سىز بۇ تېمىنىڭ 136ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئۇلارنىڭمۇ ئارزۇ-ئارمانلىرى بار ئىكەن IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
tilaktax

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 61106
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-10-08
ئاخىرقى :2008-10-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئۇلارنىڭمۇ ئارزۇ-ئارمانلىرى بار ئىكەن

بۇ تىمىنى xabnam.com : شېئىرىيەت گۈلزارى دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى(2008-10-09)

 

                                                    ئۇلارنىڭمۇ ئارزۇ-ئارمانلىرى بار ئىكەن    
                       
                                                                           ماھىبەدەر مەھمۇد


ئۆكتەبىر ئايلىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرى بىر نەچچە كەسىپدىشىم بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىدىكى مەلۇم شەھەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىقتۇق.بىز بارماقچى بولغان شەھەرگە پويىز بىۋاسىتە بارمىغاچقا يولدا  پويىز ئالمىشىشقا توغرا كەلدى.قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن پويىز ئىستانسىسىغا يېقىنراق بىر مېھمانخانىغا چۈشەيلى دەپ ياتاق ئىزدەپ كېتىپ باراتتۇق، ئالدىمىزغا كىچىكى توققۇز ياشلار،چوڭى 20 ياشلار چامىسىدىكى 7ــ8  ئۇيغۇر بالا ئۇچرىدى.ئۇلارغا بىر قاراشتىلا ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشىمايتتى.مەن ئۇلارغا سەپسالدىم.ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پاكىز چىراي بولسىمۇ،جەمئىيەتكە بالدۇرلا چىقىپ كەتكەنلىكى چىقىپ تۇرسا،بەزىلىرى ئورۇق،چىشلىرى سارغىيىپ كەتكەن،چاچلىرى ھۈرپىيىپ تۇراتتى.لېكىن ھەممىسىنىڭ چىرايىنىڭ تېگىدىن چىرايلىقلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.ئۇلار بىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ،سەل يېقىنلىشىپ ماڭدى. بىز بۇنداق بالىلار توغرىسىدا نۇرغۇن گەپلەرنى ئاڭلىغان بولغاچقا،قاپىقىمىزنى ئاچماي ئامالنىڭ بېرىچە تېز ماڭدۇق.ئۇلار بىزگە بىردەم ئەگىشىپ ئاخىرى قېلىپ قالدى.
بىز پويىز ئىستانسىسىغا يېقىنلا بىر مېھمانخانىغا چۈشتۇق.كەچ كىرەي دەۋاتاتتى،مەن بۇ شەھەرگە تېنچ-ئامان كەلگەنلىكىمىزنى ئائىلەمگە تېلېـفوندا ئېيتىپ قويۇش ئۈچۈن،ياتاقدىشىم بىلەن سىرتقا چىقتىم.بىز كوچا دوقمۇشىدىن قايرىلاي دەپ تۇرغۇنىمىزدا،ھېلىقى بالىلارنىڭ ئىككىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدۇق.ياتاقدىشىم ـــ بولدى،يىراققا بارمايلى،مۇشۇ يەردىكى ئاممىۋى تېلېفوندىلا تېلېفون بېرەيلى ــ دېدى بۇ تار كوچىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە سىمىشكا-پۇرچاق ساتقاچ ئىككى تېلېفوننى قويۇپ ئولتۇرغان بوۋاينى ئىما قىلىپ.