تالانتلىق رىياسەتچى نېغمەت بىلەن سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 237ـ ئوقۇرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: خۇاشىيا مەدىنيىتى ئارىيانلارنى مەنبە قىلغانمۇ؟ IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
YAHXIMU

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 53767
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 40
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە40دانە
شۆھرەت: 41 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 400 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :22(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-06-29
ئاخىرقى :2008-10-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 خۇاشىيا مەدىنيىتى ئارىيانلارنى مەنبە قىلغانمۇ؟

                                  خۇاشىيا مەدىنيىتى ئارىيانلارنى مەنبە قىلغانمۇ؟

بۇگۇنكى كۇندە جۇڭگو تۇپرىقىدا ياشاۋاتقان مۇتلەق كۆپ كىشلەردە موڭغۇلوئىد ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى روشەن ئىپادىلىندۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى قەدىمقى خۇاشىيا مەدىنيىتىنىڭ كېيىنكى ۋارىسلىرى دەپ ھېساپلشىىدۇ. ئەمىسە شۇ قەدىمقى مەدىنيەتنى ياراتقان قەدىمقى مىللەت زادى قايسى ئىرققا تەۋە؟ ئەمىليەتتە ئۇلار ئاق تەنلىك ئارىيانلاردۇر. بۇ ھەرگىزمۇ ئەپسانە ئەمەس. ئەمىليەتتە نۇرغۇنلىغان ئارخىئولوگىيەلىك بايقاشلار ۋە DNA تەكشۇرۇش نەتىجىلىرىنى ئاساس قىلغان ئىنسانشۇناسلىق ۋە سېلىشتۇرما تىل تەتقىقاتىدىكى پاكىتلار بۇنى ئىسپاتلايدۇ.
بۇنى ئىسپاتلايدىغان ئاساس-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
شەندۇڭ، خېنەن، سىچۇەن،شەنشى ، گەنسۇ، ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭ، قاتارلىق جايلاردىن كاۋكاز ئىرقى( ئاق ئىرق) ئالاھىدىلىكى بولغان قەدىمقى ئىنسانلارنىڭ سۆڭەكلىرى ، قۇرۇق جەسەتلىرى ۋە ھەيكەل قاتارلىق نۇرغۇن يادىكارلىقلار قېزىۋېلىندى. قەدىمقى خاتىرىلەردە قەدىمقى خۇاشىيا مىللىتى ۋە شىمالدىكى چارۋىچى خەلقلەردە كاۋكاز ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكى بارلىقى توغىرسىدا نۇرغۇن بايانلار بار. قەدىمقى خەنزۇ تىلى بىلەن ئىنگىلىز تىلى قاتارلىق ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىسىدىكى تىللاردا كېلىپ چىقىش ئوخشاش بولغان زور تۇركۇمدىكى سۆزلۇكلەرنىڭ بولىشى ۋە ھاكازالار.
بۇنى ئىسپاتلاشتىن بۇرۇن بىز ئالدى بىلەن ئىرق ۋە تىل توغىرسىدىكى ئۇقۇم ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى بىلىپ باقايلى!.
ئادەتتە بىز ئاددى قىلىپ ئىنسانلارنى ئاق تەنلىك ، سېرىق تەنلىك ، قارا تەنلىكلەرگە ئايرىيمىز. بۇ گەرچە ئوموملاشقان كۆز قاراش بولسىمۇ لېكىن توغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. بۇ خىل تېرە رەڭگىگە قاراپ ئىرققا ئايرىش ئانچە ئىلمى بولمىغان ئۇسۇل . چۇنكى تېرە سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە روشەن ئۇچىرايدىغان بولغاچقا، بۇ ئىرققا ئايرىشنىڭ ئاساسىي ئەمەس. ئادەتتە كۆز رەڭگى، چاچنىڭ رەڭگى ۋە ھالىتى، بۇرۇن شەكلى، كۆز شەكلى، باش شەكىللىرىگە ئاساسەن كاۋكاز ئىرىقى ( ئاق تەنلىك)، موڭغۇلوئىد ئىرقى (سېرىق تەنلىك)، نېگىر ئىرقى (قارا تەنلىك)، پىگمىلار، ئاۋستىرالىيە ئىرقىدىكلەر قاتارلىق تۇرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ. بۇ يەردە ئۆتكۇنچى بەزى ئىرقلار ، ئارلاشما شالغۇت ئىرىقلار ۋە ئايرىش قىيىن بولغان مۇھىم بولمىغان ئىرىقلارنى مۇھاكىمە قىلىنمايدۇ.
