| ||||||
ozbax دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | رۇزى ھېيىت-ئۇيغۇرلارنىڭ ھاراق ئىچش بايرىمىرۇزى ھېيىت-ئۇيغۇرلارنىڭ ھاراق ئىچش بايرىمى
(فېلىيةتۇن) بۇ يىل9-ئاينىڭ 30-كۈنى ناھىيىلىك خةلق دوختۇرخانىسىدا بارلىق دوختۇر-سېستىرالارغا جىددىي يىغىن ئېچىلدى. _ئالدىمىزدا دۆلةت بايرىمى،شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ رۇزى ھېيىتى كېلىۋاتىدۇ،_دېدى دوختۇرخانا باشلىقى كۆزئةينةك ئاستىدىكى كۆزلىرىنى كۆپچىلىككة تةكشى بىر قېتىم يۈگۈرتۈپ چىقىپ،_شۇڭا بۈگۈن دۆلةت بايرىمى ۋة رۇزى ھېيىت جةريانىكى پةۋقۇلئادة ئةھۋالغا قارىتا ھازىر بۇ يىغىنى ئېچىپ ئولتۇرۇپتىمىز .ھةممةيلةن قۇلۇقىڭلارنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭلار! بۇ ئاي مۇسۇلمانلارنىڭ رامزان ئېيى بولغاچقا ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار رۇزا تۇتتى،كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار گةرچة رۇزا تۇتمىغان بولسىمۇ،بىراق جامائةت پىكىرىنىڭ ئةيىپلىشىدىن قورقۇپ قانغۇچة ھاراق ئىچةلمةي ئىچى بةكمۇ تىتىلداپ كةتتى.ھازىر ھاۋا سالقىن،شۇڭا ئۇلار رۇزى ھېيىت كىرىشى بىلةنلا مةسچىتتىن يىنىپلا موتۇ،ھارۋا،تىراكتور ۋة ماشنىلارنى بولۇشىغا ھةيدةپ،ئۆيمۇ-ئۆي،رېستۇرانمۇ-رېستۇران ھېيىتلاشنى باشلايدۇ.ھېيىتلاش دېگىنىمىز قېرىلارغا نىسبةتةن ئورۇق-تۇغقان،ئةل-ئاغىينىلةرنىڭ بىر داستىخانغا جةم بولۇشۇپ ساڭزا يىيىشىنى كۆرسةتسة،ياشلار ۋة ئوتتۇرا ياشلىقلارغا نىسبةتةن بىر ئاي جةريانىدا تۇتۇپ كةتكةن خومارى بېسىققۇچة ھاراق ئىچىشنى كۆرسىتىدۇ. مانا مۇشۇ رۇزا ھېيىت مةزگىلىدة بىزنىڭ ھاراق،تاماكا ئىشلةپچىقىرىدىغان ۋة سېتىپ چىقىرىدىغان زاۋۇت،ماگىزىنلىرمىزنىڭ كىرىمى ئادةتتىكى ۋاقىتلاردىكىدىن نةچچة ئون ھةسسة ئېشىپ كىتىدۇ. بۇنىڭ بىز بىلةن نېمة مۇناسىۋىتى بار دةپ قالماڭلار! مۇناسىۋىتى بار،بىر نةچچة كۈندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا رۇزا ھېيىت_ھاراق ئىچىش بايرىمى بولۇش بىلةن بىرگة بىزگة پۇل تېپىش بايرىمى بولىدۇ. رۇزى ھېيىتنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ ئونىنچى كۈنىگة قةدةر مۇشتىلىشىپ قاپىقى يېرىلغان،پىچاق ۋةزىق تىقىشىپ بةدةنلىرى تىشىلگةن،قارنى ئىشىلگةن،بىنادىن سةكىرىگةن،ماشىنا-موتولارغا سوقۇلغان،ماشىنا بىلةن ماشىنا،موتو ۋة موتو بىلةن موتو،ھارۋا،تىراكتورلارسوقۇلغان سةۋةبلةردىن پۇتى سۇنغان،قولى سۇنغان،قوۋۇرغىسى سۇنغان،ئۇمۇرتقۇسى سۇنغان،بېشى يېرىغان،مىڭىسىگة قان چۈشكةن،كۆزى قۇيۇلۇپ كةتكةن...