![]() |
| |||||
humar306
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى |
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئاتا تۈرك
ئىملاغا دىققەت قىلىڭ!!!
| باش سۈرەتنىڭ نەرىگە تاقىشىپتىكەن ؟؟؟
![]() ![]() ![]() | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
manan
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | داۋامىغا ئىنتىزارمەن ، تىزرەك يوللارسىز .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
naxtari
| مەنمۇ تېخى قايتىلانما تىمادەپ نەشتەرىمنى تازا بىر سانجىۋالاي دىسەم....~~~~~~<<نىيتى ياماننىڭ قازنى تۈشۈك>> دىگەن شۇدە.
![]() | ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
uqkun235
دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | سىزنىڭ سىنارىيىڭىزنى ئوقۇپ بۇنىڭ ناھايتى ياخشى بىر باشلىنىش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم . ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇشۇنداق نادىر ئەسەرلەرنىڭ ئاممىنىڭ باھالىشى ئارقىسىدا تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ .
راستىنى ئېيتسام مەن ئۇيغۇرلار ھازىر ئىشلەۋاتقان فىلىملەرنى ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن ( مېنىڭلا ئەمەس مەن خىلى مەن تۇنۇيدىغان خىلى كوپ سانلىق كىشىلەرنىڭ شۇنداق باھا بەرگىنىنى ئاڭلىدىم ) چۇنكى ، ھازىرقى كىنوچىلىقىمىزدا تەسىرلىك ، يىغلاڭغۇلۇق كورۇنۇش ھەدىدىن زىيادە كوپ ، كورۇپ بولغىچە ئادەمنىڭ ئىچىنى چىقىپ ، كىنو كورگەندەك ھاردۇق چىقمايدۇ . مەيلى باش قەھرىمان ياكى باشقىلار بولسۇن ھە دىسە ماڭقىسىنى ئېقىتىپ ، باشقىلاردىن روھى مەدەت تىلەيدىغان ئىش كوپ . مېنىڭچە بولغاندا باش قەھرىمان باش قەھرىماندەك قەيسەر ، قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان ، باتۇر..... بولىشى كېرەك . ( ئەرلەرگە نىسپەتەن ) سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ 6 - كۈرۇنۇشكىچە بولغان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 3 قېتىملىق يىغىنى كوردۇم ، كىنو تۇگىگىچە قانچە قېتىملاپ يىغلايدىغىنىنى پەرەز قىلالمىدىم . مۇشۇ نوقتىلارغا دىققەت قىلغان بولسىڭىز . كەچۈرۇڭ ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويدۇم . سىزنىڭ كەسپىڭىزگە ئۇتۇق ، تۇرمۇشىڭىزغا بەخىت ، خوشاللىق تىلەپ دوستىڭىز . | ||||
---|---|---|---|---|---|
gul-sanam
توغراق قىزى
| سىنارىيە ياخشى چىقىپتۇ ، پاجىئەلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرلىشىمۇ ، ئۇچقۇننىڭ سۆزىنى ئورۇنلۇق دەپ قارىدىم . كەلگۈسىدىكى كارخانچىمىزنىڭ ئاشۇ مەزگىلدىكى خاراكتىرنى تېخمۇ كۈچلۈك يارتىشىڭىزغا تېلەكداشمەن .
ئاخىرنى جىددى تەسەۋۇر ئىچىدە كۈتمەكتىمەن ، رۇخسانە كىم؟ ئالىمجاننىڭ سۆيگۈنىمۇ ؟ ئالىيە ساقىيالامدۇ؟ نامراتلىق ،يۈلەكسىز بۇ ئائىلىنى يەنە قانچىلىك قىيناركىن؟ ئالمجان بۇ ئىشتىن كىيىن ئۈزىگە باشقىچە ،پۇرسەت ئىزلەمدۇ؟ يىلىكى ماس كەلگەن كىشى كىم؟ ئۇ چۇقۇم ئالىمجان ، ناۋادا ئۇ ئالىمجان بولسىلا ، ئۇنىڭ ئانىسىغامۇ دىمەي ، ئاشۇنداق قەيسەر بۇلالىشى ئەڭ مۇھىمى ئانىسىغا ئۇختۇرماي ،ئانىسىنىڭ ئەندىشە قىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈنلا يۇشۇرۇن ھالەتتە تۇرىشىلا ، بىزدە ئالىمجاننىڭ كەلگۈسىگە ئالەمچە ئىشەچ پەيدا قىلغۇزىدۇ ..... مانا مۇۇشنداق تالاي تەسەۋۇر بىلەن ئولتاردىم ، داۋامىغا تەشنامىز. | ||||
---|---|---|---|---|---|
![]() |
niluper21
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | داۋامىغا ئىنتىزارمەن ، تىزرەك يوللارسىز !!!!!!!!!!!!!!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
humar306
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | كۆپچىلىكنىڭ سەمىمىي تەكلىپ-پىكىرلىرىگە چىن كۆڭلۈمدىن تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە شۇنى ئەسكەرتمەكچىمەنكى بۇ تېما دىيارىم مۇنبىرىدىكى سىراجىل ئىسىملىك بىر تورداشنىڭ ئەسىرى ئىدى.مەن بۇ سىنارىيەنى ھازىرغىچە قانچە قېتىملاپ ئوقۇغىنىمنى ساناپ بولالمايمەن.ھەر قېتىم ئوقۇسام ماڭا شۇنداق ئۆزگىچە تەسىر بېرىدۇ.بۇ سىنارىيەنى شۇنچە ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن شەبنەم مۇنبىرىدىكى دوستلار بىلەن بىللە ھوزۇرلىنىش مەقسىتىدە بۇ يەرگە يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن.