ئىنسانلارنىڭ تىلى ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىسى(كەڭ مەنىدىكى ئارىيانلارنى كۆرسىتىدۇ)، ھام-سام تىل سېستىمىسى (يەھۇدىلار، ئەرەپلەر، قەدىمقى بابىللىقلار، قەدىمقى ئاسسۇرىيەلىكلەر، فىنكلار قاتارلىقلار )،خەنزۇ-زاڭزۇ تىل سېستىمىسى، ئالتاي تىل سېستىمىسى( تۇرك، موڭغۇل، توڭگۇس قاتارلىق تۇركۇملەرگە بۆلىندۇ) قاتارلىق بىر قانچىگە بۆلىندۇ.
ئەمدى بىز تۆۋەندىكى ئەمىليى پاكىتلارنى كۆرۇپ باقايلى!
1. جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسى گېن تەتقىقات مەركىزى، شەندۇڭ ئارخىئولوگىيە تەتقىقات ئورنى ، ياپونىيە توكيو ئۇنۋىرسىتىتى ئىنسانشۇناسلىق فاكولتىتى ھۇجەيرە تەرەققىياتى تەتقىقا ت ئىشخانىسى قاتارلىقلار ھەمكارلىقدىكى شەندۇڭ يېڭى تاش قوراللار دەۋرى داۋىنكۇ مەدىنيەت دەۋرىلىرىگە مەنسۇپ بولغان قەبرىلەر ۋە ئەمىنىيە-يېغىلىق دەۋرىگە مەنسۇپ شەندۇڭ لىنزى قەدىمقى قەۋرىلەرتوپىدىن چىققان قەدىمقى ئىنسانلار نىڭ سۆڭەكلىرىدىن ئېلىنغان DNA تەكشۇرۇش نەتىجىلىرىدىن شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى، كۇڭزىچىلارنىڭ كېلىپ چىققان جايى شەندۇڭدا يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىن تارتىپ ئەمىنىيە -يېغىلىق دەۋرلىرىگىچە شۇ جايدا ياشىغان خەلقلەردە كاۋكاز ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى روشەن بولغان. بۇنىڭدىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇكى كۇڭزىدا كاۋكاز ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولغا بولىدۇ. سۇي-تاڭ دەۋرلىرىگە كەلگەندە ئاندىن شەندۇڭدا كاۋكاز ئىرىقى ۋە موڭغۇلوئىد ئىرقىنىڭ ئارلاشما تىپلىرى بولغان، بۇ ھازىرقى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئارلاشما ئىرىقتىكى تىپلارغا ئوخشايدۇ. مىڭ -چىڭ دەۋرىلىرىگە كەلگەندە ئاندىن بۇ يەردىكى كىشلەر روشەن بولغان موڭغۇلۇئىد ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان. بۇ تەتقىقا ت نەتىجىلىرى ئىلگىرى 2000-يىلدىكى «21-ئەسىر جۇڭگو ئارخىئولوگىيەسى ۋە دۇنيا ئارخىئولوگىيەسى ئىلمى تەتقىقات يىغىنى»دا ئېلان قىلنغان.2002-يىلى «چىلۇ كەچلىك گېزىتى»،« شەندۇڭ سودا گېزىتى»،sina تورى قاتارلىق ئاخبىرات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنغان.
2. يىن خارابىيلىقىدىن _ جۇڭگودىكى ئەڭ قەدىمقى مەدىنيەت -شاڭ مەدىنيىتى خارابىيلىقىدىن قېزىۋېلىنغان سۆڭەك -ئۇستىخانلار ئىچىدە كاۋكاز ئىرقىغا تەۋە سۆڭەكلەر بولغان شۇنداقلا موڭغۇلوئىدلار ۋە نېگىرلارنىڭ سۆڭەكلىرىمۇ بولغان. بۇلار بىللە دەپنە قىلىنغان ئازگاللار ۋە قۇربانلىق ئازگاللىرىدىن كەلگەن. بۇ بەلكىم ئەينى چاغدىكى قۇللار ياكى ئەسىرلەر بولىشى مۇمكىن ئىكەن.
3. قەدىمقى جۇڭگونىڭ تارىخى خاتىرىلىرىدە خاتىرىلەنگەن ئەتراپتىكى مىللەتلەر _ غەربى رۇڭ، شىمالى دى، جەنوبى مەن، شەرقى يى لاردا كاۋكاز ئىرقىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۇنەرلىك بولغان. بۇلار بىۋاستە شاڭ ،جۇ قاتارلىق جۇڭگونىڭ قەدىمقى مەدىنيىتىنىڭ كېلىش مەنبەلىرى بولغان. مەسىلەن: شاڭ مەدىنيىتىنىڭ ئىككى كېلىش مەنبەسىدىن بىرى بولغان شەرقى يى لار ئوۋچىلىقنى ئاساس قىلغان قەبىلىدۇر. شەندۇڭدا ياشىغان شەرقى يى لار كاۋكاز ئىرقىغا تەۋە بولغان ئىكەن شەرقى يىلارنى كېلىش مەنبەسى قىلغان شاڭ سۇلالىسىدىكلەردىمۇ نۇرغۇن كاۋكاز ئىرقىنىڭ تەركىپلىرى بولغان بولىدۇ. ئارخىئولوگىيەلىك بايقاشلاردىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق بولۇپ ، كۇڭزى بولسا شاڭ سۇلالىسىلىق كۆچمەنلەرنىڭ ئەۋلادى.
گومورو ئەپەندى داۋىنكۇ مەدىنيىتى دەۋرىدىكى شەرقى يىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ساقال -بۇرۇتى ۋە مويلىرى قويۇق، ئىلمەك بۇرۇن كەلگەنلىكىنى . بۇ كاۋكاز ئىرقىدىكىلەرنىڭ تەركىپلىرىنىڭ بارلىقىنى .شىمالى دىلارمۇ ساقاللىق ، كۆك كۆز ، قاڭشارلىق كەلگەن كاۋكاز ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. بۇنىڭدىن سىرت شەرقى يىلاردا يەنە تۇڭگۇس ئىرقى( موڭغۇلوئىد)نىڭ تەركىپلىرىمۇ بولغان.
