1.ئاللاھنىڭ سۆزى: (( ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ))
دىگەن ئايەت.(ئەئراف سۈرىسى،157-ئايەت).
بۇ ئايەتتىكى دەلىل(تەييىبات)دىگەن سۆزدىكى (ئەلىف ۋە لام)ئۇمۇمنى ئىپادىلەيدۇ ۋە ھەر قانداق پاك نەرسىنى ئۆز ئىچىگەئالىدۇ. ئىزىددىن ئىبنى ئابدۇسالام: (تەييىبات) دىگەن لەززەتلىنىدىغان نەرسىدۇر دىگەن.
يەنە: ((ئى مۆمىنلەر!اللە سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى(تەركى دۇنيا بولۇش يۈزىسىدىن ئۆزەڭلارغا)ھارام قىلماڭلار.(اللە بەلگىلەپ بەرگەن)چەكتىن ئاشماڭلار،اللە چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ)) مائىدە سۈرىسى،87-ئايەت.
2. ئاللاھنىڭ سۆزى: (( (ئى مۇھەممەد!)ئۇلار بىرەر تىجارەتنى ياكى تاماشانى كۆرسە، سېنى ئۆرە تۇرۇپ (خۇتبە ئوقۇۋاتقان)پېتىڭ تاشلاپ، ئۇنىڭغا (يەنى تىجارەتكە)يۈگىرىدۇ, (ئى مۇھەممەد ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، "اللەنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسە(يەنى ساۋاب ۋە نئمەت)تاماشادىن ۋە تىجارەتتىن ياخشىدۇر, اللّە رىزىق بەرگىچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر)) جۈمئە سۈرىسى،11-ئايەت.بۇ ئايەتنىڭ چۈشىش سەۋەبى ئىمام مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنغاندەك،ئۇلارنىڭ مال يۆتكەيدىغان كارۋانلىرى مال ئېلىپ كەلگەندە ئۇلار
كارۋانلارنى داپ چېلىپ ۋە ناخشا توۋلاپ كۈتىۋىلاتتى.ئۇلار تىجارەت كارۋانلىرىنى كۆرۈپ ئۇلارغا سېغىنغانلىقتىن رەسۇلۇللاھنى تاشلاپ
ئەگەر بۇ ئايەتتىكى"لەھۋى"-ناخشا، داپ ۋە ئۇندىن باشقىلار-ھارام بولۇپ قالسا، بۇ ھارام ئىش تىجارەتكە(ئەتفە)قىلىنمايتتى ياكىتىجارەت بىلەن بىر سىياقتا (ئەتفە)بولۇپ كەلمەيتتى.چۈنكى گىرامماتكا قائىدىسىدە مەئتۇف مەئتۇف ئەلەينىڭ ھۆكمىنى ئالىدۇ. " بۇ ئايەتنىڭ ئاخىردىكى: ((اللەنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسە(يەنى ساۋاب ۋە نئمەت)تاماشادىن ۋە تىجارەتتىن ياخشىدۇر))دىگەن ئايەت
روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ.بۇ ئايەت قانداقتۇر ****نى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى ئىككى ئىشنىڭ ئارسىدىكى ئارتۇق پەرقنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. -
مانا بۇ ئايەت ئويۇن-كۈلكىنى ھارام دەپ گۇمان قىلىدىغانلارغا رەددىيە.
