سىز بۇ تېمىنىڭ 28ـ ئوقۇرمىنى
ئوغۇزخان

ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 22222
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 174
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە174دانە
شۆھرەت: 184 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1790 سوم
تۆھپە: 25 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :876(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-09-17
ئاخىرقى :2008-10-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 بالىلار ئويۇنلىرى !

 . تۆگى- تۆگىلەڭ


7- 8 بالا بوينىغا قاراپ، بىر-بىرىنىڭ ئارقا پىشىنى تۇتۇپ تىزىلىپ، تۆگە بولۇپ ئېڭىشىپ تۇرىدۇ. يەنە 7-8 بالا بىر- بىرىنىڭ قولىنى تۇتۇپ دۈگلەك بولۇپ تۇرىدۇ. تۆگە بولۇپ تىزىلغان بالىلار ئۆز سېپىنى بۇزماستىن دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلارنىڭ ئارىلىقلىرىدىن ئىڭىشىپ ئۆتىدۇ. شۇ چاغدا دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلار بىلەن تۆگە بولۇپ تۇرغان بالىلار ئوتتۇرسىدا قوشاق ئېيتىشىش باشلىنىدۇ.

دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلار:

قاتار- قاتار تۆگىلەر.
نەگە- نەگە ماڭدىڭلار؟
تۆگە بولۇپ ئۆتكەن بالىلار:
تۇزغا- تۇزغا ماڭدۇق بىز.
دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلار:
تۇزۇڭ نەگە تۆكۈلدى؟
تۆگە بولۇپ ئۆتكەن بالىلار:
ئارا يولغا تۆكۈلدى.
دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلار:
تاسقاپ- تاسقاپ ئالساڭچۇ،
تاغىرىڭغا سالساڭچۇ!
تۆگە بولۇپ ئۆتكەن بالىلار:
تاغىرىمدا تۆشۈك بار.
ماراپ تۇرغان مۈشۈك بار
كېيىن ئىككى گۇرۇپپا ئالمىشىپ ئويۇننى داۋاملاشتۇرىدۇ







ۋاللەي(گاگا-چۇك)


بۇ ئويۇننى ئوچۇقچىلىق يەردە ئىككى بالا ئوينايدۇ(بىر نەچچە بالائىككى گۇرۇپپا بولۇپ ئوينىسىمۇ بولىدۇ). ئۇلار بىر يەرنى ‹‹پللە›› قىلىپ ياساپ، ئىككى كىسەكنى قويىدۇ(ياكى كىچىك كاتەكچە ئۇيىدۇ)-دە، ئەتراپنى دۈگلەك قىلىپ جىجاپ قويىدۇ. ئاندىن بىر نەرسىنى شەرت قىلىپ قايسى ئۇتۇۋالسا ئويۇننى شۇ باشلايدۇ.
ئويۇن باشلىغۇچى كىسەكنىڭ(ياكى كاتەكچىنىڭ) ئۈستىگە بالىياغاچنى(چۇك نى) قويۇپ، ئانىياغاچ (گا)بىلەن ئاستىدىن كۆتىرىپ تۇرۇپ ئۇرىدۇ. قارشى تەرەپتىكى بالىلار بالىياغاچ چۈشىدىغان سەيناغا تارىلىپ تۇرۇپ، دوپپا ياكى شەپكىسى بىلەن بالىياغاچنى تۇتۇۋېلىشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر بالىياغاچنى تۇتۇۋالسا، بالىياغاچ ئۇرغۇچىنىڭ نۆۋىتى كۆيۈپ كېتىدۇ-دە، بالىياغاچنى تۇتۇۋالغانلار ئويۇن باشلايدۇ. ئەگەر تۇتالمىسا بالىياغاچ نەگە چۈشسە، شۇ يەردە تۇرۇپ، بالىياغاچ بىلەن دۈگلەك ئىچىدىكى كىسەكنىڭ ئارىسىغا قويۇپ قويغان ئانىياغاچنى سوقىدۇ(كىسەكنى سوقسىمۇ بولىدۇ).سوقۇۋالسا بالىياغاچ ئۇرغۇچىنىڭ نۆۋىتى يەنە تۈگەيدۇ. ئەگەر سوقالمىسا بالىياغاچ ئۇرۇۋاتقان بالا بالاياغاچنى ئانىياغاچ بىلەن پۇچىلاپ تۇرۇپ ئۈچ قېتىم ئۇرىدۇ. بالىياغاچ ئۈچىنچى قېتىم ئۇرۇلغاندا (ئەگەر بالىياغاچنى پۇچىلاپ ئۇرالمىسىمۇ ئۇرغانغا ھىساپ). نەگە بېرىپ چۈشسە، قارشى تەرەپتىكى بالىلاردىن بىرى يوغان- يوغان چامداپ پەللىگە كەلگىچە سانايدۇ: بالىياغاچ ئۇرغۇچى تەرەپ بالىياغاچنى پەللىدىن يەنە يېڭىۋاشتىن ئۇرىدۇ. ئەگەر بۇ جەرياندا قارشى تەرەپ بالىياغاچنى تۇتۇۋالسا، بالىياغاچ ئۇرغۇچىنىڭ نۆۋىتى تۈگەپ، تاپقان سانىمۇ ‹‹كۆيىدۇ››. ئاندىن ئىككىنچى تەرەپ ئوينايدۇ. 500 قەدەمگە يەتكۈزسە، يەنە بىر تەرەپ ‹‹ئىشەك›› بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۇتۇپ چىققان تەرەپ بالىياغاچنى پەللىدىن باشلاپ ئۇدا ئۈچ قېتىم ئۇرىدۇ.(بۇ چاغدا قارشى تەرەپ بالىياغاچنى توسىمايدۇ) بالىياغاچ ئۈچىنچى قېتىم نەگە بېرىپ چۈشسە، ‹‹ئىشەك›› بولغۇچى بالا شۇ يەردىن پەللىگە توختىماستىن‹‹ۋەللەي... ۋەللەي... ۋەللەي...›› دەپ توۋلاپ يۈگۈرەيدۇ. ئەگەر ئۇ بىرەر يەردە تىنىپ ئالسا، ئۇتۇۋالغۇچى بالا بالىياغاچنى يەنە كەينىگە ياندۇرۇپ بىر قېتىم ئۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، قاچان ‹‹ۋىلى- ۋىلى ۋەللەي...›› دەپ تىنماي توۋلاپ پەللىگە يۈگۈرۈپ كېلەلىسە، ئاندىن ئويۇن تاماملىنىدۇ. بۇنىڭ باشقا ۋارىيانتلىرىمۇ كۆپ .كۆپچىلىكنىڭ بىلگەنلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