4.جۇڭگودىكى ئىككىنچى مەدىنيەت - جۇ سۇلالىسى روشەن كاۋكاز ئىرق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە غەربى رۇڭلارنى (تۇخار تىلى_ ھىندى ياۋروپا تىل سېستىمىسىدا) كېلىش مەنبەسى قىلغان. جۇلۇقلارنىڭ ئەجدادىنىڭ ئىسمى弃 لەقىمى后稷؛ ئانا جەمەتى姜嫄 بولۇپ چاڭ قەبىلىسىدىن ئىكەن. چاڭلار غەربى رۇڭلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، جۇ لۇقلار شاڭ نى يوقۇتۇپ ئوتتۇرا تۇزلەڭلىككە كىرگەندىن كېيىن رۇڭ،دىلارنى كەمسىتىدىغان ئادىتى شەكىللىنىپ ئاستا-ئاستا كۆچمەن تۇرمۇشتىن قۇتۇلغان.
يالغۇز غەربى جۇ قەبرىلىرىدىلا روشەن بولغان كاۋكاز ئىرق ئالاھىدىلىكى بولغان باش سۆڭەكلەر بولۇپ قالماستىن 1976-يىلى گەنسۇنىڭ لىڭتەيدىكى بەيساۋپودىن چىققان غەربى جۇ دەۋرىدىكى يادىكارلىقلار ئىچىدە تۇچتىن ياسالغان ئادەم بېشىنىڭ ھەيكىلىدە كاۋكاز ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بولغان. 1980-يىلى شەنشى فۇفىڭدىن چىققان غەربى جۇغا ئائىت يادىكارلىقلاردىكى باش ھەيكەلدە قاڭشارلىق ، تار يۇزلۇك، ئورا كۆز بولغان كاۋكاز ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بولغان. يەنە باش چوققىسدا يەنە بىر «十»خېتى(巫دىگەن خەت) بولغان. بۇ بەلگە مىلادىدىن 5500يىل بۇرۇنقى غەربى ئاسىيادىكى خاراف مەدىنيىتىگە مەنسۇپ.
5.رىۋايەتلەردىكى خۇاڭدى ، يەندى، ياۋ، شۇن، يۇي قاتارلىق كىشىلەر ئەمىليەتتە بولمىغان. بۇلار ئەمىنىيە-يېغىلىق دەۋرىلىرى ۋە چىن-خەن دەۋرىلىرىدە كىشلەر تارىخى رىۋايەتلەرگە ئاساسەن ئويدۇرۇپ چىقىلغان كىشلەردۇر. بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىئولوگىيە دەۋرىگە ماس كېلىدىغان قەبىلە،فامىلىلەر مەسىلەن: ياۋ . شۇن ،يۇي لارغا ماس كېلىدىغان陶唐، 有虞،夏后 قاتارلىق فامىلىلەر. جۇڭگولۇق ئالىملارنىڭ ئسىپاتلىشىچە بۇ فامىلىلەر ھىندى -ياۋرۇپا تىل سېستىمىسىدىكى مىللەتلەرگە تەۋە ئىكەن.
غەربى شىمالدىن كەلگەن شىمالى دىلار _ رىۋايەتلەردىكى خۇاڭدىنىڭ قەبىلىسى بولسا توخار تىلىدا سۆزلىشىدىغان ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىسىدىكى ئۇرۇق -قەبىلە . 姜فامىلىسىنى قوللانغان يەندى قەبىلىسىمۇ ھىندى -ياۋروپا تىل سېستىمىسىدىكى مىللەت چاڭلاردىندۇر.
جۇ سۇلالىسى شاڭ سۇلالىسىنى يوقاتقاندىن كېيىن دى رۇڭلارنىڭ بىر قسىمى بىر قانچە كىچىك بەگلىكلەرنى قۇرغان بۇىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىنى جۇڭشەن دۆلىتى بولۇپ، جۇڭشەنلىكلەردە روشەن بولغان كاۋكاز ئىرقىنىڭ ئالامەتلىرى بولغان.
“夏“بولسا 夏后جەمەتىنىڭ ئاتىلىشى. ۋاڭ گوۋىي ، گوجېيگاڭ قاتارلىقلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ھىندى -ياۋروپا تىلىدىن كەلگەن ئىكەن. جۇ شاڭ نى يوقاتقاندىن كېيىن ، جۇ بىلەن شاڭ ئوخشاش بولمىغان قەبىلىلەردىن بولۇپ ، شىياخۇ جەمەتى غەربى رۇڭلاردىن بولغاچقا، ئۆزلىرىنى رىۋايەتلەردىكى 夏نىڭ ۋارىسلىرى ھېساپلىشاتتى. ھەمدە ئۆزلىرىنى “有夏”,دەپ ئاتىغان. ھەرقايسى ئىتتىپاقداش قەبىلىلەرنى “诸夏”;دەپ ئاتىغان. “华” بولسا جۇ لۇقلارنىڭ ئۆزىنى ئاتىشى . كېيىن ئوتتۇرا تۇزلەڭلىكتە ياشىغان كىشلەر ئۆزىنى “华夏”,دەپ ئاتاپ ، ئۆزىنى كېلىپ چىقىشى بىر بولغان غەربى رۇڭ، شىمالى دى ، جەنوبى مەن، شەرقى يى لاردىن پەرقلەندۇرۇپ كەلگەن. بۇ خەنزۇ مىللتىنىڭ مەنبەسى بولغان “华夏”,مىللىتىنىڭ كېلىپ چىقىشى.
جۇگوچىڭ ئەپەندى:« شىيا، شاڭ، جۇ لار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى دەۋر سۇرگەن سۇلالىلەر بولماستىن بەلكى ئوخشىمىغان ئۇچ قەبىلە ياكى مىللەتتۇر» دىگەنىدى.
