| ||||||
0991sumruh | مۇنبەردىكىلەرگە ھېيتلىق چاقچاق (3)خۇداغا شۈكۈر munajat7ئۆزىنىڭ ئات-ھارۋىسىنى dilhux.cn غا ساتماقچى بولۇپ چۈشەندۈرۈپتۇ: _بۇ ئات دىنغا ئائىت ئاتالغۇلارنى چۈشىنىدۇ« خۇداغا شۈكۈر» دىسەڭ يۈگرەيدۇ ،«قۇدرىتى ئۇلۇغ خۇدا »دىسەڭ توختايدۇ. dilhux.cn بۇ گەپكە بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي ، سىناپ بېقىش ئۈچۈن «خۇداغا شۈكۈر» دەپتىكەن ئات قۇيۇندەك چېپىپتۇ،ئۇلار بىر چاغدا بىر ھاڭنىڭ گىرۋىگىگە بېرىپ قاپتۇ،قورقۇپ جېنى چىققان dilhux.cn نىڭ ئېسىگە ئاتنى توختىدىغان سۆز تەستە كەپتۇ: _قۇدرىتى ئۇلۇغ خۇدا! ئۆلۈمدىن تەستە قۇتۇلۇپ قالغان dilhux.cn ئىختىيارسىز ئۇھ تارتىپ «خۇداغا شۈكۈر»دەپ ساپتۇ. خاتا چۈشىنىش manggutaxسىرچىلىق قىلىپ يۈرگەن كۈنلەردە بىر ئايال ئۇنىڭغا ھوجرىسىنى سىرلاتقۇزۇپتۇ ،لېكىن ئۇ كۈنى ئىشنى پۈتتۈرەلمەي ئەتىسى كېلىدىغان بولۇپ كېلىشىپتۇ. ئايالنىڭ ئېرى كەچتە كېلىپ چىراغنى ياندۇرۇش ئۈچۈن تامنى سىلاشتۇرۇپ ،تېخى سىرى قۇرمىغان تامنى بۇلغاپ قويۇپتۇ. ئەتىسى manggutaxيەنە كېلىپ ئىشىنى داۋاملاشتۇراي دەپ تۇرغاندا ،ئايال دەپتۇ: ھوجرامغا كىرىڭ ،مەن ئاخشام ئېرىم سىلىغان يەرلەرنى كۆرسىتىپ قوياي. _ياق،ياق ،خانىم ،_دەپتۇ manggutaxئۆڭۈپ-قىزىرىپ ،_مەن ھازىرغىچە ئۆزۈمنى ئۇنداق ناشايان ئىشلاردىن پاك تۇتۇپ كەلگەن. كىمنىڭكىنى دەيمەن kumbahنىڭ ئوغلى ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرغا ئاپىرىپتۇ ،ئۇ يولدا ماڭغاچ ئوغلىغا ئۈگىتىپتۇ: _دوختۇر سەندىن ئىسمىڭ كىم دەپ سورىسا،قۇمباغ دىگىن. _دادا،ئۇ دىگەن سىزنىڭ ئىسمىڭىز تۇرسا؟_دەپتۇ ئوغلى چۈشىنەلمەي. _ئەخمەق ،مېنىڭ ئىسمىمنى يازغۇزساڭ دورا پۇلىنى ئىدارەم تۆلەيدۇ ئەمەسمۇ. ئۇلار دوختۇرنىڭ يېنىغا كىرگەندىن كېيىن ،دوختۇر بالىدىن سوراپتۇ: _شاكىچىك،ئىسمىڭ كىم؟ _قۇمباغ. _نەچچىگە كىردىڭ؟ بۇ چاغدا بالا نىمە دىيىشنى بىلەلمەي دۇدۇقلاپ قاپتۇ ۋە كەينىگە بۇرۇلۇپ ،سوراپتۇ: _دادا،بۇنىڭغىمۇ سىزنىڭ يېشىڭىزنى دەمدىم؟ تەلىيىڭىز باركەن بىر كۈنى سەخىي كوچىدا موتسىكلىت ھەيدەپ كېتىۋېتىپ arzul01نى سوقىۋېتىپتۇ،ئۇ دەرھال موتسىكلىتتىن سەكرەپ چۈشۈپ arzul01نى يۆلەپ تۇرغۇزۇپتۇ. _بۈگۈن مېنى تازىمۇ نەس باستىغۇ ،_دەپتۇ arzul01قاپاقلىرىنى ئۇچۇرۇپ ئاچچىقلىنىپ. _ياق ،ئۇنداق ئەمەس خانقىز،_دەپتۇسەخىي جىددى ئەمما تەمكىن قىياپەتتە ،_سىزنىڭ ھەقىقەتەن تەلىيىڭىز باركەن ،ھېلىمۇ ياخشى بۇگۇن مەن موتسىكىلت ھەيدىگەندە كېلىپ سوقۇلدىڭىز،ئۇنداق بولمىغاندا ،مېنىڭ ئادەتتە ھەيدەيدىغىنىم چوڭ تىپتىكى يۈك ماشىنىسى ئىدى. مەقسەت باشقا 罗马王子 كەچتە سۆيگىنىنىڭ ئۆيىگە باردى ،ئۇلارنىڭ ئازادە مۇڭدىشىۋېلىشى ئۈچۈن سۆيگىنىنىڭ ئاتا -ئانىسى ئۇلارغا ئۆينى ئوڭچە قالدۇرۇپ سىرتقا چىقىپ كەتتى. ئىككىسى يالغۇز قالغاندا ،罗马王子سۆيگىنىگە پەس ئاۋازدا دېدى: _سۆيۈملۈكۈم كارىدورنىڭ چىرىقىنى ئۆچۈرۋەتسەم بولامدۇ؟ _مەيلى ،_قىز پەس ئاۋازدا جاۋاپ بەردى.罗马王子 كارىدورنىڭ چىرىقىنى ئۆچۈرۋەتتى . _ئەمدى ئۆينىڭ چىرىقىنى ئۆچۈرۋەتسەم بولامدۇ؟ _مەيلى ،_دېدى قىزچاق قىزىرىپ.罗马王子ئۆينىڭ چىرىقىنى ئۆچۈرۋەتتى . _سۆيۈملۈكۈم،ئۈستەل چىرىقىنىمۇ ئۆچۈرۋېتەيلىچۇ ،_دېدى 罗马王子خوشاللىقى ئىچىگە سىغماي. _بوپتۇ،_دېدى قىز بېشىنى يەرگە قىلىپ . ئۆي ئىچىنى تولۇق قاراڭغۇلۇق باسقاندىن كېيىن ،罗马王子مەغرۇرلۇق بىلەن دېدى: _سۆيۈملۈكۈم،قاراڭغۇدا يانىدىغان بۇ سائىتىمگە قارىڭە ،2مىڭ سومغا ئالغان ئىدىم،پەيزىمىكەن؟ نىمىشقا يىغلايسىلەر خۇشچاقچاق چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتۇبۇسىغا لىققىدە يولۇچى قاچىلاپ يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاش يولدا كېتىۋاتقاندا ئاپتۇبۇسنىڭ تورمۇزى ئىشلىمەي قالدى،يولۇچىلار قورققىنىدىن يىغلاشقا باشلىدى ،ھەم بارغانچە يىغا ئاۋازى ،قىيا -چىيا تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى. رولنى باشقۇرۇشقا كۈچى يەتمەي جىددىلىشىپ كېتىۋاتقان خۇشچاقچاق ئارقىغا قاراپ يولۇچىلارغا ۋاقىرىدى: _نېمىگە يىغلايسىلەر ؟بۇ ئاپتۇبۇس سىلەرنىڭ بولمىسا -يە؟ بۇ يەردە ئىسمى چىقمىغانلار ماۋۇ بەتلەرگە قاراپ بېقىڭ ./read.php?tid-75524.html ./read.php?tid-75628.html ___ باشقۇرغۇچى : ئۇيغۇرئاي تەرىپىدىن تەستىقلاندى . تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-04
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
tughrul ئانا تىلنى قوغداش شەرەپ | Re:مۇنبەردىكىلەرگە ھېيتلىق چاقچاق (3)سىزنىڭ يۇمۇرلىرىڭىز ئادەمنى كۈلۈپ تېلىقتۇرۋىتىدىكەنغۇ !