توپ ئويۇنى


بۇ ئويۇننى قىزلار ئوينايدۇ. تۆت بەش قىز توپنى نۆۋەتلىشىپ ئويناپ قوشاق ئېيتىدۇ. شەرت: توپنى قاچۇرماسلىق ھەمدە قوشاق ئېيتىشتا دۇدۇقلاپ قالماسلىق ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قوشاقنى توپنىڭ ئۆرلەپ چۈشىشىگە ماسلاشتۇرۇپ ئېيتىش كېرەك. توپ قولدىن چۈشۈپ كەتسە ياكى قوشاق ئېيتىشىشتا دۇدۇقلاپ قالسا، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىرى ئوينايدۇ. قوشىغى تۆۋەندىكىچە:

چىگىچى، بۇغدايچى،
خەمىگى دۇغدايچى.
كېچىلەپ زۇۋانى قوي،
زۇۋىنىڭ قايسى قىز.

ئەڭ كىچىگى ۋوپا قىزى
ۋوپانى ۋوپا دىمەڭلار،
ۋوپا يالغانچى بولار.
ۋوپادىن كۆر بوۋاڭنى تاپ،
بوۋا بەك ياخشى بولۇر.
بوۋىنىڭ بىر تال تۈكى،
ئىشەككە ئاغامچا بولۇر.

......................

ئۇچۇپ چىقتىم ھاۋاغا،
سەكرەپ چۈشتۈم دەرياغا.
دەريا سۈيى قۇيالدى،
پاتمىچۇقلار بويالدى.

بىرىنىڭ ئېتى كۇچۇلا،
بىرىنىڭ ئېتى پۇچۇلا.
ئاپپاق ساقال بوۋىلار،
قىلدى نەچچە توۋىلار...
........................
ھاۋا- ھاۋا، ھاۋاچاق،
چاۋا تەردىم بىر قۇچاق.
چاۋانى ئېلىپ قاچتى،
پاقا بىلەن قۇمۇچاق.

ئۆتۈگۈم دىستا ئۆتۈك،
مېڭىشىم تاراق- تۇرۇق.
روزىنىڭ ئون بەشىدە.
چۈشتى غازاڭ شاراق-شۇرۇق.
......................
يولدىشكامنىڭ بىر قىزى،
باسما كۆينەك كىيىپتۇ.
باسما كۆينەك كىيگەندە،
ھىلىمبەككە تېگىپتۇ.

ھىلىمبەككە تەككەندە،
ئالتە بالا تۇغۇپتۇ،
ئالتە بالا بەرى پوق،
ئېيتاي دىسە لاتا يوق.

