| ||||||
abral دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ناخشا تىكىستى تەھرىرلەش توغرىسداناخشا تىكىستى تەھرىرلەش توغرىسدا
كومپىيۇتۇردا ياكى mp3 ناخشا قويغۇچىڭىزدا بىر تەرەپتىن ناخشا ئاڭلاپ بىر تەرەپتىن ناخشا تىكىستىنى كۆرۈپ ئەگىشىپ ئىيتىشنى ،ياكى سىز چەتئەل تىلى ئۈگىنىۋاتقان بولسىڭىز بىر تەرەپتىن سۆزلۈك يادلاپ،بىر تەرەپتىن شۇ سۆزلەرنىڭ يىزىلىش ھالىتىنى كۆرۈپ ئوقۇپ تۇرۇشنى خالامسىز؟ئۇنداق بولسا تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى سىناپ بىقىڭ. ناخشا تىكستى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش خەنزۇچە تور بەتلىرىدە خىلى بۇرۇنلا ئىشقا ئىشىپ بولغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ناخشا چۈشۈرۈش تور بەتلىرى ناخشا تىكىستىنىمۇ بىللە تەمىنلەيدۇ. بىراق ئۇيغۇرچىدا بۇنداق تور بەتلىرى يوق.(ياكى مەن كۆرمىگەن بولۇشۇم مۇمكىن) ئۇيغۇر ھەرىپلىرنى mp3 ناخشا قويغۇچىدا(مۇڭدان) كۆرسىتىش ھازىرچە بەزى تىخنىكىلىق توسالغۇلار تۈپەيلى ئەمەلگە ئاشمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇنىڭ ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقى ئېنىق. ياخشى يىرى بىزدە يەنە بىر يىزىق ئۇيغۇر لاتىن يىزىقى بار. بىز شۇ يىزىقنى ئىشلىتىپ، ناخشا تىكىستىنى مۇنداندا كۆرسىتىش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز.ئەگەر كومپىيۇتۇردىلا كۆرىمىز دىسەك ئۇنداقتا بىز بىۋاستە ھالدا ئۇيغۇر كونا يىزىقى بىلەن يىزىپ كىرگۈزسەك ئەلۋەتتە بولىدۇ.ئەمدى ئارتۇق گەپنى قويۇپ نەق گەپكە كىلەيلى. ناخشا تىكىستى تەھرىرلەش يۇمشاق دىتاللرى نۇرغۇن بولسىمۇ ،تۆۋەندە مەن ئۆزىدە ناخشا تىكىستى تەھرىرلەش ئىقتىدارى بولغان ناخشا- مۇزىكا قويۇش دىتالى 千千静听 ئارقىلىق ناخشا تىكىست ھۆججىتى تەھرىرلەشنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.بۇ يۇمشاق دىتالنىڭ ھازىرقى نەشىرى 5.2.1 بولۇپ، بەيدۇ تورىدىن千千静听 دىگەن ئسىم بىلەن ئىزدىسىڭىز تاپالايسىز. ئالدى بىلەن بىز 千千静听 نى قوزغىتىمىز.ئاندىن تىكىستىنى تەھرىرلىمەكچى بولغان خالىغان بىر ناخشا ھۆججىتىنى (mp3,wma دىگەندەك) ئاچىمىز.مەسىلەن:تۆۋەندە مەن ئابدۇللا ئابدىرىھىمنىڭ تۇنجى سويگۈ دىگەن ناخشىسىنىڭ تىكىستىنى تەھرىرلەپ كۆرسىتەي. رەسىمدىكى ناخشا ئىچىلىپ قويۇلىۋاتقان ھالىتى. بۇنىڭدىن ئوڭ تەرەپتىكى 歌词秀 كۆزنىكىنىڭ ئۈستىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بىسپ چىققان تىزىمىلكتىن ناخشا تىكىستى تەھرىرلەش( 编辑歌词) دىگەن تۈرنى تاللايمىز.تۆۋەندىكىدەك. ئاندىن بۇ كۆزنەك تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىدۇ. بىز دەل ئاشۇ كۆزنەك ئۆزىگىلا بىۋاستە ناخشا تىكىستىنى يازساق بولىدۇ.ئەلۋەتتە ناخشىنى بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ يەنە بىر تەرەپتىن تىكىستىنى يازىمىز ئۈلگۈرەلمەي قالساق كەينىگە ياندۇرساق بولىدۇ.ئۈستىدىكى قورال سىتونىدا بۇ قوراللار بار.بۇ قوراللارنىڭ رولى تۆۋەندىكىچە: تەھرىرلەش ھالىتىدىن ئادەتتىكى ھالەتكە قايتىش ناخشا تىكىست ھۆججىتىنى ئىچىش ناخشا تىكسىت ھۆججىتىنى ساقلاش ناخشىنى قويۇش ناخشىنى ۋاقىتلىق توختىتىش ناخشىنى ئالدىغا ياندۇرۇش ناخشىنى كەينىگە ئۆتكۈزۈش ۋاقىت بەلگىسى قىستۇرۇش ۋاقىت بەلگىسىنى ئالماشتۇرۇش ۋاقىت بەلگىسىنى ئۆچۈرۈش كىسىش كۆچۈرۈش چاپلاش كەينىگە قايتىش تەكرارلاش دىگەندەك 15 خىل ئىقتىدار كۇنۇپكىسى بار.