ئۇيغۇر بىمارلار تۈركۈم-تۈركۈملةپ كېلىدۇ. مۇشۇنداق بولغاچقا بۇ مةزگىلدة تاشقى كېسةللةر بۆلۈمىنىڭ خىزمىتىنى ئالاھىدةكۈچةيتىشكة توغرا كېلىدۇ.ئةتىدىن باشلاپ ئىچكى كېسةللةر بۆلۈمى،ئاياللار بۆلۈمى ۋة بةش ئةزا بۆلۈمىنىڭ ھةربىرىدىن يىگىرمة كىشلىكتىن كارۋاتنى تاشقى كېسةللةرگة قارىتا ئاجىرىتىپ بېرىسىلةر،يوقارقى بۆلۈملةرنىڭ ھةرقايسىدىن تۆت نةپةردىن دوختۇر ۋة تۆت نةپةردىن سېستىرانى تاشقى كېسةللةر بۆلۈمىگة قارىتا ئاجىرىتىپ بېرىسىلةر.بۇ مةزگىلىدة بايراملىق دةم ئالماي نورمال ئىشلىگةن دوختۇر-سېستىرالارنىڭ ھةر بىر كۈنىگة قارىتا ئىش ھةققىدىن سىرت يۈز يۈةندىن مۇكاپات قوشۇپ بېرىلىدۇ.كةچتة ھةرقايسى بۆلۈملةرنىڭ مودېرلىرى ئۆز بۆلۈمىڭلاردىكى دةم ئالىدىغان ۋة دةم ئالماي ئىشلةيدىغانلارنىڭ تىزىمى يوللاپ بېرىڭلار! پىشقةدةم دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ گةپلىرى ئىچكىرىدىن يېڭىلا كةلگةن ياش ھېساۋاتچىنى گاڭگىرتىپ قويدى. _تاغا-،دېدى ئۇ دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا ئةگشىپ كىرىپ،_ ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان تۇرسا،مۇسۇلمانلار ھاراقنى مةكرو،ھارام دةپ ئىچمةيدىغان تۇرسا،سىز مۇسۇلمانلارنىڭ رۇزا ھېيىت بايرىمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاراق ئىچىش بايرىمى دېگىنىڭىز نېمىسى؟! _ ھاراق ھارام،ھاراق مةكرو دېگىنى ئۇلارنىڭ موللىلىرنىڭ گېپى،كۆپچىلىك ئۇيغۇرلار ھة دةپ قويۇپ ئىچىۋېرىدۇ. _نېمىشقا ئةمدى،ئۇلارنىڭ دىلىدىكى ئېتىقاد نةگة كةتتى؟ _ ئېتىقاد ئۇلارنىڭ تىلىدىلا بار. _ ھة...شۇنداق بولغان تةقدىردىمۇ قاتناش ئةتىرتىدىكى ساقچىلار ئۇلارنىڭ ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھةيدىشىنى توسمامدۇ؟ _توسىدۇ،ساقچىلار چوڭ يوللارنى بازار يوللىرىنى توسسىمۇ،بىراق ئۇلار يةنىلا مةھةللىلةردة،ئارقا كوچىلاردا،تۈن كېچىلةردة ئوغۇرلىقچة قاتناۋېرىدۇ.ئىشةنمىسةڭ رۇزا ھېيىت كةلگةندة كۆر! دةرۋةقة،رۇزا ھېيىتنىڭ بىرىنچى كۈنى–ئونىنچى ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن باشلاپ ئةتىسى سةھةرگىچىلا دوختۇرخانىنىڭ تاشقى كېسةللةر بۆلۈمى ئةللىك نةچچة نةپةر ئېغىر زةخمىلةنگةن بىمارنى ياتاققا ئالدى. ___ باشقۇرغۇچى : Naikon.x تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-08
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
سەخىي دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بۇ نۇڭغا ئىشىنىمەن ...