3.ھەدىس شەرىفتىن: ھەزرىتى ئائىشە رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە:" قۇربان ھېيت كۈنلىرىنىڭ بىرىدە يېنىمدا ئىككى قىز داپ چېلىپ
ناخشا ئوقۇۋاتاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىيىمىگە يۆگىنىپ ياتاتتى، ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر كىرىپ ئۇلارغا تاپا قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئاڭلاپ يۈزىنى ئېچىپ:«ئى ئەبۇ بەكىر! ئۇلارنى توسمىغىن ، چۈنكى بۇ ئايەم كۈنلىرى»دىگەن، ئىمام
بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
بۇ ھەدسىتىكى دەلىل: ئىككى دېدەك قىز داپ بىلەن بىرگە ناخشا ئېيتقانلىقى، بۇ ناخشا ۋە داپنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆيىدە بولغانلىقى، ھەزرىتى ئائىشىنىڭ شۇنداقلا رەسۇلۇللاھنىڭ ئاڭلىغانلىقىدۇر.رەسۇلۇللاھنىڭ ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە: ئۇلارنى توسمىغىن دېگەنلىگىمۇ دەلىلدۇر.ناخشا ۋە مۇزىكا ھارام دىگىچىلەر بۇ ئىككى قىزنى كىچىك ئىدى دىيشىدۇ،لېكىن ھەدسىنىڭ ھېچ قايسى رىۋايىتىدە ئۇنداق دەلىل يوق.ھەدىستىكى ئىككى قىز كەسپى ناخشىچى بولسۇن ياكى كەسپى بولمىسۇن ئۇنىڭ ئالاقىسى يوق.چۈنكى ناخشا چالغۇ ئەسۋابىبولغان داپ بىلەن ئەمەلى چېلىندى... بەزىلەر ناخشا-مۇزىكا ھېيىتقىلا خاس دەپ قارايدۇ، لېكىن بىز دەيمىزكى:ھېيىتتا مۇباھ بولغان نەرسە ھارام بولمايدۇ.ھېيىتتا كۆڭۈل ۋەكىشلەرگە خۇرسەنلىك پەيدا قىلىش مۇستەھەب بولىدۇ. شۇنداقلا ھېيتقا ،ھېيتقا ئوخشاش مۇناسىۋەتلەر قىياس قىلىنىدۇ
4.ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، رۇبەيئى بىنت ئۇۋەيىز مۇنداق دەيدۇ:"مەن توي قىلغان كۈنى رەسۇلۇللاھ كىلىپمېنىڭ قېشىمدا ئولتۇردى...دېدەكلەر بىزگە داپ چېلىۋاتاتتى...ھەتتاكى ئۇلاردىن بىرسى: بىزدە ئەتىكى ئىشنى بىلىدىغان پەيغەمبەر بار، دەپ ناخشا ئېيتقاندا رەسۇلۇللاھ: "بۇنداق دىمەي، باشقا گىپىڭنى دىگىن"دىگەن.
5.شۇنداقلا ناخشا ۋە مۇزىكىنىڭ ھالاللىقىغا يەنە بىر دەلىل ھەزرىتى ئائىشەنىڭ ھەدىسى:"ھەزرىتى ئائىشە يېقىنىدىن بىر قىزنى ئەنسارىلاردىن بىرگە ياتلىق قىلىدۇ، رەسۇلۇللاھ:" ئى ئائىشە! ئويۇن ـ تاماشا بولدىمۇ؟ ئەنسارلار ئويۇن ـ تاماشاغا ئامراق"دىگەن.بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان ھەدىستە:"ھەزرىتى ئائىشە يېقىنىدىن بىر قىزنى ئەنسارىلاردىن بىر كىشىگە ياتلىق قىلىدۇ،رەسۇلۇللاھ كىلىپ:" قىزنى ياتلىق قىلغان ئوخشىمامسىلەر" دەيدۇ،ئۇلار:ھەئە،دەپ جاۋاب بېرشىدۇ.رەسۇلۇللاھ:" ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ناخشا ئېيىتىپ بېرىدىغان ئادەمنى ئەۋەتتىڭلىمۇ" ؟دەپ سورىغاندا،ھەزرىتى ئائىشە:ياق، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. رەسۇلۇللاھ:" ئەنسارىلار ئويۇن تاماشاغا ئامراق غەزەلچى خەلق، ئەگەر ئۇلارغا ناخشىچىدىن بىرنى ئەۋەتسەڭلارچۇ! "دەيدۇ. (ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان،1900- ھەدىس).
بۇ ھەدىس تۈرلۈك مىللەتلەرنىڭ ئۆرۈپ-ئادەتلىرى ۋە مىجەزلىرىگە رىئايە قىلىشنىڭ لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا رەسۇلۇللاھ بۇ ھەدىستە نېمە دەپ ناخشا ئېيىتىدىغانلىقىنىمۇ دەپ بەرگەن. .
