| ||||||
naprat517 ئۇيغۇر ئوغلى | (نەپرەت517) يۇمۇرـــــ يۇمۇرـــــ يۇمۇربۈگۈن قىرىندىشىمىزنىڭ خورمىنىڭ كەيپىياتى تازا ياخشى ئەمەس ئوخشايدۇ .....
كونا بولسىمى توت-بەشتىن يۇمۇر سۆزلىشىپ باقايلى.... مۇشۇ بانادا مۇنبەر كەيپىياتىمۇ كۆتۈرلۈپ قالار................ ※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ خورمىدىن يىگىتى سوراپ قاپتۇ . توي قىلىپ قالساق ، ﺗﻪﺭﻩﻛﺘﯘﺭ ﺋﺎﻟﺴﺎق ﺑﻮﻻﺭﻣﯘ ﻳﺎ ﺳﯩﻴﯩﺮ ﺋﺎﻟﺴﺎق ﺑﻮﻻﺭﻣﯘ؟ خورما: ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﻛﺎﻻ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ، ﺗﻪﺭﻩﻛﺘﯘﺭ ﺋﺎﻟﺴﺎق ﺑﻮﻻﺭﻣﯩﻜﯩﻦ. يىگىتى: ﺗﻪﺭﻩﻛﺘﯘﺭﻧﻰ ﺳﯩﻐﯩﭗ ﺳﯘﺕ ﭼﯩﻘﺎﺭﺳﺎﻡ ﺳﻪﺕ ﺗﯘﺭﺍﻣﯩﻜﻰ. ..... ※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※ بىر كۈنى homa بىلەن nargiza18 ئۇچرىشىپ قاپتۇ. homa : nargiza18-ئاداش، سىنى مۇھەببەتلىشىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلايمەن، لايىقىڭ خېلى كىلىشكەنمۇ؟ كۈرۈپ باقسام بۇلامدۇ دەپتىكەن. homa:- بۇلىدۇ. دەپ يانچۇقىدىن ئاسماندا ئۇچىۋاتقان بىر شەپەرەڭنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىپ كۆرسىتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن nargiza18: ۋاي ئاداش، سىنىڭ لايىقىڭ ئەجەپ بىزگە ئوخشىمايدىكەن، يەنە كىلىپ نىمانداق سەت؟ دەپتىكەن. homa: ۋاي سەن تېخى ئۇقمامسەن، مىنىڭ لايىقىم دىگەن ئۇچقۇچى دەپتۇ. .... ※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻱ ﺋﺎﭘﺘﯘﺑﯘﺳﺘﺎ ﻛﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﯩﺪﺍ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺋﻮﺭﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ خورما ﺋﺎﭘﺘﯘﺑﯘﺱ ﺳﯩﻠﻜﯩﻨﯩﭗ ﺗﻮﺧﺘﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﻮﻣﯘﺭﮔﻪ ﺋﯘﺭﯗﻟﯘﭘﺘﯘ -ﺩﻩ ﺋﯖﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﮬﺎﯕﺪﺍ ؛-ﺋﻪﻳﻴﯘ !-ﺩﻩﭖ ﯞﺍﻗﯩﺮﺍﭖ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘ ، ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻱ كۆيۈنگەن تەلەپپۇزدا : نىمە بولدى قىزىم ! بىر يەرلىرىڭىز خەنزۇچە ئاغىرىپ كەتتىمۇ ؟ دەپتۇ .........! ※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※ خوما: ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻴﻤﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﻪﻳﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻢ ﺑﺎﺭ. نەپرەت: ﻣﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯜﺭﯛﺷﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻢ ﺑﺎﺭ... ※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※ بىر يولۇچى ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ wolf516 تىن سوراپتۇ: _بالام، نىمىشقا مەكتەپتە ئوقۇماي قوي باقىسەن؟ _پۇل تاپىمەن. _پۇل تېپىپ نىمە قىلىسەن؟ _ئۆي ئالىمەن. _ئۆي ئېلىپ نىمە قىلىسەن؟ _خوتۇن ئالىمەن. _خوتۇن ئېلىپ نىمە قىلىسەن؟ بالىلىق بولىمەن. _بالىلىق بولۇپ نىمە قىلىسەن؟ _مۇشۇ قويلارنى باقتۇرىمەن،_دەپلا كەسكىن جاۋاپ بېرىپتۇ wolf516... ※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※ SaBi~TaRiM مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ قالغان ئەلمىگە چىدىماي ئۆزنى بىنادىن تاشلاپ ئۆلۋالماقچى بوپتۇ. بىراق مەخسىتى ئىشقا ئاشمايلا، ساقچىلار تەرپىدىن قولغا ئىلنىپتۇ. SaBi~TaRiM ناھايىتى ئاچچىقلاپ تۇرۇپ<مىنىڭ نىمە جىنايىتىم ئۈچۈن قولغا ئالىسلەر؟> دەپ سوراپتۇ. ساقچى:< سەن ئەخلەتنى قالايمىقان بىر تەرەپ قىلماقچى بولغانلىقىڭ ئۈچۈن قولغا ئىلىندىڭ> دىگۈدەك.... ※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※ ناھايىتى تېز كېتىۋاتقان قاراڭغۇ مىترودا naxtariيېنىدىكى ay-tilla غا: :مەن سىزگە ۋاگوننىڭ تۇتقۇچىنى تېپىپ بېرەيمۇ؟ ay-tilla سوغۇق كۇلۇپ:رەھمەت،مەن تۇتقۇچنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇۋاتىمەن. naxtari ھاسىراپ تۇرۇپ:ناھايىتى ياخشى،ئۇنداق بولسا گالاستۇكۇمنى قويۇپ بېرەمسىز؟ ※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※ ئۇيغۇر ئاي ئەتتىگەندىلا ئىشخانا باشلىقىغا تېلفۇن ئۇردى: -باشلىق مەن بۈگۈن كېچىكىپرەك بارىمەن ،ئۆيدە ئازراق ئىش چىقىپ قالدى. -نېمە ئىش؟-دەپتۇ باشلىق سەل خاپا بۇلۇپ. -ئېرىم ھازىر 100يۈەن پۇلنى يىتتۇرۇپ قۇيۇپتۇ ،ئىزدەۋاتىدۇ. -ئۇنداق بولسا سەن نېمىگە تۇرىسەن ؟ئىشىقا كەلمەي! -چۈنكى ئۇ 100يۈەن مېنىڭ ئاياغ ئاستىمدا ئىدى ... ※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※ گۈلچى قىز :-ئاۋۇ يېشىل شارپا نەچچە يۈەن؟ مال ساتقۇچى:-85يۈەن گۈلچى قىز :-نىمانداق قىممەت؟85يۈەنگە ياخىشى بىر جۈپ ئاياغمۇ سېتىۋالغىلى بولىدۇ. مال ساتقۇچى:-شۇنداق ،لىكىن بوينىڭىزغا بىر جۈپ ئاياغنى ئېسىۋالسىڭىز ياخىشى كۆرۈنەمدۇ،بوينىڭىزنى ئىسسىق تۇتامدۇ؟ ※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※ نەپرەت517 : سىز نىمىشقا دائىم مۇنبەرگە تىما يوللايسىز ؟ sadakitim : جىق نەرسىلەرنى يوللاپ كۆزگە كۆرۈنۈپ چولپان بولىمەن ..... نەپرەت517: چولپان بولىمەن دىگىچە ئۆيدە ئولتۇرۇپ چوكان بولىڭە.......... ※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※ ئېھتىياتسىزلىقتىن،3 ئايلىق بولغان بىر بوۋاقنىڭ ئاغزىدىكى سوسكا يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ . بوۋاق قاتتىق يىغلاپ كەتكەن بولسىمۇ ، سوسكىنى ئېلىپ بېرىدىغان بىرەرسىمۇ چىقماپتۇ . بوۋاق تېخىمۇ قاتتىق يىغلىغان بولسىمۇ يەنىلا چىقماپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن بوۋاقنىڭ ئاچچىقى كېلىپ " ئاناڭنى" دەپ ئۆزى چۈشۈپ ئاپتۇ . ............ ※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※ بىر كۈنى بايۋەتچە مىڭىسىنى تەشكۈرتۈپ كىلىش ئۈچۈن دوختورغا بىرىپتۇ، دوختور تەشكۈرۈپ <<ھىچنىمە كۆرۈنمىدى>> دەپتۇ، بايۋەتچە ؛<<بەكراق تەشكۈرۈڭ ،چوقۇم بىر نىمە بار >>دەپتۇ، يەنە تەشكۈرۈپ<< بىر نەرسە بايقالمىدى >>،دەپتۇ، بايۋەتچە سەل ئاچىقلىنىپ <<ھەي دوختور، سىز دوختور بولغاندىكىن تىخىمو بەكراق تەشكۈرۈڭ >>دەپتۇ، دوختور ئاچىقلىنىپ ئۇ ئادەمگە<< قااپ بىقىڭە،!! ھىچنەرسە كۆرۈنمىدى >>دىسە . بايۋەتچە :ئىكرانغا مۇندا قاراپ<< شۇنچە چوڭ كاللامدا بىر نەرسە كۆرۈنمىگەنگە قارغاندا چاتاق چوڭكەندە!!!>> دەپ يىغلاپ كىتىپتۇ . ※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※ قۇشقاچ: سەن بۈركۈتنى ئۇرۇشقا پىتىنالامسەن؟ كەپتەر: ئەلۋەتتە. بىر ئازدىن كىيىن كەپتە بەدىنىدە بىرتالمۇ تۈكى قالمغان ھالەتتە قايىتىپ كەپتۇ، بۇنى كۆرگەن قۇشقاچ ھەيرانلىق بىلەن سوراپتۇ؟ -نىمە ئىش بولدى؟ -بۈركۈتنى قانىتىم بىلەنلا جايلىۋەتتىم. ※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※ گىرمانىيىلىك بىر بۇلاڭچى سوتلىنىپتۇ. سوتچى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ؟ -ئىنگىلىزچە سۆزلىيەلەمسەن؟ -بىرلا ئىغىز سۆزنى بىلىمەن. -قىنى دەپ باقە؟ -پۇلۇڭنىڭ ھەممىسىنى چىقار... ※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※※ سەنەم ھەدەم ئوغلىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ ماختاپ كەتتى ياخشى ئوغلۇم،دېرىزىلىرىڭ ئالامەت پارقىراپ كېتىپتۇ.سوپۇنلۇق سۇدا سۈرتتۈڭمۇ؟ ئوغلى جاۋاب بېرىپتۇ: _ ياق ئاپا،بولقا بىلەن......... [ يوللىغانnaprat517تەرىپىدىن2008-10-06 22:35قايتا تە ] ___ باشقۇرغۇچى : sabiha تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-06
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
_Malika_ دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | قىزىقارلىق ئىكەن.....................................
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mutaham دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ما كىچىدە كۈلۈپ ئولتۇرۇپ ئۇيقا قاچتى دىسە
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
SaBi~TaRiM | ئۇچاغدا لازىم ئەمەس ئىدى .
بىر كۈنى Malika ناھايتى قايغۇرغان ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ دەپتۇ: -ماڭا ياردەم قىلىڭ دوختۇر،بۇنىڭدىن بىر ئاي ئېلگىرى بىر تىيىنلىك تەڭگىنى يۇتۇۋالغانتىم، -يى خان ماڭ قارىڭە دەپتۇ دوختۇر ھەيران بولۇپ.-نىمىشقا تىيىننى يۈتۈۋالغان كۈنىلا كەلمىدىڭىز؟ - گەپنىڭ راستىنى دىسەم دوختۇر،- دەپتۇMalika جاۋابەن- ئۇ چاغدا بۇ پۇل ماڭا لازىم ئەمەستى. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
SaBi~TaRiM | مەلۇم ساراڭلار دوختۇرخانىسىدا،دوختۇرلار ساراڭلارنىڭ كىسەل ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكچى بولۇپ،يامغۇر ياغقان كۈنى ئۇلارنى يامغۇرغا قويىۋىتىپتۇ.ساراڭلار يامغۇرنى مۇنچا دەپ ئويلاپ كىيىملىرىنى سىلىپ مۇنچىغا چۈشۈپتۇ.
