 | سىز بۇ تېمىنىڭ 34ـ ئوقۇرمىنى | |
nurkizi دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى 
UID نۇمۇرى : 1371 نادىر تېما :
0
يازما سانى : 46
ئۇنۋان:2 دەرىجە
شۆھرەت: 46 نۇمۇر شەبنەم پۇلى: 127 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :44(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-02-06 ئاخىرقى :2008-10-09 | قۇتادغۇ بىلىك
"قۇتادغۇ بىلىك " )بەخت -سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم ( يۈسۈپ خاس ھاجىپ
بىسمىللاھى رەھمانى رەھىم )ئايىغۇچى ۋە كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن ( بىرىنچى باپ ھەممىدىن ئەزىز ۋەئۇلۇق بولغان تەڭرىنىڭ مەدھىيىسى بايانىدا 1 خۇدا ئاتى بىرلە سۆزۈم باشلىدىم ، تورەلتكەن ،ئۆستۈرگەن ،كەچۈرگەن ئىزىم(14) 2 تولا مەدھى بىرلە تۈمەن مىڭ سەنا قادىر بىر خۇداغا ئاڭا يوق پەنا(15) 3 قوڭۇر يەر ،يېشىل كۆك،كۈن،ئاي بىرلە تۈن- ياراتتى زامان ،ۋاقىت مەخلۇق ۋە كۈن . 4 ئۇ خالاپ ياراتتى ،يارالدى پۈتۈن، ئۇ بىرلا دىدى "بول"،بار ئولدى پۈتۈن. 5 بۇ بارچە يارالغان مۇھتاجدۇر ئاڭا، ئىگەم سەن بۇ ھاجەت ،يوق ھەمرا ساڭا . 6 ئەي قادىر ۋە مەڭگۈ بىھاجەت بايات ، سېنىڭدىن بۆلەككە ياراشماس بۇ ئات . 7 ئۇلۇقلۇق ساڭا ھەم بۈيۈكلۈك ساڭا ، سېنىڭدىن بۆلەك يوق ساڭا تۇش -تەڭا . 8 ئەي بىر سەن ،بىرىكمەس ساڭا باشقا بىر ، بۇرۇن سەن جىمىدىن ،جىمىدىن ئاخىر 9 ساناققا قېتىلماس سېنىڭ بىرلىكىڭ، پۈتۈن نەرسىگە يەتتى قۇدرەتلىگىڭ. 10 گۇمان يوقكى ،بىر سەن ،ئەي مەڭگۈ خۇدا ، ئۆزەڭ ھەر نىچۈك سان -ساناق سىرتىدا. 11 ئىچۇ -تاش بىلۇچى ئەي ھەققۇليەقىن(16) كۆزۈمدىن يىراقسەن كۆڭۈلگە يېقىن . 12 ئېرۇر بارلىقىڭ كۈن ۋە ئايدەك يورۇق، تېگىگە يېتۇچى كۆڭۈل -ئەقىل يوق. 13 نىمەلىكتىن ئەرمەس سېنىڭ بىرلىكىڭ، ياراتتىڭ جىمىنى ،جىمىسى سېنىڭ . 14 پۈتۈن بار نىمەنى ياراتتىڭ ئۆزۈڭ، يوقۇلۇر جىمىسى،تىرىك سەن ئۆزۈڭ. 15 ياراتقان بارلىغىغا يارالغان يارالغان تانۇق،(17) يارالغان ئىككى بىر تانۇقى ئېنىق. 16 ئۇنىڭ ئوخشىشى يوق ۋە ياكى تېڭى ، نىچۈكلىگىگە يەتمەس خالايىق ئېڭى. 17 ئۇ يۈرمەس، ئۇ ياتماس ،ئويغاق،ئۇخلىماس ئڭئۇنىڭدىن يىراقتۇر تەسەۋۋۇر قىياس. 18 نە ئالدا ،نە كېيىن ،نە ئۇڭ -سولدا ئۇ ، نە پەستە ،ئىگىزدە ،نە ئۇدۇلدا ئۇ . 19 ئورۇن ئول ياراتتى،ئورۇن يوق ئاڭا،(18) ئۇنىڭسىز ئورۇن يوق، ئىشەنگىن بۇڭا. 20 ئەي سىرغا يېقىن ،ئەي ئۆڭۈلگە ئەزىز ، گۇۋادۇر ساڭا بارچە سۈرەتۋە ئىز. 21 ياراتتىڭ تۈمەنمىڭ تىتىك ،ساناقسىز ، قۇرۇقلۇق،چۇقۇر ،تاغ ،دالا ،دوڭ، دېڭىز . 22 بىزەتتىڭ يېشىل كۆكنى يۇلتۇز بىلە، يورۇتتىڭ قارا تۈننى كۈندۈز بىلە . 23 ئۇچارلىق ،ماڭارلىق،تىنارلىقكى بار، سېنىڭدىن ئىچىپ ،يەپ تىرىكلىك قىلار . 24 ئىگىز ئەرش ئۈستىدىن يەر ئاستىغا تا ، پۈتۈن بارچە مۇھتاج ئەي ئىگەن ساڭا . 25 ئايا ھەققە پۈتكەن،ئاچ ھەمدىگە تىل، دىلىڭ پۈتسە شەكسىز ،يۇرۇتمە ئەقىل(19) 26 ئۇ قانداق دىمەكتىن كۆڭۈلنى كۈزەت، پۈتۈپ بارلىغىغا ئاسايىشقا يەت . 27 نىچۈك ،قانچە دەپ يۈرمە ،تۇتقىن ئۆزەڭ، نىچۈك ،قانچىسىز بىل ،ئۇزارتما سۆزۈڭ. 28 بۇ مۇڭلۇق قولۇڭنى ،ئەي مۇڭسىز ئىگەم ، كەچۈرگىن گۇنايىنى ئەيلەپ كەرەم. 29 ساڭالا سېغىندىم،ئۈمىدىم ساڭا ، قىيىنلىق يېرىمدە مەدەت قىل ماڭا . 30 سۆيۈملۈك رەسۇل بىرلە تۇرغۇز مېنى ، قولۇم تۇتقۇچى قىل قىيامەت كۈنى . 31 ئۇنىڭ تۆت يارىغا تۈمەنمىڭ سالام ، يېتىشتۇر مېنىڭدىن داۋام ۋە داۋام 32 ئۇلۇق كۈندە كۆرسەت ئۇلارنىڭ يۈزىن ، قولۇم تۇتقۇچى ئەيلە ياخشى سۆزىن . 33 سېنى ماختىيالمايمەن لايىق ئۆزۈم، سېنى سەنلا ماختا ،كېسىلدى سۆزۈم .
ئۇ ئئىكئىككىنچى باپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ مەدھىيىسى بايانىدا 34 ئەۋەتتى رەسۇلنى رەھىملىك ئىگەم ، كىشى ياخشىسى ،تاللىنىلغىنى ھەم . 35 چىراق ئىدى خەلققى قاراڭغۇ تۈنى ، يورۇقلۇقنى چاچتى،يورۇتتى سېنى . 36 خۇدادىن دەۋەتچى ئىدى ئۇ ساڭا ، يىگىت ،توغرا بىر يولنى تاپتىڭ ،شۇڭا . 37 ئاتاسىن،ئاناسىن پىدا قىلدى ئول، تىلەك ئۈممەت ئەردى ،بايان قىلدى يول. 38 كېچە ئۇخلىماستىن ۋە كۈندۈز يىمەي، سېنى سوردى ھەقتىن ،بۆلەكنى دىمەي. 39 تىلەدى سېنى كۈن -تۈن ئەمگەك بىلە ، ئۇنى ماختا ئەمدى ،رىزاسىن تىلە . 40 پۈتۈن قايغۇسى ئەردى ئۈممەت ئۈچۈن، قۇتقۇزماق تىلەر ئەردى راھەت ئۈچۈن . 41 ئاتادىن-ئانادىن بولۇپ مېھرىۋان، تىلەيتى خۇدادىن شۇنى ھەر زامان . 42 خەلققە ئىدى ئۇ خۇدا رەھمىتى، قىلىقى سىلىقتۇر ،تۈرلۈك خىسلىتى. 43 ئىدى ئۇ مۇلايىم ،قىلىقى سىلىق ، ھايالىق، قولى كەڭ، سېخى رەھىملىك . 44 قوڭۇر يەر ،يېشىل كۆكتە ئەردى ئەزىز، ئاڭا بەردى تەڭرى قىممەت ئېيتقۇسىز . 45 بۇرۇندىن ئىدى باش پۈتۈن باشچىغا ، كېيىن بولدى تامغا پۈتۈن ساۋچىغا (20) 46 ئۇنىڭ مەن يولىغا كۆڭۈل باغلىدىم، ئىشەندىم ھەم سۆزىن ئاڭلىدىم . 47 ئىلاھا ،كۈزەتكىن بۇ كۆڭلۈمنى سەن ، قوپاردا رەسۇللە قوپار مېنى تەڭ. 48 قىيامەتتە كۆرسەت تولۇندەك يۈزىن ، قولۇم تۇتقۇچى قىل ئىلاھە ئۆزىن .
