| ||||||
mustabit008 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | روھىمغا سەپەر(نەسىر)
قەدىرلىكىم! روھىم تېۋىنىشلىرى كەچمىشلەرنى باغاش ئەتكەن غەليانلاردا ياپراقتەك تىترەيدۇ.ئازاپلىق يىغىسىدەك ئاچچىق ئىزتىراپلار مېنى كەلگۈسى باغرىغا يېتىلەپ كېتىۋاتقېنىدا، تالاي قىسمەتلەر قوينىدا تاۋلانغان يىراق مۇساپەمگە ئىشەنچ بىلەن نەزەر تاشلايمەن.مىنىڭ ئاۋازىم ھايات بىلەن بەخت قۇچاقلاشقان چاغدىكى سادانىڭ تەنتەنىسىگە بەكمۇ ئوخشىشىدۇ.مەن ئەلۋەتتە مېنى بۇۋاق يۆگىكى بىلەنلا تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان، ھەتتا ئوغۇز سۈتىنىمۇ بېرىشكە ئۈلگۈرمىگەن ئانامدىن مېھىر كۈتەلمەيتتىم. مەن تېلىقىپ-تېلىقىپ يىغلايتتىم، يېقىملىق <<ئەللەي ناخشىسى>> غا موھتاج ئىدىم.گۈزەل تەبىئەت مەيىن شاماللىرى مېنى ئاستا پەپىلەپ ئۇخلىتاتتى، ئۇيقۇدىن كۆز ئاچقىنىمدا، تەقدىر مېنى بالىغا مۇھتاج مىھرىبان بىر پەرىشتىنىڭ قۇچىقىدا<<ئەللەي ناخشىسىى >>نى ئاڭلاشقا نېسىپ قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، مەن بىر پەرىشتە سۈپەت ئانىنىڭ،زەبەردەس، دادىنىڭ يالغۇز،ئەتىۋارلىق يۈرەك پارىسى بولۇپ قالدىم.مانا بۇ، مېنىڭ ھاياتقا كۆز ئاچقاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىم بەھرىمەن بولغان ئەڭ سۈيۈملۈك بەختىم ئىدى. پەرىشتە سۈپەت ئاتا-ئانام ماڭا پاك ۋە ھالال ياشاشنى، شۇنداقلا ھالال تەر تۆكۈشنى،خاسىيەتلىك زېمىن قوينىنى باغۇ بوستانلىققا ئايلاندۇرۇشنى، مۇقەددەس گۈل-گىياھلارنى ئەقىل پاراسەت سۈيى بىلەن سۇغىرىشنى ئۆگەتتى.مەن ئۇلاردىن مېھىر-ۋاپا، ئۆملۈك-ئىناقلىق، مەردلىك ۋە قەيسەرلىكنى، مۇھىمى ئادىمىيلىكنى ئۆگەندىم.مەن ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن،ئەجىر مىھنىتىدىن ۋە ماڭا مىراس قالغان بارلىق ئەزگۈلۈكتىن كۈچ-قۇدرەتكە تولۇپ، غالىپلارچە گۈزەل داستان يارتىشقا بەل باغلىدىم .مەن دانالار پۈتكەن قامۇسلاردىن ئۆزۈمنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى بىلدىم ۋە ئۇ پۈتۈكلەرنى كۆزۈمگە سۈرتۈپ غورۇر ھەم ئىپتىخارلىق ئىلكىدە كۈلدۈم... ئاماننىساخاننىڭ ساتارىدىن چىققان كۈيلەر ناۋاسى مېنى ھاياتلىقتىكى مەنىۋى دۇنيانىڭ مەئىشەتلىرىدىن بەھرە ئېلىشقا نېسىپ قىلدى... قۇياش سېخىي نۇرلىرىنى زېمىن باغرىغا سىڭدۈرۈۋاتقان دەقىقىلەردە مەنمۇ قۇياشتىن نۇر ئېمىپ ئەقىل تاپتىم. غۇبارسىز دوستلىرىم بىلەن ئويناۋاتقىنىمدا ،ئاپئاق چاچلىق ئانام شاگىرتلىرىغا پاتىمەم ئىسىملىك قىز ھققىدە؛ <<... كىيىملىرىنىڭ 70يېرىگە ياماق سېلىپ بولسىمۇ،بەدىنىنىڭ كىچىككىنە يېرىنىمۇ ئوچۇق قويمايتتى>> دەپ سۆزلەپ بېرىۋېتىپتۇ ۋە <<پاتىمەمنىڭ كۆڭلەگى>> دېگەن ناخشىنى مۇڭلۇق ئوقۇپ بېرىۋېتىپتۇ...دادام << چىن تۆمۈر باتۇر>> نى ۋە ئۇنىڭ مىسران قىلىچى بىلەن ئارغىماق ئېتىنى تەسۋىرلەپ، مەختۇمسۇلا بىلەن چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ چىن قېرىنداشلىق ھەم مېھىر -مۇھەببەت داستانىنى ياراتقانلىقىنى تىلغا ئېلىۋېتىپتۇ... مانا،خىيال ئېكرانىمدا ساقاللىرى ئاقارغان، بەللىرى مۈكچەيگەن دادام بىلەن كۆزلىرى خىرەلىشىپ، چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان ئانام جۇلالىنىۋاتىدۇ.بىلەمسىز؟ قۇياشتىكى يۈكسەكلىك، ئايدىكى نەپىسلىك ھەم يۆلەنچۈك تاغلىرىم پەرىشتە سۈپەت ھىماتچىلىرىمنىڭ ئىنسانلىق تەبئىتىدە مۇجەسسەم ئىدى. جاپاكەش دادامنىڭ يارقىن سېيماسى ھەر دائىم بەختىمنى پارلاقلىققا ئۈندىسە،كېچىدىكى گۈزەل تىنىچلىق ۋە كۈيۈمچان ئانامنىڭ ئاينىڭ نازلىق،مېھرىلىك بېقىشىدەك مېھرى ھامان قەلبىمنى پاكلايدۇ.بۇ ئالەمگە كەلمىكىمىز ھەم بۇ ئالەمدىن كەتمىكىمىز بەر ھەق. مەن ئانامنىڭ ئوغۇز سۈتىگە قەرزدار بولمىساممۇ، مېنى9ئاي9كۈن قورساق كۆتۈرۈپ يەڭگىگىنى ئۈچۈن، ئانامغا يەنىلا مەڭگۈ قەرزدارمەن! شۇ ئەسنادا، مەن ئۇ ئۇلۇغ ئانا بىلەن كوچىدا روبىرو تۇرساممۇ، بەلكىم ئۇنىڭ مېنىڭ ئانام ئىكەنلىكىنى بىلەلمەسمەن... لېكىن، قىسمەتلىرىم ئۆزۈمنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى تونۇپ بېقىشقا ئۈندەۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، ناۋادا تەقدىرنىڭ كارامىتىدە ئانام بىلەن ئۇچرىشىش نېسىپ بولۇپ قالسا، جەزمەن يۈرەكلىرىمىز ئالدىن تونۇشلۇق بېرىدۇ! مېنىڭ يەنىلا ئۇ ئانىنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى ئېتىپ،مەڭزلىرىگە مەڭزىمنى ياققۇم بار! ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ بەختىيار چوڭ بولغىنىمنى ھەمدە ئادىمىيلىكنى قەدىرلەيدىغان، پەزىلەتلىك ئاتا -ئانىلىرىم توغرىسىدا نەچچە كېچە- كۈندۈز سۆزلەپ بەرگۈم بار... مېنىڭ شاتلىق كۈلكىلىرىم ۋە شىېرىن ئازاپلىرىم ھامان بىر نەرسىنى ئىزدەيدۇ. مەن ئۆزۈمنى ئۆزۈم كۈچەيتىش ئەۋجىدە غەلبىگە ئىنتىلىمەن، چۈنكى مەندىكى ئېتقاد ھەم ئەقىدە سۈيىدە يۇغۇرۇلغان مېھىر-ۋاپا مېنى تەۋەللۇت قىلغان ئانامنىڭ ئالدىغا قۇرۇق قول بېرىشىمغا يول بەرمەيدۇ. نۇزۇگۇمنىڭ روھى سىڭگەن قەلبىم مەندىن نۇرغۇن -نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۈتىدۇ. مەن ئازاپلىنىۋاتىمەن،ئەمما ئازاپلىرىم شۇ قەدەر شېرىن ، شۇ قەدەر گۈزەل . چۈنكىى بۇ ئازاپلىرىم ئۇلۇغ پىلانلارنى پۈككەن قەلبىمدە. شۇڭا،بۇ ئازاپلىرىم پاسىقلىقتىن يات چېچەكلەپ، ئۆمرۈم باغلىرىنى كۆزلەرنى قاماشتۇرىدىغان شېرىن مېۋىلەر بىلەن تولدۇرىدۇ... ئازاپلىرىمدىن سۆز ئاچسام،<< ئازاپلانماڭ دىلدارىم،بولمىسا سىز تۈگىشىپ كېتىسىز؟>> دەۋاتىسىزغۇ ھەقىچان. ياق،ياق!مېنىڭ دەۋاتقىنىم سىز ئويلىغاندەك ئازاپلاردىن ئەمەس. ئازاپنىڭ باشقىچە بىر خىلىنى سىز بىلمەمسىز؟ بەخىتلىك ھەم شېرىن ئازاپلىرىم مېنىڭ جېنىمنى ئېكەكلىمەي، بارغانسېرى ئىتتىكلىشىۋاتقان ئەقىل بىسلىرىمنى ئېكەكلەپ تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ ... ئازاپلىرىم مېنى گۈزەل ئىقبالغا باشلايدۇ!شۇڭا،سىز مېنى زەپەر بوسۇغىسىدا باغاشلاشقا تەييار تۇرۇڭ، قەدىرلىكىم! مەنبە؛ قەلەم [ يوللىغانmustabit008تەرىپىدىن2008-10-09 16:37قايتا ] ___ باشقۇرغۇچى : xabnam تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-09
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mehrigiya | بۇ مۇنبىرىمىزدىكى قېرىندىشىمىز گۈلسەنەمنىڭ « جوڭگو مىللەتلىرى » ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئەسىرىغۇ ؟ ئاستىدىكى « مەنبە : قەلەم » دىگەن قۇرلارنى كۆرۈپ بەكمۇ ھەيران بولدۇم .
يوللۇغۇچىنىڭ چۈشەنچە بېرىشىنى سورايمەن . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
samanyoli~ سامانيولى | ئىسپات مانا بۇ يەردە ، ئەمدى بۇ ئوغرىنى تۈرمىگە تاشلاش كېرەك .
./read.php?tid-22462-keyword-.html | ||||
---|---|---|---|---|---|
0991sumruh | ئاپلا!سەت ئىش بولدىمۇ نىمە ئەمدى
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|