6.ئادەتتىكى تەسەۋۋرىمىزنىڭ ئەكسىچە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3-ئەسىردىن بورۇن يەنى ھونلار غەرپكە كۆچۇشتىن بۇرۇن پۇتكۇل ياۋرو_ئاسىيا قۇرۇقلىقىدا ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىران، گانگ دەرياسى ۋادىسى، غەربى رايون (شىنجاڭ) ،ئالتاي رايونى، شۇنداقلا خېشى كارىدورى،گەنسۇ، شەنشى، ھەتتا خېتاۋ رايوندىكى ئوردوس يايلىقى قاتارلىق بارلىق دائىرىلەرنى كاۋكاز ئىرقىدىكلەر ( كەڭ مەنىدىكى ئارىيانلار) ئىگەللىگەن. بۇنى زور كۆلەمدىكى ئارخىئولوگىيەلىك بايقاشلار ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ. قەدىمقى خاتىرىلەردە جۇڭگونىڭ غەربى يەنى شىزاڭ، گەنسۇ، شەنشى، خېتاۋ رايونىنى ئۆزئىچىگە ئالغان رايونلاردا ياۋچى،ئۇيسۇن، كىرورەنلىكلەر، كۇسەنلىكلەر، چۇەنرۇڭلار، شىيەنيۇنلەر، چىياڭلار، رىنفاڭ، گۇيفاڭ قاتارلىق توخار تىلى ياكى شەرقى ئىران تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر ياشىغان. سىچۇەن، شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردىمۇ ھىندى ياۋروپا تىل سېستىمىسىدىكى كاۋكاز ئىرقىدىكى خەلقلەر ياشىغان. جۇڭگونىڭ غەربىدىن خېتاۋ رايونىغىچە بولغان رايوندا توخار تىلىدا سۆزلىشىدىغان ھىندى ياۋوپا تىل سېستىمىسىدىكى خەلقلەرنىڭ جۇڭگوغاكەلگەن دەۋرى ناھايىتى بۇرۇن بولغان. چۇنكى توخار تىلى ھىندى -ياۋروپا تىل سېستىمىسىدىكى سېنتىم گۇرۇپىسى( گىرمانلار بىلەن ئوخشاش)غا تەۋە بولۇپ،ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىسىدىكى ئىپتىدائىي بولغان تىلدا؛ غەربى يۇرت ياكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى شەرقى ئىران تىلىدىكى ساكلار ھىندى -ياۋروپا تىل سېستىمىسىدىكى سېتىم تىل گۇرۇپىسىغا تەۋە بولۇپ، كېيىنكى دەۋرلەردە بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان تىلدا سۆزلەشكەن. بۇنىڭدىن كۆرۇشكە بولۇدۇكى توخارلارنىڭ جۇڭگوغا كەلگەن ۋاقتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھىندى-ياۋروپا تىلى سىېستىمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ تىلى ئايرىلىپ چىقمىغان دەۋردە بولغان. بۇ مەزگىل تەخمىنەن مىلادىدىن 4300يىللار بۇرۇنقى ھىندى ياۋروپا خەلقلىرىنىڭ 1-قېتىملىق چوڭ كۆچىشى دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. شىنجاڭدىن تېپىلغان زور تۇركۇمدىكى كاۋكاز ئىرقىدىكى خەلقلەرنىڭ قەدىمقى قۇرۇق جەسەتلىرىنىڭ DNA تەكشۇرۇش نەتىجىلىرى بۇنى ئىسپاتلايدۇ.
بۇ مەزگىلدە جۇڭگو رايونىدا دەسلەپكى مەدىنيەت تېخى شەكىللەنمىگەن بولۇپ، كاۋكاز ئىرقىدىكى ھىندى-ياۋروپا تىلى سىېستىمىسىدىكى مىللەتلەر (ئارىيانلار) جۇڭگوغا كەلگەن. بۇ دەسلىپىدىكى تۇخار تىلدىكى مىللەتلەر ۋە كېيىنكى شەرقى ئىران تىلىدىكى مىللەتلەر بولۇپ ، ئۇلار ئوتتۇرا شەرق، غەربى ئاسىيانىڭ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ، بۇغداي، ئارپا،ئات-كالا كۆندۇرۇش، ھارۋا،ئىككى چاقلىق جەڭ ھارۋىسى ، تۇچ تېخنىكىسى ۋە كېيىنكى تۆمۇر تاۋلاش تېخنىكىسىنى ئېلىپ كەلگەن بۇلۇپ، ئۇلار ئوتتۇرا شەرقنىڭ تەسۋىرى يېزىقى ئاساسىدا شەكىللەنگەن چىغناق -تاغاق يېزىقىنى ئىجات قىلىپ جۇڭگو رايونىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى مەدىنيەت شاڭ ، جۇ مەدىنيىتىنى شەكىللەندۇرگەن.
7. مەدىنىيەت جەھەتتىن قارىغاندا شاڭ ، جۇ تۇچ بۇيۇملىرىدىكى جۇپ ئات جەمەت بەلگىسى ، شىنجاڭدىكى تەڭرىتاغ ۋە ئىچكى مۇڭغۇلدىكى يىنشەن تېغىدىكى قىيا تاش رەسىملىرىدىكى جۇپ ئات ئىلاھ ھەيكىلى، شۇنداقلا شىمالدىكى يايلاق ۋە دىھقانچىلىق مەدىنيىتى كېسىشكەن رايونلاردىكى جۇپ ئات ئويۇلغان بۇيۇملار ، ھىندى -ياۋروپا تىل سېستىمىسىدىكى ئارىيانلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ بىرى بولغان جۇپ ئات ئىلاھى قاتارلىقلارنىڭ مەدىنيەت جەھەتتىن يىلتىزى بىر تۇتاش بولۇپ، شەك-شۇبھىسىز ھىندى -ياۋروپا خەلىقلىرىدىن كەلگەن.
