تالانتلىق رىياسەتچى نېغمەت بىلەن سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 282ـ ئوقۇرمىنى
hitman-x

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 21527
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 103
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە103دانە
شۆھرەت: 114 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 889 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :200(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-09-04
ئاخىرقى :2008-10-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 يۈسۈپ ئىسلام كىم ؟







«اللە ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھېچقانداق ئادەم ئازدۇرالمايدۇ ،اللە ئازدۇرغان كىشىنى ھېچقانداق ئادەم ھىدايەت قىلالمايدۇ .»

  يۈسۈپ ئىسلامنىڭ ئەسلى ئىسمى كات سېتىۋېنىس بولۇپ خېرىستىيان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ناخشىچىلىق ساھەسىدە بەلگىلىك شۆھرەت قازانغان .... ھاياتىدا ئىسلامنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يىتىپ مۇسۇلمان بولغان كىشى ....

ئۇ ئۆزى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ :
مەن لوندۇندا بىر گېرىتسىيەلىك دادا بىلەن شىۋىتسارىيەلىك ئانىدىن دۇنياغا كەلدىم . گەرچە ئىقتىسادى ئەھۋالىمىز ئادەتتىكىچە بولسىمۇ ،مەن ئىسلام دىنىدىن مۇتلەق مەلىماتى بولمىغان كاتولىك دىنى مەكتىپىدە ئوقۇدۇم . خېرىستىيان دىنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن كىيىن پەيغەمبەر يوق ،ئۇ ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر دەپ قارايتتى . بىزنىڭ ئۆگەنگىنىمىز شۇ بولغاچقا خېرىستىيان دىنىدىكى ھەممە ئىتراپ قىلىدىغان بۇ مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلمىدۇق .
مەن كىچىكىمدىن باشلاپلا تالانتلىق بولۇپ ،اللە ماڭا ئادەتتىن تاشقىرى ئىقتىدارنى بەرگەن ئىكەن . مەن 9ياشقا كىرگەندە ساز چېلىپ ،ئۇسۇل ئويناپ،ناخشا ئېيتىپ ، گەرچە مەن خىجىلچان بولساممۇ ،ئەتراپىمدىكىلەرنى خوشال قىلاتتىم . 15 ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا مۇزىكىغا قىززىقىپ قالدىم . ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مۇزىكىدا كۆپ ئىلگىرلەپ شېئىر يېزىپ ئۇنى ئاھاڭغا سېلىپ ناخشا قىلىپ ئېيتىشقا باشلىدىم . 17 ياشقاكىرگەن يىلى تۇنجى ناخشا پىلاستىنكامنى ئۆزۈمنىڭ نامىدا بازارغا سالدىم . پىلاستىنكام بازارغا سېلىنغاندىن كىيىن تىزلا كەڭ تارقىلىپ تەڭداشسىز ئالقىشقا ئېرىشتى .شۇنىڭدىن كىيىن نامىم چىقىشقا باشلىدى . ئۇنىڭغا ئەگىشىپ نۇرغۇن پۇل -بايلىققا ئىگە بولدۇم .ئەيشى ئىشرەت ۋە ھاراق ،ئاياللاردىن ئىبارەت ئەرزىمەس خوشاللىقلارغا بېرىلىشكە باشلىدىم . ئاخىرى تۇبرىكىلىيوز كىسىلىگە گېرىپتار بولۇپ ،دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدىم . مەن دوختۇرخانىدا كىسەل كارۋىتىدا يېتىش جەريانىدا روھى جەھەتتىن ئىزدىنىپ ياراتقۇچىنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە ئىلاھى مۆجىزىلەر توغرىسدا تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ ، تىنىمنىڭ بىر ماددى شەيئى بولۇپ يوقۇلىدىغانلىقىنى ،دۇنياھاياتلىقىنىڭ بىزلەر ئۈچۈن بىر خىل ئىمتىھان پۇرسىتى بولۇپ ئۇنىڭمۇ چوقۇم يوقۇلىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم .
دوستلىرىمدىن بىرى مەندىكى بۇ جىددىيلىكنى كۆرۈپ ماڭا «تىلسىمات يولى » دېگەن كىتابنى سوۋغا قىلدى . ئۇ روھ ۋە مەنىۋىيەتلەر توغرىسدا يېزىلغان كىتاب بولۇپ ،مەن ئوقۇغان شۇ تۈردىكى كىتابلارنىڭ تۇنجىسى ئىدى . ھەرھالدا ئۇنىڭ مىنىڭ ئاخىرەت ھاياتىمنى چۈشۈنىشىمگە پايدىسى بولدى .
شۇنىڭدىن كىيىن مەن ئىزدىنىشكە ۋە پەلسەپە ،دىن ھەققىدىكى كىتابلارنى ئوقۇشقا باشلىدىم . تەدرىجى ھالدا قاراڭغۇلۇقتىن چىقتىم . بارغانسىرى سوئاللىرىم كۆپىيىشكە باشلىدى . بۇلارنىڭ ھەممىسى مىنىڭ ناخشىلىرىمدا ئەكىس ئېتىپ مەنىۋىيلىكى ،ھەققانىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولغان ناخشىلارنى كۆپلەپ ئىجاد قىلىپ ئېيتتىم ،شۇچاغدا ئىلان قىلدۇرغان پىلاستىنكىلىرىم مەلۇم بىر نىشان ئۈچۈن بازارغا سېلىنغان ئىدى .
مەن بۇددا دىنى ۋە باشقا دىنلار توغرىسىدا كۆپ ماتىريال ئوقۇغان بولساممۇ ، ھېچقايسىدىن قانائەتلەنمەي باشقا دىنلاردىن ئۈمۈدىمنى ئۈزۈپ ئۆزۈم ئۈچۈن ئايرىم بىردىن ئىجاد قىلماقچى بولدۇم !
