قىرغىزىستاندىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 74 كە يەتتى
قىرغىزىستاندا يۈر بەرگەن 5 - ئۆكتەبىردىكى يەر تەۋرەشتە ھازىرغا قەدەر قازا قىلغانلارنىڭ سانى 74 كە يەتتى ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 41 ى بالىلار ئىكەن .
چەت يىراق يىزا بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىدى ، قازا قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى بالىلار ئىكەن . قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئاخىرلاشمىغانلىقى ئۈچۈن ، قازا قىلغانلارنىڭ سانى يەنە داۋاملىق ئىشىشى مۇمكىن ئىكەن .
قىرغىزىستان ئەلباشى (زۇڭتۇڭى) باقايىف 7 - ئۆكتەبىر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ماتەم كۈنى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى . شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇ يەنە ھەر قايسى كومىتېت ۋە مېنىستىرلىكنىڭ چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئاپەت رايونىغا ياردەم بىرىشنى ھەم ئۆلگەنلەرنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى .
جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىمىنىڭ ئىيتىشىچە ، ھازىرغا قەدەر قىرغىزىستاندىكى يەر تەۋرەشتە جۇڭگولۇقنىڭ ئۆلگەن - يارىلانغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات يوق ئىكەن . سۈرەتتە : ئاپەت رايونىدىكى بىر بوۋاي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيىنىڭ ئالدىدا
http://news.sina.com.cn/w/2008-10-07/091216408508.shtml