| ||||||
PAHTAKIZ615 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | كىچىكىش (پاختا قىز615)يىگىت بىلەن قىز بىرقېتىملىق يىغىلىشتا تاساددىبى تۇنۇشۇپ قالدى ،يىگىت شۇ شەھەردىكى مەلۇم بىر شىركەتنىڭ غوللۇق خادىمى ئىدى.قىز بولسا مەلۇم مەكتەپنىڭ تىل -ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. ئورتاق غايە قىز بىلەن يىگىتنى تىزلا مۇھەببەت كوچىسىغا باشلاپ كىردى .ھەممە ئۇلارغا ھەۋەس قىلىشاتتى. ھەممە ياق يشىللىققا پۇركەنگەن ،گۇللەر پورەكلەپ ئېچىلغان بىر كۇنى قىز بىلەن يىگىت پاراڭلىشىپ ئولتتۇراتتى.يىگىت قىزغاشەھەر مەركىزىدە قەد كۆتۇرۇپ تۇرغان ئىگىز بىنانى كۆرسىتىپ تۇرۇپ <گۇلۇم ،مەن مۇۋاپىقىيەت قازانغان كۇنى ئەشۇ ئىگىز بىنانىڭ ئۇستدە 99تال ئەتتىر گۇلنى تۇتۇپ تۇرۇپ ساڭا توي تەكلىۋى قۇيىمەن >دىدى. قىز:<ئەگەر مەن كەلمىسەمچۇ؟>دەپ سورىغاندا يىگىت :<كۇتىمەن ،تاكى تۇن، پەردىسىنى زىمىنغا يايغانغا قەدەر> دەپ جاۋاپ بەردى. قىز يەنە ئەركىلەپ تۇرۇپ :<مەن يەنە كەلمىسەمچۇ >دەپ سورىدى. يىگىت :<ئۇ چاغدا مەن بۇ شەھەر دىن يىراقلارغا كىتىمەن >دەپ جاۋاپ بەردى قەتئىلىك بىلەن. قىز<مەن سىزگەچاقچاق قىلىپ قويدۇم،اللا ،شۇ كۇنلەرنىڭ تىزراق كىلىشىگە نىسىپ قىلغاي >دىدى. ئارىدىن توپ -توغرا بەش يىل ئۆتتى .يىگىتمۇ مۇھاپىقىيەت قازاندى.بىر كۇنى يىگىت قىزغا تىلفۇن قىلىپ <ئامرىغىم ،مەن سىنى كەچ سائەت 8 دە ھېلىقى بىنانىڭ ئۇستىدە ساقلايمەن >.دىدى.قىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇزىنى دۇنيادىكىئەڭ بەخىتلىك قىز دەك ھىساپلاپ ۋاقىتنىڭ تىزراق ئۇتىشىنى كۇتتى.شۇ تاپنىڭ ئۇزىدە ئۇنىڭغا ۋاقىت بەكمۇ ئاستا ئۇتىۋاتقاندەك بىلىنمەكتە ئىدى. ئاخىرى دىيىشكەن ۋاقىتمۇ توشتى .قىز ئەڭ چىرايلىق كىيمىنى كىيىپ ھېلىقى بىنانىڭ ئالدىغا كىلىپ ئۇستىگە قارىغانىدى يىگىتىنىڭ ئۇزىنى تەققەزارلىق بىلىن كۇتىۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىغا كىلىپ ئۇچقاندەك يۇگۇردى .دەل شۇ ۋاقىتتا قارشى تەرەپتىن كىلۋاتقان بىر ماشىنا تورمۇز قىلىشقا ئۇلگۇرمەي قىزنى سوقىۋەتتى.ئەتىراپتىكى كىشىلەر قىزنى دوختۇر خانىغا ئېلىپ كىتىشتى. يىگىت بۇ نىڭدىن خەۋەرسىز قىزنى كۇتمەكتە ئىدى.بىر سائەت،ئىككى سائەت .................. بەش سائەت ئوتتى قىز يەنىلا كەلمىدى.لىفىت باشقۇرغۇچى موماي يىگىتكە ئوزىنىڭ ئىشتىن چۇشىدىغانلىقىنى ئېتتى.يىگىت مومايغا :<موما ،مەن سويگۇنۇمگە توي تەكلىۋى قويماقچى ئىدىم ،ما ڭا يەنە بىر سائەت ۋاقىت بەرسىڭىز بۇلامدۇ ؟>دەپ سورىدى.موماي <ئوغلۇم ،سەن بۇ يەردە تۇرغىلى توپتوغرا بەش سائەت بولدى .