كېلىپ چىقىشى چاڭلاردىن بولغان جۇ لۇقلار ئاي-كۇنگە چوقۇنغان بولۇپ، ھىندى -ياۋروپا خەلقلىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئاتەشپەرەسلىك دىنىغا يېقىن كېلىدۇ. سېن جۇڭمىيەن ئەپەندى جۇ لۇقلارنى ئاتەشپەرەسلەر دەپ قارايدۇ. «پالنامە» مۇ ئاتەشپەرەسلىك (زورو ئاستىر)دىنىدىن كەلگەن. كەلگەن.
چۇ لار ، مىياۋلانىڭ ئەجدادى بولغان جەنوبى مەن لەرمۇ ھىندى - ياۋروپا خەلقلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان بولۇپ،كاۋكاز ئىرقىنىڭ تەركىپلىرى بولغان. جۇ لۇقلارنىڭ ئەپسانە -رىۋايەت سېستىمىسى ئارىيانلارنىڭ ئەپسانىلىرىغا يېقىن كېلىدۇ.
توخارلارنىڭ بىر قىسمى بولغان چاڭلار مەدىنيەت جەھەتتىن ھىندى-ياۋروپا خەلقلىرىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان. مەسىلەن: مىيتنى كۆيدرۇپ دەپنە قىلىش مىسال بولالايدۇ.....
خەن دەۋرىدە قۇرۇلغان جاڭيي، ۋۇۋىي، دۇنخۇاڭ دىگەن ۋىلايەت ناملىرىمۇ توخار تىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ..... قۇجۇنىڭ ئەسلى ئاھالىسى قوشلار، كىرورەنلىكلەر، كۇسەنلىكلەر، كىنگىتلىقلار ئوخشاشلا توخارلارنىڭ تارماقلىرى.
8. بىز ئىشلىتىۋاتقان خەنزۇ تىلى كۆپىنچە ھالدا خەنزۇ-تىبەت تىل سېستىمىسىغا تەۋە دەپ قارىلىدۇ. بۇ خىل كۆز قاراش ئەزەلدىن تالاش-تارتىش بولۇپ كېلىۋاتقان مەسىلە. ئەمىليەتتە قەدىمقى دەۋرىلەردە خەنزۇ تىلىدىمۇ كۆپ بۇغۇملۇق سۆزلەر بولۇپ،كېيىنچە كاتەكچە خەتنىڭ تەسىرىدە ئاستا-ئاستا تاق بوغۇملۇق بولۇپ ئۆزگەرگەن. بەزى تەتقىقاتچىلار خەنزۇ تىلى بىلەن ئېنگىلىز تىلى قاتارلىق ھىندى-ياۋروپا تىللىرىنىڭ ئىپتىدائىي شەكلىدىكى سۆز لۇكلەرنىڭ ئاھاڭى يېقىن بولۇپ ، خەنزۇ تىلى ھىندى -ياۋروپا تىل سېستىمىسى بىلەن يىلتىزداش دەپ قاراپ ، ھىندى - ياۋروپا تىل سېستىمىسىنىڭ بىر تارمىقى دەپ قارىدى.
9. سىچۇەن گۇاڭخەندىكى سەنشىڭدۇي( ئۇچ يۇلتۇز تۆپىلىكى) دىن چىققان ئادەم ھەيكەللىرىدە كاۋكاز ئىرقىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى بولۇپ ،ئالتۇن ھاسا ، تۇچ دەرەخ، كالىغا چوقۇنۇش، تاشقا چوقۇنۇش، ئۆي-ئىمارەت ئالاھىدىلىكى ۋە دەپنە قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتىن قەدىمقى سامىتلار ، ئارىيانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بولغان. شۇنداقلا يەھۇدىلارنىڭ دەپنە قىلىش ئۇسۇلى بولغان. بەزىلەر بۇنى ھام-سام تىل سېستىمىسىدىكى يەھۇدىلارنىڭ خارابىيلىقى دەپ قارىدى.
10.خۇاشىيا مىللەتىلىرى ئۆزىدىكى كاۋكاز ئىرق ئالاھىدىلىكىنى شەرقى جۇ سۇلالىسىدىن بۇرۇن ھەرقايسى ھىندى -ياۋروپا خەلقلىرىنىڭ كۆچىشى بىلەن ئۆزىنى تولۇقلاپ تۇرغان. كېيىنچە بۇ كۆچۇشنىڭ سۇسلىشىشىغا ئەگىشىپ كېلىش مەنبەسىنى يوقاتقان. بۇنىڭلىق بىلەن ئوتتۇرا تۇزلەڭلىكتىكى يەرلىك خەلقلەر ، موڭغۇل ئىگىزلىكىدىكى ۋە شەرقى شىمالى ئاسىيادىكى موڭغۇلوئىد خەلقلىرىنىڭ ئۇزلۇكسىز تولۇقلىشى ئارقىسداموڭغۇلوئىد ئىرقى ئۇستۇنلۇك ئىگەللىگەن.
11.ئوتتۇرا تۇزلەڭلىكتىكى خەنزۇلارنىڭ كاۋكاز ئىرق ئالاھىدىلىكى خەن سۇلالسىنىڭ ئاخىرى ئىككى جىن مەزگىللىرىگىچە ساقلىنىپ قالغان. ئۇچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسەنى ئوقىغان كىشلەر سۇن چۇەننىڭ كۆك كۆز . سۆسۇن ساقال ، ساۋساۋنىڭ ئوغلى ساۋجاڭنىڭ سېرىق ساقال ، گۇەن يۇي، تەي شىسى، چېڭ يۇلەرنىڭ كۆركە ساقال ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بۇخىل ئالاھىدىلىكلەر ئېنىق بولغان كاۋكاز ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكى . بۇ ئالاھىدىلىك موڭغۇلوئىدلارغا خاس بولماي بەلكى تۇرك، سىيانپى،قاتارلىق كاۋكاز ئىرق ئالاھىدىلىكى قويۇق بولغان مىللەتلەرگە ئوخشايدۇ

