سىز بۇ تېمىنىڭ 435ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئارىسىدا بولغان ئات ۋە يىپەك سودىسى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
HALKQIL

ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 11170
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 893
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە893دانە
شۆھرەت: 1012 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 8413 سوم
تۆھپە: 56 نۇمۇر
ياخشى باھا: 36 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :1034(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-01-13
ئاخىرقى :2008-10-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئارىسىدا بولغان ئات ۋە يىپەك سودىسى

ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئارىسىدا بولغان ئات ۋە يىپەك سودىسى

< 1 >


ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئىقتىسادىدا، چارۋىچىلىق ئىگىلىكىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. ئاتلىق قوشۇننىڭ جەڭلەردە ئوينايدىغان مۇھىم رولىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇيغۇر قاغانلىقى چارۋىچىلىقتا ئات بېقىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان ئىدى. ئات ناھايىتى مۇھىم قاتناش قورالى بولغاننىڭ ئۈستىگە يەنە، شۇ زامانلادا ئاتلىق قوشۇن ئۇرۇشتا غەلىبە قازىنىشنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك شەرتى ئىدى. شەرقى ئۇيغۇرلار ئات ئۆستۈرۈشكە بەكمۇ كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۇلار بىرنەچچە مىليون ئاتنىڭ ئىچىدىن جەڭگە ياراملىق بىر نەچچە يۈزمىڭ ئاتنى تاللاپ، 221مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇن تەشكىل قىلغان ئىدى. ھۇنلار، تۈرۈكلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ قوشۇنلىرى تامامەن دىگۈدەك ئاتلىق بولۇپ، پىيادە قوشۇنلىرى يوق ھىسابىدا ئىدى. ھۇن، تۈرۈك، ئۇيغۇر قوشۇنلىرى جەڭگە ماڭغاندا، 100 مىڭلاپ زاپاس جەڭ ئاتلىرىنىمۇ بىرگە ئېلىپ ماڭاتتى.
شەرقى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئۆستۈرگەن ئاتلىرىغا باسىدىغان ئايرىم تامغىلىرى ۋە ئۆز يايلاقلىرى بار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاتلىرى < تامغىلىق ئاتلار > دەپ ئاتىلاتتى. جۇڭگو خانلىرىمۇ قەدىمقى چاغدىن باشلاپ ئۆزلىرىنىڭ شىمالىدىكى جەڭگىۋار، ئۇرۇشقاق قوشنىلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئاتلىق قوشۇن تەشكىل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ئىدى. بولۇپمۇ تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئاتقا ئېتىبار بېرىشى ئالاھىدە بولغان، تاڭ سۇلالىسى پادىشاھلىرى كەڭ سۇدىكى لۇڭيۈ، لەنجۇ، فىڭلياڭ، تيەنشۈي قاتارلىق تۆت ۋىلايەت بىلەن خېشى كارىدورىدا ئوت، سۈيى مول كەڭتاشا يايلاقلارنى ئېچىپ، بۇ يايلاقلارنى باشقۇرىدىغان مەخسۇس مەھكىمىلەرنى تەسىس قىلىغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن مىلادىنىڭ 630 - يىلىدىن 670 - يىلىغىچە بولغان 40 يىل ئىچىدە بۇ يايلاقلاردا بېقىلغان ئاتلارنىڭ سانى 700 مىڭدىن ئاشقان. مىلادىنىڭ 670 - يىلىدىن باشلاپ تىبەت خانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئارىسىدا كەسكىن ئۇرۇشلار باشلاندى. بۇ ئۇرۇشلار كەڭسۇدىكى ئات ئۆستۈرۈلىدىغان يايلاقلارنىڭ ئامانلىقىغا ئېغىر دەرىجىدە خەۋپ يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئات باقارلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىگىدىن يايلاقلار چۆلدەرەپ كۆپلىگەن ئاتلار ئۆلۈپ كەتتى. مىلادى754 - يىلىغا كەلگەندە ئۇمومى ئاتنىڭ سانى 320 غا چۈشۈپ قالدى. بۇنىڭدىن كارغا كىلىدىغان