ئۇ قىز تېخىچە كەلمىدى ،سەنچە ئۇ كىلەرمۇ؟>دەپ سورىدى. يىگىت <كىلىدۇ ،چۇقۇم كىلىدۇ .سىزدىن ئۇتۇنەي ،ماڭا بىر سائەت .پەقەت بىر سائەتلا ۋاقىت بەرسىڭىز>دىدى. موماي <بوپتۇ ،ئوغلۇم قارىغاندا سەن ئۇ قىزنى بەك ياخشى كۇرىدىغان ئوخشايسەن ،ساڭا ئامەت تىلەيمەن .ئىسىڭدە بولسۇن بىر سائەت ئۇزارتىپ بىرەلەيمەن >دىگىنىچە چۇشۇپ كەتتى. يەنە يېرىم سائەت ئۇتۇپ كەتتى.يىگىت قىزغا بىر نەچچە قېتىم تېلفۇن قىلدى .بىراق ئۇلانمىدى............. ئاخىرى بىر سائەتمۇ توشتى ،قىز يەنە كەلمىدى. يىگىت مەيۇس ھالدا لىفىتكە چىقتى.لىفىت باشقۇرغۇچى موماي <بالام ،خالىساڭ مەن يەنە بىر سائەت ئۇزارتىپ بىرەي .>دىدى. يىگىت <رەخمەت موما ،ئەگەر ئۇ كىلىشنى خالىغان بولسا بۇ چاققا كىلەر ئىدى.ئەمدى ئۇ كەلمەيدۇ.مەن بىر يىتىم كىچىكىمدە ئانام ئۇلۇپ كىتىپتىكەن ،مەن سىزنى ئانام ئورنىدا كۇرۇپ بۇ گۇلنى سوۋغا قىلسام قۇبۇل قىلارسىزمۇ؟>دەپ سورىدى.دەل شۇچاغدا يىگىتنىڭ كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۇشتى .بۇ ئۇنىڭ ئۆمرىدە ئىككىنچى قېتىم ياش تۇكىشى ئىدى.ئانىسى تۇگەپ كەتكەندە ئۇ تىخى كىچىك بولغاچقا ئۇقمىغانىدى.دادىسى تۇگەپ كەتكەندە ئۇ تۇنجى ياش توككەنىدى. ئەتىسى يىگىت خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىپ بۇ شەھەردىن كەتتى. قىز ھۇشىغا كەلگەندەئۇزىنىڭ دوختۇرخانىنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش بۇلىمىدە ئىكەنلىكىنى بىلدى.گەرچە قىز خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۇتۇپ ھوشىغا كەلگەن بولسىمۇ ئۆمۇرلۇك مېيىپ بۇلۇپ قالغانىدى ،ئەمدى ئۇنىڭ قالغان ئۆمرى چاقلىق ئورۇندۇق ئۇستىدە ئۇتەتتى. قىز ھەركۇنى ئىشىككە تەلمۇرۇپ ئولتۇراتتى .ئۇ يىگىتنىڭ كىلىپ ئۇزىگە مەدەت ۋە ئىلھام بىرىشىنى بەكمۇ ئۇمۇد قىلاتتى،بىراق يىگىت كەلمىدى. قىز بۇ رىئاللىقنى قۇبۇل قىلالمايچۇشكۇنلىشىپ كەتتى.قىزنىڭ مەسئۇل دوختۇرى قىزغا بەكمۇ كۆڭۇل بۇلەتتى .ھەر كۇنى قىزغا ھەمرا بۇلۇپ قىزىقارلىق سۆزلەرنى قىلىپ بىرەتتى.ۋاقىت چىقىرىپ چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ دوختۇرخانا ھۇيلىسىنى ئايلاندۇراتتى.قىزغا ھەرخىل كىتاپلارنى ئەكىرىپ بىرەتتى. دوختۇرنىڭ كۆڭۇل قۇيۇپ داۋالىشى ئاستىدا قىزنىڭ سالامەتلىگى تىزلا ئەسلىگە كەلدى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قىزدا يىزىقچىلىققا نىسپەتەن كۇچلۇك ھەۋەس پەيدا بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەي قىزنىڭ تۇنجى شئېرى ئېلان قىلىندى.