سىز بۇ تېمىنىڭ 271ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش–ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ... IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
uyghurjan
مۇنبەردە يوق؟؟؟

دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 10631
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 2663
ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2663دانە
شۆھرەت: 2716 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 22260 سوم
تۆھپە: 198 نۇمۇر
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :369(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-12-21
ئاخىرقى :2008-09-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش–ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ...

مەملىكەتلىك يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش–ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بويىچە خۇلاسىلەش–تەقدىرلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى



.




.


خۇ جىنتاۋ مۇھىم سۆز قىلدى، ۋۇ باڭگو، جيا چىڭلىن، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، خې گوچياڭ، جۇ يۇڭكاڭ يىغىنغا قاتناشتى
ۋېن جياباۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، لى كېچياڭ تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى










يىغىندىن بۇرۇن ، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن خۇ جىنتاۋ ، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ ،جيا چىڭلىن، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇ يۇڭكاڭلار مەملىكەتلىك يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى قەھرىمان كوللېكتىپلار ۋەكىللىرى ۋە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش نەمۇنىچىلىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى
  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. ھەممە بىر نىيەتتە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ، ئېگىلمەي – سۇنماي غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى 8 – ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، ‹‹خەلق›› سارىيىدا مەملىكەتلىك يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بويىچە خۇلاسىلەش – تەقدىرلەش يىغىنىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. خۇ جىنتاۋ مۇنداق تەكىتلىدى: يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت قاينام – تاشقىنلىق كۈرەش جەريانىدا، غايە ئارقىلىق كۈچىمىزنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، ئېتىقاد ئارقىلىق جاسارىتىمىزنى تاۋلاپ، سەمىمىي ھېسسىياتىمىز بىلەن غەمخورلۇقىمىزنى يەتكۈزۈپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولىدىغان، ئۇيۇلتاشتەك ئىتتىپاقلىشىدىغان، خەۋپ – خەتەرگە پەرۋا قىلمايدىغان، قەتئىي تىز پۈكمەيدىغان، ئادەمنى ئاساس قىلىدىغان، ئىلىم – پەنگە ھۆرمەت قىلىدىغان يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈردۇق ۋە ئەۋج ئالدۇردۇق. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغ روھى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى. بىز پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن جەمئىيەتتە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغ روھىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز، ئۇنى جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، يۇرت – ماكانىمىزنى قايتا قۇرۇشتىكى مۇستەھكەم ئىرادىگە، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
   ۋۇ باڭگو، جيا چىڭلىن، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇ يۇڭكاڭ يىغىنغا قاتناشتى. يىغىنغا ۋېن جياباۋ رىياسەتچىلىك قىلدى.



لى كېچياڭ تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇماقتا






    ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ ئىچى رەڭگارەڭ گۈللەر بىلەن تولغانىدى، چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، كەيپىيات تەنتەنىلىك ھەم قىزغىن ئىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا ۋېن جياباۋ يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇردى، دۆلەت شېئىرى ئورۇنلاندى. لى كېچياڭ ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مەملىكەتلىك يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى قەھرىمان كوللېكتىپلار ۋە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش نەمۇنىچىلىرىنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى›› نى ئوقۇدى.
   ئارقىدىن خۇ جىنتاۋ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تەقدىرلەنگەن قەھرىمان كوللېكتىپلار ۋە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش نەمۇنىچىلىرىغا مۇكاپات بەردى.
  خۇ جىنتاۋ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: 2008 – يىلى 12 – ماي سائەت 14 تىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە مەملىكىتىمىزنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى ۋېنچۈەن ناھىيىسىدە پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك يەر تەۋرەپ، دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. بۇ ئاپەت ئۈستىدىن قەتئىي غالىپ كېلىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى قوغداش جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىرادىسى، جاسارىتى ۋە كۈچ – قۇدرىتىگە نىسبەتەن كەسكىن سىناق، شۇنداقلا پارتىيىمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە ئىلغارلىقىغا نىسبەتەنمۇ زور سىناق ئىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۇيۇلتاشتەك ئىتتىپاقلىشىپ، خەۋپ – خەتەرگە قارىماي ئاتلىنىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت قاينام – تاشقىنلىق خىزمەتنى تېزدىن قانات يايدۇرۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنىڭ مۇھىم غەلىبىسىنى باتۇرلۇق بىلەن قولغا كەلتۈرۈپ، يەر – جاھاننى زىلزىلىگە سالغىدەك قەھرىمانلىق مارشىنى ياڭراتتى. بۈگۈن بىزنىڭ مەملىكەتلىك يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بويىچە خۇلاسىلەش – تەقدىرلەش يىغىنىنى داغدۇغىلىق ئېچىشتىكى مەقسىدىمىز يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى قەھرىمان كوللېكتىپلار ۋە نەمۇنىچىلارنى تەقدىرلەش، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىدىيىسى ۋە نەمۇنىلىك ئىش – پائالىيەتلىرىدىن ئۆگىنىش، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىشتىن ئىبارەت. (سۆزنىڭ تولۇق تېكىستى ئايرىم بېرىلدى





ۋېن جياباۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى





  ۋېن جياباۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ مۇھىم سۆزىدە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن زور غەلىبە ۋە مۇھىم تەجرىبىلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى؛ جايلار، تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى؛ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشى جەريانىدا ئىپادىلەنگەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغ روھىغا يۈكسەك باھا بېرىلدى؛ ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنىڭ نىشانى، يېتەكچى فاڭجېنى ۋە ئومۇمىي تەلىپى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز چوقۇم باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.
    تەقدىرلەش يىغىنىدا مەملىكەتلىك يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى قەھرىمان كوللېكتىپلارنىڭ ۋەكىلى، سىچۈەن ئۆلكىسى دۇجياڭيەن شەھىرى شياڭئې يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لو خۇڭلياڭ، مەملىكەتلىك يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى قەھرىمان كوللېكتىپلارنىڭ ۋەكىلى، سىچۈەن ئۆلكىلىك ج خ ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى چېڭدۇ شەھەرلىك تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى سۈن گولى، مەملىكەتلىك يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى قەھرىمان كوللېكتىپلارنىڭ ۋەكىلى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى مەلۇم قىسىمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ كەي، مەملىكەتلىك يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش نەمۇنىچىلىرىنىڭ ۋەكىلى، سىچۈەن ئۆلكىسى چېڭدۇ شەھىرى ‹‹دۇڭگۈەن›› ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى چېن يەن كەينى – كەينىدىن سۆزگە چىقتى. ئۇلارنىڭ سەمىمىي ھېسسىياتقا تولغان تەسىرلىك نۇتۇقلىرى يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى
     يىغىن ئېچىلىشتىن ئاۋۋال خۇ جىنتاۋ، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇ يۇڭكاڭ قاتارلىق رەھبەرلەر مەملىكەتلىك يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى قەھرىمان كوللېكتىپلار ۋەكىللىرى ۋە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش نەمۇنىچىلىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى









شىنجاڭ گىزىتى
ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-10-09 16:16 [باش يازما]



Time now is:10-10 06:15, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation

互联网电子公告(BBS)服务资质