6.بۇرەيدە رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە:"رەسۇلۇللاھ بەزى غازاتلىرىدىن قايتىپ كەلگەندە بىر قارا دېدەك:ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى:مەن سىلى سالامەت قايتىپ كەلسىلە سىلىگە داپ چېلىپ ناخشا ئېيتىپ بېرىشكە نەزىر قىلغان ئىدىم دەيدۇ.رەسۇلۇللاھ:" ئەگەر سەن
نەزىر قىلغان بولساڭ داپ چالغىن، بولمىسا ئۇنداق قىلمىغىن"دىگەن.ئۇ ئايال داپ چالدى، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى كىردى چېلىۋەردى، ھەزرىتى ئەلى كىردى چېلىۋەردى، ئاندىن ھەزرىتى ئوسمان كىردى جېلىۋەردى، ئاندىن ھەزرىتى ئۆمەر كىرگەندە ئۇ ئايال داپنى ئاستىغا قويۇپ ئولتۇردى.رەسۇلۇللاھ:" ئى ئۆمەر، شەيتان سەندىن قورقىدۇ، مەن ئولتۇراتتىم ئۇ ئايال چېلىۋەردى،ئەبۇبەكرى كىردى
چېلىۋەردى،ئەلى كىردى چېلىۋەردى، ئوسمان كىردى چېلىۋەردى، ئاندىن سەن كىرىپتىڭ ئۇ ئايال داپنى تاشلىدى"دىدى. ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.
دىمەك، بۇ ھەدىس بىر كىشى سەپەردىن قايتىپ كەلسە داپ چېلىپ قارشى ئالسا بولىدىغانلىقىغا دەلىل.ناخشىنى جائىز دىگۈچىلەر بۇ ھەدىسكە تايىنىپ ناخشا ئېيتىش ھەر ۋاقىتتا دۇرۇس دىيىشكەن.
7.ئامىر ھەدىس رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىبنى مەسئۇد ۋە قۇرزە ئىبنى كەئبىنىڭ قېشىغا كىرسەم، ئۇلارنىڭ قېشىدا دىدەكلەر ناخشا ئېيتىۋاتقان ئىكەن.مەن:سىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرى تۇرۇپ مۇشۇنداق قىلساڭلار بولامدۇ؟دىسەم، ئۇ ئىككەيلەن ماڭا: توي قىلغاندا ئويۇن-تاماشا رۇخسەت قىلىندى"دەپ جاۋاب بېرىشتى.يەنە بىر رىۋايەتتە: "خالىساڭ ئولتۇرۇپ ئاڭلىغىن، خالىمىساڭ كەتكىن، چۈنكى توي قىلغاندا ئويۇن تاماشا رۇخسەت قىلىنىدى"دىگەن.(نەسەئى ۋە ئىبنى ئەبى شەيبە رىۋايەت قىلغان). -
8.سائىب ئىبنى يەزىد رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە:"بىر ئايال رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كەلدى،رەسۇلۇللاھ:" ئائىشە، بۇ ئايالنى
تونۇمسەن؟ دىگەندە، ھەزرىتى ئائىشە:ياق، دەپ جاۋاب بېرىدۇ.رەسۇلۇللاھ: بۇ پالانىنىڭ ناخشىچى دىدىكى،ساڭا ناخشا ئېيتىپ بەرسۇنمۇ؟دەيدۇ، ۋە ئۇ ئايال ناخشا ئېيتىپ بېرىدۇ".نەسەئى رىۋايەت قىلغان.
بۇ ھەدىس ناخشا ۋە مۇزىكىنىڭ مۇباھلىقىغا دەلىل، ئەگەر ھارام بولغان بولسا رۇخسەت قىلمىغان بولاتتى.شۇنداقلا رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە ناخشىچى ئاياللارنىڭ بارلىقىغا دەلىل،رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلمىغان.بۇ ھەدىس شۇنداقلا ھېيىت، توي تۆكىندىن باشقا ۋاقىتلاردىمۇ ناخشا-مۇزىكىنىڭ دۇرۇسلىقىغا دەلىلدۇر.9." ھالال بىلەن ھارامنىڭ ئارسىدىكى ھەدىس داپ ۋە نىكاھتىكى ئاۋاز"دىگەن ھەدىس.نەسەئى، تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان.
10. ساھابىلەرنىڭ كۆرسەتمىسى: ناخشا ئاڭلىغانلار:ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئوسمان، ئابدۇراخمان ئىبنى ئەۋف، ئەبۇ مەسئۇد،ئابدۇللاھ جەئفەر، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير،ئۇسامە ئىبنى زەيد،ئىمران ئىبنى ھۈسەين، بىلال ئىبنى رەباھ، ھەسسان ئىبنى سابىت...(ئىسابە، ئىستىيئاب، ئىئتىسام،بەيھەقى، زۇبەيدىگە... قاراڭ.
