| ||||||
uyghurjan مۇنبەردە يوق؟؟؟ دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى | مەركىزىي بانكا جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىكمەركىزىي بانكا جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئالەم بوشلۇقىغا قەدەم باسقانلىقىنى تەبرىكلەپ خاتىرە پۇل تارقاتتى . شىنخۇا تورى بېيجىڭ 8 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى :جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئالەم بوشلۇقىغا قەدەم باسقانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەپ ، جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنيا پەن – تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى چوققىسىغا چىققانلىقىدەك ئۇلۇغۋار ئىشنى خاتىرىلەپ ، ئېلىمىز ئالەم تېخنولوگىيىسىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە زور يۈكسىلىشنى مەڭگۈ ئەستىن چىقارماسلىق ئۈچۈن ، جۇڭگو خەلق بانكىسى 8 – ئۆكتەبىر جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئالەم بوشلۇقىغا قەدەم باسقانلىقىنى خاتىرلەيدىغان ئالتۇن ، كۈمۈش خاتىرە پۇلىدىن بىر يۈرۈش تارقاتتى بۇ بىر يۈرۈش ئالتۇن ، كۈمۈش خاتىرە پۇلى جەمئىي ئىككى دانە بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە 3/1 ئۇنسىيىلىك ئالتۇن پۇل بىر دانە ، بىر ئۇنسىيىلىك كۈمۈش پۇل بىر دانە . بۇ جۇڭگو خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇلىغا ئۇيغۇن . 3/1 ئۇنسىيىلىك يۇمىلاق شەكىللىك ئالتۇن خاتىرە پۇلى ئىنتايىن نەپىس ياسالغان بولۇپ ، دىئامېتىرى 23 مىللىمېتىر ، قىممىتى 150 يۈەن ، ساپلىقى %99.9 ، ئەڭ كۆپ تراژى 30 مىڭ دانە . بىر ئۇنسىيىلىك يۇمىلاق شەكىللىك كۈمۈش خاتىرە پۇلىمۇ ئىنتايىن نەپىس ياسالغان بولۇپ، دىئامېتىرى 40 مىللىمېتىر ، قىممىتى 10 يۈەن ، ساپلىقى %99.9 ، ئەڭ كۆپ تراژى 60 مىڭ دانە . بۇ بىر يۈرۈش خاتىرە پۇلنى شېنياڭ شەھىرىدىكى تەڭگە پۇل ياساش زاۋۇتى قۇيۇپ چىققان بولۇپ ، جۇڭگو ئالتۇن پۇل باش شىركىتىدە سېتىلىدۇ . بۇ بىر يۈرۈش پۇلنىڭ يۈزىگە قۇياش سېستىمىسىدىكى يۇلتۇزنىڭ بېزەك سۈرىتى نەقىشلەنگەن ھەمدە دۆلەت ئىسمى ، يىل نامى ئويۇلغان ؛ ئارقا تەرىپىگە ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ بۆلمىدىن چىقىپ بوشلۇقتا ماڭغان سۈرىتى (رەڭلىك) نەقىشلەنگەن ھەمدە ‹‹ جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئالەم بوشلۇقىغا قەدەم باسقانلىقىنى خاتىرلەش›› دېگەن خەتنىڭ خەنزۇچە يىزىقى ۋە قىممىتى ئويۇلغان ئەل ئىچى قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى باي ناھىيىسىدىكى دېھقان – چارۋىچىلار ئەل ئىچى قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىگە قۇيۇلغان بويۇملارنى كۆرمەكتە 7 – ئۆكتەبىر، باي ناھىيىسىنىڭ 2 – نۆۋەتلىك ئەل ئىچى مەدەنىيەت – سەنئەت بايرىمى باشلاندى ، بايرام مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى ، ئەل ئىچى قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى ، ئەل ئىچى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى، ئەل ئىچى ھۆسنىخەت كۆرگەزمىسى، ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرىنىڭ ئېيتىشىشى ۋە چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلىق ئۇسسۇل ‹‹گۈزەل باي›› قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ، بۇ ناھىيىنىڭ 16 يېزا – بازىرىدىن كەلگەن دېھقان – چارۋىچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. نېپالنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ھادىسىگە ئۇچراپ، 18 كىشى قازا قىلدى ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيدان 8 – ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، نېپالنىڭ كىچىك تىپتىكى بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ جەنۇبىي يانباغرىدىكى نېپالغا يانداشقان لۇكېلا ئايرودرومىغا قونۇۋاتقان چاغدا ئوت كېتىپ ، ئايروپىلاندىكى18 كىشى قازا قىلغان . نېپال بىخەتەرلىك خادىملىرى ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيداننى تەكشۈرمەكتە نېپال ھەربىيلىرى ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتىنى تىك ئۇچاردىن چۈشۈرمەكتە | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
munajat7 | ئى <<اللا>> ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن،نىمانداق ئايرۇپىلان ۋەقەسى جىق يۈز بىرىدىغاندۇ؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
anjili دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بۇ يىل ھەجەپ ياراشمىغان يىل بولدىغۇ،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ALTIKEN دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بايىقى بىر خەۋەردىن ئاڭلىسام ، مەركىزى بانكا تارقاتقان پۇلنىڭ ساختىسى بازارغا كىرىپ بوپتۇدەك . تورداشلار ساختا پۇل ئىلىپ قىلشتىن ساقلىنىڭلار .
.......................... جاھاندا ئىش جىق ! .................................. ھەردائىم اللادىن ئامان-ئىسەنلىك تىلەيلى ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Aniwar207 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئۇيغۇر ئانا ئۆز ئانىسىنى ئۇرىۋاتقان كۆرۈنىشى
مەن تېمىنى كۆرۈپ نىمە دېيىشىمنى پەقەتلا بىلەلمەي ئولتۇرۇپ قالدىم http://bbs.retim.cn/read.php?tid-23254.html | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ayjahan | ئالدىغانلار ئامال بار بانكىدىن ئېلىڭلار.........
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tughrul ئانا تىلنى قوغداش شەرەپ | بۇ خاتىرە پۇللار بىزنىڭ يۇرۇتلارغىمۇ كىلەمدىغاندۇ ؟
| ||||
---|---|---|---|---|---|
zaman515 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | رەھمەت،،،،،،،،،،،،،يىڭى چىققان قەغەز پۇلنىمۇ كۆرمىدىم تىخى............
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|