ئۈچىنچى باپ تۆت ساھابىنىڭ مەدھىيىسى بايانىدا 49 ئۇنىڭ تۆت ھەمرىيى سويۇنچى ئىدى، ھەر ئىشتا بىللە ھەم كېڭەشچى ئىدى. 50 قېيناتا ئىككىسى كىياۋ ئىككىسى ، تاللانغان كىشىلەر ئىدى تۆتىسى. 51 جىمىدىن ئابابەكر ئىدى ئەۋۋىلى ، خۇداغا ئىشەنگەن تىلى ۋە دىلى . 52 پىدا قىلدى مالى تېنى -جانىنى ، رەسۇلنىڭ كۈتكىنى ئىدى رىزاسى. 53 كېيىن پارۇق(21)ئەردى كىشىلەر خىلى ، تىلى ۋە دىلى بىر خەلق ئىسىلى . 54 ئىدى ئۇ ياردەمچى ۋە ھەق دىنغا ئۇل ، كۆتەردى توساقنى شەرىئەتتىن ئول. 55 ئوسماندۇر مۇلايىم، ئۇياتچان تېخى ، كىشىلەر خىلى ھەم قولى كەڭ سېخى. 56 پىدا قىلدى بارچە مال ھەم ئۆزىنى ، رەسۇل بەردى ئاڭا ئىككى قىزىنى . 57 سوڭ ئاندىن ،سەرە- خىل مەردان ئېلىدۇر ، ئەقىللىق يىگىت ئەر،يۈرەكلىك جەسۇر. 58 ئوچۇق قول ئىدى ئۇ يۈرەگى سۈزۈك، بىلىملىك ۋە تەقۋا ،ېتىدۇر بۈيۈك. 59 ئۇلار ئىدى دىن ھەم شەرىەت كۆكى ، كۆتەردى مۇناپىق ۋە دىنسىز يۈكى . 60 بۇ تۆت يار ماڭا تۆت .تادۇەك ئېرۇر، تۈزۈلسە تادۇ چىن ھاياتلىق بولۇر . 61 مېنىڭدىن ئۇلارغا تۈمەنمىڭ سالام ، يەتكۈزگىن ئىگەم سەن ئۈزۈكسىز داۋام . 62 سۆيۈندۇر مېنىڭدىن ھامان كۆڭلىنى . قولۇم تۇتقۇچى قىل قىيامەت كۈنى .
تۆتىنچى باپ پارلاق باھار پەسلى ۋە ئۇلۇق بۇغراخان مەدھىسى بايانىدا 63 ئېسىپ كەلدى باھارنىڭ شەرقتىن يېلى ، بىزەشكە جاھان ئاچتى جەننەت يولى . 64 قوڭۇر يەر ئىپار تولدى كافۇر (25)كېتىپ، بىزەنمەك تىلەر دۇنيا كۆركەن ئېتىپ، 65 جاپا قىشنى قوغلاپ يازغى ئىسىن ،(26) پارلاق ياز يەنە قۇردى دەۋلەت ياسىن . 66 قۇياش ياندى بولغاي يەنە ئورنىغا ، بېلىق قۇيرۇقىدىن قوزى بۇرنىغا .(27) 67 قۇرۇغان ياغاچلار كىيىىندى يېشىل، بىزەندى يىپۇن(28)ھال، سېرىق،كۆك ،قىزىل. 68 قوڭۇر يەر يېپىندى يېشىل تورقىنى ، تاۋغاچ رەختى يايدى قىتان كارۋىنى . 69 دالا ،تاغ ،قىر ،ئويمان توشەندى يېيىپ، بىزەندى ۋادىلار يېشىل،ھال كىيىپ. 70 تۈمەنرەڭ چىچەكلەر ئېچىلدى كۈلۈپ، ئىپار،كافۇر ھىدىغا دۇنيا تولۇپ. 71 ئېسىپ تاڭ شامالى قەلەمپۇر پۇراق، ئىپار بۇيىغا تولدى دۇنيا بىراق. 72 غاز ،ئۆدەك قىل[29]ئاققۇ خوشاللىق بىلەن ، قاقىلداپ ئۇچۇشۇر يۇقۇرى -تۆۋەن . 73 ئەنە كۆر، بىرى قونسا،ئۇچار ئۇ بىرى، بىرى ئۈزسە ئويناپ،ئىچەر سۇ بىرى. 74 تىزىلغان توگىدەك كوكىش[30] تۇرنىلار ، ئۇچار ،يەلپۈنەر ھەم ئۇنىن ياڭرىتار . 75 ئۇلاي قۇش سايرىدى ئۈندەپ يولدىشىن ، گۈزەل قىز قىچىرغان كەبى سويمىشىن . 76 قاقىلدادى كەكلىك،كۈلۈپ قاتقارا،[31] قىزىل ئاغزى قاندەك ،قېشى قاپقارا. 77 قارا قۇشقاچ ئوتتى سىتا تۇمشۇغىن ،[32] ئۈنى نازىنىن قىزنىڭ ئۈنىگە يېقىن . 78 چىچەكلىكتە مىڭ خىلدا بۇلبۇل ئۈنى ، ئوقۇر سورى ئەبرىنى [33]كۈن ھەم تۈنى. 79 ئىلىك ۋە جەرەن گۈل ئارا ئوينىشۇر، ئارقار تاغ ئۆچكىسى جۈپ -جۈپ سەكرىشۇر . 80 قاشىن تۇردى ئاسمان ،كۆزى ياش چاچار ، چىچەكلەر يۈز ئاچتى،كۈلۈپ قاتقارار. 81 بۇ ۋاختا جاھان ئۆز-ئۆزىگە قاراپ، سۆيۈنۈپ ،قۇۋانىپ مېلىغا قاراپ. 82 ماڭا كۆز يۈگۈرتكەچ ئۇ ئاچتى سۆزىن ، دىدى:كۆرمىدىڭمۇ ،بۇ خاقان يۈزىن؟ 83 ئەگەر ئۇيقۇلۇقسەن ،تۇر ،ئاچ ئەمدى كۆز، ئىشىتمىگەن ئولساڭ،ئىشىت مەندىن سۆز : 84 تۈمەن يىل تۇل ئەردىم ،سۇلغۇن يۈز ئىدىم ، سېلىپ تۇل كىيىم ،كىيدىم ئاق ئاس [34]كىيىم . 85 ئۇلۇق خان بېگىمدۇر ،ياساندىم شۇڭا ، قوبۇل قىلسا،جانىم پىدادۇر ئاڭا. 86 بۇلۇت گۈكىرەپ چالدى خان دۇمبىغىن ، چېقىن چاقنىدى،تارتتى خاقان تۇغىن. 87 بىرى چىقسا قىنىدىن ،ئەل بوي سۇنار ، بىرى شان -شۆھرىتىن جاھانغا يايار . 88 جاھان تۇتتى تاۋغاچ ئۇلۇق بۇغراخان ، قۇتاتسۇن ئېتى ،تاپسۇن ئىككى جاھان . 89 ئەي دىن ئىززىتى ،دەۋلەتكە يەر -مۇئىن،[35] ئەي مىللەتكە تاج،ئەي شەرىئەتكە دىن . 90 خۇدا بەردى بارچە تىلىگەن تىلەك، ساڭا بولسۇن ھەق مەڭگۈ يار -يۆلەك. 91 ئەي دۇنيا جامالى ،ئولۇقلۇققا كورك، ئەي مۇلك نۇرى،ئەي بىۋاپا بەختكە ئورك[36]. 92 زامان بەردى ساڭا دەۋلەت ۋە تەخت، بېرىۋەرسۇن تەڭرى بۇ تەخت بىرلە بەخت. 93 جاھان تىندى چىققاچ خاقان تەختىگە ، جاھان سۇندى سوغات خاقان بەختىگە . 94 پازادىن كېلۇچى ساما قۇشلىرى، بىرى رايى ھىندى[37]بىرى قەيسەرى.[38] 95 ئېتى ئاتىشىپ،بەسلىشىپ سايرىشۇر ، سويۇنۇش ،خوشاللىق ئارا يايرىشۇر . 96 گۈزەل مەنزىرە،يەردە گۈل خىلمۇ-خىل، دالا ،تاغ ئېدىر ،قىر يۈزى كۆك،يېشىل. 97 بىرى خۇش ھىدى بىرلە قۇللۇق قىلار ، بىرى كورك يۈزىلە ئىشىكنى ئاچار. 98 بىرى قولسۇنۇپ ئاڭا ئىسرىق تۇتار ، ئىپار بىرلە بىرى جاھان تولغۇزار . 99 بىرى شەرقتىن تۇتار مىڭ ئارمىغان.[39] بىرى غەرپتىن تىكەر خىزمىتىگە جان . 100 تۇرار بەخت ئىشىكتە خىزمەتكە كېلىپ، قىلاي دەپ بىر خىزمەت ئۈمىتلەر قىلېپ. 101 شۇ ياڭلىق خىزمەتكە تەيياردۇر جاھان ، بويۇن ئەگدى دۈشمەن ،يوقالدى شۇئان . 102 يېيىلدى جاھانغا خاقان داڭقىسى، قېچىپ كۆرمىگەن كۆزلەرنىڭ ئۇيقىسى. 103 تۈزەلدى قانۇن ۋە تېنىچلاندى جاھان، قازاندى نام ئۈستۈن قانۇن بىرلە خان . 104 دىسە كىم ،كۆرەيمەن سېخىينىڭ ئۆزىن ، كېلىپ كۆرسۇن ئۇ ئۇشبۇ خاقان يۇزىن. 105 جاپاسىز ،ۋاپا،بەخت تىلەسە كىشى ، يۇزىن كۆرسۇن ئۇنىڭ ۋاپادۇر ئىشى. 106 زەرەرسىز مەنپەئەت كۆرەي دىسەڭ گەر، يېقىن كەل ،ئىشىن قىل،ئىسىن كۆڭۈل بەر . 107 ئىسىل خۇلقى كەمتەر،دىلى مېھرىۋان - كىشى كىم؟ دىسەڭ ،كەل ،ئۇنى كۆر بۇئان . 108 ئەي خۇيى گۈزەل،پاك نەسەب،پاك ئۇرۇق، جاھان قالمىسۇن سەندىن ھەرگىز قۇرۇق. 109 ساڭا ھەق بەردى بەخت ،ئەي ساھىپقىران، ئوقۇپ مىڭ ئېتىنى ئاڭا قىل شۈكران. 110 تولا كونا بىر سۆز مەسەلدە كېلۇر ، ئاتا ئورنى ،ئاتى ئوغۇلغا قالۇر. 111 ئاتانىڭ ئورنى ،ئاتى قالدى ساڭا، قوشۇلسۇن يەنە باشقا مىڭ -مىڭ ئاڭا . 112 قىممەتلىك سوغات تۇتتى مىڭ -مىڭچە قول، قۇتادغۇ بىلىكتۇر مېنىڭ سوغام ئول. 113 ئۇلارنىڭ سوغاتى كېلەر ھەم كېتۇر ، مېنىڭ بۇ سوغاتىم تا مەڭگۈ قالۇر. 114 نىچە يىغسا دۇنيا تۈگەيدۇ يوقاپ، قالۇر سۆز پۈتۈلسە ،جاھانغا تاراپ. 115 كىتاپقا يېزىلدى بۇ خاقان ئېتى ، بۇ ئات،ئەي ھۆكۈمدار ،قالار شۇ پېتى. 116 خۇدايا ،ئاشۇر دەۋلەتىن ،بەر تىلەك، پۈتۈن ئىشتا بولغىن ،سەن ئارقا يۆلەك. 117 ئېسەن ئەيلە دوستتىن،يېغىسىن يوقات ، خوشال قىل دائىما ،قايغۇدىن ئازات. 118 يېغىپ تۇرسۇن يامغۇر ،چىچەك گۈللىسۇن، قۇرىغان دەرەختە بىىلار كۆكلىسۇن. 119 پەلەك چاقى تۇرسۇن دائىم ئايلىنىپ، تۆۋەن بولسۇن دۈشمەن بېشى ئېگىلىپ. 120 قوڭۇر يەر بولمۇغۇنچە،مىستەك [40]قىزىل، يا ئوتتا چىچەك ئۈنمىگۈنچە يېشىل، 121 بۇ ساھىپقىران كۆپ ياشاسۇن ئۇزۇن، ھەسەتخۇر كۆزى ئوتتا كويسۇن پۈتۈن . 122 تېخى بولسا نىمە ئۇنىڭدا تىلەك، ئاڭا بولسۇن داۋام ھەق ئارقا يۆلەك. 123 ھوزۇر ۋە ھالاۋەت ،ئىشەنچتە ئېلى ، ئىچىپ ياشاسۇن ئۇ لوقمان يىلى [41].