ئۆزگىچە مەناغا ئىگە بولغان ناخشىلىرىم كۆپ ئالقىشقا ئېرىشتى . بىرقانچە پىلاستىنكامنى ئارقىمۇ ئارقا بازارغا سېلىپ كۆپ پۇل تېپىپ بايلارقاتارىدىن ئورۇن ئالدىم .گەرچە ھەممە نەرسەم تەل بولسىمۇ ،ئۆزۈمنى بىرەر نەرسەم كەمدەك ، ئۇنى ئىزدىشىم لازىمدەك ھېس قىلىپ مىنى ھەقىقەتنى ئىزدەشتىن ۋە ئۇنى بىلىشتىن مەھرۇم قىلغان بۇ نام-ئابروي ۋە بايلىقتىن ۋاز كىچىشنى قارار قىلدىم .
شۇنىڭدىن كىيىن ئۆزۈمنى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن ئاستا-ئاستا چەتكە ئالدىم . قېرىندىشىم دىۋىد مۇقەددەس جايلارنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن «قۇددۇس» قا بارغان ئىدى . «ئەقسا » مەسچىدى ئۇ كۆرگەن مۇقەددەس جايلارنىڭ بىرى ئىدى . ئۇنىڭ دېيىشىچە مەسچىد ئىچىنىڭ مۇھىتى خېرىستىيان چىركاۋلىرى ۋە يەھۇدى ئىبادەتخانىلىرىنىڭ مۇھىتىغا قەتئى ئوخشىمايدىكەن . ئۇ مەسچىدكە كىرگەندىن كىيىن ۋۇجۇدىنى بىرخىل سىزىم قاپلاپ ھاياتىدا تۇنجى قېتىم تىنىچلىق ۋە خاتىرجەملىك ھېس قىپتۇ . مۇسۇلمانلارنىڭ بېرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ مۇسۇلمان ياكى ئەمەسلىكىنى سوراپتۇ . ئۇنىڭ خېرىستىيان ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن مەسچىدتىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىپتۇ . ئەمما بۇ قوغلاش ئۇنىڭ روھىيىتىنى ۋە ئىسلامغا بولغان ئىشتىياقىغا تەسىر كۆرسىتەلمەپتۇ .
قېرىندىشىم قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ماڭا كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ۋە «ئەقسا» مەسچىدىنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ قانداق تۇيغۇدا بولغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى . ھەمدە مىنىڭ دىنغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىمنى ،ھەقىقەتنى ئىزدەۋاتقانلىقىمنى بىلگەن بولغاچ ، ماڭا ئۆزى «قۇددۇس» تىن ئېلىپ كەلگەن ئەرەپچە ۋە ئىېنگىلىزچە ئىككى قۇرئان ھەدىيە قىلدى . بۇ ھەدىيە كېيىن مىنىڭ ھاياتىمنى مول مەزمۇنغا ۋە ئۆزگىچە مەناغا ئىگە قىلىدىغان كانغا ئايلىنىپ قالدى .
مەن قۇرئان ئوقۇشقا باشلىدىم . مەن ھەرقېتىم ئۇنى ئوقۇغان ۋاقىتمدا ئۆزۈمنى راھەت ھېس قىلاتتىم . بۇ كىتاب خۇددى مەن ئۈچۈن يېزىلغاندەك سېزەتتىم . مەن پەقەت قۇرئاننى تۇلۇق ئوقۇپ بولغاندىن كىيىنلا كۆڭلۈم ئەمىن تاپتى . ئىسلامنىڭ دەل مەن ئىزدەۋاتقان دىن ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم .ئۇنىڭدىن سوئاللىرىمنىڭ جاۋابىنى تاپتىم . شۇنىڭدىن كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا كىتاب ئوقۇپ ئۇنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ۋۇجۇدى ئىنتايىن تەسىر قىلدى . مەن ھېچكىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي ئۆز كۈچۈم بىلەن بۇ دىننى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ھېچقانداق مۇسۇلمان بىلەن ئارلاشماي تەخمىنەن بىر يېرىم يىل ئىسلام توغرىسىدا كىتاب ئوقۇدۇم . چۈنكى ئەگەر مەن بىر قىسىم مۇسۇلمانلار بىلەن ئارلاشسام ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىختىلاپلار ۋە باشقا نۇرغۇن ئەپسۇسلىنارلىق ئىشلار ماڭا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىدى !!!
بىر يېرىم يىلدىن كىيىن ، مەن مۇسۇلمان بولۇشتىن باشقا ھېچ ئىشنى ئويلۇمىدىم . ئىسلام دىنىنىڭ مىنىڭ دىنىم ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلدىم . بۇ تۇيغۇ مىنى ئەسىر قىلىۋالدى . ئەنە شۇچاغدا مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ :«گەرچە دىنلىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ ،ھەممە ئادەم ئىسلام دىنى بىلەن تۇغۇلىدۇ .» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىگە چوڭقۇر ئىشەندىم .
مەن تېخى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى ۋە سۈننەتلىرى بىلەن تونۇشمىغان بولغاچقا ،قۇرئاندىن چۈشەنگىنىم بويىچە ئىككى ۋاخ ناماز ئوقۇيدىغان بولدۇم . مۇسۇلمانلارنىڭ بىرى مىنى لوندۇندىكى بىر جامەگە باشلاپ بارغان ئىدى . مەن ئۇيەرگە بېرىپ ناماز ئوقۇيتتىم . مەن بىر جۈمە كۈنى يەنى 1977-يىلى ئەشۇ مەسچىتنىڭ ئىمامى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ ئالدىدا مۇسۇلمان بولدۇم .
ھاراق ئىچىشنى پۈتۈنلەي توختاتتىم .تاماكا چىكىشتىنمۇ ئۆزۈمنى تارتتىم .چۈنكى ماڭا مۇسۇلمانلاردىن بىرى تاماكا چىكىشنى ھارام ، مۇسۇلمان تاماكا چەكمەسلىكى لازىم دېگەن ئىدى .ئاياللاربىلەن بولغان پۈتۈن ئالاقەمنى ئۈزدۈم . قۇرئاننى ئوقۇغاندىن كىيىن كۈنىگە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشقا ، ماللىرىمدىن زاكات ئايرىشقا باشلىدىم .
