ئەرلەرگە تەۋسىيە] ئايالىڭىزنىڭ قانچىنچى نۇمۇرلۇق ئاياغ كىيىدىغانلىقىنى بىلەمسىز ؟
خىزمەتدىشىمىز راخمان كاماندىروپكىدىن قايتىپ كىلىپ بۈگۈن ئىشقا چۈشكەنىدى ، ھەممىمىز ئۇنىڭدىن قىزغىن ئەھۋال سورىدۇق .بىراق ئۇ بىزگە سوغوقلا جاۋاپ قايتۇردى ، روھى ھالىتىدىن بىرەر كۆڭۈلسىز ئىشقا يۇلۇققانلىقى چىقىپ تۇراتتى .
_راخمانجان ، نىمە بولدىڭىز ؟ ئۇتتۇرۋەتكەن قىمارۋازدەكلا سالپىيىپ قاپسىزغۇ ؟ _ ھەممەيلەن تەڭلا دىگۈدەك سۇراشتۇق .
_بولدى سورىماڭلار ، كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق ._ دىدى راخمان. بىز تەرەپ-تەرەپتىن ئۇنىڭغا يېپىشىۋالدۇق .
_سەۋەبىنى دىمىسىڭىز بولدى قىلمايمىز .
_بۇلاڭچىغا ئۇچرىمىغانسىز ؟
_بۇ قېتىم سەپەردە توشقىنىڭىز قېچڭپ كەتتىمۇ -يە ؟
...
_قۇيۇڭلار بۇنداق چاق-چاقلارنى ! مىنى بىلىسىلەرغۇ ، قاچان بىر ئاتقان ئۇقۇم زايە كەتكەن مىنىڭ . شۇغىنىسى ئائىلىدىكى ئىشلارنى سىرىتتىكى ئىشلارغا ئوخشاتقىلى بولمايدىكەن ، بۇلۇپمۇ ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى . ھەي قارىمامسىلەر ، مەن ئەزەلدىن كاماندىروپكىغا بارسام ئايالىمغا بىر نەرسە ئالغاچ كەلمەيتىم . قولىغا پۇلنى تۇتقۇزۇپلا '' خالىغىنىڭنى ئېلىپ كەي '' دەپ قۇتۇلاتتىم. بۇ قېتىم قانداق شەيتان ئازدۇردىكىن ، قىممەت باھالىق بىر ئاياغ ئالغاچ كەلگەنتىم ، ئاياغنى كۈرۈپ خۇش بولىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن ، نەدىكىنى ، دەسلەپ خۇش بولغاندەك قىلاتتى ،كىيىن قاپاقلىرىنى تۈرۈپ :«نېرى ئاپىرىڭ بۇ بىرنىمىڭىزنى ! كىمگە ئاتاپ ئالغان بولسىڭىز شۇنىڭغا ئاپىرىپ بىرىڭ ! » دەيدۇ ؟!؟! . «ساڭا ئالماي كىمگە ئالاتتىم ؟» دىسەم :« مەن 36 نۇمۇرلۇق ئاياغ كىيىدىغان تۇرسام ، نىمە دەپ 39 نۇمۇرلۇق ئاياغ ئەكەلدىڭىز ئەمىسە ؟ مەن بۇنى بۇۋىقىمىزغا بۈشۈك قىلىپ بەرسەم ياكى ئىتىمىزغا يالاق قىلىپ بەرسەم بولغىدەك ... » دەيدۇ . قارىمامسىلەر ئۇنىڭ تەتۈرلىكىگە . مەن ئۇنىڭ قانچىنچى نۇمۇرلۇق ئاياغ كىيىدىغىنىنى نەدىن بىلەي ؟ ئەكىلىپ بەرگەندىكىن خۇش بۇلۇپ كىيسە ، كەيمىسە ساقلاپ قويسا بولمىدىمۇ ؟ « توي قىلغىنىمىزغا يەتتە يىل بولغان تۇرسا ، شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى مىنىڭ نەچچىنچى نۇمۇرلۇق ئاياغ كىيىغانلىقىمغىمۇ دىققەت قىلمىغان بولسىڭىز ئۇنداقتا سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە مەن يوق ئىكەنمەن » دەپ چالۋاقاشلىرىنى نىمە دەي تېخى . خوتۇن خەق دىگەن ھەقىقەتەن ھاماقەت بولىدىكەن . ئاياغ بىلەن كۈڭۈلنىڭ نىمە مۇناسىۋتى بولسۇن ؟
ئىشخانىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا بۇلۇشۇپ كۆڭلىنى ياساپ تەسەللى بىرىشتى . لىكىن مەن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم . راست،ئاياغ بىلەن كۈڭۈلنىڭ نىمە مۇناسىۋتى ؟ ئۇنداقتا كۈڭۈل دىگەن زادى نىمە ؟ «سۇغا سالساڭ كۈتۈرمەس مىسقان تۈمۈرنى ، ئالتۇن بىرىپ ئېلىپ بولماس قالغان كۈڭۈلنى ». دىمەك ، كۈڭۈلنىڭ ئالتۇن بىلەنمۇ مۇناسىۋتى يوقكەن . ئۇنداقتا زادى نىمە بىلەن مۇناسىۋتى باردۇ ؟
