گۆشنى كۆپ ئىستىمال قىلىش:ئامېرىكا ئو زۇقلۇقشۇناسلىرى ئىلگىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىغا ئاساسەن گۆش ئىستېمال قىلىشنى، يەنى 50 كىلوگراملىق بىر ئادەمنىڭ كۈنىگە پەقەت 300 گرام گۆش يېيىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان، چۈنكى بۇنداق بولغاندا بۆرەك خىزمىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبلىك بۆرەك ئاجىزلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن؛
تۇزنى كۆپ ئىستىمال قىلىش:بۆرەك بىز كۈندىلىك ئىستېمال قىلىدىغان تۇزنىڭ %95 ىنى ماددا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئەگەر تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلىۋەتكەندە، بۆرەكنىڭ خىزمەت بېسىمى ئېشىپ، بۆرەككە ئاسانلا زەخىم يېتىدۇ؛
قان بېسىمنىڭ يۇقىرلىقى:قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تۈرلۈك بېسىملارنىڭ يۇقىرى بولغانلىقىدىن بولۇپ، ئادەتتە كىشىلەر ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ، قان بېسىمىنى ۋاقتىدا كونتىرول قىلمىغاندا بۆرەك ۋە ئىچكى ئەزالارنى زەئىپلەشۈرۈۋېتىدۇ؛
كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان دورىلارنى يېيىش: كىشلەرنىڭ يىلاننىڭ ئۆتى، ئوتخور بېلىقنىڭ ئۆتى قاتارلىق جۇڭيىچە دورىلارنى ساقلىق ساقلاش دورىسى ئورنىدا قارىغۇلارچە ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن بۆرىكىنىڭ ناھايىتى تېزلا زەئىپلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆپ ئاڭلايمىز، شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر جۇڭيىچە دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىرى يوق، دەپلا كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان دورىلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ، بۆرەك ۋە باشقا ئەزالارنى زەئىپلەشتۈرۈۋېلىشتىن ساقلىنىشنى تەكىتلەيدۇ.
مەنبە:ساغلاملىق ژورنىلى
تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولماقچى بولسىڭىز مىللىتىم مەدىنىيەت تارىخ سەھىپىسىگە مەرھەمممەت!
بىكەت ئادىرسى:
http://mediniyet.millitim.com