| ||||||
Uzer يۈكسەل دەرىجىسى :ئالىي ئەزا | ئوغرى - يانجۇقچىلاردا غورۇر يوقمۇ؟ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ، ﺗﻮﺳﺎﺗﺘﯩﻦ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﻗﻮﻏﻼﺷﻤﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻘﯩﺮﺍﻟﻤﺎﻳﻼ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﭘﺎﺗﺮﺍﻗﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﻼﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ ، ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﯘﺷﻤﯘ - ﺗﯘﺷﺘﯩﻦ << ﺋﻮﻏﺮﻯ ، ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﭽﻰ ، ﺗﯘﺗﯘﯕﻼﺭ ... >> ﺩﻩﭖ ، ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺸﺎﺗﺘﻰ. ﻳﻮﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻣﯘ ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺸﺘﻰ. ﺳﻪﻝ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺱ ﺑﯧﻜﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﻻ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﭘﻼ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﭼﺘﻰ، ﻣﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﺪﻯ. ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﻣﯧﻠﯩﻨﻰ ﻳﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﯘﭼﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﭼﯧﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﻳﯜﺯ - ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ، ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯧﭙﯩﺸﻪﺗﺘﻰ ، ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﯞﯦﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺗﯩﻠﻠﯩﺴﺎ ، ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﯘﺭﯗﭖ - ﺩﯛﺷﻜﻪﻟﻠﻪﭖ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﺯﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ .... - ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺎﯕﯩﻤﯘ ﻫﻪﻕ ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﻳﻪﺭ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻪ ﻫﺎﻻﻝ ﻳﺎﺷﯩﺴﺎﯓ ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺧﺎﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﯔ ، ﺋﯚﺯ ﺑﯧﺸﯩﯖﻨﻰ ﺋﯚﺯﯛﯓ ﻳﻪﭘﺴﻪﻥ ﺩﻩﭖ، ﻳﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﻣﺎﯕﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ .... ﺗﻮﺧﺘﺎ ! ﺗﻮﺳﺎﺗﺘﯩﻦ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻤﺪﯨﻦ ، ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻤﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﯘ ؟! ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﯨﻤﯘ ﺩﻩﻳﻠﻰ ، ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﯨﻤﯘ ﺩﻩﻳﻠﻰ ، ﺋﯘﻧﻰ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺧﻮﺭﻻﻳﻤﯩﺰ ؟! ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﺋﯘ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻏﯘﺭﯗﺭﻯ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ ﺩﻩﭘﺴﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻤﯘ ؟! ... - ﺗﻮﺧﺘﺎﯕﻼﺭ ! - ﺩﯦﺪﯨﻤﻤﻪﻥ ، ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻤﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ. - ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﺑﯘﻧﭽﻪ ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﯘﯞﺍﻝ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﻠﻪﺭ ؟! - ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﻮﺭﺗﻤﺎﻟﯩﻤﻨﻰ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﺪﻯ ﺑﯘ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﭽﻰ . -ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﯞﺍﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ ؟! ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭ ﺑﺎﻟﯩﻜﻪﻧﻐﯘ ؟ - خەقنىڭ يانچۇقىدا ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﻗﻘﻰ ﺑﺎﺭﺩﻩﻙ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻫﻪﻕ بۇ گۇيلارغا ... -ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺴﻪﻙ ﻗﺎﻣﻼﺷﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ 100 ﻣﯧﺘﯩﺮ ﻣﺎﯕﺴﯩﯖﯩﺰ ﺳﺎﻗﭽﯩﺨﺎﻧﺎ ﺑﺎﺭ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﻩﻳﻠﻰ ، ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﻗﭽﯩﻐﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ . ﺷﯘﻻﺭ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﺳﯩﺰ ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎ ﺳﺎﻗﭽﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﺎﺭﻣﺎﻱ، ﻳﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﺭﯗﭖ - ﺩﯛﺷﻜﻪﻟﻠﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﻧﻤﺎ ؟ ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻤﺎ ؟ ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﺎ ؟ ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻫﻮﻗﯘﻕ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻏﻮﺭﯗﺭ ﻳﻮﻗﻤﺎ ؟! ... ﻫﺎﻳﺎﺟﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺑﺎﺳﺎﻟﻤﺎﻱ ﺗﺎﺯﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﭘﺘﯩﻤﻪﻥ . ﺩﯦﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺑﺎﻻ ﺗﺎﻳﺎﻕ - ﺗﻮﻗﻤﺎﻗﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻛﻼ ﻳﺎﯞﺍﺷﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. -ﺳﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪﯕﮕﻪ ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺑﯘﻧﭽﻪ ﭼﺎﭘﺎﻥ ﻳﺎﭘﯩﺴﻪﻥ ؟! ﺷﯧﺮﯨﻜﯩﻤﯩﺘﯩﯔ ﻳﺎ ؟! ... -ﺟﯧﻨﯩﻢ ﻳﻮﻟﺪﺍﺵ ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺳﺎﯕﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﺎﺩﯨﺮﻯ ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﻫﯩﻤﺎﻳﯩﭽﯩﺴﻰ ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺳﺎﺳﺴﯩﺰ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﯚﻫﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻳﺎ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﭽﯩﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭ ، ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﯩﯟﻩﺕ ! ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﺭﯗﭖ - ﺗﻮﻗﻤﺎﻗﻠﯩﺴﺎﯓ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .... ..... .... ..... .... ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺗﺎﻻﺷﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ << ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻥ >> ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﺎﻟﯩﻐﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﻳﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ . ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻣﺎﯕﻐﺎﭺ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻤﺪﯨﻦ ﺟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﻛﻪﭼﺘﻰ .... ﺋﻮﻏﺮﻯ - ﻳﺎﻧﺠﯘﻗﭽﯩﻼﺭﺩﺍ ﻏﻮﺭﯗﺭ ﻳﻮﻗﻤﯘ ؟ ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﻳﻮﻗﻤﯘ ؟! ... ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﻫﺎﻗﺎﺭﻩﺗﻠﯩﺴﻪﻙ، ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﺭﯗﭖ - ﺩﯛﺷﻜﯜﻟﻠﯩﺴﻪﻙ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ ؟! ... مېنىڭچە، ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻤﯘ ﻏﻮﺭﯗﺭ ﺑﺎﺭ. ﺋﯩﻨﺴﺎنىي ھوقۇققا ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻐﺎ ﭼﯧﻜﯩﻨﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭ ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﻪﺩﯨﻠﯩﻴﻪ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﻳﯜﺯﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ؟! ... مەزكۇر يازما << يۈكسەل بلوگى >> دىن ئېلىندى http://www.yukselblog.com | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
cityboy704 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئۇلاردا غۇرۇر يوق !مىنىڭمۇ ھەميىنىمنى ئوغىرلاپ نۇرغۇن ئاۋارچىلىقلارنى پەيدا قىلدى ، بۇلۇپ مۇ دوڭكورۈكتىن باشلاپ نەنمىنگىچە ئوغرىنىڭ ماكانى ، ئۇلارنى تۇتۇۋىلىپ راسا ئۇرۇش كىرەك ،
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tughrul ئانا تىلنى قوغداش شەرەپ | ئامرىكىدا ھەتتا ئادەم ئۆلتۈرگەن قەبىھ قاتىلنىڭمۇ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئىنسانلىقى ئالدىن ئەسكەرتمە ئسۇلدا بايان قىلىنىپ ئاندىن قولغا ئېلىنىدۇ .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
خۇشچاقچاق | - ﺗﻮﺧﺘﺎﯕﻼﺭ ! - ﺩﯦﺪﯨﻤﻤﻪﻥ ، ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻤﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ. - ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﺑﯘﻧﭽﻪ ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﯘﯞﺍﻝ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﻠﻪﺭ ؟!
- ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﻮﺭﺗﻤﺎﻟﯩﻤﻨﻰ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﺪﻯ ﺑﯘ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﭽﻰ . -ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﯞﺍﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ ؟! ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭ ﺑﺎﻟﯩﻜﻪﻧﻐﯘ ؟ - خەقنىڭ يانچۇقىدا ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﻗﻘﻰ ﺑﺎﺭﺩﻩﻙ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻫﻪﻕ بۇ گۇيلارغا ... -ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺴﻪﻙ ﻗﺎﻣﻼﺷﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ 100 ﻣﯧﺘﯩﺮ ﻣﺎﯕﺴﯩﯖﯩﺰ ﺳﺎﻗﭽﯩﺨﺎﻧﺎ ﺑﺎﺭ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﻩﻳﻠﻰ ، ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﻗﭽﯩﻐﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ . ﺷﯘﻻﺭ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﺳﯩﺰ ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎ ﺳﺎﻗﭽﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﺎﺭﻣﺎﻱ، ﻳﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﺭﯗﭖ - ﺩﯛﺷﻜﻪﻟﻠﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﻧﻤﺎ ؟ ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻤﺎ ؟ ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﺎ ؟ ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻫﻮﻗﯘﻕ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻏﻮﺭﯗﺭ ﻳﻮﻗﻤﺎ ؟! ... يۇقىرقى گەپلەرنى راستىنلا سىز دېگەن بولسىڭىز سىز ھەقىقىي مىللەت سۆيەر ئۇيغۇر ئىكەنسى، سىزگە قايىل بولدۇم، بىراق سىز بۇ بالىغا تەربىيە بىرىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ قېشىغا ئاپىرىشىڭىز، ياكى قولىغا ھېيتلىق تۇتقۇزۇپ قايىل قىلىشىڭىز كېرەك ئىدى. | ||||
---|---|---|---|---|---|
kaxkarlek دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ھازىر تەرەققى قىلغان بەزى ئەللەردە ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قىلدۇرۇپتۇ . لىكىن بۇ ئوغرىلارنىمۇ بوش قويۇشقا بولمايدۇ . بۇنى سىزنىڭ نەرسىڭىزنى ئوغۇرلىغاندا ھىس قىلالايسىز ...
| ||||
---|---|---|---|---|---|
behtiyar دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | | ||||
---|---|---|---|---|---|
سەخىي دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئوغرىنى ئۇرۇپ تىللاشقا بولمايدۇ،پەقەت بارمىقىنى كىسىش كېرەك.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
罗马王子 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەسىلە بۇ يەردە ئەمس دوسلار !نىمە ئۈچۈن ئوغۇرلۇق قىلىدۇ ،؟ كىشىلىك ھوقۇق دىگەن نىمەن؟ ئۇ ئادا بولۋاتامدۇ؟ ئەركىنىك دىگەن نىمە؟ بۇ يۈرگۈزلىۋاتامدۇ؟
مەسىلە مايەردە . | ||||
---|---|---|---|---|---|
罗马王子 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | قانۇن جەمىيە بىلەن شەخىس ئوتتۇرىدىسىكى چىگىشسىز بولغان مۇناسىۋەتنى ئايدىڭ قىلغاندىلا ئازىراق بولسىمۇ ئۈنىمى بولىدۇ.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
kumbah دەرىجىسى :تېما چولپىنى | ئوغىر ياجۇقچىلارنى قاتتىق جازالاش كېرەك .خەخنىڭ نەرسىدا.....ھەققى بولمىغاندىكىن باشقىلار دەك ھالال ئىشلەپ نان يىسۇن .ئۇلاردا غۇرۇر بولغان بولسا ئۇنداق قىلمايتتى.
| ||||
---|---|---|---|---|---|
yusain دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | سىلارنىڭمۇ نەرسەڭلەر يۇتكەندە بىلىسىلەر ............