11. ناخشىنى ئاڭىلغانلار ۋە دۇرۇس دىگەن تابىئىنلار: سەئىد ئىبنى مۇسەييىب، سالىم ئىبنى ئابدۇللاھ،خارىجە ئىبنى زەيد،قازى شۇرەيھ، سەئىد ئىبنى جۇبەير،ئامىر شۇئبى، ئەتا ئىبنى ئەبى رەباھ، ئىبنى ئەبى ئۇتەيق، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز... ئۇلاردىن باشقا ناخشا(غىنا)مۇباھ دىگۈچىلەر:ئىبنى جۇرەيھ، ئىمام ئەبۇھەنىفە(ناخشا چوڭ گۇناھ ئەمەس ياكى كىچىك گۇناھلارنىڭ يامىنىمۇ ئەمەس دىگەن)ئىمام مالىك،ئىمام شافىئى،ئىمام ئەھمەد،ئىسھاق مەۋسىلى، سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە.
12.ناخشا ئاڭلاش مۇباھ دىگۈچىلەر شەرىئەتنىڭ مەقسىتىگە قاراش لازىم دېيىشتى.ئىمام شاتىبى: ئەسلىدە ئىبادەت ئىشىلىرىدامەقسەت ياكى مەزمۇنىغا قارىماي ئىبادەت قىلىش، ئادەت ۋە مۇئامىلىدە مەزمۇنى ۋە مەقىسىتىگە قاراش لازىم دەپ ھەر بىرىگە دەلىل كەلتۈرگەن.( شاتىبىنىڭ مۇۋافىقاتقا قاراڭ).
بۇ ھەقتە تەپسىلى ئىزدەنمەكچى بولىسىڭىز، ئىمام غەززالىنىڭ "ئىھيائۇلۇمىدىن 2- توم 287-بەتكە قاراڭ".
خۇلاسە شۇكى، ناخشا مۇزىكىنى ھارام دەپ ھالال ۋە مۇباھلىق دەلىلىغا كۆز يۇمۇش توغرا ئەمەس.شۇنداقلا بۇ مەسىلىدە بەك مۇبالىغلاشتۇرۇپ چوڭ گۇناھلار قاتارىغا قوشۇۋىتىشمۇ توغرا ئەمەس چۈنكى بەزىلەر مەكرۇھ دىگەن، بەزىلەر مۇباھ دىگەن،بەزىلەر مۇستەھەب دىگەن.
ئىسلام دىنى خەلقئارالىق دىن،مىللەتلەرنىڭ ئارسىدىكى پەرققە رىئايە قىلىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنى ھەر بىر مىللەتنىڭ خۇسۇسى
ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۋەتكەن ئەمەس. شۇنداقلا ئىختىلاپ بولغان مەسىلىلەردە ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ.چۈنكى ھەر بىر تەرەپ دەلىلغا تايىنىدۇ.
ناخشا ۋە مۇزىكا توغرىسىدا ئاساسەن 4 خىل قاراش مەۋجۇد:
1. مۇستەھەب.
2. مۇباھ.
3. مەكروھ
4. ھارام
خۇلاسە
ناخشا ۋە مۇزىكىنى ھارام دىگۈچىلەرنىڭ دەلىلى بار، مۇباھ دىگۈچىلەرنىڭمۇ دەلىلى بار.دەلىللارنى سېلىشتۇرغاندا مۇباھ دىگۈچىلەرنىڭ دەلىلى كۈچلۈك كېلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ دەلىلى تەنقىدتىن خالى بولغان.شۇنىڭ ئۈچۈن بىزناخشا
ئىسلام ئاۋازى تور بىتى
ناخشا ـ مۇزىكىنىڭ مۇباھ بولىشىنىڭ شەرتلىرى
1- ناخشا مەزمۇنى ئىسلام ئەدەب-ئەخلاقى ۋە كۆرسەتمىلىرىگە زىت كەلمەيدىغان بولىشى كېرەك. مەسىلەن: ھاراقنى قەدىرلەپ، ھاراق ئىچىشكە تەشۋىق قىلىدىغان ناخشا بولسا، بۇنداق ناخشىنى ئوقۇش ۋە ئاڭلاش ھارام بولىدۇ. UA)jZKo#/
2- ناخشا مەزمۇنى ئىسلام كۆرسەتمىلىرىگە زىت كەلمىگەن تەقدىردىمۇ، ناخشىچى ناخشىنى ئورۇنداشتا سۇيۇقلۇق قىلىپ قەستەن شەھۋەت قوزغاپ ئەخلاقسىزلىق ۋە پىتنە ـ پاساتقا قىزىقتۇرىدىغان بولسا، ئۇ، بۇ ئورۇنداش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوقۇغان ناخشىنى ھالال
دائىرىدىن ھارام دائىرىگە يۆتكىۋىتىدۇ.