مەن بۇ سىنارىيەنىڭ داۋامىنى ئامالنىڭ بېرىچە ئەڭ تېز سۈرئەتتە تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش بىلەن بىرگە تورداشلارنىڭ ئالتۇندەك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئەسەر ئاپتورىغا يەتكۈزۈشكە تىرىشىمەن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
atabora
| ناھايىتى ياخشى ئەسەر بۇ !
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
walis-kvyi
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | خۇمار سىزدىن شۇنى سوراپ ئۆتكۈم كېلىۋاتىدۇ . سىز بۇ ئەسەرنى يوللاشتىن بۇرۇن ئاپتۇرنىڭ روخسىتىنى ئالدىڭىزمۇ ؟ سىز كىمنىڭ روخسىتى بىلەن ئەسەرنىڭ ماۋزۇسىنى ئۆزگەرىتتىڭىز ؟ ئەينى چاغدا مەن ئەسەرنى ئوقۇپ بولۇپ سىراجىل ( توردىكى ئىسمى ) غا ئەسەر ماۋزۇسىنى ئۆزگەرتىشنى ئېيىتقاندىم . ئەسەرنىڭ ماۋزۇسى شۇ چاغدا ئۆزگەرتىلگەن ( يۈرەكنى تىتىرتىدىغان مۇقەددەس دەرەخ رىشتىسى ) . ئاپتۇرنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن !
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kumbah
دەرىجىسى :تېما چولپىنى | داۋامىنى يوللڭ تەقەززا قىلماي؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
najmela
دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | داۋامىنى تىزراق يوللىسىڭىز بوپتىكەن .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
humar306
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | داۋامى:
(20) ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ.ﮬﻪﺷﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯧﺰﻩﻟﮕﻪﻥ ﺋﯚﻱ.ﺋﯚﻳﮕﻪ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺋﯩﺸﻜﺎﭘﻼﺭ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ.ﺗﯚﺕ ﺗﺎﻣﻐﺎ ﺋﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﮔﯩﻠﻪﻣﻠﻪﺭ ﻛﯚﺯﻧﻰ ﭼﺎﻗﻨﯩﺘﯩﺪﯗ.24ﺳﯘﯕﻠﯘﻕ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺗﯧﻠﯩﯟﯦﺰﻭﺭ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﭼﯧﻠﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻧﺎﺯﯗ-ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭ،ﻳﯧﺰﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﻣﯧﯟﻩ-ﭼﯧﯟﯨﻠﯩﺮﻯ ﺗﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻥ ﺗﯚﯞﻩﻧﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. -ﮬﻪ ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ.ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﺎﻣﺪﯗ؟ﺋﺎﻟﯩﻤﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﺪﯗ؟ﻗﯩﺰﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﻟﯩﻴﻪﻣﯘ ﺑﻪﻙ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﺪﻯ.ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﯨﯖﯩﺰ؟-ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ،ﻳﻮﻏﺎﻥ ﻗﻮﺳﺎﻕ 55 ﻳﺎﺷﻼﺭ ﭼﺎﻣﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ. -ﺋﺎﻛﺎ،ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺗﯜﮔﻪﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻣﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﭘﺎﺩﺍ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﭼﻮﯓ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ.ﺑﻪﺧﺘﯩﻤﮕﻪ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﻰ ﻏﻪﺭﻩﺯ ﺋﯘﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ،ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ.ﻛﯚﺯ ﺗﻪﮔﻜﻪﻧﺪﻩﻛﻼ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺪﻯ. -ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ؟ﺋﻮﭼﯘﻏﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺴﯩﯖﯩﺰﭼﯘ؟ -ﻗﯩﺰﯨﻢ ﺋﺎﻟﯩﻴﻪ«ﺋﺎﻕ ﻗﺎﻥ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ»ﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ.ﻳﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ 100ﻣﯩﯔ ﻳﯜﻩﻥ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻪﻥ.ﺷﯘﯕﺎ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﻰ-ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﺯﯨﺮﺍﻕ ﭘﯘﻝ ﻗﻪﺭﺯ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﺍﻣﺪﯨﻜﯩﻦ ﺩﻩﭖ...... -ﺋﺎﭘﻼ ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ.ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﺍ ﺑﺎﺭ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯚﻱ-ﺯﯨﻤﯩﻨﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯩﻤﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﺍ ﭘﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻼﺭﻛﻪﻧﻤﻪﻥ.ﺋﺎﻟﯩﻴﻪ ﻗﯩﺰﯨﻢ ﺋﯚﺯ ﻗﯩﺰﯨﻢ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ! ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺑﯘﺯﯗﻟﯩﺪﯗ.ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻟﯩﻖ ﻳﺎﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﺗﻪﻣﺸﯩﻠﯩﺪﯗ.ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺗﻮﯞﻻﻳﺪﯗ. -ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ،ﻧﯧﻤﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﻣﺎﯕﯩﺴﯩﺰ؟