بىز تېلېفون بېرىۋاتقاندا ھېلىقى ئىككى بالا يېنىمىزغىلا كېلىپ قالغان ئىدى،تېلېفون بېرىپ بولۇپ كەينىمىزگە قارىساق ھېلىقى بىر توپ بالا بىزنى ئاللا بۇرۇن قورشاۋغا ئېلىپ بولۇپتۇ.بوۋاي سومكىمىزغا دىققەت قىلىشىمىزنى ئەسكەرتتى.ياتاقدىشىمنىڭ چىرايى بىرئاز ئاقاردى.مەنمۇ نېمە قىلارىمنى بىلمەي قالدىم.ھەرھالدا ئىككىمىز تەڭلا سومكىمىزنى ئالدىمىزغا تارتىپ چىڭ قۇچاقلىۋالدۇق. توققۇز ياشلار چامىسىدىكى بالا بىرنېمىلەرنى دەپ ئىككىمىزگە سۈركىلىپ،ئۇياق-بۇيېقىمىزغا ئۆتۈشكە باشلىدى.مەن ئۇنىڭ ـــ شىنجاڭدىن كەپتۇ دەپ كۆرۈشۈپ قويايلى دېسەك سومكىلىرىنى قۇچاقلىشىۋالغىنىنى،مانا ئەمىسە دەپ بۇلاپ قاچىمىز ھېلى ــ دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم.شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى بىرئاز ئوڭشۇدۇم ۋە بۇنداق تۇرىۋەرسەك بولماس،چىرايلىق سۆز قىلىپ بۇلارنى ھېسسىيات جەھەتتە يېڭەيلى دەپ ئويلاپ،چىرايىمغا زورىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ ئارقامغا بۇرۇلدۇم.بۇ بالىلار بىزگە تىكىلىپ قاراپ تۇرغان ئىكەن،مەن ـــ ھە،ياخشىمۇ سىلەر،خېلى جىق ئىكەنسىلەرغۇ؟ـــ دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ چىرايىغىمۇ ئاستا-ئاستا كۈلكە يۈگۈردى.ئۇلارنىڭ بىرى ــ شىنجاڭدىن كەپسىلەردە،شىنجاڭلىقكەن دەپ گەپ قىلغىمىز كەلدى ــ دېيىشىگە ھېلىقى توققۇز ياشلاردىكى ئاق پىشماق،قۇڭۇر بۈدرە چاچلىق،قوي كۆزلۈك بالا ـــ بىز بۇلارنىڭ نەرسىلىرىنى بۇلاپ قاچىمىز، بىز ئەسكى بالىلار تۇرساق ـــ دەپ دوق قىلدى.  مەن ــ سەن كىچىك بولغىنىڭ بىلەن چوڭ ئادەملەردەكلا گەپ قىلىسەنكەن،سەن بەك چىرايلىق ئىكەنسەن،ئاپاڭغا ئوخشامسەن داداڭغىمۇ؟ـــ  دەپ ئۇنىڭ بۈدرە چاچلىرىنى سىلىدىم،ئۇ قىيىق تايچاقتەك   بېشىنى بۇرىدى .ئۇنىڭ ھەرىكىتى قىززىق تۇيۇلدى بولغاي ئۇلار كۈلۈشۈپ كەتتى،ئارىدىن بىرى ـــ چوڭلارغا ئاقساقاللىق قىلما دېدى.ئەمدى ئۇلارنىڭ بىزنى بۇلاش نىيىتىنىڭ يوقلۇقى ئاشكارا بولغان ئىدى.بىز قىزغىن پاراڭلاشتۇق.ئۇلارغا بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى،نېمە ئىش بىلەن كەلگەنلىكىمىزنى  ئېيتىپ بەردىم ھەم  ئۇلاردىن ـــ بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسىلەر ؟ـــ دەپ سورىدىم. ئۇلاردىن بىرى ـــ بازىرچىلىق قىلىمىزـــ دېدى.مەن ـــ نېمە دېدىڭ ـــ دېدىم. يەنە بىر بالا (ھەرىكىتى بىلەن)ـــ مۇنداق، يانچۇق كولايمىزـــ دېدى. مەن ـــ بىر بىرىڭلاردىن چىرايلىق،ئەقىللىق بالىلار ئىكەنسىلەر،نېمە ئۈچۈن شۇ ئىشنى قىلغانسىلەر،يۇرتۇڭلاردا ئاتا-ئاناڭلار بار  بولغىيتتى، شۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئوقۇساڭلار بولمامدۇ؟ـــ دېدىم.مېنىڭ بۇ گېپىم ئۇلارنىڭ يۈرەك يارىسىغا تۇز سەپكەن ئوخشايدۇ،ئۇلار بەس-بەستە ئائىـلىسى،ئاتا-ئانىسى توغرىسىدا سۆزلەپ كەتتى.