ئاشۇ مۇزىكا تالانتىم بىلەن نىمە ئىش قىلىشىم كېرەك ؟ ئۇنى قانداق قىلىپ ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىمەن ؟! دېگەن ئىككى سوئال مىنى تىڭىرقېتىپ قويۇۋاتاتتى . ئاشۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ناخشا پىلاستىنكىسى ئىشلەش ۋە مۇزىكا كىچىلىكى ئۆتكۈزۈشنى توختاتتىم .قۇرئاننىڭ مەنا ۋە ئاھاڭ گۈزەللىكى مىنى ھەممە نەرسىدىن ۋاز كەچكۈزدى . مۇزىكىنى قوللايدىغان پىكىرلەرنىمۇ ، قارشى تۇردىغان پىكىرلەرنىمۇ ئاڭلىدىم . بەزىلەر ئۇنى قەتئى ھارام ،كىشىنى گۇمراھلىققا باشلايدۇ .توختۇتۇش لازىم دېسە ،يەنە بەزىلەر دۇرۇس بولۇپ ،ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش كېرەك دېيىشتى . مەن تا ھازىرغىچە بۇ توغرىدا ئىنىق قاراشقا كىلىپ بولالمىدىم . ئەمما مەن چۈشۈمدە مۇزىكىنىڭ مىنى ئىبادەتتىن مەھرۇم قىلغانلىقىنى ، دوزاخنى ،شەيتاننىڭ ئازدۇرشى ئۈچۈن مۇزىكىنى ۋاستە قىلىشىنى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن ، بۇسوئاللارنىڭ جاۋابلىرى تېپىلىپ قالار دېگەن ئۈمۈدتە ناخشا -مۇزىكا پائالىيىتىمنى توختاتتىم .1979-يىلى ئۆمرە ئىبادىتىمنى ئاداقىلدىم . ئۆمرەنى تۈگىتىپ مۇقەددەس جايلارنى زىيارەت قىلغاندىن كىيىن ئۆزۈم ئۈچۈن ياخشى بىر مۇسۇلمان ئايال تاپتىم ۋە مەسچىدتە ئىسلام قائىدىسى بويىچە توي قىلدىم . مەن ھازىر نام -ئابرويىمدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ دىننى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئىسلام توغرىسىدا بىر قانچە كىتاب يېزىۋاتىمەن ...مەن غەرىب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى نۇقتىلىق قىلىپ توغرا يولغا يىتەكلىشىمىز لازىم دەپ قارايمەن .چۈنكى ئۇلارنى ئازدۇردىغان يوللار كۆپ بولۇپ كەتتى .ئۇلارغا قارشى تەشۋىقات كۈچلۈك بولۇپ كەتتى . شۇنىڭ ئۈچۈن مەن مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەيدىغان ،ئۇلارغا ئىسلامنى ئۈگۈتىدىغان بىرقانچە پىلاستىنكا ئىشلىدىم . بىر قانچە مۆمىنلەربىلەن ھەمكارلىشىپ قۇرئان ئۆگۈتىدىغان ۋە ئىسلامى تەشۋىق ئۇسۇللىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان سورۇنلارنى ئۇيۇشتۇردۇم .
مىنىڭچە ۋاقتىدا ناماز ئوقۇش ئىسلام ئاساسلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان بىر قىسمى بولۇپ ، نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ،ئىزچىل ئادا قىلغان چاغدىلا ئادەم ئۆزىنى ۋە مۇسۇلماندارچىلىقنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن مەن نامازنى پەقەت تەرىك قىلمايمەن . ھەر قېتىم ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ئۆزۈمدە باشقىچە راھەت ۋە خاتىرجەملىك ھېس قىلىمەن .
مەن ناخشا -مۇزىكا پائالىيىتىمنى توختۇتۇپ مۇسۇلمان بولغان چېغىمدا پۈتۈن غەرب ئەللىرى ئىنتايىن تاساددىبىيلىق ھېس قىلىشتى ۋە مىنىڭ قانداق بولۇپ بۇنداق ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىمنى سوراشقا باشلىدى . بارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرى جىم تۇرۋالدى . ئۇلار ئەمدى مىنىڭ كەينىمدىن بۇرۇنقىدەك يۈگۈرمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى . ئۇلار مىنىڭ مۇسۇلمان بولغىنىمنى پۈتۈنلەي ئۇقماسقا سېلىپ بۇ ھەقتە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. چۈنكى ، غەرىب ئەللىرىدىكى تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ ھەممىسىنى يەھۇدىيلار باشقۇردىغان بولغاچ ئۇلار يۇرۇقلۇقنى كۆرۈشنى خالىمايتتى .
قۇددۇس مىنىڭ ئىسلامغا قەدەم تاشلىغان يولۇم بولۇپ قالدى . قېرىندىشىم ماڭا قۇرئان ھەدىيە قىلغاندىن كىيىن «قۇددۇس»قا باردىم مۇسۇلمانلار مىنى ئارىسىغا ئېلىپ «ئەقسا»مەسچىتىگە ئېلىپ كىردى . مەن ئۇيەردە ناماز ئوقۇپ اللە قا ئىلتىجا قىلىپ يىغلىدىم . «قۇددۇس » ئىسلام دۇنياسىنىڭ يۈرىكى ،ئەگەر بۇ يۈرەككە دەرت يەتسە شەكسىزكى ،پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى كىسەلگە گىرىپتار بولىدۇ . ئاشۇ يۈرەك ساغلام بولغاندا ئاندىن كېيىن پۈتۈن تەن ساغلام بولىدۇ ۋە كۈچلىنىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇسۇلمان بولۇش سالاھىيىتىمىز بىلەن بۇ يۈرەكنى ئازات قىلىشمىز لازىم .
پەلەستىن خەلقى ئىسلامنى ،دىيانىتىنى ،نامىزىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك . مەن اللە نىڭ ئۇلارنى چوقۇم غەلبىگە باشلايدىغانلىقىغا ئىششىنىمەن .
سىزمىنىڭ ئىسمىمنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى سورىشىڭىز مۇمكىن . مەن ئىسمىمنى سۈرە «يۈشۈف» دىن ئالغان. ئۇ مىنى ھىدايەتكە باشلىغان سۈرە بولۇپ . شۇ سۈرىنى ئوقۇغان چېغىمدا يىغلاپ كەتكەن ئىدىم ........

