| ||||||
dilnor دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئاياللار قەۋرە بىشىغا چىقسا بولامدۇ؟ شەبنەم مۇنبىرىدىكى تورداشلاردىن كۆڭلۈمدە ساقلاپ كەلگەن بىر سوئالنى سورىماقچىمەن.
مەرھۇم دادام روزى ھېيىت ناماز كۇنى ئەتىگەن سائەت5 دە ئالەمدىن ئوتتى، دادامنىڭ بۇ دۇنيالىقتا توت قىز، بىر تال ئوغلى بولۇپ، بىز قىزلار دادامنىڭ قەۋرىسىنى يوقلاپ كەلمەكچى بولدۇق، لېكىن كىشلەرنىڭ كۆز قاراشلىرى ھەر خىل بولىدىكەن، بەزىلەر ئاياللار قەۋرە بىشىغا چىقسا بولمايدۇ ، يامان بولىدۇ دەپ قارشى چىقتى، بەزىلەر ئاتا-ئاتىنىڭ قەۋرىسىنى بىلىپ قويۇش، ئۇلارنى يوقلاپ تۇرۇش كىرەك، ئاياللار قەۋرە بىشىغا چىقسا بولىدۇ دىدى، زادى كىمنىڭ گىپىنى ئاڭلاشنى بىلمەي قالدىم. شۇڭا مۇنبەردىكى تورداشلارنىڭ سەمىمى ھالدا ماڭا يول كۆرىسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تورداشلارنىڭ چاقچاق ئارلاشتۇرۋالماسلىقىنى سورايمەن. [ يوللىغانdilnorتەرىپىدىن2008-10-09 19:22قايتا تەھرى ] ___ باشقۇرغۇچى : xabnam تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-09
| ||||
---|---|---|---|---|---|
Arzu914 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەرھۇم دادىڭىزنىڭ ياتقان يېرىنى ئۇلۇغ ئاللا جەننەتتە قىلسۇن。
مەنغۇ ئاياللار چىقسا بۇلىدۇ。بىراق يىغلىسا بۇلمايدۇ دەپ ئاڭلىغان 。ھەممە بىزنىڭ يۇرتىممۇ شۇنداق 。ئاياللارمۇ تۇپراق بىشىغا چىقىدۇ。 | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
bikarqi دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | چىقسڭىز بولىدۇ.پەس ئاۋازدا يىغلىشىڭىزغىمۇ رۇخسەت.بىراق ۋاقىراپ ھازا ئېچىپ پەريات ئۇرسىڭىز ئاللانىڭ ئۆز ئامانىتىنى ئېلىپ كەتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۇرگەندەك بولۇپ قالىسىزلەر،بۇ ئىسلامدا چەكلىنىدۇ،شۇڭا ئۆزلىرىڭىزنى تۇىۋېلىشقا ئىشەنچىڭىز بولسا چىقىپ قەبرە ئەھلىنى زىيارەت قىلىپ ئاخىرەتنى كۆپرەك ئەسلىگەيسىزلەر.ئەگەردە رەھمەتلىك ئۈچۈن دۇئا قىلغۇڭىز بولسا غەربى يېرىم شاردا تۇرۇپ شەرقى يېرىم شاردىكىلەرگە دۇئا قىلسىڭىزلارمۇ ئاللا خالىسا ئىجاۋەت بولغۇسى.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
anjurguli | مەرھۇم دادىڭىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتە بولغاي .