بۇنىڭدىن قىزدىن بەكرەك دوختۇر يىگىت خوشال بولدى.شۇ كۇنى ئۇ بىر دەستە گۇل ئېلىپ قىزنى تەبرىكلىدى.ھەم داۋاملىق ياخشى ئەسەرلەرنى يىزىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئارىدىن بىر نەچچە يىللار ئۆتتى قىزنىڭ ئەسەرلىرى كەينى -كەينىدىن ئېلان قىلىنىپ ياخشى باھالارغا ئېرىشتى.بۇ جەرياندا دوختۇر يىگىت ئۇنۇگغا يېقىندىن ياردەمدە بۇلۇپ .ۇنى داۋاملىق رىغبەتلەندۇرۇپ تۇردى. يىگىت بۇ شەھەردىن كەتكەندىن كىيىن جاپاغا چىداپ ،تىرىشىپ ئىشلەپ ئوز شىركىتىنى قۇردى.ئەمما ھەر ۋاقىت ئۇ قىزنى ئىسىدىن چىقىر ۋىتەلمىدى. كىيىن قىزنىڭ <كۇتۇش >ناملىق رومانى نەشىردىن چىقتى.بۇ روماندا قىزنىڭ پۇتكۇل سەرگۇزەشتىسى بايان قىلىنغانىدى.بۇ رومان ناھايىتى تىزلا ئالقىشقا ئېرىشتى.رومان نەشىردىن چىققان كۇنى دوختۇر يىگىت قىزنى شەھەرنىڭ كەچلىك مەنزىرسىنى كورسۇتۇش ئۇچۇن ئېلىپ چىقتى.ئەتىراپ يۇرۇق كوچا چىراقلىرى يوللارنى ئاجايىپ يۇرىتىۋەتكەن ئىدى.قىز يىگىتكە <رەخمەت سىزگە ،سىز شۇنچە يىللاردىن بۇيان ماڭا كۆڭۇل بۇلۇپ مىنى ياشاشقا رىغبەتلەندۇرۇپ كەلدىڭىىز.مەن سىزدىن بەك مىننەتدار.ئەپسۇس مەن بىر مېيىپ سىزگە ھېچ ئىش قىلىپ بىرەلمەيمەن .ئالدىڭىزدا بەكمۇ خىجىلمەن>دىدى.يىگىتمۇ خۇددى مۇشۇ سۆزنى كۇتۇپ تۇرغاندەك قىزنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ قىزغا<ئەگەر سىز ماڭا ئورۇندىقىڭىزنى بىر ئومۇر ئىتتىرىپ ئوتۇش پۇرسىتىنى بەرگەن بولسىڭىز بۇ مەن ئۇچۇن ئەڭ چوڭ بەخت ئىدى>دىدى.قىز <بىراق ،مەن بىر مېيىپ سىزگە يۇك بۇلۇپ قېلىشىم مۇمكىن، بۇنى سىز بىلىسىز >دىدى.يىگىت قىزغا <ئاخماق ،سىز مەن ئۇچۇن دۇنيادىكى ئەڭ گۇزەل ،ئەڭ ساغلام قىز .مەن سىزنى سۇيىمەن >دىدى .قىز يىگىتكە ماقۇللۇق بىلدۇردى. داۋامى بار................... [ يوللىغانPAHTAKIZ615تەرىپىدىن2008-10-09 17:13قايتا ] ___ باشقۇرغۇچى : ئۇيغۇرئاي تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-09
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
艾斯卡尔 | نىمىشقا مۇشۇنداق ياخشى ھىكايىلەرنىڭ ئاخىرى يوق
____________________________________________________________________ بۇيەردە XJTV-2 دە بەرگەن ھەم ئۇرۇمچى تېلېۋزىيەنىڭ ئايەم سەنئەت كىچىىلكى بار..... بۇنى كۆرمىگەنلار كۆرۋىلىڭلار... .. ئىچىكىردىكى دوسلارنىڭ بۇنى كۆرەش پۇرسىتى يوق دىيەرلىك ... http://www.erkem.biz/tv/ مۇشۇ مەنزىل دە ئىككىلىسى بار ...... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
anjurguli | چارچاپ قالدىڭىزمۇ ؟ داۋامىغا تەشنامەن ......................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