    ـــ مېنىڭ ئاتا-ئانام ئاجرىشىپ كېتىپ ئاناممۇ توي قىلىۋالدى،داداممۇ توي قىلىۋالدى.ئانامنىڭ يېنىغا بارسام داداڭنىڭ يېنىغا بار دەيدۇ، دادامنىڭ يېنىغا بارسام ئاناڭنىڭ يېنىغا بار دەيدۇ،ھېچ يەرگە پاتمىدىم، شۇڭا بۇ يەرگە كېلىپ قالدىم.
ـــ مېنىڭ ئانام ئۆلۈپ كېتىپ،ئۆگەي ئانىنىڭ قولىغا قېلىپ،بەزى ئىشلارغا چىدىماي بۇ يەرگە كېلىپ قالدىم.
    ـــ مەن باشلانغۇچنى پۈتتۈرگىچە ئوقۇغان،كېيىن ئوقۇيالماي مەكـتەپتىن  چىقىۋالدىم،بالىلار ئىچكىرىدە پۇل تېپىش ئاسان،پۇل تېپىپ كېلىـمىز دېسە شۇنداق ئوخشايدۇ دەپ كەپتىمەن،ئەمدى كېتەلمەيمەن. 
ـــ  نېمە ئۈچۈن كېتەلمەيسەن؟
    ـــ بىزنى باشقۇرىدىغانلار كەتكۈزمەيدۇ...
    ـــ بىزنىڭ ئىقتىسادىمىز ناچار ئىدى،ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي،پۇل تېپىش ئۈچۈن كېلىپ قالدىم.
    بۇ بالىلارنىڭ مەيۈس چىرايى،سەمىمى سۆزلىرىگە قاراپ،ئۇلارغا ھېسـداشلىقىم قوزغالدى.شۇنىڭ بىلەن تەربىيە بېرىشنى باشلىدىم:
    ـــ بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقىڭلار زادى بولماپتۇ،ئوغۇل بالىدەك ئىش قىلساڭلار بولمامتى،سىلەر بىر ئائىلىنىڭ تۈۋرىكى بولىدىغان ئادەم، ئاشۇ كىچىككىنە قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرەلمەي،بۇ شەھەردە يانچۇقچىـلىق قىلىۋاتامسىلەر؟ئۆز يۇرتۇڭلاردا بىرەر ئاشخانىدا ئىشلىسەڭلارمۇ جېنىڭلارنى باقاتتىڭلارغۇ؟قىيىنچىلىقىڭلارنى بىرەر كىشىگە ئېيتقان بولساڭـلار،بەلكىم ياردەم قىلىشى مۇمكىن ئىدىغۇ؟...
    مېنىڭ سۆزلىرىم ئۇلارنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى بولغاي:
    ـــ ئاچا،بىزنىڭ ئوقۇغىمىز يوق دەمسىز،نى-نى ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز بار،بۇ ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرغىدەك ئۇنداق تەلەيلىك ئەمەسكەنمىزــ دېدى چوڭىراق بىرى.شۇنىڭ بىلەن پاراڭ يەنە قىززىپ كەتتى.
مەن ئۇزۇنغا يۈگىرەش بىلەن قىسقىغا يۈگىرەشتە دائېم بىرىنچى بولاتـتىم،تەنتەربىيە مەكتىپىدە ئوقۇپ بىر تەنھەرىكەتچى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتـتىم،ئاچا،ئاشۇنداق مەكتەپلەر بارمۇ؟ھازىز بارسام مېنى ئالارمۇ؟
ـــ مەن قول-ھۈنەرۋەنچىلىكنى ئۆگىنەي دېگەن ئىدىم،بىراق... 
ـــ مېنىڭ ئاخىرغىچە ئوقۇغۇم بار ئىدى...
ـــ مەن بىرنېمىلەرنى ياساشقا بەك قىزىقاتتىم،ھازىرمۇ قىزىقىمەن.
ـــ مەن ئاشۇ ئوقۇۋاتقان بالىلارغا بەك ھەۋەس قىلىمەن،مەنمۇ ئاشۇلاردەك ئوقۇغان بولسام كېيىن بىرەر باشلىق بولۇپ قالاتتىممۇ تېخى...
ـــ كىم بىلىدۇ بىرەر ئالىم بولاتتۇقمۇ تېخى...
ـــ توغرا،ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاشلا ئادەم...
بالىلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى مېنى چوڭقۇر ئويغا سالدى.بۇ بالىلار باشقا بالىلارغا ئوخشاش ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان مەكتەپلەردە ئوقۇيالارمۇ؟سەرگەردان بولۇپ،جەمئىيەتنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدا تىنەپ-تەمتىرەپ يۇرگەن بۇ بالىلار ئۆز ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يېتەلەرمۇ؟كەمسىتىش،ئاچ-توق يۈرۈش ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان بۇ بالىلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى بىخ سۈرەلەرمۇ؟بۇ بالىلارنىڭ قىشنىڭ سوغۇق كېچىلىرى تام بۇلۇڭلىرىدا يۇپقا كىيىملەر بىلەن دىر-دىر تىترەپ،ئاچ قورساق ئولتۇرىۋاتقانلىقىنى،پۇل تاپالـمىسا باشقۇرغۇچىلىرىدىن تاياق يەپ،بەدەنلىرى تارتۇق بولۇپ كەتكەنلىـكىنى،ھەتتا نەچچە يىللاپ تۈرمىدە ياتقانلىقىنى ئاشۇ ئاتا-ئانىلىرى بىلەمدىغاندۇ؟بۇ بالىلار،بۇ دۇنياغا ئەمدىلا كۆز ئاچقاندا ئاتىلىرى بالام ئوغۇلكەن دەپ ئالەمچە خوشال بولۇپ،ئانىلىرى ئىللىق مىھرى بىلەن باغرىغا بېسىپ قانماي سۆيگەن بولغۇيتتى-ھە!ئەمدى بۇ بالىلار باشقا يەرلەردە ئەزىز تەنلىرىنىڭ ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇشىغا قارىماي ناتوغرا يوللاردا مېڭىـۋاتىدۇ.
كەچ كىرەي دەپ قالغان ئىدى،ياتاقدىشىم ـــ بولدى،قايتايلى ـــ دېدى،مەن قىممەتلىك بىرنېمەمنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك بولۇپ قالدىم. بالىلار بىزنىڭ كەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىمىزنى بىلىپ قالدىمۇ، ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىشتى.شۇ ئەسنادا،كوچا دوقمۇشىدىكى يېشىل چىراقنىڭ يېنىشى بىلەن بىر نەچچە يۈز ۋېلسىپىتلىك كىشىلەر بىراقلا قوزغىلىپ ماڭدى.ئاڭـغىچە ھېلىقى بالىلاردىن ئىككىيلەن يول بويىغا بېرىپ بولغان ئىدى،ئۇلارـــ يانچۇقى توم تۇرغاننىڭ يېنىغا بار،ھەي!ئۆتۈپ كەتتى!تىز بولمامسەن!ـــ دەپ ۋارقىرىدى.مەن دەرھال چوڭ يولغا قارىدىم.ھېلىقى توققۇز ياشلار چامىسىدىكى بالا مېڭىۋاتقان ۋېلسېپىتلەر ئارىسىدا ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ،يانـچۇقى تومنىڭ يانيۇقىنى كولاۋېتىپتۇ،ئۇنىڭ چىرايىدا قورقۇش،دەكە-دۈكە بولۇشتىن قىلچىمۇ ئەسەر يوق ئىدى.ئۇ مېنىڭ قاراۋاتقانلىقىمنى كۆردى بولـغاي،خۇددى سەھنىدە بىمالال ئويۇن كۆرسىتىۋاتقان ئارتىسقا ئوخشاش ئۆزىنى كۆرسىتىپ،ئەركىن ھەرىكەت قىلىپ،ۋېلسېپىتلىكلەر بىلەن بىرگە ئالدىغا مېڭىۋەردى.بىز بۇلارنى توسۇشقا ئامالسىز ئىدۇق.بىز ياتاققا قايتتۇق.كېتىۋېتىپ كەينىمگە بۇرۇلۇپ ھېلىقى يولغا قاراپ-قاراپ ماڭـدىم.قۇياش پېتىش ئالدىدا تۇراتتى،ھېلىقى توققۇز ياشلاردىكى بالا نۇرغۇن ۋېلسېپىتلەر ئارىسىدا،گۇگۇم قوينىغا كىرىپ كېتىۋاتاتتى.كەچ كۈز نىڭ سوغۇق شامىلى ئۇرۇلدى،مەن تىترەپ،شۈمشىيىپ قالدىم.

