| ||||||
sabiha bbs.xabnam | شەبنەمدىكى ئالى ئەزا شائېرە قىز qogluk3.8 بىلەن سۆھبەتبۇ تىمىنى qinmodan ئىلگىرلەتتى(2008-10-07)
شەبنەمدىكى ئالى ئەزا شائېرە قىز qogluk3.8 بىلەن سۆھبەت! شەبنەم خەلق گېزىتىنىڭ ئىختىيارى مۇخبىرى سەبىخە بىلەن شەبنەمدىكى ئالى ئەزا شائېرە قىز qogluk3.8 بىلەن ئايەملىك مۇنبەردە پەتىلەشكەچ قىسقا ئۈچۈر ئارقىلىق سۆھبەتلەشتىم. قىنى ئەمىسە تورداشلار سىلەرمۇ بىرگە بۇ سۆھبىتىمىزگە ئورتاقلىشىڭلار : ئەسالامۇ ئەلەيكۇم چوغلۇق سىڭلىم ياخشىمۇ سىز! چوغلۇق دېگەن بۇ ئىسىمنى قوللىنىشىڭىزدا بىرەر سەۋەب بارمۇ؟ ئەسلى ئىسمىڭىزچۇ؟ توردىكى باش سۆرىتىڭىز ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بىرىپ ئۆتسىڭىز ؟ سىزنىڭ تەرجىمھالىڭىزنى بىلسەم بۇلامدۇ؟ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام سەبىخە ھەدە سالامەت تۇرۇپسىز . ئالدى بىلەن ئۇلۇغ اللەدىن ئىشلىرىڭىزغا ئاسايىشلىق تىلەيمەن. شەبنەم مۇنبىرىدىكى بارلىق دوستلۇرۇمغا چوغلۇقتىن ئوتلۇق سالام ! سىلەر بىلەن بۇ سۆھبەت ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم يۈز كۈرۈشۈشۈش پۇرسىتىگە ئىرىشكىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن . توردىكى ئىسمىم چوغلۇق . مەن تۇلۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىمدا تارىم ژورنىلىنىڭ بىر سانىنى ئۇقۇپ قالدىم ، ئۇنىڭدا «چوغلۇق» سەرلەۋھىلىك بىر پوۋست بار ئىكەن ، بۇ ئەسەر ماڭا بەكلا تەسىر قىلغان ئىدى ، بۇ ئەسەردە چوغلۇق گۈلىنى تاغ باغرىدا ئۈسىدىغان بىر گۈل، ئۇ جۇدۇن -چاپقۇنغا ئۇچرىغانسىرى شۇنچە جۇلالىنىدۇ ، قىشمۇ -ياز ئېچىلىپ تۇرىدۇ ، ئۇ مۇھەببەتنىڭ بۇران -چاپقۇنىغا سىمۋۇل قىلىنىدۇ دەپ يىزىلىپتۇ ، چوغلۇق گۈلىنى كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ لىكىن بۇ گۈلنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالدىم ، كىيىن مەرھۇم يازغۇچىمىز ماخمۇتجان ئىسلام ئاكىمىزنىڭ «چوغلۇققا مەدىھيە» دىگەن نەسىرىنى كۆردۈم . يەنە ئەدەبىيات دەرىسلىكىمىزدىكى «چوغلۇق باللادىسى » دىگەن ئەسەرنى كۆردۈم . كۈنسىرى بۇ گۈلگە بولغان مۇھاببىتىم ئېشىپ بارماقتا ئىدى . ئەگەر ئالى مەكتەپكە ئۆتسەم بۇ گۈلنىڭ ئىسمىنى ئۆزەمگە تەخەللۇس قىلىپ قوللىنىمەن دىگەن ئىدىم . ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كىيىن بۇ گۈلنىڭ ئىسمىنى ئۆزەمگە تەخەللۇس قىلىپ قوللاندىم. شۇ جەرياندا ئالىكساندىر كىچىك دىيۇمانىڭ «چوغلۇق قىز » دىگەن رومانىنىمۇ ئۇقۇپ چىقتىم ، بۇ ئەسەردىكى باش پىرسۇناژنىڭ كەچۈرمىشى تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئىكەن . ئەڭ بۇرۇن مىنى جەلىپ قىلغىنى بۇ كىتاپبنىڭ ماۋزۇسى بولغان ئىدى ، پەقەت تەخەللۇسۇم ئوخشاش بولغىنى ئۈچۈنلا بۇ كىتابنى قۇلۇمغا ئالغان ئىدىم . ئۇقۇشتىكى چاغلىرىمدا ساۋاغداشلىرىمنىڭ ھەممىسى دىگۇدەك مىنى چوغلۇق دەپ چاقىراتتى ، خىزمەتكە چىققاندىن كىيىنمۇ خىزمەتداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى مىنى تەخەللۇسۇم بۇيىچە ئاتايدىغان بۇلىۋالدى، ھەتتا ئۇقۇغۇچىلىرممۇ بۇ تەخەللۇسۇمنى بىلەتتى ، چۈنكى مەن مەتبۇئاتلاردا مۇشۇ تەخەللۇس نامىدا ئەسەرلىرىمنى ئېلان قىلدۇرۇپ كىلۋاتاتتم . مەن چوغلۇق دېگەن بۇ نامنى قوللىنىپ كىلۋاتقىلى 9يىل بوپتۇ ، تەخەللۇسۇمنى خۇددى ئۆزۈمنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىدەك ، ئىسمىدەك ھىس قىلىمەن ، بۇ نامنى شۇنداق ياخشى كۆرىمەن . توردىكى باش سۆرىتىمگە كەلسەم بۇ چوغلۇق گۈلىنىڭ سۆرىتى ، ئىلگىرى باشقا بىر گۈلنىڭ سۆرىتى بار ئىدى ، بىر كۈنى ئۇيغۇر ئاي سىڭلىم «بۇ چوغلۇق گۈلى ، باش سۆرىتىڭىزگە كىرگۈزۋېلىڭ» دەپ ئۇ سۆرەتنى ماڭا ئەۋەتىپتۇ . بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدۇم . رىئاللىقتىكى ئىسمىم مېھرىبان نىياز .1981 -يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى كۈسەن دىيارىنىڭ دۆڭقوتان يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . مىنىڭ ئىسمىمىنى مەرھۇم چوڭ دادام قۇيۇپتىكەن ، مەكتەپكە ئەمدىلا كىرگەن چاغلىرىمدىن تارتىپ چوڭ دادام ئۆگىنىشىمگە كۆڭۈل بۈلەتتى، دىنى ساۋادنىمۇ ئۆزى بىر قوللۇق بەرگەن ئىدى. ئاتامدىن ئاڭلىشىمچە چوڭ دادام ئىلمى كۆپ ئىمام بۇلۇپ ھەر جۈمە كۈنى ئۆز ھويلىسىغا جامائەتنى يىغىپ ، نامازغا باشچىلىق قىلىدىكەن . ئاتام مەكتەپتە ئۇقۇمىغان بولسىمۇ لىكىن يىزىقنى ئۆزى تىرىشىپ ئۆگىنۋاپتىكەن. ئاپام - ئاتام كىتاپقا ھېرىسمەن كىشىلەر . بۇلۇپمۇ ئاپامنىڭ ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكلىرى ئىسىمدە شۇنداق ئېنىق تۇرۇپتۇ . بۇ مۇھىت گۆدەك قەلبىمگە ئۆگىنىش مۇھىتىنى ھىس قىلدۇرسا كېرەك ، كىچىك چاغلىرىمدىن باشلاپ ئۆگىنىشكە تولىمۇ قىزىقاتتىم ، سىڭلىم ئېلىبە كىتابىمنىڭ تېشىنى يىرتىۋەتكەندە بەك يېغلىغان ئىدىم ، ئەمدى ئويلىسام شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ماڭا كىتاپنىڭ ئۇتى تۇتىشىپتىكەن دەپ ئويلاپ قالىمەن . 1999-يىلى شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋىرسىتىنىڭ تارىخ كەسپىگە قۇبۇل قىلىندىم . ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن بولساممۇ لىكىن ئائىلىمىزدە قىيىنچىلىق بولغانلىقى سەۋەبلىك خېلى تەستە ئۇقۇش تاماملىدىم . ئۇقۇش جەريانىدا ئۆيدىكىلەر ئامال بار مىنى ئىقتىساتتىن قىسىپ قويمىدى ، مەن بىر تەرەپتىن مەكتەپ كۈتۈپخانلىرىدا ئىشلدىم ، تىرىشىپ ئۆگەندىم ، تىل تەربىيلەش كۈرىسلىرىغا قاتناشتىم ، ئۆزۈم قىزىققان پىسخولۇگىيە ، پەلسەپە ، تارىخ قاتارلىق ئىجتىمائى پەنگە ئائىت كىتاپلارنى كۆپ ئۇقۇدۇم ، ئەتراپىمدىكى دوسلار بىلەن مۇشۇ ساھەدە كۆپلەپ پاراڭلاشتىم ، تەپەككۇر نامراتلىقىغا چىدىمايتىم ، داۋاملىق بىر نەرسىلەرنى ئويلاپلا تۇراتتىم ، يېنىمدا پول بولسىلا قورساق مەسلىسىنى ئويلاشمايلا كىتاپ ئالاتتىم ، شۇڭا ئۇقۇش پۈتتۈرگەندە بەش يىللىق مۈلكۈم بولغان بەش يىشىك كىتاب ، بىر چامدان كىيىم بىلەن يېنىپ كەلگەن ئىدىم .2004 -يىلى ئاسپىرانىتلىق ئىتىھانغا قاتنىشىپ ئۆتەلمەي قالدىم ، شۇنىڭ بىلەن ئىختىساسلىقلار بازىرىدا شايار ناھىيىسى بىلەن توختام تۈزۈپ ، ھازىرغىچە شايار ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەپ كىلۋاتىمەن . ئەمدى ئويلاپ باقسام مىنىڭ يەنە يۇقىرلاپ ئۇقۇماي خىزمەت قىلىشنى تاللىشىم، چىكىنىپ تۇرۇپ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىشىم ھىساپلىنىدىكەن . ئادەتتە كۆپرەك ۋاختىم كىتاپ ئۇقۇش بىلەن ئۈتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا تىكتاك توپ، پەي توپ ئويناشقا قىزىققاچقا بەزىدە دوستلۇرۇم بىلەن ، بەزىدە ئۇقۇغۇچىلىرىم بىلەن ئويناپ قۇيىمەن . يەنە مۇزىكا ئاڭلاشنى بەك ياخشى كۆرىمەن ، كىتاپ كۆرگەچ مۇزىكا ئاڭلاش مىنىڭ ئادىتىم . ئەڭ مۇھىمى كۈنلەر گۈزەل ھەم مەنلىك ئۆتسىلا بولدى دەپ قارايمەن . مىنىڭ بىلىشىمچە سىز ئالي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئاتا-ئانىڭىزدىن ئايرىلىپ يېراق بىر ناھىيىدە ئۇقۇتقۇچىلىق قىلۋتىپسىز . مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە ئۇقۇتقۇچىلىق ئاسان ھۆددىسىدىن چىقىدىغان خىزمەت ئەمەس ، سىز بۇ جەرياندا قانداق قىيىنچىلىقلارغا يۇلۇقتىڭىز؟ بۇ قىيىنچىلىقلارنى قانداق يەڭدىڭىز ؟ مەن ئۇقۇتۇش پىراكتىكىسىنى ئۇرۇمچى شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپتە قىلغان ، بۇ پىراكتىكىدىن بۇرۇن مەندە ئۇقۇتقۇچى بۇلۇش ئارزۇسى يوق ئىدى ، ئۆزۈم قىزىققان ساھەدە تەتقىقاتچى بولسام دىگەننىلا ئويلاپ كەپتىكەنمەن . پىراكتىكا جەريانىدا ئۆزۈمنى تولىمۇ بەخىتلىك ھىس قىلدىم ، مىنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرىم تېخى ئەمدىلا تۇلۇقسز 1-يىللىقتا ئۇقۇيتى ، شۇنداق ئوماق ، شۇنداق سەبى ، قانداق گەپلىرى بولسا ماڭا دەيتتى ، مەن دەرىستىن باشقا ۋاقىتلاردا ئۇلار بىلەن بىللە ئوينايتىم ، بىللە تاماق يەيتىم . بۇلۇپمۇ مىيىپ بىر ئۇقۇغۇچىمنىڭ قىنچىلىق ئالدىدىكى جاسارىتى ، پىسخىكا ساغلاملىقى مىنى تولىمۇ قايىل قىلغان ئىدى . بۇلاردىن ئايرىلىدىغان ۋاختىمدا كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياشلار ئاقىتى. ئۇقۇغۇچىلار تەنتەربىيە دەرسى ئۈچۈن سىنىپتىن ئايرىلدى ، سىنىپتا يالغۇز قالدىم ، دوسكىغا ساۋاغداشلار ياخشى ئۆگىنىڭلار دېگەن خەتنى يازالىدىم ، ئارقامغىمۇ قارىماي مەكتىپىمگە ماڭدىم ، يېنىمدا ئىككى دوستۇم بار ئىدى ، كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن ، مەكتەپكە كەلگۈچە ئۇلارغىمۇ بىر ئېغىز گەپ قىلماپتىمەن . مەن شۇ چاغدا مەندە ئۇقۇتقۇچى بۇلۇشقا لايىق بىر ھەقىقىي يۈرەك بار ئىكەن ، مەن پەقەت ۋە پەقەت ئۇقۇتقۇچى بۇلىمەن ، ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق كەسىپنى تاللىمايمەن دىېگەن ئىدىم ئۆزۈمگە . كىيىن راستىنلا ئۇقۇتقۇچى بولدۇم . يېڭى خىزمەتكە چىققان ۋاقىتلىرىمدا كۆپ كىتاپ كۆرۈشكە توغرا كەلدى ، چۈنكى ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىم چوڭ جەھەتتىن بولسا دەرىسلىك كىتاپتا ئۇششاق مەزمۇنلار جېق ئىكەن، شۇڭا بەزى كۈنلىرىم كىتاپنى تۇتقانچە ئۇخلاپ قالاتتىم . يەنە بىرى تارىخ دەرسىگە بالىلار قىزىقىپ كەتمەيدىكەن ، تارىخ بېشىم ئاغرىخ دىگەن خەتلەرنى بەزىدە دوسكىغا يىزىپ قۇيىدىكەن . بۇ مەسلىنى ئويلاندىم . ئۇلارغا تارىخ توغرىىلىق ، تارىخ ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈريىتى توغرىلىق سۆزلىدىم . بەزىدە كىتابلىرىنى سالدۇرۋىتىپ بالىلار ھازىرقىدەك پەيىتتە جىددى ئويلانمىسا بولمايدىغان مەسىللەردە ئۇلارنى سۆزلەشكە قويدۇم ، بۇ نداق ۋاقىتلار ھەممىدىن بەك قىزىپ كىتەتتى ، مىنىڭچە مۇشۇنداق ئۇرۇنلاشتۇرغان دەرىسلىرىم ئۇنتۇلماس دەرىس بولدى دەپ ئويلايمەن ، يەنە بەزىدە ئۆز مىللىتىمىزنىڭ تارىخى ئۈستىدە سۆزلەپ بەردىم ، شۇنداق قىلىپ بارا -بارا ئۇلارنى قىزىقتۇردۇم. لىكىن دۈچ كەلگەن مەسلە ساپا مائارىپى بىلەن ئىمتىھان مائارىپى ئوتتۇرىسىدىكى زىديەت ئىدى. بىز باللىرىمىزنى قانداق تەربىيلىدۇق ؟ ئۇلار جەميەتكە چىققاندىن كىيىن بىز ئۆگەتكەن بىلىم قانچىلىك ئەسقاتتى ؟ ئۆلار ھەقىقىي تۈردە ئۆزىگە ئوخشىيالىدىمۇ؟ ئۇلار نىمە ئۈچۈن مەكتەپتىن قايتىشقا شۇنچىلىك ئامراق ؟ بىز ئۇقۇتقۇچىلار ئۆزىمىزگە يۈز كىلەلەيمىزمۇ؟ مۇشۇ مەسىللەر مىنى ئۆزلۈكسىز ئويلاندۇراتتى ، ئۇقۇتقۇچىلىق جەريانىدا مەن يۇلۇققان ئەڭ ئاساسي مەسىللەر مۇشۇ . دەرىسخانىدىن چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىدا ھەقىقىي ئادەم بۇلۇشقا ئەسقاتىدىغان بىرەر بىلىم قالدۇرمايدىغان مۇئەللىم بۇلۇشنى مەن پەقەت خالىمايمەن ، يۇقارقى مەسىللەر ئۈستىدە يەنە داۋاملىق چۇڭقۇر ئويلاردا بۇلۇشقا توەرا كىلىدۇ ، ساپا مائارىپى بىلەن ئىمتىھان مائارىپى ئوتتۇرىسىدىكى زىديەتنىڭ ھەل بۇلۇشىغا يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت كېرەك ئەلۋەتتە. سىز قايسى ئەسەرلەر ۋە يازغۇچىلارنى ياقتۇرىسىز؟ كىملەرنى ئۆزىڭىزگە ئۈلگە قىلىسىز ؟ مەن ياقتۇرىدىغان ئەسەرلەر ئانا يۇرت، ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى، زورۇ ئاستىر شۇنداق دەيدۇ ، ۋۇجۇد خەرىتىسى، ئەجمەت ئىمىن ئاكىمىزنىڭ نەسىرلىرى ،ئادىل تۇنىياز ئاكىمىزنىڭ شېرلىرى ، تاگورنىڭ نەسىرلىرى، ئەسەد سۇلايمان ئاكىمىزنىڭ ئەسەرلىرى. يەنە كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى ياختۇرىمەن . ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى مىنىڭ تەپەككۇرۇمدا بىر يۇرۇقلۇقنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئەسەر ، تەبىئەت ، دىن ، ئەڭ دەسلەپكى ساددا قاراشلار ھەققىدە مەن بۇ كىتاپتىن كۆپ بىلىم ئىگەللىگەن ،مەرھۇم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بىز ئۈچۈن قىممەتلىك ئەسەرلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى ، بۇ بىز ئۇيغۇلار ئۈچۈن ئۇنتۇلماس تۆھپە ، لىكىن شۇ ئالىمىمىزنىڭ قەدرىنى ھايات ۋاختىدا قىلالمىدۇق ، بۇنڭ ئۈچۈن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن . ئانا يۇرت دىگەن ئەسەر مىنىڭ روھىمنى يەنە بىر قېتىم ئويغاتقان ئەسەر ھىسابلىنىدۇ ، بۇ ئەسەرنىڭ ئەڭ ئاخىرنى ئۇقۇغان ۋاختىمدا كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياشلار ئاققان، قانچىلىك ۋاقىتلارغىچە ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ ئەسەر ئۈستىدە پىكىر قىلغىنىمنى بىلمەيمەن . بۇ ئەسەردىكى مۇھاببەت ، بۇ ئەسەردىكى ئۇيغۇر روھى ، بۇ ئەسەردىكى مۇرەككەپ تارىخي مۇھىت ھەممىمىزنى چۇڭقۇر ئويلارغا سالىدۇ . ياخشى كۆرگەن ئەسەرلىرىم ئۈستىدە سۆزلىسەم يەنە گىپىم ئۇزىراپ كەتكۈدەك، بۇ توغرىلىق مۇشۇنچىلىك سۆزلەپ تۇراي . مەرھۇم زۇردۇن سابىر ئاكىمىزنىڭ مۇنۇ سۆزىنى بەك ياختۇرىمەن «ھېچكىمدىن قۇرقماڭ ، ھېچكىمگە چۇقۇنماڭ، ھېچكىمگە ئوخشىماڭ ، ھېچكىممۇ بولماڭ . پەقەت ئۆزىڭىزلا بۇلۇڭ، كۆپ ئۇقۇڭ ، كۆپ يىزىڭ، ئۆز ئاۋازىڭىز ، ئۆز تىنىقىڭىز بولسۇن !» توغرا مەن ئىجادىيەتتە ھېچكىمنى ئۆزۈمگە ئۈلگە قىلىپ باقمىدىم، قانداق يازغۇم كەلسە شۇنداق يازدىم. شئېريەتتە كۆپرەك ئادىل تۇنىياز ئاكامنىڭ ، ياكى چىمەنگۈل ھەدەمنىڭ شئېرلىرىنى ئۇقۇدۇم ، بىلىپ -بىلمەي شۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قالغان بۇلۇشۇم مۇمكىن ، لىكىن نۇقۇل مەن پالانى شائىرنى ئۈلگە قىلىمەن دىگەن ئويدا بۇلۇپ باقمىدىم ، ئىجادىيەتتە يەنىلا خاسلق ئەڭ مۇھىم دەپ قارايمەن . مەيلى قايسى ژانىردا يازاي ، ئەسەرلىرىمدىن چوغلۇق پۇرىقى چىقىپ تۇرسا دەپ ئويلاپ كىلۋاتىمەن . تۇرمۇشتا ئاپام مىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگەم . مەن ئاپامدىن قىيىنچىلققا ئۇچرىغاندا سەۋىر قىلىشنى ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇشنى، ئاقكۆڭۈل ، كەڭ قورساق بۇلۇشنى ، چەكسىز مېھىر-مۇھاببەتنى، باشقىلار ئۈچۈن قۇربان بىرىشنى، ئۈمۈتۋار بۇلۇشنى .........يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم ، ئاپام بەك كۆپ جاپا تارتقان ، ئازاپ تاتقان ئايال ، مەيلى ئېتىز ئىشى بولسۇن ، مەيلى ئۆي ئىشى بولسۇن ھەممىدە تەڭ ماڭغان، ئاتام ئالدىراش چاغلاردا ئۇ ھەم ئاپا ، ھەم ئاتا بولغان ئايال، بەزىدە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ۋاقىتلىرىمدا ئاپامغا تېلىفۇن قىلسام ، ئاپام ماڭا پەقەتلا « چىداڭ قىزىم »دەيدۇ ، ئارتۇق گەپ قىلمايدۇ ، مەن ئاپامدىكى شۇ ئىسىل تەرەپلەرنى يىتەرلىك ئۆگىنىپ بۇلالمىدىم تېخى. مەن ھازىرغىچە ئاپامغا ئاتاپ ئوتتۇز پارچىدىن ئارتۇق شئېر يازدىم ، ئاپام مىنىڭ ئىجادىيىتىمدىكى بىر بۇلاق. ئاتامنىڭ دىگەن بۇ بىر جۈملە سۆزى ماڭا مەڭگۈلۈك بايلق . «قىزىم بۇ ھاياتتا ئەخلاقىڭىزنى بەك قەدىرلەڭ، ئۆگۈنۈشىڭىزنى توختاتماڭ». ئاتام ھەققىدە تۇلۇق بىر پارچە شېىر يىزىپ باقمىغان بولساممۇ لىكىن بۇ قەدىردانلىرىم مەن ئۈچۈن سۈزۈك ئۈلگە. سىز شەبنەم مۇنبىرىگە ئۆزىڭىزنىڭ شئېرلىرى بىلەن تۇنىلىپ كىلۋاتىسىز ، شئېر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىڭىز قانداق بولغان ؟ ئەسەرلىرىڭىزنى مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتىپ تۇرامسىز؟ ئۆز كۆڭلىڭىزدە ئەڭ ياخشى چىققان ئەسىرىڭىز قايسى؟ مەن ئەڭ كۆپ يازىدىغان ژانىر شئېىر . تۇلۇق 1-يللىقنى پۈتتۈرگەن يىلى يازدىن باشلاپ شئېىر يىزىشقا باشلىدىم ، دەسلەپ يازغاندا يازغان مىسرالىرىم باشقا شئېرلارغا ئوخشاپ قالدى ،ب ۇغۇم سانى تەكشى ئەمەس ، لىكىن مەندە شئېرغا شۇنداق كۈچلۈك ئىشتىياق بار ئىدى، شۇڭا مەن يىزىۋەردىم . يېزامنىڭ سۈزۈك ئاسمىنى ، چاراقلاپ تۇرىدىغان نۇرلۇق يۇلتۇزلىرى، سۈتتەك ئاي نۇرىغا چۈمۈلگەن ئاخشام، شارقىراپ ئېقىپ تۇرىدىغان ئۆستىڭى، كەچكى شەپەق نۇرىغا چۈمۈلگەن كەڭ كەتكەن ئېتىزلار ، ساددا ، ئەمگەكچان دېھقانلىرىمىز ، مېھىرلىك ئانىلار ، چىغىر يوللار ....مىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شئېر ئىجادىيىتىمنىڭ مەنبەسى بولدى، يېزىلاردا ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى ئۇرغان ، كەمسىتكەن تەرەپلىرىنى كۆپ كۆرۈپ كەتكەچكە يەنە ئاياللار تىمىسىدا كۆپرەك يازاتتىم ، لىكىن ئالىي مەكتەپكە مېڭىش ئالدىدا ئاز بىر قىسىم شئېرلىرىمنى ئېلىپ قالغاندىن باشقا شئېرلىرىمنى دوسلۇرۇمغا سوۋغا قىلۋەتكەن ئىدىم ، چۈنكى ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن باشقىچە ئۇسۇلدا يازاي دەپ ئويلىغان ئىدىم . مەن ئەدەبىياتقا بەك قىزىقان بولغاچقا مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن كەسىپ ئالماشماقچى بولدۇم ، ئىلتىماسىمنى شۇنچە ئىرادە بىلەن يازدىم ، خۇددى لىۋ تولىستۇي ئەسەر يىزىش جەريانىدا باشتىن كەچۈرگەن قىيىنچىلىقلارغا مىنىڭ بەرداشلىق بىرىش ئىشەنچىم بار دىگەن ئىرەدەمنى بىلدۈرۈپ ،ئەدەبىياتتا تولىمۇ ئۇقۇغۇم بارلىقىنى ئىلتىماسىمدا ئوتتۇرىغا قويدۇم ، لىكىن بۇ ئىشىم ھەل بولمىغاچ بىر ئايدەك سالپىيىپ يۈردۈم ، كىيىن ئىديەمدىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن تارىخ كەسپىدە ئۇقۇۋەردىم. ھازىر بۇ كەسىپتە ئۇقۇغۇنىم ئۈچۈن تولىمۇ خۇشاللىق ھىس قىلىمەن . مەكتەپتىكى چاغلىرىمدا ئاز يازدىم ، چۈنكى ئۇ ۋاقىت بىزنىڭ ئىديە توپلايدىغان ، كۆز قاراش مۇقىملىشىدىغان بىر ئۆتكۈنچى باسقۇچ ئىكەن ، لىكىن يازغان تىمىلىرىمدا ئۆزگىرىش بولدى ، دوسلۇرۇم مىنى پەلسەپىلىكى كۈچلۈك ئەسەر يازىسەن دىدى . ئۇ چاغلاردا بىز ھەۋەسكارلار بىر ئەدەبىي ئىجادىيەت گورۇپپىسى قۇرغان ئىدۇق ، ھەپتىدە بىر قېتىم يىغىلىپ يازغان ئەسەرلىرىمىز ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇراتتۇق، يېڭى مەسىللەرنى ئوتتۇرىغا قۇياتتۇق ، بەزى چاغدا يازغۇچى ، شائىرلارنى تەكلىپ قىلىپ سۆھبەت ئۇرۇنلاشتۇراتتۇق، يەنە مەخسۇس گېزىت چىقارغان ئىدۇق ، بۇ جەريان مىنىڭ ئىجادىيىتىمگە خېلىلا تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. خىزمەتكە چىقىپ بىر يىلدىن كىيىن ئىزچىل يىزىپ كىلۋاتىمەن ، يازغانلىرىم دىن ، مىللەت ، مۇھەببەت ، روھىيەتنىڭ تىۋىشلىرىغا قۇلاق سالدى، پەلسەپە كىتاپنى كۆپرەك كۆرۈپ تۇرىمەن ، يەنە قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسىنى ئاز-ئازدىن ئۇقۇپ كىلۋاتىمەن ، بۇ جەريانىدا تەپەككۇر قىلغانلىرىم شئېرىمغا سىڭىپ كەتتى. لىكىن بۇرۇن ئىشلەتكەن بەزى مىسرالاردىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىدىم، ئۇ يەنىلا مىنىڭ ئىجادىيىتىمگە ئۇل سالغان ئەشۇ گۈزەل يېزا مەنزىرسىنىڭ تەسىرى بولسا كېرەك ، يەنە بىر تەرەپتىن مەن تەبىئەتكە بەك ئامراق ، خۇشال بولساممۇ ، ئازاپلانساممۇ تەبىئەتتىن زوقلىنىپ ئۆگىنىپ قاپتىمەن ، شۇڭا ئەسەرلىرىمدە تەبئەت مەنزىرسى كۈچلۈك ، بۇ جەھەتتە يەنى شئېىرىي تىل يېڭىلاش جەھەتتە مەن داۋاملىق ئويلىنىمەن . ئادىل تۇنىياز ئاكىمىز شئېىريەتنىڭ بىر قانىتى دىن ، يەنە بىر قانىتى جىنسىيەت دىگەن ئىكەن . بىر دوستۇم قۇرئان كەرىمنى ئەڭ گۈزەل شېىر دىگەن ئىدى . شۇنداق شئېر