ﻳﻪﯕﮕﯩﯖﯩﺰ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﻪﺗﺴﯘﻥ،ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﻪﭖ ﻣﯧﯖﯩﯔ! ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻥ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. (21) ﻛﻪﭺ.ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﻳﺎﺗﯩﻘﻰ.ﺋﺎﻟﯩﻤﺠﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻴﻪﮔﻪ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﮕﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ.ﺋﺎﻟﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺗﺎﺗﯩﺮﯨﭗ،ﺭﻩﯕﮕﻰ-ﺭﻭﮬﻰ ﺳﯘﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. -ﺋﺎﻛﺎ،ﺋﺎﭘﺎﻣﻐﺎ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟2ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﻛﯧﻠﯩﭙﻤﯘ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪﯨﻐﯘ؟ -ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺗﺎﻏﺎﻡ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ﺋﯘﻛﺎﻡ،ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺩﺍﺩﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺗﺎﻏﺎﻣﻨﻰ ﻳﻮﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﺗﺘﻰ.ﺋﻪﺗﯩﻼ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻟﻐﯩﻦ-ﮬﻪ! -ﮬﻪ،ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻢ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ-ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ﺋﺎﻛﺎ.ﺳﯧﺴﺘﯩﺮﺍﻻﺭ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.ﻳﺎ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ،ﻳﺎ ﻣﯧﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺕ ﺩﯦﻤﻪﻳﺪﯗ.ﻣﻪﻥ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯧﻤﻪ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺋﺎﻛﺎ؟ -ﺳﻪﻧﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻳﻮﻕ ﺋﯘﻛﺎﻡ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﯨﻤﻪ.ﭘﺎﺕ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺴﻪﻥ.ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻝ. ﻳﺎﺗﺎﻕ ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﻰ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﯜﺭﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺋﺎﻳﻨﯘﺭ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ (30ﻳﺎﺵ) ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.ﺋﺎﻟﯩﻴﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﻪﻣﺸﯩﻠﯩﺪﯗ. -ﻳﺎﺧﺸﯩﻤﯘﺳﯩﺰ ﺋﺎﻳﻨﯘﺭ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ،ﺑﯘ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ...،-ﺋﺎﻟﯩﻤﺠﺎﻥ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. -ﺋﺎﻟﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﻨﻰ ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ.ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﻟﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺑﯩﻠﺪﯗﻕ.ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻥ ﻛﯚﺭﻣﻪﻱ ﺋﺎﻟﯩﻴﻪﻧﻰ ﺑﻪﻛﻼ ﻛﯚﺭﮔﯜﺳﻰ ﻛﻪﻟﺪﻯ. -ﻳﺎﺧﺸﯩﻤﯘﺳﯩﺰ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ؟-ﺋﺎﻟﯩﻴﻪ ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﺪﻩ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯜﭖ. -ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻗﻮﺯﻏﺎﻟﻤﺎﯓ ﺋﺎﻟﯩﻴﻪ،-ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩﻴﻼﻳﺪﯗ،-ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺮﺍﻕ؟ﺧﯧﻠﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰﻣﯘ؟ -ﺧﯧﻠﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ،ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺳﯩﺰﮔﻪ. ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﭼﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎﻟﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﻟﯩﺸﯩﺪﯗ. -ﺋﺎﻟﯩﻴﻪ،ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺴﯩﺰ؟ -ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺑﻪﻙ ﺳﯧﻐﯩﻨﺪﯗﻕ ﺋﺎﻟﯩﻴﻪ! -... ﺋﺎﻟﯩﻤﺠﺎﻥ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ ﻟﯩﻖ ﻳﺎﺵ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻳﺎﺗﺎﻗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. -ﺋﺎﻟﯩﻤﺠﺎﻥ،ﺋﺎﻟﯩﻴﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻜﻪﻥ؟ -«ﺋﺎﻕ ﻗﺎﻥ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ»،-ﺋﺎﻟﯩﻤﺠﺎﻥ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﮕﻪ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘﻗﯘﻟﺪﺍﭖ ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯗ. -ﻧﯧﻤﻪ؟!ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭﻣﯩﻜﻪﻥ؟ -ﺑﺎﺭﻛﻪﻥ.ﺋﻪﻣﻤﺎ 100ﻣﯩﯔ ﻳﯜﻩﻥ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﯕﻼﺭ ﺩﻩﻳﺪﯗ.ﺑﯩﺰﺩﻩ ﻧﻪﺩﯨﻤﯘ ﺋﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯚﭖ ﭘﯘﻝ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ؟ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻳﯧﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﯘﻝ ﻗﻪﺭﺯ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ،ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻳﻮﻕ.ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ-ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. -ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﯨﻤﯩﮕﯩﻦ،ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﻣﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ،ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ-ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻳﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﻛﯜﻟﯜﺷﯜﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻴﻪﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ.ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻐﺎ ﻣﻪﻳﯜﺳﻠﯜﻙ ﺋﻮﻟﯩﺸﯩﺪﯗ. (22) ﻛﻪﭺ.ﻳﯧﺰﺍ.ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻪﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﮬﻪﺷﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻥ.ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﯩﺴﻰ (48ﻳﺎﺵ): -ﯞﺍﻱ ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ،ﺑﯩﺮﻩﺭ ﭘﯩﻴﺎﻟﻪ ﭼﺎﻳﻐﺎ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺗﯧﮕﯩﭗ ﻗﺎﻳﺘﯩﯔ! ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻥ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺑﯘﺭﯗﻟﻤﺎﻱ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.ﺋﯧﻜﺮﺍﻧﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯘﻟﻐﯘﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﯕﺰﯨﮕﻪ ﺳﯩﺮﻏﯩﭗ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﮬﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﯚﺯ ﻳﯧﺸﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺪﯗ. (23) ﻛﻪﭺ.ﺟﯩﻨﭽﯩﺮﺍﻍ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﺩﯨﻴﻐﯩﻨﻪ ﺩﯦﮭﻘﺎﻥ ﺋﯚﻳﻰ.ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻥ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯩﺰﯨﻐﺎ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻳﯩﻐﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ.ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﯩﻲ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. -ﻳﯩﻐﻠﯩﻤﺎ ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺕ.ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﺎ-ﺋﺎﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﯩﻢ.ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺳﺎﺗﻘﯩﻦ.ﮬﯧﭽﺒﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ 30ﻣﯩﯔ ﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﻳﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺋﻪﻣﻪﺱ.ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﯨﻐﯩﻨﻰ ﺋﯚﭼﯜﺭﻣﻪﻳﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯘ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼﯞﯦﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ. -ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ،ﺟﯧﻨﯩﻢ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ.ﻣﺎﯕﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺷﯘ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ. (24) ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ.ﺳﯩﻨﯩﭗ.ﺋﺎﻳﻨﯘﺭ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻛﺘﻪ: -ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﻟﯩﻴﻪ «ﺋﺎﻕ ﻗﺎﻥ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ»ﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻛﺎﺭﯞﯨﺘﯩﺪﺍ ﻗﯩﻴﻨﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ.ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﯙﺭﯙﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ100ﻣﯩﯔ ﻳﯜﻩﻧﻨﻰ ﺗﯚﻟﻪﺷﻜﻪ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﯘﻧﯘﺵ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ.ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯕﻼﺭﻏﺎ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. (داۋامى بار) | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
humar306
دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Quote:بۇ يازما9قەۋەتتىكىwalis-kvyiنىڭ2008-10-08 11:54يوللىغان : كەچۈرىسىز ۋالىس كۈيى.مەن بۇ يېرىنى بىلمەي قاپتىمەن.بۇ ئەسەرنى يوللاشتىن بۇرۇن مەن دىيارىم مۇنبىرىدە سىراجىلغا ئۇچۇر يوللاپ ئۇنىڭ رۇخسىتىنى ئالغان.ئەسەرنىڭ ماۋزۇسىنى ئۆزگەرتىپ قوياي. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yoltap
دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ئامال يوق
ئۇدىگەن سىنارىيە . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
![]() |