   
يۈسۈپ ئىسلامنىڭ ئىش ئىزلىرى ...

ئەنگىلىيەدىكى ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى قوللاش ئۈچۈن ئەنگىلىيە ۋە باشقا جايلارغا ئىسلامنى تارقىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى .
ئەنگىلىيەدە تۇنجى مۇسۇلمان ئوغۇللار مەكتىپى قۇرۇپ چىقتى .
1983-يىلى ئىسلام مەكتەپلىرىنىڭ نەفىقە ئىشلىرىغا رەئىس بولدى .
مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنگىلىيەدىكى سىياسى ،ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى ئورنىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى .مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنگىلىيە پارلامىنتىغا قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى .
ئۆزىنىڭ سەنئەت تالانتى ئارقىلىق ياش -ئۆسمۈرلەر ۋە باشقىلارغا ئىسلام تەلىماتلىرىنى ئۈچۈن بىرقانچە ئىسلام ناخشا پىلاستىنكىلىرىنى نەشىر قىلدۇردى .
ئىسلام دۇنياسىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈپ پەلەستىن ، ئافغانىستان ۋە بوسنىيەگە ئوخشاش مۇسۇلمانلار مۈشكىلاتقا ئۇچرىغان رايۇنلارنى زىيارەت قىلدى .
دۇنيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان قىيىنچىلىقى بار مۇسۇلمانلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ،ئەنگىلىيە شەھەرلىرىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ مۇسۇلمانلاردىن ئىئانە يىغدى .
قىيىنچىلىقى بار مۇسۇلمانلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن «ئىسلام خەيرى ساخاۋەت »فوندى تەسس قىلدى .
ئىسلام دۇنياسىدا ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان ،ئىسلام تەشۋىقاتچىسى دېگەن نامغا ئېرىشكەن ، كۆزقاراشلىرى قۇبۇل قىلىنىپ نەقىل كەلتۈرىلىدىغان ،ئىسلام قۇرۇلتايلىرىغا تەكلىپ قىلىنىدىغان ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئىسلمنى تەشۋىق قىلىدىغان لىكسىيەلەرنى سۆزلەيدىغان شەخسكە ئايلاندى ....