12. چىن-خەن دەۋرلىرىدىن كېيىنكى سۇي-تاڭ دەۋرلىرىگىچە ئوتتۇرا تۇزلەڭلىك ئەتراپىدىكى ھون، تۇرك ، موڭغۇل، كىدان ، جورجان قاتارلىق ئەسلى موڭغۇلوئىد بولغان قەبىلىلەردە يەنە قويۇق بولغان كاۋكاز ئىرىق ئالاھىدىلىكلىرى بولغان. مەسىلەن: ئاق دى، ئۇزۇن دى، ئاق يى، قىزىل دى، ئاق ھون ، سېرىق باش سىيانپى، سېرىق باش شېرۋى، سېرىق باش جورجانلار قاتارلىقلار....
تاڭ سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتىمۇ كاۋكاز ئىرقىدىكىلەرنىڭ تەركىپلىرى بولغان. ئەمىليەتت سۇي-تاڭ ئىككى خان جەمەتى سىيانپى قان سېستىمىسىدىن بولۇپ، لى شىمىن(تاڭ تەيزۇڭ) دا كەم دىگەندىمۇ 4\3قىسىم سىيانپى قېنى بولغان. يەنە چىڭگىزخاننىڭ دادىسى يېسوكەينىڭ كۆزى كۆك بولۇپ، جەمەتىنىڭ ئىسىمى “勃儿只斤” بولۇپ، مەنىسى كۆك كۆزلۇكلەر دىگەن مەنىدە ئىكەن.
بالقاش كۆلىنىڭ شىمالىدىكى تېلى، دىڭلىڭلار ئەسلى كاۋكاز ئىرقىدىكى خەلق بولۇپ، ساك -موڭغۇلوئىدلانىڭ ئارلاشمىسى بولىشى مۇمكىن .
ئەسلىدىكى موڭغۇل ئىگىزلىكىدىكى ئالتاي تىل سېستىمىسىدىكى خەلقلەر (تۇرك ، موڭغۇل، توڭگۇسلارغا بۆلىنىدۇ) لەردە كاۋكاز ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسىمۇ، يەنىلا موڭغۇلوئىد ئىرقىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە غەرپتە ياشايدىغان تۇركلەردە كاۋكاز ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەڭ روشەن بولغان. ئوتتۇرا ئەسىردە غەرپكە كۆچكەن تۇركلەر ھازىر پۇتۇنلەي كاۋكاز ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ بولدى. تۇركى خەلقلەردىكى ئەڭ كۇچلۇك قەبىلە_ ئاسىنا قەبىلىسى بەلكىم تۇركلەشكەن ساكلار بولىشى مۇمكىن.
جۇڭگونىڭ يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىكى ياڭشاۋ مەدىنيىتى تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە تۇرك مەدىنيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. تۇرك مەدىنيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى:
1)ساپال قاچىلاردا بېلىق،ئادەملەرنىڭ رەسىمى بولۇش؛
2) ئات قۇربانلىق قىلىش
3)رەڭلىك ساپال قاچىلار
قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر ياڭشاۋ مەدىنيىتى بىلەن يېقىن كېلىدۇ. شۇڭا بۇنىڭ مەنبەسى ئوتتۇرا ئاسىيا بولۇپ جۇڭگو ئەمەس.