ئىرى سوۋغات ئەكىلىپ بەرگەن ئايالنىڭ خۇش بولماسلىقى مىنىڭچە راخمان دىگەندەك ھاماقەتلىكتۇر ، ئەمما 36- نۇمۇرلۇق ئاياغ كىيىدىغان ئادەمگە 39- نۇمۇرلۇق ئاياغ ئاكىلىپ بەرسە يەنە خۇش بۇلۇشنىڭ ئۆزى تېخىمۇ ھاماقەتلىق بولىشى مۇمكىن . «مەن ئۇنىڭ قانچىنچى نۇمۇرلۇق ئاياغ كىيىدىغىنىنى نەدىن بىلەي... ؟ » . ئەلۋەتتە ، ئەرلەر بەزى ئىنچكە ئىشلاردا تولىمۇ بىپەرۋا كىلىدۇ . توي قىلغىنىغا ئون يىل بولغان بىر ئەرنىڭ ، ئايالىنىڭ يۈزىدىكى مەڭنىڭ قايسى تەرەپتىكى مەڭزىدە ئىكەنلىكىنى دەپ بىرەلمىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ۋاختىڭىزدا قانداقراق تەسراتتا بولارسىز ؟ ھەممىسىنى ئەرلەرنىڭ بىپەرۋالىقى دەپلا ئۆتكۈزۋەتكىلى بولامدۇ ؟ ئەرلەرنىڭ ھەممىسى بىپەرۋامۇ ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس ، بۇنداق دىسەك ئەستايىدىل ئەرلەرگە ئۇۋال قىلغان بولىمىز . مىنىڭچە بىپەرۋا ئەرلەرگە قارىغاندا ئەستايىدىل ئەرلەر يەنىلا كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ . «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلىدا ئىلان قىلىنغان بىر ماقالىدا ئېيىتلغاندەك ، كۆزلىرى مەھكەم تېڭىۋىتىلگەن بىر ئەنىڭ بەش نەپەر ئايالنىڭ قولىنى سىلاش ئارقىلىق ئارىسىدىن ئۆز ئايالىنى تېپىپ چىقالىغانلىقى ئەرلەرنىڭ ئەستايىدىللىقىنى چۈشەندۈرۈشكە تۇلۇق ئاساس بولالايدۇ . مىنىڭچە توي قىلغىنىغا يەتتە يىل بولغان ئەرنىڭ ، ئۆز ئايالىنىڭ قانچىنچى نۇمۇرلۇق ئاياغ كىيىدىغانلىقىغا دىققەت قىلمىغانلىقىنىڭ ئۆزى ئادەمنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ . ئاالىغا كۈڭۈل بۈلىدىغان ئەر چۇقۇم ئايالىنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا كۈڭۈل بۈلۈشكە تىگىشلىك . ئەجىبا ئاياللارمۇ ھەممىىگە كۈڭۈل بۈلۈپ ئۈلگۈرىدىغۇ ؟!؟! ئىرىنىڭ ، بالىلىرىنىڭ قانچىنچى نۇمۇرلۇق ئاياغ كىيىدىغىنىنى ؛ قانداق رەڭنى ؛قانداق پاسوننى ياخشى كۆرىدىغىنىنى ؛ قانداق تاماققا ئامراقلىقىنى ؛ ئارزۇسى ؛ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكرىگە قەدەر ھەمىنى بىلىدۇ . ئائىلىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى شۇنىڭغا قاراپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ . ھەتتا ئىرىنىڭ بوي ئىگىزلىكى؛ بەل ئايلانمىسى قاتارلىقلارنىمۇ بىلىدۇ ، ئىرى بولمىسىمۇ ئۆز ئۆلچىمىگە ئاساسەن بىلىگە دەل كىلىدىغان شىملارنى ، بوينىغا دەل كىلىدغان گالىستۇك ، چاپان - كۆينەكلەرنى سېتىۋالالايدۇ . ئايالىڭىز سىزگە سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ بەرگەن كىيىملەرنىڭ سىزگە دەل كەلمەيدىغىنى يوق دىيەرلىك . ئارىمىزدا ئايالىنىڭ قانچىنچى نۇمۇرلۇق ئاياغ كىيىدىغىنىنى ئەمەس ھەتتا ئۆزىنىڭ قانچىنچى نۇمۇرلۇق ئاياغ كىيىدىغىنىنىۇ بىلمەيدىغان ئەرلەر يوق ئەمەس.