بەشىنچى باپ يەتتە يۇلتۇز ۋە ئون ئىككى بۇرچ بايانىدا 124 خۇدا ئاتى بىرلە سۆزۈم باشلىدىم ، تۆرەلتكەن ،ئۆستۈرگەن ،كەچۈرگەن ئىزىم .)ئىگەم ،تەڭرىم ( 125 ياراتتى ئالەمنى ئۇ خالاپ ئۆزى، يورۇتتى كۈن،ئاي بىرلە دۇنيا يۈزى. 126 ياراتتى پەلەك ،كۆر دائىم ئايلىنۇر ، ھايات ھەم ئۇ بىرلە تىنماي چورگىلۇر. 127 ياراتتى يېشىل كۆكتە يۇلتۇزنى ئۇ ، ياراتتى قارا تۈن ۋە كۈندۈزنى ئۇ . 128 كۆكتىكى يۇلتۇزلار بەزىسى بىزەك، يول باشلار بەزىسى،بەزىسى يەزەك[42] 129 كىشىگە يورۇقلۇق بېرۇر بەزىسى ، يول يۇتسە كۆرسۇتۇر يەنە قانچىسى. 130 بەزىسى ،ئىگىزدە،بەزىسى تۆۋەن ، غۇۋادۇر بەزىسى ،بەزىسى روشەن . 131 بۇلاردىن ئەڭ ئۈستۈن سەكەنتىر [43]تۇرۇر، ئىككى يىل سەككىز ئاي بىر بۇرجىدا قالۇر. 132ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇدۇ ئوڭاي، قالۇر بىر بۇرجدا ئۇ دەل ئون ئىككى ئاي . 133 ئۈچۈنچى كۇرۇددۇر[45]غەزەپتە يۈرۈر، قايان بارسا بارلىق ياشارغان قۇرۇر. 134 تۆتۈنچى قۇياشتۇر ،يورۇتار جاھان، يېقىن ھەم ئۇدۇل كەلگەنى ھامان. 135 بەشىنچى سەۋىتتۇر[46]،سۆيۈملۈك ئۆزى، ئۇ باقسا كۆرەرسەن خوشاللىق يۈزى. 136 ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئارزۇ[47] كېلەر، ئۇ كىمگە يۇقۇشسا تىلەككە يېتەر. 137 بۇلاردىن تۆۋەنرەكتە يالچىق [48]تۇرار، قۇياشقا ئۇدۇل باقسا،تولۇن بولار. 138 ئون ئىككى بۇرج باردۇر بۇلاردىن بۆلەك، جۈپ ئۆيلۈك بەزىسى ۋە بەزىسى يەك؛ 139 قوزى يازغى يۇلتۇز ،كېيىن ئۇي كېلۇر ، جەۋزا بىلەن سەرتان تۇرتۇشۇپ يۇرۇر. 140 ئېرۇر خوشنا بۇغداي بېشى ، ئارسىلان ، كلەر ئارقىدىن قەۋس ،ئەقرەپ، مىزان. 141 كېلەر ئاندىن ئوغلاق سوغا ھەم بېلىق، تۇغۇلسا بۇلار كۆك بولغۇسى يورۇق . 142 ئۈچ يۇلتۇز باھارنىڭ ،ئۈچى يازغىدۇر ، قىشنىڭدۇر ئۈچىسى،ئۈچى كۈزگىدۇر. 143 ئۈچى سۇ ،ئۈچى يەل،ئۈچى بولدى ئوت، ئۇچى تۇپراق،بۇلاردىن دۇنيا ۋۇجۇت. 144 يېغىدۇر بۇلارنىڭ بىرىگە-بىرى، قويۇپ ياۋغا ياۋ،قىلدى جەڭنى نېرى . 145 ئۇرۇشماس بۇ ياۋلار ،ياراشقان ئۈچۈن، كۈرەشمەس بۇ ياۋلار كوتەرگەچ ئۈچۈن. 146 يېتىشلىك ئىلاھىم سېلىپ ئىزغا ئوز ، ياراتتى ئۇلارنى ،ياراشتۇردى تۈز. 147 بۇ ئىنسان بايانىن قىلاي ئەمدى مەن، قەدىر تاپتى ئەقىلى ،بىلىم ئاڭ بىلەن .
ئالتىنچى باپ ئادەم بالىسىنىڭ قىممىتى بىلىم ۋە ئەقىلدىن ئىكەنلىگى بايانىدا
148 ياراتتى ۋە يۈكسەلتتى تاللاپ ئادەم ، بېرىپ ھۇش -ئەقىل،پەزىل ،ئىلىمنى ھەم . 149 تىلىنى چىقارىپ ،ئاڭا بەردى دىل، ئۇيات بەردى يەنە گۈزەل ،خۇش پېئىل. 150 بىلىم بەردى،ئىنسان زورايدى بۇ كۈن . ئەقىل بەردى ،شۇڭا يېشىلدى تۈگۈن . 151 خۇدا بەرسە كىمگە ئەقىل -ھۇش بىلىك، تولا ياخشىلىققا ئۇزاتۇر ئىلىگ [50] 152 بىلىمنى بۈيۈك بىل ،ئوقۇشنى ئۇلۇق، بۇ ئىككى يۈكسەلتۇر قۇلنىمۇ تولۇق. 153 بۇ سۆزگە گۇۋادۇر تۆۋەندىكى سۆز، بۇ سۆزنى ئىشىتكىن ،سۆزۈڭ بۇندا ئۇز: 154 ئەقىل قايدا بولسا،ئۇلۇقلۇق بولۇر، بىلىم كىمدە بولسا ،بۈيۈكلۇك تاپۇر. 155 ئەقىللىق ئۇقار ئول،بىلىملىك بىلۇر، بىلىملىك،ئەقىللىق تىلەككە يېتۇر. 156 بىلىم مەنىسىن بىل،بىلىم نىمە دەر، بىلىم ئۇ ساقايتۇر كېسەل بولسا ئەر. 157 بىلىمسىز كىشى بارچە ئاغرىق بولۇر ، داۋالانمىسا ئۇ تىرىكلا ئۆلۇر. 158 كېسەلنى داۋالات ،بار، ئەي بىلمىگەن، ئەي ئالىم نادانغا داۋا ئەيلە سەن. 159 ئەقىلدۇر ئورۇندۇق ،ئاڭا يەتسە ئەر، تۈمەن مىڭ تىلەگى ھەم بولسا يېتەر. 160 كىشىگە ئېرۇر كۆپ ئەقىل پايدىسى، بىلىم بىلسە ئىنسان ئەزىز بولغۇسى. 161 جىمىكى ئىشىڭنى ئەقىل بىرلە قىل ، بىلىم بىرلە ۋاختىڭنى ساخلاشنى بىل .