13. قەدىمقى يازمىلاردا كاۋكاز ئىرق ئالاھىدىلىكى بولغان يايلاق مىللەتلىرى تەسۋىرلەنگەن نۇرغۇن شېئىرلار بار.

14. جۇڭگودىلا ئەمەس ياپونىيەدىكى خوككايدۇدا ئاينولار دەپ ئاتىلىدىغان كاۋكاز ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولغان يەرلىك خەلقلەر بار. بۇلارنىڭ چاچ ساقاللىرى قويۇق، چېچى دولقۇنسىمان، تېرىسى ئاق بولۇپ ،موڭغۇلوئىد-توڭگۇس ئىرقىغا تەۋە بولغان ياپونلارنىڭ ئاساسىي مىللىتىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. يىراقتىكى ئامىرىكا قىتئەسىدىكى مېكسىكىدا قاڭشارلىق ئورا كۆز قىلىپ ياسالغان يادىكارلىقلار تېپىلغان. كاۋكاز ئىرقىدىكىلەر ئامىرىكا قىتئەسىغىمۇ كۆچكەن. شىمالى ئامىرىكا ئىندىئانلىرىدىكى كۆپ قسىم قەبىلىلەرنىڭ ئاتا جەمەتىدە كاۋكاز ئىرقىنىڭ تەركىپلىرى بولغان.
. جۇڭگودە زور كۆلەمدە كاۋكاز ئىرقى ،موڭغۇلوئىد ئىرقى بولغاندىن سىرىت يەنە ئاز قىسىم نېگىرلارنىڭ، پىگمىلارنىڭ، ئاۋىستىرالىيە ئىرقىنىڭ تەركىپلىرىمۇ بولغان.
جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئىرسىيەنشۇناسلىق ۋە 发育生物学(جايىدا تەرجىمە قىلالمىغىدەكمەن)تەتقىقات ئورنىدىكى تەتقىقاتچى يۇەن يىدا شىمال ۋە جەنوپتىكى خەنزۇلارنىڭ قان ۋە گېنىنى تەكشۇرۇش نەتىجىسىدىن شىمالدىكى خەنزۇلار بىلەن جەنوپتىكى خەنزۇلارنىڭ گېنىدا پەرقنىڭ ناھايىتى چوڭ بولۇپ، بۇ پەرق شۇ رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن بولغان پەرقتىنمۇ چوڭ ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان.
ئەمىليەتتە موڭغۇل ئىرقىدىكىلەر كاۋكاز ئىرقىدىكىلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، چەتئەللىك ئالىملارنىڭ قارىشىچە كۆك كۆز ، سېرىق چاچ كاۋكاز ئىرقىدىكىلەر بىلەن قارا كۆز ،قارا چاچ موڭغۇلوئىدلار ئەسلىدە قارا چاچ ، تېرىسى ئاق كەلگەن قارامتۇل ئاق تەنلىكلەر (لبىرىيە ئىرقى)نىڭ ئىككىگە بۆلۇنۇپ، بىر قسىمى غەربى ،شىمالى ياۋروپانىڭ سوغۇق ئورمانلىرىدا؛ يەنە بىر قسىمى شەرقى شىمالى ئاسىيانىڭ قۇم -بورانلىق شارائىتلىرىدا ئۆزگىرىپ ئارىسىدا پەرق شەكىللەنگەن. ( ۋىرىس . «دۇنيا تارىخى ئوچىرىكلىرى»)
ئاق ئىرقتىكىلەرنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ھازىرچە روسىيەنىڭ جەنوبى، قارا دېڭىزنىڭ شىمالى ۋە كاۋكاز ئەتراپلىرى بولۇپ كاۋكاز ئىرقىدىكىلەر دەپ ئاتىلىدۇ.
مىلادىدىن 4300يىل ئىلگىرىكى قورغان مەدىنيەت دەۋرىدە ئەسلىدىكى ھىندى -ياۋروپا خەلقلىرى 1-قېتىملىق كەڭ كۆلەمدە كۆچۇپ، شىنجاڭ، شەنشى ، گەنسۇ، شەندۇڭ ھەتتا يىراقتىكى خوككايدۇ قاتارلىق جايلارغا كۆچكەن.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000-يىلدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 500-يىللارغىچە ياۋرو ئاسىيا قۇرۇقلىقىدا 2-قېتىملىق كەڭ كۆلەمدە كۆچۇش بولۇپ، جەنوبى روسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى مەركەز قىلغان ھالدا، شەرق، جەنوپ، غەرپ ئۇچ يۆلۇنىشكە قاراپ تارقالغان. ئارىيان مىللىتىنى ئاساس قىلغان. بۇ ھىندى -ياۋروپا خەلقلىرىنىڭ كۆچىشى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان كۆچۇش ھېساپلىندۇ.
3000يىل بۇرۇنقى بۇ چوڭ كۆچۇش دۇنيادىكى ھەرقايسى قەدىمى مەدىنيەتلەرگە ئاساس ياراتتى. ئارقىدىن ئىككى مىڭ نەچچە يۇز يىل بۇرۇن پارتىلىغان ئىدىيە ئىنقىلابىدا ئارىيان ئىرقىغا مەنسۇپ بولغان سوقرات، ئەپلاتون، ئارخىمىد، ئارستوتىل، ئېۋكىلىد، ساكيامونى، جۇڭگودىكى كۇڭزى قاتارلىق بىر تۇركۇم پەيلاسوپلار مەيدانغا كېلىپ دۇنيا تارىخىغا ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تەسىر كۆرسەتتى.
ئىرق ۋە مەدىنيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا جۇڭگونى ئوخشاش بولمىغان تۆت دەۋرگە بۆلۇشكە بولىدۇ.
1-باسقۇچ كاۋكاز ئىرقىنى ئاساس قىلغان. مەدىنيەت جەھەتتىن ھىندى -ياۋروپا تىل سېستىمىسىدىكى ئارىيانلارنىڭ مەدىنيەت تەسىرى چوڭقۇر بولغان دەۋر.
چىن-خەن، ۋېي-جىن دەۋرىلىرى 2-باسقۇچ بولۇپ موڭغۇلوئىد ئىرقىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، كاۋكاز ئىرقى ئارلاشقان خۇاشىيامىللىتىنى ئاساس قىلغان ، مەدىنيەت جەھەتتىن ھىندى -ياۋروپا ئارىيان مەدىنيىتىدىن ئاستا-ئاستا قۇتۇلغان بولۇپ، مۇستەقىل خەنزۇ مەدىنيىتىنى ئاساس قىلغان.
شىمالى-جەنوبى سۇلالىلەر، سۇي-تاڭ دەۋرلىرى 3- باسقۇچ بولۇپ ئىرق جەھەتتە موڭغۇلوئىد ئىرقى ۋە شىمالدىكى كاۋكاز ئىرقى بولغان يايلاق مىللەتلىرى قوشۇلغان ئارىلاشما مەدىنيەتنى ئاساس قىلغان ، مەدىنيەت جەھەتتىن خەنزۇ مەدىنيىتى بىلەن شىمالدىكى ئالتاي مىللەتلىرى مەدىنيىتنى ئاساس قىلغان ( غۇز مەدىنيىتى بىرلەشكەن).
لىياۋ، جىن، سۇڭ، يۇەن، مىڭ ، چىڭ دەۋرلىرى 4- باسقۇچ بولۇپ ئىرق جەھەتتىن موڭغۇلوئىد ئىرقى مۇتلەق ئۇستۇنلۇكنى ئىگەللىگەن. مەدىنيەت جەھەتتىن خەنزۇ مەدىنيىتى بولسىمۇ لېكىن ماھىيەت جەھەتتە غۇزلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ ئارلىشىشىدىن شەكىللەنگەن تەقىلىدى خەنزۇ مەدىنيىتى بولۇپ، بۇ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن.
كېلىش مەنبەسى:
http://club.yule.sohu.com/r-sea_world-134425-0-9-0.htmlomrddq
بۇ تور بەت ئېچىلمىسا بەيدۇدىن 华夏文明的雅利安来源 دەپ ئىزدىسەڭلارمۇ بولىدۇ.

