
بىر شىر تۇخۇ بېقىشنى ئىنتايىن ياخشى كۈرىدىكەن ، بىراق تۇخۇ كاتىكى ئانچە پۇختا بولمىغاچقا ، دائىم تۇخۇسى يۇقاپ كىتىدىكەن . شىر ئەڭ ئۇستا ئارخىتىكتۇر تۈلكىنى پۇختا كاتەك ياساپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىپتۇ . تۈلكە كاتەكنى ئىنتايىن كۆركەم ، تاملىرىنى ئىگىز ھەم مەزمۇت قىلىپ ياساپ بىرىپتۇ . شۇنداقتىمۇ شىرنىڭ تۇخۇلىرى كۈندىن _ كۈنگە ئازلاپ كىتىۋاتقۇدەك . ئەسلىدە تۈلكىنىڭ ئۈزى تۇخۇ ئوغرىسى ئىكەن ، ئۇ كاتەكنى ھېچكىم كىرەلمەيدىغان قىلىپ ئىنتايىن پۇختا ياساپ ، ئۈزىگە بىر مەخپى يول ئېچىپ قويغانكەن .
شىرنىڭ تۇخۇ كاتىكىنىڭ رۇلى بولماسلىقىدىكى سەۋەپ ، ئۇ تۈلكىنى كاتەك ياساشقا تەكلىپ قىلىپ خاتالاشقانىكەن . تۈلكە باشقا ھايۋانلارنى تۇخۇغا يېقىن كەلتۈرمەي ، تۇخۇ ئوغۇرلاش پۇرسىتىدىن ئۈزى بەھرىمان بولغانىكەن .
تۇرمۇشىمىزدا بەزىبىر قانۇنىيەتلەرنىڭ ئۆز رۇلىنى جارى قىلدۇرالماي قېلىشىدىمۇ قانۇنىيەت بىكىتكۈچىلەرنىڭ ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن يۇچۇق ئېچىپ قۇيۇشى سەۋەب بۇلىدۇ ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى باشقىلارنىڭ مەنپەتتىن بەھرىمان بۇلۇش يۇلىنى تۇسۇپ قۇيۇپ . ئۈزىنىڭ مۇنۇپۇللۇق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت .
ئۇنداقتا ، ئەگەر تۈلكىنىڭ تۇخۇ ئوغۇرلاش مەقسىتى بولمىسا ، كاتەكنى چۇقۇم پۇختا ياسامدۇ ؟ بۇمۇ ناتايىن .
مەسلەن ، تۇخۇ ئوغرىسى ئاغمىخان تۈلكىگە ئازراق نىسىۋە بىرىپ ، تۈلكىنى مەخپى يول ئېچىپ بىرىشكە قىزىقتۇرىشى مۈمكىن . شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۈلكىنىڭ مەخپى يول ياسايدىغان _ ياسىمايدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن يەنە بىر ھايۋاننى نازارەتچىلىككە قۇيىدۇ . دىمۇكىراتىك تۈزۈمنىڭ يادرۇسى ھوقۇقنىڭ تەڭ تەقسىملىنىشى ۋە نازارەتچىلىك . نازارەتچىلىك بولمىسا تۇخۇ ئوغۇرلىمايدىغان تۈلكە تۇخۇ كاتىكىنى ئۇنچە پۇختا ياسىمايدۇ .
تۇخۇ ئوغۇرلايدىغان تۈلكىگە تۇخۇ كاتىكىنى ياساتقۇزماسلىق بازار ئىگىلىكىدىكى چوڭ بىر ئىش ، بۇ ھەم ئىقتىسادشۇناسلىقتىكى ئاساسى پىرىنسىپ .
مەنبە :تەرمىلەر 
[ يوللىغانtughrulتەرىپىدىن2008-10-09 17:52قايتا تەھر ]