بۇنىڭ ئىچىدە بىزگە ئەڭ زۆرۈرى ۋاقىت بەلگىسى قىستۇرۇش كۇنۇپكىسىدىن ئىبارەت. ئادەتتە ئالدى بىلەن ناخشا تىكىستىنى تولۇق كىرگۈزىۋىلىپ، كىرگۈزۈپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ۋاقىت قىستۇرۇش كۇنۇپكىسى بىلەن قويۇلۇش ۋاقتىنى بەلگىلىسەك بولىدۇ.يەنى تۆۋەندىكىدەك. يۇقارقى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك قىلساق بىز پەقەت ناخشا ئىسمى بىلەن ناخشىچى ئىسمىنىلا كۆرەلەيمىز.باشقا ناخشا مەزمۇنلىرى كۆرۈنمەيدۇ.شۇڭا ناخشا ئىسمى بىلەن ناخشىچى ئىسمىغا ئوخشاش بارلىق ناخشا تىكستى بار قۇرلارنىڭ ئالدىغا ۋاقت بەلگىسى قىستۇرۇش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئەشۇ تىكىستلارنىڭ كۆرسىتلىش ۋاقتىنى بەلگلەيمىز.بۇ باسقۇچلارنى ئورۇنلاپ بولغاندىن كىيىن ساقلاش كۇنۇپكىسى بىلەن ساقلاپ، ئاشۇ ناخشا ھۆججىتى بىلەن بىرمۇندەرىجىگە ناخشا ئىسمى بىلەن ئوخشاش ئىسىمدە قويۇپ قويساق بولىدۇ.ئەگەر ناخشا ھۆججىتىنى تاپالمىسا يۇقۇردا بىز مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىش ئارقىلىق ئاچقان تىزىملىكتىن 关联歌词 بۇيرۇقىنى تاللاپ چىققان كۆزنەكتىن ناخشا ھۆججىتىنى ئىزدەش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئىزدەپ تىپىپ مۇناسىۋەتىنى بەلگىلەپ قويساقلا بولىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇر كونا يىزىقىدا كۆرسەتمەكچى بولساق بىز بايام ساقلىغان lrc ھۆججىتىنى ئۇيغۇر ئىدىت بىلەن ئىچىپ، ئۇيغۇر ئېدىتنىڭ ئۇيغۇر لاتىن يىزىقىنى ئۇيغۇر ئەرەپ يىزىقىغا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ،كونا يىزىققا ئايلاندۇرساق بولىدۇ.ياكى بولمىسا خاتىرە دەپتەر ئارقىلىق ئىچىپ،بايامقى ناخشا تىكىستىنى قايتىدىن ئۇيغۇر كونا يىزىقىدا يىزىپ،(بەلگىلەنگەن قويۇش ۋاقتىنى ئۆچۈرىۋەتمەڭ) ساقلىغاندا ،يۇنىكودلۇق ھالەتكە تەڭشەپ تۇرۇپ ساقلىساق بولىدۇ.يەنى ساقلاش بۇيرۇقى بىرىلگەندىن كىيىن چىققان دىئالوگ رامكىسىكى ھەئە دىگەن كۇنۇپكىنى باسماي، ئەكسىچە «ئەمەلدىن قالدۇرۇش» دىگەن كۇنۇپكىنى باسىمىز،بۇ چاغدا يەنە بىر دىئالوگ رامكىسى چىقىدۇ،بۇنىڭدىن بىز «كود» دىگەن تۈر ئىچدىن يونىكود ئۆلچىمىنى تاللىساق بولىدۇ. ئەگەر ھۆججەت كىڭەيتمە نامىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن بولسىڭىز،ئۇنى دەرھال lrc ھالىتىگە ئەكىلىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. ئەگەر千千静听 قويغۇچىڭىز ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى نورمال كۆرسىتەلمىسە تۆۋەندىكىدەك تەڭشەڭ.يەنى ئالدى بىلەن مائۇس كۇنۇپكىسىنى خالىغان كۆزنەك ئۈستىگە ئەكىلىپ، ئوڭ كۇنۇپكىنى بىر چېكىپ، ئېچىلغان تىزىملىكىتىن «تەڭشەك»() دىگەن تۈرنى تاللاپ، كۆرۈنگەن كۆزنەكنىڭ سول تەرىپىدىكى تەڭشەك تۈرلىرى ئارىسدىن歌词秀 دىگەن تۈرنى تاللىساق، ئوڭ تەرەپتىكى كۆزنەك歌词秀 كۆزنىكىنىڭ پارامىتىرلىرىنى تەڭشەش كۆزنىكى بولىدۇ. بۇ ئوڭ تەرەپتىكى كۆزنەكتىن «خەت نۇسقىسى» () دىگەن كۇنۇپكىنى بىر چەكسەك، خەت نۇسقىسىنى تەڭشەش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. بىز بۇ كۆزنەكتىن ئۆزىمىز خالىغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسىنى بېكىتىپ قويساق بولىدۇ.