| ||||
---|---|---|---|---|---|
knights622 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Re:مۇنبەردىكىلەرگە ھېيتلىق چاقچاق (3)قىزقارلىق ئىكەن، رەھمەت
| ||||
---|---|---|---|---|---|
munajat7 | Re:مۇنبەردىكىلەرگە ھېيتلىق چاقچاق (3)رەخمەت، مۇنبەرنى مۇشۇنداق داۋاملىق قىززىتقايسىز.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
SirlihSayram دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | Re:مۇنبەردىكىلەرگە ھېيتلىق چاقچاق (3)«سۇمرۇغ يۇمۇرلىرى» دەپ كىتاپ چىقارسىڭىز چوقۇم ياخشى سېتىلدۇ ، ھىسام چاخچاخلىرىدىن
قېلىشمىغۇدەك . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ay-tilla دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Re:مۇنبەردىكىلەرگە ھېيتلىق چاقچاق (3)مەن يۇمۇردىن بەتەر يۇمۇردا ئىسمى بارلارغا كۇلگۇم كەلدى ھى ھى ھى ...
مەڭگۇ تاش سىرچىلىق قىپ دەپ ۋەت ھا ھا ھا | ||||
---|---|---|---|---|---|
خۇشچاقچاق | Re:مۇنبەردىكىلەرگە ھېيتلىق چاقچاق (3)0991sumruhقىز مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا بەك دۆت ئىكەن، دائىم سىناشتا 0ئالىدىكەن.
بىر كۈنى مەتىماتىكا سائىتىدە مۇئەللىم ئۇنىڭدىن بىر توننا قانچە كلوگرام دەپ سورىسا 0991sumruh زۇۋان سۈرمەي ئولتۇرۇپتۇ. ئاچچىقى كەلگەن مۇئەللىم: -0991sumruhسۇئالنى ئاڭلىدىڭوىزمۇ-يوق؟قۇلىقىڭىز ئېغىرمۇ نىمە؟-دەپتۇ. 0991sumruh: مۇئەللىم مەن تېخى قۇلىقىمنى جىڭلىتىپ باقمىدىم-دەپتۇ. | ||||
---|---|---|---|---|---|
halpambag دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Re:مۇنبەردىكىلەرگە ھېيتلىق چاقچاق (3) نىمانداق قىززىق...
| ||||
---|---|---|---|---|---|
0991sumruh | Re:مۇنبەردىكىلەرگە ھېيتلىق چاقچاق (3)بىر كۈنى ay-tilla نىڭ ئېرى ئاپىسى ئىككىسىنى كىنوغا ئاپىرىپتۇ،ئۇلار ئۈچى تازا قىزىقىپ كىنو كۆرۋاتقاندا ،ئىكراندا ئەر -خوتۇنلارنىڭ بولمىغۇر كۆرىنىشلىرى چىقىپ قاپتۇ.ay-tilla خىجىللىقتىن دەرھاللا يەرگە قارىۋاپتۇ ھەم ئىچىدە «شۇ تاپتا قېينى ئانام نىمىلەرنى ئويلاۋاتقاندۇ»دىگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ تۇرسا ،قېينى ئانىسى ئۇنىڭ قولىنى چىڭڭىدە سىقىپتۇھەم ئىكراندىن كۆزىنى ئۈزمەي :
_نېمىدىگەن چىرايلىق يوتقان كىرلىگى ئۇ،ئاۋۇ قىز ئۇنى نەدىن سېتىۋالغاندۇ ،_دىگۈدەك. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
خۇشچاقچاق | Re:مۇنبەردىكىلەرگە ھېيتلىق چاقچاق (3)0991sumruhبۇرۇن بىر تۇرلى ماللار ماگىزىنى ئاچقان ئىدى.
