| ||||||
deldax كامىلجان ناسىر(دىلداش) | باش قاتۇرما مەن ئۈچۈن ئەسلا (دىلداش)ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر (دىلداش)
باش قاتۇرما مەن ئۈچۈن ئەسلا ، ساڭا ھەرگىز بۇلمايمەن ئۆلپەت. خاس ئۆزەمگە ئادەتلىرىم بار ، مەيلى ماڭا كەلسىمۇ كۈلپەت. ئۆز مۇقامىم ئۆزەمگە ئەلا ، ئۆزگىلەردىن قىلمايمەن تاما. يۈرەگىمدە ئارمانلىرىم بار، تىلىمەيمەن ھېچ كىمدىن پانا. ھەسەتخۇرلۇق پىتنە ئېغۋادىن، قاچۇرىمەن ھەردەم ئۆزەمنى. ھەق ئادالەت بىغىشلاپ ھەردەم، نۇرلاندۇرار ئوتلۇق كۆزۈمنى. كۈلگەنلەرنى دوراپ كۈلمىدىم، تۇزاق قۇرۇپ ماراپ يۈرمۈدۈم. ھۇسۇل بەرگەن مۇنبەت زىمىنغا، ياكى يانتاق بۇلۇپ ئۈنمۈدۈم . ئادەملەرنى پايلاپ جاسۇستەك، ساراڭ بۇلۇپ سۆزلەپ يۈرمەيمەن. ھەسەت قىلىپ ياخشىلار ئۈچۈن، ياشاشنى ھېچ راۋا كۆرمەيمەن. شۇڭا سەندىن ئۆتۈنەي دوستۇم، باش قاتۇرما مەن ئۈچۈن بولدى. ئويناپ بولدۇڭ ئۇيۇنلارنىمۇ ، منى پايلاپ كۆزىڭمۇ تالدى. سۆزۈم ساڭا ياقسۇن ياقمىسۇن، مىنىڭ ساڭا پەرۋايىم پەلەك. رازۋىتكىچىم ئەمەس سەن مىنڭ، تىلىمەيمەن سەندىن بىر تىلەك. ياقتۇرغانلار ياقتۇرسۇن مىنى، كۆرەلمەسلەر ئۆلسۇن قان قۇسۇپ. نىمە پايدا كۆزلەيدىغاندۇر . ھەسەتخۇرلار يۇلۇمنى تۇسۇپ. ئاپتۇر كامىلجان ناسىر(دىلداش) قەشقەر يېڭىشەھەر ناھيىسىدە شىپاگەر | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nurayim دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | deldax ئەپەندىم بۇ شېئىرنى شۇنداق ياخشى يېزىپسىز..........مەزمۇنى چوڭقۇر، تىلى كۈچلۇك، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى چوڭقۇركەن .
ئىجادىيەتلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىغا تىلەكداشمەن! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
halpambag دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ياقتۇرغانلار ياقتۇرسۇن مىنى،
كۆرەلمەسلەر ئۆلسۇن قان قۇسۇپ. نىمە پايدا كۆزلەيدىغاندۇر . ھەسەتخۇرلار يۇلۇمنى تۇسۇپ. نىمە دىگەن ياخشى مىسرالار ھە!!! تېمىڭىزغا رەھمەت، يوللاپ تۇرۇڭ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
1212adiba دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | شېرىنىڭىز شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ،بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيتىڭىزنىڭ تېخىمۇ مول بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
0903arzu38 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | دېلداش ئەپەندىم بەك ياخشى يېزىپسىز . سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىز ئادەمگە ھوزۇر ئاتا قىلىدىكەن راخمەت
جەمىيەتتىكى ئاشۇ يامان ئىللەتلىك كىشىلەرنى بەك ياخشى قامچىلاپسىز!!!!!!!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
pakakida دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | جەمىيەتتىكى ئاشۇ يامان ئىللەتلەرنى رەزىللەرنى ياخشى قامچىلاپسىز رەھمەت.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kumbah دەرىجىسى :تېما چولپىنى | سۆزۈم ساڭا ياقسۇن ياقمىسۇن،
مىنىڭ ساڭا پەرۋايىم پەلەك. رازۋىتكىچىم ئەمەس سەن مىنڭ، تىلىمەيمەن سەندىن بىر تىلەك. ياخشى يېزىپسىز. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
otkaxlar دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ھوي بولسا يوللاپتۇرۇڭلار مۇشۇنداق ياخشې شېرلارنېمۇنداق
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
otkaxlar دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ھوي بولسا يوللاپتۇرۇڭلار مۇشۇنداق ياخشې شېرلارنېمۇنداق
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئەسلىم دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھەجەپ ياخشى يىزىپ سىزەخمەتسىزگە بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتىڭىزنىڭ مۇل ھۇسۇل بىرشىگە تىلەك تاشمەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kanjiogul دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئۆز مۇقامىم ئۆزەمگە ئەلا ، ئۆزگىلەردىن قىلمايمەن تاما. يۈرەگىمدە ئارمانلىرىم بار، تىلىمەيمەن ھېچ كىمدىن پانا ناھايىتتى ئۆتكۇر مىسرالا-دە!!! قۇلۇڭلا دەت كۆرمىسىن ئاداش!!!!. | ||||
---|---|---|---|---|---|
nurlukzumrat دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئادەملەرنى پايلاپ جاسۇستەك،
ساراڭ بۇلۇپ سۆزلەپ يۈرمەيمەن. ھەسەت قىلىپ ياخشىلار ئۈچۈن، ياشاشنى ھېچ راۋا كۆرمەيمەن. نىمە دىگەن ياخشى مىسرالار ھە؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yarhulan دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئادەملەرنى پايلاپ جاسۇستەك،
ساراڭ بۇلۇپ سۆزلەپ يۈرمەيمەن. ھەسەت قىلىپ ياخشىلار ئۈچۈن، ياشاشنى ھېچ راۋا كۆرمەيمەن. بۇ كوپلىت ماڭا بەك ياقتى. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
qukan110 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەزمۇنى چوڭقۇر، تىلى كۈچلۇك، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى چوڭقۇركەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sumbulqaqkiz دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | شىئىر مەزمۇنىدا بۇرۇلۇش ياساپسىز دە...بۇ شىئىرىڭىزمۇ بەك ياخشى يېزىلىپتۇ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|