يەتتىنجى باپ تىلنىڭ پەزىلىتى بىلەن قۇسۇرى ۋە پايدىسى بىلەن زىيىنى بايانىدا 162 ئەقىل ھەم بىلىم تەرجىمانى بۇ تىل، روشەن تىل كىشىنى يورۇتقۇچى، بىل! 163 قەدىرلىك قىلار تىل، تاپار بەخت كىشى، قىلار ئەرنى تىل خار،كېتەر ھەم بېشى، 164 ئىشىكتە تۇرار ئارسلاندۇر بۇ تىل، ئەي ئۆيلۈك ھەزەر قىل ،بېشىڭ يەيدۇ، بىل. 165 نىمە دەيدۇ تىلدىن جاپا كۆرگەن ئەر، قۇلاق سال،ئەمەل قىل،دىققىتىڭنى بەر. 166 جاپا سالدى تىلىم ماڭا كۆپ قېتىم ، كېسىلمەستە باشىم ،كېسەي مەن تىلىم. 167 سۆزۈڭنى كۈزەتكىن ،بېشىڭ كەتمىسۇن، تىلىڭنى كۈزەتكىن ،چىشىڭ سۇنمىسۇن. 168 بىر ئالىم دىدى تىل ئۈچۈن پۇختا سۆز ، ئايا تىل ئىگەسى كۈزەت باشنى ئوز. 169 ئىسەنلىك تىلەسەڭ ئەگەر سەن ئۆزۆڭ، تىلىڭدىن چىقارما ياراقسىز سۆزۈڭ. 170 بىلىپ سۆزلىسە سۆز ،بىلىم سانىلۇر، بىلىمسىز سۆزى ئۆز بېشىنى يىيۇر. 171 تولا سۆزدە ئارتۇق پايدا كۆرمۈدۈم، يەنە سۆزلىمەيمۇ پايدا تاپمىدىم. 172 تولا سۆزلىمە سۆز ،بىرەر سۆزلە ئاز، تۈمەن سۆز تۈگۈنىن بۇ بىر سۆزدە ياز.[51] 173 كىشى بولغۇسى شاھ ئۆسۈپ سۆز بىلەن ، تولا سۆز بېشىڭنى قىلار يەر تۆۋەن. 174 بىلىم دەر "مەمەدانا"،كۆپ سۆزلىسەڭ، گاچا دەيدۇ سۆزنى ئەگەر دىمىسەڭ. 175 پاساھەت [52]بىلە قىل شۇڭا سەن سۆزۈڭ، پەسىھ بولسا تىلىڭ،ئۆسەرسەن ئۆزۈڭ. 176 تىلىڭنى كۈزەت بەك،كۈزىتىشلەر باش، سۆزۈڭنى قىسقا قىل،ئۇزارتىلار ياش. 177 بۇ تىل پايدىسى كۆپ،زىيانمۇ تولا، ئارا ماختىلۇر ،مىڭ سوكىلۇر ئارا. 178 ئەگەر مۇنداغ ئولسا ،بىلىپ سۆزلە سۆز ، سۆزۈڭ بولسۇن،كۆزسىز قارغۇ ئۈچۈن كۆز. 179 ئېنىقكى ،بىلىمسىز بىر قارغۇ ئېرۇر، بىلىمدىن نەسپ ئال،بىلىمسىز ،يۈگۈر. 180 تۇغۇلغان ئۆلەر،كۆر ،قالۇر بەلگىسىز، سۆزۈڭ ياخشى بولسا ،ئۆزۈڭ ئۆلگۈسىز. 181 ئەر ئىككى نىمەدىن قېرىماس ئۆزى، بىرى ياخشى ئىش ،بىرى ياخشى سۆزى. 182 كىشى تۇغدى، ئۆلدى،سۆزى قالدى،كۆر، ئۆزى كەتتى ئىنسان،ئېتى قالدى، كۆر. 183 ئۆلۈمسىز ھاياتنى تىلەسەڭ ئۆزۈڭ، قىل ياخشى،ئەي ھېكىم،خۇلقۇڭ ھەم سۆزۈڭ. 184 قىلىپ مەدھى تىلنى،ئارا سۆكمىگىم، ساڭا سۆز ئۇختۇرۇش ئىدى تىلىگىم. 185 پەقەت سۆزلىمەسلىكنى ئەقىل خالىماس، كېرەك سۆزنى سۆزلەر كىشى،يوشۇرماس. 186 سۆزۈمنى دىدىم مەن بالامغا ،باتۇر، مېنىڭدىن تۆۋەن ئۇ ،نىچۈك تەڭ بولۇر؟ 187 ئەي، ئوغلۇم دىدىم مەن ساڭا بۇ سۆزۈم، ساڭا بۇ نەسەتىمنى بەردىم ئۆزۈم: 188 كۈمۈش قالسا ئالتۇن مېنىڭدىن ساڭا، ئۇنى تۇتمىغىن سەن بۇ سۆزگە تەڭا. 189 كۈمۈشنى ئىشلەتسە،ۈگەر، يوقىلۇر، سۆزۈمنى ئىشلەتسە،كۈمۈش قازىنۇر. 190 كىشىدىن -كىشىگە مىراس سۆز قالۇر، مىراس سۆزنى تۇتساڭ،يۈز پايدا بولۇر. 191 قاۋاق تۈرمە بۈگۈن،ئەي دانا ماڭا، يەنە ئۆزۈر ئېيتسام ئەيمنىپ ساڭا .
سەككىزىنچى باپ مۇئەللىپنىڭ ئۆز ئۆزرىنى ئېيتقانلىغى بايانىدا
192 تىلەگىم ئىدى، ئەي ھېكىم،سۆزلىمەك، كېيىنكىلەرگە بىر يادىكار قالغىدەك. 193 ئەقىل كەلدى قارشى،دىدى دىققەت ئەت، سۆزۈڭ بولسا يېڭىلىش،بولۇر ساڭا سەت. 194 ياماندۇر خەلق تىلى،سېنى سۆزلىگەي، كىشى خۇلقى قىزغانچ،ئېتىڭنى يىگەي. 195 قاراپ كۆرگىنىمچە يېنىكلەندى يۈك، ئۆزۈمگە دىدىم سۆزلە،بار سۆزنى تۆك. 196 نىمىشقا دىسەڭ مەن ساڭا ئېيتايىن، سۆزۈمنى ئەي ھۇشيار يىگىت ئاڭلىغىن: 197 كىشى ئاتى يالڭۇق[53]،يېڭىلغاق ئۈچۈن، دىيىلدى ئۇ يالڭۇق،يېڭىلغان ئۈچۈن. 198 يېڭىلمەس كىشى لىم ،دىگىن سەن ماڭا، تۈمەن مىڭ يېڭىلغاننى دەيمەن ساڭا. 199 بەك ئازدۇر بىلىملىك،ولا بىلىمسىز، ئەقىلسىز تولادۇر،ئەقىللىق ئەزىز.[54] 200 بىلىمسىز بىلىملىككە بولدى يېغى، نادانلار ئالىمغا قارشى ھەر چېغى. 201 كىشىدىن -كىشىنىڭ تولا پەرقى بار، بىلىمدۇر بۇ پەرق، سۆز شۇ ئۆزرە بارار. 202 بىلىملىككە سۆزلىدىم مەن بۇ سۆزۈم، بىلىمسىز تىلىنى بىلمەيمەن ئۆزۈم. 203 بىلىمسىز بىلەن ھىچ سۆزۈم يوق مېنىڭ، ئەي ئالىم،ئۆزۈم بىر قۇلۇڭمەن سېنىڭ. 204 سۆزۈمنى دىگەلى سەندىن ئەيمىنىپ، قويارمەن بۇ ئۆزرۈمنى ئۈمىت قىلىپ. 205 سۆز ئېيتقان كىشىلەر .ئازار،ئالدىرار، ئەقىللىق ئىشىتسە،تۈزەتىپ بارار . 206 بۇرۇندۇقلۇق ئول سۆز تۆگە بۇرنىدەك، ماڭار نەگە تارتسا،ھىڭگان تۆگىدەك. 207 بىلىپ سۆزلىگۈچى كىشى كۆپ ئىرۇر، ئۇنى بىلگۈچى ئەر ماڭا خوپ ئېرۇر. 208 پۈتۈن ياخشىلىقلار ئىلىم نەپئى ئول، بىلىم بىرلە تاپتى مىسال كۆككە يول. 209 بىلىم بىرلە سۆزلە پۈتۈن سۆزنى سەن، بۈيۈك بىل بىلىم بىلەن ئەرنى سەن. 210 يېشىل كۆكتىن ئىندى[55]قوڭۇر يەرگە سۆز ، كىشى تاپتى قىممەت سۆزى بىرلە ئۆز. 211 كىشى كۆڭلى تۇپسىز دېڭىزدەك ئېرۇر، بىلىم ئۈنچە ئوخشاش تۈۋىدە ياتۇر. 212 دېڭىزدىن چىقارمىسا ئۈنچە كىشى، قالۇر پەرقسىز بولۇپ ئۇنچە ساي تېشى. 213 قوڭۇر يەر تېگىدە ئالتۇن ئىدى تاش، گەر چىقسا بەگلەرگە بولۇر باشقا تاج. 214 گەر ئالىم ئىلمىنى چىقارمىسا تىل، يورۇتماس ئۇنىڭ ئىلمى ياتسىمۇ يىل. 215 ئەقىل ۋە بىلىم ئول ئۇز نەرسىدۇرئەڭ، ئەگەر بولسا ئىشلەت، ئۇچۇپ كۆككە تەڭ. 216 نىمە دەيدۇ ئەلنىڭ بېگى ئاڭلىغىل، ئوقۇشقا ،بىلىمگە يۈگۈرتۈپ ئەقىل. 217 جاھان تۇتقىلى ئەر ئۇقۇشلۇق كېرەك، كېرەك يۇرت سوراشقا ئەقىل ۋە يۈرەك. 218 ئەقىل بىرلە تۇتتى جاھان تۇتقۇچى، بىلىم بىرلە تۇتتى ئەلنى سورغۇچى. 219 قاچانكى جاھانغا چۈشۈپتۇ ئادەم، ئاقىللار تۈزەپ كەلدى ياخشى نىزام. 220 قايۇ ۋاختا بولسۇن،بۇ كۈندىن بۇرۇن، بىلىملىككە تەگدى بۈيۈكرەك ئورۇن. 221 ئەقىللە ئېسىلغاي ئادەم ئەسكىسى، بىلىملەر بېسىلغاي خەلق پىتنىسى. 222 بۇ ئىككى يول بىلەن ئىش پۈتمىسەھىچ، بىلىمنى قويۇپ ئال قولۇڭغا قىلىچ. 223 بىلىملىك،ئاقىل بەگ بولسا ئەل بېشى، قىلىچ بىرلە تۈگەر بىلىمسىز ئىشى. 224 جاھان تۇتماق ئۈچۈن ئەرگە ئاڭ كېرەك، ئەل -يۇرتنى سوراشقا بىلىم ئەڭ كېرەك. 225 بۇ ئىككى بىرىكسە بولۇر ئەر تولۇق، تولۇق ئەر جاھان نېمەتىن يەر تولۇق . 226 ساڭا ئىككى دۇنيا گەر ئولسا تىلەك، ئامالى ياخشىلىق ئېرۇر ئەيلىمەك. 227 ئەگەر ياخشى بولماق تىلەسەڭ ئۆزۈڭ، يۇرى،ياخشىلىق قىل،قوي ئۆزگە سۆزۈڭ. 228 كىشى مەڭگۈ بولماس،كى مەڭگۈ ئېتى، شۇڭا مەڭگۈ قالدى بۇ ياخشى ئېتى. 229 ئۆزۈڭ مەڭگۈ ئەرمەس،ئېتىڭ مەڭگۈ ئول، ئېتىڭ مەڭگۈ ئولسا ،ئۆزۈڭ مەڭگۈ ئول.