توغرىلىق ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قاراشلىرى بار . شئېر ئەڭ پاك ، ئەڭ گۈزەل بۇلۇشى كېرەك ، ئۇ بىر تامچە شەبنەم بۇلۇپ قەلىبكە تېمىپ، روھى تەشنالىقنى قاندۇرۇشى كېرەك . پىكىر بەك ئۈچۈق ياكى بەك چۈشىنىكسىز ،ئادەمنى قەستەن قىينىغۇدەك دەرىجىدە بولماسلىقى كېرەك. ئۇقۇرمەنلەرگە بىر تەپەككۇر بوشلۇقى قالدۇرلۇشى كېرەك، يالىت قىلىپ چاقنىغان بىر تۇيغۇنى ھىس قىلىش كۇپايە . شئېر بىر مەقسەت ياكى بىر ۋاستە بۇلۇپ قالماسلىقى كېرەك ، ئۇنداق بولغاندا شئېرغا ھاقارەت قىلغان بۇلىمىز ، بىزنى ئىلھام ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالغان ۋاختىمىزدا بىز ئىختىيارسىز تىزىلىپ كىلۋاتقان مىسرالارغا سادىق بۇلۇش ئاساسىدائۇنى خاتىرلىۋالساق بۇلىدۇ ، بۇنداق شئېر تەبئى چىقىدۇ ، يۈرەككە تىگىدۇ. شئېر ھەرگىزمۇ تۇرمۇش قانۇنيەتلىرىنى تۇراق ، قاپىيىگە چۈشۈرۈپ تىزىپ قۇيۇش ئەمەس، ئۇ روھىيەتنىڭ ئەڭ پارلاق مەنزىلى . ھازىرغىچە يىگىرمە پارچىغا يېقىن شئېر ، ئىككى پارچە نەسىر ، يەنە تەپەككۇر مىۋىلىرى ئېىلان قىلىندى . مەتبۇئاتقا ئىزچىل ئەسەر بەرمەيۋاتىمەن ، تور ئەدەبىياتىغا قىزىقىپ قالغاندىن بىرى مەتبۇئاتقا ئەسەر بىرىشىم بەك ئاز بۇلىۋاتىدۇ. ئەسەرلىرىم ماڭا ياخشى چىقىۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرىدۇ ،چۈنكى تەپەككۇر ھەم ئىلھام مىنى داۋاملىق قىيناپ تۇرىدۇ. ئۇقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت ، ھاياتنىڭ يەنە بىر تەرىپى ، قەبرە ئۈستىدىكى چۈش ، يامغۇرغا يۈزلىنىش ، ئازاپتىن ھالقىش ...دېگەن ئەسەرلىرىم ياخشى چىققان ئەسەرلىرىم ، ئەڭ ياخشىسىنى يەنىلا ئۇقۇرمەنلىرىم تاللىسۇن ، مەن ئۆزۈمنى ئەلنىڭ ئەينىكىدە كۆرەي . كەلگۈسىدىكى ئازۇ -ئارمانلىرىڭىز توغرىسىدا ئازراق سۆزلەپ بىرەمسىز؟ كەلگۈسىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىمغا كەلسەم مىنىڭ ئىككىلا ئارزۇيۇم بار . بىرى ئومرۈمنىڭ ئاخىرغىچە بىر ھەقىقىي ئىنسان سۈپىتىدە ياشاپ ئۆتسەم . يەنە بىرى بىر مۇھاببەتلىك ، بەخىتلىك ئائىلەم بولسا. پەقەت اللەلا مەڭگۈلۈك ، مۇتلەق بۇلىدىكەن ،مۇكەممەل بۇلىدىكەن . ئىنسانلار مۇكەممەللكىنى قوغلىشىپ ياشايدىكەنمىز ، لىكىن مۇكەممەل بۇلۇپ بۇلالمايدىكەنمىز ، چۈنكى ئادەم ئاتام ، ھاۋا ئانام جەننەتتىن قوغلانغاندىن كىيىن بىز مۇكەممەل بۇلۇشتىن مەھرۇم قالغانكەنمىز. بىر ئۆمۈر تىرىشساقمۇ ئاران 99 پىرسەنتىلىك ئادەم بۇلۇپ كىتەلىشىمىز ناتايىن . ئالىم بۇلۇشتىن ئادەم بولماق تەس دىگەن بۇ جۈملىنى بەك ياختۇرىمەن، شۇڭا ئۇقۇغۇچىلىرىمغىمۇ دائىم ھەقىقىي ئادەم سۈپەت ياشاش توغرىلىق نەسھەت قىلىمەن . بىزنىڭ قوغلىشىدىغىنىمىز ھەقىقىي ئىنسانلىق سالاھىيىتى بولسا بىز چەكسىز مېھر-مۇھاببەتكە، بەخىتكە، بايلىققا ، دوسلۇققا ، ھەممە -ھەممىگە ئىرىشىدىكەنمىز ، بىزدە شۇ بىر مەقسەتلا بولسا يېنىمىزدىكى مۇۋاپقيەت ، بايلىق ، شۆھرەت بىز ئۈچۈن يانداپ ئۈتۈپ كىتەلەيدىغان بىر ساھىل بۇلۇپ قالىدۇ خالاس . مەن مۇشۇ ھەقىقىي ئىنسانلىق سالاھىيىتىنى ئۆمۈرلۈك ئاززۇ قىلدىم . مەن كىچىك چاغلىرىمدا ئائىلىمىز تىنىچ ئەمەس ئىدى، مەن ئاددى بولسىمۇ ، تىنىچ ، خاتىرجەم ئائىلىدە ياشىسام دىگەننى بەك ئويلايتىم. ئەلۋەتتە ئائىلىدە مۇھاببەت يېنىپ تۇرسا ، بەخت نۇرىغا چۈمۈلۈپ تۇرسا ، رىئال تۇرمۇشتا بۇنىڭدىن ئارتۇق جەننەت بۇلامدۇ؟ بىر پىيالە قايناق سۇ تاپسىمۇ كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇپ ئىچسە . ئەڭ ئاۋال ئائىلە جەھەتتىن بەخىتلىك بولمىغان كىشى مۇۋاپىقيەت قازانغان تەغدىردىمۇ كۆڭلىدە تولدۇرۇپ بولماس بوشلۇق بولغان بۇلىدۇ، ئائىلىسىنى بەخىتلىك قىلغان كىشى جەميەت ئۈچۈنمۇ بىر كىشلىك تۆھپىسىنى قۇشالايدۇ، مەيلى ئەر ياكى ئايال بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر بەخىتلىك ئائىلىسى بولسىلا ، مۇۋاپىقيەتمۇ بولغان بۇلىدۇ . مۇھاببەتلىك ، بەخىتلىك ئائىلە تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنىڭ باشلىنىشى . سىز شەبنەم مۇنبىرىدىكى قايسى سەھىپىلەرگە قىزىقىسىز ؟ قارىسام ئىنكاسلارنىمۇ كۆپ يازمايدىكەنسىز ، ياكى سىزنى قىزىقتۇرغىدەك تىمىلار يوقمۇ؟ مەن شەبنەم مۇنبىرىدىكى شئېرييەت ، ئەدەبىيات ، نەسىر -ئوبزۇرلار سەھىپىسىگە بەكرەك قىزىقىمەن. بۇلۇپمۇ شئېرىيەت سەھىپىسىگە . ئىنكاس يىزىشقا كەلگەندە چۇڭقۇرراق يازسام دەيمەن ، ئالدىراش بولمىسام ئىنكاسنى ئەستايىدىل يازىمەن ، ئالدىراش بولۇپ قالغاندا ئەسەرنىلا كۆرۈپ چىقىمەن ، يازماي چىقىپ كىتىشكە كۆڭلۈم ئۇنمىغاندا، بىر ئىككى ئېغىز ياخشى تىلەكلىرىمنى بولسىمۇ يەتكۈزۈپ قۇيىمەن . شەبنەمنىڭ ئاۋاتلىغى بەك ياخشى ، ياشلار نىڭ نىسبىتى كۆپ، تىمىلارنىڭ يېڭلىنىشى بەك تىز ، لىكىن پىشماستىنلا يوللانغان تىمىلار خېلى كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماختاش كۆپ، پايدىلىق تەنقىدلەر ئاز. بىرسى بەك ياخشى يىزىلغان ، مەزمۇنى چۇڭقۇر لىكىن غۇۋا ئەسەرگە ئىنكاس يازىدىغانلار ئاز ، يەنە بىرسى پىشمىغان ،باش -ئاخىرى ماسلاشمىغان ئەسەرگە ئىنكاس يازىدىغانلار ئاز. مىنىڭچە شەبنەم مۇنبىرىدىكىلەر مىنى قۇشۇپ بىر مەيدان پايدىلىق تەنقىدى پىكىرلەرگە جىددى موھتاج دەپ قارايمەن . ئاخىردا شەبنەم ئەھلىگە دەيدىغان قانداق يۈرۈك سۆزىڭىز بار؟ ھەممىمىز شۇنداق بىر باسقۇچتا ياشاۋاتىمىز . پۈتكۈل ئۇيغۇر جەميىتى تېخى نامرات ھالەتتە. بىر مىللەتنىڭ ئورنىنىڭ يۇقرى تۆۋەن بۇلۇشى مائارىپ سۈپىتىدىن باشقا يەنە ئىقتىسادىي تۈۋرۈككە باغلىق. شۇڭا ھەممىمىزنىڭ مۇشۇ ساھەگە قايتا بىر نەزەر سېلىپ بېقىشمىزنى ئۈمۈت قىلىمەن . ئۇيغۇر جەميىتىگە چۇڭقۇر بىر كىرزىس يۇشۇرۇنغان. بۇ ئۇيغۇر روھىنىڭ ئاجىزلاپ بېرىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بىر كىرزىس، لىكىن ئەڭ مۇھىمى بىز بۇنى چۇڭقۇر ھىس قىلىپ بۇلالمايۋاتىمىز ، يېراقتىكى گۈزەل روھنى يېقىندىكى مەنپەئەتكە تىگىشىۋاتىمىز . تارىخ ئۇقۇتۇش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىمدىن ھازىرقى كىرزىس ماڭا ناھايتىمۇ رۆشەن بىلىنمەكتە. ئاخىردا تورداشلارغا دەيدىغىنىم : ھەمىمىز ئىلىم يۇلىدا تىنىمسىز ئىزدىنەيلى، ئۆز روھىمىزنى قەدىرلەيلى، ئىسىمىزدە بولسۇن ! كىيىنكى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ بىزدە ھەققى بار ! ئاخىردا مەن ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاختىنى ئاجراتقان سەبىخە ھەدەمگە كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن. شۇنداقلا بارلىق تورداش دوسلۇرۇمنىڭ ئەزىز تنىگە سالامەتلىك ، كۈنلىرىگە خۇشھاللىق تىلەيمەن ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
ئۇيغۇرئاي دىــــل ئازار،خۇدا بىزار | ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سەبىھە ھەدىنىڭ ئىلىپ بىرۋاتقان زىيارەتلىرگە تەشەككۈر مەن مۇنبەردە ئەڭ ھۈرمەتلەيدىغان كىشىلەرنىڭ بىرى مۇشۇ چۇغلۇق ھەدە ئىشلىرىڭىزغا مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن ھەدە سالامەت بولۇڭ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tughrul ئانا تىلنى قوغداش شەرەپ | ئايەم مۇبارەك !qogluk3.8 قىز سىز بىلەن تۇنۇشقۇنۇمغا خۇشالمەن.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
فۇرقان دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | يەنە بىر تۆھپىكارىمىزنى تونۇۋالدۇق مانا. ھەر ئىككڭلارغا رەھمەت.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kusan0996 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم
