باشلىق بولسا ، باي بولسا
( شېئىر)
باشلىق بولسا، باي بولسا،
چىرايلىرى ئاي بولسا.
كۇلكە-چاخچاق ئىچىدە،
گەپ-سۆزلىرىرى ماي بولسا .
باشلىق بولسا ،باي بولسا ،
خوشامەتمۇ كەتمەيدۇ.
پۇخرالىرى بەك ئامراق،
ئەتراپىدىن كەتمەيدۇ .
باشلىق بولسا ،باي بولسا،
قىيىنچىلىق بولمايدۇ.
چىرايلىرى نۇر يىغىپ،
توپا-چاڭمۇ قونمايدۇ.
باشلىق بولسا ،باي بولسا،
پىتنە-پاسات بولمەيدۇ.
كۆڭۈلللەرنى خوش قىلىپ،
پاسسىپلەردىن قالمايدۇ .
باشلىق بولسا ،باي بولسا،
ئەمگەك قىلىپ ھارمايدۇ.
ھورۇنلارنىڭ گېپىنى،
بىر تىيىنغا ئالمايدۇ.
باشلىق بولسا ،باي بولسا،
خاتىرجەملىك گۈللەيدۇ.
كەپتىرىنىڭ ھەممىسى ،
ئەتراپىدا ئۇنلەيدۇ.
باشلىق بولسا باي بولسا،
ئارزۇ -تىلەك يەتمەمدۇ ؟
تەخسىكەشنىڭ دوپپىسى،
ئارىمىزدىن كەتمەمدۇ ؟
ئاپتۇرى: يۇسۇپجان سابىر ئوتياق