سىز بۇ تېمىنىڭ 1379ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: خۇجىنتاۋ شىزاڭ مىللەتلەرئىنستىتۇتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
uyghurjan
مۇنبەردە يوق؟؟؟

دەرىجىسى :شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 10631
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 2663
ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2663دانە
شۆھرەت: 2716 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 22260 سوم
تۆھپە: 198 نۇمۇر
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :369(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-12-21
ئاخىرقى :2008-09-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 خۇجىنتاۋ شىزاڭ مىللەتلەرئىنستىتۇتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى

بۇ تىمىنى xabnam.com قۇلۇپلىدى(2008-10-08)

 

خۇ جىنتاۋ شىزاڭ مىللەتلەر ئىنستىتۇتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك خېتى ئەۋەتتى







  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شيەنياڭ، 5 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ شىزاڭ مىللەتلەر ئىنستىتۇتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خەت ئەۋەتتى.


  خۇ جىنتاۋ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: شىزاڭ مىللەتلەر ئىنستىتۇتى شىزاڭ تىنچ ئازاد بولغاندىن كېيىن مەركەز شىزاڭ ئۈچۈن قۇرۇپ بەرگەن تۇنجى ئالىي مەكتەپ. بۇ ئىنستىتۇت قۇرۇلغان 50 يىلدىن بۇيان پارتىيىنىڭ ئوقۇتۇش فاڭجېنى ۋە مىللىي سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىزاڭغا يۈزلىنىش، شىزاڭغا مۇلازىمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش، شىزاڭنى گۈللەندۈرۈش، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش، كەسىپنى سۆيۈشتىن ئىبارەت مەكتەپ تەلىمىنى ئىجرا قىلىپ، شىزاڭغا بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ۋە كەسىپ –  تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيىلەپ بېرىپ، شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى.
    خۇ جىنتاۋ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيىنىڭ 17 – قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋردە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىش ئۇلۇغ پىلانى تۈزۈلدى؛ شىزاڭ ئىقتىسادىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە ئەبەدىلئەبەد ئەمىن بولۇشىنىڭ نىشانى كۆرسىتىپ بېرىلدى. شىزاڭ مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، دەۋر قەدىمىگە ماسلىشىپ، مىللىي مائارىپ قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئوقۇتۇش –  باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىزاڭ ئۈچۈن كادىر تەربىيىلەش بازىسىلىق  رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، شىزاڭنىڭ مۇقىملىقى، ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
     شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شيەنياڭ شەھىرىگە جايلاشقان شىزاڭ مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا 5 – ئۆكتەبىر مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رېدى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىزاڭ مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدىكىلەرنىڭ باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، مەكتەپنىڭ 50 يىللىق تويىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىلغار مىللەتلەر ئىنستىتۇتى قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان لاياقەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تېخىمۇ كۆپلەپ يېتىشتۈرۈپ، شىزاڭنىڭ ئىسلاھاتىنى، تەرەققىياتىنى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  



شىنجاڭ گىزىتى




خۇ جىنتاۋ، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇ يوڭكاڭ قاتارلىقلار باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ ......



خۇ جىنتاۋ، جياڭ زېمىن، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇ يوڭكاڭ قاتارلىقلار يولداش خەن گۇاڭنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى، ۋاپات بولغاندىن كېيىن تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن يولداش خەن گۇاڭنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى






    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، پرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى ، جۇڭگۇ كومېنىستىك پارتىيىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش سېپىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، جۇڭگۇ كومېنىستىك پارتىيسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سابىق دائىمىي شۇجىسى  خەن گۇاڭنىڭ جەسىتى 6 – ئۆكتەبىر بېيجىڭدىكى باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا كۆيدۈرۈلدى.
    خەن گۇاڭ كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 2008 – يىل 9 – ئاينىڭ 27 – كۈنى سائەت 5 تىن ئالتە مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا 96 يېشىدا ۋاپات بولدى.
  خۇ جىنتاۋ، جياڭ زېمىن، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇ يوڭكاڭ قاتارلىقلار يولداش خەن گۇاڭنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى، ۋاپات بولغاندىن كېيىن تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن يولداش خەن گۇاڭنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى
6– ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنىڭ شەرقىي زالى سۈكۈتكە چۆمگەنىدى. ئاساسىي زالنىڭ تۆر تېمىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ‹‹يولداش خەن گۇاڭغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز›› دېگەن خەت يېزىلغان تېگى قارا ئاق خەتلىك پلاكات، ئۇنىڭ ئاستىغا مەرھۇمنىڭ سۈرىتى ئېسىلغانىدى. يولداش خەن گۇاڭنىڭ جەسىتى گۈل ۋە ئارچا شاخلىرى ئارىسىغا ياتقۇزۇلۇپ، ئۈستىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قىپقىزىل بايرىقى يېپىلغانىدى.
    چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 لاردا، خۇ جىنتاۋ، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇ يوڭكاڭ، ۋاڭ گاڭ، ۋاڭ جاۋگو، لى يۈەنچاۋ، جاڭ دېجياڭ، لى رۈيخۇەن، سۇڭ پىڭ، ۋېي جيەنشىڭ، خې يۇڭ، لىڭ جىخۇا، جۇ تيېنۇڭ، ما كەي، ساۋ جيەنمىڭ ۋە ۋاڭ خەنۋۇ، پېڭ پېييۈن، گۇ شيۇليەن، شېڭ خۇارېن،  سۈن فۇلىن، چېن جىنخۇا، لى گۇيشيەن، شۈ كۇاڭدى، شۇنداقلا بو چۈەنيۇ قاتارلىقلار ماتەم مۇزىكىسى ئىچىدە ئاستا مېڭىپ كېلىپ يولداش خەن گۇاڭنىڭ جەسىتى ئالدىدا سۈكۈتتە تۇردى، ئاندىن ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىر – بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ھال سورىدى. مەركىزىي كومىتېت ۋە دۆلەت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، يولداش خەن گۇاڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوست – بۇرادەرلىرى ۋە يۇرتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ۋىدالىشىشقا قاتناشتى.
   ۋاڭ لېچۈەن، ۋاڭ جىشەن، خۇي لياڭيۈ، ليۇ چى، ليۇ يۈنشەن، ليۇ يەندۇڭ، ۋاڭ ياڭ، جاڭ گاۋلى، يۈ جېڭشېڭ، شۈ سەيخۇ، گو بوشيوڭ، بو شىلەي، لى پېڭ، ۋەن لى، چياۋ شى، جۇ رۇڭجى، ليۇ خۇاچىڭ، لى لەنچىڭ، زېڭ چىڭخۇڭ، ۋۇ گۇەنجېڭ، لو گەن، ۋاڭ خۇنىڭ، لۇ يۇڭشياڭ، ئويۇن چىمىگې، خەن چىدې، خۇا جيەنمىن، چېن جىلى، لى جيەنگو، ئىسمائىل تىلىۋالدى، جياڭ شۇشېڭ، چېن چاڭجى، يەن شيۇچى، ساڭ ۋېيگو، لياڭ گۇاڭليې، مېڭ جيەنجۇ، دەي بىڭگو، ۋاڭ شېڭجۈن، لياۋ خۇي، دۇ چىڭلىن، ئاپېي ئاۋاڭجىنمېي، پابالا گېلىلاڭجيې، ما ۋەنچى، بەي لىشېن، چېن كۇييۈەن، ئابلەت ئابدۇرېشىت، لى جاۋگو، خۇاڭ مېڭفۇ، دۇڭ جيەنخۇا، جاڭ مېييىڭ، جاڭ رۇڭمىڭ، چيەن يۈنلۇ، سۈن جياجېڭ، لى جىنخۇا، جېڭ ۋەنتۇڭ، دېڭ پۇفاڭ، ۋەن گاڭ، لىن ۋېنچى، لى ۋۇۋېي، لو فۇخې، چېن زۇڭشىڭ، ۋاڭ جىجېن ۋە لى دېشېڭ، شياۋ كې، جاڭ جىنفۇ، خۇاڭ خۇا، پېڭ چۇڭ، ۋاڭ فاڭ، گۇ مۇ، لۈ جېڭساۋ، جېڭ تيەنشاڭ، ليۇ فۇجى، ياڭ بەييۇڭ، تيەن جىيۈن، چى خاۋتيەن، جاڭ ۋەننيەن، جياڭ چۈنيۈن، چيەن چىچېن، ۋۇ يى، ساۋ گاڭچۈەن، زېڭ پېييەن، جاڭ جېن، نى جىفۇ، چېن موخۇا، سۈن چىمېڭ، لېي جيېچۇڭ، لى شىمىڭ، ۋاڭ بىڭچيەن، زۇ جياخۇا، ۋاڭ گۇاڭيىڭ، بۇ خې، تۆمۈر داۋامەت، ۋۇ جياپىڭ، جۇ گۇاڭجاۋ، ساۋ جى، لى تيېيىڭ، ئىسمائىل ئەھمەد، خې لۇلى، دىڭ شىسۈن، چېڭ سىۋېي، شۈ جيالۇ، جياڭ جېڭخۇا، رېدى، تاڭ جياشۈەن، شياۋ ياڭ، خەن شۇبىن، جيا چۈنۋاڭ، چيەن شۆسېن، دۇڭ يىنچۇ، يې شۈەنپىڭ، ياڭ رۇدەي، چيەن ۋېيجاڭ، رېن جيەنشىن، سۇڭ جيەن، چيەن جېڭيىڭ، جۇ گۇاڭيا، ۋەن گوچۈەن، خۇ چىلى، جاۋ نەنچى، ماۋ جىيۇڭ، جىڭ شۇپىڭ، ۋاڭ ۋېنيۈەن، ۋاڭ جۇڭيۈ، جاڭ سىچىڭ، دىڭ گۇاڭشۈن، لو خاۋسەي، جاڭ كېخۇي،  خاۋجيەنشيۇ، جاڭ خۇەيشى، لى مېڭ، دېڭ لىچۈن، جاڭ تىڭفا؛ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن جاڭ بىڭدې، لى جىنەي، لياۋ شىلۇڭ، چاڭ ۋەنچۈەن، جىڭ جىيۈەن، ۋۇ شېڭلى، شۈ چىلياڭ شۇنداقلا يۈ يۇڭپو، ۋاڭ كې، ۋاڭ رۇيلىن، چياۋ چىڭچېن قاتارلىقلارمۇ  يولداش خەن گۇاڭنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۇنى يوقلىدى ياكى ۋاپات بولغاندىن كېيىن تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن   ئۇنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى







تەڭرىتاغ تورى
| ۋاقتى : 2008-10-08 14:20 [باش يازما]
MIMANAK

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 60514
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 87
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە87دانە
شۆھرەت: 88 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 870 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :72(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-09-29
ئاخىرقى :2008-10-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بىزمۇ تەبرىكلەيمىز ~~~~~
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
| ۋاقتى : 2008-10-08 14:22 1 -قەۋەت



Time now is:10-10 06:10, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation

互联网电子公告(BBS)服务资质