تويدىن ئىلگىرى قىز دوستىڭىزنىڭ كىيىملىرىنڭ ياراشقان- ياراشمىغانلىقىغا دىققەت قىلىسىز ، ھەتتا ماختاپمۇ قويىسىز . چۈنكى سىز ئۇنى ياخشى كۆرىسىز ، ئۇنڭ قەلبىدىن ئۈمۈرلۈك ئۇرۇن ئېلىشنى ئىستەيسىز . بىراق تويدىن كىيىنلا ھەممىگە سوغوق قارايدىغان ، ئايالىڭىز نەچچە يىلدىن بېرى كىيىۋاتقان كىيمىنى دەزماللاپ قايتىدىن كىيىۋالسا «يېڭىدىن سېتىۋالدىڭمۇ ؟»دەپ سورايدىغان بىپەرۋالىق ئىللىتىنى ئۆزىڭىزگە يۇقتۇرۋالىسىز . سىز ئىنتىلگەن بەخت زادى قانداق بەخت ئىدى ؟ كۈڭۈل كۈڭۈلدىن سۇ ئىچىدۇ . بويى بىلەن تەڭ بىرىپمۇ ئىرىشەلمىگەن كۈڭۈل بەزىدە بىرلا جۈملە شىرىن سۆز بىلەن قەلبى سىماپتەك ئىرىپ كىتىشى مۇمكىن . ئاياللارنىڭ قەلبى تولىمۇ نازۇك ۋە ئۆزگىچە . ئۇ ئەزەلدىن ئۇنچىۋىلا كۆپ نەرسە تەلەپ قىلىپ كەتمەيدۇ . بەزىدە تاغدەك قەسەم دۆۋىسى ، بۈيۈك ۋەدىلەر ، ماددى مەئىشەت ، قىممەت باھالىق زىبۇ-زىننەت ، ئىسىل كىيىم-كىچەكلەر ... يېقىملىق بىر كۈلۈمسىرەشنىڭ ، بىرەر ئېغىز شىرىن سۆزنىڭ ، بىر تال گۈل ، بىر تال ئاتكىرىتكا ، بىر پارچە سالام خەت ياكى ئاددى ئەمما دەل جايىغا چۈشكەن بىر پارچە سوۋغاتنىڭ ئورنىنى باسالماسلىقى مۇمكىن . بۇنىڭلىق بىلەن سىز ئاياللارنى ئەخمەق دەپ ئەيىپلىيەلەمسىز ؟ ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايسىز . ئاياللارنىڭ قەلبى تولىمۇ سىرلىق ۋە مۇرەككەپ . بەزىدە ئۇنىڭ قەلبى سىزگە ھېچنىمىگە قانائەت قىلمايدىغاندەك كۈرۈنسە ، بەزىدە شۇنداق ئاددى نەرسىلەردىن رازىمەنلىك ھىس قىلغىنىنى كۆرگىنىڭىزدە ھەقىقەتەن ھەيران قالىسىز . ناۋادا ئۇلارنىڭ قەلبى شۇ قەدەر سىرلىق بولمىسا سىز ئۇنىڭغا تە؛پۈنەرمىدىڭىز ؟! ئەر-ئايال ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتنىڭ ھەممىسى ھىكايە -رومانلاردا تەسۋىرلىگەندەك ، كىنو-تىياتىرلارداقۇيۇلغىنىدەك ئۇنداق تەسىرلىك ۋە دەبدەبىلىك بۇلۇشى ناتايىن . ئاددى ئىشلاردا ،ئادەتتىكى شەكىلدە ئىپادىلەنگەن مۇھەببەت تېخىمۇ يېقىملىق ۋە سىھىرلىك بولىدۇ . ئائىلە مۇھەببەتنىڭ ئۇۋىسى . مۇھەببەت ئاسراشقا ، كۈڭۈل بۈلۈشكە ۋە پەرۋىس قىلىشقا مۇھتاج. ئاياللار قەلبىنى مىھىر بۇلىقىنىڭ سۈيى بىلەن سۇغۇرۇپ تۇرمىسا مۇھەببەت گۈللىرى قۇرۇپ كىتىدۇ . ناۋادا بۇ گۈللەر تېخىمۇ ئېچىلىپ خۇشپۇراق چاچسۇن دىسىڭىز تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلارغا سەل قارىماڭ ! مىھرىبانلىق ، كۈيۈنۈش ۋە ئۆز-ئارا كۈڭۇل بۈلۈشلەر مۇھەببەتنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇزۇقى .
سىز قىلچىلىك ھۇدۇقماي :« شۇنداق قىلالىدىم! » دىيەلەمسىز ؟ ئۇنداقتا جاۋاپ بىرىپ بېقىڭ ! ئايالىڭىز قانچىنچى نۇمۇرلۇق ئاياغ كىيىدۇ ؟
ئاپتور : مىھرىگۈل ئابلىز مەنبە : « شىنجاڭ ئاياللىرى » ژۇرنىلى
ئاخىردا بۇ تىمىنى يولاشقا ياردەم قىلغان سەبىخە ھەدەمگە كۆپ رەھمەت،سەبىخە ھەدە تۇرمىشىڭىزغا خۇشاللىق تىلەيمەن![ يوللىغانylkunتەرىپىدىن2008-10-08 04:35قايتا تەھرىر ]