بىراق نەپرەت يامغۇردىن دالدىنىپ ،چىقماپتۇ. دوختۇرلار سەۋەبنى سوراپتىكەن ،ئۇ: ---------ئىسسىق سۇ ياغقاندا چۈشىمەن ----دەپتۇ . *****يەنە بۇ ساراڭلار ئۈرۈمچىگە يۆتكەش ئۈچۈن ،ماشىنا پويىزلارغا چىقسا ،كارغا كەلمەپتۇ .ئاخىرى ئايروپىلاندا توشۇپتۇ. ساراڭلار .ايروپىلاندا تىنچ تۇرماي ،قالايمىقان قىلىشقا باشلاپتۇ. خادىملارنىڭ ھەيدىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپتۇ .شۇنىڭ بىلەن خادىملار مەست بولسا جىمىپ قالارمىكىن دەپ بىر يىشىك ھاراقنى ئالدىغى تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كىتىپتۇ.بىردەمدىن كىيىن ئىچى جىمىپ قاپتۇ. خادىملار چىقىپ قارسا.نەپرەت ئۆزىلا بىرمۇنچە قۇرۇق بۇتۇلكىنى قۇچاقلاپ تۇرغۇدەك، قالغانلىرىنىڭ ھىچقايسى يوق .شۇنىڭ بىلەن سوراپتۇ؛ ---------باشقىلار قىنى؟--------- ---------ئۇلار پۇل تىپىش ئۈچۈن كىرەكسىز نەرسىنى يىغقۇچىىنى(شوپىلەي)نى ئىزدەپ كىلەي دەپ چىقىپ كەتتى --------دەپتۇ . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
SaBi~TaRiM | MALIKA_: ئاخشام يېرصم كېچصدة قاۋاقخانصدصن يةنة مةست چصقصپسصز ، مةھةلصدصكصلةرنصڭ ھةممصسص كۆرۈپتۇ ، سصز مېنصڭ يۈزۈمنص تۆكۈپ بولدصڭصز .
نەپرەت517 : سېنصڭ يۈزۈڭنص تۆكمةيمةن دةپ تاڭ ئاتقۇچة قاۋاقخانصدصن چصقمصسام بولامتص ....... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
SaBi~TaRiM | ئاغىنىمىز مۇختىرېم قىزدوستىدىن ئايرىلىپ كەتكەن كۇنلىرىدە ھاراققا بەكلا بىرىلىپ كەتكەن ئىدى .
بىركۇنى.يانچۇقىغا بىربوتۇلكا <ئەرگوتونى > سىلىۋىلىپ يولدىن كتىۋاتسا بىرماشىنا سوقىۋىتىپتۇ . شوپۇر قورقۇنچىلىقتا ئۇنىڭيىنىغاكىلىپ ئەپەندى بىرنىمە بولمىغانسىز دەپسورىسا .. مۇختېرېم ؛يوتىسىنى سىلاپ تۇرۇپ .ئىلاھىم چىققان بۇ سۇ ھاراق بولماي قان بولغىيتى دىگۇدەك.!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
SaBi~TaRiM | خوما_ بىلەن نەپرەت517 بىر-بىرنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن يۇرۇپتۇ ،بىركۈنى ئىككسى شۇنداق تاتلىق پاراڭلشۋىتىپ
_خوما_ تۇيۇقسىز سوراپ قاپتۇ: منى راس ياخشى كۆرەمىسىز؟ نەپرەت517 :ئەلۋەتتە ، بۇنمۇ سوراش كىتەمدۇ؟ _خوما_: ئۇنداقتا مەن ئۈچۈن بارلىقڭىزنى بىغىشليالامسىز؟ نەپرەت517 : ئەلۋەتتە ، بۇنمۇ سوراش كىتەمدۇ؟ جىنىم بىلەن .......... _خوما_ : ئۇنداقتا ماڭا 2مىڭ سوم بىرىپ تۇرالامىسىز؟ نەپرەت517: ئەلۋەتتە، بىراق .........پۇللارنى مەينەت بوپ كەتتى دەپ ئاخشىام يۇيۋىتىپتكەنمەن، قۇرغاندا بىرىپ تۇراي......... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
mamnun دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | توۋا مۇنداق قىزىقارلىق يۇمۇرلار مۇنبەرگە كېچىدە كېلىدىغان ئوخشايدۇ-ھە!
