fayiza124 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى ![](./8.gif)
UID نۇمۇرى : 56332 نادىر تېما :
0
يازما سانى : 87
ئۇنۋان:2 دەرىجە
شۆھرەت: 88 نۇمۇر شەبنەم پۇلى: 870 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :63(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-08-05 ئاخىرقى :2008-10-09 | (فائىزە) ئاتا - ئانىلار سەمىگە!!!
لەۋلىرىگە قىستۇرۇلغان تاماكىدىن چىققان ئاچچىق ئىسنى ئاسمانغا پۈۋلىگىنىچە ئولتۇرغان ئايالنىڭ قېشىدىكى تۆت ياشلىق سەبىي قىزچاق ئانىسىنىڭ قىلىقلىرىغا ئەجەپلىنىپ قاراپ تۇراتتى . - ئاپا ، يەۋاتقىنىڭىز نىمە ؟ ئوتى باركەنغۇ ؟ - تاماكا ، - پەرۋاسىز جاۋاب بەردى ئانا . - ئۇنىڭدىن چىقىۋاتقىنى قانداق نەرسە ؟ - تاماكىنىڭ ئىسى . - ئاپا ، ئىسنى يىسىڭىز ئىچىڭىز كۆيمەمدۇ ؟ - ياق كۆيمەيدۇ ، دەردنى ئالىدۇ . ھەي ، مۇشۇمۇ ئانا - ھە ! لەنەت ..... لەنەت
&&&&&&&&&& - ئاپا ، ئاۋۇ ئۇيۇنچۇقنى ئالايلىچۇ ؟ - قىزىم ، مەن سىزگە جىق ئۇيۇنچۇقلارنىڭ رەسىمى بار كىتاب ئېلىپ بېرەي بۇلامدۇ ؟ - كىتابنى نىمە قىلىمەن ؟ - ئوقۇيسىز . - ئوقۇپ نىمە قىلىمەن ؟ - ئوقۇپ بىلىم ئالىسىز . - بىلىم دىگەن نىمە ؟ - ئۇ ھاياتلىقنىڭ ئاچقۇچى . - ھە بىلدىم ، كىتاپ ئوقۇپ بىلىم ئالىمەن ، بىلىم ئېلىپ ھاياتنى ئاچىمەن شۇنداقمۇ ؟ - شۇنداق قىزىم . مانا بۇ تۆت ياشلىق قىزىنى يىتىلەپ كىتىۋاتقان يەنە بىر ئانا . نىمە دىگەن ئەقىللىق ئانا ، پاساھەتلىك تەربىيە ، ئاپىرىن ......ئاپىرىن .......
&&&&&&&&&& ئارىدىن تالاي يىللار ئۆتتى ، تاماكا ئىسىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان قىز بۈگۈنكى كۈندە تاماكىغا ئاق ئالۋاستىنى قوشۇپ سۈمۈرۈپ ، ئۇمۇ يەتمىگەندەك گاھى چۈشكۈنلۈكنىڭ ، گاھى ئىت كەبى خارۇ - زار بۇلۇپ يۈرەتتى . خۇلۇم خوشنىلار ئۇنىڭدىن ۋابادىن قاچقاندەك قاچاتتى . ئانا بولسا زار - ياش تۈكۈپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قىزىغا يالۋۇراتتى . - جېنىم قىزىم ، مۇشۇ كۈنلەردە نىمە ئىش قىلىپ يۈرۈۋاتىسەن ؟ - دەردىمنى چىقىرىۋاتىمەن ، - دەپ ۋارقىرىدى قىز ئانىسىنىڭ گىپى تۈگىمەيلا . - دەردلىرىڭنى ماڭا ئېيتقىن قىزىم ، مەن سىنىڭ ئاپاڭغۇ ؟ دەردلىرىڭگە دەرمان بۇلاي ، بۇ نىجىس ئىشلاردىن ئۆزەڭنى تارتقىن . - سەنمۇ دەردلىرىم دەپ مۇشۇ ئىشلارنى قىلغانغۇ ؟ مەن دەردلىرىمنى تۈكەرگە ئادەم تاپالماي قالغاندا ، قايسى يولغا مېڭىشىمنى بىلمەي تەمتىرەپ يۈرگەندە سەن نەدە ئىدىڭ ؟ ئارتۇق گەپ قىلماي ماڭا پۇل تېپىپ بەر !... يۈرەكنى تىلغىغان بۇ گەپلەردىن بىچارە ئانا ئۆزىنى قۇيارغا يەر تاپالماي قالدى . ھەي ..... ئۆرتىنىش ....ئۆرتىنىش ....بۇلبۇللارمۇ ناۋا قىلماي خۇرسىنىشلار ئىچىدە ئېغىر تىنماقتا .
&&&&&&&&&& - ئاپا ، قانداقراق تۇردىڭىز ؟ بۈگۈن ئىشتىن كەچ يانغان ، سىزدىن بەك ئەنسىرىدىم ، كۆڭلىڭىز نىمە تارتىدۇ ؟ مەن ئېتىپ بېرەي ... - ۋاي جېنىم قىزىم ، مەندىن ئەنسىرىمەي خاتىرجەم خىزمىتىڭىزنى قىلىڭ ، سىز ياخشى كۆرىدىغان قاتلىما پىشۇرۇپ قويدۇم ، تىز يەۋىلىڭ . - ۋاي جېنىم ئاپا ، تاماق ئەتمەي ياخشى ئارام ئالسىڭىز بولمامدۇ ؟ رەھمەت سىزگە ، كىلىڭ بىللە يەيلى . - ماقۇل قىزىم ، بىللە يەيلى ، سىز ئوقۇتقۇچى ، ۋەزىپىڭىز ئېغىر ، قۇۋۋەتلىك يىمىسىڭىز بولمايدۇ ، شۇڭا كۆپرەك يەڭ . - رەھمەت ئاپا . نىمىدىگەن گۈزەل ھايات ، مەنىلىك تۇرمۇش ....
مەنبە : «شىنجاڭ ئاياللىرى»2008-9- سان .(ئىسلام ئابدۇللا)
___ باشقۇرغۇچى : ئۇيغۇرئاي تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-09 |