توققۇزىنچى باپ ياخشىلىق قىلماقنىڭ مەدھىيىسى ۋە پايدىسى بايانىدا
230 ئەگەر بولسا ،خەلق ئۈزرە قولۇڭ ئۇزۇن، ئەمەل سۆزدە قىل ياخشىلىقنى پۈتۈن. 231 يىگىتلىك قاچار ئۇ ،تىرىكلىك ئۇچار، بۇ چۈشتەك جاھاندىن كىشى تېز كېچەر. 232 ھايات -دەسمىيە،پايدا-ئەزگۈلۈك[56]، بولۇر ساڭا تاڭنا يىمەك -كەيگۈلۈك. 233 نىمە دەيدۇ ئاڭلا كىشى ياخشىسى: تىنارلىق،ماڭارلىق ئاخىر ئولگۈسى. 234 جاھانغا نە ياڭلىغ ئەر تۇغۇلدى، كۆر، بىر -ئازلا يۈردى-دە،يەنە ئولدى،كۆر! 235 بەگ ئۆلسۇن ۋە يا قۇل يا ياخشى- يامان، ئۆزى ئۆلدى،قالدى ئېتىدىن نىشان. 236 ساڭا تەگدى ئەمدى بۇ نۆۋەت ئورۇن، قىلىپ سەن ياخشىلىق ،ياخشى بول بۇرۇن. 237 تىرىك ئۆلۈر ئاخىر،تۆشەك بولۇر يەر، تىرىكتۇر ئېتى ،ياخشى بولسا ئەگەر. 238 كىشىدە ئىككى ئات،بۇ تىلدا يۈرۈر، بىر ئەسكى ،بىر ياخشى جاھاندا قالۇر. 239 يامانى سۆكۈلۇر ،ياخشى ماختىلۇر، قاراپ كۆر ئۆزۈڭگە قايۇسى يۇقار. 240 ئۆزەڭ ياخشى بولساڭ،ئېتىڭ ماختىلۇر، ئەي ھۇشيار،يامان ئات بولسا سۆكىلۇر. 241 يامان خۇيلۇق زاھھاك [57]سۆكۈلدى نىچۈن؟ نىچۈن ماختىنىلدى قۇتلۇق پەرىدۇن. 242 بىرى ياخشى ئەردى،ئۇنى ماختىدى، يامان ئەردى بىرسى،ئۇنى قاغىدى. 243 يامانلىق كېرەكمۇ ،ياخشىلىق ساڭا؟ قاغىشلىق كېرەكمۇ،ماختاشلىق ساڭا؟ 244 قايۇسىن تىلەسەڭ،بىرىن تاللىغىن، يامان -ياخشىلىققا ئۆكۈنمە كېيىن. 245 بۇ ياڭلىغ سۆز ئېيتتى سىناغان كىشى ، سىناغان كىشى ئۇ بىلەر ئەل ئىشى. 246 كىشى ياخشى ئات بىرلە ئالقىش ئالۇر ، يامان ئاتلىق ئولسا،ئۇ قارغىش ئالۇر. 247 نىچە مەن سىنادىم يامان قىلغۇچى، ئكتۈپ كۈنمۇ-كۈنلەر ئازايدى كۈچى. 248 كۆرۈپ قانچە ئۆتتۈم،يامانلار ئىشى-- راۋاج تاپمىدى ،ئەي بىلىملىك كىشى. 249 يامانلىق ئېرۇر ئوت،بۇ ئوت كۆيدۈرەر، ئۆتۈشكە يولىدا كېچىك يوق ئېرۇر. 250 كۆرەرسەنكى،بىزدىن بۇرۇن ئۆتكۈچى، ئاۋام خەلق ۋە يا بەگ جاھان تۇتقۇچى. 251 ئۇلاردىن بىلىملىك بولۇر قايسىسى، بولۇپ ئۆتتى دۇنيا- زامان ئىگىسى. 252 جاھان بەگلىرىدىن كىم ئالىم ئىكەن، ئۇلار ياخشى قانۇن تۈزەپ،ئۆرلىگەن. 253 بۇ كۈندىمۇ ياخىشى ئاتالغان كىشى، ئەڭ ئاۋۋال ئېرۇر ئۇ ياخشىلار بېشى. 254 كىم ئاقىل خان ئولسا ،بىلىمگە يېقىن، قىلىپتۇر بىلىملىكنى ئۆزىگە يېقىن. 255 تۇتۇنغان ئىشىنى بىلىپ ئىشلەر ئۇ، بىلىمنى ئىشلىتىپ ئەلنى باشلار ئۇ. 256 تۈزەدى ئەلنى ئۇ،بېيىدى قارا، خەلق بايلىغىن قىلدى ئۆزىگە تۇرا. 257 چىقاردى ياخشى ئات ،ئاتالدى سېخى، سېخى ئۆلسە،ئېتى تىرىك بىل تېخى. 258 ئۆلۈشىنى بىلگەچ تەييارلىق قىلىپ، قويۇپتۇر تىرىككە پۈتۈك،ئات يېزىپ. 259 بۇ كۈن، كىم ئوقاركەن ئۇلارنى بىلەر، ئالۇر ئۈلگە ئۇندىن ياخشىلىق كېلەر. 260 جاھاندا نىمە بار بىلىمدىن قىممەت، بىلىمسىز دىسە،ئەر ئۈچۈن بەكمۇ سەت. 261 نىمە دەيدۇ ئاڭلا بىلىملىك كىشى، جاھاندا سىنالغان،يېتىلگەن بېشى. 262 بىلىمسىزگە تۆردە ئورۇن بولسا،كۆر، بۇ تۆر بولدى پەگا ، پەگا بولدى تور. 263 بولۇپ قالسا پەگا ئالىمغا ئورۇن، بۇ پەگا بولۇر،تۆر تېخى ئەڭ بۇرۇن. 264 بۇ ھۆرمەت پۈتۈنلەي بىلىمگە ئېرۇر، ئۇ مەيلى ئىشىكتە يا تۆردە تۇرار. 265 ئىككى خىل ئېرۇر،كۆر،بۇ ئىسىل كىشى، بىرى بەگ،بىرى ئالىم-ئىنسان بېشى. 266 بۇلاردىن بۆلەكنى سەن يىلقى سانا، تىلەسەڭ بۇنى تۇت،ئۇنى سەن ۋە يا. 267 ئۆزۈڭ قايسىسى سەن ماڭا تىلىڭ ئاچ، ئىككىدىن بىرى بول،ئۈچىنچىدىن قاچ! 268 ئېلىپ قولغا قىلىچ ،بىرى ئەل تۈزەر، قەلەم بىرلە بىرسى،ھەق يول كۆرسىتەر. 269 ئۇلاردىن قېلىپ كەلدى ياخشى نىزام، مىراس بۇ،كىم ئالسا،ئۇ ئۆرلەر تامام. 270 ئۆلۈكتىن تىرىككە مىراستۇر بۇ سۆز، مىراس سۆزنى تۇتسا بولۇر پايدايۈز. 271 بىلىمسىز ئېرۇر ئۇ قارغۇ بەلگۈلۈك، ئەي كۆزسىز ،بىلىمدىن سەن ئالغىن ئۇلۇگ[60]. 272 كىشى كۆركى سۆزدۇر،كۆپتۇر سۆز تۈرى، تىلىم ،ماختا خۇش سۆز كىشىنى، يۈرى! 273 كېلۇر بۇڭا ئوخشاپ تۈركچە مەسەل، بۇنى ئېيتايىن مەن مۇشۇ يەردە دەل: 274 ئەقىل كۆركى تىلدۇر ،بۇ تىل كۆركى سۆز ، كىشى كۆركى يۈزدۇر ،بۇ يۈز كۆركى كۆز. 275 كىشى تىل بىلەن دەر سۆزىنى ئۆزى ، سۆزى ياخشى بولسا، يورۇيدۇ يۈزى. 276 بۇ تۈرك بەگلىرىگە سېلىنسا نەزەر، جاھان بەگلىرىنىڭ ياخشىسى شۇلەر . 277 بۇ تۈرك بەگلىرىدىن ئېتى بەلگۈلۈك، توڭا ئالپ ئەر[61]ئىدى بەختى بەلگۈلۈك. 278 ئىلىمدە بۈيۈك ،كۆپ پەزىللىك دىلى، بىلىملىك ،ئەقىللىق،خەلقنىڭ خىلى. 279 ئىدى ئۇ سەرە -خىل ، زىرەك ئەر ئوغلان، دۇنياغا زىرەكلەر بولۇر ھۆكۈمران. 280 تاجىكلار ئۇنى دەيدۇ ئەفراسىياپ، بۇ ئەفراسىياپ تۇتتى ئەللەر تالاپ. 281 جاھاننى تۇتاي دەپ سۇنۇشقا ئىلىگ، كېرەك كۆپ پەزىلەت بىلەن كۆپ بىلىگ. 282 تاجىكلار كىتاپتا پۈتۈپتۇ بۇنى، كىتاپقا پۈتمىسە ،كىم ئۇققاي ئۇنى. 283 ئەجەپ ياخشى ئېيتقان جەسۇر باتۇر ئەر، جاسارەتلىك ئەر چىڭ تۈگۈننى يېشەر. 284 پەزىلەت كېرەك مىڭ تۇتۇشقا جاھان ، قۇلان تۇتقىلى ،كۆر كېرەك ئارسلان . 285 ھۆكۈمدارغا خىسلەت كېرەك مىڭ تۈمەن، ئۇنۇڭلە تۇتسا ئەل ،يوقالۇر تۇمان. 286 قىلىچ بىرلە كەسسۇن يېغى بوينىنى، قانۇن بىرلە تۈزسۇن ئېلى -خەلقنى. . ئونىنچى باپ بىلىم بىلەن ئەقىلنىڭ پەزىلەت ۋە پايدىلىرى بايانىدا 287 تىلەگىم ئىدى سۆز ،ئەي ئالىم ھېكىم ، ئەقىل ۋە بىلىمدىن سۆزلەش مەخسىدىم. 