مۇنبەردىكىلەر يۇمۇرنىڭ ئاساسلىق خام ماتىرىيالى ئىكەن ئەمەسمۇ؟ تېما ئىگىسىگە رەھمەت ،كۇلۇپ ئۇيقۇم ئەتىگە قالدى. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gvlara دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بىر كۈنى نەپرەت يولدا كىتۋىتىپ قالتىس چىرايلىق ياسنىۋالغان مەلىكىگە كۆزى چۈپتۇ،ئىچىدە ئويلاپتۇ ،ھەجەپ چىرايلىق قىزكىنا ،قانداق كەلتۈرسەم بولا ،سائەت سورايمۇ يە بولمىغدەك ،بەك بۇرۇنقى ئۇسۇلغۇ بۇ ،
يا بولمىسا سزنى بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قالدىم دەيمۇ ؟ ھەي؟!بۇمۇ بولمىغدەك،بۇمۇ ئوتتۇرا ئەسىرگە تەۋە مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ئۇسۇلى بوپ قالغۇدەك ،نەپرەت ئۇ ئۇسۇلمۇ بولمايدىكەن ،بۇ .ئۇسۇلمۇ بولمايدىكەن دەپ تازا ئويلاۋاتسا ،يىراقتا تۇرۇپ نەپرەتنى بىرەر ئاۋارچىلققا ئۇچىرغان چىغى دەپ ئويلغان مەلىكە ئاستا كىلىپ بوش ئاۋازدا نەپرەتتن سوراپتۇ: كەچرۈڭ ئەپەندى بىرەر ياردىمم كىرەكمۇ؟ ئەگەر بولسا تارتىنماي دەۋىرىڭ ،كۈچۈمنىڭ يىتىشچە ياردەم قىلاي نەپرەت: راسما ؟ ئەجەپلەنگەن مەلىكە: ئەلۋەتتە راستە نەپرەت بىردەم تۇرۋەتكەندىن كىيىن :ئەمسە خاپا بولماي ماڭا قۇتقۇزۇش ماشىنىسدىن بىرنى چاقرىپ بىرەمسىز ؟ مەلىكە: ئەپەندىم نەرىڭىز بىئارام بولىۋاتىدۇ؟ نەپرەت؛ سىزگە قارساملا كۆزمگە يۇلتۇز كۆرنۈپ كىتۋاتىدۇ،دەپلا ھۇشدىن كىتىپتۇ،(ئەسلى بەك جىددىيلىشىپ كىتىپتىكەن شۇڭا ھۇشدىن كىتىپتۇ) | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئۇيغۇرئاي دىــــل ئازار،خۇدا بىزار | قىزىق يۇمۇركەن
رەھمەت سىزگە | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئىليار | ھا~~ ھا،،
قىزىقارلىقكەن!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
qimbulak ئاپا _ سەن ئەڭ ئۇلۇغ | شەبنەمدە مۇشۇنداق پەيزى بار بالىلار بولغاچقا ، مۇنبەر تا ھازىرغىچە ياخشى كەيپىياتتا تەرەققي قىلماقتا !
خوما چاقچاقلارغا كۈلىۋىرىپ جاۋاب يىزىشقىمۇ ئۈلگىرەلمەيۋاتقان چىغى .... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
naprat517 ئۇيغۇر ئوغلى | ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ"ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰ ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ!"