بىر كۈنى ناماششام ۋاقتىدا 7-8ياشلىق بىر بالا 0991sumruhنىڭ ماگىزىنىغا كىرىپ 0991sumruhغا بىر كوي پۇلنى تەڭلەپ دادام ماۋۇ پۇلغا ئىككى ئاخشام( ئاق شام دېمەكچى) بەرسۇن دەيدۇ-دەپتۇ. 0991sumruhپۇلنى ئالماي ئۇ بالىغا: -دادىڭىزغا دەپ قويۇڭ بۇ پۇلغا ئىككى ئاخشام ئەمەس،بىر ئاخشاممۇ كەلمەيدۇ. | ||||
---|---|---|---|---|---|
0991sumruh | Re:مۇنبەردىكىلەرگە ھېيتلىق چاقچاق (3)بىر كۈنى خۇشچاقچاق مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ ،ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئاپىسىغا كۆرسىتىپتۇ .ئاپىسى نەتىجىنى كۆرۈپ خاپا بولۇپ كېتىپتۇ:
_بۇلتۇر نەتىجەڭدىن شۇنداق خوشال بولغانىدىم ،بۇ يىل ساڭا نېمە بولدى؟ سىنىپ بويىچە نەتىجىسى ئەڭ يۇقۇرى بالىدىن ئەڭ تۆۋەن بالىغا چۈشۈپ قاپسەنغۇ؟ خۇشچاقچاقبىر پەس ئويلىنىۋېلىپ جاۋاپ بېرىپتۇ: _ھەممە ئوقۇغۇچىنىڭ ئاپىسى بالىسىنىڭ ئىمتىھاندا بىرىنچى بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ .ئەگەر ھەر قېتىم مەن بىرىنچى بولىۋەرسەم ئۇلارنىڭ ئاپىسى قانداق قىلىدۇ؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
0991sumruh | Re:مۇنبەردىكىلەرگە ھېيتلىق چاقچاق (3)خۇشچاقچاق ئۇچقۇچىلىق قىلىپ يۈرگەن ۋاقىتلىرى ئىكەن ،بىر كۈنى ئۆيىگە كەچ قاپتۇ،شۇنىڭ بىلەن خوتۇنىغا چاقچاق قىلغۇسى كېلىپ قېلىپ ،ئىشىك سىرتىدا تۇرۇپ:
_ئۇچقۇچى 777 بازىغا قايتتى،جىددى قونۇشنى تەلەپ قىلىمەن،_دەپتۇ. بۇ چاغدا ئۆينىڭ ئىچىدىن : _ئۇچقۇچى 737 چۈشەندى،ھازىرلا ئورۇن بوشىتىمەن،_دىگەن ئاۋاز كەپتۇ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
-ASRAR- دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Re:مۇنبەردىكىلەرگە ھېيتلىق چاقچاق (3)خوشاللىق.............زوربايلىق............
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
deldax كامىلجان ناسىر(دىلداش) | Re:مۇنبەردىكىلەرگە ھېيتلىق چاقچاق (3)مۇنبەرنى مۇشۇنداق چاقچاقلار بىلەن داۋاملىق قىززىتقايسىز.ئەقلىڭىز، ئەجرىڭىزگە رەھمەت
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
خۇشچاقچاق | Re:مۇنبەردىكىلەرگە ھېيتلىق چاقچاق (3)0991sumruhغا بىر كىلىشكەن يىگىت تەلەپ قويۇپتۇ.
0991sumruhئۇنىڭغا ئەگەر بىر چىشىڭىزنى يۇلۇپ بەرسىڭىز ئاندىن ماقۇل دەيمەن-دەپتۇ. ئۇ يىگىت ئەتىسى بىر چىشىنى كۆتۈرۈپ 0991sumruhنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. 0991sumruhتەسىرلىنىپ كىتىپ ماقۇل ،لېكىن كۇماك بولسىڭىز بولمايدۇ يالغان چىش سالدۇرايلى دەپتۇ. ئۇ يىگىت شۇ ئانلا ئۇدۇل چىشىغا چاپلىۋالغان قارا پىلاستىرنى ئىلىۋىتىپتۇ. 0991sumruhكەينىگە قاراپمۇ قويماي كىتىپ قاپتۇ. | ||||
---|---|---|---|---|---|