بىزنىڭ يۇرتتا ئاياللار مىيىتنى ئۇزاتقان كۈنى چىقمايدۇ . باشقا كۈنلەردە بامدات نامىزىنى ئوقۇيدىغان ۋاقىتتا چىقىدۇ . بەزىلەر تۇپراق بېشىغا گۈل تېرىپ پات-پات سۇغۇرۇپ تۇرىدۇ . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
514643439 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەرھۇم دادىڭىزنىڭ ياتقان يېرىنى ئۇلۇغ ئاللا جەننەتتە قىلسۇن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
toghrol دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ئاياللارنىڭ تۇپراق بېشىغا چىقىشى مۇباھ ھىساپلىنىدۇ ، يەنى چىقسىمۇ بۇلىدىغان ،چىقمىسىمۇ بۇلىدىغان ، چىقمىغىنى ئەۋزەلرەك. ئەگەر ھەقىقى چىققۇسى بولسا ئەۋرەتلىرىنى تۇلۇق يۆگەپ ، پىتنە - پاساتتىن ساقلىنالىغۇدەك بۇلۇپ چىقسا بولىدۇ ، لېكىن تۇپراق بېشىدا يىغا - زارە قىلىشقا بولمايدۇ .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
alimdar دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قىرىندىشېم (ئاللا) ئاتڭېزنېڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلسۇن. قەبرە ئازابىدىن ساقلىسۇن
شەرىئەتتە ئاياللارنېڭ قەبرىستانغا چىقشى چەكلەنگەن. سىلەر ، يەنى ئاتڭېزنېڭ قىزلىرى بەش ۋاخ نامازنى تەرك ئەتمەي، ياخشى ئىش ياخشى ئەمەللەر بىلەن، ئۆز ئارا ئىناق ئۆتۇپ ،شەرىئەت يولدىن چەتنىمەي،بەش ۋاخ نامزېڭلاردا ئاتاڭلارغا دۇئا قىلىپ تۇرساڭلار ، ئەڭ ئەۋزىلى شۇ. ئىسىڭلاردا بولسۇنكى، پەرزەنتلەر..... ياخشى ئەمەللەرنى قىلسا ساۋابى ، يامان ئىشلارنى قىلسا گۇنايى ئاتسىنېڭ كەينىدىن ئۇ دۇنياغا باردۇ، | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
zakira دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ئاياللارنىڭ تۇپراق بېشىغا چىقىشى مۇباھ ھىساپلىنىدۇ ، يەنى چىقسىمۇ بۇلىدىغان ،چىقمىسىمۇ بۇلىدىغان ، چىقمىغىنى ئەۋزەلرەك. ئەگەر ھەقىقى چىققۇسى بولسا ئەۋ
رەتلىرىنى تۇلۇق يۆگەپ ، پىتنە - پاساتتىن ساقلىنالىغۇدەك بۇلۇپ چىقسا بولىدۇ ، لېكىن تۇپراق بېشىدا يىغا - زارە قىلىشقا بولمايدۇ مەنمۇ مۇشۇ قاراشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان ...... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Mardan0903 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ئاياللار ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇپراق بېشىغا چىقسا بۇلىدۇ، يۇقۇردىكى تورداش ئىيتقاندەك كىيىنىپ چىقسا بۇلىدۇ.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
موللا تاپقاق دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | چىقسىڭىز بولىدۇ ..................
بىراق ئەر جامائەتلەر چىقىشنىڭ ئالدىدا چىقىپ يوقلاپ كىر سىڭىز بولىدۇ........ يەنە ئەسكەرتىدىغىنىم شۇكى چۇشتىن كىيىن چىقسىڭىز بولمايدۇ ، ئۇچاغدا ئالام بەك ئىسسىق بولغاچقا تۇپراق باشىدىكى ياۋايى ھاتۋانلار سىز گە خىرىس قىلىدۇ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
halpambag دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەرھۇم دادىڭىزنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن.
چىقسا بولىدۇ دەپ ئاڭلىغان. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
niluper21 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | مەرھۇم دادىڭىزنىڭ ياتقان يېرىنى ئۇلۇغ ئاللا جەننەتتە قىلسۇن。
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
eptihar420 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەرھۇم دادىڭىزنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن.
مەنمۇ چىقسا بولىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئەممە بەشۋاخ ناماز ئۆتۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن چىقسىڭىز بولىدۇ دەپ ئاڭلىدىم ... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
amanturk دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بىزدە:مەسچىتىڭ يىراق بولسۇن،مازىرىڭ يېقىن دىگەن گەپ بار.مۇشۇنىڭغا ئاساسلانغاندا چىقسىڭىز بولىدۇ.ئۆز ۋاختىدا نۇرغۇن مازارلار مەھەللە ئىچىدە بولغان. سەۋەبى ئەر -ئايال يولۇچى،پەرزەنتلەرنىڭ ئۆز ئەجدادلىرىغا دەخلىسىز دۇئا قىلىشى ئۈچۈن ئىدى....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
dilnor دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | مۇنبەرداشلارنىڭ يول كۆرسەتكىنىگە كوپ رەخمەت. مەن مۇنبەردىكى ھورمەت قىلىدىغان ئەزلاردىن خورما، قۇمباغ ،مۇراد لارنىڭ پىكىرنى ئاڭلاپ باقاي دىگەن ئىدىم. خۇرما ، قۇمباغ، مۇراد سىلەرمۇ پىكىر قاتناشتۇرۇپ باقسىاڭلار. خىلى بولدى سىلەرنىڭ ئىنكاس قايتۇرىشىڭىزلارنى ساقلاپ ئولتۇرۋاتىمەن.
[ يوللىغانdilnorتەرىپىدىن2008-10-09 21:59قايتا تەھرى ] | ||||
---|---|---|---|---|---|