لاتا دىگەن ئۆگزىدە،
چىقاي دىسە شوتا يوق.
شوتا دىگەن دەرەختە،
كېسەي دىسە پالتا يوق.

پالتا دىگەن بازاردا،
ئالي دىسە پۇلى يوق.
پۇل دىگەن ساندۇتا،
ئاچاي دىسە ئاچقۇچ يوق.

ئاچقۇچكاملار ئۆلۈپتۇ،
ئاق مازارغا كۆمۈپتۇ.
ئاق مازارغا بىر دەمدە،
ئاق تىكەنلەر ئۈنۈپتۇ...
يىغلايدىغان ئادەم يوق
ئۆزى قوپۇپ يىغلاپتۇ...
.....................
قوشاق ئەنە شۇنداق داۋاملىشىۋېرىدۇ



دوپپا تالىشىش

بالىلار ئىىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ سەپ بولۇپ تىزىلىدۇ-دە، رەت بويىچە ساناپ چىقىدۇ.بۇ چاغدا ھەر بىر بالا ئۆز نومۇرىنى يادلىۋېلىشى كېرەك. ئاندىن ئىىككى گۇرۇپپا بىرلىشىپ بىر چەمبەرەك ھاسىل قىلىپ ئولتۇرىدۇ. چەمبىرەكنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر دوپپا قويۇلىدۇ. بىر بالا رېپىر بولىدۇ. ئويۇن باشلىنىش بىلەن رېپىر بىر نومۇرنى، مەسىلەن: ‹‹5- نومۇر›› دەپ چاقىرىدۇ. بۇ چاغدا ھەر ئىككى گۇرۇپپىنىڭ 5- نومۇرلۇق ئەزالىرى دەرھال ئوتتۇرىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ دوپپىنى تالىشىدۇ. بۇ چاغدا كۆپچىلىك چاۋاك چېلىپ ناخشا ئىېيتىدۇ. دوپپىنى ئالدىدا ئېلىۋالغان بالا دوپپىنى كۆتۈرۈپ چەمبەرنى ئايلىنىپ قاچىدۇ. دوپپىنى ئالالمىغان بالا ئۇنى قوغلايدۇ.

چامغۇر يۇلۇش ئويۇنى

بالىلاردىن بىرى تۈۋرۈك ياكى بىر تۈپ دەرەخنى قۇچاقلاپ ئولتۇرىدۇ. قالغان بالىلار ئىۇنىڭ كەينىدە بىر بىرىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرىدۇ. بالىلاردىن يەنە بىرى دېھقان بولۇپ ئەڭ كەينىدە ئولتۇرغان بالىنى قۇچاقلاپ (دېھقان چامغۇر يۇلغان پەدىدە) تارتىدۇ. ئىولتۇرغان بالا ئالدىدىكى بالىنى مەھكەم قۇچاقلاپ ئولتۇرۇۋالىدۇ. دېھقان بالا كۈچەپ تارتىدۇ. ئويۇن دېھقان بالا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىنى تارتىپ ئىورنىدىن قوپۇرۇپ بولغىچە داۋاملىشىدۇ .


يېرىلىڭ تېغىم


بالىلار بىر بىرىنىڭ قوللىرىدىن تۇتۇپ دۈگلەك بولۇپ ئولتۇرىدۇ. بىر بالا دۈگلەك ئىچىدە ‹‹ئانا›› بولۇپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرىدۇ. يەنە بىر بالا دۈگلەكنى ئايلىنىپ قوشاق ئىېيتىدۇ:

يېرىلىڭ تېغىم، يېرىلىڭ،
مەن ئىانامنى كۆرۈۋالاي.
قۇچاقىغا باش قويۇپ،
دىدارىغا تويۇۋالاي...

بالا دۈگلەكنى ئايلىنىپ قوشاق ئىېيتقاچ ئوتتۇرىغا كىرىش ئۈچۈن يوچۇق ئىزلەيدۇ. دۈگلەك بولۇپ ئولتۇرغان بالىلار بولسا ئۇنىڭغا يوچۇق بەرمەيدۇ. ئويۇن بۇ بالا بىرەر يەردىن يوچۇق تېپىپ دۈگلەكنىڭ ئىوتتۇرسىدىكى ‹‹ئانا›› يېنىغا كىرىۋالغىچە داۋام قىلىدۇ.
شۇندىن كېيىن ، دەسلەپكى بالىغا يوچۇق بېرىپ قويغان يەردىكى ئىىككى بالىدىن بىرى دۈگلەك ئىچىدە ئانا بولۇپ ئولتۇرىدۇ. يەنە بىرى دۈگلەكنىڭ سىرتىدا ئىايلىنىپ ھېلىقى قوشاقنى ئىېيتىدۇ.
ھەر قېتىم يېڭىلگەنلەر مەيدانغا چۈشىدۇ، ئويۇن شۇ يوسۇندا داۋاملىشىۋېرىدۇ