| ||||
---|---|---|---|---|---|
toghrol دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | توغرا بىزدە ئېتىقاد ھازىر ئېغىزىدىلا قالغان مۇسۇلمانلىرىمىز خېلى سالماقنى ئىگەللەيدۇ .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
zakira دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | تېمىنى ياخشى يوللاپسىز ، تىلىڭىز بەك ئتكۈر ئىكەن ،دىمىسىمۇ كۆپساندىكىلەر ئۇنداق بولمىسىمۇ ،ئاز ساندىكى كىشىلىرىمىزدە مۇشۇنداق ئەخۋال بار .بىر مىسال ئالسام ،بۇ مۇشۇ رەمزاندا بولغان راس ئىش .يولدۇشۇم بىلەن ئوغلۇم رامزاندا بىر كۈنمۇ قالماي مەسچىتكە چىقتى .بىر كۈنى ئەتتىگەن ئوغلۇم شۇنداق دەپ كىردى ،
مەسچىت ئىمامى جامائەتلەرگە خېلى قاتتىق گەپ قىلغان ئوخشايدۇ ،مەھەللە دوقمۇشىدا بىر كىچىك بوتكا بولۇپ ،ھەر ئاخشىمى ئۇ يەرگە ياشلار يىغىلىپ ھاراق ئىچىدىكەن ،شۇڭا ئىمام ئاچچىقلىنىپ نىمىشقا بالىلارنى ياخشى باشقۇرمايسىلەر دەپ كايىپ كىتىپتۇ ،ھەم ئاخىردا ئۆتۈنىش تەلەپپۇزىدا مۇنداق دەپتۇ : جامائەت بۈگۈن ئاخشامدىن باشلاپ مەسچىتكە خەتمىدە تۇرۇشقا قارىيلار كىلىدۇ شۇڭا ماگىزىننىڭ تاپىدىغان پۇلىنى مەن بېرەي ،شۇ ھاراق تاماكىلارنى ساتمىساڭلار دەپتۇ . شۇنىڭ بىلەن قامائەتلەر ئارىسىدا غۇل- غۇلا بولۇشۇپ كېتىپتۇ ،مانا بۇ ھەقىقى بولغان ئىش. دىمىسىمۇ بىزدىكى بۇ ناچار ئىللەتلەر قاچان تۈگەيدۇ ،مەسئولىيەت كىمدە ؟ ئاتا - ئانىلار نىمىشقا تەربىيەنە ياخشى ئېلىپ بارمايمىز ؟ بىز مۇسۇلمان ئەمەسمۇ ؟ ئويغۇنايلى قېرىنداشلار مىللىتىمىز ، دىنىمىز ،غورورىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى .................. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
perwajan دەرىجىسى :تېما چولپىنى | مەن تىېخى راس بولغان ئىش ئوخشايدۇ دەپ قاپىتىمەن. لىكىن بۇنىمۇ ئەمەلىيەتىن يىراق كۆرگىلى بولمايدۇ.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
tughrul ئانا تىلنى قوغداش شەرەپ | بىزنى ھەتتا خەنلەرمۇ ئىنىق بىلىپ كىتۇپتۇ ، ئەمدى بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك.....!
| ||||
---|---|---|---|---|---|
klmy_kalip دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بىز نىڭ نامىمىزنى ئەنەشۇلار بۇزىۋاتىدۇ...............خەقلەرنىڭ ئالدىدا يەرگە قارىتىۋاتىدۇ...............
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ay-tilla دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بىز بۇنۇڭدىن كىيىن باش كۆتۇرۇپ چىقىشقا ئۇلگىرىلەمدۇق يە ....ھەي بولدىلا
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
aksogak دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ھەي....... زامان بۇزلۇپ كەتتى زا دى
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
eptihar420 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سىز نىڭ بۇتىمىنى تاللاپ كىشىلەرگە ياخشى تەلىم بىردۇ لىكىن بىزنىڭ يۇرۇتلاردا ئۇنداق ئەمەس ..
ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىگىنىڭىز تازا قاملاشمىدىغۇ دەيمەن.. بىزنىڭ يۇرۇتلاردا بولسا مەيلى كىچىك مەيلى چوڭ ھەممەيلەن بىرلىكتە بىربىرىنى ئۇرۇق تۇققانلار ، دوست بۇرادەرلەر ، خۇلۇم خوشنىلار ئۆزئارا ھىيىت ئۆتكۇزمىز مەلۇم ساندىكى ھەتتا ئىنتايىن ئازساندىكىلەر سىزدىگەندەك پەقەت 5% لا | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yaxligim. دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
axekman دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەي بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرىغا بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
aksogak دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Quote:بۇ يازما9قەۋەتتىكىeptihar420نىڭ2008-10-09 02:07يوللىغان : مەن بۇگىپىڭىزگە ئىشەنمەيمە ن | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
KUYQE دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | زامان بۇزۇلمىدى بىر قىسىم ئادەملەر بۇزۇلدى .ھەجەپ قالتىس تىما ئىكەن رەخمەت سىزگە .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
rana112 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەنمۇ 9-قەۋەتتىكى تورداشنىڭ دىگىنىگە ئىشەنمەيمەن،ئەگەر شۇنداق بولسا ئۇيغۇرىمىز بۇ كۈنگە قالمايتتى،بىزنىڭ يۇرتتىمۇ روزا ھېيتنى ھاراق ئىچىش بايرىمى قىلىۋالىدىغانلار كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ، ھاراق ئىچىش ئۆزىنى ئۆزى ھالەك قىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس، تېخى ئۆزلىرى ھاراق تاشلىيالماي پەرزەنتلىرىنىڭ ھاراق ئىچىشىدىن قاخشاپ غەم يەپ يۈرۈيدىغانلارمۇ بار بۇ ئاتىلارغا نىمە دىگۈلۈك.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|