288 ئەقىلدۇر چىراقتەك قاراڭغۇ تۈنى، بىلىم-ئۇ يورۇقلۇق يورۇتقاي سېنى. 289 ئۆسەر ئەر ئەقىلدىن ،بىلىمدىن بۇيۇر، بۇ ئىككى بىلەن ئەر قەدىرلىك بولۇر. 290 بۇڭا پۈتمىسەڭ كۆركى،نوشىن راۋان،[62] ئەقىل كۆزى بىرلە يورۇتتى جاھان. 291 بېيىدى ئېلى،تۈز يورۇتكەچ نىزام، ئەجىپ ياخشى ۋاختا قويۇپ ياخشى نام . 292 دىمىش بىر ھىكىم سۆز ئۇنىڭغا ئاتاپ، دەۋزىخى بولسىمۇ ئاڭا يوق ئازاپ. 293 گۆدەككە قارا ،ئۇ تاپۇر ئەقىل ھەم، يېشى تولمىغۇنچە يورۇتماس قەلەم.[63] 294 ئەقىللىق كىشى ھەم قېرىسا ئازار، ئەقىل كەتتى دەپھەم قەلەممۇ تىنار. 295 ئەگەر تەلۋە بىر ئەرنى ئۆلتۈرسە راس ، ئۇنىڭغا ئۆلۈم يوق،ئېلىنماس قىساس. 296 نىمىشقا دىسەڭ، ئۇ ئەقىلسىز ئېرۇر، ئەقىلسىز مۇكاپات،جازاسىز ئېرۇر، 297 ئەقىلدىن بۆلەككە ھۆرمەت بولمىغاي، ئەقىلسىز ئادەم ئۇ بىر ئوچۇملا لاي. 298 قاراپ كۆر ،مۇنۇ سۆز ياخشى ئېيتىلغان: ئۆزىنى بۇيۇتمەس ئەقىلسىز نادان. 299 ھەر كىمنىڭ كىيىمى بولۇر ئۈستىدە، ئەقىللىق،بىلىملىك ئەزىز ئەسلىدە. 300 ئەقىل بولسا ،ئىسىل بولۇر بولسا ئەر، بىلىم بولسا ،بەگلىك قىلۇر قىلسا ئەر. 301 ئەقىل كىمدە بولسا ،بولۇر ئۇ ئىسىل، بىلىم كىمدە بولسا،بولۇر خان ئۇ،بىل. 302 كىشى ئوغلى سۇندى قوڭۇر يەرگە قول، بىلىم بىرلە تاپتى ھەر نەرسىگە يول. 303 ئەقىل بىرلە ئىسىل ئاتىلۇر كىشى، بىلىم بىرلە بەگلەر قىلۇر ئەل ئىشى. 304 تولا ئالقىش ئالغان تۈمەن پەزلىلەر، قىلىنغاچ ئەقىل بىرلە ماختالدىلەر. 305 ئەقىل ئازىنى ئاز دىمە،نەپئى كۆپ، بىلىم ئازىنى ئاز دىمە ،قەدرى كۆپ. 306 ھېكىملەر سۆزىنى ئىشىت ۋە چۈشەن، بۇ تۆت نەرسە ئازىنى ئاز دىمە سەن : 307 بۇ تۆتنىڭ بىرى ئوت،بىرىدۇر يېغى، ئۈچۈنچى ،كېسەللىك-ھايات ئوزىغى. 308 ئۇلاردىن كېيىنكى بىرىدۇر ئىلىم، بۇ تۆتىنى بوش كۆرمە ، بەكمۇ مۇھىم. 309 بۇلاردا بولۇر كۆپ پايدا يا زىيان، بېرىم يا ئېلىمدەك بولۇر ھەرقاچان. 310 بىلىم كىمىيادەك[64] يىغار نەرسىنى ، ئەقىلدۇر سارايى ،يىغار ھەممىنى. 311 ئىپار بىرلە بىلىم كېتەر ئوخشىشىپ، تۇتۇپ بولماس ئۇنى ئۆزدە يوشۇرۇپ. 312 ئىپارنى يوشۇرساڭ،بويى بىلدۈرەر، بىلىمنى يوشۇرساڭ،تىلىڭ كۆرسىتەر. 313 بىلىم بايلىق ئول،گادايلاشمايدىغان، قاراقچى ۋە ئوغرى ئالالمايدىغان. 314 كىشىگە ئەقىل ۋە بىلىمدۇر كىشەن ، يامانلىق قىلالماس ئەر كىشەن بىلەن . 315 كىشى ياخشى ئاتنى كىشەنلەپ تۇتار، كېرەكلىك ئېتىنى كۈزەتىپ تۇرار. 316 كىشەنلىك قاچالماس،كېرەكچە يۈرۈر، تۇشاغلىق كېتەلمەس،تىلەكچە بولۇر. 317 ئەقىلدۇر ساڭا ئانت قىلىشقان ئاداش ، بىلىم چىن مېھرىۋان ساڭا قېرىنداش. 318 نادانغا يېغىدۇر بىلگەن-ئەتكىنى، يېتەر شۇ ئىككىنىڭ جىدەل غەليىنى. 319 بۇڭا ئوخشاپ كېلەر تۈركچە مەسەل، ئوقى ھەم كۆڭۈلدە بۇڭا قىل ئەمەل: 320 ئاقىلغا ئۆز ئەقلى ئەشلىككە[65] يارار، نادانغا ئېتى بەس،قاغىش ياغدۇرار. 321 بىلىملىككە ئىلمىي تولۇق تون ۋە ئاش، بىلىمسىزگە قىلقى يامان بىر ئاداش. 322 ئەي ئاقىل،غەزەپنى قىل ئۆزدىن يىراق، ئاچچىقتىن يىراق بول،ئال ياخشى ئاتاق. 323 بۇ ئاچچىق،غەزەپتىن سەن ئەيلە ھەزەر، يېقىن كەلسەڭ ئولغاي ھاياتىڭ خەتەر. 324 غەزەپلىك ئىشىڭ ئۇ پۇشايمان بېرۇر، قىزىققانلىق ئولساڭ ئىشىڭ بۇزۇلار. 325 كىشىگە چىداملىق،ئېغىرلىق كېرەك، كۈن-ئاي تۇغسا بەككە تەمكىنلىك كېرەك. 326 يۇمشاقلىق كېرەك ھەم سىلىقلىق كېرەك، ئاقىل ھەم بىلىملىك بولماغلىق كېرەك. 327 ئەقىل كۆپ كېرەكتۇر،تاللاشقا كىشى، بىلىم بەك كېرەكتۇر ،قىلىشقا ئىشى. 328 ياراملىق،يارامسىزنى ئايرىپ كۆرۈپ، كېرەكلىك ،كېرەكسىزنى ئوبدان تونۇپ. 329 راسا تاسقىسا چىڭ ،ئېنىق تاللىسا، پۈتۈن ئىشقا ئۆتكۈر نەزەر تاشلىسا: 330 شۇ چاغدا بولۇر ئىش پۈتۈن ۋە پىششىق، بىلىملىك كىشى يەر ئېشىنى پىششىق. 331 يېتەدۇر تىلەككە ئاشۇنداق كىشى، چۈشەر ئىككى دۇنيادا يولغا ئىشى. 332 غەزەپ بىرلە ئاچچىق كىشىگە يامان، چېكەر تەن ھەمىشى بۇلاردىن زىيان. 333 ئىشىتكىن ،نىچۈك قىلدى ئالىم خىتاپ، بەختلىك كىشى ماڭ بۇ سۆزگە قاراپ: 334 قىزىققان بولسا ئىنسان بىلىمسىز بولۇر، غەزەپلەنسە ئادەم ئەقىلدىن قالۇر. 335 غەزەپ ئەرگە يامان،بىلىم كەتكۈزۇر، غەزەپتە يۇمشاقمۇ قوپاللىق قىلۇر. 336 نىمەدۇر بىلىملىك كىشى ئاڭلىغىن، بىلىملىك سۆزى تەڭ شىرىن جانغا چىن: 337 بۇ بىر نەچچە نەرسە كىشىگە ياۋۇز [66]، بۇنى قىلسا كىشى بۇزار ئۆزىنى -ئۆز: 338 بىرى يالغان ئېيتماق ئېرۇر سۆزىدە، ئىككىنچى ،تۇرماسلىق قىلغان ۋەدىدە؛ 339 ئۈچنچى،ھاراققا بولۇش مۇپتىلا ، بۇ ئەر ئۆمرى شەكسىز كېتەر بوشقىلا. 340 يەنە بىرسى كاجلىق،جاھىللىق قىلىش، جاھىللىق جاھاندا ياشاتمايدۇ خوش. 341 ئېرىغسىز قىلىقنىڭ بىرى قوپاللىق، قىلۇر ئۇ كىشىلەر ئويىن توزانلىق. 342 بىكارغا چېچىلىپ،ئاچچىقلاش بىرى، تىلىن ئاچسا يارا بولۇر ئەل دىلى. 343 كىشىدە يىغىلسا بۇ نەرسىلەر گەر، مۇبارەك سائادەت ئۇنىڭدىن تېزەر. 344 پەلەكمۇ يار ئولماس ،بېشى ئايلىنار، بۇنىڭلە خۇلقىمۇ ئىزىدىن چىقار. 345 يۇرى، ياخشىلىق قىل ئەي ياخشى كىشى، ئوڭۇشلۇق ھامانە ياخشىنىڭ ئىشى. 346 نىمە دەر ئىشىتكىن مۇلايىم كىشى، سىناپ ئالغۇچى قولغا دۆلەت ئىشى: 347 قېرىماس ياخشىلار يىل ئۆتكەن بىلەن، تۈزەلمەس يامان ،مىڭ تۈزەتكەن بىلەن. 348 يامان -ئۆمرى قىسقا ،ئۆكۈنچتە قېرۇر، ئۇزۇن ياشلىق،ياخشى ئۆكۈنچسىزيۈرۈر. 349 تىلەككە يېتەر ياخشى كۈندە يېڭى، كۈنىگە مىڭ ئارتار ياماننىڭ مۇڭى.