ئات 200 مىڭچە بار ئىدى. مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئۈستىدە، تاڭ سۇلالىسى نۇرغۇن كىشىلىك ھەربىي قوشۇنىنى ۋە ئىشلەپ چىقىرىش بىلەن قاتناشنى ئات بىلەن تەمىنلەشتە ناھايىتى مۈشكۈل ئەھۋالدا قالدى. بولۇپمۇ مىلادى 755 - يىلى ئۆڭلۈك ئىسيان كۆتۈرۈپ لوياڭ بىلەن چاڭئەننى بېسىۋېلىپ، پادىشا تاڭ شۇئەنزۇڭ سىچۈئەنگە قېچىپ كەتكەندە جۇڭگو چوڭ قالايماقانچىلىق ئىچىدە قېلىپ، پادىشاغا قاراشلىق ئاتلار بىر نەچچە تۈمەنگىلا چۈشۈپ قالدى. مىلادى 756 - يىلى تاڭ سۇزۇڭ تاڭ سۇلالىسىنىڭ تەختىگە چىققان ۋاقىتتا بولسا، تىبەت خانلىقى كەڭ سۇنىڭ كۆپ قىسمىنى بېسىۋالغان ئىدى. كەڭ سۇدىكى ئات ئۆستۈرۈلىدىغان كەڭ يايلاقلارنىڭ قولدىن كىتىشى تاڭ سۇلالىسىنى ئات مەنبەسىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلدى. بۇنىڭ بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇر قاغانلىقىدىن كۆپلەپ ئات سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ چاغدا تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ كۆپ قىسمى پىيادە قوشۇن بولۇپ، ئۆڭلۈكنىڭ قوشۇنلىرى بولسا تامامەن ئاتلىق قوشۇن ئىدى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەلچى ئەۋەتىپ جىددى ياردەم تەلەپ قىلىشى بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتلىق قوشۇنلىرى ياردەمگە بېرىپ ئۆڭلۈك ئىسيانى ۋاقتىدا مەغلۇپ قىلىنمىغان بولسا تاڭ سۇلالىسىنىڭ دۆلىتىنى بىرلىككە كەلتۈرەلىشى ناتايىن ئىدى. ئۆڭلۈك ئىسيانى ۋاقتىدا تۈزۈلگەن بېتىمنامىگە ئاساسەن، ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئارىسىدا ئات ۋە يىپەك مال سودىسى يولغا قويۇلدى. تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتلىرىغا مۇھتاج بولغان بولسا، ئۇيغۇرلار جۇڭگونىڭ ئىسىل يىپەك ماللىرىنى قولغا چۈشۈرۈشكە قىزىقاتتى. چۈنكى شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلار جۇڭگودىن ئالغان يىپەك ماللارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىشلىتىپ بىر قىسمىنى خەلقارا < باشقا ئەل > بازارلىرىغا ئاپىرىپ يۇقۇرى باھادا ساتاتتى < بۇ ۋاقىتلاردا يىپەك يولى ئۇيغۇرلارنىڭ تىزگىنلىشىدە ئىدى >. بۇ سودىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىدىغان پايدىسى ناھايىتىمۇ كۆپ بولۇپ بىر ئاتنى جۇڭگونىڭ 40، 50 توپ يىپەك تاۋىرىغا تېگىشەتتى. جۇڭگودا يىپەك توقۇمۇچىلىقى خېلىلا تەرەققى تاپقان بولۇپ، تاڭ سۇلالىسى ئۆڭلۈك ئىسيانىدىن كىيىن ئاتقا بولغان جىددى ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن، بۇ خىل نىسبەتتە مال تېگىشىشكە رازى ئىدى.
ئۇيغۇر قاغانلىقى ئۆڭلۈك ئىسيانى باشلانغان ۋاقىتتىن باشلاپ 100 يىل ئىچىدە جۇڭگوغا ھەر يىلى دىگۈدەك بىر نەچچە 10 مىڭدىن 100 مىڭغا قەدەر ئات ئەكىلىپ ساتتى. مەسەلەن : ئۇيغۇر قاغانلىقى مىلادى 773 - يىلى جۇڭگوغا 10 مىڭ تۇياق، مىلادى 782 - يىلى 100 مىڭ تۇياق ئات ئەكىلىپ ساتتى. بىر ئات 40 يىپەك تاۋارغا تېگىشىلگەندە، مىلادى 782 - يىلى سېتىۋالغان 100 مىڭ تۇياق ئات ئۈچۈن تاڭ سۇلالىسى < جۇڭگو > ئۇيغۇرلارغا 4 مىليون توپ يىپەك تاۋار تۆلىشى لازىم ئىدى. لېكىن جۇڭگودا ئىچكى ئىسيانلار يۈز بېرىپ، ئىشلەپ چىقىرىش ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغانلىقتىن، تاڭ سۇلالىسى بۇ مالنى ۋاقتىدا تۆلىيەلمەي، ئۇيغۇرلارغا قەرز بولۇپ قالدى. شۇ يىلى بۇ مال ھىسابىغا پەقەت 100 مىڭ توپ يىپەك تاۋار بىلەن 100 مىڭ سەر ئالتۇن - كۈمۈشلا تۆلىيەلىدى. تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇرلارغا تۆلەيدىغان بۇ قەرزىنى تاكى مىلادى 840 - يىلىغا قەدەر، يەنى شەرقى ئۇيغۇرلارنىڭ تامامەن ۋەيران بولۇپ چوڭ كۆچۈشكە مەجبۇر بولغىنىغا قەدەر تۆلەپ تۈگۈتەلمىدى.

