| ||||||
dihanogli1 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قان بېسىمنى كونترول قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىبۇ تىمىنى ئۇيغۇرۇم007 : تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى(2008-10-09)
قان بېسىمى نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان ئاساسلىق كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىر قىسىم ئەپچىل چارىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق قان بېسىمىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.
ئەتتىگەنلىك تاماقتا ئازراق قوغۇن يېيىش، قېتىق ئىچىش كېرەك. قوغۇن ۋە قېتىق تەركىۋىدىكى مېنىرال ماددىلار ئىچىدە كالىينىڭ مىقتارى بىر قەدەر مول بولۇپ، ئۇ قان بېسىمىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق. دائىم ئاپلىسىن شەربىتى ئىچىپ بېرىش كېرەك. ئاپلىسىن تەركىۋىدە كۆپ مىقتاردا ۋىتامىن C بار بولۇپ، بۇ، قان تومۇرلىرىنىڭ كېڭىيىشىگە پايدىلىق. ھەر كۈنى 60 مىللىيگىرام ۋىتامىن C تابلىتى يەپ بەرسە ياكى كۆكتات، لىمون، چۈچىمەل تەملىك مىۋىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلسا، ئوخشاشلا قان بېسىمىنى تىزگىنلەش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئەتتىگەندە زىيادە چارچاپ كەتمەسلىك لازىم. يۈرەك- قان تومۇر كېسەللىرى ئادەتتە ئەتتىگەندە قوزغىلىدۇ. شۇڭا زىيادە چارچاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كەچلىك يىغىلىشلارغا ئىمكان بار ئاز قاتنىشىش كېرەك. دائىم سامساق ئىستىمال قىلىپ تۇرۇش كېرەك. ھەر كۈنى ئىككى- ئۈچ چىش سامساق يېگەندە، قان بېسىمىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ئائىلىدە ئۇرۇش- تالاش قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ، قارشى تەرەپنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ، سەۋرىچانلىق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا، قان بېسىمىنىڭ نورماللىقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. زىيادە ھېرىش- چارچاشتىن ساقلىنىش لازىم. ئەمگەك بېسىمى يېنىكلىتىلگەندە، يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ قان بېسىمىنى مۇۋاپىق مىقتاردا تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. مۇۋاپىق مىقتاردا ماروژنى ئىستىمال قىلىش كېرەك. بىر پارچە ماروژنى تەركىۋىدە 150تىن 200 مىللىگىرامغىچە كالتسىي بولۇپ، كالتسىي ئارتېرىيە قان تومۇر دىۋارلىرىنىڭ يۇمشاقلىقىنى ساقلايدۇ، ھەر كۈنى قايماقسىز سۈتتىن بىر- ئىككى ئىستاكان ئىچىپ بەرگەندىمۇ، ئوخشاشلا كالتسىي تولۇقلاپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئاپتاپتا ھەركەت قىلىش كېرەك. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن سىرتقا چىقىپ ئون مىنۇت ئاپتاپقا قاقلىنىپ ھەركەت قىلغاندا، قان بېسىمىنى ئالتە مىللىمېتىر سىماپ تۈۋرىكى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ئىشلەش مۇھىتىنىڭ تىنچ بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. 100 ئادەم ھەر كۈنى 20 مىنۇت جىمجىت تەپەككۇر قىلىپ ئىشلەپ، 12 ئايدىن كېيىن تەكشۈرتكەندە قان بېسىمى تەخمىنەن 11 مىللىمېتىر سىماپ تۈۋرىكى تۆۋەنلىگەن. كەچلىك تاماقتا بولكا تۈرىدىكى ئاق ئاشلىقتىن تەييارلانغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. ئاق بولكا قاتارلىقلار تەركىۋىدىكى بۇغداي كىراخمالى بەدەندىكى ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىشىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ، نەتىجىدە قان بېسىمى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆرلەپ كېتىدۇ. كېلىش مەنبەسى:http://dihanogli.cn/ShowPost.asp?ThreadID=401 تېخىمۇ كۆپ تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق بىلىملىرىگە قىزىقسىڭىز : http://dihanogli.cn/ShowForum.asp?ForumID=21 ___ باشقۇرغۇچى : ئۇيغۇرۇم007 تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-09
| ||||
---|---|---|---|---|---|
bughrahan دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قان بېسىمى يۇقىرى بولسىغۇ سىز دىگەندەك قىلارمىز ،ئەگەر تۆۋەن بولۇپ قالسىچۇ؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tograh0997 | تۇرمۇشتا ئۈنۈملۈك پايدىلانساق بۇلىدىكەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kok-sultan تەۋپىق ئىزچىسى | قان بېسىمى ئەجەللىك كېسەللەرنىڭ باشلىنىشى دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
jasuroclan دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قايسى مىۋىلەرنى يىسە بولدىكەن ،كونكىرىت قىلىپ يېزىپ قويساڭلار بوپتىكەن!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mutaham دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Quote:بۇ يازما1قەۋەتتىكىbughrahanنىڭ2008-10-09 15:15يوللىغان : بۇنىمۇ سوراش كىتەمدىكىن،،، شورپا، كاۋاپ، ئىسسىقلىق ئېنىرگىيىسى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى يەيمىز،،، | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ALTIKEN دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Quote:بۇ يازما5قەۋەتتىكىmutahamنىڭ2008-10-09 15:35يوللىغان : ...................... خا خا خا.... مەن قوشىلىمەن . لىكىن سەمرىپ كىتىشتىن بەك بەك ئىھتىيات قىلىڭ . قان بىسىمىڭىزنى بەك كۆتۈرسىڭىز ، سەمىرىپ كىتىسىز . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tughrul ئانا تىلنى قوغداش شەرەپ | قان بېسىمى ئەڭ يامان كىسەللىكلەرنىڭ بىرسى.دىققەت قىلىشىمىز كىرەككەن.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
ayjahan | Quote:بۇ يازما1قەۋەتتىكىbughrahanنىڭ2008-10-09 15:15يوللىغان : توغرا دەيسىز،مېنىڭمۇ ئىزچىل تۆۋەن،مۇبادا بۇنداق كېتىۋەرسە،يۈرەك يوغىناپ كېتىدۇ،دەيدۇ.قان بېسمىمنى مىڭ جاپادا ئازراق ئۆرلەتسەملا ،سەمىرىپ كېتىمەن،بۇنىڭغا بىرەر ئامال بارمىدۇر؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ay-tilla دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | رەھمەت مەن كۆچۇرۋالدىم بۇ تىمىنى
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mutaham دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Quote:بۇ يازما8قەۋەتتىكىayjahanنىڭ2008-10-09 15:44يوللىغان : ھەركەتنى جىق-جىق قىلىپ بەرسىڭىز سەمىرىپ كەتمەسلىكىڭىزگە مانا مەن بوشەن،،،، | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
musallas مۇسەللەس | قان بېسىمى تۇۋەنلەر ئايالىڭلارنىڭ چىشىغا تىگىڭلار ، ئۆرلەيدۇ ...........
| ||||
---|---|---|---|---|---|
niluper21 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | تۇرمۇشتا ئۈنۈملۈك پايدىلانساق بۇلىدىكەن.رەھمەت مەن كۆچۇرۋالدىم بۇ تىمىنى
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|