ئەزەلدىنلا ئۇسسۇل سەنئىتىمىزنى بەك ياقتۇراتتىم، شۇڭىمۇ لەرزان ئوينالغان نەپىس ئۇسسۇللىرىمىزنى كۆرسەم ھاياجاندىن كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالاتتى.
ئەپسۇسكى يېقىندىن بۇيان بەزى ئۇسسۇللىرىمىز ماڭا ئۇنداق ئىستىتىك زوق بىرىشنىڭ ئورنىغا كۆڭلۈمنى غەش قىلىپ قويىدىغان بولۇپ قالدى . 70-80- يىللار ۋە 90- يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تېلېۋىزوردا بېرىلىدىغان پىشقەدەم ئۇسسۇلچىلار ئورۇنلىغان ئۇسسۇللار بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ كۆڭلۈمنى غەش قىلغان تەرەپلەرنى سىلەرگە قىسقىچە ئېيتىشنى توغرا تاپتىم. قاراشلىرىمدا بىر تەرەپلىمىلىكلەر بار بولسا كۆچۈرۈشىڭلارنى ھەمدە چۈشەندۈرۈپ قويۇشۇڭلارنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
1- قاچانلاردىن پەيدا بولۇپ قالدىكىن تازا ئېسىمدە يوق، ئۇسسۇلچىلىرىمىز تاتارلارنىڭ ئاتلوشكىسىنى يادىمىزغا سېلىپ ھەدەپ پەشۋا ئاتىدىغان ئادەت پەيدا بولۇپ قالدى. بىزنىڭ ئۇسسۇللىرىمىزدا ئەسلى ئۇنداق قوپال ھەرىكەت يوق ئىدى. ئۇسسۇلدىكى ھەربىر ھەركەت شۇنداق نەپىس ھەم لەرزان بولۇپ كىشىگە تەبىئىي، ئۆزگىچە تۇيغۇ بىرەتتى.
2- ئەر ئۇسسۇلچىلىرىمىز خۇددى جانبازلار ياكى گىمناستىكىچىلاردەك ماھارەت كۆرسىتىپ سەكرەپ، ئىككى پۇتىنى ئىككى قولىغا تەككۈزىدىغان ئىش ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى.
3- ئەر ئۇسسۇلچىلارنىڭ ئايال ئۇسسۇلچىلارنى قۇچىقىغا ئالىدىغان ھەتتا دولىسىغا ئېلىۋالىدىغان ھەركەت.
4- ئايال ئارتىسلارنىڭ سەھنە كىيىمىدە مەخسۇس لايىھەلەنگەن يىرتىق كىيىمنى كىيىپ ئۇسسۇل ئوينىشى.
5- ئايال ئارتىسلارنىڭ كىندىكى، قۇلتۇقى ئوچۇق كىيىملەرنى كىيىشى.
6- ئۇسسۇلچىلارنىڭ پىرقىراپ ئوينىشى بۇرۇنمۇ بار ئىدى ئەمما ھەرقانچە پىرقىرىسىمۇ كۆينىكى ھەرقانچە كۆتۈرۈلسىمۇ تىزىنىڭ يۇقۇرىسىنى كۆرگىلى بولمايتتى. ھازىرچۇ؟
سىز قانداق قارايسىز؟
(بۇ تېمىنى ئىنكاس قوبۇل قىلىنمايدىغان
يادىمدا ئۇچۇر تورىغا يوللاش بىلەن بىرگە سىلەرگىمۇ يوللىدىم، تورداشلارغا رەھمەت)