مەرەم


بۇ ئويۇن ئادەتتە قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىغاندىن تارتىپ ئوينىلىدۇ ، ئادەم سانى چەكلەنمەيدۇ .
ئالدى بىلەن بالىلار سان جەھەتتە تەڭ ھالدا ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ ، ئاندىن شەرىتلىشىپ قايسى تەرەپنىڭ ئاۋۋال مۆكىدىغانلىقى ،قايسى تەرەپنىڭ مۆككەنلەرنى تاپىدىغانلىقى بېكىتىلىدۇ ( قولىدا بىر نەرسە تۇتۇپ جۈپمۇ-تاق دىگەندەك ئۇسۇللار بىلەن ) . شۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى تەرەپ-تەرەپكە ( مۆكىدىغان دائىرە شەرىتلەشكەندە دىيىلىدۇ ) تارقاپ بىردىن ياكى بىر ئىككىدىن بولۇپ ئۆزى بىلگەن جايغا مۆكىدۇ ، مۆككۈچى تەرەپتىن چوڭراق بىرسى ھەممە ئەزالىرىنىڭ مۆكۈپ بولغانلىقىنى جەزىملەشتۈرتۈرگەندىن كىيىن مۆككەن جايىدا تۇرۇپ يۇقىرى ئاۋازدا << مەرەم .............. >> دەپ بىر نەچچىنى توۋلايدۇ ، شۇ ئاۋاز بىلەن تاپقۇچى تەرەپ مۆككەنلەرنى ئىزدەشكە باشلايدۇ (تاپقۇچى تەرەپتىكىلەر « مەرەم ......» دىگەن ئاۋازنى ئاڭلىمىغۇچە ئەسلىدىكى جىم تۇرۇپ تۇرىدۇ ) .
يەنە شۇ ئاۋاز بىلەن مۆككەنلەر تاپقۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئىزدەشكە باشلىغانلىقىنى بىلىدۇ ، مۆككەنلەر مۆككەن جايىدا جىم تۇرسىمۇ ياكى يۆتكەلمە ئالەتتە تۇرسىمۇ بولىدۇ . تاپقۇچىلار ھەممە يەردىن ( كۆۋرۈك ئاستى ، ئۆستەڭنىڭ ئىچى ، دەرەخنىڭ كاۋىكى ، دەرەخنىڭ ئۈستى ........... قاتارلىق ) مۆككۈچىلەرنى ئىزدەپ بىر-بىردىن تاپىدۇ( بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدىن ) . مۆككۈچىلەر دائىرىدىن سىرىتقا مۆككەن بولسا ياكى تېپىۋالسا قېچىپ كەتسە « چىدىماس » بولىدۇ . تاپقۇچىلار مۆككۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنى تېپىىپ بولغاندىن كىيىن ئويۇننى ئەكىسچە داۋاملاشتۇرىدۇ . ( تاپقۇچىلار مۆككىچىلەر بولىدۇ، مۆككىچىلەر تاپقۇچىلار بولىدۇ ).
بۇ ئويۇن مۇشۇ تەرىقىسىدە بىر نەچچە رەت ئايلىنىپ بەزى ۋاقىتلاردا يېرىم كېچىگىچە داۋاملىشىدۇ .

بۇ ئويۇننىڭ ئالاھىدىلىكى :
ئويۇن پۈتۈنلەي قاراڭغۇ ،كەچ مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەمدە قائىدىسى چىڭ بولىدۇ ، شۇڭا ئويۇنغا قاتناشقۇچىلاردا قورىقماس ، يۈرەگلىك ، گېپىدە تۇرىدىغان ئىدىيە شەكىللىنىدۇ .
ئويۇنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى ، يېشى چەكلەنمەيدۇ ( زىيادە كىچىك بالىلاردىن سىرىت) شۇڭا ئويۇنغا بىر مەھەللىدە قانچە بالا بولسا ھەممسى قاتنىشالايدۇ ، بالىلارنىڭ سانى بەزىدە 40تىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ .
شۇڭا بالىلاردا ئىتتىپاقلىق ، بىرلىك شەكىللىنىدۇ