 

___ باشقۇرغۇچى : uyghurjan تەرىپىدىن تەستىقلاندى .

تەستىقلانغان ۋاقتى : 2008-10-04

 

تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
ھەممە ھاياتلىق ئۈچۈن
| ۋاقتى : 2008-10-04 15:47 [باش يازما]
tughrul
ئانا تىلنى  قوغداش شەرەپ

ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى :ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 48638
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2168
ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2168دانە
شۆھرەت: 2169 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 340 سوم
تۆھپە: 35 نۇمۇر
ياخشى باھا: 33 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :466(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-06-15
ئاخىرقى :2008-10-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

يۈسۈپ ئىسلامدەك ئالىجاناپ كشىنى تۇنۇش پۇرسىتىگە ئىرىشتۈرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت !
ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-10-04 20:22 1 -قەۋەت
aspnet

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 60504
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە17دانە
شۆھرەت: 18 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 170 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :14(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-09-29
ئاخىرقى :2008-10-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەن بۇرۇنمۇ نامىنى ئاڭلىغان ،لىكىن بۇنداق تەپسىلى تونۇشتۇرۇشنى كۆرمىگەن ،رەھمەت قىرىندىشىم ،
ھەقىقىي مىسۋاك
قۇشنى دان ئالدايدۇ ئادەمنى سۆز.
| ۋاقتى : 2008-10-04 21:15 2 -قەۋەت
aspnet