3- ئىسلام دىنى ھەرقانداق نەرسىدە ئىسراپ قىلىش، چېكىدىن ئاشۇرىۋىتىشكە قارشى تۇرغان، ئۇ ھەتتا ئىبادەت قىلىشتىمۇ چېكىدىن ئاشۇرىۋىتىشكە قارشى تۇرغان تۇرسا، ئويۇن ـ تاماشا ۋە ۋاقىت زايا قىلىشتا چېكىدىن ئېشىپ كېتىشكە قارشى تۇرماسمۇ؟ ۋاقىت = ھايات
ئەمەسمۇ؟
شەكسىزكى، زۆرىر ئەمەس ئىشلاردا ۋاقىت ئىسراپ قىلىنسا، زۆرىر ئىشلارنىڭ ۋاقتىنى ئىگەللىۋالىدۇ، بۇ ھەقتە مۇنداق دئيىلگەن: "ئىسراپلا بولىدىكەن، چوقۇم يىنىدا زايا بولغان بىر ۋاجىب باردۇر".
4- بەزى ناخشا ـمۇزىكىلارغا ھەركىم ئۆزى باھا بەرسە بولىدۇ، مەسىلەن: ناخشا ياكى مۇزىكا ھېسسىياتنى قوزغاپ، بۇزۇقچىلىققا
سەۋەب بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭدىن دەرھال يىراقلىشىپ، قەلبىگە ۋە ئەخلاقىغا يامان تەسىر بېرىدىغان شامال ئېغىزىنى توسىۋىتىشى كىرەك. :
5- ناخشا، ھاراق ـ شاراب ئىچىلىدىغان سورۇنلاردا ئوقۇلۇش ياكى يالىڭاچلىق ۋە ئەخلاقسىزلىقتەك باشقا ھارام قىلىنغان نەرسىلەر
بىلەن چېتىلسا، بۇنداق ئەھۋالدىكى ناخشىنى ئوقۇش، كۆرۈش ۋە ئاڭلاش ھارام بولىدىغانلىقىدا ھېچقانداق ئىختىلاپ يوق، مانا kF
شۇنداق شارائىتتا ئوقۇلغان ناخشىنى ئېيتقان ۋە ئاڭلىغانلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دىگەن: ((ئۈممىتىمدىن بىر قىسىم كىشىلەر مۇزىكىلار بىلەن ئايال ناخشىچىلار ئويۇن كۆرسىتىۋاتقان يەرلەردە ئولتۇرۇپ، ھاراقنى ھەرخىل ئىسىملار بىلەن ئاتاپ ئىچمەي قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى يەرگە يۇتقىزىۋىتىدۇ، ئۇلارنى مايمۇن ۋە چوشقىلارغا ئايلاندۇرىۋىتىدۇ))(ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان). `
ئۇلارنى مايمۇن بىلەن چوشقىغا ئايلاندۇرىۋىتىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سىرىتىنى ئۆزگەرتىش شەرت ئەمەس، بەلكى، كۆڭۈل، ۋىجدان ۋە مەنىۋى دۇنياسىنى ئۆزگەرتسە، ئىنسان قىياپىتىدىكى بىر تەندە، مايمۇننىڭ كۆڭلى، چوشقىنىڭ روھىي دۇنياسى شەكىللەنگەن بولىدۇ(ناخشا-مۇزىكا ھۆكمى ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە كەڭراق ئىزدىنىش ئۈچۈن دوكتۇر يۇسۇف قەرزاۋىنىڭ 250 بەتلىك (فىقھۇل غىنا ۋەلمۇسىيقا) دىگەن كىتابىغا قاراڭ. قاھىرە 2001- يىلى1- بېسىلىشى-ت).
دوكتۇر يۇسۇف قەرزاۋىنىڭ«ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام»ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.يۇلۇچى تەييارلىغان
http://www.termiler.com/munber/ShowPost.asp?ThreadID=1359