 

___ باشقۇرغۇچى : xabnam تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-09

 

| ۋاقتى : 2008-10-09 17:49 [باش يازما]
anjili

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 55305
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 146
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە146دانە
شۆھرەت: 157 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1455 سوم
تۆھپە: 12 نۇمۇر
ياخشى باھا: 7 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :304(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-07-22
ئاخىرقى :2008-10-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  ئۇلارمۇ نورمال ئىنساندە، پەقەت ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلى تۇيۇق يولدا مېڭىپ قالغانلاردە!
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
| ۋاقتى : 2008-10-09 19:07 1 -قەۋەت
toghrol

دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 46289
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 752
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە752دانە
شۆھرەت: 756 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 6754 سوم
تۆھپە: 26 نۇمۇر
ياخشى باھا: 23 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :462(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-06-09
ئاخىرقى :2008-10-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بالىلاردا گۇناھ يـــــــــــــــــــــــــــــــــــوق ،
بىز دىنىمىزنى ئۆز بالىلىرىمىزغا خوتۇنلىرىمىزغىمۇ ئۈگەتمەي ئاغزىدىكى مۇسۇلمانلىققا رازى بۇلۇپ يۈردۇق
| ۋاقتى : 2008-10-09 19:49 2 -قەۋەت
pinhaninsan

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 58055
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 141
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە141دانە
شۆھرەت: 142 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1380 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :143(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-08-25
ئاخىرقى :2008-10-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ھەممە ئادەم مىھرى - مۇھەببەتكە مۇھتاج....................
ھەقىقىي مىسۋاك
پىنھان
| ۋاقتى : 2008-10-09 21:09 3 -قەۋەت
baht@

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 53582
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 201
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە201دانە
شۆھرەت: 202 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2010 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :161(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-06-27
ئاخىرقى :2008-10-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئۇلارغا خۇدانىڭ ئىچى ئاغرىسۇن
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
| ۋاقتى : 2008-10-09 21:12 4 -قەۋەت
niluper21

دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 21731
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 602
ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە602دانە
شۆھرەت: 603 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 6010 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :395(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-09-08
ئاخىرقى :2008-10-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  ئۇلارمۇ نورمال ئىنساندە، پەقەت ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلى تۇيۇق يولدا مېڭىپ قالغانلاردە!......................
| ۋاقتى : 2008-10-09 21:15 5 -قەۋەت
eptihar420

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 61109
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە14دانە
شۆھرەت: 15 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 140 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-10-09
ئاخىرقى :2008-10-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇلاردىمۇ ئامال يوقدە 
بۇلار ئازۇ ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغاندىكىن ئۆزىنى تاشلىۋىتىدۇدە
ئۆزى 9 ئاي قورساق كۆتتۇرۇپ مىڭبىز جاپادا تۇغقان بالىنى  ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۇن تاشلىۋەتكەن تۇرسا  ئاتا بولغۇچىمۇ بۇمىنىڭ ئوغلۇم  ئوغلۇم مۇنداق كۇن كۆرسە ناتونۇش جايلاردا سەرگەردان بولۇپ يۇرسە قانداق بولىدۇ دىمەن ئۇنى تاشلىۋەتسە بۇبالىلاردا يەنەنىمە ئامالبار

نىمىلا دىسەك بالىدا گۇناھ يىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىوق!!!
ھەقىقىي مىسۋاك
غەيرەت شىجائەتلىك ياشىغىن
| ۋاقتى : 2008-10-09 21:45 6 -قەۋەت



Time now is:10-10 06:16, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation

互联网电子公告(BBS)服务资质