داۋامى بار

پايدىلانمىلار : < تاڭ سۇلالىسى يىلنامىسى، ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە > 195 - جىلد.
< تاڭ يارلىقلىرى توپلىمى > 72 - جىلد.
سىما گۇاڭ < يىلنامە > 227 - جىلد.

 

___ باشقۇرغۇچى : Naikon.x تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-09

 

ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-10-09 14:02 [باش يازما]
555rikabatqi

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 59451
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 72
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە72دانە
شۆھرەت: 73 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 720 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :111(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-09-16
ئاخىرقى :2008-10-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەن ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭسۇلالىسىگە ياردەم بەرگەن تارىخىنى پەنۋېنلەننىڭ جۇڭگۇ ئۇمىمى تارىخى دىگەن كىتاۋىدىن كورگەن
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
| ۋاقتى : 2008-10-09 14:46 1 -قەۋەت
كۆكلەم

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 60606
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە8دانە
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 80 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :14(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-10-01
ئاخىرقى :2008-10-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

رەخمەت سىزگە كۆپ بىلىملەرنى بىلۋالدىم
ھەقىقىي مىسۋاك
يېڭى تېمىلارغا تەشنابىز
| ۋاقتى : 2008-10-09 14:52 2 -قەۋەت
hujaabdulla

دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 40943
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 504
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە504دانە
شۆھرەت: 506 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 5020 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :190(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-05-17
ئاخىرقى :2008-10-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

    XUGA                MAWU                HANZULAR,                      XULARNI            UNTUP              KALMASLIKI            KERAK. 
غۇجىئابدۇللا
| ۋاقتى : 2008-10-09 14:53 3 -قەۋەت
orhun36

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 59196
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 149
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە149دانە
شۆھرەت: 150 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1490 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :208(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-09-10
ئاخىرقى :2008-10-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  توغرا شۇ چاغدا تاڭ سۇلالىسگە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يارىدەم بەرمىگەن بولسا ، ئۆز ئىچىدىن چىققان تەخىت تالىشىش جىڭىدە تاڭ سۇلالىسى مەغلۇپ بولۇش تەرىپىگە ئۆتۈپتىكەن.
./read.php?tid-480-fpage-129.html
| ۋاقتى : 2008-10-09 15:12 4 -قەۋەت
MAHMUTJAN110

دەرىجىسى :تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 24247
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1077
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1077دانە
شۆھرەت: 1078 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10008 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :783(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-10-23
ئاخىرقى :2008-10-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ھەي  بۇنى  ھازىرقى  بۇ  خەنزۇلار نىڭ  بىلدىغانلىرى  بارمىدۇ      ھەي  شۇ  ئۇيغۇر  ھازىر  بۇلغان  بۇلسا  نە  قەدەر  ياخشى  بۇلاتتى    ھە 
ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-10-09 15:14 5 -قەۋەت
kok-sultan
تەۋپىق ئىزچىسى

ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 26286
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 1936
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1936دانە
شۆھرەت: 2168 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 11440 سوم
تۆھپە: 369 نۇمۇر
ياخشى باھا: 611 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :1649(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-11-25
ئاخىرقى :2008-10-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئېسىل تېمىكەن،ئەجرىڭىزگە رەھمەت!
| ۋاقتى : 2008-10-09 15:23 6 -قەۋەت
tughrul
ئانا تىلنى  قوغداش شەرەپ

ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 48638
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2358
ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2358دانە
شۆھرەت: 2374 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 100 سوم
تۆھپە: 35 نۇمۇر
ياخشى باھا: 33 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :526(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-06-15
ئاخىرقى :2008-10-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئۇيغۇرلار ياردەم بەرمىگەن بولسا شانلىق تاڭ مەدىنىيىتى ئۇزۇن داۋام قىلالمايتى.
| ۋاقتى : 2008-10-09 15:47 7 -قەۋەت
ayjahan

ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 48900
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 695
ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە695دانە
شۆھرەت: 1103 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 140 سوم
تۆھپە: 21 نۇمۇر
ياخشى باھا: 53 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :379(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-06-16
ئاخىرقى :2008-10-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئۇيغۇرلار تارىخىدىن كۆپلەپ مەلۇماتلارنى بېرىپ تۇرغايسىلەر،رەھمەت.......
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
ئى ئۇلۇغ رەببىم، ماڭا ئىماننى سۆيۈملۈك كۆرسەتكىن. ماڭا سېنىڭ مۇھەببىتىڭنى سۆيۈملۈك كۆرسەتكىن.
| ۋاقتى : 2008-10-09 18:34 8 -قەۋەت



Time now is:10-10 06:15, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation

互联网电子公告(BBS)服务资质