چايەم توپ ئويۇنى


چايەم توپ ئويۇنى ___ ئۇيغۇر بالىلىرى ئارىسىدا بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئويۇن بولۇپ ، باشقا ئويۇنلارغا ئوخشاش كەڭرى مەيدان تەلەپ قىلمايدۇ . ئۆينىڭ ئىچىدىمۇ ، سىرتىدىمۇ ، خالىغان جايدا ئوينىغىلى بولىۋىرىدۇ .
چايەم توپ ئويۇنىدا ئۇرۇقچا چوڭلىقتىكى سەككىز تاش ياكى ئۇرۇقچا تەييارلىنىدۇ . چايەم ئوينىغۇچى ئالما چوڭلۇقتىكى توپنى مۇۋاپىق ئېگىزلىككە ئېتىپ ، توپ چۇشكىچە يەردىكى بىر تاشنى < ئۇرۇقچىنى > قولىغا ئېلىپ ،ئىگىزلىكتىن چۇشكەن توپنى تۇتۇۋالىدۇ . چايەم توپ ئويۇنى مۇشۇنداق شەكىل بىلەن بىر قانچە قېتىم تەكرارلىنىدۇ . ئەگەر ئېگىزگە ئاتىدىغانغا توپ بولمىسا ، توپ ئورنىدا يەردىكى تەييارلانغان تاشتىن بىرنى ئېگىزگە ئېتىپ ، تاش ئېگىزلىكتىن چۈشكىچە يەردىكى يەنە بىر تاشنى قولغا ئېلىپ ، ئېگزلىكتىن چۈشۈۋاتقان تاشنى تۇتۇۋالىدۇ . چايەم توپ ئوينىغۇچى ئېگىزگە ئاتقان توپنى ياكى تاش چۈشكىچە يەردىكى يەنە بىر تاشنى ئېلىپ ئۈلگۈرتمىسە ياكى ئېگىزلىكتىن چۈشۈۋاتقان توپنى <تاشنى > تۇتالمىسا ، ئۇتتۇرۇپ قويغان ھېساپلىنىپ ، ئالدىن كېلىشىپ قويغان ئۇتتۇرۇپ قويغانلار ئورۇنداشقا تېگىشلىك شەرتلەرنى ئورۇنداشقا مەجبۇر بولىدۇ . چايەم توپ ئوينىنىڭمۇ ھەم تەنھەركەت خۇسۇسىيىتى ھەم سېرىك خۇسۇسىيىتى بولۇپ ، ھەركەتنىڭ چاققان ، قىزغىن، كۆزىنىڭ روشەن بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ ، ئويۇن قىزلارغا ئەڭ ماس كېلىدۇ .



<<ﺑﺎﻻ ﺑﻪﺯﻟﻪﺵ >> ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ


<< ﺑﺎﻻ ﺑﻪﺯﻟﻪﺵ >> ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ﻳﯧﺸﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﭘﻪﺳﯩﻞ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﺎﻱ ﺋﻮﻳﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻳﯘﻥ .ﺑﯘ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﺎﻻ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻳﻨﯩﻠﯩﺪﯗ .ﭼﻮﯓ -ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻼﻏﺎ ﺑﯚﻟﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺵ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﺘﺎ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺷﯘ ﺋﻮﻳﯘﻧﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻛﯩﭽﯩﭗ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺷﯘ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﻪﻳﺪﯗ .ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺷﺘﺎ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻻ :<< ﺋﺎﻧﺎ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ ،ﻣﻪﻥ ﺗﻮﻳﻐﺎ ﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ ،ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺗﻮﻳﻐﺎ ﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ ...ﮬﯜ ...ﮬﯜ ...>> ﺩﻩﭖ ﻳﯩﻐﻼﭖ ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ( ﺋﯚﻱ ﺋﯩﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ )ﻳﯜﮔﯩﺮﯨﺪﯗ .ﺑﺎﺷﺘﺎ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﻻ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘﭖ ،ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻣﻪﮬﻜﻪﻡ ﺗﯘﺗﯩﯟﯦﻠﯩﭗ :<< ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺋﯘﻛﺎﻡ ،ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﻻ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺋﺎﯕﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﭼﻮﯕﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﮔﻪﺷﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺋﯘﻻﺭ ﮬﯧﻠﯩﻼ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ...>> ﺩﻩﭖ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﻪﺯﻟﻪﻳﺪﯗ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯦﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﯧﭽﯩﭗ ،ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯜﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺷﺎﻗﻨﻰ ﺗﻮﻗﯘﻳﺪﯗ :

ﺑﺎﺵ ﺑﺎﺭﻣﺎﻕ ،
ﺑﺎﺩﺍﻡ ﺗﯩﺮﻧﺎﻕ .
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﯩﻠﯩﻚ ،
ﻗﯘﻟﻠﻪﻟﻠﻪﻱ ﺑﻮﯞﺍﻕ .
ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻙ ﻳﯚﻟﻠﻪﻟﻠﻪﻱ ﺑﻮﯞﺍﻕ .