ئۇلارغا ھازىر تاياق ئوتمەيدۇ `````` ئۇنى ئۇرۇپ تىللاپ ئوزىنى ئاۋارە قىلغاندىن ساقچىغا تۇتۇپلام بەرگەن ياخشى````` دوڭكوۈرۇك،سەنشىخاڭزا تەرەپتە ئوغۇرلىق قىلسا ھېچكىم گەپقىلالمايدىغۇ(ئالاھىدە ساقچىدىن) باشقا.... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
艾斯卡尔 | ئەڭ ياخشىسى ئاشۇلارغا ياخشى نەسىھەتلەرنى قىلشىمىز كىرەك ... ئۇلارمۇ ئادەمغۇ ...؟؟؟
____________________________________________________________________ ئىككى كۇن بولدى ، روزا ھىيىتلىق تېما يوللىسام تەستىقلىماپتۇ .... بۇيەردە XJTV-2 دە بەرگەن ھەم ئۇرۇمچى تېلېۋزىيەنىڭ ئايەم سەنئەت كىچىىلكى بار..... بۇنى كۆرمىگەنلار كۆرۋىلىڭلار... .. ئىچىكىردىكى دوسلارنىڭ بۇنى كۆرەش پۇرسىتى يوق دىيەرلىك ... http://www.erkem.biz/tv/ مۇشۇ مەنزىل دە ئىككىلىسى بار ...... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Ana-makan دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | كىشىلىك ھوقۇق دىگەن نىمەن؟
| ||||
---|---|---|---|---|---|
ARMANIM810 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بىزغۇ ئۇلارغا < ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻫﻮﻗﯘﻕ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻏﻮﺭﯗﺭ!!>دەپ تەربىيە بىرەمىز،نەسىھەتمۇ قىلارمىز،لىكىن ئۇلار بۇنى چۈشىنەلەرمۇ؟قۇبۇل قىلارمۇ؟
تۇلىمۇ تەسقۇ دەيمەن،خۇددى ئىشەكنىڭ قۇلىقىغا غىجەك تارتقاندەك ئاڭلىنار بەلكىم.............. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
MAHMUTJAN110 دەرىجىسى :تېما چولپىنى | ئۇلاردا غۇرۇر يوق !مىنىڭمۇ ھەميىنىمنى ئوغىرلاپ نۇرغۇن ئاۋارچىلىقلارنى پەيدا قىلدى ، بۇلۇپ مۇ دوڭكورۈكتىن باشلاپ نەنمىنگىچە ئوغرىنىڭ ماكانى ، ئۇلارنى تۇتۇۋىلىپ راسا ئۇرۇش كىرەك
مەنمۇ سىزگە ئوخشاش قارايمەن مىنىڭغۇ مۇشۇ كەمگىچە بىر نەرسەمنى يۈتۈرۈپ باقمىدىم شۇنداقتىمۇ مەن ئۆچ مۇشۇلارغا دىمىسىمۇ خەقنىڭ يانچۇقىدا نىمە ھەققى تۇتۋالسىڭزمۇ گەپ قىلالماي گەپ ئاڭلاپ ماڭىدىكەنسىز تېخى ئۇ چاغدا كىم ئارلىشىپتۇ شۇنداقلارغا مىنىڭچە بۇلسا قۇلىنى سۇندۇرۋېتىش كېرەك ئۆسمۈر بۇلسا نىمە بۇپتۇ ئۆسمۈر بۇلسا ئوغىرلىق قىلماي ئۆسمۈرلىكىنى قىلسا بۇلمامدۇ دھـــــــــــــــــــــقەت ئۇ ھازىر شاڭخەيدە ئىكەن مانا ئوغىرنىڭ ھالى بۇنى ئوبدان كۆرۈڭلار ئوغىرىغا يان باسقانلار بۇ ئۇنىڭ كىۇ كىۇ نۇمۇرى 854731373 ھازىر مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇپتىمەن ئەمما ئۇنىڭ ئىكىلەنمەي ماڭا قىلغانلىرىغا چىدىمىدىم ئوتتۇز نەچچى ياشلاردا بار ئەمما قىلغان ئىشى چۇ بىر غېرىچ تاماكىنى چىشلىگەن ھالدا ماڭا گەپ قىلماقتا ئۇنىڭ يېنىدا كىلىشكەن يىگىتلەردىنمۇ بىر قانچىسى بار ئىكەن پاراڭلىشىدىغانلار بۇلسا قۇشۇپ پاراڭلىشىڭلار ئەمما مىنى سۆرۈمەڭلار جۇما سەت تۇردۇ مەن ئازىراق يامان گەپ قىلىپ قۇيسام تە بۇلدى بۇلغاي ئۆچۈرۋەتتى تىل كامىراننى [ يوللىغانMAHMUTJAN110تەرىپىدىن2008-10-04 20:04قايتا ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|