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 60504
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە17دانە
شۆھرەت: 18 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 170 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :14(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-09-29
ئاخىرقى :2008-10-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەن بۇرۇنمۇ نامىنى ئاڭلىغان ،لىكىن بۇنداق تەپسىلى تونۇشتۇرۇشنى كۆرمىگەن ،رەھمەت قىرىندىشىم ،
قۇشنى دان ئالدايدۇ ئادەمنى سۆز.
| ۋاقتى : 2008-10-04 21:17 3 -قەۋەت
TAWGAQ

دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 27137
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 460
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە460دانە
شۆھرەت: 461 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 119 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :120(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-12-07
ئاخىرقى :2008-10-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ كىشىنىڭ ناخشىللىرىنى ئاڭلاپتىكەنمەن.
http://blog.retim.cn/352376
  تاۋغاچ
| ۋاقتى : 2008-10-04 21:40 4 -قەۋەت
sapra121

دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 58366
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 410
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە410دانە
شۆھرەت: 510 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 150 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :97(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-08-30
ئاخىرقى :2008-10-04

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەن بۇرۇن ئۇنىڭ كىتاۋىنى كۆرگەن \\\
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
ئاللا ھەممىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن ...
| ۋاقتى : 2008-10-04 22:08 5 -قەۋەت
hitman-x

دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 21527
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 103
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە103دانە
شۆھرەت: 114 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 889 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :200(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-09-04
ئاخىرقى :2008-10-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

« ناخشىچىلىقتىن دەۋەتچىلىكىچە »  ناملىق كىتاب يۈسۈپ ئىسلام يازغان كىتاب ئەمەس ... ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى تەسۋىرلەنگەن كىتاب ...
بۇيەردىن چۈشۈرۋېلىڭ

http://bbs.salkin.cn/job.php?action-download-pid-482592-tid-39784-aid-23176.html
ھەقىقىي مىسۋاك
ھەممە ھاياتلىق ئۈچۈن
| ۋاقتى : 2008-10-04 22:20 6 -قەۋەت
arkhon

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى :سەھىپە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 9172
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 1001
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1001دانە
شۆھرەت: 1067 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 9751 سوم
تۆھپە: 175 نۇمۇر
ياخشى باھا: 239 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :3025(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-10-17
ئاخىرقى :2008-10-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

نىمىدىگەن  سۇزۇك ئاۋاز نىمانچە  نۇرلۇق  چىراي ................
تېز بۇ يەرنى بېسىڭ !
| ۋاقتى : 2008-10-05 00:34 7 -قەۋەت
homa
تېپىلماسنىڭ خورمىسىمۇ يا؟

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى :تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 38670
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 1272
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1272دانە
شۆھرەت: 1397 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 162 سوم
تۆھپە: 196 نۇمۇر
ياخشى باھا: 379 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :1013(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-04-19
ئاخىرقى :2008-10-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

«نىدرىخەپ»نى تونۇۋالدىم مەن~~ 
يوللاپ تۇرۇڭ
izlax.com
ئالماقنىڭ بەرمىكى بار
كەلمەكنىڭ كەتمىكى بار
خەير....
| ۋاقتى : 2008-10-05 00:58 8 -قەۋەت
atlanabd

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 11708
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 65
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە65دانە
شۆھرەت: 66 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 512 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :145(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-02-04
ئاخىرقى :2008-10-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  بىزلەر ئىسلام مۇھىتىدا تۇرىۋاتساقمۇ نۇرغۇن ئىشلىرىمىز خىرىستىيانلارچە كېتىۋاتىدۇ، ئاللاھدىن تىلەيلى بىزگە ھىدايىتىنى بەرسۇن.
izlax.com
| ۋاقتى : 2008-10-05 01:23 9 -قەۋەت
orhun36

دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 59196
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 88
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە88دانە
شۆھرەت: 89 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 880 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى :154(سائەت)
تىزىملاتقان :2008-09-10
ئاخىرقى :2008-10-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئاللا ھەممىمىزنىڭ ئىمانىنى سالامەت قىلسۇن.
ھەقىقىي مىسۋاك
| ۋاقتى : 2008-10-05 02:41 10 -قەۋەت



Time now is:10-05 13:29, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation

互联网电子公告(BBS)服务资质