېزىقچەۋە ئېغىزچە تەرجىمانلىقى بىلەن شۇغۇنلۇنۇپ كېلىۋاتىمەن. خىزمەت ئورنى: ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر جۇڭگو ۋە چەتئەل ھەمكارلىقىدىكى ساغلاملىق تۈرى. ئاساسلىق خىزمەت مەسئۇلىيىتى: 1.چوڭ-كېچىك يېغىنلاردىكى ئېغىزچە تەرجىمانلىق(خەنزۇچە -ئېنگىلىزچە) 2.مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنىڭ يېزىقچە تەرجىمانلىقى(ئېنگىلىزچە-خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە) 3.مۇناسۋەتلىك مۇتەخەسىسلەرنىڭ خىزمەت تەكشۈرۈش جەريانىدىكى تەرجىمانلىق(ئېنگىلىزچە-خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە) شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا. 4.دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇتەخەسىسلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆكىمەت ئورگانلىرى بىلەن ئالاقە باغلىشىغا ياردەملىشىش. 5.تەشۋىقات ماتېرىياللارنىڭ تەرجىمە خىزمىتى. (قالدى گەپلەرنىڭ مۇۋاپىق تاپساڭلار تېلغۇن يالكى يۈز-تۇرانە سۆزلەشسەك) | ||||
---|---|---|---|---|---|
尼亚 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | فامىلىسى : سەئىدىئەمىن ئادىل
جىنسى : ئەر يېشى : 20 مەدەنىيەت سەۋىيىسى : ئالى مەكتەپ قىزىقىشى : مۇزىكا ، كومپىيوتىر ، 魔术 ئۆز چۈشەندۇرۇلىشى : ھازىر شىنجىياڭ يىزا ئىگىلىك ئالى مەكتەپنىڭ 1_يىللىقىدا ئوقۇۋاتىمەن ، ئۇرغۇرچە خەت بىسىش سۈئىتىم نورمال ، photoshop تىن ئازراق خەۋىرىم بار ```كومپىيوتىر بىلەن ھەپىلىشىۋاتقىنىمغا 7~8 يىل بولۇپ قالدى ``` | |||||
---|---|---|---|---|---|---|