ئەسلىدە سىزمۇ كۈسەن دىيارىدىن ئىكەنسىزدە سىز دىن پەخىرلىنىمەن | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
818sabda | دوستۇم قەلەمنى قۇلىڭىزغا ئېلىڭ دە بىزدەك ئەسەرلىرىڭىزنى كۇتىۋاتقانلارغا سۇنۇڭ،
چوغلۇق دوستۇم سىزگە خوشاللىق يار بولسۇن | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
nazar2007 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سۆھبىتىڭلار مىنى تۇلىمۇ ھاياجانغا سالدى،يەنە بىر تۆھپەكارىمىزنى تۇنۇش پۇرسىتىگە ئىرىشكىنىمدىن تۇلىمۇ خۇرسەنمەن،رەھمەت سىلەرگە!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Naikon.x Go Go!غەيرەت قىل | چوغلۇق ھەدىمىزگە مەن بەك قايىل ، ئۇ شئېرنى ياخشى يازىدۇ ، ئېنگىلىز تىلىنىمۇ ياخشى بىلىدۇ ... ئۇ مۇنبەردە ھەقىقەتەن بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر مۇنبەر ئەزاسى .
تېخىمۇ تىرىشىڭ ... | ||||
---|---|---|---|---|---|
uyhan22 | رەھىمەت ياخشى يىزىپسىز ،
مەن بۇ سىڭلىمىزدىن سۆيۈندۇم ، ئۇنىڭ شائىر ياكى ئۇقۇتقۇچى بۇلغىندىن ئەمەس ئۇيغۇرغا سادىق ئۇتلۇق يۇركى بۇلغىنىدىن . ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن ، ئاللا سىزنى ئۆز پانايىدا ساقلىسۇن . بەختىڭىزنى بەرسۇن !!!!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
majnun0997 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سىز بىلەن تۇنۇشقىنىمدىن خۇشالمەن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
$dilkax$ دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئۇقۇتقۇچى دىگەن مۇشۇنداق بولسا.....
مىللىتىمز ئۈچۈن مۇشۇنداق ساپالىق ئۇقۇتقۇچىلار كۆپ بولغان بولسا، نىمىدىگەن ياخشى بۇلاتتى ھە! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
qqopp دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بىر پىيالە قايناق سۇ تاپسىمۇ كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇپ ئىچسە .ئەڭ ئاۋال ئائىلە جەھەتتىن بەخىتلىك بولمىغان كىشى مۇۋاپىقيەت قازانغان تەغدىردىمۇ كۆڭلىدە تولدۇرۇپ بولماس بوشلۇق بولغان بۇلىدۇ،ئائىلىسىنى بەخىتلىك قىلغان كىشى جەميەت ئۈچۈنمۇ بىر كىشلىك تۆھپىسىنى قۇشالايدۇ،مەيلى ئەر ياكى ئايال بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر بەخىتلىك ئائىلىسى بولسىلا ،مۇۋاپىقيەتمۇ بولغان بۇلىدۇ . مۇھاببەتلىك ،بەخىتلىك ئائىلە تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنىڭ باشلىنىشى .
تۇرمۇش قارىشىڭىز ھەقىقەتەن مۇھەببەتكە تويۇنغان ئىستەكنى ئاساس قىلىدىكەن سىزگەھەربىر مۇساپىڭىزدە بەخىت تىلەيمەن !!!!!!!!! سالامەت بولۇڭ !!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
arkhon | زىيارەت خاتىرىڭىزنى ئۇقۇپ روھى دۇنيارىڭىزنى چۈشىنىۋاتىمەن .مىنىڭچە ھەر بىر ئۇقۇتقۇچىمىزدا سىزدەك روھ بۇلىشى كىرەك..سىزگە سالامەتلىك تۇرمۇشىڭىزغا بەخىت تىلەيمەن ...
| ||||
---|---|---|---|---|---|
naxtari | راستننى ئېيىتسام سىزنى قاچان زىيارەت قىلدىكىن دەپ كۆزۈم ئالتە ئىدى. مانا بۈگۈن نىسىپ بولغان ئوخشايدۇ. سالامەت بۇلۇڭ ئۇستاز .
مىھرىبان ئايالىم، سۆيۈملۈك قىزىم مەندىن سىزگە سالام ئېيتتى سەبىيھە ھەدە سالامەت تۇرۇپسىز؟ بۇندىن كىيىنمۇ زىيارىتىڭىز توختاپ قالمىغاي. | ||||
---|---|---|---|---|---|
ayjahan | بىزنىڭ تەتقىق قىلىپ كورلىغا كۆۈندۈرگەن چوغلۇق گۈلىمىز بەك چىرايلىق،قىزىل ،سېرىق،ئاق،باھاردا كۆرلىغا كەلسىڭىز دەريا بويلىرى ،شەھەر ئىچىلىرى بۇ گۈللەرنىڭ خۇشپۇرىغىغا تولۇپ كېتىدۇ،بەك گۈزەل،مەنمۇ چوغلۇققا بەك ئامراق،ئىشلىرىڭىزغا ئوتۇق تىلەيمەن سىڭلىم.
سەبىخىە ھەدە سىزمۇ ھارمىغايسىز،ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر........ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|