 

___ باشقۇرغۇچى : uyghurjan تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-04

 

ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-10-04 17:07 [باش يازما]
tughrul
ئانا تىلنى  قوغداش شەرەپ

ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 48638
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2168
ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2168دانە
شۆھرەت: 2169 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 340 سوم
تۆھپە: 35 نۇمۇر
ياخشى باھا: 33 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :466(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-06-15
ئاخىرقى :2008-10-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ بىر يېڭى بايقاشكەن ، ئەگەر بۇ ئىسپاتلانسا جۇڭگونىڭ تارىخىنى قايتا يېزىشقا توغرا كىلىدۇ.
izlax.com
| ۋاقتى : 2008-10-04 21:47 1 -قەۋەت
Asri214

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 17770
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 46
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە46دانە
شۆھرەت: 47 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 460 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :26(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-06-22
ئاخىرقى :2008-10-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

:بەكلا مۇتلەقلەشتۇرۋتپتۇ ،بىراق تۇۋەنكى قۇرلار ئادەمنى خېلى قايىل قىلىدۇ~~~~
                                 شىمالى-جەنوبى سۇلالىلەر، سۇي-تاڭ دەۋرلىرى 3- باسقۇچ بولۇپ ئىرق جەھەتتە موڭغۇلوئىد ئىرقى ۋە شىمالدىكى كاۋكاز ئىرقى بولغان يايلاق مىللەتلىرى قوشۇلغان ئارىلاشما مەدىنيەتنى ئاساس قىلغان ، مەدىنيەت جەھەتتىن خەنزۇ مەدىنيىتى بىلەن شىمالدىكى ئالتاي مىللەتلىرى مەدىنيىتنى ئاساس قىلغان ( غۇز مەدىنيىتى بىرلەشكەن).
لىياۋ، جىن، سۇڭ، يۇەن، مىڭ ، چىڭ دەۋرلىرى 4- باسقۇچ بولۇپ ئىرق جەھەتتىن موڭغۇلوئىد ئىرقى مۇتلەق ئۇستۇنلۇكنى ئىگەللىگەن. مەدىنيەت جەھەتتىن خەنزۇ مەدىنيىتى بولسىمۇ لېكىن ماھىيەت جەھەتتە غۇزلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ ئارلىشىشىدىن شەكىللەنگەن تەقىلىدى خەنزۇ مەدىنيىتى بولۇپ، بۇ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن
ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-10-05 00:23 2 -قەۋەت
koxuk

ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 11465
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 753
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە753دانە
شۆھرەت: 944 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7277 سوم
تۆھپە: 143 نۇمۇر
ياخشى باھا: 155 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :2079(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-01-25
ئاخىرقى :2008-10-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇرادەر بۇ تېمىنى قەيەردىن كۆچۈرۈپ كەلدىڭىز، ئورخۇندىنمۇ، دىيارىمدىنمۇ ياكى شەبنەمدىنمۇ!
ئۆتكەن يىلى مەن بۇ تېمىنى مەن خېلى كۈچ سەرپ قىلىپ تەرجىمە قىلغان. بۇ ئىش تازا بولمىدىغۇ دەيمەن.
./read.php?tid-30205-keyword-.html
قوشۇق
تېمىلىرىم بۇ يەردە!
./search.php?authorid-11465.html
| ۋاقتى : 2008-10-05 12:31 3 -قەۋەت



Time now is:10-05 13:30, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation

互联网电子公告(BBS)服务资质