مەسىلەن : ukij tuz tom. ئاندىن خەتنىڭ چوڭلىقىنى مۇۋاپپىق تەڭشەپ، جەزىم كۇنۇپكىسىنى بېسىپ چىكىنسەك ، باياتىن نورمال كۆرۈنمىگەن خەتلەر ئەمدى نورمال كۆرۈنىدۇ. تەڭشەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى كۆرسىتىش ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ. ئەگەر بۇ دىتالنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تەپسىلى ئۈگىنەي دىسىڭىز تۆۋەندىكى ئادىرىسىتىن بۇ دىتالنىڭ ئىشلىتىش قوللانمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسقىسىنى چۈشۈرىۋالسىڭىز بولىدۇ. http://ilkitap.blogbus.com/files/12234626151.pdf تۆۋەندىكى ئادرىستىن مەن رەتلەپ قويغان بىر قانچە ناخشىلارنىڭ ئۇيغۇر كونا يېزىقى ۋە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا يېزىلغان ناخشا تېكىستى بار. قىزىقىدىغان دوسلارنىڭ چۈشۈرۈپ كۆرۈپ سىناپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. http://ilkitap.blogbus.com/files/12234626150.rar مەنبە : ئابرال ئېلكىتاپلىرى ___ باشقۇرغۇچى : muhterem تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-09
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ayjahan | بولدىغان ئۇسۇللاركەن،لىكىن ئاۋال ناخشىنى چۈشۈرۈپ،قاچىلايمىز.ئەمما يەنىلا ئۆزىمىز يازدىكەنمىز،ئاۋارىچىلىقتە.بۇ ناخشا قويغۇچتىن پەقەت ئەركىننىڭكىنىلا تاپقىلى بولىدۇ،ھەم يېڭى يېزىقچىسىمۇ بار،قاچانمۇ بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزنىڭ بولار؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
(:xam دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | (چوقۇم كۆرۈڭ!!!) مېنىڭ قىسقىغىنە مۇھەببەت سەرگۈزەشتەم ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار! ياخشىمۇ سىلەر! مەن سىلەرگە بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئىشلارنى سۆزلەپ بېرەي. سىلەرنىڭ بۇنىڭغا قالايمىقان ئىنكاس يازماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنى يازغىنىم توغرا بولدىمۇ-بولمىدىمۇ بىلمىدىم. لېكىن، بەلكىم ئارىمىزدا ماڭا ئوخشاش ئەھۋالغا قالغان ۋە مۇشۇ ئازابلارغا قاراپ يول ئېلىۋاتقانلار ئۈچۈن بىر تەجرىبە-ساۋاق بوپ قالار. باشلىسام بولامدۇ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ay-tilla دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەن تىخى بۇنچىلىك بىلىمنى چۇشەنگىچە بولمۇدۇم ....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
turkman01 | رەخمەت !سىناپ باقاي.................
| ||||
---|---|---|---|---|---|
turkman01 | Re:(چوقۇم كۆرۈڭ!!!) مېنىڭ قىسقىغىنە مۇھەببەت سەرگۈزەشتەمQuote:بۇ يازما2قەۋەتتىكى(:xamنىڭ2008-10-09 18:43يوللىغان (چوقۇم كۆرۈڭ!!!) مېنىڭ قىسقىغىنە مۇھەببەت سەرگۈزەشتەم : نىمەدىمەكچى ...... باشقا تېمىغا يازماقچى بولغان ئىنكاسنى يوللاپ سالدىڭىزمۇ نىمە؟؟؟؟؟ تېماقىلىپ يوللاڭ. جەزمەن كۆرىمەن .... | ||||
---|---|---|---|---|---|