ئون بىرىنچى باپ كىتاپنىڭ نامى مەنىسى ۋە مۇئەللىپنىڭ ئۆز قېرىلىغىنى ئېيتقانلىغى بايانىدا 350 كىتاپ نامى قويدۇم قۇتادغۇ بىلىك، قۇتاتسۇن ئوقۇچىغا تۇتسۇن ئىلىگ. 351 سۆزۈم سۆزلىدىم مەن ،پۇتىدىم بىتىك، سۇنۇپ ئىككى دۇنيانى تۇتسۇن ئىلىگ. 352 كىشى تۇتسا بەخت بىرلە ئىككى جاھان، بەختلىك بولۇر،بۇ سۆزۈم چىن ھامان. 353 بۇ كۈنتۇغدى ئېلىگنى قىلدىم سۆز بېشى، ئىزاھلاي بۇنى ھەم ،ئەي ياخىشى كىشى. 354 ئۇنىڭ كەينىدىن ئېيتتىم ئايتولدىنى ، يورۇيدۇ ئۇنىڭدىن سائادەت كۈنى. 355 بۇ كۈنتۇغدى توپ-توغرا قانۇن ئۆزى، بۇ ئايتولدى -بەخت ھەم سائادەت سۆزى. 356 كېيىن ئېيتتىم ئەمدى ئوگدۇلمىشىن، ئەقىلنىڭ ئېتى ئۇ ،زورايتۇر كىشىن. 357 كېيىن ئېيتتىم ئودغۇرمىش ئۆزرە سۆزۈم، ئۇنى ئاتىدىم "ئاقىۋەت" دەپ ئۆزۈم . 358 سۆزۈم ئۇشبۇ تۆت نەرسە ئۈستىدەدۇر، ئوقۇساڭ دىققەتلە، مەنا ئاچىلۇر. 359 خوشاللىقتا يۈرگەن ئەي ياخشى يىگىت، سۆزۈمنى زايا قىلما ،ئوبدان ئىشىت. 360 تىرىش،توغرا يولدىن ئاداشما ھامان ، يىگىتلىك كەتمىسۇن بىكار پايدىلان. 361 ئەزىز تۇت يىگىتلىكنى ،تېز كەتكۈسى، تۇتساڭمۇ قانچە چىڭ،ئاخىر قاچقۇسى. 362 سېنىڭدە بار ئىكەن يىگىتلىك كۈچى، زايا قىلما،بول تائەت،خىزمەت قىلغۇچى. 363 بۇ ياشلىققا ھەسرەتتە پۇشايمان ئۆزۈم، پۇشايماندا يوق پايدا،كەستىم سۆزۈم. 364 قىرىقتىن ئۆتسە كىمنىڭ تىرىكلىك يىلى ، ۋىدالاشتى ئۇندىن يىگىتلىك تىلى. 365 تەككۈزدى ماڭا قولىن ئەللىك يېشىم ، قوغۇ[67]قىلدى قۇزغۇن تۇسىدەك بېشىم . 366 مېنى قىچقىرىپ ئاتمىش،دەيدۇ ئۇ كەل! بارارمەن ئەگەرچە يەتمىسە ئەجەل. 367 ئەگەر تولسا ئاتمىشقا ئادەم يېشى ، كېتىپ زەۋق،ئۇنىڭ يازى بولۇر قىشى. 368 ئوتتۇز يىققاننى ئالدى ئەللىك مانا، قولىن ئۇرسا ئاتمىش نەقىلغاي تاڭا. 369 نىمە قىلغان ئەردىم ئەي ئەللىك ساڭا، نىمە شۇنچە سەن ئۆچ ساخلىدىڭ ماڭا. 370 يىگىتلىكتە تاتلىق ئىدى ھەر ئىشىم ، ئوغا قىلدى ئەمدى مېنىڭ يەر ئېشىم . 371 بويۇم ئىدى ئوقتەك،كۆڭۈل ئىدى يا، كۆڭۈلنى قىلغۇچە ئوق،بويۇم بولدى يا. 372 يىگىتلىك نىمە يىققان بولسا ماڭا، قېرىلىق كېلىپ ئالدى ،كەلگەي ساڭا. 373 ئايا،كەل نىجاتچىم،قۇتۇلدۇر مېنى، بولۇپمەن جاپادا يىل،ئاي تۇتقۇنى. 374 كىشەنسىز پۈكۈلدى ،ماڭالماس پۇتۇم، قارايدى -يورىماس بولۇپ نۇر كۆزۈم. 375 كېتىپ زەۋق،ئۆچتى ھەم كۆڭۈلنىڭ ئتى، ئۇزاقلاشتى مەندىن يىگىتلىك ئېتى. 376 ئويغان ئەي بوز چاچلىق ،ئۆلۈمگە ئىشەن، بۇ كەچمىش كۈنىڭگە يىغلا ھەم ئۆكەن. 377 ئۆتۈپ كۈن بىكارغا،تۈگىدى ھايات، بۇ قالمىش كۈنۈڭنى تەۋبىلە ئۇزات. 378ئەي ئىگەم سەنلا مەڭگۈ مۇڭسىز تىرىك، ياراتتىڭ ئۆلۈمگە بۇ سانسىز تىرىك. 379 دۇئا بىرلە سەندىن تىلەيمەن شۇنى، ئۇزارتىپ يېشىمنى ،تىرىك قىل مېنى. 380 بۇ سۆز باشلىدىم سەندىن تىلەپ مەدەت، تاماملاشقا سۆزۈم ماڭا بەر مەدەت. 381 تىلىم تىنما، ماختا ياراتقۇچىنى، يامانلىقنى مەندىن يوقاتقۇچىنى. 382 ئۇ تاللاپ ياراتتى،يورۇتتى دىلىم، ئىمان بىرلە تېچ يولنى تاپتى دىلىم. 383 قاراڭغۇدا ئەردىم ،يورۇتتى تونۇم، زۇلمەتتە ئىدىم مەن ،تۇغۇلدى كۈنۈم. 384 يۈرەتتىم ئېزىپ مەن ،ئۇ كۆرسەتتى يول، كۆيەتتىم مەن ئوتتا ،قۇتۇلدۇردى ئول. 385 كۆتەردى ،تاللىدى،ئايرىدى مېنى، ئازغىنلار يولىدىن قايرىدى مېنى. 386 بېزەتتى دىلىمنى يورۇقلۇق بىلە ، تىلىمنى بېزەتتى گۇۋالىق بىلە. 387 ئۇ بەردى كۆڭۈل ،كۆز ،بىلىم ،ئاڭ ،ئەقىل، سۆزلەشكە يول ئاچتى ،راۋان قىلدى تىل. 388 ھەبىپ[68]ئەلچى يولى كىپايە ماڭا ، شۇ ئەلچىلا بولسۇن ماڭا باشپانا. 389 بۇ ھەممە ئىگەمنىڭكى پەزلى ئىدى، مېنىڭدەك ئاسىي قۇلنى قەدىرلىدى. 390 بۇنىڭ شۈكرىنى مەن نىچۈكمۇ ئۆتەي، ئەگەرچە ياشىساممۇ يىللار ۋە ئاي. 391 ئىلاھا بىلەرسەن بۇ ئاجىزلىغىم، ئاچارمەن ساڭا بار مۇشكۈلۈم،غېمىم. 392 قىلالمايمەن ساڭا مەن لايىق شۈكۈر، مېنىڭچۈن ئۆزەڭ قىل مۇۋاپىىق شۈكۈر . 393 مۇشۇ توغرا يول ئۆزرە تۇتقىن مېنى، مېنىڭدىن چۇچۇلما[69]بۇ ئىمان تونى. 394 تېنىمدىن چىقاردامېنىڭ بۇ جېنىم، شاھادەت بىلە كەس ئاخىرقى تىنىم. 395 ئۆزەم يەر ئاستىدا قالغاندا تەنھا، تولا رەھمىتىڭنى ماڭا تۆك خۇدا. 396 تائەتسىز قۇلۇڭمەن گۇنايىم تولا ، ئۆزۈڭ پەزلى بىرلە كەچۈر ئەي خۇدا. 397 مۆمىنلەر بارىنى ئۆزۈڭ ئەپۇ ئەت، ئۇ باقى جاھاننىڭ دىدارىن كۆرسەت. ئون ئىككىنچى باپ سۆز بېشى كۈن تۇغدى ئېلىگ ھەققىدە
398 ئەقىل ئەرز ئېتەر،كۆر ،بىلىك بىلدۈرۇر، قارارسىز جاھاننى ساڭا ئۇختۇرار. 399 قېرى بۇ قارارسىز ،ۋاپاسىز جاھان، قىلىقى قىز كەبى،ئۆزى قېرىغان. 400 ئېرۇر بەزى خۇلقى قىز خۇلقىدەك خوپ، ئۆزىن سۆيدۈرەر،قولنى بەرمەس تۇتۇپ. 401 ئۇ ،سۆيگەننى سۆيمەس،كىيىكتەك قاچار، قاچقانغا يېپىشىپ،پۇتىنى قۇچار. 402 ياسانىپ ئۇ بەزى ئارقاڭدىن چاپار، سېلىپ بەزى كۆرمەسكە تەتۈر قارار. 403 قاراساڭ ئۇ بەزەن تېز ئۆرەر يۈزىن، قىلىپ نازنى نەچچە تۇتقۇزماس ئۆزىن. 404 تالاي بەگنى قېرىتتى،قېرىماس ئۆزى، كەچۈردى تالاي بەگنى،تۈگىمەس سۆزى. * * * 405 بەگ ئەردى جاھاندا بىلگىچ،ھېكىم،باش، بۇ بەگلىكتە بولدى ئۇزۇن ئاڭا ياش . 406 بۇ كۈن تۇغدى ئەردى،ئېتى بەلگۈلۈك، جاھان ئىچرە مەشھۇر قۇتى بەلگۈلۈك. 