ﺑﺎﺵ ﺑﺎﺭﻣﺎﻕ ﺗﻮﻳﻐﺎ ﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ ﺩﻩﻳﺪﯗ ،
ﺑﺎﺩﺍﻡ ﺗﯩﺮﻧﺎﻕ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ ﺩﻩﻳﺪﯗ .
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ ﺩﻩﻳﺪﯗ ،
ﻗﯘﻟﻠﻪﻟﻠﻪﻱ ﺑﻮﯞﺍﻕ ﭼﺎﻱ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ ﺩﻩﻳﺪﯗ .
ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻙ ﻗﯘﻟﻠﻪﻟﻠﻪﻱ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﻗﯧﻠﯩﭗ
ﻛﯚﯛﻧﺪﯛﻛﻜﻪ ﭼﯜﺷﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﻳﺪﯗ .
ﺑﯘ ﻗﻮﺷﺎﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ -ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻻ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﻗﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ ، ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﻣﯩﻠﻪﭖ ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﺎﺳﻜﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ .ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﭼﻮﯕﺮﺍﻕ ﺑﺎﻻ ﻳﯩﻐﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﻟﻪﺵ ،ﺧﯩﺠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺧﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﻮﺷﺎﻕ ﺗﻮﻗﯘﻳﺪﯗ :

ﺑﺎﻻﻡ -ﺑﺎﻻﻡ ﻛﯚﺗﻰ ﭘﻮﻕ ،
ﺋﯧﺮﺗﺎﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﻻﺗﺎ ﻳﻮﻕ .
ﻻﺗﺎ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯚﮔﺰﯨﺪﻩ ،
ﭼﯩﻘﺎﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﺷﻮﺗﺎ ﻳﻮﻕ .
ﺷﻮﺗﺎ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﻩﺭﻩﺧﺘﻪ ،
ﻛﯧﺴﻪﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﭘﺎﻟﺘﺎ ﻳﻮﻕ .
ﭘﺎﻟﺘﺎ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﺍ ،
ﺋﺎﻻﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﭘﯘﻟﯘﻡ ﻳﻮﻕ .
ﭘﯘﻟﯘﻡ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﺘﺎ ،
ﺋﺎﭼﺎﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﺋﺎﭼﻘﯘﭺ ﻳﻮﻕ .
ﺋﺎﭼﻘﯘﭺ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﻛﺎﻣﺪﺍ ،
ﺋﻪﻛﯧﻠﻪﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﭼﺎﺭﻩ ﻳﻮﻕ .

ﻗﻮﺷﺎﻕ ﺗﻮﻗﯘﻟﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﯩﭽﻪ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻻ ﻳﯩﻐﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ، ﺋﺎﺗﺎ -ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﺋﯘﻳﻘﯘﻏﺎ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﻮﯓ ﻳﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ .ﻟﯧﻜﯩﻦ ، ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺩﯦﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﻮﺭﯗﻧﺴﯩﺰ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﭼﻪﻙ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ ،ﺋﺎﻣﺎﻥ -ﺋﯧﺴﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .



<< ﺑﺎﺭﺍﺕ ﻛﻪﻟﺪﻯ >> ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ




ﺑﯘ ﺋﻮﻳﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﮬﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ . ﺑﯘ ﺋﻮﻳﯘﻧﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻜﻰ << ﺑﺎﺭﺍﺕ >> ﺳﯚﺯﻯ ﮬﯩﺠﯩﺮﻳﻪ ﻳﯩﻞ ﮬﯧﺴﺎﺑﯩﺪﺍ 8- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻏﯘﺭ ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 8- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻰ ﺑﺎﺭﺍﺕ ﺋﯧﻴﯩﻨﯩﯔ 14-ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﻨﻰ ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﺎﻱ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ -ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .
ﺑﺎﺭﺍﺕ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﭼﻮﯕﻼﺭ ﺗﺎﺋﻪﺕ- ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﻧﻪﭖ ﭼﯩﻘﺴﺎ ،ﻳﺎﺷﻼﺭ ﻳﯩﻐﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﺎﻝ ﺳﻮﻳﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻧﻪﻏﻤﻪ ﻧﺎﯞﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯧﭽﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭ ﻛﻮﻧﺎ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﻗﺎﭘﺎﻗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺧﺎﺩﯨﻐﺎ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﭗ ،ﺋﻮﺕ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﭖ ،ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ ،ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ :

ﺑﺎﺭﺍﺕ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻛﯧﭽﻪ ،
ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﺎﯕﻼﺭ ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﻘﯘﭼﻪ .
ﺑﺎﺭﺍﺕ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺗﯘﻳﺪﯗﯕﻼﺭﻣﯘ ؟
ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎ ﻳﺎﻍ ﻗﯘﻳﺪﯗﯕﻼﺭﻣﯘ ؟
ﭘﻮﺷﻜﺎﻝ -ﻗﯘﻳﻤﺎﻕ ﺳﺎﻟﺪﯨﯖﻼﺭﻣﯘ ؟
ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﯕﻼﺭﻣﯘ ؟

ﺑﺎﺭﺍﺕ ﺋﺎﻣﻪﺕ ،ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺋﺎﻣﻪﺕ ،
ﺋﻪﺟﻪﭖ ﻳﺎﻏﺪﻯ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ .
ﺑﺎﺭﺍﺕ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺗﯘﻳﺪﯗﯕﻼﺭﻣﯘ ؟
ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﻮﻳﺪﯗﯕﻼﺭﻣﯘ ؟
ﺑﺎﺭﺍﺗﯘﻟﻼ ، ﮬﻪﺑﯩﺒﯘﻟﻼ ،
ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩﯗﻥ ﺭﻭﺳﯘﻟﯩﻠﻼ .

ﺑﺎﺭﺍﺕ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺋﯘﻳﯘﻣﺎﯕﻼﺭ (1)،
ﺑﺎﺷﻨﻰ ﻳﺎﺳﺘﯘﻗﻘﺎ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﻼﺭ .
ﻗﻪﻟﻪﻡ ﭼﺎﻟﯘﺭ ﺑﯧﺮﯨﯔ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ،
ﺑﺎﺭﺍﺗﯘﻟﻼ ،ﮬﻪﺑﯩﺒﯘﻟﻼ ،
ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩﯗﻥ ﺭﻭﺳﯘﻟﯩﻠﻼ .

ﺑﺎﺭﺍﺕ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺗﯜﻥ ،
ﻗﻪﺩﯨﺮ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺷﯘﺑﯘ ﺗﯜﻧﺪﻩ .
ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﺎﻱ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﯓ ﺋﻪﻣﺪﻯ ،
ﺷﯘﺑﯘ ﺳﻮﯞﻣﻪﻥ (2) ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺗﯜﻧﺪﻩ .
ﺑﺎﺭﺍﺗﯘﻟﻼ ،ﮬﻪﺑﯩﺒﯘﻟﻼ ،
ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩﯗﻥ ﺭﻭﺳﯘﻟﯩﻠﻼ .

ﺑﺎﺭﺍﺕ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﺗﯜﮔﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮﻳﻪﺭﮔﻪ ﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﻮﯞﻏﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﭘﻮﺷﻜﺎﻝ -ﻗﯘﻳﻤﺎﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯩﮕﻪﭺ ،ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ﺗﯧﭙﯩﺸﻤﺎﻕ ﺋﯩﻴﺘﯩﺸﯩﭗ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯧﭽﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ .

-------------------------------------------
(1)ﺋﯘﻳﯘﻣﺎﯕﻼﺭ - ﻗﯧﺘﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺶ ،ﺋﯘﺧﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ .
(2)ﺳﻮﯞﻣﻪﻥ - ﻗﯩﺮﺍﺋﻪﺕ ،ﺩﯗﺋﺎ- ﺗﯩﻼﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﻱ .




<< ﮬﺎﺷﯩﻢ ﻳﺎﺗﯩﻼﻕ ،ﻗﺎﺳﯩﻢ ﺗﺎﭘﯩﻼﻕ >> ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ



ﺑﯘ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺗﯚﺕ ﭘﻪﺳﯩﻠﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻘﺎ ﻣﺎﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ (ﻗﯩﺰ -ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ -ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﺵ ﮬﺎﻟﺪﺍ )ﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺑﺎﺏ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .ﺋﻮﻳﯘﻧﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ .
ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺑﺎﺷﻼﺷﺘﯩﻦ ﺑﻮﺭﯗﻥ ﺷﯘ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﯩﺴﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﯩﺴﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺟﯩﻢ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺩﻩﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،<<ﮬﺎﺷﯩﻢ ﻳﺎﺗﯩﻼﻕ ،ﻗﺎﺳﯩﻢ ﺗﺎﭘﯩﻼﻕ >> ﺋﻮﻳﯘﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯘﻻﭘﻼ ﺋﻮﻳﯘﻧﻨﯩﯔ <<ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ >> ﯞﻩ <<ﺟﺎﺯﺍ >>ﺳﯩﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﭗ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ .ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﯞﺍﺗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﻰ :
<< ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺴﻰ ﻗﺎﺳﯩﻤﻜﺎﻥ ﺋﯚﻳﻰ ،ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﺗﺎﮬﯩﺮﻛﺎﻡ ﺋﯚﻳﻰ ،ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﯘﻝ ،ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺰ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﺑﺎﺭ ؟ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ،ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ ،ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ ؛ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﻪﯕﮕﻪ ،ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺳﻪﺕ ﻳﻪﯕﮕﻪ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﺑﺎﺭ ؟....>>ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ .
ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﻐﺎ ﻛﯩﻢ ﺑﻮﺭﯗﻥ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﯩﺴﻪ ،ﺋﻮﻳﯘﻧﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﻐﺎ ﺷﯘ ﺑﺎﻻ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﺋﻮﻳﯘﻥ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺪﻩ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺳﯘﺋﺎﻟﻐﺎ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤﻤﯘ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﻰ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ << ﺟﺎﺯﺍ>> ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ .
ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ :

ﺋﺎﻕ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﻻ ﺗﯘﻏﯘﭘﺘﯘ ،
ﺋﻮﺑﺪﺍﻕ ﻛﺎﻟﯩﻜﻪﻥ .
ﺗﯧﭙﯩﺸﻤﺎﻗﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ،
ﺗﯧﺨﻰ ﺑﺎﻟﯩﻜﻪﻥ .

ﺗﯘﺭﻗﯩﻐﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ،
ﺋﻪﻗﻠﻰ ﭼﺎﻟﯩﻜﻪﻥ ؛
ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭ ،
ﺑﯧﺸﻰ ﭼﺎﻟﯩﻜﻪﻥ .

ﺋﺎﻕ ﺑﺎﺵ ،ﺋﺎﻻ ﺑﺎﺵ ،
ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻤﯘ ﻗﺎﻗﯟﺍﺵ ،
ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻤﯘ ﻗﺎﻗﯟﺍﺵ ،
ﺋﯚﺯﻯ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺳﺎﻕ ﺑﺎﺵ .

ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ،<<ﺟﺎﺯﺍ >> ﻏﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻪﯕﮕﺨﻞ ﺳﻮﺯﯗﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ -ﺩﻩ ،ﻳﻪﻧﻪ :

ﮬﺎﺷﯩﻤﻜﺎﻣﻨﯩﯔ ﺑﯧﻐﯩﺪﺍ ،
ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺳﯧﺪﻩ ﺑﺎﺭ .
ﺳﯧﺪﯨﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ،
ﻛﯚﭘﻜﯚﻙ ﺑﯧﺪﻩ ﺑﺎﺭ .

ﺩﻩﻳﺪﯗ .ﺷﯘ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﻰ ﺑﺎﻻ :
- ﮬﻪ ،ﻗﯧﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ ، - ﺩﻩﻳﺪﯗ . ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺗﻪﯕﻼ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ :

ﭼﻮﯓ ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﺪﺍ ﺯﯨﺮﻩ ﺑﺎﺭ ،
ﻛﻪﻧﺠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﻝ ﻣﻪﯕﺰﯨﺪﻩ ﺯﯦﺪﻩ ﺑﺎﺭ .

ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﻰ :
- ﻛﯩﻢ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ ؟ - ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ .
ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﯧﭙﯩﺸﻤﺎﻗﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﻻ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺪﻩ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ - ﺩﻩ ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ :

ﺋﺎﻕ ﺑﺎﺵ ،ﺋﺎﻻ ﺑﺎﺵ ،
ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻤﯘ ﻗﺎﻗﯟﺍﺵ ،
ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻤﯘ ﻗﺎﻗﯟﺍﺵ ،
ﺋﯚﺯﻯ ﻳﯘﻏﺎﻥ ﻗﺎﭘﺎﻕ ﺑﺎﺵ .

ﺩﻩﭖ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﭖ ،<<ﺟﺎﺯﺍ >> ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺋﻮﻳﯘﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺗﻪﺭﯨﺰﺩﻩ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﺪﯗ .





مەنبە :  ئۇيەر-  بۇ يەردىن يىغىلدى !

 

___ باشقۇرغۇچى : ئۇيغۇرئاي تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-09

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+10(muhterem)
  • ھەقىقىي مىسۋاك
    مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان،
    ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان.
    تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان،
    كۆك بۆرە بولسۇن ئۇران.
    تۆمۈر نەيزىلەر بولسۇن ئورمان،
    ئوۋلاقتا يۈرۈشسۇن مال-ۋاران.
    ھەم دەريا ۋە ئېقىن،
    قۇياش تۇغ بولسۇن،
    ئاسمان قورغان.

    | ۋاقتى : 2008-10-08 17:12 [باش يازما]



    Time now is:10-10 06:10, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation

    互联网电子公告(BBS)服务资质