rexta دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھى ھى ھى...ئۇلاپ يازىدىغاندىن يەنە بىرى پەيدا بولدى ئەمدى..............
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئۇيغۇرئاي دىــــل ئازار،خۇدا بىزار | تىزراق ئەۋەتىڭ بولمىسا داۋامىنى ئۆزەم چۈشۈرۋىتىمەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Sahra-ogli دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | مۇشۇنداق قىلسا كۇرۇش قىزغىنلىقى ئاشىدۇ ھاھاھا ،،،،،،،،،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
weros دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | بىچارە قىز .......يىغلاپ كۆزىدىن كەتمىگىدى....
داۋامىغا تەشنامىز ~ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
PAHTAKIZ615 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | كەچۇرۇڭلا .خەت بېسىش سۇرئىتىم ئاستا ئىدى.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
AYNAWA دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئاخىرىنى قاچان يازىسىز؟؟؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
turkman01 | Quote:بۇ يازما7قەۋەتتىكىPAHTAKIZ615نىڭ2008-10-09 13:47يوللىغان : تىزبولۇڭ ئويغۇرئاي سىزدىن چاپسان چىقىدىغاندەك قىلىدۇ... | ||||
---|---|---|---|---|---|
ئۇيغۇرئاي دىــــل ئازار،خۇدا بىزار | Quote:بۇ يازما7قەۋەتتىكىPAHTAKIZ615نىڭ2008-10-09 13:47يوللىغان : ھىچقسى يوق ئالدىرماڭ تىمىنىڭ ئاخىرنى ئىنكاس شەكلىدە ياكى تىمىنىڭ تەھرىر دىگەن يىرىدىن كىرىپ قوشۇپ مىڭ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kumbah دەرىجىسى :تېما چولپىنى | داۋامى قاچان يېزلار ئەمدى؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ay-tilla دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەن مۇشۇ تىمىغا ئوقشاش كېنو كورگەن ھېندىستانچە ھى ھى بەلكىم .ئوقشاپ قالار ...
لىكىن مەن يەنىلا كەينىگە تەشنا | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ayjahan | توغرا مەنمۇ كۆرگەن،ھىندىستانچە،يەنە ئېنگىلىسلارنىڭ .ئىككىلا قىلىمدىكى ۋەقەلىك ئوپمۇ-ئوخشاش،بەلكىم بۇمۇ شۇ كىنودەك ئاخىرلىشار..........
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ay-tilla دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | way huda tihi yohma man naqqa sat boldi aylinip kirdim hahahah
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|