407 مىجەزى ئىدى تۈز ۋە خۇلقى ئوڭاي[70] سۆزى چىن ،پۈتۈن ھەم كۆزى ،كۆڭلى باي. 408 ئەقىللىق ۋە ئويغاق بىلگىچ زات ئىدى، يامانغا بىر ئوت ،ياۋغا بىر ئاپەت ئىدى. 409 جەسۇر،مەغرۇرئەردى ۋە قىلقى كونى، يۈكسەلتتى كۈندىن -كۈن بۇ خۇلقى ئۇنى . 410 مۇشۇنداق بەگ ئەردى بىلىمى بىلە، ياشادى ۋە يۈردى تۈز خۇلقى بىلە. 411 سىياسەت قىلۇر ئەردى ھىممە بىلە، بۇ ھىممەت يارىشۇر مۇرۇۋەت بىلە. 412 بۇڭا ئوخشاپ كېلۇر بىر شائىر سۆزى، ئوقۇسا ئېچىلغاي ئوقۇچى كۆزى: 413 مۇرۇۋەت ۋە ھىممەت بىردەك كېرەك، يىراقلاش ئۈچۈن پەس -ياماندىن دىمەك. 414 مۇرۇۋەت ،ھىممەتلە قەدىر ئۆلچىنۇر، كىشىلىككە ھىممەت ،مۇرۇۋەت كېرەك. 415 مۇشۇ قىلقى بىرلە بۇ كۈنتۇغدى خان- كۈن-ئايدەك چېچىپ نۇر،يورۇتتى جاھان. 416 ئاقىل بولسا كىم ،ئۇ چاقىرتتى ئۇنى، كىم ئالىم بولسا ئۇ، بويۇتتى ئۇنى. 417 يىغىلدى يېنىغا جاھان خىللىرى، ئەقىل ھەم ئىلىمدە تاللانغانلىرى . 418 ئۆزى ئىشلىدى ،تۈزدى ئەل ئىشىنى، تىلەيتتى يەنە ئۇ سەرخىل كىشىنى. 419 كى ياردەم قىلسا، ئىش باشلىسا ئۇلار، ئۆزى تىنسا بىر ئاز،ئىشلىسە ئۇلار. * * * 420 دىدى ئولتۇرۇپ غەمدە بىر كۈن ئۆزى، بۈيۈك ئىش بۇ بەگلىك ئىشى ھەم سۆزى. 421 كۆرەرسەن ،ئېرۇر كۆپ باش ئاغرىق ئىشى، سۈزەر بۇ كۆپ ئىشنى ئەقىللىق كىشى. 422 قىلالماسمەن يالغۇز پۈتۈن ئەل ئىشىن، كېرەك ماڭا بىر ئەر بىلۇر ئىش بېشىن. 423 كېرەكتۇر ماڭا بىر سەرە-خىل كىشى، ئەقىللىق، بىلىملىك ،كىشىلەر بېشى. 424 كۆيۈمچان بولسا ،راست ھەممە قىلغىىنى ، تىلى ،كۆڭلى تۈز بولسا ،بىلسە بۇنى. 425 قىلىپ بەرسە ئەردى مېنىڭ ئىشلىرىم، كۆرۈپ تۇرسا ئەردى ئىچۇ-تاشلىرىم. 426 نىمە دەيدۇ ئاڭلا،سىناغان كىشى، تولا ئىش كەچۈرۈپ چوڭايغان يېشى: 427 كېرەك ئەرگە قولداش ۋە ياردەمچىلەر، ئەقىللىك بىلىملىك دانا ئەلچىلەر، 428 كېرەكتۇر ئىش بىلەر ياردەمچى دىمەك، بىلىپ ئىشلىسە قولغا كەلگەي تىلەك. 429 ياردەمچى كوپ ئولسا ،بەككە جەۋر كام، ئىشى يولغا چۈشكەي ،بۇزۇلماس نىزام . 430 كېرەكتۇر ھەر ئىشتا ياردەمچىلەر ،بىل، بۇ بەگلىك ئىشىدا ئۇنى تولا قىل. 431 تىلەپ ياردەمچىنى تاپالماي ئىېلىگ، پۈتۈن ئىشقا سۇندى ئۇ ئاخىر ئىلىگ. 432 قىينالدى ئۇ شۇنداق ئەمگەك ئىچرە كۆپ، ھالاۋەت ئىستىگەن ئەمگەك چېكەر خوپ. 433 بۇ ھەقتە سۆزىنى سىناپ سۆزلىگەن - بىر قۇتلۇق ئەزىز ئەر مۇنۇنى دىگەن: 434 ھالاۋەت ھەمىشە جاپا بىرلەدۇر، سۆيۈنۈش قايغۇلە دائىم تەڭ يۈرەر. 435 باش ئاغرىق چوڭايۇر ،چوڭايسا كىشى، يوغان بۆك كىيۇر گەر زورايسا بېشى. 436 پۈتۈن ئەلگ سالدى كۆز -قۇلاق ئېلىگ، ئېچىلدى ئۇنىڭغا بېكىگلىك ئىشىك. 437 يارامسىزنى قولدىن تۇتۇپ باغلىدى، ياماننى ئېلىدىن سۈرۈپ قوغلىدى. 438 زىرەكلىك بىلەن ئۇ باشقۇردى ئېلىن ، يۈكسەلدى ،ئېشىپ ھەم بەختى كۈنمۇ -كۈن. 439 دىمەك،ئەرگە دائىم ھۇشيارلىق كېرەك، بۇ، بەگلىك ئىشىغا كېرەك يەنە بەك. 440 ھۇشيارلىق،ئويغاقلىق بىلەن ئەل ياشار، بۇنىڭ بىرلە دۆلەت ئۇزۇن چاغ تۇرار. 441 ئوخشايدۇ بۇنىڭغا بىر شائىر تىلى، بۇ شائىر تىلىدۇر بۇ سۆزىنىڭ ئۇلى: 442 ئويغاقلىق ۋە ساقلىقنى ماختىدى ئەر، غاپىللىق بىلەن ئەر تۈمەنلەپ ئۆلەر. 443 غاپىل بولما ساقلان ،پۈتۈن ئىشتا سەن، تىلە ئىككى دۇنيا بۇ ساقلىق بىلەن . 444 كىشى بولسا بىغەم ،ئۇ غاپىل قالۇر، يېغى كەلسە ئاۋال غاپىللار ئۆلۇر. 445 نىمە دەيدۇ ئاڭلا ،جاھان تۇتقان ئەر، يېغىنى سەگەكلىك بىلەن ئۇتقان ئەر: 446 دىسەڭ ئەل تاپاي،ساق بول ئەي ھۆكۈمدار، ساق بولماق شەرىئەت يولىدىمۇ بار. 447 يۇمۇپ كۆزنى غاپىل غەپلەتتە ئۇخلار، غاپىل ئولما، ساقلان، ئەي پەيلى ناچار. 448 ساق بولسا ئەگەر خان ،پايدا ئەلگەدۇر، بۇ پايدا بىلەن ئەر ھوزۇرغا تولۇر. 449 ئېلى بولدى باي ،يۇرتنى تۈزگەچ خاقان، بۆرى ،قوي سۇ ئىچتى بىر جايدا شۇئان. 450 سۆيۈپ دوستلىرى ماختىدىلار ئۇنى ، بۇنى ئاڭلاپ يېغى ئەگدى بوينىنى. 451 سېغىنىپ بىرى كەلدى ،ئىستەپ پانا، بىرى ئوپتى كېلىپ ئىشىگىن يانا. 452 نىمەدۇر،ئىشىت،ئەمدى كۆڭلى ئويغاق، سۆزىدە چىچەكتەك تۈمەن مىڭ بوياق: 453 بۇ بەگلىك،ئۇلۇغلۇغنى خوپ نەرسە بىل، يۈرۈشى تېز ئولسا ،ئەي مەڭزى قىزىل. 454 بولاتتى بۇ بەگلىك تېخى ياخشىراق، گەر يولغا قويۇلسا قانۇن توغرىراق. 455 بېگى ياخشى بولسا ھەم خۇلقى كونى ، شۇ چاغدا نە قۇتلۇق بولۇر خەلق كۈنى . 456 نە قۇتلۇق بەخت ئەرگە بۇ ياخشى ئېتى، بۇ ياخشى ئېتىدۇر ماڭگۈلۈك قۇتى[71] 457 نە ياخشى بولۇر بەگ ئۇ ياخشى كىشى- كىشىلىك بىلە قىلسا ئەلنىڭ ئىشى . 458 پۈتۈن ئەلگە يەتتى ئېلىگ خىسلىتى، يېيىلدى جاھانغا ئۇنىڭ شۆھرىتى. 459 كۆپەيدى دۇئا ئەلدە ،ياخشى ئېتى، زورايدى كۈنمۇ -كۈن ئېتى ،دەۋلىتى. 460 جاھان خەلقى ئاڭلاپ ئۇنى ئارزۇلاپ، توپلاشتى ئەتراپىقا ئۆزىنى ئۇلاپ. 461 جاھان باغلىدى،كۆر تولۇق بەخت قۇرى، قوزى بىرلە قېتىلىپ يۈرۈشتى بۆرى.
___ باشقۇرغۇچى : ئۇيغۇرئاي تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-09 |
|
ئەنسىز دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى 
UID نۇمۇرى : 61096 نادىر تېما :
0
يازما سانى : 3
ئۇنۋان:1 دەرىجە
شۆھرەت: 4 نۇمۇر شەبنەم پۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-10-08 ئاخىرقى :2008-10-09 |
بارىكاللا، ھارماڭ!!!!!!!!!!
|
|
Time now is:10-10 06:11, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation
互联网电子公告(BBS)服务资质