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ"ﺋﻪﺟﺎﺑﺎ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﻠﯩﻜﯩﻢ ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﺎ؟ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ"ﭼﯜﺷﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ! ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ"ﻛﻪﭼﻠﯩﻜﯩﻤﭽﯘ؟ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ:ﻛﻪﭼﻠﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ! ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ: ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ،ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﯕﻼﺭ! ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ:ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ،ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰ،ﭼﯜﺷﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰ،ﻛﻪﭼﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰ ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ! ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ:ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ،ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺑﯩﺰ ﻗﺎﺭﻣﯘ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ،ﻣﻪﻥ ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﺴﻪﻡ ،ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ ﻗﺎﺭﻣﯘ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺩﻩﻳﺴﯩﻠﻪﺭ،ﺑﯩﻠﺪﯨﯖﻼﺭﻣﯘ؟ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ:ﺑﯩﻠﺪﯗﻕ! ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ:ﺑۈگۈن ﮬﺎﯞﺍ ﺑﻪﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ:ﺑﯜﮔﯜﻥ ﮬﺎﯞﺍ ﺑﻪﻙ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ:ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺑﻪﻙ ﺋﻮﭼﯘﻕ! ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ:ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺑﻪﻙ ﺑﻮﻟﯘﺗﻠﯘﻕ! ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ:ﻛﻮﭼﯩﺪﺍﺋﺎﺩﻡ ﺑﻪﻙ ﺟﯩﻖ! ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ:ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﻮﻕ! ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ:ﻳﺎﺵ! ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ:ﻗﯧﺮﻯ! ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ:ﺋﯚﺭﻩ ﺗﯘﺭﯗﺵ! ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ:ﺩﯛﻡ ﻳﯧﺘﯩﯟﯨﻠﯩﺶ! ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ:ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺵ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﺗﯩﻚ ﺗﯘﺭﺩﻯ! ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ:ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺮﻯ ﻣﻮﻣﺎﻱ ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﺩﯛﻡ ﻳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ! ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ:ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﺗﯧﭙﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ! ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ:ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﻳﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ! ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ:ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﯟﯨﻠﯩﭗ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ! ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ:ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﻳﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ،ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻏﯘﺭﻟﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ! ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ:ﺧﺎﺗﺎ!!!!ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ! ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ:ﺗﻮﻏﺮﺍ!!!!ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﻴﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ! ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ:ﺧﺎﺗﺎ! ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ:ﺗﻮﻏﺮﺍ! ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ:ﺑﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ،ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ! ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ:ﺑﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ،ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ! ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ:ﻣﻪﻥ ﺧﺎﺗﺎ ﺩﯨﺪﯨﻢ! ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ:ﺑﯩﺰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﯨﺪﯗﻕ! ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ:ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯖﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﯕﻼﺭ،ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ! ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ:ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﯕﻼﺭ،ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎ! ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ:ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﻪﻙ ﺩﯙﺕ ﺋﯩﻜﻪﻧﺴﯩﻠﻪﺭ! ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ:ﺑﯩﺰ ﺑﻪﻙ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ! ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ:ﺗﻮﺧﺘﺎﺕ! ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ:ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ! ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ:ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﯖﻼﺭ،ﺩﯨﻤﻪﯕﻼﺭ! ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ:ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﻤﯩﺰ،ﻳﻪﻧﻪ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ! ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ:ﺳﯩﻠﻪﺭ ﮬﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭ ﺩﯙﺕ،ﻣﻪﻥ ﺗﻮﺧﺘﺎﯕﻼﺭ ﺩﻩﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ! ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ:ﺑﯩﺰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﻪﻙ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ،ﺑﯩﺰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺍﺗﯩﻤﯩﺰ! ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ:ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﮔﯩﭙﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭ ﻛﯧﺮﻩﻙ! ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ:ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﯩﺰ ﻧﯩﯔ ﮔﯩﭙﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ! ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ:ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﺷﯩﻘﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﯖﻼﺭ ﺩﻩﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ! ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ:ﺑﯩﺰ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﺷﯩﻘﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ﺩﻩﯞﺍﺗﯩﻤﯩﺰ! ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ:ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻣﻪﺷﯩﻖ ﺗﯜﮔﯜﺩﻯ! ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ:ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻣﻪﺷﯩﻖ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ! ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ :ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻧﯩﻤﺎﻧﺪﺍﻕ .... ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ:ﺑﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ! ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ:ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻗﯩﻠﯩﺶ!!! ﺳﺎﺭﺍﯕﻼﺭ! ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ:ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﯩﺰ!!!ﺋﻮﯕﻼﺭ! ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻣﻪﻗﯩﺴﯩﺘﯩﻨﻰ چۈشەندۈرۈپ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻱ،ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻦ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gvlara دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ھا ھا ھا قىززىقكەن
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|